نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئىتائەتچانلىقىنى ئۈلگە قىلايلى
«نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپ... ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلالىيالىغان بولاتتى» (ھەزقىيال 14:14).
ناخشىلار: 6، 54
1، 2. ئا) نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپنىڭ ئۈلگىلىرىنى قاراشتۇرۇش نېمىشقا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ؟ ئە) ھەزقىيال 14:14تىكى سۆزلەرنى ھەزقىيال قاچان يازغان؟
سالامەتلىك، پۇل ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېگەندەك قيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتامسىز؟ بەزىدە يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىش قىيىنمۇ؟ شۇنداق چاغلاردا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپنىڭ ۋەقەلىرىنى قاراشتۇرۇش سىزگە تەسەللىي بېرىشى مۇمكىن. ئۇلارمۇ نامۇكەممەل ئىدى ۋە بىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە بەزىدە ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ تۇغدۇرىدىغان ۋەقەلەرمۇ يۈز بەرگەن. ئەمما، ئۇلار سادىقلىقىنى ساقلىغانلىقتىن، يەھۋا ئۇلارنى ئىشەنچ ۋە ئىتائەتچانلىقنىڭ ئۈلگىلىرى، دەپ سانىغان (ھەزقىيال 14:12—14نى ئوقۇڭ).
2 ھەزقىيال بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 612-يىلى بابىلون ئۆلكىسىدە يازغان * (ئىزاھاتقا قاراڭ) (ھەزقىيال 1:1؛ 8:1). بۇنىڭدىن بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ، مىلادىن بۇرۇنقى 607-يىلى يېرۇسالىم شەھىرى ۋەيران قىلىنغان. شۇ زاماندا يېرۇسالىمدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپنىڭكىگە ئوخشاش ئېتىقاد ھەم ئىتائەتچانلىقنى كۆرسەتكەن ناھايىتى ئازلا ئادەم ئامان قالغان (ھەزقىيال 9:1—5). ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەرەمىيا، بارۇق، ئەبەد-مەلەك ۋە رەقابنىڭ جەمەتىدىكىلەر بار ئىدى.
3. بۇ ماقالىدە نېمە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا سادىق دەپ ھېسابلايدىغان، يەنى نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپقا ئوخشاش ئادەملەرلا مۇشۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرىدا ئامان قالىدۇ (ۋەھىي 7:9، 14). شۇڭا، بۇ ئۈچ كىشى يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا نېمە ئۈچۈن ھەققانىي بولالىغانلىقى ھەققىدە قاراپ چىقايلى. بىز ئۇلارنىڭ 1) ھەرقايسى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە 2) ئېتىقادى بىلەن ئىتائەتچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
نۇھ 900 يىل جەريانىدا سادىق ۋە ئىتائەتچان بولغان
4، 5. نۇھ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ نۇھنىڭ يەھۋاغا سادىق بولۇشى نېمە ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگەن؟
4 نۇھ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ نۇھنىڭ بوۋىسىنىڭ دادىسى بولغان ھانۇخنىڭ زامانىدا رەزىل ئادەملەر كۆپ بولغان. ئۇلار يەھۋا ھەققىدە «ئىسىيانكار گەپلەرنى» ئېيتقان (يەھۇدا 14، 15). شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ئادەملەر بارغانسىرى زوراۋان بولۇپ، نۇھنىڭ كۈنلىرىدە دۇنيا «زۇلۇملۇققا تولدى». يامان پەرىشتىلەر يەرگە ئادەم سىياقىغا كىرىپ چۈشۈپ، ئاياللارنى خوتۇنلۇققا ئالغان. ئۇلاردىن ۋەھشىي ۋە رەھىمسىز ئوغۇللار تۇغۇلغان (يارىتىلىش 6:2—4، 11، 12). لېكىن، نۇھ باشقىلاردىن پەرقلىق بولغان. مۇقەددەس كىتابتا نۇھ «يەھۋانىڭ كۆزىدە رەھىملىك تاپقانلىغى» يېزىلغان. ئۇ توغرا ئىشلارنى قىلغانلىقتىن، باشقا ئادەملەردىن قاتتىق پەرقلەنگەن. «نۇھ ھەقىقىي خۇدا بىلەن يۈرەتتى» (يارىتىلىش 6:8، 9).
