خاتىرىلەش كېچسىدىكى ئاجايىپ بىرلىك
«نەقەدەر ياخشى قېرىنداشلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقى» (زەبۇر 133:1).
ناخشىلار: 149، 30
1، 2. 2018-يىلى قانداق ۋەقە بىزنى ئالاھىدە ئۇسۇلدا بىرلەشتۈرىدۇ ۋە قانداقلارچە؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
بۇ يىل، 2018-يىلنىڭ 31-مارت كۈنى، پۈتكۈل يەر يۈزىدە مىلىيونلىغان ئادەم يىلىغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا جەم بولىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ئادەملەر بىللە يىغىلىپ، ئەيسانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقىنى ئەسكە ئالىدۇ. ھەر يىلى، مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش كېچىسى ئادەملەرنى ئالاھىدە ئۇسۇلدا بىرلەشتۈرىدۇ. باشقا ھېچقانداق ئۇچرىشىش بۇنىڭغا تەڭ كەلمەيدۇ.
2 يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ مىلىيونلىغان ئادەمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە بۇ ئالاھىدە ئۇچرىشىشقا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا «ھېچكىم سانالمايدىغان ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۈيۈك كۆپچىلىكنىڭ» ئۈنلۈك ئاۋازدا: «نىجاتلىقىمىز ئۈچۈن بىز تەختتە ئولتارغان خۇدايىمىزغا ھەم قوزىغا قەرزدارمىز»،— دەپ ئېيتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن (ۋەھىي 7:9، 10). ھەر يىلى شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ خاتىرىلەش كېچىسىگە كېلىپ، يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ ئاجايىپ ئىشلىرى ئۈچۈن شان-شەرەپ ئېيتىشى نېمە دېگەن ياخشى!
3. بۇ ماقالىدىن قانداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟
3 بۇ ماقالىدىن سىز مۇنداق تۆت سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز: 1) خاتىرىلەش كېچىسىنىڭ تولۇق پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، قانداق تەييارلىق قىلسام بولىدۇ؟ 2) خاتىرىلەش كېچىسى خۇدا خەلقىنىڭ ئىناق ئۆم بولۇشىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ 3) مەن خۇدا خەلقىنىڭ ئىناقلىقىغا قانداق ھەسسە قوشالايمەن؟ 4) خاتىرىلەش كېچىسىنى ئۆتكۈزۈش ئاخىرلىشامدۇ؟ شۇنداق بولسا، قاچان؟
خاتىرىلەش كېچىسىگە قانداق تەييارلىق قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
4. خاتىرىلەش كېچىسىگە قاتنىشىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
4 بۇ ئالاھىدە خاتىرىلەش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ بىر سەۋەبى، بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش يەھۋاغا قىلىدىغان ئىبادەتنىڭ بىر قىسمى. يەھۋا بىلەن ئەيسا مۇشۇ مۇھىم يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، شارائىت ۋە سالامەتلىكىمىز يار بەرگەن بولسىلا، چوقۇم قاتناشساق، يەھۋا ۋە ئەيسانى بىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. جامائەت يىغىلىشلىرى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىساق، بۇ يەھۋانىڭ ئىسمىمىزنى «ھايات تۈرتىگى» دەپمۇ ئاتالغان «ھاياتلىق دەپتىرىگە» يېزىشىغا يەنە بىر سەۋەب بولىدۇ. بۇ كىتابتا يەھۋا مەڭگۈلۈك ھايات بەرمەكچى بولغان ھەممە ئادەمنىڭ ئىسمى يېزىلغان (مالاكى 3:16؛ ۋەھىي 20:15).
5. خاتىرىلەش كېچىسىنىڭ ئالدىدىكى ھەپتىلەردە ئۆزۈمىزنىڭ «ئېتىقادتىمۇ دەپ تەكشۈرۈشكە» نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
5 خاتىرىلەش كېچىسىنىڭ ئالدىدىكى ھەپتىلەردە، دۇئا قىلىش ۋە يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىمىز قانچىلىك مەھكەم ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن، قوشۇمچە ۋاقىت چىقارساق بولىدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 13:5نى ئوقۇڭ). ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە: «ئۆزۈڭلارنى بىز ئېتىقادتىمۇ دەپ تەكشۈرۈپ، سىناپ كۆرۈڭلار»،— دەپ ئېيتقان. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ بىز ئۆزۈمىزدىن: «يەھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تاللىغان يالغۇز تەشكىلات مۇشۇ ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن ئىشىنىمەنمۇ؟ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقىرىمەنمۇ؟ ئىش-ھەرىكەتلىرىمدىن ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ۋە شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىم كۆرۈنەمدۇ؟ ھاياتىمنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، ئۇنىڭغا ۋە ئەيساغا بولغان ئېتىقادىم كۈچلۈك ئىدى، ھازىرچۇ؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ (مەتتا 24:14؛ تىموتىيغا 2-خەت 3:1؛ ئىبرانىيلارغا 3:14). بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى توغرۇلۇق ئويلانغانلىقىمىز ئۆز-ئۆزۈمىزنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
6. ئا) مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ يالغۇز يولى قانداق؟ ئە) بىر ئاقساقال خاتىرىلەش كېچىسىگە ھەر يىلى قانداق تەييارلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىزمۇ نېمە قىلالايسىز؟
6 خاتىرىلەش كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — بۇ كېچىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدىغان ماقالىلەرنى ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىش (يوھاننا 3:16؛ 17:3نى ئوقۇڭ). مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى — يەھۋانى تونۇپ-بىلىش ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيساغا ئىشىنىش. خاتىرىلەش كېچىسىگە تەييارلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا دەۋەت قىلىدىغان ماۋزۇلارنى تەتقىق قىلساق بولىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر بۇرادەر شۇنداق قىلىدىكەن. نۇرغۇن يىللار داۋامىدا، ئۇ «كۆزىتىش مۇنارىدىكى» خاتىرىلەش كېچىسى ۋە يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى يىغقان. ئۇ خاتىرىلەش كېچىسىدىن ئاۋۋالقى ھەپتىلەردە مۇشۇ ماقالىلەرنى قايتىدىن ئوقۇپ، ئەشۇ يىغىلىشنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنچە مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلغان. بەزىدە ئۇ ماقالىلەر توپلىمىغا يەنە بىر-ئىككىسى قوشۇلغان. شۇنداقلا ئۇ خاتىرىلەش كېچىسىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلىدىغان مۇقەددەس كىتاب ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلانغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئارقىلىق ئۇ ھەر يىلى يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋالغان. ئەڭ مۇھىمى بولسا، ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن ئەيساغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى كۈچەيگەن. بۇ بۇرادەرگە ئوخشاش تەتقىق قىلسىڭىز، سىزمۇ يەھۋانى ھەم ئەيسانى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولىسىز. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىڭىز كۈچىيىدۇ ۋە خاتىرىلەش كېچىسىدىن كۆپرەك پايدا ئالىسىز.
خاتىرىلەش كېچىسى ئىناق ئۆم بولۇشىمىزغا تەسىر قىلىدۇ
7. ئا) مەسىھنىڭ كەچلىك زىياپىتى دەسلەپكى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن كېچىسى ئەيسا نېمە ھەققىدە دۇئا قىلغانىدى؟ ئە) يەھۋا ئەيسانىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟
7 مەسىھنىڭ كەچلىك زىياپىتى دەسلەپكى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، كېچىدە ئەيسا ئالاھىدە دۇئا قىلغان. ئۇ ئاتىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدىكى قىممەتلىك بىرلىك توغرىسىدا ئېيتقان. شۇنداقلا ئۇ ھەممە شاگىرتلىرى ئارىسىدا دەل شۇنداق بىرلىك بولۇشىنى تىلىگەن (يوھاننا 17:20، 21نى ئوقۇڭ). يەھۋا ئوغلىنىڭ بۇ دۇئاسىغا جاۋاب قايتۇردى. خاتىرىلەش كېچىسى — يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر يىغىلىش. شۇ كۈنى دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك دۆلەتتىن ۋە مىللەتتىن چىققان مىليونلىغان كىشى جەم بولۇپ، يەھۋانىڭ ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىبىر يەرلەردە مىللىتى ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنىڭ ياكى ئەر كىشىلەر بىلەن ئايال كىشىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشى غەلىتە تۇيۇلۇشى ۋە ھەتتا بەزىلىرىگە ئورۇنسىز كۆرۈنۈشى مۇمكىن. لېكىن، يەھۋا بىلەن ئەيسا مۇنداق كۆزقاراشتا ئەمەس. خاتىرىلەش كېچىسىدىكى بىزدىكى بىرلىك ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدۇ!
8. يەھۋا ھەزەقىيال پەيغەمبەر ئارقىلىق قانداق خەۋەرنى ئېيتتى؟
8 يەھۋانىڭ خەلقى سۈپىتىدە بىز مۇنداق ئاجايىپ ئىناقلىقتا بولغانلىقىمىزغا ھەيران بولمايمىز. بۇ ئىناقلىق يەھۋانىڭ ھەزەقىيالغا ئېيتقان سۆزىدە بېشارەت قىلىنغان. ئۇ ھەزەقىيالغا ئىككى تاياقنى ئېلىپ، بىرسىگە «يەھۇدا ئۈچۈن»، ئىككىنچىسىگە بولسا «ئەفرائىم ئۈچۈن» دەپ يېزىشنى ۋە ئۇلارنى قوشۇپ، بىللە تۇتۇشنى بۇيرىغان (ھەزقىيال 37:15—17نى ئوقۇڭ). 2016-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىدا چىققان «كۆزىتىش مۇنارىدىكى» (خەنزۇچە) «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىدا» مۇنداق يېزىلغان: «يەھۋا خۇدا ھەزەقىيال پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ ۋەدە قىلىنغان يەرگە قايتىپ، قايتىدىن بىر خەلق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان. بۇ بېشارەتتە خۇدانىڭ ئاخىرقى زاماندا ياشايدىغان خىزمەتچىلىرىمۇ بىر خەلق بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا بىرلىك بولىدۇ دەپ ئېيتىلغان».
9. ھەر يىلى خاتىرىلەش كېچىسىدە بىز ھەزەقىيالنىڭ بېشارىتىدە تىلغا ئېلىنغان بىرلىكنى قانداق كۆرىمىز؟
9 1919-يىلدىن باشلاپ، يەھۋا ئاۋۋال مايلانغانلارنى ئاستا-ئاستا قايتا تەشكىللەپ بىرلىككە كەلتۈردى. ئۇلار «يەھۇدا ئۈچۈن» تاياقتەك بولدى. كېيىن، مايلانغانلارغا يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بولغان ئادەملەر ھەزقىيال 37:19). ئۇ مايلانغانلار بىلەن «باشقا قويلارنى» «بىر پادا» قىلدى (يوھاننا 10:16؛ زەكەرىيا 8:23). بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى توپ يەھۋاغا بىللە خىزمەت قىلماقتا. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پادىشاھى — ھەزەقىيالنىڭ بېشارىتىدە يەھۋا «قۇلۇم داۋۇت» دەپ ئاتىغان — ئەيسا مەسىھ (ھەزقىيال 37:24، 25). ھەر يىلى ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جەم بولغاندا، بىز ھەزەقىيالنىڭ بېشارىتىدە ئېيتىلغان بۇ ئىككى توپنىڭ ئىناق ئۆملىكىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرىمىز. ئەمما، خۇدا خەلقىنىڭ بىرلىكىنى بۇزماستىن، ئۇنى مۇستەھكەملەشكە ھەربىرىمىز ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟
قوشۇلۇپ، بارغانسىرى كۆپەيگەن. ئۇلار بولسا «ئەفرائىم ئۈچۈن» تاياقتەك بولغان. يەھۋا بۇ ئىككى تاياقنى بىرلەشتۈرۈپ، قولىدىكى «بىر تاياق» قىلىشقا ۋەدە قىلغان (ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ھەربىرىمىز نېمە قىلالايمىز؟
10. خۇدا خەلقىنىڭ بىرلىكىگە ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟
10 خۇدانىڭ خەلقى ئارىسىدا بىرلىك بولۇشىغا ھەسسە قوشۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى — كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرۈش. ئەيسا يەردە بولغاندا، ئەگەشكۈچىلىرىگە كەمتەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان (مەتتا 23:12). بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر ئۆزلىرىنى ھەمىشە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدۇ. بىراق، بىز كەمتەر بولساق، جامائەتتە رەھبەرلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغان بولىمىز. پەقەت شۇ چاغدىلا جامائەتتە ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، كەمتەرلىكنى ساقلىساق، يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىمىز. چۈنكى ئۇ «چوڭچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، مۆمۈنلەرگە بولسا، مول مېھرىنى نامايەن قىلىدۇ» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:5).
11. خاتىرىلەش كېچىسىدىكى نان ۋە شاراپ ھەققىدە ئويلىنىش بىزنى ئىناقلىقنى مۇستەھكەملەشكە قانداق دەۋەت قىلىدۇ؟
11 ئىناقلىقنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىككىنچى ئۇسۇلى — نان بىلەن شاراپنىڭ مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش. بۇ ھەققىدە خاتىرىلەش كېچىسىنىڭ ئالدىدا ۋە بولۇپمۇ شۇ كېچىسى ئويلىنىشىمىز كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:23—25). پېتىر نان ئەيسانىڭ قۇربانلىققا بەرگەن مۇكەممەل تېنىنى بىلدۈرىدۇ. قىزىل شاراپ بولسا، ئۇنىڭ قېنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، بۇ ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى بىلىپلا قويۇش يېتەرلىك ئەمەس. ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى تەڭداشسىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتىشىمىز كېرەك. يەھۋا بىز ئۈچۈن ئوغلىنى بەرگەن ۋە ئەيسا ئۆزى خالاپ جېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلغان. ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى توغرۇلۇق ئويلاش بىزنى ئۇلارنى سۆيۈشكە ئۈندەيدۇ. يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىرلىكىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ.
12. پادىشاھ ۋە قۇل ھەققىدىكى تەمسىلدىن، يەھۋا باشقىلارنى كەچۈرۈشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى ئەيسا قانداق ئېنىق كۆرسەتكەن؟
12 بىرلىكنى ساقلاشنىڭ ئۈچىنچى ئۇسۇلى — باشقىلارنى سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈش. شۇنداق قىلساق، ئەيسانىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئاساسىدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن يەھۋاغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. ئەيسا كەچۈرۈشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، پادىشاھ ۋە قۇل ھەققىدىكى تەمسىلنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. مەتتا 18:23—34 ئايەتلەرنى ئوقۇپ، مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ: «ئەيسانىڭ تەلىمى بويىچە ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىمەنمۇ؟ قېرىنداشلار بىلەن ئارلاشقاندا سەۋرچان بولۇپ، ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمەنمۇ؟ مەن مېنى رەنجىتكەن قېرىنداشلارنى كەچۈرۈشكە تەييارمۇ؟ بەزى گۇناھلار باشقا گۇناھلارغا قارىغاندا ئېغىر ئىكەنلىكى راست. نامۇكەممەل بولغاچقا، بەزىبىر گۇناھلارنى كەچۈرۈش ناھايىتى نەشكە توختايدۇ. بىراق، ئەيسانىڭ تەمسىلىدىن يەھۋا خۇدا نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمىز (مەتتا 18:35نى ئوقۇڭ). توۋا قىلغان چاغدىمۇ قېرىندىشىمىزنى كەچۈرمىسەك، يەھۋا بىزنى كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ئەيسا ئېنىق كۆرسەتكەن. ئەلۋەتتە، بۇ بىز ئېھتىيات بىلەن ئويلىنىدىغان مۇھىم بىر ئىش. ئىناقلىقىمىزنى قوغداش ۋە ساقلاش ئۈچۈن، ئەيسا ئۆگەتكەندەك باشقىلارنى كەچۈرۈشىمىز كېرەك.
13. باشقىلارنى كەچۈرگەندە، قانداقلارچە ئىناقلىقنى ساقلايمىز؟
13 باشقىلارنى كەچۈرگەندە، قېرىنداشلار بىلەن ئىناقلىقنى ساقلىيالايمىز. ئەلچى پاۋلۇس ئۆزئارا ئىناق ئۆم بولۇپ، بىرلىكنى ساقلاشقا دەۋەت قىلغان (ئەفەسلىكلەرگە 4:3). شۇڭا خاتىرىلەش كېچىسنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈنلەردە ۋە بولۇپمۇ شۇ كېچىدە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. ئۆزىڭىزدىن: «مېنى ياخشى بىلىدىغانلار، مېنى خاپا قىلىپ قويغان ئادەملەرگە ئاداۋەت ساقلىمايدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلەمدۇ؟ باشقىلار مېنىڭ ئىناقلىقنى ساقلاپ، بىرلىكنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقارغانلىقىمنى كۆرەلەمدۇ؟»— دەپ سوراڭ. بۇ ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم سوئاللار.
14. «مېھىر-مۇھەببەتلىك بىلەن بىر-بىرىمىزگە كەڭ قورساقلىق» قىلىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
يوھاننىڭ 1-خېتى 4:8). بىز: «قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكنى ساقلىشىم كېرەك بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن يېقىن بولۇشۇم شەرت ئەمەس»،— دەپ ئويلىساق، توغرا بولمايدۇ. شۇنداق قىلساق، پاۋلۇسنىڭ «مېھىر-مۇھەببەتلىك بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساقلىق بولۇش» ھەققىدىكى مەسلىھىتىگە قۇلاق سالمىغان بولىمىز (ئەفەسلىكلەرگە 4:2). پاۋلۇس پەقەت «كەڭ قورساقلىق بولۇڭلار» دېمىگەن، بۇنى «مېھىر-مۇھەببەتلىك بىلەن» قىلىڭلار دېدى. بۇ ئىككى كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس. جامائىتىمىزدە ھەر تۈرلۈك ئادەملەر بار ۋە يەھۋا خۇدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان (يوھاننا 6:44). دېمەك، يەھۋانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم سەۋەبلىرى بار. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە لايىق بولسا، قانداقلارچە ئۇلار بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىزگە لايىق ئەمەس دەپ ئېيتالايمىز؟ يەھۋا ئۇلارنى قانداق ياخشى كۆرۈشىمىزنى خالىسا، شۇنداق ياخشى كۆرۈشكە ئىنتىلەيلى (يوھاننىڭ 1-خېتى 4:20، 21).
14 بىرلىكنى مۇستەھكەملەشنىڭ تۆتىنچى ئۇسۇلى — مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشتە يەھۋانى ئۈلگە قىلىش (ئاخىرقى خاتىرىلەش كېچىسى قاچان بولىدۇ؟
15. خاتىرىلەش كېچىسى ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
15 كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى خاتىرىلەش كېچىسى ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنى قەيەردىن بىلىمىز؟ پاۋلۇس مايلانغان مەسىھىيلەرگە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى ھەر يىلى ئەسكە ئالغاندا، ئۇلار «ھاكىمدارىمىز كەلمىگىچە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلايدىغانلىقىنى» ئېيتقان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:26). ئەيسا ئاخىرقى زامان ھەققىدىكى بېشارىتىدە ئۆزىنىڭ «كېلىشى» توغرىسىدا ئېيتقان. پات ئارىدا بۈيۈك ئاپەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاسماندا ئىنسان ئوغلىنىڭ بەلگۈسى پەيدا بولىدۇ ھەم يەر-زېمىننىڭ بارلىق قەبىلىلىرى مەيدىسىگە ئۇرۇپ يىغا-زار قىلىشىدۇ ۋە ئىنسان ئوغلىنىڭ بۇلۇتلار ئۈستىدە كۈچ-قۇدرەتتە ۋە بۈيۈك شان-شەرەپتە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ پەرىشتىلىرىنى جاراڭلىق كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ ھەم ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى تۆت شامالدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە يىغىپ بېرىدۇ» (مەتتا 24:29—31). ئەيسا «تاللىغانلىرىنى» يىغىدىغان ۋاقىت، ئۇ يەردە قالغان مايلانغانلارنى پۈتۈنلەي ئاسمانغا ئېلىپ كەتكەندە بولىدۇ. ئاۋۋال بۈيۈك ئاپەت باشلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئاخىرىدا ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. ئەيسا بىلەن 144000 مايلانغانلار يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ، بۇ جەڭدە غەلىبە قازىنىدۇ (ۋەھىي 17:12—14). بىز قاتنىشىدىغان ئاخىرقى خاتىرىلەش كېچىسى ئەيسا مايلانغانلارنى يىغىش ئۈچۈن «كەلگەندە» بولىدۇ.
16. سىز نېمىشقا بۇ يىل بولىدىغان خاتىرىلەش كېچىسىگە كېلىشكە بەل باغلىدىڭىز؟
16 2018-يىلنىڭ 31-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش كېچىسىگە بېرىشقا بەل باغلاڭ. شۇنىڭ بىلەن خۇدا خەلقىنىڭ بىرلىكىگە ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سوراڭ (زەبۇر 133:1نى ئوقۇڭ). كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز خاتىرىلەش كېچىسىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاتنىشىمىز. شۇ كۈن كەلمىگىچە، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش كېچىسىدىكى ئاجايىپ ئىناقلىقنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەيلى.