مېھماندوستلۇق بەك مۇھىم ۋە ئۇ كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلىدۇ!
«نالە قىلماي، ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:9).
ناخشىلار: 50، 20
1. بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
تەخمىنەن مىلادى 62-يىلى بىلەن 64-يىلىنىڭ ئارىلىقىدا ئەلچى پېترۇس «پونت، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا، بىتىنىيا ۋىلايەتلىرىدە تارقىلىپ، يەردە ۋاقىتلىق ياشاۋاتقان» قېرىنداشلارغا خەت يازغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 1:1). ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەرخىل ئىدى. ئۇلار «سىناق ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوتقا»، يەنى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەنلىكتىن، تەسەللىي ۋە يېتەكچىلىككە مۇھتاج بولغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ناھايىتى قىيىن بىر زاماندا ياشىغان. پېترۇس ئۇلارغا: «بارلىق نەرسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشماقتا»،— دەپ ئېيتقان. يېرۇسالىمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا ئون يىلدىن ئازراق ۋاقىت قالغانىدى. جاي-جايلاردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە بۇ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتۈشىگە نېمە ياردەم بېرەلىگەن؟ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:4، 7، 12).
2، 3. نېمە ئۈچۈن پېترۇس قېرىنداشلارنى مېھماندوست بولۇشقا ئۈندىگەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
2 پېترۇس قېرىنداشلارغا بەرگەن مەسلىھەتلەرنىڭ بىرى: «ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:9). «مېھماندوست»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى، ئۇدۇل مەنىدە «ناتونۇش كىشىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت ياكى مېھرىبانلىق كۆرسىتىش»، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. قېرىنداشلار بىر-بىرىنى ياخشى تونۇغان ۋە ئۆزئارا ئارىلىشىپ يۈرگەن بولسىمۇ، پېترۇس ئۇلارنى «ئۆزئارا» مېھماندوست بولۇشقا ئۈندىگەنىدى. ئۇلار ئۈچۈن مېھماندوست بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بولغان؟
3 مېھماندوست بولۇش ئۇلارنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرغان. سىز ئۆزىڭىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. سىزنى كىمدۇ-بىرسى مېھمانغا چاقىرغاندا، ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەنلىكىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۆزىڭىزمۇ بىرسىنى مېھمان قىلىپ، دوستلىقىڭىز تېخىمۇ قويۇقلاشقاندۇ. قېرىنداشلىرىڭىزنى ياخشىراق تونۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى — مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش. پېترۇس ياشىغان زاماندا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەچ، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشى بەكمۇ مۇھىم بولغانىدى. بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بىزگە ھەم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك (تىموتىيغا 2-خەت 3:1).
4. مۇشۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 «ئۆزئارا» مېھماندوستلۇق كۆرسىتىشنىڭ قانداق پۈرسەتلىرى بار؟ مېھماندوست بولۇشىمىزغا نېمە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن ۋە توسالغۇلارنى قانداق يېڭەلەيمىز؟ بىز ئۆزۈمىزنىڭ ياخشى مېھمان بولۇشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
مېھماندوست بولۇشنىڭ ۇرسەتلىرى
5. بىز يىغىلىشلاردا قانداق مېھماندوست بولالايمىز؟
5 جامائەت يىغىلىىشلىرىدا: يەھۋا خۇدا ھەم ئۇنىڭ تەشكىلاتى ھەممىمىزنى جامائەت يىغىلىشىلىرىغا تەكلىپ قىلىدۇ. يىغىلىشلارغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۋانىڭ مېھمانلىرى بولغاچقا ئوچۇق چىراي بىلەن قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىمىز. (رىملىقلارغا 15:7). بولۇپمۇ بىرىنچى قېتىم يېڭىدىن كەلگنلەرنى تاشقى كۆرۈنۈشى ھەم كىيىم-كېچەكلىرىگە قارىماي، ئۆزىمىز ساھىپخاندەك كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك (ياقۇپ 2:1—4). بىرسىنىڭ يالغۇز كەلگەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئۇنى يېنىڭىزدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلالامسىز؟ يىغىلىش قانداق ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ياكى مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇلۇۋاتقان ئايەتلەرنى تېپىشقا ياردەم بەرسىڭىز، ئۇ سىزگە مىننەتدار بولىدۇ. بۇ «مېھماندوست بولۇشنىڭ» ئاجايىپ يولى (رىملىقلارغا 12:13).
