16-تەتقىق ماقالىسى
ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەتنى بىلىش
«ھەقىقىي ۋەھىي بىلەن ساختا ۋە ۋەھىينى پەرقلەندۈرەلەيمىز».—1-يۇھاننا 4:6.
137-ناخشا جاسارەت بەرگىن
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) شەيتان ئادەملەرنى قانداق ئالدايدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
شەيتان«يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر»، ئۇ ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ زامانىدىن تارتىپ ئادەملەرنى ئالداپ كەلمەكتە (يۇھاننا 8:44). ئۇنىڭ يالغان سۆزلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈم ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات توغرىسىدىكى ساختا تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەلىماتلار ئاساسىدا، نۇرغۇنلىغان ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە خۇراپاتلىقلار پەيدا بولغان. شۇ سەۋەبتىن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ياكى قولۇم-قوشنلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇلار «ئىمان ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا» توغرا كېلىدۇ.—يەھۇدا 3.
2 سىز شۇنداق سىناققا دۇچ كەلسىڭىز، ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەتنى بىلىش سادىق بولۇپ قېلىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ئەفەس. 6:11). خۇداغا ياخشى كۆرمەيدىغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتنىشىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان قېرىندىشىمىزنى قانداق قىلىپ ئىلھاملاندۇرۇپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز؟ بۇ ماقالىدە يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاۋۋال مۇقەددەس كىتابتا ئۆلۈم ھەققىدە نېمە ئېيتىلىدىغانلىقىنى كۆرەيلى.
ئۆلگەنلەر توغرۇلۇق ھەقىقەت
3. بىرىنچى يالغان سۆزنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
3 خۇدا ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى خالىمىغان. لېكىن، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن چوقۇم خۇداغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك ئىدى. خۇدا ئۇلارغا بەك ئاددىي بىر بۇيرۇقنى بەرگەن. ئۇ: «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ھەرگىز يېمىگىن، چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈندە جەزمەن ئۆلىسەن»،— دېگەن (يارىت. 2:16، 17). لېكىن، شەيتان يىلان ئارقىلىق ھاۋا-ئانىغا: «سىلەر ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر»،— دېگەنىدى. ناھايىتى ئەپسۇس، ھاۋا-ئانا شەيتانغا ئىشىنىپ، مېۋىنى يېگەن. كېيىن، ئادەم-ئاتىمۇ يېگەن (يارىت. 3:4، 6). شۇنداق قىلىپ، ئىنسانلار گۇناھ بىلەن ئۆلۈمنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان.—رىملىقلار 5:12.
4، 5. شەيتان ئادەملەرنى قانداق قىلىپ ئالدىماقتا؟
4 خۇدا ئېيتقاندەك، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئۆلۈپ كەتكەن. بىراق، شەيتان ئۆلۈم توغرۇلۇق يالغان ئېيتىشنى توختاتمىدى. يالغانچىلىق ئۈستىگە يالغان قوشۇلغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى داۋاملىق ياشايدۇ، دېگەن تەلىمات. مۇشۇ ساختا تەلىماتلارغا تېخىچە كۆپلىگەن ئادەملەر ئىشىنىشىدۇ.—1-تىموت. 4:1.
5 نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەملەر شەيتاننىڭ يالغانچىلىقىغا ئالدىنىپ قالىدۇ؟ ئىنسانلار مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن يارىتىلغان (ۋەز 3:11). ئادەتتە، ھېچكىم ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايدۇ. ئۆلۈم ئىنسانلار ئۈچۈن خۇددى بىر دۈشمەنگە ئوخشاش (1-كورىنت. 15:26). شەيتان ئىنساننىڭ ئۆلۈمگە نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەيتان بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئادەملەرنى ئۆز تۇزىقىغا ئوڭايلا چۈشۈرىدۇ.
6، 7. (1) شەيتان ھەقىقەتنى يوشۇرۇشتا ئۇتۇققا ئېرىشتىمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (2) ھەقىقەت قورقۇنۇچتىن ئازاد بولۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6 شەيتان ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قانچە كۈچ چىقارسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. كۆپلىگەن ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلاردا قانداق ئۈمىد بارلىقى ھەققىدە بىلىپ، ھەقىقەتنى باشقىلارغا ئېيتىۋاتىدۇ (ۋەز 9:5، 10؛ ئەلچى. 24:15). بۇ ھەقىقەت بىزگە تەسەللىي بېرىپ، قورقۇنۇچتىن ئايرىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، بىز ئۆلگەنلەردىن قورقمايمىز ياكى ئۆلگەن تۇغقانلىرىمىز ئازاب چېكىدۇ، دەپ ئەنسىرىمەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىنى سەزمەيدىغانلىقىنى، بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە ھېچكىمگە زىيان كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندەك ھالەتتە بولىدۇ (يۇھاننا 11:11–14). ئۆلگەنلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. شۇڭا، كەلگۈسىدە ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن، ھەتتا ئۆلگىنىگە نەچچە يۈز يىللار بولغان بولسىمۇ، ۋاقىت پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەكلا بىلىنىدۇ.
7 ئۆلگەنلەر توغرىسىدىكى ھەقىقەت ئېنىق، ئاددىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟ ھەقىقەت بىلەن شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرى ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرقلىنىدۇ! ئۇنىڭ يالغانچىلىقى ئادەملەرنى ئالداپلا قويماي، ياراتقۇچىمىزنىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرىدۇ. بۇنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى: شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرى يەھۋانى قانداق ھاقارەتلەيدۇ؟ شۇ يالغانچىلىقلار قانداق قىلىپ ئادەملەرنى مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك ئەمەس، دېگەن ئوي-پىكىردە بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ يالغانچىلىقلار قانداق قىلىپ ئادەملەرنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرد قوشىدۇ؟
شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرى كۆپ زىيان كەلتۈرىدۇ
8. يەرەمىيا 19:5-ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرى يەھۋا خۇدانىڭ ئىسىمىغا قانداق قىلىپ داغ كەلتۈرىدۇ؟
8 شەيتاننىڭ ئۆلۈم توغرىسىدىكى يالغانچىلىقلىرى يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرىدۇ. شۇ يالغانچىلىقلارنىڭ بىرى — دوزاخ ئوتى توغرىسىدىكى ساختا تەلىمات. شۇنداق تەلىماتلار خۇدانى ھاقارەتلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدانى شەيتاندەك ۋەھشىي، زالىم قىلىپ كۆرسىتىدۇ (1-يۇھاننا 4:8) . ئاسماندىكى ئاتىمىز توغرۇلۇق شۇنداق يىرگىنىچلىك يالغانچىلىقلارنى ئاڭلىغاندا قانداق ھېسسياتتا بولىمىز؟ ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا خۇدا شۇ ھاقارەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب: ئۇ ھەرقانداق رەزىللىكلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ، دەيدۇ.—يەرەمىيا 19:5-نى ئوقۇڭ.
9. شەيتاننىڭ ساختا تەلىماتلىرى يۇھاننا 3:16 ۋە 15:13-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى توغرۇلۇق قانداق ئوي-پىكىردە بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
9 شەيتاننىڭ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ساختا تەلىماتلىرى ئادەملەرنى مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك ئەمەس، دېگەن ئوي-پىكىردە بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (مەتتا 20:28). شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرىنىڭ يەنە بىرى — ئۆلمەس روھ توغرىسىدىكى تەلىمات. ئادەملەرنىڭ ئۆلمەيدىغان روھى بولسا، ھەممىسى مەڭگۈ ياشىغان بولاتتى. دېمەك، مەسىھنىڭ ھاياتىنى تۆلەم سۈپىتىدە قۇربان قىلىشىنىڭ ھاجىتى بولمايتتى. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى — ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىلگەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىپادىسى (يۇھاننا 3:16؛ 15:13-نى ئوقۇڭ). مۇشۇ بىباھا سوۋغاتنى كېرەكسىز قىلىپ كۆرسىتىدىغان ساختا تەلىماتلار يەھۋا خۇدانىڭ ۋە ئەيسانىڭ يۈرىكىنى قانچىلىك ئاغرىتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ!
10. شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرى قانداق قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ دەردىگە دەرد قوشقان؟
10 شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرى ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرد قوشىدۇ. بالىسىدىن ئايرىلىپ، قان يۇتۇپ زار-زار يىغلاۋاتقان ئاتا-ئانىغا، بەزىلەر خۇدا ئۇلارنىڭ بالىسىنى ئاسمانغا پەرىشتە قىلىپ ئېلىپ كەتتى دەپ ئېيتىدۇ. بۇ شەيتاننىڭ يالغانچىلىقى ئۇلارغا تەسەللىي بېرەمدۇ ياكى دەردىگە دەرد قوشامدۇ؟ دوزاخ ئوتى ھەققىدىكى ساختا تەلىمات كۆپلىگەن ۋەھشىي ئىشلارنى پەيدا قىلغان. مەسىلەن، چېركاۋ تەلىماتلىرىغا قارشى چىققانلار تۈۋرۈككە باغلىنىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. ئىسپانىيەدىكى دىنىي سوت b ھۆكۈمى توغرۇلۇق بىر كىتابقا ئاساسلانغاندا، روھانىيلارنىڭ ئويىچە، شۇنداق كۇپۇرلۇق قىلغۇچى يەنى كاتولىك تەلىماتلىرىغا قارشى بولغان كىشى كۆيدۈرۈلسە، ئۇ «يالقۇنلىغان دوزاخنىڭ تەمىنى بىلىپ»، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى توۋا قىلسا، دوزاخ ئوتىدىن ئامان قالالايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بەزى دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلىدۇ، سەۋەبى ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ياكى بەرىكەتلىشىگە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىشىدۇ. باشقا جايلاردا كىشىلەر ئۆلگەنلەر ئۇلارنى جازالىماسلىقى ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇس، شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرىغا ئاساسلانغان تەلىماتلار ھەقىقىي تەسەللىي بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئارتۇقچە ئورۇنسىز غەم-ئەندىشىلەرنى، ھەتتا قورقۇنچنى پەيدا قىلىدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى قوغداڭ
11. تۇغقانلىرىمىز ياكى دوستلىرىمىز مۇقەددەس كىتابقا زىت ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتنىشىشقا قانداق مەجبۇرلىشى مۇمكىن؟
11 تۇغقانلىرىمىز ياكى دوستلىرىمىز، ھەتتا ياخشى نىيەت بىلەن، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىسا، خۇدا ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت، يەھۋا خۇداغا بويسۇنۇشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ. ئۇلار «مەرھۇمغا بولغان ھۆرمىتىڭ قېنى»، دەپ يۈزىمىزگە سالىدۇ. ھەتتا «سەن سەۋەبلىك ئەرۋاھلار تىرىكلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولدى»، دېيىشى مۇمكىن. شۇنداق چاغلاردا، ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ كېلىڭلار، تۆۋەندىكى پرىنسىپلارنى قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
12. ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانداق ئۆرپ-ئادەتلەر مۇقەددەس كىتابقا زىت؟
12 مۇقەددەس كىتابقا زىت ئېتىقادلار ۋە ئۆر-ئادەتلەردىن «چىقىپ» كېتىشكە بەل باغلاڭ (2-كورىنت. 6:17). كارىب دېڭىزى رايۇندىكى ياشايدىغان خەلقلەر ئارىسىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئەتراپنى چۆگىلەپ، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلاردىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىر كىتابتا ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھى ھەتتا پۈتۈن يۇرتقا زىيان كەلتۈرەلەيدۇ، دەپ يېزىلغان. ئافرىقىدا، كىشى ئۆلگەن ئۆيدىكى ئەينەكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېپىپ، ئۆلگەن كىشىنىڭ سۈرەتلىرىنى دۈم قىلىپ قۇيىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ئۆلگەن ئادەم ئۆزىنى كۆرمەسلىكى كېرەك دەپ ئىشىنىدۇ. يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغانلىقتىن، بىز شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرىنى تارقىتىپ تەشۋىق قىلىدىغان شۇنداق تەلىماتلارغا ئىشەنمەيمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتناشمايمىز.—1-كورىنت. 10:21، 22.
13. ياقۇپ 1:5-ئايەتكە ئاساسەن، بىرەر ئۆرپ-ئادەتكە نىسپەتەن گۇمانىمىز بولسا، نېمە قىلساق بولىدۇ؟
13 ئەگەر قانداقتۇ بىر ئۆرپ-ئادەتنىڭ ياكى مۇراسىمنىڭ خۇداغا ياقىدىغان ياكى ياقمايدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىزچۇ؟ شۇ ۋاقىتتا يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، دانالىق سوراڭ (ياقۇپ 1:5-نى ئوقۇڭ). بىزنىڭ ماتېرىياللىرىمىزدىن مەلۇمات ئىزدەپ كۆرۈڭ. كېرەك بولسا، ئاقساقاللار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈڭ. ئۇلار قاتنىشىشقا بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتمايدۇ. لېكىن، سىزگە ياردەم بېرىدىغان پرىنسىپلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قەدەملەرنى قىلساق، ئەقلىمىزنى يېتىلدۈرىمىز. ئەقلىمىز بولسا، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.—ئىبرانىي. 5:14.
14. باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
14 «ھەممە نەرسىنى خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار… . پۇتلىكاشاڭ تاش بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار» (1-كورىنت. 10:31، 32). قانداقتۇ بىر ئۆرپ-ئادەتكە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقنى قارار قىلغاندا، بۇ باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ ۋىجدانىغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىزنىڭ ھېچكىمگە پۇتلىكاشاڭ بولغىمىز كەلمەيدۇ (ماركۇس 9:42). شۇنداقلا، يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس كىشىلەرنىمۇ رەنجىتكىمىز كەلمەيدۇ. بىز ئۇلار بىلەن سۆز تالاشماسلىقىمىز ياكى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى زاڭلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. مېھىر-مۇھەببەت زور كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. مېھىر-مۇھەببەت ئۇلارغا ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن سۆزلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلساق، ھەتتا بىزگە قارشى بولغانلارنىڭ يۈرىكىدىكى مۇز ئېرىشى مۇمكىن.
15، 16. (1) باشقىلارغا ئېتىقادىمىز توغرۇلۇق ئالدىن-ئالا ئېيتىش نېمە ئۈچۈن دانالىق بولىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (2) رىملىقلار 1:16-ئايەتتىكى پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى قانداق قوللىنىشقا بولىدۇ؟
15 باشقىلارغا يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئالدىن-ئالا ئېيتىپ قويۇڭ (يەشايا 43:10). ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن قولۇم-قوشنىلارغا يەھۋا خۇداغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن-ئالا ئېيتىپ قويسىڭىز، بېسىم قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىڭىزگە ئوڭايراق بولىدۇ. موزامبىكتا ياشايدىغان فرانسىسكو مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىم كارولىنا ئىككىمىز ھەقىقەتنى بىلگەندە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلگەنلەرگە چوقۇنمايمىز دەپ ئېيتتۇق. بۇ قارارىمىز كارولىنانىڭ ھەدىسى قايتىش بولغاندا سىناققا دۇچ كەلدى. يەرلىك ئۆرپ-ئادەت بويىچە، مەرھۇمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، شۇ سۇ تۆكۈلگەن يەردە يېقىن ئۇرۇق-تۇققىنى ئۈچ كۈن قونۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھىنى رازى قىلىپ تىنچلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. كارولىنانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ئۇنى شۇ سۇ تۆكۈلگەن جايدا ئۇخلايدۇ، دەپ كۈتكەن».
16 فرانسىسكو ۋە ئۇنىڭ ئايالى نېمە قىلغان؟ ئۇ مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: «بىز يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنى خۇشال قىلىشنى خالىغاچ، بۇ ئۆرپ-ئادەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلدۇق. كارولىنانىڭ تۇغقانلىرى بىزگە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆلگەنلەرنى ھۆرمەتلىمەيسىلەر دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلار ئەمدى بىز بىلەن ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز كۆز قارىشىمىزنى ئالدىن-ئالا چۈشەندۈرۈپ قويغانلىقتىن، ئۇلار غەزەپلىنىۋاتقاندا، بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلىشمىدۇق. بەزى تۇغقانلىرىمىز: «بۇلار ئۆز ئېتىقادى ھەققىدە بۇرۇن ئېيتىپ بولغانغۇ»،— دەپ بىزنى قوغدىدى. ۋاقىت ئۆتۈپ كارولىنانىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئاچچىقى يېنىپ، بىز ئۇلار بىلەن يارىشىۋالدۇق. بەزىلىرى ھەتتا ئۆيۈمىزگە كېلىپ، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى سورىدى». ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئېيتىشتىن خىجىل بولماي، ئەكسىچە ئۇنى قىزغىن قوغدايلى.—رىملىقلار 1:16-نى ئوقۇڭ.
قايغۇرغانلارغا تەسەللىي بېرىپ، يار-يۆلەك بولۇڭ
17. يېقىنىدىن ئايرىلغان قېرىندىشىمىزغا تەسەللىي بېرىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
17 ئېتىقادداشلىرىمىز يېقىنلىرىدىن ئايرىلغاندا، بىز ئۇلار ئۈچۈن «ھەقىقىي دوست» بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداق دوست «ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەرت بولۇشقا توغۇلغان» قېرىنداشقا ئوخشاش (پەند. نە 17:17). قېرىندىشىمىز مۇقەددەس كىتابقا زىت كەلگەن ئۆرپ-ئادەتكە قاتنىشىش بېسىمىغا دۇچ كەلسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن «ھەقىقىي دوست» ئىكەنلىكىمىزنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان ئىككى پرىنسىپنى كۆرۈپ چىقايلى.
18. ئەيسا نېمە ئۈچۈن كۆز ياش قىلغان ۋە بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
18 «يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاڭلار» (رىملىقلار 12:15). قايغۇغا پاتقان ئادەمگە نېمە دېيىشنى بىلمەي باش قاتۇرۇشىمىز مۇمكىن. بىراق، بەزىدە كۆز ياشلىرىمىز سۆزلىرىمىزدىنمۇ كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئەيسانىڭ دوستى لازار ئۆلۈپ كەتكەندە، مەريەم، مارتا ۋە باشقىلار قايغۇرۇپ يىغلىغان. ئەيسا تۆت كۈندىن كېيىن كەلگەن، ئۇ لازارنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، كۆز ياش قىلغانىدى (يۇھاننا 11:17، 33—35). ئەيسانىڭ كۆز ياش قىلغانلىقىدىن ئاتىسىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن. ھەمدە بۇ ئەيسانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارغا تەسەللىي بەرگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، قېرىنداشلىرىمىز مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرگەندە، يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مېھرىبان، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلىرى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
19. قايغۇرۇۋاتقان ئادەمگە تەسەللىي بەرگەندە، ۋەز 3:7-ئايەتتىكى نەسىھەتنى قانداق قوللانساق بولىدۇ؟
19 «سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار، سۆزلەشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» (ۋەز 3:7). قايغۇرۇۋاتقان قېرىندىشىمىزغا تەسەللىي بېرىشنىڭ يەنە بىر يولى — ئۇنى زەن قويۇپ تىڭشاش. ئۇنىڭ ئىچ باغرىنى تۆكۈپ بېرىشكە توسالغۇ قىلماڭ، ئۇ ئويلانماي سۆزلىسە رەنجىمەڭ (ئايۇپ 6:2، 3). چۈنكى، ئۇنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق روھىي بېسىم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە دۇئا قىلىڭ. دۇئالارنى ئاڭلايدىغان خۇدادىن كۈچ ۋە ئەقىل-پاراسەت بېرىشنى سوراڭ (زەبۇر 65:2). ئەھۋالغا قاراپ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، مۇقەددەس كىتابنى ياكى مۇۋاپىق بىر ماقالىنى بىللە ئوقۇڭ. مەسىلەن، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان تەرجىمىھالنى ئوقۇساڭلار بولىدۇ.
20. كېلەركى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
20 بىز ئۆلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان ئاجايىپ ئۈمىد ھەققىدە ھەقىقەتنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدار (يۇھاننا 5:28، 29). بۇ ھەقىقەتنى يۈرەكلىك بىلەن گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكتىمىز بىلەن قوغدايلى ۋە ھەربىر مۇمكىنچىلىكنى پايدىلىنىپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشايلى! كېلەركى ماقالىدە، شەيتاننىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەنە بىر ھىيلە-مىكىرىنى كۆرىمىز. بۇ — جىنكەشلىك. بىز نېمە ئۈچۈن جىنلارنىڭ تۇزىقى بىلەن باغلىنىشلىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن ۋە ئويۇن-تاماشىلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرىمىز.
16-ناخشا قېچىپ بار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا!
a شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى يالغانچىلىقلار بىلەن ئادەملەرنى ئالدايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان نۇرغۇن ئۆرپ-ئادەتلەر پەيدا بولغان. بۇ ماقالىدە، باشقىلار بىزنى شۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغاندا، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b ئىسپانىيەدىكى دىنىي سوت نەچچە يۈز يىلللار ئىلگىرى چېركاۋ تەلىماتلىرىغا قارشى ئوي-پىكىردە بولغانلارنى ۋەھشىيلىك بىلەن جازالىغان ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.
c سۈرەتتە: گۇۋاھچى ئەر-ئايال يېقىنىدىن ئايرىلىپ قايغۇرۇۋاتقان تۇققىنىغا تەسەللىي بېرىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: دەپنە قىلىش قائىدە-مۇراسىملىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىش قىلغاندىن كېيىن، قېرىندىشىمىز تۇغقانلىرىغا ئۆز كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرىۋاتىدۇ.
e سۈرەتتە: ئاقساقاللار يېقىنىدىن ئايرىلغان قېرىنداشقا تەسەللىي بېرىپ ئىلھاملاندۇرىۋاتىدۇ.