15-تەتقىق ماقالىسى
ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، خاتىرجەم بولۇڭلار
«ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خۇدانىڭ تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكىرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قوغدايدۇ».—فىلىپى. 4:7.
39-ناخشا تىنچ-ئامانلىقتىن بەھرىمەن بول!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئەيسا نېمە سەۋەبتىن قاتتىق ئەنسىرىگەن؟
يەر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەيسانىڭ كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولغان. ئۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىدىن ئازابلىنىپ ئۆلۈشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئەيسانى ئۆلۈمدىن باشقا يەنە بىر نەرسە تەشۋىشكە سالغان. ئۇ ئاتىسىنى بەك ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىشنى خالىغان. ئەيسا بۇ ئېغىر سىناقتا خۇداغا ساداقەتمەن بولۇپ قالسا، خۇدانىڭ ئىسىمىنى قوغداشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەيسا ئادەملەرنىمۇ ياخشى كۆرگەن. ئۇ يەھۋاغا ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ قالسا، ئادەملەرنىڭ يەردە مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈش پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.
2 قاتتىق بېسىم ئاستىدا بولسىمۇ، ئەيسا كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ قالغان. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «سىلەرگە تىنچ-ئامانلىقنى قالدۇرىمەن»،— دېگەن (يۇھاننا 14:27). ئەيسا «خۇدانىڭ تىنچلىقى»، يەنى ئادەم يەھۋا خۇدا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولغاندا ھېس قىلغان تىنچ-خاتىرجەملىككە ئىگە بولغان.—فىلىپى. 4:6، 7.
3. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 ئەلۋەتتە، ھېچبىرىمىز ئەيسادەك ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيمىز. لېكىن، ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىناق كۈتىدۇ (مەتتا 16:24، 25؛ يۇھاننا 15:20). ئەيساغا ئوخشاش بىزمۇ بەزىدە غەم-ئەندىشە قىلىمىز. ھەددىدىن زىيادە غەم قىلماسلىق ۋە تىنىچلىقنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ يەردە خىزمەت قىلغاندا، ئەيسا قايسى ئۈچ سەۋەب تۈپەيلىدىن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن؟ بىز ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ كېلىڭلار، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئەيسا دائىم دۇئا قىلغان
دۇئا قىلىش ئارقىلىق تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلىيالايمىز (4—7-ئابزاسلارغا قاراڭ)
4. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەيسا قايسى ۋەزىيەتلەردە دۇئا قىلغان؟ 1-سالونىكالىقلار 5:17-ئايەتتە بىزگە قانداق مەسلىھەت بېرىلگەن؟
4 1-سالونىكالىقلار 5:17-نى ئوقۇڭ. يەردىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەيسا قايتا-قايتا دۇئا قىلغان. شاگىرتلىرىغا ئۇنى خاتىرىلەشنى بۇيرىغاندا، ئەيسا نان بىلەن شارابنى قولىغا ئېلىپ، ئاتىسىغا دۇئادا ئىلتىجا قىلغان (1-كورىنت. 11:23–25). ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە دۇئا قىلغان (يۇھاننا 17:1—26). شۇ كېچىسى ئۇلار گېتسىمانە بېغىغا بارغاندىمۇ، ئەيسا قايتا-قايتا دۇئا-تىلاۋەت قىلغان (مەتتا 26:36—39، 42، 44). ھەتتا جان ئۈزۈشنىڭ ئالدىدا ئېيتقان ئاخىرقى بىر قانچە ئېغىز سۆزى دۇئا بولغان (لۇقا 23:46). ئەيسا شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ھەممە ۋەزىيەتلەرنى يەھۋاغا ئېيتىپ دۇئا قىلغان.
5. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى نېمە ئۈچۈن جەسۇر بولالمىغان؟
5 ئەيسا ئاتىسىغا تايىنىپ، پات-پات ئۇنىڭىدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن. لېكىن، شاگىرتلىرى ھوشىيار بولۇپ، دۇئا قىلىشنىڭ ئورنىغا، شۇ مۇھىم كېچىسى ئۇخلاپ قالغان. شۇڭا، ئۇلار سىناق ۋاقتىدا جەسۇر بولالمىغان (مەتتا 26:40، 41، 43، 45، 56). سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ سادىق بولۇپ قېلىش ئۈچۈن، قايتا-قايتا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. نېمە توغرىسىدا دۇئا قىلساق بولىدۇ؟
6. ئېتىقادىمىز تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6 يەھۋادىن ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشىنى سورىيالايمىز (لۇقا 17:5؛ يۇھاننا 14:1). بىزگە مۇستەھكەم ئېتىقاد كېرەك، چۈنكى شەيتان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى سىناپ تۇرىدۇ (لۇقا 22:31). قىيىنچىلىقلار بىرىنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ يەنە بىرى كەلگەندە، ئېتىقادىمىز كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ھەممىنى قىلغاندىن كېيىن، ئېتىقاد بىزنى شۇ قىيىنچىلىقنى يەھۋاغا تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. يەھۋا ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىقى سۆزسىز. شۇڭا، بىز ھېچ ئەنسىرىمەي، ئوي-پىكىر ۋە قەلبىمىزدە خاتىرجەم بولىمىز.—1-پېتر. 5:6، 7.
7. روبېرت بۇرادەر ئېيتقان سۆزلەردىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟
7 مەيلى قانداق سىناققا دۇچ كېلەيلى، دۇئا قىلساق، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىمىزنى يوقاتمايمىز. 80 ياشلىق روبېرت ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-ئايەتتىكى نەسىھەت ھاياتىمدىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ياردەم بەرگەن. پۇل تەرەپتىن قىسىلغان، ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىشتىنمۇ ئايرىلغان چاغلىرى بولغان». روبېرت بۇرادەرگە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەنسىرەشكە باشلىغاندا، دەرھال دۇئا قىلىمەن. قانچە كۆپ ۋە چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلسام، شۇنچە تىنچ-خاتىرجەم بولىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل».
ئەيسا قىزغىلىق بىلەن ۋەز قىلغان
ۋەز قىلىش ئارقىلىق تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلىيالايمىز (8—10-ئابزاسلارغا قاراڭ)
8. يۇھاننا 8:29-ئايەتتە يېزىلغاندەك، ئەيسا نېمە ئۈچۈن كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلىيالىغان؟
8 يۇھاننا 8:29-نى ئوقۇڭ. ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشنىڭ ئاتىسىنىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئەيساغا سىناق ۋاقتىدىمۇ كۆڭۈل خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا ياردەم بەرگەن. ھەتتا، بەك قىيىن پەيتتىمۇ، ئۇ خۇداغا ئىتائەتچان بولۇپ قالغان. ئەيسا ئاتىسىنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئەيسا يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى خۇدانىڭ يېنىدىكى «ئۇستا ھۈنەرۋەن» بولغان (پەند. نە 8:30). يەرگە كەلگەندە، ئاتىسى توغرۇلۇق قىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا تەلىم بەرگەن (مەتتا 6:9؛ يۇھاننا 5:17). بۇ ئىش ئەيسانى بەكمۇ خۇشال قىلغان.—يۇھاننا 4:34—36.
9. ۋەز قىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تىنچ-خاتىرجەم ھېس قىلىمىز؟
9 يەھۋاغا بويسۇنۇپ، «ھەردائىم رەبنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل» بولساق، ئەيسانى ئۈلگە قىلالايمىز (1-كورىنت. 15:58). ئۆزىمىزنى ۋەز قىلىشقا پۈتۈنلەي بېغىشلىساق، قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىتا ئىجابىي كۆز قاراشتا بولىمىز (ئەلچى. 18:5). بىز ۋەز خىزمىتىدە ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بىزنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلار يەھۋانى تونۇپ بىلگەندە ۋە نەسىھەتلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى باشلىغاندا، ھاياتى ياخشى تەرەپكە ئۆزگۈرۈپ، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ھېس قىلىدۇ. بۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرگەندە، يەھۋانىڭ بىزگە ھەقىقەتەن غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا كۆزۈمىز يېتىدۇ ۋە بۇ تىنچ-خاتىرجەم بولۇپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆزىنى ھېچنېمىگە يارامسىز ھېس قىلغان ۋە ئۆمۈر بويى روھىي چۈشكۈنلۈك بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن بىر قېرىنداش بۇنىڭ راستلىقىغا كۆز يەتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەز خىزمىتىگە كۆپ چىققاندا، ھېس-تۇيغۇلىرىمنى باشقۇرۇش ئوڭايراق بولىدۇ ۋە خۇشال بولۇپ قالىمەن. چۈنكى ۋەز قىلغاندا، يەھۋاغا ئالاھىدە يېقىن بولىمەن».
10. برېندانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
10 برېندا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، قىزىمۇ ئېغىر بىر ئاغرىققا گىرىپتار بولغان. برېندانىڭ ماغدۇرى يوق ۋە ئۇ مېيىپلار ھارۋۇسىغا باغلىنىپ قالغان. چامىسى يەتكەندە ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىدۇ، لېكىن ئادەتتە ئۇ خەت يېزىپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى دۇنيا كەلمىگىچە، سالامەتلىكىمنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگىنىمدە، ئۆزۈمنى ۋەز خىزمىتىگە تولۇق بېغىشلىدىم. ۋەز قىلغاندا، مەن قىيىنچىلىقلىرىمنى ئۇنتۇپ، غەم-ئەندىشىلىرىم بىر چەتتە قالىدۇ. مەن ئادەملەرگە ياردەم بېرىش توغرىلىقلا ئويلايمەن. ئۇلارغا ئۈمىد بېرىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزگەنسېرى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۈمىدى يالقۇنلايدۇ».
ئەيسا دوستلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان
ياخشى دوستلار بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلىيالايمىز (11—15-ئابزاسلارغا قاراڭ)
11—13. (1) ئەلچىلەر ۋە باشقا ئادەملەر ئەيسانىڭ ھەقىقىي دوستلىرى ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟ (2) دوستلىرىنىڭ ياردىمى ئەيساغا قانداق تەسىر قىلغان؟
11 ئەيسا يەردە ۋەز قىلغان چاغدا، ئەلچىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي دوستلىرى بولغان. ئۇلار «قېرىنداشتىنمۇ يېقىن تۇرىدىغان جان دوست بار» دېگەن سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان (پەند. نە 18:24). ئەيسا شۇنداق دوستلارنى بەك قەدىرلىگەن. ئەيسانىڭ ئۆز قېرىداشلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن (يۇھاننا 7:3—5). بىر قېتىم ئۇلار ھەتتا ئەيسا ئەقلىدىن ئېزىپتۇ دەپ ئويلىغان (ماركۇس 3:21). ئەيسا دوستلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مەن سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، سىلەر مەن بىلەن بىللە بولغانسىلەر».—لۇقا 22:28.
12 بەزىدە ئەلچىلىرى ئەيسانى ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ، ئۇ دىققىتىنى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىغا قاراتماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا دىققەت ئاغدۇرغان (مەتتا 26:40؛ ماركۇس 10:13، 14؛ يۇھاننا 6:66—69). ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى كەچتە، ئەيسا سادىق ئەلچىلىرىگە: «سىلەرنى دوستلار دەپ چاقىردىم. چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئاشكارا قىلدىم»،— دېگەن (يۇھاننا 15:15). دوستلىرى ئەيسانى ئىلھاملاندۇرغانلىقى سۆزسىز. ئۇلار ئەيساغا يار-يۆلەك بولۇپ، ۋەز ئىشىدا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنى خۇشال قىلغان.—لۇقا 10:17، 21.
13 ئەيسانىڭ ئەلچىلەردىن باشقا كۆپ دوستلىرى بولغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ۋە باشقا تەرەپتىن ياردەم بەرگەن ئەرلەر ۋە ئاياللار بولغان. بەزىلىرى ئەيسانى ئۆيىگە چاقىرىپ، مېھمان قىلغان (لۇقا 10:38—42؛ يۇھاننا 12:1، 2). يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرگەن ۋە قولىدا بارىنى ئۇنىڭ بىلەن بۆلۈشكەن (لۇقا 8:3). ئەيسا ئۆزى ياخشى، دوستانە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ياخشى دوستلىرى بولغان. ئەيسا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان ۋە ئۇلاردىن چامىسى يەتمىگەن ئىشلارنى قىلىشنى كۈتمىگەن. ئۇ مۇكەممەل بولسىمۇ، نامۇكەممەل دوستلىرىنىڭ ياردىمىنى قەدىرلىگەن. ناھايىتى ئېنىقكى، دوستلىرى ئەيسانىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلىشىغا ياردەم بەرگەن.
14، 15. ياخشى دوستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ ۋە ئۇلار بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 ھەقىقىي دوستلار يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇنداق ياخشى دوستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۆزىمىز ياخشى دوست بولۇشىمىز كېرەك (مەتتا 7:12). مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب بىزنى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈچىمىزنى ۋە ۋاقتىمىزنى ئايىماسلىققا چاقىرىدۇ (ئەفەس. 4:28). جامائىتىڭىزدە سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج بىرسى بارمۇ؟ بەلكىم، ئۆيدىن سىرتقا چىقالمايدىغان قېرىنداشقا دۇكاندىن كېرەك نەرسىلەرنى ئەكېلىپ بېرەلەمسىز؟ ئىقتىساد تەرەپتىن قىينالغان ئائىلىنى تاماققا چاقىرالامسىز؟ ياكى بولمىسا ®jw.org تور بېكىتىنى ۋە «®JW Library» پروگراممىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىپ، روھىي گۆھەرلەرگە يول ئېچىپ بېرەلەمسىز؟ باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە، ئۆزىمىز ھەم خۇشاللىققا ئېرىشىمىز.—ئەلچى. 20:35.
15 دوستلىرىمىز بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، بىزگە يار-يۆلەك بولۇپ، خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئايۇپ دەردىنى تۆككەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن تىڭشاپ ئولتۇرغان ئېلىخۇغا ئوخشاش، ئىچ-باغرىمىزنى تۆككەندە، دوستلىرىمىز بىزنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشايدۇ (ئايۇپ 32:4). ئەلۋەتتە، دوستلار بىز ئۈچۈن قارار قىلمايدۇ. لېكىن، بىز ئۇلارنىڭ يازمىلارغا ئاساسلانغان نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (پەند. نە 15:22). داۋۇت پادىشاھ كەمتەرلىك بىلەن دوستلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغىنىدەك، بىزمۇ دوستلىرىمىزنىڭ ياردەم قولىنى قايتۇرمايلى (2-سام. 17:27—29). ھەقىقەتەن، شۇنداق دوستلار يەھۋادىن كەلگەن سوۋغات.—ياقۇپ 1:17.
تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاڭ
16. فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، تىنچ-خاتىرجەملىككە قانداق ئىگە بولالايمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
16 فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-نى ئوقۇڭ. يەھۋا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچ-خاتىرجەملىككە ئىگە بولالايمىز، دەپ ئېيتقان؟ چۈنكى، يەھۋانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا، ئەيسانىڭ قانداق ئەھمىيەتلىك رولى بارلىقىنى چۈشەنسەك ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنسەك، ئوي-پىكىرىمىزدە ۋە قەلبىمىزدە تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلىيالايمىز. مەسىلەن، ئەيسا بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغانلىقتىن، بىزنىڭ ھەممە گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈلىدۇ (1-يۇھاننا 2:12). بۇنى بىلىش بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئەيسا، شەيتاننىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بۇ دۇنيا كەلتۈرگەن بارلىق زىيان-زەخمەتلەرنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ (يەشايا 65:17؛ 1-يۇھاننا 3:8؛ ۋەھىي. 21:3، 4). بۇ بىزگە ئاجايىپ ئۈمىد بېرىدۇ! ئەيسانىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاش قىيىن بولسىمۇ، ئۇ بۇ زاماننىڭ ئاخىرىغىچە بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ (مەتتا 28:19، 20). بۇ ھەممىمىزگە زور ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ! تەسەللىي، ئۈمىد ۋە مەدەت — كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ مۇستەھكەم ئۇل-ئاساس.
17. (1) بىز كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ (2) يۇھاننا 16:33-ئايەتتە يېزىلغاندەك، بىزمۇ ئەيساغا ئوخشاش بىز نېمە قىلالايمىز؟
17 قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى قانداق ساقلىيالايسىز؟ ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىڭ. بىرىنچىدىن، قايتا-قايتا دۇئا قىلىڭ. ئىككىنچىدىن، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىڭ ۋە قىيىن پەيتتىمۇ، قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىڭ. ئۈچىنچىدىن، بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە دوستلىرىڭىزنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىڭ. شۇ چاغدا، تەڭرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئوي-پىكىر ۋە قەلبىڭىزنى تىنچ-خاتىرجەملىكتە ساقلايدۇ. خۇددى ئەيساغا ئوخشاش سىزمۇ ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيسىز.—يۇھاننا 16:33-نى ئوقۇڭ.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
a ھەممىمىز ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلىشىمىز ئاسان ئەمەس. بۇ ماقالىدە، ئەيسانىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكنى ساقلىشىغا قانداق ئۈچ نەرسە ياردەم بەرگەنلىكىنى ۋە بىز قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.