سىز يەھۋادىن پاناھ ئىزدەمسىز؟
«پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمىگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ» (زەبۇر 34:22).
ناخشىلار: 49، 32
1. خۇدانىڭ كۆپلىگەن سادىق خىزمەتچىلىرى گۇناھ سەۋەبلىك ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ؟
ئەلچى پاۋلۇس: «نېمە دېگەن بەختسىز ئادەممەن!»— دەپ يازغان (رىملىقلارغا 7:24). پاۋلۇسغا ئوخشاش، خۇدانىڭ كۆپلىگەن زامانىۋىي سادىق خىزمەتچىلىرى چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىدۇ. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، بىز يەھۋانى خۇشال قىلىشنى خالىساقمۇ، ھەممىمىز گۇناھنى مىراس ئالدۇق. شۇڭا، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشنى قىلالمىغاندا، ئۆزۈمىزنى يامان ھېس قىلىمىز. ئېغىر گۇناھ قىلغان بەزى مەسىھىيلەر يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيمەن دەپ ئويلايدۇ.
2. ئا) زەبۇر 34:22 خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزىنى داۋاملىق ئەيىبلىك ھېس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ ئە) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى قاراشتۇرىمىز؟ (« ساۋاق ئېلىش ئۈچۈنمۇ ياكى سىمۋوللۇق مەنىدىمۇ؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ.)
2 يازمىلار بىزنى يەھۋانىڭ پاناھى ئاستىدا بولساق، ئۆزۈمىزنى داۋاملىق ئەيىبلىك ھېس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ (زەبۇر 34:22نى ئوقۇڭ). ئەمما يەھۋانىڭ پاناھى ئاستىدا بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەھۋانىڭ رەھىمىگە ۋە كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشنى خالىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ كېلىڭلار، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، قەدىمقى ئىسرائىلدىكى پاناھگاھ شەھەرلىرى ھەققىدە كۆرۈپ چىقايلى. بۇ چارە-تەدبىر، مىلادى 33-يىلى ھوسۇل يىغىش بايرىمىدا باشقا بىر ئەھدە، يەنى كېلىشىم بىلەن ئالماشتۇرۇلغان قانۇن كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى بولغان. ئەمما بۇ قانۇن يەھۋادىن كەلگەن. شۇڭا، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق يەھۋا خۇدانىڭ گۇناھقا، گۇناھكارلارغا ۋە گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا بولغان كۆزقارىشىنى كۆرەلەيمىز. ئاۋۋال ئىسرائىلدىكى پاناھگاھ شەھەرلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېرەك بولغانلىقىنى قاراپ چىقايلى.
«ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پاناھگاھ شەھەرلەرنى ئىلغاڭلار»
3. ئىسرائىللىقلار قاتىلنى قانداق قىلىشى كېرەك ئىدى؟
3 يەھۋا خۇدا بىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە بىپەرۋالىق قىلىمىغان. ئەگەر بىرەر ئىسرائىللىق بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، قېنى تۆكۈلگەن ئادەمنىڭ ئەڭ يېقىن ئەر تۇققىنى «قان ئىنتىقامىنى ئالغۇچى» سۈپىتىدە شۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك ئىدى (سانلار 35:19). شۇنداق قىلىپ، قاتىل ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئەيىبسىز ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى بېرىشى زۆرۈر بولغان. ئەگەر، ئۇ جاۋابكارلىققا تارتىلمىسا، ۋەدە قىلىنغان زىمىن ناپاك قىلىناتتى، يەنى مۇقەددەس بولمايتتى. يەھۋا: «ئۆزۈڭلار ئولتارغان يۇرتنى ناپاك قىلماڭلار»،— دەپ بۇيرىغان (سانلار 35:33، 34).
4. بىر ئىسرائىللىق ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، نېمە يۈز بەرگەن؟
4 ئەمما، بىر ئىسرائىللىق يەنە بىر كىشىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويسىچۇ؟ بۇ تەسادىپىي ئەھۋال بولسىمۇ، ئۇ ئەيىبسىز ئادەمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلغان (يارىتىلىش 9:5). بىراق، يەھۋا مۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇنىڭغا رەھىم كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بايقىماي بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادەم ئىنتىقام ئالغۇچىدىن قېچىپ، ئالتە پاناھگاھ شەھىرىنىڭ بىرىگە بارالىغان. شۇ شەھەردە تۇرۇشقا رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن، ئۇ بىخەتەر بولغان. لېكىن، ئۇ شۇ يەردە ئالىي روھانىينىڭ ئۆلۈمىگىچە ياشىشى كېرەك ئىدى (سانلار 35:15، 28).
5. پاناھگاھ شەھەرلەرنىڭ بولغانلىقىدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى بىلەلەيمىز؟
5 پاناھگاھ شەھەرلىرىنىڭ بولۇشىنى ئادەملەر ئەمەس، يەھۋانىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇ يەشۇئاغا: «سەن ئۆزۈڭ بەنى-ئىسرائىلغا ئېيتقىن:...«ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پاناھگاھ شەھەرلەرنى ئىلغاڭلار»»،— دەپ بۇيرىغان (يەشۇئا 20:1، 2، 7، 8). يەھۋانىڭ ئۆزى بۇ شەھەرلەرنى ئالاھىدە بىر مەقسەت ئۈچۈن ئاجرىتىشقا قارار قىلدى. شۇڭا، بۇ چارە-تەدبىردىن بىز يەھۋا ھەققىدە كۆپرەك بىلەلەيمىز. مەسىلەن، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ياخشىراق چۈشىنەلەيمىز ۋە بۈگۈنكى كۈندە قانداق قىلىپ ئۇنىڭ پاناھى ئاستىدا بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز.
«ئۆز ئەھۋالىنى» شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئېيتىپ بەرسۇن
6، 7. ئا) قەستەن ئۆلتۈرمىگەن ئادەمنى سوتلاشتا ئاقساقاللارنىڭ ئورنى قانداق بولغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.) ئە) قاچقۇننىڭ ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشى نېمىشقا دانالىق بولغان؟
6 ئىسرائىللىقلارنىڭ بىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، پاناھگاھ شەھىرىگە قېچىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاقساقاللارغا «ئۆز ئەھۋالىنى» ئېيتىپ بېرىشى ھەمدە ئاقساقاللار بولسا ئۇنى ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئېلىشى كېرەك ئىدى (يەشۇئا 20:4). كېيىنىرەك ئۇلار شۇ كىشىنى قاتىللىق يۈز بەرگەن شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئىشىنى قاراپ چىقاتتى (سانلار 35:24، 25نى ئوقۇڭ). ئەگەر بۇ ئاقساقاللار قاتىللىق ھەقىقەتەن تەساددىبىي بولغان دەپ قارار قىلسا، ھېلىقى كىشىنى پاناھگاھ شەھىرىگە قايتۇرغانىدى.
7 قاچقۇن نېمىشقا ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك بولغان؟ شۇ ئارقىلىق ئاقساقاللار ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاك ساقلانغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈپ، كىشىنى ئەتەي ئۆلتۈرمىگەن ئادەمگە يەھۋانىڭ رەھىمىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرەلىگەن. بىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى يازغاندەك، قاچقۇن ئاقساقاللارغا بارمىغان ئەھۋالدا، ئۇ ئۆلتۈرۈلەتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ تەتقىقاتچىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇدانىڭ تەلىپىنى ئورۇندىمىغان قاچقۇن ئۆز ئۆلۈمىگە ئۆزى جاۋابكار بولغان. ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كىشىنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن ئادەم ياردەم سوراپ، ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر، قاتىل پاناھگاھ شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە قاچمىسا، ئۆلگەن ئادەمنىڭ يېقىن تۇققىنىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ھوقۇقى بولاتتى.
8، 9. نېمىشقا ئېغىر گۇناھ قىلغانلار ئېتىقادچىلار ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك؟
8 بۈگۈنكى كۈندە گۇناھ قىلغان مەسىھىي يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن، ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىشى كېرەك. نېمىشقا بۇ شۇنچىلىك مۇھىم؟ بىرىنچىدىن، ئېغىر گۇناھ قىلغان ئادەمنىڭ ۋەزىيىتىنى قاراپ چىقىشنى ئاقساقاللارغا يەھۋا ئۆزى تاپشۇرغان (ياقۇپ 5:14—16). ئىككىنچىدىن، ئاقساقاللار توۋا قىلغان گۇناھكارغا يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا قايتا ئېرىشىشكە ۋە گۇناھىنى قايتا تەكرالىماسلىققا ياردەم بېرەلەيدۇ (گالاتىلىقلارغا 6:1؛ ئىبرانىيلارغا 12:11). ئۈچىنچىدىن، ئاقساقاللار گۇناھىغا توۋا قىلغان ئادەمنىڭ ۋىجدان ئازابىدىن ئايرىلىشقا ياردەم بېرىشكە تەيىنلەنگەن ۋە تەييارلانغان. يەھۋا مۇنداق ئاقساقاللارنى «بورانغا بولغان پاناھ» دەپ ئاتايدۇ (يەشايا 32:1، 2). بۇ چارە-تەدبىر ئارقىلىق يەھۋا بىزگە رەھىم-شەپقىتىنى كۆرسەتكەن.
9 يەھۋانىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچىلىرى ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندا، يېنىكلىشىپ قالغان. مەسىلەن، دېنىئېل ئىسىملىق بۇرادەر ئېغىر گۇناھ قىلغان، لېكىن بىرنەچچە ئاي داۋامىدا ئاقساقاللارغا بارمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئەمدى ئاقساقاللار ماڭا ياردەم بېرەلمەيدۇ، دەپ ئويلىدىم». بىراق دېنىئېل گۇناھى ھەققىدە كىمدۇ بىرى بىلىپ قالىدۇ، دەپ دائىم ئەنسىرىگەن ۋە يەھۋاغا ئېيتقان ھەربىر دۇئاسىنى كەچۈرۈم سوراشتىن باشلاش كېرەك، دەپ ئويلىغان. ئاخىرىدا، ئۇ ئاقساقاللارغا بېرىپ، ياردەم سورىغان. ئۇ ئۆتكەن ئىشنى ئەسلەپ: «ئەلۋەتتە، ئۇلارغا بېرىشتىن بەك قورقتۇم. ئەمما ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى يەلكەمدىن ئېغىر بىر تاغ چۈشكەندەك ھېس قىلدىم»،— دېدى. دېنىئېل بۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن يەھۋاغا ئەركىن دۇئا
قىلالىدى. ھازىر ئۇنىڭ ۋىجدانى پاك بولۇپ، يېقىندا ئۇ خىزمەت ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىشى كېرەك
10. كەچۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرسىنى بايقىماي ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادەم نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟
10 ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادەم كەچۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى پاناھگاھ شەھىرىگە قېچىشى كېرەك بولغان (يەشۇئا 20:4نى ئوقۇڭ). ئامان قېلىش ئۈچۈن ئۇ بۇ شەھەرگە تېزىراق بېرىپ، ئالىي روھانىينىڭ ئۆلۈمىگىچە شۇ يەردە ياشىشى لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بەزى نەرسىلەرنى قۇربان قىلىشقا توغرا كەلگەن. ئۇ ئۆز ئىشىنى ۋە قولايلىق ئۆيىنى تاشلاپ، ئەمدى ئەركىن-ئازادە سەپەر قىلالمايتتى * (ئىزاھاتقا قاراڭ) (سانلار 35:25). لېكىن، شۇنداق قىلىش ئەرزىيدىغان ئىش ئىدى. چۈنكى ئەگەر قاچقۇن ئۆز مەيلىچە شۇ شەھەردىن چىقسا، بىرسىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىگە بىپەرۋا بولغانلىقىنى كۆرسىتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلاتتى.
11. گۇناھىغا توۋا قىلىدىغان ئېتىقادچى خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
11 بۈگۈنكى كۈندە گۇناھىغا توۋا قىلغان ئادەممۇ خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بەلگۈلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەك. ئۇ گۇناھ قىلىشنى توختىتىشى لازىم. بۇ جىددىي گۇناھقا باشلايدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن نېرى تۇرۇشنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس كورىنتتىكى توۋا قىلغان مەسىھىيلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «خۇداغا ياقىدىغان قايغۇلىرىڭلار سىلەردە قانداق ئىخلاسنى، قانداق تازىلىنىشنى، قانداق غەزەپنى، قانداق قورقۇنچنى، قانداق خاھىشنى، قانداق تۈزىتىشنى ھاسىل قىلدى!» (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 7:10، 11). شۇڭا، ئەگەر بىز گۇناھ قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن قولۇمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، ئۆز ئەھۋالىمىزغا بىپەرۋا ئەمەسلىكىمىزنى ۋە يەھۋا بىزنى بەرىبىر كەچۈرىدىغۇ، دەپ ئويلىمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
12. يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە داۋاملىق ئېرىشىش ئۈچۈن، مەسىھ ئەگشكۈچىسى نېمىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن؟
12 يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە داۋاملىق ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى نېمىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇ گۇناھ قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان نەرسىلەردىن، ھەتتا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولۇشى لازىم (مەتتا 18:8، 9). مەسىلەن، دوستلىرىڭىز يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشىنى قىلىشقا دەۋەت قىلسا، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشنى توختىتامسىز؟ ئەگەر ئىچىملىكنى قانداق مۆلچەردە ئىچىشنى باشقۇرالمىسىڭىز، كۆپ ئىچىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن ۋەزىيەتلەردىن نېرى تۇرامسىز؟ ئەخلاقسىز ھەۋەسلەر بىلەن كۈرىشىش قىيىن بولسا، يامان ئويلارنى تۇغدىرىدىغان كىنولاردىن، توربەتلەردىن ۋە ئىشلاردىن قاچامسىز؟ يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قىلغان ھەممە قۇربانلىقلار ئۇنىڭغا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. يەھۋا خۇدا بىزنى تاشلاپ كەتتى، دېگەن ھېس-تۇيغۇدىن يامان ھېچ نەرسە يوق. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ «مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىنى» ھېس قىلىشتىن ئارتۇق ھەم ھېچ نەرسە يوقتۇر (يەشايا 54:7، 8).
بۇ شەھەرلەر پاناھگاھ بولىدۇ
13. پاناھگاھ شەھىرىدە قاچقۇن نېمىشقا خەۋپسىز، تىنچ ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرەلىگەن؟ چۈشەندۈرۈڭ.
13 قاچقۇن پاناھگاھ شەھىرىدىن چىقمىسا، بىخەتەر بولاتتى. يەھۋا شۇ شەھەرلەر ھەققىدە: «بۇ شەھەرلەر... سىلەرگە... پاناھگاھ يەشۇئا 20:2، 3). يەھۋا قاچقۇننىڭ قايتىدىن سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن، قاچقۇننى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن، قان ئىنتىقامىنى ئالغۇچىغا پاناھگاھ شەھىرىگە كىرىش مەنئىي قىلىنغان. قاچقۇن شۇ شەھەردە تۇرغان ھالدا، يەھۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولغان. ئۇ تۈرمىدە بولمىغان. ئۇنىڭ ئىشلەش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ۋە يەھۋاغا تىنچ-خاتىرجەم ئىبادەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان. ھە، ئۇ بەخت-سائادەتلىك ھايات كەچۈرەلىگەن!
بولىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (14. گۇناھىغا توۋا قىلغان مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى نېمىگە ئىشىنەلەيدۇ؟
14 ئېغىر گۇناھ قىلغان بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىسى توۋا قىلغاندىن كېيىنمۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بەزىلىرى ھەتتا يەھۋا ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ھېس قىلسىڭىز، ئىلتىماس، يەھۋانىڭ سىزنى كەچۈرگەنلىكىگە كامىل ئىشىنىڭ. ئۇ كەچۈرسە، پۈتۈنلەي كەچۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەۋەرمەڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دېنىئېلمۇ بۇنى ھەقىقىي ھېس-قىلىپ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئىشىنى قاراپ چىقىپ، پاك ۋىجدانغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى ئۆزۈمنى ئەيىبلىك ھېس قىلمىدىم. گۇناھىم پۈتۈنلەي كەچۈرۈلدى. يەھۋا خۇدا دېگەندەك، ئۇ يۈكىڭىزنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۇنى قايتا-قايتا ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق». قەدىمدە پاناھگاھ شەھىرىگە كىرگەن قاچقۇن، ئىنتىقام ئالغۇچى كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ كېتەرمۇ، دەپ قورقمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، گۇناھىمىزنى كەچۈرگەندىن كېيىن، يەھۋا گۇناھىمىزنى قايتىدىن ئەسلەپ، بىزنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، دەپ قورقماسلىقىمىز كېرەك (زەبۇر 103:8—12نى ئوقۇڭ).
15، 16. ئەيسانىڭ تۆلەم بەرگەنلىكى ۋە ئالىي روھانىي ئىكەنلىكىنى بىلىش خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق مۇستەھكەملەيدۇ؟
رىملىقلارغا 7:25). بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى قانداق؟ پاۋلۇس گۇناھكار ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ، بۇرۇن گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا توۋا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ ئاساسىدا يەھۋانىڭ ئۇنى كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئەيسا جېنىنى پىدا قىلغانلىقتىن، بىز پاك ۋىجدانغا ۋە كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئىگە بولالايمىز (ئىبرانىيلارغا 9:13، 14). ئالىي روھانىي سۈپىتىدە ئەيسا «تەڭرىگە ئۇنىڭ ئارقىلىق يېقىنلىشىۋاتقانلارغا تولۇق قۇتقۇزۇشنى بېرىشكە قابىل، چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ھەردائىم تىرىك» (ئىبرانىيلارغا 7:24، 25). قەدىمدە ئىسرائىللىقلار ئالىي روھانىي ئارقىلىق يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلىگەن. بىزنىڭ ئالىي روھانىيىمىز ئەيسا بولغانلىقتىن، بىزدە يەھۋانىڭ «مول مېھىرلىگىگە ئېرىشىشكە ھەم رەھىملىكىنى تېپىشقا» سەۋەب تېخىمۇ كۆپ (ئىبرانىيلارغا 4:15، 16).
15 دەرھەقىقەت، ئىسرائىللىقلارغا قارىغاندا، بىزدە يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە تېخىمۇ كۆپ سەۋەب بار. پاۋلۇس يەھۋاغا مۇكەممەل ھالدا بويسۇنالمىغانلىقىغا ئېچىنىپ، «نېمە دېگەن بەختسىز ئادەممەن!» دەپ يازغاندىن كېيىن: «ھاكىمدارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا شۈكۈر!»— دەپ ئېيتقان (16 ئۇنداقتا، يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. تۆلەم پەقەت كۆپ سانلىق ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دەپ ئويلىماستىن، ئۇنىڭ پايدىسىنى شەخسەن سىز ئۆزىڭىز كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ (گالاتىلىقلارغا 2:20، 21). تۆلەم قۇربانلىقى تۈپەيلىدىن يەھۋا سىزنىڭ گۇناھلىرىڭىزنى كەچۈرىدۇ. تۆلەم سىزگە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئەيسانىڭ قۇربانلىقى — يەھۋانىڭ سىزگە بەرگەن ھەدىيەسى!
17. نېمىشقا سىز يەھۋادىن پاناھ ئىزدەشنى خالايسىز؟
17 پاناھگاھ شەھەرلىرى يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. خۇدانىڭ بۇ چارىسى بىزگە ھاياتنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ چارە-تەدبىر ئاقساقاللارنىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى، ھەقىقىي توۋا قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە نېمىشقا يەھۋا بىزنى پۈتۈنلەي كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سىز يەھۋادىن پاناھ ئىزدەمسىز؟ دۇنيادا بۇنىڭدىن بىخەتەر ئورۇن يوق! (زەبۇر 91:1، 2). كېلەركى ماقالىدە پاناھگاھ شەھەرلىرى ئادالەت ۋە رەھىم-شەپقەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسى بولغان يەھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى قاراپ چىمىز.
^ 10-ئابزاس يەھۇدىي تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قاچقۇننىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ياشاش ئۈچۈن پاناھگاھ شەھىرىگە كۆچەتتى.