5 بۇ سۆزلەردىن نۇھ توغرىسىدا نېمىنى بىلىمىز؟ بىرىنچىدىن، توپان سۈيىنىڭ ئالدىدا نۇھنىڭ شۇ رەزىل دۇنيادا يەھۋاغا قانچە ئۇزۇن ۋاقىت سادىق خىزمەت قىلغانلىقىنى قاراپ باقايلى. بۇ پەقەت 70 ياكى 80 يىل ئەمەس، تەخمىنەن 600 يىل ئىدى! (يارىتىلىش 7:11). ئىككىنچىدىن، نۇھنىڭ زامانىدا بىزنىڭ زامانىمىزغا ئوخشاش ياردەم بىلەن تەسەللىي بېرىدىغان جامائەت بولمىغان. نۇھنى ھەتتا قېرىنداشلىرىمۇ قوللىمىغان ئوخشايدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ).
6. نۇھ قانداق قىلىپ باتۇرلۇقىنى كۆرسەتتى؟
6 نۇھ ئۆزۈم ياخشى ئادەم بولساملا بولدى، دەپ ئويلىمىغان. ئۇ باتۇرلۇق بىلەن باشقىلارغا ئۆزىنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادى ھەققىدە ئېيتقان. مۇقەددەس كىتابتا ئۇ «ھەققانىي يولىنى خەۋەرلەپ يۈرگەن نۇھ پەيغەمبەر»، دەپ ئاتالغان (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 2:5). ئەلچى پاۋلۇس ئۇ توغرىسىدا: «[نۇھ] ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيانى ئەيىپلىدى»،— دېگەن (ئىبرانىيلارغا 11:7). ئېنىقكى، ئادەملەر نۇھنى زاڭلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلماقچى بولغان. ھەتتا، ئۇنىڭغا تەھتىت سېلىپ پوپوزا قىلغانمۇ بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ، نۇھ ئىنسان بالىسىدىن قورقمىغان (پەندى-نەسىھەت 29:25). نۇھنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك، يەھۋا ئۇنىڭغا جاسارەتنى ئاتا قىلغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېتىقادى كۈچلۈك سادىق خىزمەتچىلىرىگە يەھۋا دەل شۇنداق جاسارەتنى بېرىدۇ.
7. كېمىنى ياسىغاندا، نۇھ قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن؟
7 نۇھنىڭ يەھۋاغا ساداقەتمەن بولۇپ، 500 يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە، يەھۋا ئۇنىڭغا چوڭ بىر كېمىنى يارىتىلىش 5:32؛ 6:14). كېمىنى ياساش نۇھقا بەك قىيىن ۋەزىپە بولۇپ كۆرۈنگەندۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپرەك زاڭلىق قىلىپ، ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ ناھايىتى ئېنىق بىلگەن. لېكىن، نۇھ ئىشەنچ كۆرسەتتى ۋە يەھۋاغا بويسۇندى. «نۇھ ھەممىنى خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرىغاندەك قىلدى. ئۇ نەق شۇنداق قىلدى» (يارىتىلىش 6:22).
ياساشنى بۇيرىغان. بۇ كېمە ئارقىلىق بەزى ئادەملەر ۋە ھايۋانلار توپان سۈيىدىن قۇتقۇزۇلاتتى (8. نۇھ، يەھۋا خۇدانىڭ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا قانداق ئىشەنچ كۆرسەتكەن؟
8 نۇھ يەنە باشقا قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭغا ئايالى بىلەن بالا-چاقىسىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك ئىدى. توپان سۈيىدىن بۇرۇن ئادەملەر ئاشلىقلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلغانىدى. نۇھمۇ شۇنداق قىلغان (يارىتىلىش 5:28، 29). بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇنىڭ ئۇچۈن ئۆز ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئەڭ باش قاتتۇرۇپ غەم قىلىدىغان ئىش بولمىغان. ئەكسىچە، خىزمەت قىلىش ھەرقاچان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولغان. كېمىنى ياساش ئىشى 40—50 يىلدەك داۋاملاشسىمۇ، نۇھنىڭ دىققىتى يەھۋادا بولغان. توپان سۈيىدىن كېيىن، يەنە 350 يىل داۋامىدا ئۇ ھەق يولدا تايماي ماڭغان (يارىتىلىش 9:28). نۇھ — ئېتىقاد ۋە ئىتائەتچانلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى!
9، 10. ئا) نۇھنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائەتچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ ئە) خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشقا بەل باغلىسىڭىز، نېمىگە ئىشىنەلەيسىز؟
9 نۇھنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائەتچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بۇنى بىز يەھۋانىڭ ھەققانىي ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى قوغداش، شەيتاننىڭ دۇنياسىغا تەۋە بولماي ۋە يەھۋانى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئېرىشەلەيمىز (مەتتا 6:33؛ يوھاننا 15:19). شۇ سەۋەبتىن، بۇ دۇنيا بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ. مەسىلەن، بىز جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە نىكاھ ھەققىدىكى خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشقا بەل باغلىغانلىقتىن، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىز ھەققىدە يامان گەپ-سۆزلەرنى ئېيتىدۇ (مالاكى 3:17، 18نى ئوقۇڭ). نۇھقا ئوخشاش، بىزمۇ ئىنسانلاردىن قورقمايمىز. بىز يەھۋادىن ئەيمىنىمىز، يەنى ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمايمىز. بىز پەقەت يەھۋا خۇدا مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز (لۇقا 12:4، 5).
10 ئۆزىڭىزدىن: «باشقىلار مېنى زاڭلىق قىلسا ياكى تەنقىت قىلسا، خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا بولغان نەرسىلەرنى داۋاملىق قىلىمەنمۇ؟ جان بېقىش قىيىن بولغاندىمۇ، يەھۋا ئائىلەمدىن خەۋەر ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنمۇ؟»، دەپ سوراڭ. ئەگەر سىز نۇھقا ئوخشاش يەھۋاغا تايىنىپ، ئىتائەتچان بولسىڭىز، ئۇنىڭ غېمىڭىزنى يەيدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەلەيسىز (فىلىپپىلىقلارغا 4:6، 7).
رەزىل شەھەردە ياشىسىمۇ، دانىيال ئېتىقادنى ۋە ئىتائەتچانلىقىنى كۆرسەتكەن
11. دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى قانداق سىناقلارغا ئۇچرىغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
11 دانىيال قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ دانىيال ياش ۋاقىتدا ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، بابىلدا ياشاشقا مەجبۇرلانغان. بۇ شەھەر ئۆيىدىن يىراق بولۇپ، بۇتپەرەسلىك ۋە جىنكەشلىككە تولغان. شۇ يەردىكى ئادەملەر يەھۇدىيلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆچ كۆرگەن. بابىلونلىقلار ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى، يەھۋانى، مەسخىرە قىلغان (زەبۇر 137:1، 3). بۇ يەھۋانى سۆيىدىغان دانىيال ۋە باشقا يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىنى ھەم ئاغرىتقانلىقى شەك-شۈبھىسىز! شۇنداقلا، دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيا بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشقا ئۆگىتىلگەنلىكى سەۋەبلىك، ھەممىسى ئۇلارنى دىققەت بىلەن كۈزەتكەن. ئۇلارغا پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىكى تائاملار، جۈملىدىن يەھۋانىڭ خەلقىنىڭ يېيىشى مەنئىي قىلىنغان تائاملار بېرىلگەن. بىراق، دانىيال «ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىق ئۈچۈن پادىشاھ بەلگىلىگەن تاماقلارنى» يېمىگەن (دانىيال 1:5—8، 14—17).
12. ئا) دانىيال قانداق ئادەم بولغان؟ ئە) يەھۋا دانىيالغا قانداق قارىغان؟
12 دانىيال بېشىدا بەكمۇ قىيىن ئەمەس كۆرۈنىدىغان يەنە بىر سىناققا دۇچ كەلگەن. ئۇ بەك قابىلىيەتلىك بولغان، شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان (دانىيال 1:19، 20). لېكىن، دانىيال مەغرۇرلانمىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئۆي-پىكىرىنى ھەرقاچان توغرا دەپ قارىمىغان. ئۇ كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن دائىم يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن (دانىيال 2:30). مۇشۇ ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ: يەھۋا خۇدا، نۇھ ۋە ئايۇپقا ئوخشاش ئۈلگە ئېلىشقا لايىق خىزمەتچىلىرى قاتارىدا دانىيالنىمۇ تىلغا ئالغان. شۇ چاغدا، نۇھ بىلەن ئايۇپ يەھۋاغا ئۆمۈرۋايەت سادىق بولۇپ، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنىدى. دانىيال بولسا، تېخى ياش يىگىت بولغان. ھەئە، يەھۋا ھەقىقەتەن دانىيالغا كامىل ئىشەنگەن! دانىيال ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېتىقادىنى ساقلاپ، خۇداغا ئىتائەتچان بولۇش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغانىدى. دانىيال تەخمىنەن 100 ياشقا كىرگەندە، خۇدانىڭ پەرىشتىسى: «ئەي، دانىيال، سەن خۇدانىڭ ئىنتايىن سۆيۈملۈك ئادىمى!»— دەپ ئېيتقان (دانىيال 10:11).
13. يەھۋانىڭ دانىيالغا يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىشىنىڭ بىر سەۋەبى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
13 يەھۋا ئۇنى قوللىغانلىقتىن، دانىيال ئاۋۋال بابىل، كېيىن بولسا مىدىيا بىلەن پارس ئىمپېرىيىسىدە چوڭ ئەمەلدار بولغان (دانىيال 1:21؛ 6:1، 2). يەھۋا ئۆز خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇنداق يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن، خۇددى مىسىردا يۈسۈپنىڭ ۋە پارس دۆلىتىدە ئەستەر بىلەن موردىكاي قىلغانلىرىغا ئوخشاش * (ئىزاھاتقا قاراڭ) (دانىيال 2:48). ھەزقىيال بىلەن تۇتقۇندىكى باشقا يەھۇدىيلار يەھۋانىڭ ئۇلارغا دانىيال ئارقىلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. بۇ چوقۇم ئۇلارغا تەسەللىي بەرگەن!
14، 15. ئا) بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىز دانىيالنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق ئوخشايدۇ؟ ئە) بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىلار دانىيالنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟
14 دانىيالنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائەتچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ ۋەھىي 18:2). ئەمما، بىز بۇ دۇنيادا چەت ئەللىكلەردەك. شۇ سەۋەبتىن، ئادەملەر بىزنى ئۇلاردىن قاتتىق پەرقلىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرىدۇ، ھەتتا بەزىدە بىزنى زاڭلىق قىلىدۇ (ماركۇس 13:13). دانىيالغا ئوخشاش، خۇدايىمىز يەھۋاغا يېقىنلىشايلى. بىز كەمتەر بولساق، يەھۋاغا تايانساق ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساق، بىزمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەدىر-قىممەتلىك ھېسابلىنىمىز (ھاگاي 2:7).
بۈگۈنكى دۇنيا ئەخلاقسىزلىق ۋە ساختا ئىبادەتكە تولۇپ كەتتى. ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتا «جىنلارنىڭ ماكانى»، دەپ ئاتالغان كاتتا بابىلنىڭ، يەنى دۇنياۋىي يالغان دىنلار ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا (15 زامانىۋىي ئاتا-ئانىلار دانىيالنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن مۇھىم ساۋاق ئالالايدۇ. دانىيال تېخى كىچىك ۋاقتىدا، يەھۇدىدىكى ئادەملەرنىڭ تەڭدىن تولىسى بەك رەزىل بولغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ يەھۋانى سۆيىدىغان ئادەم بولۇپ ئۆستى. بۇ ئۆز-ئۆزىدىن شۇنداق بولغانمۇ؟ ياق. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا يەھۋا ھەققىدە تەلىم بەرگەن ئوخشايدۇ (پەندى-نەسىھەت 22:6). ھەتتا، دانىيالنىڭ «مېنىڭ سوت قىلغۇچۇم خۇدادۇر»، دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسمىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكى كۆرۈنۇپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارغا يەھۋا توغرىسىدا تەلىم بەرگەندە، سەۋرچان بولۇپ، ۋاز كەچمەڭلار (ئەفەسلىكلەرگە 6:4). ئۇلار بىلەن بىرگە ئۇلار ئۈچۈن ھەم دۇئا قىلىڭلار. بالىلارنىڭ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا بولغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىڭ. شۇ چاغدا يەھۋا سىزنى مول بەرىكەتلەيدۇ (زەبۇر 37:5).
ئايۇپ باي ۋە گاداي بولغاندىمۇ ئېتىقاد ۋە ئىتائەتچانلىقىنى كۆرسەتكەن
16، 17. ئايۇپ ھاياتىدا ھەرخىل ۋەزىيەتتە قانداق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن؟
16 ئايۇپ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ ئايۇپنىڭ ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. ئاۋۋال، ئۇ «شەرىقنىڭ ھەممە ئادەملىرىدىن داڭقلىق ئىدى» (ئايۇپ 1:3). ئۇ ناھايىتى باي بولغانلىقتىن، بەك مەشھۇر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان (ئايۇپ 29:7—16). بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىمىغان ياكى خۇداسىزمۇ ياشالايمەن دەپ ئويلىمىغان. بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ يەھۋا ئۇنى «قۇلۇم» دەپ ئاتىغان ھەم ئايۇپ ھەققىدە: «خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان، مۇكەممەل، توغرا ئادەم»،— دېگەن (ئايۇپ 1:8).
17 ئەمما، تۇيۇقسىز ئايۇپنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنىدى. ئۇ قول ئىلىكىدىكى ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان. ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە، ھەتتا ئۆلۈشنى خالىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئايۇپنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا شەيتان سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئايۇپ پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىغانلىقتىنلا خۇداغا خىزمەت قىلغان (ئايۇپ 1:9، 10نى ئوقۇڭ). يەھۋا خۇدا شەيتاننىڭ شۇنداق ئەيىبلىشىگە يول قويغان، سەۋەبى ئۇنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئايۇپنىڭ ساداقەتمەنلىكى ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولغان. يەنى ئايۇپ ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ ئەمەس، بەلكى خۇدانى ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە پۇرسەت بەرگەنىدى.
18. ئا) ئايۇپنىڭ ساداقەتمەنلىكى سىزگە قانداق تەسىر قىلدى؟ ئە) يەھۋانىڭ ئايۇپقا بولغان كۆزقارىشىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
18 شەيتان ئايۇپقا قايتا-قايتا دەھشەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، بۇ سىناقلار خۇدادىن كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىشىغا سەۋەپ بولغان (ئايۇپ 1:13—21). ئاندىن ئايۇپنىڭ ئۈچ يالغان دوستى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان زەھەردەك سۆزلەرنى ئېيتقان. ئۇلار خۇدا ئۇنى يامانلىقى ئۈچۈن جازالاۋاتىدۇ، دېگەنىدى (ئايۇپ 2:11؛ 22:1، 5—10). ئايۇپ بۇلارغا پەرۋا قىلماي، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالغان. راست، بەزىدە ئۇ ئويلىماي سۆزلىگەنىدى (ئايۇپ 6:1—3). لېكىن، يەھۋا ئۇنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە، دەرت-ئەلەم تارتىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك شۇنداق گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن. شەيتان ئايۇپقا توختىماي قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى خورلىغان بولسىمۇ، يەھۋا ئايۇپنىڭ ئۆزىدىن يۈز ئۆرمىگەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ ئېغىر سىناقتىن كېيىن، يەھۋا ئايۇپنى بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بەرىكەتكە ئىگە قىلغان ۋە يەنە ئۆمرىنى 140 يىل ئۇزارتقانىدى (ياقۇپ 5:11). شۇ چاغدىمۇ، ئۇ خۇداغا پۈتۈن قەلبى بىلەن خىزمەت قىلغان. بىز بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ بۇ ماقالىدىكى ئاساسىي تىما قىلىنغان ئايەت، ھەزقىيال 14:14، ئايۇپ ئۆلۈپ، نەچچە يۈز يىللار كېيىن يېزىلغان.
19، 20. ئا) ئايۇپنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئىتائەتچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ ئە) باشقىلارغا قانداق قىلىپ يەھۋاغا ئوخشاش ھەمدەرتلىك قىلالايمىز؟
19 ئايۇپنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائەتچانلىقىنى ئۈلگە قىلالايمىز؟ ۋەزىيىتىمىز قانداق بولمىسۇن، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم شەخس ھەرقاچان يەھۋا بولۇشى كېرەك. بىز ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنىشىمىز ۋە پۈتۈن قەلب بىلەن بويسۇنۇشىمىز لازىم. ئەمەلىيەتتە، ئايۇپقا قارىغاندا، بىزنىڭ شۇنداق قىلىشىمىزغا تېخىمۇ كۆپرەك سەۋەپ بار. بۈگۈنكى كۈندە، بىزگە كۆپ نەرسە مەلۇم. بىز شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 2:11). مۇقەددەس كىتابتىن، بولۇپمۇ ئايۇپ كىتابىدىن، خۇدانىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە يول قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. دانىيالنىڭ بېشارىتىدىن بىز خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەيسا مەسىھ باشقۇرىدىغان ھەقىقىي ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز (دانىيال 7:13، 14). شۇنداقلا بۇ پادىشاھلىقنىڭ پات-ئارىدا پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قايغۇ-ھەسرەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىدىغانلىقىمۇ بىزگە مەلۇم.
20 ئايۇپنىڭ ۋەقەسىدىن ئازاپ چەككەن قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدەرت بولۇشنى ئۆگىنىمىز. ئايۇپقا ئوخشاش، ئۇلارمۇ بەزىدە ئويلىماي سۆزلىشى مۇمكىن (ۋەز 7:7). بىراق، بىز ئۇلار ھەققىدە يامان ئوي-خىيالدا بولماسلىقىمىز ياكى ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى مول ئاتىمىز يەھۋادىن ئۈلگە ئالىمىز (زەبۇر 103:8).
يەھۋا سىزنى «مۇستەھكەملەيدۇ»
21. پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:10-ئايەتتىكى سۆزلەر قانداقلارچە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى يادىمىزغا سالىدۇ؟
21 گەرچە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپ ئوخشىمىغان زامان ۋە ماكان ھەم ۋەزىيەتلەردە ياشىغان بولسىمۇ، ئۈچىلىسى قىيىنچىلارغا دۇچ كەلگەندە، سەۋىر-تاقەتلىك بولغانىدى. ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى، ئەلچى پېترۇسنىڭ مۇنداق سۆزلىرىنى يادىمىزغا سالىدۇ: «پۈتكۈل مول مېھىرلىكنىڭ خۇداسى... قىسقا ۋاقىت ئازاپ چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنىڭ ئۆگىنىشىڭلارنى ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈپ، مۇستەھكەملەپ، سىلەرنى كۈچلۈك قىلىدۇ» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:10).
22. كېلەركى ماقالىدە نېمە ھەققىدە ئۆگىنىمىز؟
22 پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:10-ئايەتتىكى سۆزلەر ئارقىلىق، يەھۋا خىزمەتچىلىرىنى مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. ھەممىمىز يەھۋانىڭ بىزنى مۇستەھكەملىشىنى ۋە ئاخىرغىچە مەھكەم تۇرۇپ، سادىق بولۇپ قېلىشنى خالايمىز. شۇ سەۋەبتىن، نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائەتچانلىقىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايمىز. كېلەركى ماقالىدە بۇ كىشىلەرنىڭ سادىقلىقىنى ساقلىيالىغانلىقىنىڭ سەۋەبى يەھۋانى ياخشى تونۇغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىمىز. ئۇلار يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىشى كېرەك بولغان «ھەممە ئىشنى چۈشەنگەن» (پەندى-نەسىھەت 28:5). بۇ بىزنىڭمۇ قولۇمىزدىن كېلىدۇ!
^ 2-ئابزاس ھەزقىيال مىلادىدىن بۇرۇنقى 617-يىلى بابىلغا ئەسىرلىككە ئېلىپ كېتىلگەنىدى. ئۇ ھەزقىيال 8:1—19:14تىكى سۆزلەرنى ئەسىرگە ئېلىنىپ كېتىشتىن كېيىنكى «ئالتىنچى يىلى»، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 612-يىلى يازغان.
^ 5-ئابزاس نۇھنىڭ دادىسى لامەھ خۇداغا ئىشەنگەن، بىراق توپان سۈيىدىن تەخمىنەن بەش يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن. ئەگەر نۇھنىڭ ئاپىسى بىلەن قېرىنداشلىرى توپان سۈيى باشلانغاندا تىرىك بولغان بولسا، ئۇلار ئامان قالمىغانىدى.
^ 13-ئابزاس يەھۋا خۇدا خەلقىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيانىڭمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن بولۇشى مۇمكىن (دانىيال 2:49).