ھېچ نەرسە سىزنى مۇكاپاتتىن ئايرىمىسۇن
«ھېچقانداق ئادەم مۇكاپىتىڭلاردىن مەھرۇم قىلمىسۇن» (كولوسىلىقلارغا 2:18).
ناخشىلار: 32، 55
1، 2. ئا) خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى قانداق مۇكاپاتقا كۆز تىككەن؟ ئە) كۆزۈمىزنى مۇكاپاتقا تىكىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
مايلانغان مەسىھىيلەردە ئېسىل ئۈمىد بار. ئۇلار ئاسماندىكى ھاياتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە. ئەلچى پاۋلۇس بۇ ئۈمىدنى «خۇدانىڭ... مۇكاپىتى» دەپ ئاتىغان (فىلىپپىلىقلارغا 3:14). ئاسماندا ئۇلار ئەيسا مەسىھ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادەملەرنى مۇكەممەللىككە يېتەكلەشكە ياردەم قىلىدۇ (ۋەھىي 20:6). نېمە دېگەن ئاجايىپ ئۈمىد! باشقا قويلار بولسا، باشقىچە مۇكاپاتنى كۈتمەكتە. ئۇلار يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاشقا ئۈمىدىگە ئىگە بولدى، بۇ ئۈمىد ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ! (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:13).
2 ئەلچى پاۋلۇس ئۆز زامانىدىكى مايلانغان قېرىنداشلارنىڭ سادىق بولۇپ، مۇكاپات ئېلىشىنى خالىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا: «ئاسماندىكىنى ئويلاڭلار»،— دېگەن (كولوسىلىقلارغا 3:2). شۇنداق، ئۇلار ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىگە كۆز تىكىشى كېرەك ئىدى (كولوسىلىقلارغا 1:4، 5). يەھۋانىڭ بەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش، خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرىگە مەيلى قانداق ئۈمىدى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆزىنى مۇكاپاتقا تىكىشكە ياردەم بېرىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 9:24).
3. پاۋلۇس قېرىنداشلارنى نېمە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان؟
3 شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس قېرىنداشلارنى مۇكاپاتتىن ئايرىشى مۇمكىن خەتەرلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. مەسىلەن، كولوسىلىقلارغا يازغان خېتىدە ئۇ مەسىھكە ئىشىنىش ئارقىلىق ئەمەس، تەۋرات قانۇنىنى تۇتۇش ئارقىلىق خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان يالغان مەسىھىيلەر توغرىسىدا يازغان (كولوسىلىقلارغا 2:16—18). شۇنداقلا، ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت خەۋپ-خەتەرلەر ھەققىدە ئېيتىپ، ئۇلار بىزنى مۇكاپىتىمىزدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاقسىز ھەۋەسلەرگە قانداق قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە ئائىلىمىزدە ياكى جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن قىيىنچىلىق پەيدا بولغاندا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى. پاۋلۇس بەرگەن قىممەتلىك مەسلىھەتلەر بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ كولوسىلىقلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بەرگەن بەزى مەسلىھەتلىرىنى قاراپ باقايلى.
ئەخلاقسىز ھەۋەسلەرنى ئۆلتۈرۈڭ
4. نېمىشقا ئەخلاقسىز ھەۋەسلەر بىزنى مۇكاپىتىمىزدىن ئايرىشى مۇمكىن؟
4 پاۋلۇس قېرىنداشلارغا ئېسىل ئۈمىد ھەققىدە ئەسلەتكەندە، مۇنداق يازغان: «شۇڭا يەرلىك ئەزالىرىڭلارنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋەت، خەتەرلىك خاھىشلار ھەم... ئاچكۆزلۈكنى ئۆلتۈرۈڭلار» (كولوسىلىقلارغا 3:5). ئەخلاقسىز ھەۋەسلەر بەك كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن ۋە يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇپ، كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىزدىن ئايرىشى مۇمكىن. ئەخلاقسىز ھەۋەسلىرىگە بېرىلگەن بىر بۇرادەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەۋەسلەرنىڭ كۈچلۈك بېرىلىپ كەتتىمكى، «بۇرنىغا يېمىگىچە، توغرا يولغا قايتمىدىم».
5. خەتەرلىك ۋەزىيەتلەردە ئۆزۈمىزنى قانداق ھىمايە قىلالايمىز؟
5 يەھۋانىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلماي قالىدىغان ۋەزىيەتتە بولۇپ قالساق، ئالاھىدە پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، مۇھەببەتلىشىشگە باشلىغان قىز-يىگىتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپ قول تۇتۇشۇش، سۆيۈشۈش ۋە ئىككىسى يالغۇز قېلىش دېگەنلەرگە چەك-چىگرا بەلگىلىسە دانالىق بولىدۇ (پەندى-نەسىھەت 22:3). ياكى بولمىسا، خىزمەت ئۈچۈن سەپەرگە يات جىنسلىق ئادەم بىلەن چىققاندا، خەتەرلىك ۋەزىيەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن (پەندى-نەسىھەت 2:10—12، 16). مۇنداق ۋەزىيەتلەردە ئۆزىڭىزنى قانداق ھىمايە قىلالايسىز؟ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ. گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە ئۆزىڭىزنى مۇۋاپىق تۇتۇپ، ئەركىلەش ياكى كۆز-قاش ئوينىتىشنىڭ ئاقىۋېتى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. كۆڭلۈمىز يېرىم چاغدىمۇ بەك ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، شۇ چاغدا بىرسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە تەسەللىي بېرىشىگە مۇھتاج بولۇشىمىز مۇمكىن. مۇنداق چاغدا، بىزگە كۆڭۈل بۆلگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەسەللىيسىنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال. سىزدىمۇ مۇنداق ھېس-تۇيغۇ پەيدا بولسا، مۇكاپىتىڭىزدىن مەھرۇم قىلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى قىلماڭ. بەلكى، يەھۋا خۇدا ۋە قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىڭ (زەبۇر 34:18؛ پەندى-نەسىھەت 13:20نى ئوقۇڭ).
6. كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى تاللىغاندا، نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟
6 ئەخلاقسىز ھەۋەسلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئەخلاقسىز ئويۇن-تاماشا تۈرلىرىنى رەت يەھۇدا 7). ئويۇن-تاماشىنى ئويلاپ چىقىرىدىغانلار جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنى ئادەتتىكى، ھېچ زىيىنى يوق ئىشتەك كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بىز ھەردائىم پەخەس بولۇشىمىز زۆرۈر. بىز بۇ دۇنياغا خاس ھەرقانداق ئويۇن-تاماشا تۈرىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئەكسىچە، مۇكاپىتىمىزدىن ئايرىمايدىغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى تاللىشىمىز لازىم (پەندى-نەسىھەت 4:23).
قىلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سودوم ۋە گومورادىكى ئەھۋالنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (مېھىر-مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىققا كىيىنەيلى
7. جامائەتتە قانداق قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟
7 خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان جامائەتنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىمىزغا بەك خۇرسەنمىز. بىز جامائەت ئۇچرىشىشلىرىدا خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىمىز ۋە بىر-بىرىمىزنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز. بۇ بار دىققىتىمىزنى مۇكاپاتقا قارىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەمما بەزىدە قېرىنداشلار ئارىسىدىكى چۈشەنمەسلىكلەر تۈپەيلىدىن قىيىنچىلىقلار پەيدا بولىدۇ. مۇنداق قىيىنچىلىقلارنى ياخشى ھەل قىلمىساق، يۈرىكىمىزدە ئاداۋەت يىلتىز تارتىشى مۇمكىن (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:8، 9نى ئوقۇڭ).
8، 9. ئا) مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمىزگە قانداق خىسلەتلەر ياردەم بېرىدۇ؟ ئە) قېرىندىشىمىز بىزنى رەنجىتسە، ئىناقلىقنى ساقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
8 ئاداۋەتنىڭ بىزنى مۇكاپاتتىن ئايرىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «خۇدانىڭ تاللاۋالغانلىرىدەك، مۇقەددەسلەر ۋە سۆيۈملۈكلەر، ھەمدەرتلىك، مېھرىبانلىق، ئەقىل مۆمۈنلىكىنىڭ، مۇلايىملىق ھەم ئۇزاق سەۋرچانىڭ نازۇك سېزىملىرىگە پۈركۈنەيلى. ھەتتا ئەگەر كىمدۇ-بىرسىنىڭ باشقىسىغا شىكايەت قىلىشىغا ئاساس بولسىمۇ، بىر-بىرىڭلارغا چىداملىق بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى ھىممەتلىك كەچۈرۈڭلار. يەھۋا سىلەرنى ھىممەتلەرچە كەچۈرگەندەك، سىلەرمۇ شۇنداق كەچۈرۈڭلار. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، مېھىر-مۇھەببەتكە يۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇ — بىرلىكنىڭ مۇكەممەل رىشتىلىرىدۇر» (كولوسىلىقلارغا 3:12—14).
9 مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مېھرىبانلىق باشقىلارنى كەچۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. بىرسىنىڭ سۆزى ياكى ئىشى كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتسا، ئۆزۈمىزنىڭمۇ باشقىلارنى سۆزۈمىز ياكى ھەرىكىتىمىز بىلەن خاپا قىلغانلىقىمىزنى ۋە ئۇلار بىزنى قانداق كەچۈرگەنلىكىنى ئېسىمىزغا ئالساق بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن مېھرىبانلىقىغا قانچىلىك مىننەتدار بولدۇق! (ۋەز 7:21، 22نى ئوقۇڭ). مەسىھ ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىگە مىننەتدارمىز (كولوسىلىقلارغا 3:15). ھەممىمىز بىر خۇدانى ياخشى كۆرىمىز، بىر خەۋەرنى جاكارلايمىز ۋە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزمۇ ئوخشاش. ئەگەر بىز بىر-بىرىمىزنى سۆيۈپ، مېھرىبان ۋە كەچۈرۈمچان بولساق، جامائىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ ۋە بىز مۇكاپاتقا كۆز تىككەن بولىمىز.
10، 11. ئا) كۆرەلمەسلىك نېمىشقا خەتەرلىك؟ ئە) كۆرەلمەسلىك بىزنى مۇكاپاتتىن ئايرىماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
10 كۆرەلمەسلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمىزگە توسالغۇ قىلىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللاردىن كۆرەلمەسلىكنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، قابىل ئىنىسى ھابىلغا ھەسەت قىلغانلىقتىن، ئۇنى ئۆلتۈرگەن. كوراھ، داتان، ۋە ئابىرام مۇساغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققان. شائۇل پادىشاھ داۋۇتنى كۆرەلمەي، ياقۇپ 3:16).
ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. خۇدا سۆزىدىكى مونۇ سۆزلەر راست ئېيتىلغان: «قەيەردە كۆرەلمەسلىك ھەم ئۇرۇشقاقلىق بولسا، شۇ يەردە تەرتىپسىزلىك ھەم بارلىق يامانلىقلار بولىدۇ» (11 ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مېھرىبانلىققا ئىنتىلىشكە تىرىشساق، كۆرەلمەسلىككە ئاسان بېرىلمەيمىز. مۇقەددەس كىتابتا: «مېھىر-مۇھەببەت ئۇزاق سەۋرلىك ھەم مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت قىزغانمايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4). كۆرەلمەسلىك قەلبىمىزدە يىلتىز تارتماسلىقى ئۈچۈن ھەرقانداق مەسىلىدە كۆزقارىشىمىز يەھۋانىڭكىدەك بولۇشى كېرەك. قېرىنداشلىرىمىزغا بىر تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ، ئەزالىرى سۈپىتىدە قارىشىمىز لازىم. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىر ئەزانىڭ داڭقى چىقسا، ئۇنىڭ بىلەن ھەممە ئەزالار شاتلىنىدۇ» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 12:16—18، 26). قېرىندىشىمىز قانداقتۇ بىر ئۇتۇققا يەتسە، بىز ئۇنىڭغا كۆرەلمەسلىك قىلماي، ئەكسىچە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇشال بولىمىز. شائۇل پادىشاھنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس، داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىغا ھەسەت قىلمىغان. ھەتتا داۋۇتقا تەسەللىي بېرىپ، ئۇنى قوللىغانىدى (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 23:16—18). بىزمۇ يوناتانغا ئوخشاش، مېھرىبانلىق بىلەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەلەيمىزمۇ؟
ئائىلىڭىز بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىڭ
12. مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى مەسلىھەت ئائىلىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ياردەم بېرىدۇ؟
12 ئائىلىمىزنىڭ ھەربىر ئەزاسى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىدىن پايدىلانسا، ئۆي-ئىچىمىز ئىناق ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرۈپ، كېلەچەكتە مۇكاپاتقا ئىگە بولىمىز. پاۋلۇس ئائىلىلەرگە مۇنداق دانا مەسلىھەت بەرگەن: «ئاياللار، ئەرلىرىڭلارغا ھاكىمدار يولىدا لايىق بولغاندەك بېقىنىڭلار. ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈشنى توختاتماڭلار ۋە كولوسىلىقلارغا 3:18—21). قانداق ئويلايسىز، بۇ مەسلىھەت ئائىلىڭىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئۇلار بىلەن قوپال بولماڭلار. بالىلار، ھەممە نەرسىدە ئاتا-ئاناڭلارنى تىڭشاڭلار، چۈنكى بۇ ھاكىمدارىمىزغا ياقىدۇ. ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلى چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى تېرىكتۈرمەڭلار» (13. قېرىنداش يەھۋاغا ئىشەنمەيدىغان ھەمراھىنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىش ئىستىگىنى قانداق ئويغىتالايدۇ؟
13 ئەگەر ھەمراھىڭىز يەھۋاغا ئىشەنمىسە ۋە سىزگە ھۆرمەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا، نېمە قىلىسىز؟ ئاچچىقلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن گەپ تاللاشسىڭىز، ۋەزىيەت ياخشىلىنامدۇ؟ سىز يېڭىۋالسىڭىزمۇ، بۇنىڭ ئارقىلىق ئېرىڭىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئارزۇسى پەيدا بولامدۇ؟ بەلكىم، بولمايدۇ. ئەمما سىز ھەمراھىڭىزغا ئائىلە بېشىغا ھۆرمەت كۆرسەتسىڭىز، ئائىلىڭىزنىڭ ئىناق، خاتىرجەم بولۇشىغا ھەسسە قوشۇسىز ۋە يەھۋانى مەدھىيىلەيسىز. سىزنىڭ ياخشى ئۈلگىڭىز ھەمرايىڭىزدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئىستىكىنى ئويغىتىپ، نەتىجىسىدە ئىككىلىڭلار مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىلەر (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:1، 2نى ئوقۇڭ).
14. يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئايالى بۇرادەرنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇ نېمە قىلىشى لازىم؟
14 بەلكىم، ئايالىڭىز يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغاندۇ. ئەگەر ئۇ سىزنى ھۆرمەتلىمەيدۇ دەپ ئويلىسىڭىز، نېمە قىلىسىز؟ ئايالىڭىزغا ۋاقىراپ، ئۆيدە كىم غوجايىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسىڭىز، ئۇ سىزنى ھۆرمەتلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! خۇدا سۆزى مەسىھتىن ئۈلگە ئېلىپ، ياخشى كۆرىدىغان ئەر بولۇڭ، دەپ كۈتىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 5:23). جامائەتنىڭ بېشى بولغان ئەيسا ھەرقاچان سەۋرچان ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولغان (لۇقا 9:46—48). ئەگەر ئەيسانى ئۈلگە قىلسىڭىز، ۋاقىت ئۆتۈپ، ئايالىڭىزمۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى خالىشى مۇمكىن.
15. مەسىھىي ئەر ئايالىنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
15 يەھۋا ئەرلەرگە: «ئۆز ئاياللىرىڭلارنى كولوسىلىقلارغا 3:19). سۆيگۈ-مۇھەببىتى مول ئەر ئايالىغا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. قانداقلارچە؟ ئۇ ئايالىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىناۋەتكە ئېلىپ، ئېيتقانلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:7). ھەتتا، ئۇ ئايالىنىڭ ھەممە ئۆتۈنىشىنى ئورۇندىيالمىسىمۇ، ئۇنى دىققەت قويۇپ تىڭشىسا، ياخشىراق قارارلارنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 15:22). سۆيىدىغان ئەر ئايالىدىن ئۇنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلماي، ئەكسىچە، ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. ئائىلە بېشى ئايالى بىلەن بالىلىرىنى ياخشى كۆرسە، ئۇلار بەختلىك بولۇپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشى ۋە ھايات مۇكاپىتىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
سۆيۈشنى توختاتماڭلار ۋە ئۇلار بىلەن قوپال بولماڭلار»،— دەپ بۇيرىغان (ياشلار، مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ھېچ نەرسە توسالغۇ بولمىسۇن!
16، 17. ياش چېغىڭىزدا ئاتا-ئانىڭىزغا قاتتىق خاپا بولماسلىققا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
16 ياش بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى چۈشەنمەيدىغاندەك ياكى ھەددىدىن تاشقىرى تەلەپچان كۆرۈنىدىغاندۇ. بۇنىڭغا قاتتىق رەنجىپ، ھەتتا يەھۋاغا خىزمەت قىلغىڭىز كەلمەي قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، مۇشۇ سەۋەب يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاشلىسىڭىز، بۇ دۇنيادا سىزنى خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ئاتا-ئانىڭىز بىلەن جامائەتتىكى دوستلىرىڭىزغا ئوخشاش ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنىسىز.
17 ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز سىزنى تۈزەتمىسە، ئۇلار سىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ (ئىبرانىيلارغا 12:8). ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىڭىز نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ سىزنى قانداق تۈزىتىدىغانلىقى سىزگە ياقماسلىقى مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭغا تېرىكىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار مۇنداق قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە كۈچ سېلىڭ. ئېغىر بېسىقلىقنى ساقلاپ، ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزغا بېرىلمەڭ. خۇدانىڭ سۆزىدە: «بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار، يورۇتۇلغان ئادەم بولسا، قالتىس ئېغىر بېسىق بولار»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 17:27). مەسلىھەت قانداق بېرىلگەنلىكىگە قارىماستىن، ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالالايدىغان يېتىلگەن ئادەم بولۇشنى نىشانىڭىز قىلىڭ (پەندى-نەسىھەت 1:8). يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بار بولغانلىقى تەڭدىشى يوق ھەدىيە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. ئۇلار سىزنىڭ مەڭگۈ ياشاش مۇكاپىتىنى ئېلىشىڭىز ئۈچۈن ھارىماي-تالماي ياردەم بېرىدۇ.
18. نېمىشقا مۇكاپاتقا كۆز تىكىشكە بەل باغلىدىڭىز؟
18 مەيلى بىزدە يەردە ياكى ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىزنى گۈزەل كېلەچەك كۈتمەكتە. بۇ — ھەقىقىي ئۈمىد. ئۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسلانغان. جەننەتتىكى ھايات ھەققىدە خۇدا: «پۈتۈن يەر-يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (يەشايا 11:9). پات يېقىندا يەردە تۇرىدىغان ھەربىر ئادەم خۇدا توغرىسىدا تەلىم ئالىدۇ. بۇ ئىنتىلىشكە ئەرزىيدىغان مۇكاپات ئەمەسمۇ؟! شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋانىڭ سىزگە بەرگەن ۋەدىسىنى ھېچقاچان ئەستىن چىقارماڭ ۋە ھېچ نەرسىنىڭ سىزنى بۇ مۇكاپاتتىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭ!