مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالاڭلارغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار بولۇشقا ياردەم بېرىۋاتامسىلەر؟‏

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالاڭلارغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار بولۇشقا ياردەم بېرىۋاتامسىلەر؟‏

‏«ئەمدى نېمىشقا ئالدىرىمايسەن؟‏ تۇر،‏.‏.‏.‏ چۆمدۈرۈلۈپ گۇنالىرىڭنى يۇي» (‏ئەلچىلەر 22:‏16‏)‏.‏

ناخشىلار:‏ 7،‏ 11

1.‏ بالىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئېتىقادچى ئاتا-‏ئانىلار نېمىگە كۆز يەتكۈزۈشنى خالايدۇ؟‏

‏«ئاتا-‏ئانامغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايدىغانلىقىمنى نەچچە ئايدىن بېرى ئېيتىپ يۈردۇم.‏ ئۇلار مېنىڭ بىلەن بۇ ھەققىدە پات-‏پات سۆزلىشەتتى.‏ چۈنكى،‏ بۇنىڭ قانچىلىك مۇھىم قارار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكىمنى جەزملەشتۈرۈشنى خالىغانىدى.‏ شۇنداق قىلىپ،‏ 1934-‏يىل 31-‏دېكابىر كۈنى مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەمنى باستىم».‏ بلوسسوم براندت قېرىندىشىمىز چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى قارار قىلغىنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى شۇنداق تەسۋىرلىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا توغرا قارارلارنى قىلىشقا ياردەم بەرگۈسى كېلىدۇ.‏ ئەگەر بالا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى سەۋەبسىز كەينىگە سۈرسە،‏ بۇ ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن (‏ياقۇپ 4:‏17‏)‏.‏ بالىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال،‏ زېرەك ئاتا-‏ئانىلار ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىدۇ.‏

2.‏ ئا)‏ بەزى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار نېمىنى بايقىغان؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 بەزى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار 20 ياش ئەتراپىدىكى ياشلارنىڭ ھەقىقەتنى كىچىكىدىن بىلسىمۇ،‏ تېخى چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەنلىكىنى بايقىغان.‏ ئادەتتە ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارىدۇ،‏ ۋەز قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ھېسابلايدۇ.‏ لېكىن،‏ قانداقتۇ بىر سەۋەب تۈپەيلى ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەن.‏ بەزى چاغلاردا بۇنىڭغا ئاتا-‏ئانىسى سەۋەب بولغان.‏ ئۇلار بالىسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تېخى تەييار ئەمەس دەپ ئويلايدۇ.‏ بۇ ماقالىدە بىز ئاتا-‏ئانىغا بالىسىنى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان تۆت نوقتىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.‏

بالام تېخى كىچىكمۇ؟‏

3.‏ بلوسسومنىڭ ئاتا-‏ئانىسى نېمە ھەققىدە ئەنسىرىگەن؟‏

3 بىرىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىنغان بلوسسومنىڭ ئاتا-‏ئانىسى قىزىمىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە قانچىلىك جىددىي قارار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېخى كىچىك دەپ ئەنسىرىگەن.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا تەييار بولغانلىقىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟‏

4.‏ مەتتا 28:‏19،‏ 20دىكى ئەيسانىڭ تەلىمى ئاتا-‏ئانىلارغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟‏

4 مەتتا 28:‏19،‏ 20نى ئوقۇڭ.‏ مۇقەددەس كىتابتا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئېنىق نەچچە ياشتا ئۆتۈش كېرەكلىكى يېزىلمىغان.‏ لېكىن،‏ ئاتا-‏ئانىلار شاگىرت يېتىشتۈرۈشنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ياخشى ئويلىنىشى كېرەك.‏ مەتتا 28:‏19دىكى شاگىرت يېتىشتۈرۈش دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا بىرسىگە شاگىرت بولۇشقا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە تەلىم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ شاگىرت —‏ ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ھەم ئەيساغا بويسۇنۇشنى خالايدىغان ئادەم.‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىغا تۇغۇلغاندىن باشلاپ تەلىم بېرىپ،‏ ئۇلارنىڭ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىشىغا ھەم ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك.‏ ئەلۋەتتە،‏ بوۋاقلار چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە تەييار بولالمايدۇ.‏ ئەمما،‏ مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك،‏ ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيدۇ ۋە ياخشى كۆرەلەيدۇ.‏

5،‏ 6.‏ ئا)‏ مۇقەددەس كىتابتا تىموتىي ھەققىدە يېزىلغان سۆزلەردىن ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى توغرىسىدا قانداق خۇلاسە قىلالايمىز؟‏ ئە)‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟‏

5 تىموتىي ياش چېغىدىن باشلاپ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغان شاگىرت.‏ ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينىڭ خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتنى «بوۋاق چېغىدىن» ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.‏ تىموتىينىڭ دادىسى يەھۋاغا ئىشەنمىگەن.‏ لېكىن،‏ ئانىسى ۋە مومىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ خۇدا سۆزىنى ياخشى كۆرگەن.‏ نەتىجىدە،‏ ئۇنىڭ ئېتىقادى بەك كۈچلۈك بولغانىدى (‏تىموتىيغا 2-‏خەت 1:‏5؛‏ 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ تىموتىي تەخمىنەن 20 ياشلاردا،‏ جامائەتتە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن،‏ ھەتتا ئۇنىڭغا ئالاھىدە ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان (‏ئەلچىلەر 16:‏1—‏3‏)‏.‏

6 بەش قول بىرى-‏بىرىدىن پەرق قىلغاندەك،‏ بالىلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە ئوخشىمايدۇ.‏ ئۇلارنىڭ ھەممىسى روھىي جەھەتتە ئوخشاش يېتىلمەيدۇ.‏ بەزى بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىدۇ ۋە ياش چېغىدا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى خالايدۇ.‏ يەنە بەزىلىرىگە بولسا،‏ كۆپرەك ۋاقىت كېرەك.‏ دانا ئاتا-‏ئانا بالىلارغا بېسىم قىلىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمايدۇ.‏ ئەكسىچە،‏ ئۇلار ھەربىر بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ماس روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.‏ بالىلار پەندى-‏نەسىھەت 27:‏11دىكى ‏(‏ئوقۇڭ)‏ سۆزلەرنى قوللانغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىسى خۇشال بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇلارنىڭ مەقسىتى بالىلىرىنىڭ شاگىرت بولۇشقا ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك.‏ ئاتا-‏ئانا بۇنى ئەستە تۇتۇپ،‏ ئۆزىدىن:‏ «بالامنىڭ خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلىشى ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك بىلىمى بارمۇ؟‏—‏دەپ سورىشى كېرەك.‏

بالامنىڭ يېتەرلىك بىلىمى بارمۇ؟‏

7.‏ بىرسى ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال،‏ مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەربىر تەلىماتىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە بىلىشى شەرتمۇ؟‏ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.‏

7 ئاتا-‏ئانا بالىلىرىنى ئۆگەتكەندە،‏ ئۇلارغا ھەقىقەتنى ياخشى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.‏ بۇ بىلىم بالىلارنى خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا دەۋەت قىلىدۇ.‏ لېكىن‏،‏ بالىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىشىدىن ئاۋۋال،‏ مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەربىر تەلىماتىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە بىلىشى شەرت ئەمەس.‏ مەسىھنىڭ ھەربىر شاگىرتى چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ بىلىم ئېلىشنى توختاتماسلىقى كېرەك ‏(‏كولوسىلىقلارغا 1:‏9،‏ 10نى ئوقۇڭ)‏‏.‏ ئۇنداقتا،‏ بىر ئادەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قانچىلىك بىلىم ئېلىشى كېرەك؟‏

8،‏ 9.‏ فىلىپىدىكى تۈرمە باشلىقى قانداق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟‏

8 بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان بىر ئائىلىنىڭ ۋەقەسى بۈگۈنكى ئائىلىلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ (‏ئەلچىلەر 16:‏25—‏33‏)‏.‏ مىلادى 50-‏يىلى ئەلچى پاۋلۇس ئىككىنچى قېتىم ۋەز قىلىش سەپىرى بىلەن فىلىپى شەھىرىگە كەلگەن.‏ شۇ يەردە بولغاندا،‏ پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى يالغان ئەيىبلەپ،‏ تۇتۇۋېلىپ تۈرمىگە تاشلىغانىدى.‏ شۇ كېچىسى يەر قاتتىق تەۋرەپ،‏ تۈرمىنىڭ بارلىق ئىشىكلىرى ئېچىلىپ كەتتى.‏ تۈرمە باشلىقى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى دەپ ئويلاپ،‏ ئۆز-‏ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغانىدى.‏ ئەمما،‏ پاۋلۇس ئۇنى توختاتقان.‏ كېيىن،‏ پاۋلۇس بىلەن سىلاس تۈرمە باشلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەيسا توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن.‏ ئۇلار ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىغا ئىشىنىپ،‏ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.‏ شۇڭا،‏ ئۇلار دەرھال چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنىدى.‏ بۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟‏

9 تۈرمە باشلىقى بەلكىم ئىلگىرى رىم ئەسكىرى بولغان.‏ شۇڭا،‏ ئۇ خۇدا سۆزىنى چۈشەنمىگەن.‏ ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشى ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى بىلىشى،‏ يەھۋا خىزمەتچىلىرىدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى ۋە ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە بويسۇنۇشقا تەييار بولۇشى كېرەك ئىدى.‏ مۇشۇ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئالغان بىلىمى ئۇنى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلغان.‏ ئەلۋەتتە،‏ ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بىلىم ئېلىشى لازىم ئىدى.‏ ئەگەر بالىڭىز يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى خالىغانلىقتىن،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى خالىسا،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏ بالىڭىز ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك دەپ قارار قىلىشىڭىز مۇمكىن.‏ ئۇلار بالىڭىزنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار ياكى تەييار ئەمەس ئىكەنلىكىنى قارار قىلالايدۇ * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئوخشاش،‏ بالىڭىزمۇ يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە،‏ ھەتتا مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ (‏رىملىقلارغا 11:‏33،‏ 34‏)‏.‏

بالام ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىلىم قانداق؟‏

10،‏ 11.‏ ئا)‏ بەزى ئاتا-‏ئانىلار قانداق كۆزقاراشتا؟‏ ئە)‏ بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھىمايە نېمە؟‏

10 بەزى ئاتا-‏ئانا بالىسى ئالىي بىلىم ئېلىپ،‏ مۇقىم بىر ئىشقا كىرىۋالغاندىن كېيىن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسە ياخشى دەپ قارايدۇ.‏ ئەلۋەتتە،‏ ئاتا-‏ئانا ياخشى نىيەت بىلەن شۇنداق ئوي-‏خىيالدا بولۇشى مۇمكىن،‏ لېكىن،‏ ئۇلار ئۆزىدىن:‏ «بۇ ئارقىلىق بالا ھەقىقىي مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشەلەمدۇ؟‏ بۇنداق ئوي-‏پىكىر مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆزقاراشلىرىغا ماس كېلەمدۇ؟‏ يەھۋا خۇدا ئۆمرىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ؟‏»—‏ دەپ سورىشى لازىم ‏(‏ۋەز 12:‏1نى ئوقۇڭ)‏.‏

11 بۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنياغا تەئەللۇق بارلىق نەرسىلەر يەھۋانىڭ كۆز-‏قاراشلىرى ۋە ئىرادىسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇش مۇھىم (‏ياقۇپ 4:‏7،‏ 8؛‏ يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 2:‏15—‏17؛‏ 5:‏19‏)‏.‏ بالا يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغاندىلا،‏ شەيتان ۋە بۇ رەزىل دۇنياغا قارشى تۇرۇپ،‏ خاتا كۆزقاراشلاردىن ئۆزىنى ھىمايە قىلالايدۇ.‏ ئەگەر ئاتا-‏ئانا ئالىي بىلىم ئېلىشنى ۋە يۇقىرى مائاشلىق ئىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسا،‏ بالىلىرى بۇ دۇنيادىكى نەرسىلەر يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن مۇھىمراق دەپ ئويلىشى مۇمكىن.‏ بۇ ناھايىتى خەتەرلىك.‏ مۇۋەپپەقيەت ھەققىدە بۇ دۇنيا بالىلارغا ئۆز كۆزقارىشىنى سىڭدۈرۈشىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان مېھرىبان ئاتا-‏ئانىلار راستىنلا خالامدۇ؟‏ ئەمەلىيەتتە،‏ يەھۋانى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە مۇۋەپپەقيەت ئېرىشىشىمىزنىڭ بىردىن-‏بىر يولى ‏(‏زەبۇر 1:‏2،‏ 3نى ئوقۇڭ)‏.‏

بالام گۇناھ قىلىپ قويسىچۇ؟‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن بەزى ئاتا-‏ئانىلار بالىسىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمەي تۇرۇشىنى توغرا دەپ ئويلايدۇ؟‏

12 بىر ئانا قىزىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىنى خالىمىغانلىقىنىڭ سەۋبىنى چۈشەندۈرگەن.‏ ئۇ:‏ «بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى جامائەتتىن ھەيدىلىش چارىسى ئىدى»،‏—‏ دەپ ئېتىراپ قىلدى.‏ بۇ قېرىنداشقا ئوخشاش،‏ بەزى ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرى ياشلىق قىلىپ ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمەي تورسا ياخشىراق،‏ دەپ قارايدۇ (‏يارىتىلىش 8:‏21؛‏ پەندى-‏نەسىھەت 22:‏15‏)‏.‏ ئۇلار بالام چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىسە،‏ جامائەتتىن چىقىرىلمايدۇ،‏ دەپ ئويلايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن مۇنداق كۆزقاراشتا بولۇش خاتا؟‏ (‏ياقۇپ 1:‏22‏)‏.‏

13.‏ بىرسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ۋاقتىنچە ئۆتمىسە،‏ ئۇنىڭ يەھۋانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىقى يوق بولامدۇ؟‏ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.‏

13 ئەلۋەتتە،‏ ئاتا-‏ئانا بالىسىنىڭ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەييار بولماي تۇرۇپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ.‏ ئەمما،‏ بالا چۆمۈلدۈرۈلمىسە،‏ يەھۋانىڭ ئالدىدا جاۋابقا تارتىلمايدۇ،‏ دەپ ئويلاش ناتوغرا.‏ بالا يەھۋانىڭ ياخشى بىلەن يامانغا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ،‏ خۇدانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىقى بولىدۇ ‏(‏ياقۇپ 4:‏17نى ئوقۇڭ)‏.‏ دانا ئاتا-‏ئانا بالىسىنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىنرەك ئۆتۈشكە دەۋەت قىلمايدۇ.‏ ئۇلار بالىسىغا كىچىكىدىن تارتىپ،‏ يەھۋانىڭ نەزىرىدە توغرا دەپ سانالغان ئىشلارنى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ناتوغرا دەپ سانالغان ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىتىدۇ (‏لۇقا 6:‏40‏)‏.‏ بالىڭىزنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇھەببىتى ئۇنى ئېغىر گۇناھ قىلىشتىن ساقلايدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا بولغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ (‏يەشايا 35:‏8‏)‏.‏

باشقىلارمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ

14.‏ ئاقساقاللار ئاتا-‏ئانىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟‏

14 ئاقساقاللار روھىي مەقسەتلەر ھەققىدە ئىجابىي گەپ-‏سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاتا-‏ئانىلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ.‏ 70 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىق تۈردە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ قېرىنداش راسسېل بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئەسلىدى.‏ شۇ چاغدا ئۇ پەقەت ئالتە ياشتا بولغانىدى.‏ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‏ «ئۇ مېنىڭ بىلەن روھىي مەقسەتلىرىم توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن 15 مىنۇت ۋاقتىنى چىقارغان».‏ راستىنلا،‏ ئىجابىي ۋە تەسەللىي بېرىدىغان سۆزلەر ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن (‏پەندى-‏نەسىھەت 25:‏11‏)‏.‏ شۇنداقلا ئاقساقاللار،‏ ئاتا-‏ئانىلار بىلەن بالىلىرىنى بىرگە يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان جايلارنى تازلاپ ئاسراش دېگەندەك ھەرخىل ئىشلارغا تەكلىپ قىلسا ھەمدە بالىلارغا يېشىغا ۋە قابىلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاپشۇرسانى قىلسا بولىدۇ.‏

15.‏ جامائەتتىكى باشقا قېرىنداشلار ياشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟‏

15 جامائەتتىكى باشقا قېرىنداشلار ياشلارغا،‏ بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئۆسۈش ئەھۋالىغا قانداق كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ؟‏ مەسىلەن،‏ ياشلارنىڭ شەخسىي تەتقىق قىلىش ئەھۋالى كۆزۈتۈڭ.‏ ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىدا جاۋاب بەردىمۇ؟‏ ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى يىغىلىشلاردا تاپشۇرۇقنى ئوروندىدىمۇ؟‏ مەكتەپتە باشقىلارغا گۇۋاھلىق بەردىمۇ؟‏ ياكى بولمىسا،‏ يامانلىق قىلىشقا ئازدۇرۇلغاندا،‏ توغرا ھەرىكەت قىلدىمۇ؟‏ شۇنداق قىلغان بولسا،‏ ئۇلارنى سەمىمىي ماختاشقا ئالدىراڭ!‏ يىغىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ياشلار بىلەن سۆزلىشىشكە ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ شۇ چاغدا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ «زور جامائەتنىڭ» بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ (‏زەبۇر 35:‏18‏)‏.‏

بالىڭىزغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار بولۇشقا ياردەملىشىڭ

16،‏ 17.‏ ئا)‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنىڭ شۇ كىشىنىڭ كەلگۈسى بىلەن قانداق مۇناسۋىتى بار؟‏ ئە)‏ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاتا-‏ئانا قانداق خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.‏)‏

16 بالىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىش —‏ ئاتا-‏ئانىغا بېرىلگەن زور شان-‏شەرەپ (‏زەبۇر 127:‏3؛‏ ئەفەسلىكلەرگە 6:‏4‏)‏.‏ ئىسرائىل خەلقىدە بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپلا يەھۋاغا بېغىشلانغان بولۇپ،‏ ئۇنىڭ خەلقى ھېسابلانغانىدى.‏ لېكىن،‏ بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ.‏ ئاتا-‏ئانىسىنىڭ يەھۋانى ۋە ھەقىقەتنى ياخشى كۆرگىنى بالىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.‏ ئاتا-‏ئانا بالىسى تۇغۇلغاندىن تارتىپ،‏ ئۇنى شاگىرت قىلىپ يېتىشتۈرۈش،‏ يەنى خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشنى پىلانلىشى كېرەك.‏ بۇنىڭدىن مۇھىم ئىش بارمۇ؟‏!‏ ئادەم خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ،‏ يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلسا،‏ بۈيۈك بالايىئاپەت پەيتىدە ئامان قالالايدۇ (‏مەتتا 24:‏13‏)‏.‏

ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا شاگىرت بولۇشقا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

17 بلوسسوم براندت قېرىنداش چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇنىڭ تەييار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشنى خالىغانىدى.‏ ئۇلار قىزىنىڭ تەييار بولغانلقىغا ئىشەنچ قىلغاندا ئۇنىڭ قارارىنى قوللىغان.‏ بلوسسوم قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ:‏ «چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى دادام ھەممىمىزنى جەم قىلدى،‏ بىز يەھۋا خۇداغا تىزلىنىپ دۇئا قىلدۇق.‏ دادام كىچىك قىزىنىڭ ئۆز ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلغىنىغا ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى».‏ 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بلوسسوم قېرىنداش:‏ «مەن بۇ كەچنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن!‏»—‏ دېدى.‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلار يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن خىزمەتچلەر بولغاندا،‏ سىلەرنىڭمۇ خۇشاللىق ۋە قانائەتكە ئېرىشىشىڭلارنى تىلەيمىز!‏

^ ‏ 9-‏ئابزاس ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرى بىلەن بۇ پايدىلىق مەلۇماتلارنى مۇھاكىمە قىلسا بولىدۇ:‏ «ياشلارنىڭ سوئاللىرى.‏ ئەمەلىي مەسلىھەتلەر» (‏باشقا تىللاردا)‏،‏ 2-‏توم،‏ 304—‏310 بەتلەر؛‏ «ۋەز خىزمىتىمىز» (‏باشقا تىللاردا)‏،‏ 2011-‏يىل،‏ ئاپرېل،‏ 2-‏بەت،‏ «ۋەز ئېتقۇچىلارنىڭ سوئاللىرى».‏