بۇ دۇنياغا خاس ئوي-پىكىرلەرنى رەت قىلىڭ
«پەخەس بولۇڭلاركى،... پەلسەپە ھەم يالغان گەپلەر ئارقىلىق سىلەرگە ئولجىدەك ئىگە بولۇۋالىدىغان كىمدۇ-بىرسى پەيدا بولمىسۇن» (كولوسىلىقلارغا 2:8).
ناخشىلار: 23، 26
1. ئەلچى پاۋلۇس كولوسىدىكى قېرىنداشلارغا نېمە ھەققىدە يازغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
ئەلچى پاۋلۇس تەخمىنەن مىلادى 60، 61-يىللىرى رىمدا تۈرمىدە ئولتارغاندا، كولوسىدىكى مەسىھىيلەرگە خەت ئەۋەتىدۇ. بۇ خەتتە پاۋلۇس ئۇلارغا نېمە سەۋەبتىن «روھىي چۈشىنىشكە»، يەنى مەسىلىلەرگە يەھۋادەك قاراش قابىلىيىتىگە ئېرىشىش مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى (كولوسىلىقلارغا 1:9). ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنى ئېيتىشىمنىڭ سەۋەبى، ھېچكىم سىلەرنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن. پەخەس بولۇڭلاركى، مەسىھ بويىچە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ئەنئەنىلەر ۋە بۇ دۇنيانىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە، پەلسەپە ھەم يالغان گەپلەر ئارقىلىق سىلەرگە ئولجىدەك ئىگە بولۇۋالىدىغان كىمدۇ-بىرسى پەيدا بولمىسۇن» (كولوسىلىقلارغا 2:4، 8). ئاندىن پاۋلۇس كەڭ تارقالغان بەزى پىكىرلەرنىڭ نېمىشقا ناتوغرا ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنى كۆپچىلىك نېمە سەۋەبتىن ياقتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، مۇنداق پىكىرلەرنىڭ بەزىلىرى تۈپەيلىدىن ئادەملەر ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ياكى ئەقىللىقراق ھېسابلىغان. شۇڭا، پاۋلۇس قېرىنداشلارغا بۇ دۇنيانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى رەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشقا مەسلىھەت بېرىپ، بۇ خەتنى ئەۋەتكەن (كولوسىلىقلارغا 2:16، 17، 23).
2. نېمىشقا بىز بۇ دۇنيانىڭ بەزى ئوي-پىكىرلىرىنى قاراشتۇرىمىز؟
2 بۇ دۇنيانىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئادەملەر يەھۋانىڭ پرىنسىپلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىز پەخەس بولمىساق، بۇ دۇنيانىڭ ئوي-پىكىرلىرى
بىزگە تەسىر قىلىپ، ئاستا-ئاستا خۇدانىڭ دانالىقىغا گۇمان قىلىشنى باشلىشىمىز مۇمكىن. مۇنداق ئوي-پىكىرلەرنى تېلېۋىزوردىن، توردىن، ئىشتا ياكى مەكتەپتە پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمىز. يامان تەسىردىن نېرى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ بۇ ماقالىدە بىز بۇ دۇنيانىڭ بەش خىل ئوي-پىكرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى قانداق رەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.خۇداغا ئىشىنىش كېرەكمۇ؟
3. كۆپچىلىك قانداق ئوي-پىكىرنى ياقتۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
3 «خۇداغا ئىشەنمىسەممۇ، ياخشى ئادەم بولالايمەن». مۇنداق ئوي-پىكىر كۆپ دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان. بۇنى ئېيتىدىغان ئادەملەر خۇدانىڭ مەۋجۇت بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىماي، پەقەت ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى ئەركىن قىلسامكەن، دەيدۇ (زەبۇر 10:4نى ئوقۇڭ). باشقىلىرى بولسا: «خۇداغا ئىشەنمىسەممۇ، ئۆزۈمنىڭ ياخشى قائىدە-ئۆلچەملىرىم بار»،— دەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق كۆرسەتمەكچى بولىدۇ.
4. ياراتقۇچىنىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەمگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە دېسەك بولىدۇ؟
4 خۇدانى يوق دەپ ئىشىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بەزى ئادەملەر ئىلىم-پەنگە تايىنىپ، ئوي-پىكىرىلىرى تېخىمۇ قالايمىقانلاشماقتا. ئەمما، ھەقىقەت بەك ئاددىي. مەسىلەن، ئۆينىڭ ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! ئۇنىڭ قۇرۇلۇشچىسى بار. مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشى بولسا، بەكمۇ مۇرەككەپ. ھەتتا، ئەڭ ئاددىي ھۈجەيرىنىڭ ئۆزى بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ، ھۆجەيرىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەرقانداق بىر ئۆي-ئىمارەتنىڭ تۈزۈلىشىدىن كۆپ مۇرەككەپ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ ھۈجەيرىلەر مەلۇماتنى ساقلاپ، ئۇنى يېڭىدىن پەيدا بولغان ھۈجەيرىلەرگە كۆچۈرەلەيدۇ، شۇنداقلارچە يېڭى ھۈجەيرىلەرمۇ كۆپىيىپ بۆلۈنۈپ كۆپىيىلەيدۇ. ئۆيلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ. مۇنداق ھۈجەيرىلەرنى كىم ياراتتى؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇنىڭ جاۋابى بار: «شۈبھىسىزكى، ھەرقانداق ئۆينى بىرسى بەرپا قىلغىنىدەك، ھەممە نەرسىنى بەرپا قىلغان خۇدادۇر» (ئىبرانىيلارغا 3:4).
5. ئىنسانلار خۇداغا ئىشەنمىسىمۇ، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ، دېگەن پىكىر ھەققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟
5 «خۇداغا ئىشەنمىسەكمۇ، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ياخشى ئادەم بولالايمىز» دېگەن ئوي-پىكىر ھەققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ھەتتا خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەمنىڭ ياخشى پرىنسىپلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى يېزىلغان (رىملىقلارغا 2:14، 15). مەسىلەن، كىمدۇ بىرسى ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغاندۇ. ئەمما، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۇ بەك يامان قارارلار چىقىرىشى مۇمكىن (يەشايا 33:22). بۈگۈنكى كۈندە، كۆپلىگەن ئەقىللىق ئادەملەر دۇنيادىكى قايغۇ-ھەسرەتلەردىن ئۆزىنى يەڭلىتىش ئۈچۈن خۇدانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ (يەرەمىيا 10:23نى ئوقۇڭ). شۇڭا، خۇداغا ئىشەنمەي ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلماي، ئۆزۈمىز نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، دېگەن كۆزقاراشقا ئالدانماسلىقىمىز كېرەك (زەبۇر 146:3).
بىزگە دىن كېرەكمۇ؟
6. كۆپلىگەن ئادەملەر دىن ھەققىدە قانداق كۆزقاراشتا؟
6 «ئادەم ھېچبىر دىندا بولمىسىمۇ بەختلىك بولالايدۇ». كۆپ ئادەملەر دىن كونىراپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭ ھېچ پايدىسى يوق، دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ دىنلار دوزاخ ئوتى توغرىسىدا تەلىم بېرىدۇ، ئىئانە بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ ياكى سىياسىيونلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بارغانسىرى كۆپ ئادەملەرنىڭ دىنسىزمۇ بەختلىك بولالايمەن دېيىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇلار: «مەن خۇداغا ئىشىنىمەن، بىراق ھېچبىر دىندا بولغۇم يوق»،— دەپ ئېيتىشى مۇمكىن.
7. ھەقىقىي دىن سىزنى قانداقلارچە بەختلىك قىلالايدۇ؟
تىموتىيغا 1-خەت 1:11). يەھۋا ھەممىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بولغانلىقتىن بەختلىك، سەۋەبى بىزمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىش پۇرسىتىنى ئىزدەيمىز (ئەلچىلەر 20:35). مەسىلەن، ھەقىقىي ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئائىلىلەر قانداق قىلىپ بەختلىك بولالايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. بىز سۆيگەن يارىمىزنى ھۆرمەتلەشكە ۋە ئۇنىڭغا ۋاپادار بولۇشقا، بالىلىرىمىزنى ئەدەبلىك قىلىپ تەربىيىلەشكە ۋە ئائىلىمىزنى سۆيۈشكە ئۆگىنىمىز. ھەقىقىي ئىبادەت خۇدانىڭ خەلقىگە جامائەتتە ئىناقلىقنى ساقلاشقا ۋە ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 65:13، 14نى ئوقۇڭ).
7 دىنسىز ھەقىقەتەن بەختلىك بولالايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئادەم يالغان دىنسىز بەختلىك بولالايدۇ. لېكىن، ئادەم يەھۋانىڭ دوستى بولمىسا، ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ «بەختلىك خۇدا» (8. مەتتا 5:3-ئايەت بەختنىڭ ئاچقۇچى نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟
8 ئادەم خۇداغا خىزمەت قىلماي ھەقىقىي بەختكە ئېرىشىشى مۇمكىنمۇ؟ ئادەملەرنى نېمە بەختلىك قىلالايدۇ؟ بەزى ئادەملەر ئىشتىن، سپورتتىن ياكى ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. باشقىلىرى بولسا، ئۆي-ئىچىدىكىلىرى ۋە دوستلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن قانائەت ئالىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىق ئېلىپ كەلگىنى بىلەن، ھاياتتا بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم مەسىلىلەر بار. ھايۋاناتلاردىن پەرقلىنىپ، بىز ياراتقۇچىمىزنى تونۇپ-بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلالايمىز. ئۇ بىزنى شۇنداق ياراتقانلىقتىن، بىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلغاندا، ئۆزۈمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز (مەتتا 5:3نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىبادەت ئۈچۈن جەم بولغاندا، خۇشال بولۇپ تەسەللىي ئالىمىز (زەبۇر 133:1). شۇنداقلا دۇنياۋى قېرىنداشلىقنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىمىز، پاك ھايات كەچۈرگەنلىكىمىز ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىز بىزگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلىدۇ.
بىزگە ئەخلاقىي ئۆلچەملەر كېرەكمۇ؟
9. ئا) جىنسىي مۇناسىۋەتكە كۆپچىلىك قانداق قارايدۇ؟ ئە) نېمە ئۈچۈن خۇدا سۆزىدە نىكاھلىق جۈپتىن باشقا بىرسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ناتوغرا ئىكەنلىكى يېزىلغان؟
9 «نىكالىق جورىڭىزدىن باشقا بىرسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ نېمىسى يامان؟» بەزىلىرى بىزگە: «نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى شۇنچىلىك چەكلەيسىلەر؟ ھاياتتىن ھۇزۇرلانمامسىلەر»،— دەپ ئېيتىشى مۇمكىن. ئەمما خۇدا سۆزىدە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق مەنئىي قىلىنىدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ.) (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 4:3—8نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىزنى ياراتقانلىقتىن، ئۇنىڭ بىزگە قانۇنلارنى بېرىش ھوقۇقى بار. خۇدا پەقەت توي قىلغان ئەر بىلەن ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، بىزگە قانۇنلارنى بەرگەن ۋە شۇ قانۇنلارغا بويسۇنساق، ھاياتىمىز ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىدىغان ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىنى تېخىمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئەمما قانۇنلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىتائەتسىزلىك قىلىدىغانلارنى خۇدا جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (ئىبرانىيلارغا 13:4).
10. مەسىھ ئەگەشكۈچىسى قانداقلارچە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن نېرى تۇرالايدۇ؟
10 مۇقەددەس كىتابتا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن قانداق نېرى تۇرالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە مەسلىھەتلەر بار. بىز نېمىگە قارايدىغانلىقىمىزنى باشقۇرۇشىمىز كېرەك. ئەيسا: «كىمدەكىم ئايال كىشىگە قاراۋېرىپ، شەھۋانىيلىققا بېرىلسە، ئۇ يۈرىكىدە شۇ ئايال بىلەن نىكاھ قەسىمىنى بۇزغان مەتتا 5:28، 29). دېمەك، شەھۋانىي مەزمۇنلار بىلەن ئەخلاقسىز ناخشىلاردىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك. پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «شۇڭا يەرلىك ئەزالىرىڭلارنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنى... ئۆلتۈرۈڭلار» (كولوسىلىقلارغا 3:5). شۇنىڭ بىلەن، بىز ئوي-پىكىر ۋە سۆزلىرىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەرگە 5:3—5).
بولىدۇ. ئەگەر ئوڭ كۆزۈڭ سەن ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلاۋەت»،— دېگەن (مەنسەپكە ئىنتىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
11. نېمىشقا مەنسەپ قوغلىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن؟
11 «مەنسەپ بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ». ئادەملەر بىزنى ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزنىڭ ھەممىسىنى مەنسەپكە سەرپ قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بىزنى داڭلىق، كۈچلۈك، باي قىلىدىغان مەنسەپكە ئىنتىلىشكە ئۈندەيدىغاندۇ. بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن مەنسەپكە ئىنتىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلايدىغان ئادەملەر كۆپ بولغانلىقتىن، بىزمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە بېرىلىپ، ئاستا-ئاستا شۇنداق ئويلاشقا باشلىشىمىز مۇمكىن.
12. مەنسەپ ئادەمنى بەختلىك قىلامدۇ؟
12 مەنسەپ ئادەمنى كۈچلۈك ياكى داڭلىق قىلالايدىغانلىقى راست، بىراق ئۇ سىزنى بەختلىك قىلالامدۇ؟ ياق. مونۇ ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ: شەيتانمۇ كۈچلۈك ۋە ئاتاقلىق بولۇشنى خالىغان. بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ مەقسىتىگە يەتتى. ئەمما، ئۇ بەختلىك ئەمەس، ئەكسىچە قاتتىق ئاچچىقلانماقتا (مەتتا 4:8، 9؛ ۋەھىي 12:12). بۇنىڭغا قارىمۇ-قارشى، ئادەملەرگە خۇدا ھەققىدە ۋە ئۇ ۋەدە قىلغان كېلەچەك توغرىسىدا ئېيتىدىغان بىز نېمە دېگەن بەختلىك! دۇنيادىكى ھېچبىر مەنسەپ سىزگە مۇنداق بەختنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەنسەپنى كۆزلىگەن ئادەملەر پات-پات ئاچچىقلىنىپ، ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىدۇ ۋە باشقىلارغا ھەسەتخورلۇق قىلىدۇ. ئاخىرىدا بولسا، بۇنىڭدىن كۆڭلى قالىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا بۇ «شامالنى قوغلاش» بىلەن سېلىشتۇرۇلغان (ۋەز 4:4).
13. ئا) ئىشىمىزغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟ ئە) پاۋلۇسنى نېمە ھەقىقىي بەختكە ئېرىشتۈرگەنىدى؟
13 ئەلۋەتتە، پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىشىمىز كېرەك ۋە ئۆزۈمىز ياقتۇرىدىغان ئىشنى تاللاشنىڭ ھېچ يامىنى يوق. ئەمما، ئىشىمىز ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇندا بولماسلىقى كېرەك. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم ئىككى غوجايىننىڭ قۇلى بولالمايدۇ، چۈنكى بىرسىنى ئۆچ كۆرۈپ، يەنە بىرسىنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى بىرىگە سادىق بولۇپ، يەنە بىرسىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ. سىلەر خۇدانىڭ ھەم بايلىقنىڭ قۇلى بولالمايسىلەر» (مەتتا 6:24). يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ۋە باشقىلارغا مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بېرىش بىزگە زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس بۇنىڭغا ئۆز ھاياتىدا كۆز يەتكۈزگەن. ئۇ ياش ۋاقتىدا، كۆپ پۇل تاپىدىغان مەنسەپكە ئىنتىلگەن ئىدى. كېيىن بولسا، خۇدانىڭ خۇشخەۋىرى تۈپەيلىدىن ئۆزى ۋەز قىلغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرگەندە، ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلغانىدى (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 2:13، 19، 20نى ئوقۇڭ). ھېچقانداق مەنسەپ يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنىڭ توغرۇلۇق تەلىم بېرىشتىن كېلىدىغان بەختكە تەڭ كەلمەيدۇ!
ئادەملەر دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالامدۇ؟
14. نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيەت ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ، دېگەن ئوي-پىكىرىنى كۆپ ئادەملەرنى ياقتۇرىدۇ؟
14 «ئىنسانىيەت ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ». مۇنداق ئوي-پىكىرنى كۆپ ئادەملەرنى ياقتۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ رەھبەرلىكىسىز خالىغان ئىشلارنى قىلالايمىز، دەپ ئويلايدۇ. بەلكىم، سىز بىرسىنىڭ ئۇرۇش، جىنايەت، ئاغرىق ۋە نامراتلىق دېگەنگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بارغانسىرى ئازاماقتا، دېگەن ئوي-پىكىرنى ئاڭلىغانسىز. بىر دوكىلاتتا: «ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى ياخشىراق بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇلار دۇنيانى ياخشىراق قىلىشقا قارار قىلغانلىقىدا»،— دەپ يېزىلغان. بۇ ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ ئىنسانىيەت راستىنلا دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش يولىنى تاپتىمۇ؟ ھازىر بىرنەچچە ئىسپاتلارغا قاراپ باقايلى.
15. دۇنيادىكى ئەھۋالنىڭ ناچار ئىكەنلىكىگە قانداق ئىسپاتلار بار؟
15 ئادەملەر ئۇرۇشنى توختىتالىدىمۇ؟ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا 60 مىللىيوندىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 2015-يىلنىڭ
ئۆزىدە ئۇرۇش ياكى زىيانكەشلىك سەۋەبىدىن تەخمىنەن 12 مىليون 4 يۈز مىڭ ئادەم ئۆيىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۇمۇمىي سانى 65 مىللىيونغا يەتكەن. جىنايەتچۇ؟ بىرمۇنچە يەرلەردە جىنايەتنىڭ بەزى تۈرلىرى ئازايدى. بىراق ئايرىم تۈرلىرى، مەسىلەن توردىكى جىنايەت (تور جىنايىتى)، ئائىلىدىكى زوراۋانلىق، تېررورىزىم ۋە پارىخورلۇق بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئاغرىق ھەققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟ بەزى ئاغرىقلارنى داۋالاش ئۇسۇلى راست. ئەمما، 2013-يىلنىڭ بىر دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى 60 ياشقا كىرمىگەن 9 مىليون ئادەم يۈرەك كېسىلى، مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش، ئۆسمە (راك)، ياكى نەپەس يوللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر ۋە دىئابېتتىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئەمدى نامراتلىق ھەققىدە سۆزلىشەيلى. دۇنياۋى بانكسىنىڭ ھېسابى بويىچە، پەقەت ئافرىقىنىڭ ئۆزىدىلا نامراتلارنىڭ سانى 1990-يىلى 280 مىليون بولسا، 2012-يىلى 330 مىللىئونغا كۆپەيگەن.16. ئا) نېمە ئۈچۈن پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى دۇنيادىكى ھەممە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالايدۇ؟ ئە) يەشايا پەيغەمبەر ۋە زەبۇر يازغۇچىسى پادىشاھلىق ھەققىدە نېمە دېگەن؟
16 مەزكۈر ئىسپاتلار بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنى شەخسىيەتچى ئادەملەر باشقۇرىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشنى، جىنايەتنى، ئاغرىق بىلەن نامراتلىقنى يوق قىلالمايدۇ. بۇنى پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى قىلالايدۇ. يەھۋا خۇدا ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىڭ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۇرۇشقا سەۋەبچى بولىدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى، مەسىلەن، شەخسىيەتچىلىك، پارىخورلۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، يالغان دىن ۋە شەيتاننىڭ ئۆزىنىمۇ يوق قىلىدۇ (زەبۇر 46:8، 9). خۇدا پادىشاھلىقى جىنايەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىۋېتىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەتتا بۈگۈنمۇ مىلىيونلىغان ئادەملەرنى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئىشىنىشكە ئۆگىتىدۇ. بۇ — باشقا ھېچبىر ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش (يەشايا 11:9). پات-ئارىدا يەھۋا ئاغرىقنى تامامەن يوق قىلىدۇ ۋە ھەممە ئادەم مۇكەممەل سالامەتكە ئىگە بولىدۇ (يەشايا 35:5، 6). ئۇ نامراتلىقنىمۇ يوق قىلىپ، ھەممە ئادەملەر بەختلىك ھايات كەچۈرىدۇ ۋە خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق بايلىق تەڭ كەلمەيدۇ! (زەبۇر 72:12، 13).
«قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىڭ»
17. بۇ دۇنيانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى قانداق رەت قىلالايمىز؟
17 ئەگەر سىز ھەقىقەتكە زىت ھەرقانداق بىر كەڭ تارقالغان ئوي-پىكىرنى ئاڭلىسىڭىز، بۇ ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداش بىلەن سۆزلىشىڭ. ئادەملەرنىڭ شۇ پىكىرنى نېمە سەۋەبتىن ياقتۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ناتوغرا ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق رەت قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ. پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالساق، ئۆزۈمىزنى بۇ دۇنياغا خاس ئوي-پىكىرلەردىن قوغدىيالايمىز: «جامائەتنىڭ سىرتتىكىلىرى بىلەن دانا ئىش تۇتۇڭلار... ھەرقانداق ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى» بىلىڭلار (كولوسىلىقلارغا 4:5، 6).
^ 9-ئابزاس مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى تەرجىمىلىرىدە ئۇچرايدىغان يوھاننا 7:53—8:11 ئايەتلەر يازمىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا يوق. بەزى ئادەملەر بۇ ئۈزۈندىنى ئوقۇپ، ناتوغرا خۇلاسىگە كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئويىچە بولغاندا نىكاھ قەسىمىنى بۇزغان ئادەمنى پەقەت گۇناھى يوق ئادەم سوتلىيالايدۇ. لېكىن، خۇدا ئىسرائىلغا مۇنداق قانۇننى بەرگەن: «ئەگەر بىر ئادەم ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ، تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئادەم ۋە خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن» (تەكرار قانۇن 22:22).