«ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ»
«پەرۋەردىگارغا [يەھۋاغا] ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ» (يەشايا 40:31).
ناخشىلار: 152، 51
1. بىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز؟ لېكىن نېمە ئۈچۈن يەھۋا سادىق خىزمەتچىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
بۇ دۇنيادا ياشاش ئاسان ئەمەس. مەسىلەن، كۆپلىگەن ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئازابىنى تارتماقتا. يەنە بەزىلىرى يېشى چوڭ بولسىمۇ، ياشانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك. باشقا قېرىنداشلار ئۈچۈن ئائىلىسىنى تەمىنلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىرىمىز بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ پەقەت بىرىگە ئەمەس، بەلكى بىرنەچچىسىگە دۇچ كېلىمىز. بۇنىڭغا كۆپ ۋاقتىمىز، كۈچىمىز ۋە پۇلىمىز كېتىدۇ. لېكىن، يەھۋانىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز، چۈنكى خۇدا بۇنى ۋەدە قىلغان. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەدىگە بولغان ئىشەنچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ!
2. يەشايا 40:29 بىزگە قانداق تەسەللىي بېرىدۇ؟ قانداق ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن؟
2 ئەمما، بەزىدە قىيىنچىلىقلىرىڭىزغا بەرداشلىق بېرىش ھەددىدىن زىيادە قىيىن بولۇپ كۆرۈنەمدۇ؟ شۇنداق بولسا، سىز يالغۇز ئەمەس. خۇدانىڭ قەدىمدىكى بەزى خىزمەتچىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولغان (پادىشاھلار 1-يازما 19:4؛ ئايۇپ 7:7). ئۇلارغا بەرداشلىق بېرىشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇلار يەھۋانىڭ كۈچ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. مۇقەددەس كىتابتا خۇدا «ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدىغانلىقى» ئېيتىلغان (يەشايا 40:29). ئەپسۇسكى، بۈگۈن خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى بىردەم توختىتىپ تۇرۇش دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئويىچە، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش — بەرىكەت ئەمەس، ئېغىر يۈكتۇر. شۇڭا، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش، ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىش ھەم ۋەز قىلىشنى توختىتىدۇ. شەيتان دەل مۇشۇنى كۆزلەيدۇ.
3. ئا) شەيتاننىڭ بىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ ئە) بۇ ماقالىدە نېمىنى قۆرۈپ چىقىمىز؟
3 شەيتان بىزنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمىزنى خالىمايدۇ. يەھۋاغا خىزمەت قىلىش بىلەن بەنت بولساق، كۈچلۈكرەك بولىدىغانلىقىمىزنى ئۇ ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا، جىسمانىي ياكى ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن ماغدۇرسىزلىنىپ كەتسىڭىز، يەھۋادىن يىراقلاشماڭ. ئەكسىچە، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭ. مۇقەددەس كىتابتا: «[خۇدا] مۇستەھكەملەپ، سىلەرنى كۈچلۈك قىلىدۇ»،— دەپ يېزىلغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:10؛ ياقۇپ 4:8). بۇ ماقالىدە بىز يەشايا 40:26—31 ئايەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، يەھۋانىڭ بىزنى كۈچلۈك قىلالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. كېيىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى يوقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىككى خىل ۋەزىيەتنى قاراپ چىقىمىز. شۇنداقلا، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى تەدبىقلاش بەرداشلىق بېرىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
يەھۋاغا ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ
4. يەشايا 40:26دىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
4 يەشايا 40:26نى ئوقۇڭ. ھېچكىم كائىناتتىكى ھەممە يۇلتۇزلارنى ساناپ چىقالمايدۇ. ئالىملار سامان يولى سېستىمىسىنىڭ ئۆزىدە 400 مىليارد يۇلتۇز بار، دەپ ھېسابلايدۇ. يۇلتۇزلار شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە نام بەرگەن. بۇنىڭدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟ ئەگەر ئۇ جانسىز يۇلتۇزلارنىڭ ھەربىرىگە شۇنداق ئايرىم-ئايرىم كۆڭۈل بۆلسە، سىزگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلمەمدۇ؟! سىز خۇداغا مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن خىزمەت قىلىسىز (زەبۇر 19:1، 3، 14). ئەرشتىكى ئاتىمىز سىز توغرىسىدا ھەممىنى بىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا: «سىلەرنىڭ بولسا، ھەتتا بېشىڭلاردىكى چېچىڭلارمۇ سانالغان»،— دەپ يېزىلغان (مەتتا 10:30). يەھۋا «كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ» (زەبۇر 37:18). بەك ئېنىقكى، يەھۋا سىزنىڭ ھەممە قىيىنىچىلىقىڭىزنى كۆرىدۇ ۋە شۇلارغا قارشى تۇرۇشتا زۆرۈر بولىدىغان كۈچنى ھەم بېرەلەيدۇ.
5. يەھۋانىڭ بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرەلەيدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنسەك بولىدۇ؟
5 يەشايا 40:28نى ئوقۇڭ. يەھۋا — بارلىق كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسى. مەسىلەن، ئۇنىڭ قۇياشقا بەرگەن ئېنىرگىيىسىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئالايلى. دېيۋىد بودانىس ئىسىملىك ئىلم-پەن يازغۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قۇياشنىڭ بىر سېكۇنت ئىچىدە تارقىتىدىغان قۇۋىتى مىللىياردلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچ-قۇۋىتىگە تەڭ كېلىدىكەن. باشقا بىر تەتقىقاتچى ھېسابلاپ چىققان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، قۇياش ھەر سېكۇنت دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانىيەتكە 200000 يىلغا يەتكۈدەك كۈچ-قۇۋۋەتنى تارقىتىدىكەن! ئەلۋەتتە، قۇياشقا كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدىغان يەھۋا خۇدا، بىزگىمۇ قىيىنچىلىققا بەرداشلىق، بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۈچ قۇۋۋىتىنى بېرەلەيدۇ.
6. ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇقى قايسى مەنىدە قولايلىق ۋە بۇنى بىلىش سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
6 يەشايا 40:29نى ئوقۇڭ. يەھۋاغا خىزمەت قىلىش زور خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. ئەيسا شاگىرتلىرىغا: «بويۇنتۇرۇقۇمنى بوينۇڭلارغا ئېلىڭلار»،— دېگەن. بىراق، كېيىن ماۋۇ سۆزنى قوشۇپ قويغان: «شۇ چاغدا جېنىڭلار تەسكىنلىك تاپىدۇ. سەۋەبى بويۇنتۇرۇقۇم قولايلىق ۋە يۈكۈم يېنىك» (مەتتا 11:28—30). ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق! بەزىدە، جامائەت ئۇچرىشىشىغا ياكى ۋەز قىلىشقا بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈمىزنى شۇنداق چارچىغاندەك ھېس قىلىمىز. ئەمما، ئۆيگە قايتقاندىچۇ، ئۆزۈمىزنى قانداق ھېس قىلىمىز؟ جانغا تەسكىن تېپىپ روھلىنىپ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلانغاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز. ئەيسانىڭ بويۇنتۇرۇغى ھەقىقەتەن جانغا ئارام بېرىدۇ.
7. مەتتا 11:28—30دىكى سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش كېسىلى، چۈشكۈنلىشىش ۋە شۇنداقلا دائىملىق باش ئاغرىقى بىلەن ئازاب چېكىدىكەن. شۇڭا، بەزىدە ئۇنىڭغا ئۇچرىشىشلارغا بېرىش ئىنتايىن قىيىن بولغان. ئەمما، بىر كۈنى بار كۈچىنى يىغىپ ئۇچرىشىشقا بارغاندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دەپ يازغانىدى: «شۇ كۈنى ئېيتىلغان نۇتۇق چۈشكۈنلۈك ھەققىدە بولغان. ناتىقنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەپ، كۆيۈنۈپ ئېيتقانلىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلىپ، كۆزۈمگە ياش ئالدىم. شۇ چاغدا جامائەت ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ماڭا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم». ئۇچرىشىشقا بېرىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىمدىن ئۇ بەك خۇشال بولدى!
8، 9. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ «ئاجىز ۋاقتىمدا كۈچلۈكمەن» دېگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسى نېمە؟
8 يەشايا 40:30نى ئوقۇڭ. مەيلى قولۇمىزدىن قانچىلىك كۆپ ئىش كەلسۇن، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ شۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولالمايدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ كۆپ ئىشلارنى قىلىش قابىلىيىتى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلالمىغان. ئۇ يەھۋاغا ئىچ-باغرىنى تۆككەندە، يەھۋا ئۇنىڭغا: «مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا مۇكەممەللىشىدۇ»،— دېدى. پاۋلۇس يەھۋانىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكتىن: «مەن ئاجىز ۋاقتىمدا كۈچلۈكمەن»،— دەپ ئېيتقان (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 12:7—10). پاۋلۇس نېمىنى نەزەردە تۇتقان؟
9 پاۋلۇس ئۆز كۈچى بىلەن قىلالايدىغان نەرسىلەرنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بىرسىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغان. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى پاۋلۇسقا ئاجىزلىشىپ قالغان چاغدا كۈچ بېرەلەيتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مۇقەددەس روھ پاۋلۇسقا ھەتتا ئۆز كۈچى بىلەن قىلالمايدىغان ئىشلارنى ئورۇنداشقا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلاتتى. بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزدىمۇ دەل شۇنداق. يەھۋا بىزگە مۇقەددەس روھىنى بەرگەندە، بىز ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولۇمىز!
10. يەھۋا داۋۇتنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن قانداق ياردەم بەرگەن؟
10 زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇت مۇقەددەس روھنىڭ كۈچىنى ئۆز ھاياتىدا كۆپ قېتىم كۆرگەن. ئۇ مۇنداق كۈيلىگەن: «سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگرەپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم» (زەبۇر 18:29). كاتتا سېپىل تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس بولغاندەك، بەزىدە قىيىنچىلىقلىرىمىز بەكمۇ ئېغىر بولغاچ، ئۇلارنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلالمايمىز. بىزگە چوقۇم يەھۋانىڭ ياردىمى كېرەك.
11. مۇقەددەس روھ قانداقلارچە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ؟
11 يەشايا 40:31نى ئوقۇڭ. بۈركۈت ئاسماندا پەرۋاز قىلغاندا، پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىنىلا ئىشلەتمەيدۇ. ئىللىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى بۈركۈتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۇچۇپ، كۈچىنى تېجەپ قالالايدۇ. شۇڭا، جېنىڭىزنى قىينايدىغان قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە بۈركۈتلەر ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋانىڭ ياردەمچى«سى»، يەنى مۇقەددەس روھ، ئارقىلىق كۆپرەك كۈچ بېرىشىنى ئۆتۈنۈڭ (يوھاننا 14:26). بىز يەھۋادىن مۇقەددەس روھنى ھەرقانداق ۋاقىتتا، كۈندە 24 سائەت سورىيالايمىز. يەھۋانىڭ ياردىمىگە، بولۇپمۇ بىرەر قېرىندىشىمىز بىلەن ئۇقۇشماسلىك پەيدا بولغاندا تېخىمۇ مۇھتاج، بولۇشىمىز مۇمكىن. بىراق كېلىشمەسلىكلەر نېمىشقا پەيدا بولىدۇ؟
12، 13. ئا) نېمىشقا مەسىھىيلەرنىڭ ئارىسىدا بەزىدە ئۇقۇشماسىقلار بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئە) يۈسۈپنىڭ ھاياتىدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟
12 ھەممىمىز نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، كېلىشمەسلىكلەر پەيدا بولىدۇ. بەلكىم بەزىدە بىرىنىڭ ئېيتقان سۆزى ھەم ئىشى بىزنى تېرىكتۈرۈشى ياكى ئۆزۈمىزمۇ باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىشىمىز مۇمكىن. بۇ قىيىن سىناق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يەھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. يەھۋا ئۇلارنىڭ نامۇكەممەللىكىگە قارىماستىن ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا بىزمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك.
13 يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى سىناقلارغا ئۇچراشتىن توسۇپ قويمايدۇ. بۇنىڭغا يۈسۈپنىڭ ھاياتى ئىسپات. يۈسۈپنىڭ ياش چېغىدا ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىچى تارلىق قىلدى. ئۇلار ئۇنى قۇللۇققا سېتىۋەتتى، ئاندىن يۈسۈپ مىسىرغا ئېلىپ كېتىلدى (يارىتىلىش 37:28). يەھۋا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭ دوستى ۋە سادىق خىزمەتچىسى بولغان، يۈسۈپكە قانداق مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى كۆرگەندە، يۈرىكى ئاغرىغانلىقى سۆزسىز. لېكىن، يەھۋا بۇ ئىشلارغا ئارىلاشمىدى. كېيىنىرەك يۈسۈپ پوتىپارنىڭ ئايالىنىڭ نۇمۇسىغا تەگمەكچى بولغان، دەپ قارلىنىپ زىندانغا تاشلانغاندا، يەھۋا ئۇنى قۇتۇلدۇرمىدى. لېكىن، خۇدا يۈسۈپنى تاشلىۋەتتىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتابتا: «يەھۋا ئۇنىڭ بىلەن ئىدى، ئۇ نېمىلا قىلمىسا، يەھۋا ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت بېرەتتى»،— دەپ يېزىلغان (يارىتىلىش 39:21—23).
14. قەھر-غەزەپتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
14 داۋۇتنىڭمۇ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. كۆپ ئادەملەر داۋۇت كۆرگەن خورلۇقنى ھېچقاچان كۆرمىگەن. بۇنىڭغا قارىماستىن، خۇدانىڭ مۇشۇ دوستى ئۆزىنىڭ قەھر-غەزىپتىن يېرىلىپ كېتىشىگە يول بەرمىگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، چۈنكى ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ» (زەبۇر 37:8). ئاچچىقىدىن يېنىش ياكى غەزىپى بېسىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى — يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلىشنى خالىغانلىقىمىز. ئۇ «بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلە قىلمايدۇ»، ئەمما گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدۇ (زەبۇر 103:10). غەزەپكە تولماسلىقنىڭ ئەمەلىي پايدىسى بار. مەسىلەن، غەزەپلىنىشتىن قان بېسىمى كۆتىرىلىشى ياكى نەپەس ئېلىش ئەزالىرى زىيانغا ئۇچراپ ئاغرىقلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. جېگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە تاماقنى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ناچارلىشىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، غەزەپلەنگەندە دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئويلاش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. سۆزۈمىز ياكى ئىشىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزۈمىزمۇ ئۇزاققىچە چۈشكۈنلۈككە بېرىلىپ كېتىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، «سەۋىرنىڭ تېگى — ئالتۇن» دېگەندەك، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاش ئەڭ ياخشى يول. مۇقەددەس كىتابتا: «خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 14:30). شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىقادچى قېرىنداشلار كۆڭلۈمىزنى رەنجىتسە، ئۇلار بىلەن ئىناقلىقنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ مۇقەددەس كىتابنىڭ دانا مەسلىھىتىگە قۇلاق سالساق بولىدۇ.
قېرىنداشلىرىمىز كۆڭلۈمىزنى رەنجىتسە
15، 16. بىزنى بىرسى خاپا قىلسا، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 ئەفەسلىكلەرگە 4:26نى ئوقۇڭ. يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئادەملەر كۆڭلۈمىزنى رەنجىتسە، ھەيران قالمايمىز. بىراق، ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز ياكى ئائىلە ئەزالىرىمىز بىزنى گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن خاپا قىلسا، بۇ كۆڭلۈمىزگە قاتتىق تېگىدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلارنى كەچۈرۈش قىيىن بولسىچۇ؟ شۇ ئاچچىقلىنىپ يۈرۈپ، ھەتتا نۇرغۇن يىل يۈرىكىمىزدە ئاداۋەتنى ساقلاپ قالىمىزمۇ؟ ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى دانا مەسلىھەتكە قۇلاق سالىمىزمۇ؟ ئۇقۇشماسلىقنى ھەل قىلىشنى قانچە ئۇزاققا سوزساق، ئىناق-ئىتتىپاق بولۇش شۇنچە قىيىن بولىدۇ.
16 قېرىندىشىڭىزغا بولغان ئاچچىقىڭىزنى ھېچ ئۇنتالماي، ئۇ ھەققىدە قايتا-قايتا ئويلاۋەرسىڭىزچۇ؟ ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ بىرىنچىدىن يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. قېرىندىشىڭىز بىلەن ياخشى سۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن، خۇدادىن ياردەم سوراپ يالۋۇرۇڭ. ئۇمۇ يەھۋا خۇدانىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ (زەبۇر 25:14). خۇدا ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. يەھۋا ئۆز دوستلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن قارايدۇ، بىزدىنمۇ شۇنداق قىلىشنى كۈتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 15:23؛ مەتتا 7:12؛ كولوسىلىقلارغا 4:6). ئىككىنچىدىن قېرىندىشىڭىزغا نېمە ئېيتىدىغانلىقىڭىزنى ياخشىراق ئويلاڭ. ئۇ سىزنى قەستەن رەنجىتتى، دەپ ئويلىماڭ. بەلكىم، سىز شۇ ئەھۋالنى خاتا چۈشىنىپ قالغانسىز. ياكى شۇ قىيىنچىلىقنىڭ پەيدا بولىشىغا سىزمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر سەۋەبچى بولغانسىز، بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار تۇرۇڭ. سۆھبەتنى مۇشۇنداق باشلاپ كۆرۈڭ: «بەلكىم، مەن بەك كۆپ ئويلاپ كەتكەندىمەن، لېكىن تۈنۈگۈن ئېيتقان سۆزلىرىڭىز ماڭا... ». گەرچە بۇ سۆھبەت ئىناقلىقنى ساقلاشقا ياردەم بەرمىسىمۇ، يەنىلا تىرىشىپ كۆرۈڭ. قېرىندىشىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. يەھۋا ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرسۇن، دەپ سوراڭ، ئۇنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. خۇدانىڭ دوستى بولغان قېرىندىشىڭىز بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاشقا چىن يۈرەكتىن تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزغا يەھۋا رازى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
ئۆتمۈشتە قىلغان گۇناھلىرىمىزغا ئۆكۈنۈش
17. گۇناھ قىلغاندا يەھۋا بىزگە قايتا ئۆزى بىلەن يېڭى مۇناسىۋەتنى تىكلەشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ ۋە نېمىشقا بۇ ياردەمنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؟
17 ئېغىر گۇناھ قىلغانلىقتىن، بەزى قېرىنداشلار ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق ئەمەس، دەپ ھېس قىلىدۇ. ۋىجدان ئازابى بىزنى زەبۇر 32:3—5). ئەگەر ئېغىر گۇناھ قىلسىڭىز، يەھۋا سىزنى كەچۈرۈشكە تەييار. ئۇ سىزگە قايتا ئۆزى بىلەن يېڭى مۇناسىۋەتنى تىكلەشكە ياردەم بەرگۈسى كېلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئاقساقاللار ئارقىلىق بېرىدىغان ياردىمىنى قوبۇل قىلىشىڭىز زۆرۈر (پەندى-نەسىھەت 24:16؛ ياقۇپ 5:13—15). شۇڭا كېچىكتۈرمەڭ! سىزنىڭ مەڭگۈ ياشىشىڭىز بۇنىڭغا باغلىق. بىراق، گۇناھىڭىز كەچۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەۋەرسىڭىزچۇ؟ شۇ چاغدا نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
خاتىرجەملىك، خۇشاللىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەتتىن ئايرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ۋىجدان ئازابىدىن قىينالغان داۋۇت پادىشاھ مۇنداق دېگەن: «بىراق مەن گۇناھىمنى ئېتىراپ قىلماي سۈكۈت قىلغان ئىكەنمەن، كۈن بويى نالە-پەرياد كۆتۈرۈشۈم بىلەن سۆڭەكلىرىم قېرىپ كەتتى، چۈنكى سېنىڭ مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى». بەختكە يارىشا، داۋۇت غەيرەتلىك بولۇپ، يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قويغان تەلىپىگە ماس ھەرىكەت قىلغانىدى. «ئەمدى مەن گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم، ... سەن مېنىڭ گۇناھىمنىڭ رەزىللىكىنى كەچۈرۈم قىلدىڭ»،— دەپ يازغان داۋۇت (18. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا لايىق ئەمەستەك ھېس قىلىدىغان ئادەملەرگە پاۋلۇسنىڭ مىسالى قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
18 ئەلچى پاۋلۇس بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى ھەققىدە ئويلاپ قايغۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەلچىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ تۆۋىنى ھەم ئەلچى، دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىقسىز، چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئىدىم». كېيىن: «ئەمما رەببىمنىڭ مول مېھىرلىكى بويىچە مەن ھازىر سىلەر كۆرۈۋاتقان دەرىجىگە يەتتىم»،— دېگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:9، 10). يەھۋا پاۋلۇسنىڭ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلگەن. لېكىن، يەھۋا ئۇنى بۇرۇنقى خاتالىقلىرىغا قارىماستىن قوبۇل قىلدى ۋە پاۋلۇسنىڭ بۇنى بىلىشىنى خالىغان. ئەگەر قىلغان گۇناھلىرىڭىزغا ھەقىقەتەن توۋا قىلىپ، يەھۋاغا ۋە ئەگەر كېرەك بولسا ئاقساقاللارغا ئېيتسىڭىز، يەھۋا سىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ. يەھۋا سىزنى كەچۈرگەنلىكىگە ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن! (يەشايا 55:6، 7).
19. 2018-يىللىق قايسى ئايەت ۋە مۇشۇ ئايەتنىڭ تاللانغانلىقى نېمىشقا ئورۇنلۇق؟
19 مۇشۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسىرى، قىيىنچىلىقلىرىمىز كۆپىيىدۇ. لېكىن، «ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت» ۋە «ماغدۇرسىزلارغا... قۇدرەت-بەرداشلىقنى» بېرىدىغان يەھۋا خۇدا، سىزنىڭ سادىق خىزمەت قىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرەك بولغان ھەممە نەرسىنى بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ (يەشايا 40:29؛ زەبۇر 55:22؛ 68:19). ھەر قېتىم ئىبادەت قىلىدىغان زالغا كېلىپ، 2018-يىللىق ئايەتنى كۆرگەندە، بىز مۇشۇ مۇھىم ھەقىقەتنى ئەستە ساقلايدىغان بولىمىز: يەھۋاغا ئۈمىد باغلىغانلار قايتىدىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولىدۇ (يەشايا 40:31).