مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش —‏ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن شەرت

چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش —‏ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن شەرت

‏«ھازىرمۇ سۇغا چۆمدۈرۈش.‏.‏.‏ سىلەرنى.‏.‏.‏ قۇتقۇزىدۇ» (‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 3:‏21‏)‏.‏

ناخشىلار:‏ 7،‏ 6

1،‏ 2.‏ ئا)‏ بالىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى خالىغاندا،‏ بەزى ئاتا-‏ئانىلار ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ؟‏ ئە)‏ نېمە ئۈچۈن چۆمدۈرۈلمەكچى بولغانلاردىن يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىدىڭىزمۇ دەپ سورايدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.‏)‏

مارىيا ئىسىملىك قىزنىڭ ئاتا-‏ئانىسى ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمەكچى بولۇۋاتقانلار بىلەن بىرگە ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى كۆردى.‏ نۇتۇق ئېيتقۇچى ئىككى سوئالنى سورىغاندا،‏ مارىيا ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېنىق جاۋاب بەردى ھەمدە ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى.‏

2 ئاتا-‏ئانىسى ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن قىزى مارىيادىن بەكمۇ پەخىرلەندى.‏ ئەمما،‏ ئىلگىرى ئاپىسى ئازىراق ئەنسىرىگەن ئىدى.‏ ئۇ:‏ «قىزىم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن تېخى كىچىك ئەمەسمۇ؟‏ ئۇ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ قانچىلىك مۇھىم قارار ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمدۇ؟‏ بەلكىم،‏ يەنە بىراز ۋاقىت كۈتكىنى توغرىمۇ؟‏»—‏ دەپ ئويلانغانىدى.‏ بالىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى خالىغاندا،‏ كۆپلىگەن مېھرىبان ئاتا-‏ئانىلاردا مۇنداق سوئاللار پەيدا بولىدۇ (‏ۋەز 5:‏5‏)‏.‏ سەۋەبى،‏ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش —‏ ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم قارار.‏ (‏«‏ يەھۋا خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىدىڭىزمۇ؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏)‏

3،‏ 4.‏ ئا)‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەلچى پېترۇس قانداق كۆرسەتتى؟‏ ئە)‏ نېمە ئۈچۈن ئەلچى پېترۇس چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى نۇھنىڭ كېمە ياسىشى بىلەن سېلىشتۇرغان؟‏

3 ئەلچى پېترۇس چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى نۇھنىڭ كېمە ياسىشى بىلەن سېلىشتۇرغان.‏ ئۇ مۇنداق دېگەن:‏ «شۇنىڭغا ئوخشاش،‏ ھازىرمۇ سۇغا چۆمۈلدۈرۈش.‏.‏.‏ سىلەرنى.‏.‏.‏ قۇتقۇزىدۇ» ‏(‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 3:‏20،‏ 21نى ئوقۇڭ)‏.‏ كېمە —‏ نۇھ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشنى چىن يۈرەكتىن خالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولغان.‏ نۇھ يەھۋانىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشەنچلىك ئورۇندىغان.‏ مۇستەھكەم ئېتىقادى تۈپەيلىدىن يەھۋا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئامان قالدۇردى.‏ ئۇنداقتا،‏ ئەلچى پېترۇس نېمە دېمەكچى بولغانىدى؟‏

4 ئادەملەر كېمىگە قاراپ،‏ نۇھنىڭ خۇداغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرگەن.‏ شۇنىڭغا ئوخشاش،‏ ئادەملەر بىرسىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى كۆرگەندە،‏ ئۇ ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشىنىپ،‏ ھاياتىنى خۇداغا بېغىشلىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ نۇھقا ئوخشاش،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەنلەر خۇداغا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تاپشۇرغان ئىشلىرىنى ئورۇندايدۇ.‏ نۇھنى توپان سۈيىدىن قۇتقۇزغىنىدەك،‏ يەھۋا بۇ رەزىل دۇنيا ۋەيران قىلىنغاندا چۆمۈلدۈرۈلگەن سادىق خىزمەتچىلىرىنى ئامان قالدۇرىدۇ (‏ماركۇس 13:‏10؛‏ ۋەھىي 7:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بەك ئېنىقكى،‏ يەھۋاغا ھاياتىمىزنى بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش ناھايىتى مۇھىم.‏ بۇنى كەينىگە سۈرۈۋەرسەك،‏ مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.‏

5.‏ بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارغا قاراپ چىقىمىز؟‏

5 بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.‏ ئەمدى كېيىنكى ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابىنى قاراپ چىقايلى:‏ مۇقەددەس كىتابتا چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرىسىدا نېمە ئېيتىلغان؟‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال قانداق قەدەم-‏باسقۇچلارنى بېسىش كېرەك؟‏ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا ياكى بالىلىرىمىزغا تەلىم بەرگەندە،‏ نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېسىگە سېلىپ تۇرۇش لازىم؟‏

مۇقەددەس كىتابتا چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرىسىدا نېمە ئېيتىلغان؟‏

6،‏ 7.‏ ئا)‏ يەھيا قىلغان چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمى نېمىنى بىلدۈرگەن؟‏ ئە)‏ يەھيا قانداق ئىمتىيازغا ئىگە بولغان؟‏

6 مۇقەددەس كىتابتا،‏ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا—‏ ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن بىرىنچى ئادەم،‏ ئىكەنلىكى تىلغان ئېلىنغان (‏مەتتا 3:‏1—‏6‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن ئادەملەر ئۇنىڭغا كېلىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن؟‏ چۈنكى،‏ شۇ ئادەملەر گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.‏ ئەمما،‏ ئۇ ئەڭ مۇھىم بىر چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىنى قىلغانىدى.‏ يەنى،‏ يەھيا يەھۋا خۇدانىڭ مۇكەممەل ئوغلى ئەيسانى چۆمۈلدۈرۈش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان (‏مەتتا 3:‏13—‏17‏)‏.‏ ئەيسا مۇكەممەل بولغانلىقتىن،‏ ئۇ توۋا قىلمىسىمۇ بولاتتى (‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 2:‏22‏)‏.‏ ئۇنداقتا،‏ ئەيسا نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن؟‏ ئۇ ھاياتىنى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا بىغىشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغانىدى (‏ئىبرانىيلارغا 10:‏7‏)‏.‏

7 ئەيسا يەر يۈزىدە ۋەز قىلغاندا،‏ شاگىرتلىرى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان (‏يوھاننا 3:‏22؛‏ 4:‏1،‏ 2‏)‏.‏ بۇ ئادەملەرمۇ تەۋرات قانۇنىغا قارشى گۇناھ قىلغانلىقىغا توۋا قىلغانلىقتىن،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن.‏ بىراق،‏ ئەيسا ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەندىن كېيىن،‏ ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇشنى خالىغانلار باشقا بىر سەۋەب تۈپەيلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەنىدى.‏

8.‏ ئا)‏ ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن قانداق بۇيرۇق بەرگەن؟‏ ئە)‏ نېمە ئۈچۈن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشى كېرەك؟‏

8 ئەيسا،‏ مىلادى 33-‏يىلى تىرىلگەندىن كېيىن،‏ 500دىن ئارتۇق ئادەمگە كۆرۈنگەن.‏ بەلكىم،‏ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەر،‏ ئاياللار،‏ ھەتتا بالىلارمۇ بولغان.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقان:‏ «شۇنىڭ ئۈچۈن،‏ بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار.‏ ئۇلارنى خۇدا ئاتا،‏ ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،‏ مەن سىلەرگە بۇيرىغان بارلىق ئەمرلەرگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتىڭلار» (‏مەتتا 28:‏19،‏ 20؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خەت 15:‏6‏)‏.‏ ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈشنى بۇيرىغان.‏ ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇشنى،‏ يەنى «بويۇنتۇرۇغىنى» ئېلىپ يۈرۈشنى خالىغان ئادەملەر چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشى كېرەك (‏مەتتا 11:‏29،‏ 30‏)‏.‏ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەت قىلماقچى بولغان ئادەم،‏ ئۇنىڭ نىيىتى ئەيسا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم.‏ كېيىن،‏ ئۇ خۇدانىڭ ماقۇللىقى بىلەن چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتەلەيدۇ.‏ ئەيسانىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى ئەگەشكۈچىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەنلىكى مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.‏ ئۇلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىنىرەك ئۆتۈمىز دەپ،‏ ئۇنى ئارقىغا سۈرمىگەنىدى (‏ئەلچىلەر 2:‏41؛‏ 9:‏18؛‏ 16:‏14،‏ 15،‏ 32،‏ 33‏)‏.‏

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى كەينىگە سۈرمەڭ

9،‏ 10.‏ ئىفىئوپىيىلىك كىشى بىلەن سائۇلنىڭ مىساللىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟‏

9 ئەلچىلەر 8:‏35،‏ 36نى ئوقۇڭ.‏ بىر كۈنى يەھۇدىي دىنىنى قوبۇل قىلغان ئىفىئوپىيلىك كىشى يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىدىن چىقىپ،‏ ئۆيىگە كېلىۋاتاتتى.‏ يەھۋانىڭ پەرىشتىسى فىلىپنى بۇ كىشىگە «ئەيسا توغرىسىدا خۇش خەۋەرنى ئېيتىشقا» ئەۋەتكەن.‏ شۇ چاغدا ئىفىئوپىيلىك كىشى نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ئەيسانى رەب سۈپىتىدە تونۇشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ،‏ يەھۋانىڭ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كەينىگە سۈرمەي چۆمۈلدۈرۈلۇشتىن ئۆتكەنىدى.‏

10 ئەمدى سائۇل دېگەن يەھۇدىي كىشىنىڭ ۋەقەسىنى قاراپ باقايلى.‏ ئەمەلىيەتتە،‏ ئىسرائىل خەلقى خۇداغا بېغىشلانغان خەلق بولغان.‏ سائۇل يەھۇدىيلار تېخىغىچە خۇداغا توغرا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ،‏ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان.‏ بىراق،‏ ئىسرائىل خەلقى ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقتىن،‏ يەھۋا ئۇلارنى رەت قىلغان.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ سائۇل ئەيسانى ئۆلدى دەپ ئويلىغان.‏ بىراق،‏ بىر كۈنى تىرىلگەن ئەيسانىڭ ئۆزى ئاسماندىن سائۇلغا گەپ قىلغان.‏ شۇ ۋاقىتتا سائۇل نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ھانانىيا ئىسىملىك ئېتىقادچىنىڭ ياردىمىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان.‏ مۇقەددەس كىتابتا:‏ «ئورنىدىن تۇرۇپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى»،‏—‏ دەپ يېزىلغان (‏ئەلچىلەر 9:‏17،‏ 18؛‏ گالاتىلىقلارغا 1:‏14‏)‏.‏ كېيىنرەك سائۇل ئەلچى پاۋلۇس دەپ تونۇلغانىدى.‏ بايقىسىڭىز،‏ ئۇ خۇدا ئۆز ئىرادىسىنى ئەيسا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندە،‏ كەينىگە سۈرمەي چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ‏(‏ئەلچىلەر 22:‏12—‏16 ئوقۇڭ)‏.‏

11.‏ ئا)‏ بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغانلارنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە دەۋەت قىلىدۇ؟‏ ئە)‏ بىرسى چۆمۈلدۈرۈلگەندە،‏ بىز قانداق ھېس-‏تۇيغۇدا بولىمىز؟‏

11 بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار،‏ ياش بولسۇن،‏ ياشانغان بولسۇن،‏ شۇنداق قىلماقتا.‏ ئۇلار مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئىشەنگەنلىكتىن،‏ ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈۋاتىدۇ.‏ چوڭ يىغىلىشلاردا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدىغانلار ئۈچۈن نۇتۇق ئېيتىلىدىغان ۋاقىت كىشىنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغان ئالاھىدە بىر پەيت.‏ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە،‏ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بەك خۇشال بولىشىدۇ.‏ ئاتا-‏ئانىلارمۇ ئۆز بالىلىرىنى شۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرگەندە شاد-‏خۇراملىققا تولىدۇ.‏ 2017-‏يىلدا 284000دىن ئارتۇق ئادەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ ئۆز ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلىغان (‏ئەلچىلەر 13:‏48‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ئۇلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن مۇھىم تەلەپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال قانداق مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچلارنى باسقان؟‏

12.‏ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال قانداق قەدەم-‏باسقۇچىلارنى بېسىشى كېرەك؟‏

12 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال،‏ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار خۇدا ھەققىدىكى ھەقىقەتنى،‏ ئۇنىڭ يەر يۈزى بىلەن ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى ۋە ئادەملەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك (‏تىموتىيغا 1-‏خەت 2:‏3—‏6‏)‏.‏ ئاندىن ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.‏ ئېتىقاد ئۇلارنى خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشقا ۋە خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىلەرنى قايتا قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ (‏ئەلچىلەر 3:‏19‏)‏.‏ بۇ ناھايىتى مۇھىم،‏ چۈنكى يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەملەر ئۆزىنى بېغىشلىسا،‏ ئۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خەت 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ لېكىن،‏ يەنە باشقا مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچلار بار.‏ ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلىماقچى بولغان ئادەم جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشى ۋە مۇنتىزىم ھالدا ۋەز قىلىپ،‏ باشقىلارغا تەلىم بېرىشى كېرەك.‏ بۇ —‏ مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشنى خالايدىغان ھەركىمگە قويۇلىدىغان تەلەپ ‏(‏ئەلچىلەر 1:‏8‏)‏.‏ ئاۋۋال تەتقىق قىلغۇچى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشى كېرەك.‏ ئاندىن كېيىن،‏ شەخسىي دۇئادا ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتەلەيدۇ.‏

تەتقىق قىلغۇچىلار قانداق مەقسەتنى كۆزلەش كېرەك؟‏

ئادەملەرگە تەلىم بەرگەندە،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىش پۇرسىتىنى ئىزدەمسىز؟‏ (‏13-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

13.‏ باشقىلارغا تەلىم بەرگەندە،‏ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشى ئۈچۈن،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟‏

13 بالىلىرىمىزغا ۋە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىدىغان باشقا ئادەملەرگە بۇ مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچلارنى بېسىشقا ياردەم بەرگەندە،‏ بۇنى يادىمىزدا ساقلايلى:‏ ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىسى بولۇشنى خالىغان ئادەم چوقۇم چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى لازىم.‏ بۇنى ئۇنتۇمىساق،‏ مۇۋاپىق پەيتى بولغاندا،‏ ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلشتىن ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئېيتىشتىن تارتىنمايمىز.‏ بىز بالىلىرىمىزنىڭ ۋە باشقا تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى خالايمىز!‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھېچكىمنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمايمىز؟‏

14 ئەلۋەتتە،‏ ھېچكىم بالىسىنى ياكى تەتقىق قىلغۇچىنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك.‏ سەۋەبى،‏ يەھۋا خۇدا ھېچكىمنى ئۆزىگە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏8‏)‏.‏ باشقىلارغا تەلىم بەرگەندە،‏ ئۇلارغا يەھۋا بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىشىمىز زۆرۈر.‏ ئەگەر مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچى خۇدا توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگىنى ئۈچۈن چىن يۈرەكتىن مىننەتدار بولسا ۋە ھەقىقىي ئېتىقادچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداشنى خالىسا،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئارزۇسى پەيدا بولىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خەت 5:‏14،‏ 15‏)‏.‏

15،‏ 16.‏ ئا)‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن،‏ ئادەمنىڭ يېشى بەلگۈلگەن ياشتا بولۇشى شەرتمۇ؟‏ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.‏ ئە)‏ ئەگەر بىر كىشى باشقا دىندا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسىمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرەك؟‏

15 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن،‏ چوقۇم يېشى بەلگىلەنگەن ياشتا بولۇشى شەرت ئەمەس.‏ ھەركىم ھەر تۈرلۈك بولغانلىقتىن،‏ بەزىلەر باشقىلارغا قارىغاندا روھىي جەھەتتىن چاپسانراق ئۆسىدۇ.‏ نۇرغۇن ئادەملەر ياش چېغىدا چۆمۈلدۈرۈلۈپ،‏ چوڭ بولغاندىمۇ يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالىدۇ.‏ يەنە بەزىلەر چوڭراق ياشقا كەلگەندە مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى بىلىپ،‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدۇ.‏ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا 100 ياشتىن ئاشقانلارمۇ بار!‏

16 مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ يۈرگەن بىر ئايال ئىلگىرى بىرنەچچە دىندا بولۇپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىملىرىدىن ئۆتكەن ئىكەن.‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ ئۇ ئۆزى بىلەن تەتقىق قىلغان ئېتىقادچىدىن قايتىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ ھاجىتى بار-‏يوقلىقىنى سورىغان.‏ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،‏ قېرىندىشىمىز بىرنەچچە ئايەتنى كۆرسەتكەن.‏ ھېلىقى ئايال 80 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ،‏ مۇقەددەس كىتابتىكى تەلەپلەرنى چۈشەنگەندە،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن.‏ بۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟‏ يەھۋانىڭ ئىرادىسى ھەققىدىكى ھەقىقەتنى بىلسەكلا،‏ ئۇ بىزنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ.‏ شۇڭا،‏ ئەگەر بىرى باشقا دىندا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ،‏ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرەك ‏(‏ئەلچىلەر 19:‏3—‏5نى ئوقۇڭ)‏.‏

17.‏ چۆمدۈرۈلۈش مەراسىمىدىن ئۆتىدىغان كۈنى ئادەم نېمە ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك؟‏

17 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدىغان كۈن —‏ خۇشاللىققا چۆمىدىغان بىر كۈن.‏ شۇنداقلا بۇ —‏ ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ مەنىسى ھەققىدە پۇختا ئويلىنىدىغان ۋاقىت.‏ ھەقىقىي ئېتىقادچىلارغا قويۇلىدىغان ھەممە تەلەپنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەك.‏ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى «ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس،‏ بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشىشى» لازىم.‏ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خەت 5:‏15؛‏ مەتتا 16:‏24‏)‏.‏

18.‏ كېيىنكى ماقالىدە قايسى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟‏

18 بۇ ماقالىدە كۆرگىنىمىزدەك،‏ ھەقىقىي مەسىھ ئەگشكۈچىسى بولۇش ناھايىتى مۇھىم قارار.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان مارىيانىڭ ئاپىسىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئازىراق ئەنسىرىگەن.‏ ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ سىزمۇ مۇنداق ئويلىغانسىز:‏ «بالام چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ھەقىقەتەن تەييارمۇ؟‏ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاش ئۈچۈن ئۇنى ياخشى تونۇپ-‏بىلەمدۇ؟‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال بالام ياخشى بىلىم ئېلىپ،‏ ياخشى ئىشقا كىرىشى كېرەكمۇ؟‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن بالام ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويسىچۇ؟‏» مۇشۇ سوئاللارنى كېيىنكى ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىپ،‏ ئاتا-‏ئانىلار چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىغا قارىتا قانداق توغرا كۆزقاراشتا بولالايدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