6. بىرىنچى بولۇپ كىمگە مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟
6 چايغا ياكى تاماققا تەكلىپ قىلىش. مۇقەددەس كىتاب يېزىلغان زامانلاردا مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئادەملەر باشقىلارنى ئۆز ئۆيىگە تاماققا چاقىرغانىدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار بىلەن دوستلىشىشنى ۋە ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يارىتىلىش 18:1—8؛ ھاكىملار 13:15؛ لۇقا 24:28—30). بىرىنچى بولۇپ كىمگە مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟ جامائەتتىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا. بۇ دۇنيا بارغانسىرى رەزىلىككە تولۇپ كېتىۋاتقانلىقتىن، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ياردىمىگە، بولۇپمۇ ۋاپادار دوستلارغا مۇھتاج بولىمىز. 2011-يىلى رەھبەرلىك كېڭەش قوشما شتاتلاردىكى بەيتەل ئائىلىسى ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋاقىتنى 18:45تىن 18:15كە ئۆزگەرتكەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟ ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىغىلىش بورۇنراق ئاياقلاشسا، بەيتەللىكلەرنىڭ مېھمان چاقىرىش ۋە مېھمانغا بېرىشقا كۆپرەك ۋاقتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. باشقا بەيتەللەردىمۇ مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولغان. بۇ بەيتەل ئائىلىسىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ياخشىراق تونۇشىشىغا ياخشى پۇرسەت ياراتىپ بەردى.
7، 8. جامائىتىمىزگە كەلگەن نۇتۇق ئېيتقۇچىلارغا قانداق مېھماندوستلۇق كۆرسىتەلەيمىز؟
7 بەزىدە باشقا جامائەتتىن كەلگەن بۇرادەرلەر، رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار، بەيتەل ۋەكىللىرى جامائىتىمىزگە كېلىپ نۇتۇق ئېيتىدۇ. بۇ بۇرادەرلەرگە مېھماندوستلۇق كۆرسىتىشنىڭ پۇرسىتىدىن قانداق پايدىلانساق بولىدۇ؟ (يوھاننانىڭ 3-خېتى 5—8نى ئوقۇڭ). بۇنىڭ بىر يولى — ئۇلارنى ئۆيۈمىزگە چاي ياكى تاماققا تەكلىپ قىلىش.
8 قوشما شتاتلاردا ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىز: «نۇرغۇن يىل يولدىشىم ئىككىمىز كۆپلىگەن نۇتۇق ئېيتقۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى ئۆيۈمىزگە چاقىردۇق. ھەربىر رەت مېھمان كەلسە، ۋاقتىنى شۇنچە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەتتۇق، بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىن زور ئىلھام ئالاتتۇق. بۇنىڭغا ھېچقاچان پۇشايمان قىلمىدۇق»،— دەيدۇ.
9، 10. ئا) كىملەر ئۇزۇنراق ۋاقىتقا پاناھلىدىغان قونالغۇ جايغا مۇھتاج بولۇشى بولۇشى مۇمكىن؟ ئە) ئۆيلىرى ئانچە بەك چوڭ ئەمەس قېرىنداشلار ياردەم قولىنى سۇنالامدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 ئۇزۇن ۋاقىت تۇرىدىغان مېھمانلار. قەدىمكى زاماندا ئىشەنچلىك مېھمانلارنى قونالغۇ جاي بىلەن ھەم تەمىنلىگەنىدى (ئايۇپ 31:32؛ فىلىمۇنغا 22). بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇنداق ئېھتىياج كۆپ. جامائەتكە زىيارەت ئۈچۈن كېلىدىغان رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار دائىم ۋاقىتلىق قونالغۇ جايغا مۇھتاج بولىدۇ. تەشكىلاتنىڭ ھەر تۈرلۈك مەكتەپلىرىگە ئوقۇش ئۈچۈن كېلىدىغان قېرىنداشلار ۋە قۇرۇلۇشقا قاتنىشىدىغان پىدائىيلارمۇ تۇرالغۇ جايغا مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. تەبئىي ئاپەت تۈپەيلى ئۆيىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىز ھەم ئۆي-ماكانلىرى قايتىدىن ياسىلىپ بولغىچە، پاناھلىنىدىغان جاي كېرەك بولىدۇ. ئۇلارنى پەقەت ئۆي-جايى چوڭ قېرىنداشلارلا قوبۇل قىلالايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم. بەلكىم، ئۇلار ھەردائىم شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە ئۆيىڭىز بەك چوڭ بولمىسىمۇ، مېھمان ئۈچۈن قونالغۇ جاي تەمىنلەشنى خالامسىز؟
10 جەنۇبىي كورىيىدىكى بىر بۇرادەر تەشىلاتنىڭ تەربىيىلەش مەكتىپىگە كەلگەن قېرىنداشلارنى مېھمان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «يېقىندا ئۆيلىنىپ، كىچىك ئۆيدە تۇرغانلىقتىن، بېشىدا مەن مېھمان چاقىرىشتىن خىجىل بولاتتىم. بىراق، مەكتەپكە كەلگەن قېرىنداشلارنى بىز بىلەن تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش بىزگە كۆپ خۇشاللىق ئەكەلدى. يېڭىدىن توي قىلغان بىز، يەھۋاغا بىرگە خىزمەت قىلغاندا ۋە روھىي مەقسەتلەرگە بىرلىكتە ئىنتىلگەندە، ئەر-ئاياللارنىڭ قانچىلىك بەختلىك بولالايدىغانلىقىنى چۈشەندۇق».
11. نېمە ئۈچۈن جامائىتىڭىزگە كۆچۈپ كەلگەنلەرگە مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش مۇھىم؟
11 جامائىتىمىزگە كۆچۈپ كەلگەن قېرىنداشلار. باشقا جامائەتتىن جامائىتىڭىزگە بىر قېرىنداش ياكى ئائىلە كۆچۈپ كېلىشى مۇمكىن. ئېھتىمال، ئۇلار جامائىتىڭىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ياكى جامائىتىڭىزگە تەيىنلەنگەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلاردۇر. بۇ ئۇلار ئۈچۈن چوڭ ئۆزگىرىش. بەلكىم، ئۇلار يېڭى يەرگە، يېڭى جامائەتكە كۆنۈپ، ھەتتا يېڭى تىل ۋە مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشى كېرەك. سىز ئۇلارنى تاماق يېيىشكە ياكى بىرلىكتە ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلالامسىز؟ مۇنداق قىلىش، ئۇلارغا تىزراق يېڭى دوستلارنى تېپىپ، يېڭى مۇھىتقا كۆنۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
12. قانداق ۋەقە مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ نەرسە كېرەك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
12 مېھماندوست بولۇش ئۈچۈن كۆپ نەرسىنىڭ ھاجىتى يوق (لۇقا 10:41، 42نى ئوقۇڭ). ئايالى ئىككىسى يات ئەل خەلقى ئارىسىا ۋەز قىلىشنى يېڭىدىن باشلىغان چاغلىرىنى ئەسلەپ، بىر بۇرادەر: «بىز بەك ياش بولۇپ، تەجرىبىمىز يوق ئىدى ۋە ئۆيۈمىزنى قاتتىق سېغىناتتۇق. بىر كۈنى كەچتە ئايالىمنى قاتتىق سېغىنىش بېسىپ، مەن ئۇنى ھېچ بەزلىيەلمىدىم. كېيىن، سائەت يەتتە يېرىمدا بىرسى ئىشىكىمىزنى چەكتى. ئۇ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئايال ئىكەن. قولىدا ئۈچ تال ئاپېلسىن بار ئىدى. ئۇ يېڭىدىن يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ كەلگەنلەر بىلەن تونۇشۇشقا كەلگەنىكەن. بىز ئۇنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ، بىر چىنە سۇ بەردۇق. ئاندىن چاي ۋە ئىسسىق شاكىلات تەييارلىدۇق. بىز سۇۋاخىلى تىلىنى تېخى بىلمەيتتۇق، ئۇ بولسا ئىنگلىزچە بىلمەيتتى، بىراق بۇ ۋەقە بىزنى يەرلىك قېرىنداشلار بىلەن دوست بولۇپ، خۇشاللىق تېپىشىمىزغا ياردەم بەرگەن»، دەيدۇ.
مېھماندوست بولۇشىڭىزغا ھېچنەرسە توسالغۇ بولمىسۇن
13. مېھماندوست بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
13 مېھمان چاقىرىشتىن خىجىل بولغان چېغىڭىز بولغانمۇ؟ شۇنداق بولسا، ۋاقىتنى قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈپ، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان دوستلۇققا ئېرىشىشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىسىز. مېھماندوست بولۇش — يالغۇزلۇقنىڭ ئەڭ ياخشى داۋاسى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەزىلەر مېھمان چاقىرىشتىن خىجىل بولىدۇ؟ بۇنىڭ بىرنەچچە سەۋەبى بار.
14. مېھمان كۈتۈشكە ياكى مېھمانغا بېرىشقا ۋاقتىمىز بىلەن كۈچىمىز يەتمىسە، نېمە قىلساق بولىدۇ؟
14 ۋاقىت بىلەن كۈچ. يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بەك ئالدىراش ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ ۋەزىپىلىرى بار. بەزىبىرلىرى مېھمان چاقىرىشقا ۋاقتىم يوق ياكى كۈچۈم يەتمەيدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. سىزمۇ شۇنداق ئوي-پىكىردە بولسىڭىز، مېھماندوست بولۇش ياكى مېھمانغا بېرىش ئۈچۈن، سىز ۋاقىت جەدۋىلىڭىزنى ئۆزگەرتىسىڭىز بولىدۇ. مۇنداق قىلىش بەك مۇھىم، چۈنكى مۇقەددەس كىتاب بىزنى مېھماندوستلۇق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ (ئىبرانىيلارغا 13:2). شۇ سەۋەبتىن، مېھماندوست بولۇش توغرا. مېھمان چاقىرىش ئۈچۈن، بەلكىم سىز بەزى مۇھىم ئەمەس ئىشلارغا ئازىراق ۋاقىت سەرپ قىلىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.
15. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر مېھمان كۈتەلمەيمەن، دەپ ئويلىشى مۇمكىن؟
15 ئۆزىڭىزگە بولغان كۆزقاراش. چاقىرىشنى خالىساممۇ، مېھمان كۈتۈش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، دەپ ئويلىغان چېغىڭىز بولغانمۇ؟ ئۆزىڭىز تارتىنچاق بولۇشىڭىز مۇمكىن ياكى مېھمانلىرىڭىز زېرىكىپ كېتىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانسىز. ياكى بولمىسا، پۇلۇم ئانچە كۆپ ئەمەس، مېھمانلارنى باشقا قېرىنداشلاردەك ياخشى كۈتەلمەيمەن، دەپ ئويلايدىغانسىز. ئەڭ مۇھىمى، ئۆيىڭىزنىڭ چىرايلىق ۋە ھەشەمەتلىك بولۇشى ئەمەس، پاكىزە-رەتلىك بولۇشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. مېھمانلارنى ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئالسىڭىز، ئۇلار مەمنۇن بولىدۇ.
16، 17. مېھمانلارنى چاقىرغاندا ھودۇقسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
16 مېھمان كۈتكەندە باشقىلارمۇ بىراز ئەنسىرەيدۇ. برىتانىيىدە ياشايدىغان بىر ئاقساقال: «مېھمانلارنىڭ كېلىشىگە تەييارلانغاندا ئازىراق ھودۇقۇشىمىز مۇمكىن. لېكىن، يەھۋاغا بولغان خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشقا ئوخشاش، مېھماندوستلۇقنىڭ پايدىسى ۋە ھېس قىلدۇرىدىغان قانائەت ھېس-تۇيغۇلىرى بارچە غەم-ئەندىشلەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ماڭا مېھمانلار بىلەن قەھۋە ئىچىپ، سۆھبەتلىشىش ياقىدۇ»، دەيدۇ. مېھمانلىرىڭىزغا سەمىمىي قىزىقىش بىلدۈرۈش ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 2:4). ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىكى بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇنداق ۋەقەلەرنى پەقەت بىرگە جەم بولغاندا ئاڭلالايمىز. يەنە بىر ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتتىكى دوستلىرىمنى ئۆيگە چاقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ياخشىراق چۈشىنەلەيمەن ۋە ئۇلار بىلەن يېقىنراق تونۇشۇپ، ھەقىقەتكە قانداق كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمەن». ئەگەر مېھمانلارغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلسىڭىز، ھەممە خۇشال-خوراملىققا چۆمۈشى مۇمكىن.
17 ھەر تۈرلۈك تەربىيىلەش مەكتەپلىرىگە قاتناشقانلارنى پات-پات مېھمان قىلىدىغان بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپتە ئازىراق ئەنسىرىدىم. سەۋەبى، ئۆيۈم بەك ئاددىي، ئۆي جىھازلىرىممۇ باشقىلاردىن قالغان. بىراق، مەكتەپتە مۇئەللىم بولغان بىر بۇرادەرنىڭ ئايالى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، كۆڭلۈم ئورنىغا چۈشتى. ئۇ يولدىشى ئىككىسىنىڭ جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىدە بولغانلقىنى ئېيتىپ: «باي بولمىسىمۇ، ئەمما، بىزگە ئوخشاش ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان روھىي پەندى-نەسىھەت 15:17). ئەڭ مۇھىمى، مېھمانلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىدە كۈنلىرىمىز ئاجايىپ ئۆتتى»،— دېدى. بۇ ماڭا ئاپامنىڭ كىچىك چېغىمدا: «مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتاتلار ئەۋزەل»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىمگە سالدى» (18، 19. مېھماندوست بولۇش بىرسىگە بولغان يامان ھېس-تۇيغۇمىزنى يېڭىشكە قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟
18 باشقىلارغا بولغان كۆزقاراش. جامائەتتە بىلمەستىن سىزنى رەنجىتىپ قويغان بىرەر ئېتىقادچى بارمۇ؟ بەلكىم، بار بولسا، ئۇ قېرىنداشقا قارىتا قەلبىڭىزدە يامان ھېس-تۇيغۇلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلانمىسا، بۇ ئۇزۇنغىچە سەلبىي ھېس-تويغۇلاردىن ئايرىلالمايسىز ۋە ئۇ قېرىنداشنى ئۆيىڭىزگە ھەم چاقىرىشنىمۇ خالىمايسىز. يەنە بىر ئەھۋال، سىزگە مىجەزى ياقمايدىغان ئادەمنى مېھمان قىلغۇڭىز كەلمەيدىغاندۇ. ياكى بولمىسا، بىرسى ئۆتمۈشتە سىزنى رەنجىتكەنلىكىنى ئۇنتالماي يۈرگەنسىز.
19 مۇقەددەس كىتابتا مېھماندوست بولۇش باشقىلار بىلەن، ھەتتا دۈشمەنلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئېيتىلغان (پەندى-نەسىھەت 25:21، 22نى ئوقۇڭ). مېھمانغا چاقىرىش ئارقىلىق سىز شۇ ئادەمگە بولغان يامان ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يېڭىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولالايسىز. سىز شۇ ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپىنى، يەنى يەھۋا ئۇنى ھەقىقەتكە جەلىپ قىلغاندا دىققەت ئىتىبارىنى قاراتقان پەزىلەتلىرىنى، سىزمۇ كۆرەلەيسىز (يوھاننا 6:44). سىز تەشەببۇسكار بولۇپ، ئۆزىڭىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، مېھمانغا تەكلىپ قىلىڭ، بۇ ئارقىلىق يېقىن دوستلۇقنىڭ ئۇل ئاساسى سېلىنىشى مۇمكىن. سىزنى بۇنىڭغا ھەقىقەتەن مېھىر-مۇھەببەت دەۋەت قىلغانلىقىغا قانداق جەزم قىلالايسىز؟ بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — فىلىپپىلىقلارغا 2:3تىكى مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىش. بۇ ئايەتتە: «باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئارتۇق دەپ ساناڭلار»،— دەپ يېزىلغان. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزدىن قايسى تەرەپتىن راستىنلا ئارتۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئېھتىمال، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، سەۋر-تاقىتى ياكى قانداقتۇ بىر گۈزەل پەزىلىتىنى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغاندۇ. ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش ئاسانراق بولىدۇ.
ياخشى مېھمان بولۇڭ
20. تەكلىپنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىشەنچلىك ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك؟
20 زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇت: «پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدە تۇرالايدۇ؟»— دەپ سورىغان (زەبۇر 15:1). بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەھۋا ئۆزىنىڭ مېھمانلىرىدا قانداق پەزىلەتلەرنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. بۇ پەزىلەتلەرنىڭ بىرى — «ئۆزى زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان» ئىشەنچلىك ئادەم بولۇش (زەبۇر 15:4، ئۇمكج). ئەگەر بىز تەكلىپنى قوبۇل قىلساق، مېھمانغا بېرىشنى مۇنداقلا ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقىمىز لازىم. تەكلىپ قىلغان كىشى بىزنى كۈتۈشكە تەييارلىنىپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز بېرىشتىن باش تارتساق، ئۇنىڭ ئەمگىكى بېكار بولۇپ قالىدۇ (مەتتا 5:37). بەزىلەر بەلكىم يەنە بىر جايغا مېھمانغا بېرىشقا توغرا كەلسە، ئىلگىرى ۋەدە بەرگەن يەرگە بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. بۇ مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىك بولامدۇ؟ ئۆي ئېگىسى نېمە تەييالاپ بىزنى مېھمان قىلىشدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك (لۇقا 10:7). ئەگەر مېھمانغا بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۆي ئېگىسىنى مۇمكىنقەدەر بالدۇرراق خەۋەرلەندۇرۇپ قويۇش لازىم. شۇ چاغدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن بولىمىز.
21. بىر-بىرىمىزگە مېھماندوست بولۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
21 يەرلىك مەدەنىيەتنىمۇ ھۆرمەتلىشىمىز بەك مۇھىم. بەزى مەدەنىيەتلەردە كۈتمىگەندە كەلگەن مېھمانلارنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىدۇ. يەنە بەزى مەدەنىيەتلەردە، ئالدىن كېلىشپ قويۇپ بېرىش كېرەك. بەزى جايلاردا ئۆي ئېگىسى مېھماننىڭ ئالدىغا ئەڭ ياخشىسىنى قويۇپ، ئۆز ئۆيدىكىلەر كېيىنرەك تاماق يەيدۇ، يەنە بەزى جايلاردا بولسا، ھەممىسى بىر دەستىخانغا جەم بولۇپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىر يەرلەردە مېھمانلار ئادەتتە جوزىغا قويۇشقا بىر نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىدۇ، يەنە بىرلىرىدە ساھىبخان مېھمانلارنىڭ بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى خالىمايدۇ. بەزى مەدەنىيەتلەردە مېھمان ئاۋۋال بىرنەچچە قېتىم تەكلىپنى سىلىق-سىپايىلىق بىلەن رەت قىلىدۇ. ئەمما، ئۆزگە مەدەنىيەتتە بىرىنچى قېتىم چاقىرغاندا، ئۇنى رەت قىلىش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۆي ئېگىسى بىزنى مېھمان قىلماقچى بولغاندا، خۇشال بولۇش ئۈچۈن ھەرقاچان بار كۈچىمىزنى سېلىشىمىز كېرەك.
22. «ئۆزئارا مېھماندوست بولۇش» نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
22 ئەلچى پېترۇس: «بارلىق نەرسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشماقتا»،— دېگەن (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:7). بۈگۈن بىز ئىلگىرى ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان چوڭ بالايىئاپەت يېقىنلىشىۋاتقان پەيتتە ياشاۋاتىمىز. بۇ دۇنيا رەزىللىكە تولغانسېرى، بىز قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. دېمەك، پېترۇسنىڭ «ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار»، دېگەن مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىش بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:9). مېھماندوستلۇق ھازىر ۋە مەڭگۈلۈك كۆڭلۈمىزنى خۇش قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتتۇر.