خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئېيتايلى!
«خۇدايىمىزنى كۈيلەڭلار، چۈنكى مۇنداق قىلىش شېرىندۇر» (زەبۇر 147:1).
ناخشىلار: 9، 138
1. ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق بىز نېمە قىلالايمىز؟
بىر ئاتاقلىق شائىر مۇنداق دېگەن: «سۆزلەر ئويلاندۇرىدۇ، مۇزىكا سېزىملىرىمىزنى ئويغىتىدۇ. ناخشا بولسا، يۈرەككە تەسىر قىلىپ، ئوينىمۇ، ھېس-تۇيغۇنىمۇ قوزغايدۇ». بىز ناخشىلاردا ئەرشتىكى ئاتىمىز يەھۋانى مەدھىيىلەپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز. ناخشىلار ئارقىلىق بىز ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايمىز. شۇنداق ئىكەن، ناخشا ئېيتىشنىڭ، مەيلى يالغۇز ياكى قېرىنداشلار بىلەن بىللە بولسۇن، ھەقىقىي ئىبادەتتىكى ئەھمىيىتى مۇھىم ئىكەنلىكى چۈشىنىشلىك.
2، 3. ئا) جامائەت ئۇچرىشىشلىرىدا ناخشا ئېيتىشقا قانداق قارايسىز؟ ئە) مۇشۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى قاراشتۇرىمىز؟
2 جامائەت ئۇچرىشىشلىرىدا ناخشا ئېيتىشقا قانداق قارايسىز؟ خىجىل بولۇپ، ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنامسىز؟ بەزى مەدەنىيەتلەردە ئەر كىشىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنىدۇ. ناخشا ئېيتىلغاندا ئاقساقاللار ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنسا ياكى باشقا ئىشلار بىلەن بەنت بولسا، بۇ جامائەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن (زەبۇر 30:12).
3 ناخشا ئېيتىش — يەھۋاغا بولغان ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ناخشا ئېيتىلىۋاتقان چاغدا بىز سىرتقا چىقىشنى ياكى ئۇچرىشىشنىڭ مۇشۇ بۆلىكىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايمىز. شۇڭا،
ھەممىمىز ئۆزۈمىزدىن: «ناخشا ئېيتىشقا قانداق قارايمەن؟ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىشقا تارتىنسام نېمە قىلسام بولىدۇ؟ ناخشىنى چىن يۈرەكتىن ئېيتىشنى قانداق ئۆگىنەلەيمەن؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ.ناخشا ئېيتىش — ھەقىقىي ئىبادەتنىڭ مۇھىم قىسمى
4، 5. قەدىمدە ئىسرائىلدا ناخشا ئېيتىشقا مۇناسىۋەتلىك قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بەلگىلەنگەن؟
4 قەدىمدىن باشلاپ، يەھۋا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى ناخشىلاردا مەدھىيىلىگەنىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى، ئىسرائىللىقلار يەھۋاغا سادىق بولغاندا، ناخشا ئېيتىش ئىبادەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان. مەسىلەن، داۋۇت پادىشاھ ئىبادەتخانا ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاندا، يەھۋانى ناخشىدا مەدھىيىلەش ئۈچۈن 4000 لاۋىينى تەيىنلىگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 288 ئادەم «خۇداۋەندىگە شېئىر ئوقۇشنى ئۆگىنىپ بىلگەنلەر» ئىدى (تارىخنامە 1-يازما 23:5؛ 25:7).
5 ئىبادەتخانىنى بېغىشلاش مۇراسىمىدىمۇ مۇزىكا بىلەن ناخشا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «كانايچىلار بىلەن شېئىر ئوقۇغۇچىلار بىر بولۇپ، تەڭشىگەن ئاۋاز بىلەن خۇداۋەندىگە مەدھىيە ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۆز ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ، كاناي، جاڭجاڭ ۋە خىلمۇ-خىل نەغمىلەر چېلىنىپ...خۇدانىڭ بەيتى خۇداۋەندىنىڭ شان-شەرىپىدىن تولغان ئىدى». بۇ ۋەقە ئىسرائىللىقلارنىڭ ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى سۆزسىز (تارىخنامە 2-يازما 5:13، 14؛ 7:6).
6. نەھەمىيا يېرۇسالىمدا ھۆكۈمران بولغاندا، ناخشا ئېيتىش ۋە ساز چېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟
6 نەھەمىيا ئىسرائىللىقلارنى يېرۇسالىمنىڭ تاملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىغا ئۇيۇشتۇرغاندا، ناخشا ئېيتىش ۋە ساز چېلىش ئۈچۈن لاۋىيلارنىمۇ ئۇيۇشتۇرغان. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تاملارنى بېغىشلىغاندا، ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى بەخت ئۈستىگە بەخت قوشتى. نەھەمىيا «مەدھىيە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككى چوڭ ئەترەتنى» تەيىنلىدى. ناخشا ئېيتقان بۇ ئىككى توپ تام ئۈستى بىلەن ئىككى تەرەپكە مېڭىپ، ئىبادەتخانىغا يېقىن تامدا ئۇچراشقان. ئۇلارنىڭ ئاۋازى شۇنچە قاتتىق بولغانكى، ھەتتا يىراقتىكىلەرگىمۇ ئاڭلاندى (نەھەمىيا 12:27، 28، 31، 38، 40، 43). يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن زور قىزغىنلىق بىلەن ناخشا ئېيتقىنىغا خۇشال بولغانلىقى شەك-شۈبھىسىز!
7. مەسىھىيلەر ئۈچۈن ناخشا ئېيتىش ئىبادەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇش كېرەكلىكىنى ئەيسا قانداق كۆرسەتكەن؟
7 ئەيسانىڭ كۈنلىرىدىمۇ ساز-ناخشا ھەقىقىي ئىبادەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كەچتە نېمە بولغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ھاكىمدارىمىزنىڭ كەچكى زىياپەتنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە يەھۋانى مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتتقانىدى (مەتتا 26:30نى ئوقۇڭ).
8. بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەر خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەشتە قانداق ئۈلگە قالدۇرغانىدى؟
8 بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەر خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەشتە ياخشى ئۈلگە قالدۇرغانىدى. يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىللىقلار ئىبادەتخانىغا بارغان بولسا، مەسىھىيلەر ئۆز ئۆيلىرىدە ئۇچرىشاتتى. بۇ ئۆيلەر ئىبادەتخانىغا ئوخشاش ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، قېرىنداشلار قىزغىنلىق بىلەن ناخشا ئېيتقان. ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارغا: «بىر-بىرىڭلارغا تەلىم بېرىشنى ھەم يۈرەكلىرىڭلاردا يەھۋاغا ساز چېلىپ، يېقىملىق روھىي ناخشىلار، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان سۆزلەر، زەبۇر-نەغمىلەر كولوسىلىقلارغا 3:16). بىزنىڭ ناخشا كىتابىمىزدىكى ناخشىلارمۇ مىننەتدارلىق سېزىمى بىلەن ئېيتىلىشى كېرەك. بۇ ناخشىلار — «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» ۋاقتى-ۋاقتىدا بېرىدىغان روھىي ئوزۇقنىڭ بىر قىسمى (مەتتا 24:45).
بىلەن جېكىلەشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار»،— دەپ يازغان (خىجىل بولماي ناخشا ئېيتىشقا قانداق ئۆگىنەلەيسىز؟
9. ئا) نېمىشقا بەزىلەر ئۇچرىشىشلار ياكى چوڭ يىغىلىشلاردا خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنىشى مۇمكىن؟ ئە) يەھۋاغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى قانداق ئېيتىشىمىز كېرەك ۋە بۇنىڭدا كىم ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
9 ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنىشىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ بەلكىم، ئائىلىڭىزدە ياكى مەدەنىيىتىڭىزدە ناخشا ئېيتىش كەڭ تارقالمىغاندۇ. يا بولمىسا، رادىئو ياكى تېلېۋىزوردىن كەسپىي ناخشىچىلارنى ئاڭلاپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناخشا ئېيتىشتىن خىجىل بولىدىغانسىز ياكى ئاۋازىڭىز ئۆزىڭىزگە ياقمايدىغاندۇ. لېكىن، ھەممىمىزنىڭ يەھۋاغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش جاۋاپكارلىقىمىز بار. شۇڭا، ناخشا كىتابىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرىپ، بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ، ھاياجان ئىچىدە ناخشا ئېيتىڭ! (ئەزرا 3:11؛ زەبۇر 147:1نى ئوقۇش). ئىبادەت ئۆيلىرىنىڭ كۆپلىرىدە ناخشىلارنىڭ سۆزلىرى ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ ۋە ناخشىنى جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئېيتىش ئاسان. يەنە قىزقارلىق بىر يېرى، پادىشاھلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىش ئاقساقاللار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پادىشاھلىق ۋەز خىزمەت مەكتىپىنىڭ پروگراممىسىغىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئاقساقاللارنىڭ جامائەت ئۇچرىشىشلىرىدا ناخشا ئېيتىشتا رەھبەرلىكنى قولىغا ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
10. جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىشتىن قورقساق، نېمىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك؟
10 كۆپ ئادەملەر ئاۋازىم بەك قاتتىق چىقىدۇ ياكى ئاۋازىم يوق دەپ ئويلاپ، ناخشىنى جاراڭلىق ئېيتىشتىن قورقۇشى مۇمكىن. لېكىن ياقۇپ 3:2). ئۇنداقتا، كېلىڭ، نامۇكەممەل ئاۋازىمىزنىڭ يەھۋاغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمايلى!
مۇشۇ ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ: بىز ھەممىمىز سۆزۈمىز بىلەن «پات-پات خاتالىشىمىز»، بىراق بۇ بىزنى سۆزلەشتىن توختاتمايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ (11، 12. ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىمىزنى قانداق ئۆستۈرەلەيمىز؟
11 بەلكىم، بىز ناخشىنى توغرا ئېيتىشنى بىلمىگەنلىكتىن، ناخشا ئېيتىشتىن قورقىدىغاندىمىز. شۇنداق بولسا، ھازىر ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ بىرنەچچە ئاددىي يولىنى كۆرۈپ چىقايلى * (ئىزاھەتكە قاراڭ).
12 ئۈنلۈك ۋە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىش ئۈچۈن توغرا نەپەس ئېلىش كېرەك. ئېلېكتر قۇۋىتى تۈپەيلىدىن لامپوچكىلار يۇرۇغانغا ئوخشاش، نەپەس ئېلىش — سۆزلىگەندە ياكى ناخشا ئېيتقاندا ئاۋازنى كۈچەيتىدۇ. ئادەتتە سۆزلىگەندە ئاۋازىڭىز قانداق بولسا، ناخشىنىمۇ شۇنداق قاتتىق ئاۋاز بىلەن ئېيتىش لازىم («ۋەزلىك مەكتەپ» كىتابىنىڭ 181—184 بەتلىرىدىكى «توغرا نەپەس ئېلىش» ناملىق كىچىك ماۋزۇدىكى مەسلىھەتلەرگە قاراڭ). مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى جايلىرىدا يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى مەدھىيىلىگەندە، «تەنتەنە قىلىشقا» چاقىرىلىدۇ (زەبۇر 33:1—3).
13. ناخشىنى ئىشەنچلىك ئاۋاز بىلەن ئېيتىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
13 ئائىلىۋى ياكى شەخسىي ئىبادەت ۋاقتىدا مۇنداق قىلىپ كۆرۈڭ: ناخشا كىتابىدىن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنىڭ بىرىنى تاللاپ، سۆزلىرىنى قاتتىق ۋە ئىشەنچلىك ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ كۆرۈڭ. كېيىن ئاۋازىڭىزنى پەسەيتمەي، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر نەپەستە ئېيتىڭ. ئەمدى دەل شۇنداق قاتتىق ئاۋاز بىلەن شۇ جۈملىنى ناخشا قىلىپ ئېيتىڭ (يەشايا 24:14). شۇ چاغدا ناخشا ئېيتقاندا ئاۋازىڭىز قاتتىقىراق چىقىدىغان بولىدۇ ۋە شۇنداق بولغىنى ئىنتايىن ياخشى. ئاۋازىم بەك قاتتىق چىقىپ كەتتى دەپ قورقماڭ ياكى خىجالەت بولماڭ.
14. ئا) ئاغزىڭىزنى چوڭراق ئېچىش ناخشا ئېيتىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (« ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈۈڭ» ناملىق رامكىغا قاراڭ.) ئە) ئاۋازغا مۇناسىۋەتلىك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ھەققىدە قانداق مەسلىھەتلەر سىز ئۈچۈن پايدىلىق؟
14 ئاۋازىڭىز قاتتىقىراق چىقىشى ئۈچۈن
ئاغزىڭىزنى چوڭراق ئېچىش زۆرۈر. شۇڭا، ناخشا ئېيتقاندا، ئاغزىڭىزنى ئادەتتە سۆزلىگەندىن چوڭراق ئېچىڭ. لېكىن، ئاۋازىڭىز ئاجىز ياكى بەك ئىنچىكە دەپ ئويلىسىڭىز، نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ياخشى مەسلىھەتلەرنى «ۋەزلىك مەكتەپ» كىتابىننىڭ 184-بېتىدىكى «بەزى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش» ناملىق رامكىدىن تاپالايسىز.چىن يۈرەكتىن ناخشا ئېيتىڭ
15. ئا) 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىلىشتا قانداق ئۇقتۇرۇش ئېيتىلغان؟ ئە) ناخشا كىتابىنىڭ قايتىدىن قاراپ چىقىرىلىشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟
15 2016-يىلنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا رەھبەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى ستىۋېن لېتت بۇرادەر «يەھۋاغا خۇرسەنلىك بىلەن ناخشا ئېيتايلىى!» دەپ ئاتالغان يېڭى كىتابنىڭ چىقىشىنى ئېلان قىلغاندا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى بەك خۇشال بولدى. لېتت بۇرادەر «مۇقەددەس يازمىلار. يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» يېڭىدىن قاراپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ناخشا كىتابىنىمۇ يېڭىدىن قاراپ چىقىش زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىدە» بولمىغان ئىبارىلەر ناخشا كىتابىدىنمۇ چىقىرىۋېتىلدى ياكى ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ۋەز ئېيتىش ۋە تۆلەم ھەققىدىكى يېڭى ناخشىلارمۇ قوشۇلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ناخشىلار ئىبادىتىمىزنىڭ مۇھىم قىسمى بولغانلىقتىن، رەھبەرلىك كېڭەش يۇقىرى سۈپەتلىك ناخشا كىتابىنى چىقىرىشنى قارار قىلدى. شۇڭا يېڭى ناخشا كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنىڭكىگە» ئوخشاش قىلىپ ياسالغان.
16، 17. يېڭى ناخشا كىتابىغا قانداق ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلدى؟
16 ناخشا كىتابىدىن پايدىلىنىش ئاسانىراق بولۇشى ئۈچۈن ناخشىلار ماۋزۇ بويىچە رەتلەنگەن. مەسىلەن، دەسلەپكى 12 ناخشا يەھۋا ھەققىدە، كېلەركى 8 ناخشا ئەيسا بىلەن تۆلەم توغرىسىدا ۋە شۇنىڭدەك باشقىلار. كىتابنىڭ بېشىدا ماۋزۇلارنىڭ تولۇق تىزىمى بار. بۇ بەك قولايلىق. مەسىلەن، بۇرادەر ئاممىۋىي نۇتۇق ئۈچۈن ناخشا تاللىغاندا، مۇشۇ تىزىمغا قاراپ تاللىيالايدۇ.
17 ناخشا كىتابىدىكى سۆزلەرگە ئۆزگۈرۈشلەر كىرگۈزۈلگەنلىكتىن، ناخشىلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئاسانراق بولدى. شۇڭا، ھەربىر ئادەم يېڭى ناخشىلارنى چىن يۈرەكتىن ئېيتالايدۇ. ناخشا كىتابىدا قوللىنىلغان بەزى كونىراپ كەتكەن سۆزلەر ۋە ئىبارىلەر ئۆزگەرتىلدى. سۆزلىرى ۋە جۈملىلىرى ئاددىي بولغانلىقتىن، ناخشا ئېيتىش ئاسانىراق بولدى. شۇنىڭ بىلەن، بەزى ناخشىلار قايتىدىن قاراپ چىقىلىپ، ئەمدى جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە ۋەز خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلار بار بولدى.
18. نېمىشقا يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ.)
18 «يەھۋاغا خۇرسەنلىك بىلەن ناخشا ئېيتايلى!» كىتابىدىكى ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇئالارغا ئوخشايدۇ. بۇ ناخشىلار يەھۋاغا ئۆز ھېس-تۇيغۇمىزنى يەتكۈزۈشكە ياردەم بېرىدۇ. باشقا ناخشىلار بولسا، بىزنى «مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە ياخشى ئىشلارغا» دەۋەت قىلىدۇ (ئىبرانىيلارغا 10:24). بىز يېڭى ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى، رىتمىنى ۋە سۆزلىرىنى ياخشى بىلىۋېلىشنى خالايمىز. بۇنى قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — قېرىنداشلار ئورۇنلىغان مۇشۇ ناخشىلارنىڭ ئاۋازغا ئالغان ئۈن خاتىرىسىنى تىڭشاش. بۇ ئۈن خاتىرە ھۆججىتىنى org.jw تور بېكىتىدىن ئاڭلىساق بولىدۇ. ناخشىلارنى ئۆيدە ئېيتىپ مەشىق قىلسىڭىز، ئۇلارنى ئىشەنچلىك ئاۋازدا ھاياجانلىنىپ ئېيتىشنى ئۆگىنەلەيسىز * (ئىزاھاتقا قاراڭ).
19. جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا قانداق ئىبادەت قىلالايدۇ؟
19 ناخشا ئېيتىش ئىبادىتىمىزنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى. ناخشا — يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكىمىزنى ۋە بىز ئۈچۈن قىلغان ھەممە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى (يەشايا 12:5نى ئوقۇڭ). ھاياجانلىنىپ ناخشا ئېيتسىڭىز، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىسىز. جامائەتتىكى ھەر ئادەم، ياش، ياشانغان ياكى ھەقىقەتكە يېڭىدىن كەلگەن بولسۇن، يەھۋاغا ناخشا ئېيتىپ، ئىبادەت قىلالايدۇ. شۇڭا، چىن يۈرەكتىن ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنماڭ. زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ «پەرۋەردىگارغا ناخشا كۈيلەڭلار!» دېگەن سۆزلىرىگە ماس ھەرىكەت قىلايلى. كېلىڭلار، يەھۋاغا خۇرسەنلىك بىلەن ناخشا ئېيتايلى! (زەبۇر 96:1).
^ 11-ئابزاس ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، JW Broadcasting تېلېۋىزىيەسىدىن «دېيۋىد سىپلېين. يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئۆگىنەيلى» (خەنزۇچە) ناملىق نۇتۇقنى كۆرۈپ چىقىڭ (بىزنىڭ ستودىيا\نۇتۇقلار دېگەن توپلامدىن ئىزدەڭ).
^ 18-ئابزاس ھەر قېتىم بىر كۈن ياكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشنىڭ ئەتىگەنلىك ۋە چۈشتىن كېيىنكى پروگراممىسى ئون مىنۇتلۇق مۇزىكا بىلەن باشلىنىدۇ. مۇشۇ يېقىملىق مۇزىكىلار ناخشا ئېيتىشقا بولغان ئىشتىياقىمىزنى ئاشۇرۇپ، قەلبىمىزنى پروگراممىغا تەييارلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھەممىمىز ئۆز ئورنۇمىزغا ئولتۇرۇپ، ناخشا باشلانغاندا، تىڭشاشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك.