ھەقىقىي شاد-خۇراملىققا ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-مۇھەببەت
«خۇداسى پەرۋەردىگار [يەھۋا، ي.د] بولغان خەلق بەختلىكتۇر!» (زەبۇر 144:15).
ناخشىلار: 28، 25
1. نېمە ئۈچۈن بىز ياشاۋاتقان زامان بەك ئالاھىدە؟
بىز ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇرۇن ھېچقاچان بولمىغان ۋاقىتتا ياشاۋاتىمىز. مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن ئالا ئېيتىلغاندەك، يەھۋا خۇدا «بارلىق مىللەتلەردىن، قەبىلىلەردىن، خەلىقلەردىن ۋە تىللاردىن» چوڭ بىر توپ خالايىقنى يىغىۋاتىدۇ. سەككىز مىلىيوندىن ئارتۇق ئادەمدىن شەكىللەنگەن بۇ «ئۇلۇغ ئەل» «كېچە-كۈندۈز خۇدا تەختىنىڭ ئالدىدا» خىزمەت قىلماقتا (ۋەھىي 7:9، 15؛ يەشايا 60:22). خۇدانى ۋە باشقىلارنى سۆيىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ئىلگىرى ھېچقاچان مۇنداق كۆپ بولمىغان.
2. خۇدادىن يىراقلاشقان ئادەملەر قانداق خاتا سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسەتمەكتە؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
2 ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا بىزنىڭ زامانىمىزدىكى خۇدادىن يىراقلاشقان ئادەملەردە باشقىچە خاتا سۆيگۈ-مۇھەببەت، يەنى شەخسىيەتچىلىك بولىدىغانلىقى يېزىلغان. ئەلچى پاۋلۇس ئاخىرقى كۈنلەردە «ئىنسانلار ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان، پۇلخۇمار» بولىدىغانلىقىنى ۋە «خۇدانى ئەمەس، ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى» يازغان (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—4). مۇنداق ئۆزىنى كۆزلەيدىغان شەخسىيەتچىلىككە تولغان مۇھەببەت خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتكە قارىمۇ-قارشى. ئۆز-ئۆزىنى ئويلايدىغان ئادەم بەختلىك بولالايمەن، دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەختلىك بولالمايدۇ. ئەكسىچە، مۇنداق كۆزقاراش شەخسىيەتچىلىككە تولغان دۇنيانى يەنى جەمئىيەتنى پەيدا قىلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ.
3. بۇ ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 ئەلچى پاۋلۇس شەخسىيەتچىلىككە ئاساسلانغان مۇھەببەتنىڭ كەڭ تارقىلىپ، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىدىغانلاردىن «يىراق تۇرۇشقا» ئاگاھلاندۇرغان (تىموتىيغا 2-خەت 3:5). لېكىن، بىز مۇنداق ئادەملەر بىلەن تامامەن ئارىلاشماسلىقىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ كۆزقارىشىنىڭ تەسىرىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ ئاۋۋال خۇداغا ياقىدىغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تىموتىيغا 2-خەت 3:2—4 ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي قانائەت ۋە بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە قاراپ چىقىمىز.
خۇدانى ياخشى كۆرىمىزمۇ ياكى ئۆزۈمىزنىمۇ؟
4. نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى مۇۋاپىق دەرىجىدە سۆيۈشىمىز خاتا ئەمەس؟
4 «ئىنسانلار ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان... بولىدۇ»،— دەپ يازغان ئەلچى پاۋلۇس. بۇ ئۆزۈمىزنى ياخشى كۆرۈش خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق، ئۆزۈمىزنى ياخشى كۆرۈش تەبئىي ۋە مۇھىم ئىش. يەھۋا بىزنى شۇنداق ياراتتى. ئەيسا: «ئۆز يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزۈڭدەك سۆيگىن»،— دەپ ئېيتقان (ماركۇس 12:31). ئەگەر ئۆزۈمىزنى سۆيمىسەك، باشقىلارنىمۇ سۆيەلمەيمىز. مۇقەددەس كىتابتا يەنە: «ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بولىدۇ، چۈنكى ھېچكىم ھېچقاچان ئۆز تېنىنى ئۆچ كۆرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (ئەفەسلىكلەرگە 5:28، 29). دېمەك، ئۆزۈمىزنى مۇۋاپىق دەرىجىدە سۆيۈشىمىز كېرەك.
5. ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە سۆيىدىغان ئادەمنى قانداق تەسۋىرلەيسىز؟
5 تىموتىيغا 2-خەت 3:2دىكى «ئۆزىنىلا ياخشى كۆرۈش» نامۇۋاپىق مۇھەببەتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ شەخسىيەتچى مۇھەببەت. ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۆزى ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلايدۇ (رىملىقلارغا 12:3نى ئوقۇڭ). ئۇ ئۆز ئىشىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى يوق. بىرەر ئىش توغرا بولماي قالسا، ئۇ ئۆزىنى ئەمەس، باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ. بىر مۇقەددەس كىتاب ئىزاھاتچىسى، مۇنداق ئادەمنى كىرپە بىلەن سېلىشتۇرۇلغان: ئۆزى يۇمشاق، ئىسسىق يۇڭلىرىغا يۆگىنىۋېلىپ، سىرتقا پەقەت ئۇچلۇق تىكەنلىرىنى چىقىرىدۇ. مۇنداق كىشىلەر ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ.
6. خۇدانى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر نېمىگە ئېرىشىدۇ؟
6 بەزى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پاۋلۇس ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىنى ئويلاشنى تىلغا ئالغانلىقىنىڭ سەۋەبى — ئۆزىنى ئويلاش كېيىن ئېيتقان يامان خىسلەتلەرنى تۇغدۇرىدۇ. خۇداغا ياقىدىغان مېھىر-مۇھەببەت بولسا، ئەكسىچە بىزدە ياخشى خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۇ خۇشاللىق، تىنچلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ھىممەتلىك، ئېتىقاد، مۇلايىملىق، ئۆزىنى تۇتۇشتەك خىسلەتلەر بىلەن باغلىق (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23). زەبۇر يازغۇچىسى: «خۇداسى پەرۋەردىگار [يەھۋا، ي.د] بولغان خەلق بەختلىكتۇر!»— دېگەن (زەبۇر 144:15). يەھۋا بەختلىك خۇدا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ خەلقىمۇ بەختلىك. شۇنداقلا ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە سۆيىدىغان ۋە پەقەت ئېلىشنى كۆزلەيدىغان ئادەملەرگە ئوخشىماستىن، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى باشقىلارغا بېرىشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ (ئەلچىلەر 20:35).
7. قانداق سوئاللار خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ؟
7 ئۆزۈمىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدىن كۈچلۈكرەك بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ تۆۋەندىكى دانا مەسلىھەت ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ: «ھېچنەرسىنى تالاش-تارتىشتىن ياكى شۆھرەتپەرەسلىكتىن قىلماڭلار، ئەكسىچە ئەقىل مۇلايىملىقىدىن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئارتۇق دەپ ساناڭلار. پەقەت ئۆز مەنپەئىتلىرىڭلارغا غەمخورلۇق قىلماي، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتلىرىنى ئويلاڭلار» (فىلىپپىلىقلارغا 2:3، 4). ئۆزۈمىزدىن: «مەن بۇ مەسلىھەتكە قۇلاق سالىمەنمۇ؟ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىمەنمۇ؟ جامائەتتە ۋە ۋەز خىزمىتىدە باشقىلارغا ياردەم بېرىش پۇرسىتىنى ئىزدەيمەنمۇ؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ. بۇنىڭغا ۋاقتىمىز بىلەن كۈچىمىزنى چىقىرىش ھەردائىم ئاسان بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈپ، ئۆزۈمىزگە ياقىدىغان ئىشلاردىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغاندۇ. بىراق، ئالەم ئىگىسىنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى بىلىشتىن ئارتۇق بەخت يوق!
8. خۇدانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى نېمە قىلغان؟
8 خۇدانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنىڭغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالىغانلىقتىن، بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ پۇل تاپىدىغان ئىشتىن ۋاز كەچكەن. دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن ئېرىكا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز، تىبابەتتىكى مەنسەپنى قوغلاشنىڭ ئورنىغا، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغانىدى. يولدىشى ئىككىسىنىڭ بىرنەچچە دۆلەتتە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بولغان. ئېرىكا مۇنداق دەيدۇ: «باشقا تىلدا سۆزلەيدىغان ئادەملەرگە ياردەم بەرگەندە باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز ۋە شۇ يەردە تاپقان دوستلىرىمىز — بىز ئۈچۈن ھەقىقىي بايلىق». ئۇ ھازىرغىچە دوختۇر بولۇپ
ئىشلىسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقتى بىلەن كۈچىنى ئادەملەرگە يەھۋا ھەققىدە تەلىم بېرىشكە ۋە قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشكە سەرپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇنىڭغا «ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە قانائەت» ئېلىپ كېلىدۇ.بايلىقىمىز ئاسماندىمۇ ياكى يەردىمۇ؟
9. نېمە ئۈچۈن پۇلخۇمار ئادەم ھەقىقىي بەختلىك بولالمايدۇ؟
9 پاۋلۇس ئادەملەرنىڭ «پۇلخۇمار» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىرنەچچە يىل بۇرۇن ئىرلاندىيادىكى پىدا ۋەز ئېيتقۇچى بىر ئەر كىشىگە خۇدا توغرىسىدا ئېيتقان. ئاندىن بۇ ئەر كىشى ھەميانىدىن پۇل چىقىرىپ: «مانا، بۇ مېنىڭ خۇدايىم!»— دەپ جاۋاب قايتۇرغان. بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلمىغىنى بىلەن، كۆپلىگەن ئادەملەر ئۈچۈن پۇل خۇداغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار پۇل ۋە ئۇنىڭغا سېتىۋېلىشقا بولىدىغان مال-مۈلۈككە خۇمار. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا: «كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس، ياكى بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس»،— دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بار (ۋەز 5:10). پۇلخۇمار ئادەم ھېچقاچان پۇلغا تويمايدۇ. ئۇ ھەرقاچان كۆپرەك پۇلغا ئىگە بولۇشنى كۆزلەيدۇ ۋە پۈتۈن ھاياتىنى شۇنىڭغا سەرپ قىلىدۇ. بۇ بولسا، ئۇنىڭغا «نۇرغۇن دەرد-ئازاپلارنى» ئېلىپ كېلىدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 6:9، 10).
10. مۇقەددەس كىتابتا بايلىق بىلەن گادايلىق ھەققىدە نېمە ئېيتىلغان؟
10 ئەلۋەتتە، ھەممىمىزگە پۇل كېرەك. ئۇ بىزگە قانداقتۇ بىر جەھەتتىن ھىمايە بولىدۇ (ۋەز 7:12). ئەمما، بىزدە پەقەت ئاساسىي ئېھتىياجلىرىمىزغا يېتەرلىك پۇلىمىز بولسا، بەختلىك بولالايمىزمۇ؟ ھە، بولالايمىز! (ۋەز 5:12نى ئوقۇڭ). خۇدانىڭ بىر خىزمەتچىسى: «مېنى گادايمۇ قىلما، بايمۇ قىلما، بەلكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بەرگەيسەن»،— دەپ يازغان. بۇ كىشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن گاداي بولۇشنى خالىمىغانلىقى چۈشىنىشلىك. ئۇ ئوغرىلىق قىلىشنى خالىمىغان، چۈنكى مۇنداق قىلىش خۇدانىڭ نامىغا داغ كەلتۈرىدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن ئۇ بايلىقنىمۇ سورىمىغان؟ ئۇ بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «سېنىڭدىن يېنىپ: «پەرۋەردىگار دېگەن كىم؟» — دەپ قېلىشىم مۇمكىن» (پەندى-نەسىھەت 30:8، 9). بەلكىم، سىز خۇداغا ئەمەس، بايلىققا تايىنىدىغان بەزى ئادەملەرنى بىلىدىغانسىز.
11. ئەيسا پۇل ھەققىدە نېمە دېگەن؟
11 پۇلخۇمار ئىنسان خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم ئىككى غوجايىننىڭ قۇلى بولالمايدۇ، چۈنكى بىرسىنى ئۆچ كۆرۈپ، يەنە بىرسىنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى بىرىگە سادىق بولۇپ، يەنە بىرسىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ. سىلەر خۇدانىڭ ھەم بايلىقنىڭ قۇلى بولالمايسىلەر». ئۇ يەنە: «ئۆزۈڭلارغا يەردە خەزىنە توپلاشنى توختىتىڭلار، چۈنكى ئۇلارنى كۈيە ۋە دات يەيدۇ ھەم ئوغرىلار كىرىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، خەزىنىنى ئاسماندا توپلاڭلار، چۈنكى ئۇ يەردە كۈيە ۋە دات يوق ھەم ئوغرىلارمۇ كىرىپ ئوغرىلىيالمايدۇ»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 6:19، 20، 24).
12. ئاددىي ھايات كەچۈرگەنلىكىمىز خۇداغا خىزمەت قىلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 يەھۋانىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچىلىرى ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئامېرىكىدا ياشايدىغان جەك ئايالى بىلەن پېدائىي ۋەز خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چوڭ ئۆيى ۋە تىجارىتىنى سېتىۋەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شەھەر سىرتىدىكى چىرايلىق ئۆيۈمىز بىلەن يېرىمىزدىن ۋاز كېچىش قىيىن بولدى». لېكىن، نۇرغۇن يىللار جەك خىزمەت ئىشىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبلىك ئۆيگە ئاچچىقلىنىپ كېلەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پېدائىي ۋەز
خىزمىتىنى قىلغان ئايالىم بولسا، ھەرقاچان شۇنداق خۇشال يۈرەتتى. ئۇ: «مېنىڭ خۇجايىنىم ئەڭ ياخشى»،— دەپ ئېيتاتتى. ئەمدى مەنمۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغاندا، ئىككىلىمىز بىر شەخسكە، يەھۋاغا، خىزمەت قىلىمىز».13. پۇلغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى تەكشۈرۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
13 پۇلغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى تەكشۈرگەندە، راستچىل بولۇشىمىز كېرەك. ماۋۇ سوئال ھەققىدە ئويلانساق بولىدۇ: «مۇقەددەس كىتابتا پۇل ھەققىدە ئېيتىلغانلارغا ھەقىقەتەن ئىشىنىدىغانلىقىم ئىش-ھەرىكىتىمدىن كۆرۈنەمدۇ؟ پۇل تېپىش مېنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىممۇ؟ ماددىي نەرسىلەرنى يەھۋا خۇدا ۋە ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمدىن ئارتۇق كۆرىمەنمۇ؟ يەھۋا مۇھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنمۇ؟» ئۇنىڭغا تايىنىدىغانلارنى يەھۋانىڭ ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل بولسۇن! (مەتتا 6:33).
خۇدانى ياخشى كۆرىمىزمۇ ياكى ھۇزۇر-ھالاۋەتنىمۇ؟
14. ھۇزۇرلىنىشقا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟
14 مۇقەددەس كىتابتا ئاخىرقى كۈنلەردە ئادەملەرنىڭ «ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى» بېشارەت قىلىنغان. ئۆز-ئۆزۈمىزگە ۋە پۇلغا مۇۋاپىق كۆزقاراشتا بولۇشنىڭ ھېچ يامىنى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. يەنە شۇنىڭدەك، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ ھاياتتىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئېلىشنىڭ ھېچ يامىنى يوق. بەزى ئادەملەر ھەرگىز ئويۇن-تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما، يەھۋا بىزنىڭ مۇنداق ھايات كەچۈرۈشىمىزنى خالىمايدۇ. مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنى: «بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شاراپىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن»،— دەپ چاقىرىدۇ (ۋەز 9:7).
15. «ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرۈش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
15 تىموتىيغا 2-خەت 3:4تىكى سۆزلەر، ئادەملەر ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرۈشكە بېرىلگەچ، ھاياتىدا خۇدا ئۈچۈن ئورۇن قالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئايەتتە ئادەملەر ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن كۆپرەك ياخشى كۆرىدۇ، دەپ يېزىلمىغان. ئۇنداق بولغاندا، ئۇلار خۇدانى ئازىراق بولسىمۇ سۆيىدۇ، دېگەننى بىلدۈرەتتى. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ «خۇدانى ئەمەس، ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىغى» يېزىلغان. بىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى يازغاندەك، «مەزكۇر ئايەتتىكى سۆزلەر ئادەملەرنىڭ قانداقتۇ بىر مۆلچەردە خۇدانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدانى تامامەن سۆيمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ». بۇ ھۇزۇر-ھالاۋەتنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن بەك جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق ئادەملەر ھاياتنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىگە پۈتۈنلەي «چۆكۈپ قالغانلار» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ (لۇقا 8:14).
16، 17. ئەيسانىڭ ھۇزۇرلىنىشقا بولغان كۆزقارىشىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
16 ئەيسا ھۇزۇرلىنىشقا توغرا كۆزقاراشتا بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرىدىغانلىقى. ئۇ «تويغىمۇ»، «چوڭ بىر زىياپەتكىمۇ» بارغان (يوھاننا 2:1—10؛ لۇقا 5:29). تويدا شاراپ تۈگىگەندە، ئۇ مۆجىزە ئارقىلىق سۇنى شاراپقا ئايلاندۇرغان. يەنە بىر قېتىم، ئادەملەر ئۇنى يەپ-ئىچكىنى ئۈچۈن ئەيىبلىگەندە، ئەيسا ئۇلارنىڭ ناتوغرا كۆزقاراشتا بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەنىدى (لۇقا 7:33—36).
17 شۇنداقتىمۇ، ئەيسا ئۈچۈن ھۇزۇرلىنىش ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولمىغان. ئۇ يەھۋانى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ۋە ئادەملەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلغان. ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇ ھەتتا تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئازاب ئىچىدە ئۆلۈشكىمۇ تەييار بولغان. ئەيسا ئۇنىڭغا ئەگەشمەكچى مەتتا 5:11، 12).
بولغانلارغا: «مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ھەر تۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرىشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار شۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان»،— دەپ ئېيتقان (18. ھۇزۇر-ھالاۋەتنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى تەكشۈرۈشكە قانداق سوئاللار ياردەم بېرىدۇ؟
18 ھۇزۇر-ھالاۋەتنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ بىز ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سورىساق بولىدۇ: «كۆڭۈل ئېچىش مەن ئۈچۈن جامائەت ئۇچرىشىشلىرى ۋە ۋەز خىزمىتىدىنمۇ مۇھىمراقمۇ؟ خۇداغا خىزمەت قىلىشنى خالىغانلىقتىن، ياخشى كۆرىدىغان بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە تەييارمەنمۇ؟ ئويۇن-تاماشىنى تاللىغاندا، يەھۋا قارارىمغا قانداق قارايدۇ دەپ ئويلايمەنمۇ؟» بىز خۇدانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنى خۇشال قىلىشنى خالىغانلىقتىن، پەقەت ئۇنىڭغا ياقمايدىغان نەرسىلەردىن ئەمەس، ھەتتا ئۇنى رەنجىتىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان نەرسىلەردىنمۇ نېرى تۇرىمىز (مەتتا 22:37، 38نى ئوقۇڭ).
بەختكە ئېرىشىشنىڭ يولى
19. كىملەر ھېچقاچان ھەقىقىي شاد-خۇراملىققا ئېرىشەلمەيدۇ؟
19 ئادەملەر شەيتاننىڭ دۇنياسىدا 6000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قىينىلىپ كەلمەكتە. ھازىر، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، يەر يۈزى پەقەت ئۆزىنىلا سۆيىدىغان، پۇلخۇمار ۋە خۇدانى ئەمەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرگە تولغان. ئۇلار پەقەت ئېلىشنى كۆزلەيدۇ ۋە ئۆز ھەۋەسلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەمما، مۇنداق ئادەملەر ھېچقاچان ھەقىقىي شاد-خۇراملىققا ئېرىشەلمەيدۇ! مۇقەددەس كىتابتا: «ياقۇپنىڭ تەڭرىسى ئۆزىنىڭ مەدىتى بولغان ئادەم، پەرۋەردىگار [يەھۋا، ي.د] ئۇنىڭ خۇداسى، ئۇنىڭ ئۈمىدى بولغان ئادەم بەختلىكتۇر!»— دەپ يېزىلغان (زەبۇر 146:5).
20. خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت سىزنى قانداق خۇشال-خۇرام قىلىدۇ؟
20 يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ھەر يىلى كۆپلىگەن يېڭى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ-بىلىپ، ياخشى كۆرمەكتە. بۇ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پات-ئارىدا بىز ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ! يەھۋا خالايدىغان ئىشنى قىلساق، ئۇنى بەكمۇ خۇرسەن قىلىمىز ۋە بۇ ئۆزۈمىزگىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلار مەڭگۈ خۇشال-خۇرام بولىدۇ! كېلەركى ماقالىدە ئۆز-ئۆزىنى سۆيۈش يەنى شەخسىيەتچلىك پەيدا قىلىدىغان يامان خىسلەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى قاراپ چىقىمىز. ئاندىن ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى كۆرسىتىدىغان ياخشى خىسلەتلەرگە قانداقلارچە قارىمۇ-قارشى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.