مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

14-‏تە‌تقىق ماقالىسى

خىزمىتىڭىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىۋاتامسىز؟‏

خىزمىتىڭىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىۋاتامسىز؟‏

‏«خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بول،‏ ئۆز خىزمىتىڭنى تولۇ‌ق تاماملىغىن».‏‏—‏2-‏تىموت.‏ 4:‏5‏.‏

142-‏ناخشا ھە‌رخىل ئىنسانلارغا ۋە‌ز قىلىمىز

بۇ ماقالىدە a

ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن شاگىرتلىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ،‏ ئۇ‌لارغا «بېرىپ،‏ … شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار»،‏ دە‌پ بۇ‌يرىدى (‏1-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

1.‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە سادىق خىزمە‌تچىلىرى نېمىنى خالايدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ شاگىرتلىرىغا:‏ «بېرىڭلار،‏ ھە‌ممە خە‌لقلە‌ردىن شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 28:‏19‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە سادىق خىزمە‌تچىلىرى تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىنى قانداق قىلىپ تولۇ‌ق ئادا قىلالايدىغانلىقىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏5‏)‏.‏ بۇ ئىش باشقا ئىشلارغا قارىغاندا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم،‏ ئە‌ڭ ئە‌ھمىيە‌تلىك ۋە ئە‌ڭ جىددىي.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىدە ۋە‌ز خىزمىتىگە ئۆزىمىز خالىغاندە‌ك كۆپرە‌ك قاتنىشىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

2.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنى تولۇ‌ق ئادا قىلىشتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

2 ھە‌ممىمىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى ئالىدىغان باشقىمۇ مۇ‌ھىم ئىشلىرى بار.‏ ئۆزىمىزنى ۋە ئائىلىمىزنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلە‌شكە توغرا كېلىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۆزىمىزنىڭ ياكى ئائىلىمىزدىكى بىرسىنىڭ سالامە‌تلىكى ناچار بولۇ‌شى،‏ ياكى بولمىسا،‏ روھى چۈشكۈنلۈك چىرمىۋېلىشى ياكى،‏ يېشىمىز چوڭايغانسېرى ئاغرىقچان بولۇ‌پ قېلىشىمىز ۋە باشقا قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ خىزمىتىمىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلالايمىزمۇ؟‏

3.‏ مە‌تتا 13:‏23-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ردىن قانداق خۇ‌لاسە چىقىرىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

3 شارائىتىمىز تۈپە‌يلى،‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالمىساق،‏ روھىمىز چۈشمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ھە‌ربىرىمىزنىڭ ئوخشاش كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرالىشى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌سلىكىنى بىلىدۇ ‏(‏مە‌تتا 13:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلساق،‏ ئۇ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى بە‌كمۇ قە‌دىرلە‌يدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10—‏12‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يە‌تكە‌ندىمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ خىزمە‌تنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ش،‏ ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈش،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە ۋە تە‌لىم بېرىشتە تېخىمۇ ماھىر بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاۋۋال خىزمىتىمىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

4.‏ خىزمىتىمىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

4 ئاددىي سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ خىزمىتىمىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋە‌ز خىزمىتىگە ۋە تە‌لىم بېرىشكە ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە كۆپرە‌ك قاتنىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن پە‌قە‌ت قانچە سائە‌ت خىزمە‌ت قىلىدىغانلىقىمىز ئە‌مە‌س،‏ نىيىتىمىز بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىم.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ يە‌ھۋاغا پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىمىز بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىمىز b (‏ماركۇ‌س 12:‏30،‏ 31؛‏ كولوسى.‏ 3:‏23‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىمىز بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ بىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى ئورۇ‌نلاشقا بار كۈچىمىزنى ۋە بارچە قابىلىيە‌تلىرىمىزنى بېغىشلاشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ۋە‌ز ئىشىنى قە‌دىرلىسە‌ك،‏ قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشقا ئىنتىلىمىز.‏

5،‏ 6.‏ بىرىنىڭ ۋاقتى شۇ‌نچە قىس بولسىمۇ،‏ پۇ‌تۇ‌ن ۋۇ‌جۇ‌دى بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شى مۇ‌مكىنمۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

5 گىتار چېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر يىگىتنى مىسالغا ئالايلى.‏ ئۇ ھە‌ردائىم گىتار چېلىشىنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ ھە‌پتە ئاخىرىدا قە‌ھۋە‌خانىدا گىتار چالىدىغان ئىشقا كىرگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئالغان مۇ‌ئاشى جان بېقىش ئۈچۈن يە‌تمىگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ دۈشە‌نبىدىن جۈمە كۈنگىچە بە‌ش كۈن ئىشلە‌ش ئۈچۈن يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك دۇ‌كىنىغا كىرگە‌ن.‏ ئۇ كۆپ ۋاقتىنى بۇ دۇ‌كاندا ئۆتكۈزسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏خىيالى ئە‌تىدىن-‏كە‌چكىگە مۇ‌زىكىدا بولغان.‏ ئۇ گىتارا چېلىش ماھارىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌پ،‏ كە‌سپىي مۇ‌زىكانت بولۇ‌شنى بە‌كمۇ ئارزۇ قىلغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌رقانداق بىر پۇ‌رسە‌ت بولسىلا،‏ ھە‌تتا كىچىكىنە قولى بوش بولغاندا گىتار چېلىپ،‏ خۇ‌شاللىق تاپقان.‏

6 دە‌ل خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە ئۆزىمىز خالىغاندە‌ك كۆپ ۋاقىت چىقىرالماسلىقىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ سىزنىڭ بارچە ئوي-‏خىيالىڭىز ۋە‌ز خىزمىتىدە.‏ سىزمۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرىكىگە يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ماھارىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىسىز.‏ بىراق،‏ ۋە‌زىپىلىرىڭىز شۇ‌نچە كۆپ بولغانلىقتىن،‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى ھاياتىمدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايمە‌نمۇ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏

ۋە‌ز خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭ

7،‏ 8.‏ خىزمە‌تنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شتا ئە‌يسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

7 خىزمە‌تنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شتا ئە‌يسا ياخشى ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىش ئۇ‌نىڭ ھاياتىدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش بولغان (‏يۇ‌ھاننا 4:‏34،‏ 35‏)‏.‏ ئۇ ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن نە‌چچە يۈز كىلومېتر پىيادە يول ماڭغان.‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىشنىڭ ھە‌ربىر پۇ‌رسىتىدىن پايدىلىنىپ،‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئۆيلىرىدە ۋە باشقا يە‌رلە‌ردە سۆزلە‌شكە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ ھاياتىدا ۋە‌ز قىلىش بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولغان.‏

8 ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە بولايلى،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش پۇ‌رسىتىنى قولدىن بە‌رمە‌يلى.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۆزىمىزنىڭ قولايلىق تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتلىرىنى قۇ‌ربان قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏ماركۇ‌س 6:‏31–‏34؛‏ 1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ بە‌زى قېرىنداشلار پىدا ئېتقۇ‌چى،‏ ياردە‌مچى ياكى مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى باشقا تىلنى ئۆگىنىدۇ ياكى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا كۆچۈپ خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ۋە‌ز ئىشىنىڭ تە‌ڭدىن تولىسىنى جامائە‌تتىكى جاكارلىغۇ‌چىلار قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا قولىمىزدىن كە‌لمىگە‌ننى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دانىڭ شان-‏شە‌رە‌پلىك خۇ‌ش خە‌ۋىنى جاكارلاشنى،‏ يە‌نى بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌تنى ھە‌ممىمىزنىڭ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق بىلە‌ن ئادا قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 1:‏11؛‏ تە‌كرار.‏ قا 30:‏11‏.‏

9.‏ (‏1)‏ پاۋلۇ‌سقا ئىشلە‌شكە توغرا كە‌لسىمۇ،‏ ئۇ قانداق قىلىپ خىزمە‌تنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان؟‏ (‏2)‏ ئە‌لچىلە‌ر 28:‏16،‏ 30،‏ 31-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ پاۋلۇ‌س ۋە‌ز خىزمىتىگە قانداق كۆز قاراشتا بولغان؟‏

9 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خىزمە‌تنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شى بىلە‌ن بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئىككىنچى قېتىملىق ۋە‌ز قىلىش سە‌پىرىدە كورىنت شە‌ھىرىدە بولغاندا،‏ پۇ‌لدىن قىسىلغانلىقتىن،‏ پاۋلۇ‌سقا ئىشلە‌شكە توغرا كە‌لگە‌ن.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س ئۈچۈن ئىش بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولمىغان.‏ ئۇ ئۆز جېنىنى بېقىپ،‏ كورىنتلىقلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى «ھە‌قسىز» جاكارلاش ئۈچۈن ئىشلىگە‌ن (‏2-‏كورىنت.‏ 11:‏7‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئىشلىشىگە توغرا كە‌لسىمۇ،‏ خىزمە‌تنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان ۋە ھە‌ر شە‌نبە كۈنى ۋە‌ز قىلغان.‏ شارائىتى ئۆزگە‌رگە‌ن چاغدا،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك قاتناشقان.‏ «پاۋلۇ‌س پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ سۆزىنى يە‌تكۈزۈش خىزمىتى بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌شقا باشلىدى.‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىيلارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌تتى» (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏3—‏5؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 11:‏9‏)‏.‏ كېيىن پاۋلۇ‌س رىمدا ئىككى يىل ئۆيدە قاماقتا بولغىنىدا،‏ خە‌تلە‌رنى يازغان ۋە ئۇ‌نى كۆرۈشكە كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 28:‏16،‏ 30،‏ 31-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ھېچنە‌رسىنىڭ خىزمە‌تتىن مۇ‌ھىمىراق بولۇ‌پ كېتىشىگە يول بە‌رمە‌سلىككە بە‌ل باغلىغان.‏ پاۋلۇ‌س:‏ «بۇ خىزمە‌تكە ئىگە بولغان ئىكە‌نمىز،‏ بىز بە‌ل قويۋە‌تمە‌يمىز»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏1‏)‏.‏ ئىشىمىز كۆپ ۋاقتىمىزنى ئالسىمۇ،‏ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش پادىشاھلىق ئىشلىرىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايمىز.‏

خىزمىتىمىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىشنىڭ ھە‌ر خىل ئۇ‌سۇ‌للىرى بار (‏10،‏ 11-‏بە‌تلە‌رگە قاراڭ)‏

10،‏ 11.‏ سالامە‌تلىكىمىز ناچار بولسا،‏ خىزمە‌تنى قانداق قىلىپ تولۇ‌ق ئادا قىلالايمىز؟‏

10 ياشىنىپ قالغانسېرى دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ياكى سالامە‌تلىكىمىزنىڭ ناچارلىشىشى سە‌ۋە‌بلىك ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلالمىساق،‏ خىزمە‌تنىڭ باشقا تۈرلىرىگە قاتنىشالايمىز.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌ر ھە‌ممە يە‌ردە ۋە‌ز قىلغان.‏ ئۇ‌لار ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە ئادە‌ملە‌ر كۆپ يە‌رلە‌ردە ۋە‌ز قىلىپ،‏ نارە‌سمىي گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ،‏ ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا ئېيتىشنىڭ ھېچبىر پۇ‌رسىتىنى قولدىن بە‌رمىگە‌نىدى (‏ئە‌لچى.‏ 17:‏17؛‏ 20:‏20‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىزگە ئۇ‌زاق يول مېڭىش قىيىن،‏ ئادە‌ملە‌ر كۆپ ئۆتىدىغان يە‌ردە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆتكە‌ن-‏كە‌چكە‌نلە‌رگە ۋە‌ز قىلسىڭىز بولىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا خە‌ت ۋە تېلېفون ئارقىلىق ياكى نارە‌سمىي گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌لە‌يسىز.‏ كۆپلىگە‌ن ئىمكانىيىتى چە‌كلىك قېرىنداشلار ۋە خىزمە‌تنىڭ مۇ‌شۇ تۈرلىرىگە قاتنىشىپ خۇ‌شاللىق ۋە قانائە‌ت تاپالايدۇ.‏

11 سالامە‌تلىكىڭىز ناچار بولسىمۇ،‏ خىزمە‌تنى تولۇ‌ق ئادا قىلالايسىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ئادە‌تتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ بىزدىن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە خۇ‌دادىن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س ۋە‌ز خىزمە‌ت سە‌پىرىدە ئاغرىپ قالغاندا شۇ‌نداق كۈچكە موھتاج بولغان.‏ ئۇ گالاتىيالىقلارغا:‏ «سىلە‌ر بىلىسىلە‌ركى،‏ كېسە‌ل بولۇ‌پ قالغىنىم ئۈچۈن،‏ سىلە‌رگە بىرىنچى بولۇ‌پ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش پۇ‌رسىتىم بولغانىدى»،‏—‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى (‏گالاتىيا.‏ 4:‏13‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ سالامە‌تلىكىڭىز ناچار بولسىمۇ،‏ سىزدە دوختۇ‌رلارغا ۋە تىببىي خادىملارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش مۇ‌مكىنچىلىكىڭىز بار.‏ چۈنكى جاكارلىغۇ‌چىلار دوختۇ‌رخانىدا ئىشلە‌يدىغانلارنىڭ ئۆيىگە ۋە‌ز قىلىپ بارغاندا،‏ ئادە‌تتە كۆپىنچىسى ئىشتا بولۇ‌پ قالىدۇ.‏

ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈڭ

12.‏ مە‌تتا 6:‏22-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر ئارقىلىق ئە‌يسا نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏

12 ئە‌يسا:‏ «كۆز تە‌ننىڭ چىرىغىدۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر كۆزۈڭ ئېنىق كۆرسە،‏ پۈتۈن بە‌دىنىڭ يورۇ‌قلۇ‌ققا تولىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 6:‏22‏)‏.‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭ بىلە‌ن نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ بىز ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈپ،‏ بىر مە‌قسە‌تنى كۆزلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ ئە‌يسا ئۆزىمۇ ھاياتىنى خىزمە‌تكە بېغىشلاپ،‏ ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ شۇ‌نداقلا شاگىرتلىرىنى يە‌ھۋانى ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ بىزمۇ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا» قويۇ‌شنى خالىساق،‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى مە‌قسە‌ت قىلايلى.‏—‏مە‌تتا 6:‏33‏.‏

13.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

13 ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشىغا ۋە ئۇ‌نى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن قە‌يە‌ردىن كۆپرە‌ك ۋاقىت تاپالايمىز؟‏ ھاياتىمىزنى ئاددىيلاشتۇ‌رساق بولىدۇ c‏.‏ سىز ھە‌پتە ئارلىقىدا ۋە‌ز خىزمە‌تكە كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلە‌ش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتالامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا كۆپ ۋاقتىڭىز كېتىۋاتسا،‏ قانداقتۇ بىر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلالامسىز؟‏

14.‏ بىر ئە‌ر-‏ئايال ۋە‌ز خىزمە‌تكە كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن قانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلغان؟‏

14 ئېلياس ئىسىملىك ئاقساقال ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالمىدۇ‌ق،‏ ئە‌مما،‏ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ كۆپرە‌ك ۋە‌ز خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزغا مە‌قسە‌ت قويۇ‌پ،‏ ئاستا-‏ئاستا مە‌قسىتىمىزگە يېتىشكە تىرىشتۇ‌ق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ چىقىملارنى ۋە دە‌م ئېلىش بىلە‌ن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا كېتىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتتۇ‌ق.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ باشلىقلىرىمىزدىن ئىش ۋاقتىمىزنى ئۆزگە‌رتىشنى سورىدۇ‌ق.‏ نە‌تىجىدە كە‌چقۇ‌رۇ‌نلىقى ۋە‌ز قىلالايدىغان بولدۇ‌ق،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدۇ‌ق،‏ ھە‌تتا بىر ئايدا ھە‌پتە ئارلىقىدا ئىككى قېتىم ۋە‌ز خىزمە‌ت ئۇ‌چرىشىشىغا قاتنىشالىدۇ‌ق.‏ بىز ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق تاپتۇ‌ق!‏»‏

ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ڭ

‏«ۋە‌ز خىزمە‌ت ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشىدىكى نە‌سىھە‌تلە‌رنى قوللانساق،‏ خىزمىتىمىزنى ياخشىلىيالايمىز (‏15،‏ 16-‏بە‌تلە‌رگە قاراڭ)‏ d

15،‏ 16.‏ 1-‏تىموتىي 4:‏13،‏ 15-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ۋە‌ز قىلىش ماھارىتىمىزنى قانداق ئۆستۈرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏«‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى تولۇ‌ق ئادا قىلشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌قسە‌تلە‌ر‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

15 خىزمىتىمىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىشنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ ۋە‌ز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈش.‏ بە‌زىلە‌ر كە‌سپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ۋە قابىلىيە‌تلىرىنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە ئۆگىنىدۇ.‏ پادىشاھلىق جاكارلىغۇ‌چىلىرىمۇ شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە تېخىمۇ ماھىر بولۇ‌ش ئۈچۈن داۋاملىق ئ‍ۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏پە‌ند.‏ نە 1:‏5؛‏ 1-‏تىموتىي 4:‏13،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

16 ۋە‌ز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ «ۋە‌ز خىزمە‌ت ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشىنىڭ رىياسە‌تچىسى مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە دىققە‌تچان بولۇ‌ڭ.‏ بۇ يىغىلىشتا ۋە‌ز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدىغان پايدىلىق نە‌سىھە‌تلە‌ر بېرىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يىغىلىشىنىڭ رىياسە‌تچىسى تاپشۇ‌رۇ‌ق بىلە‌ن چىققان قېرىنداشقا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزگە پايدىلىق دە‌پ قارىغان ئوي-‏پىكىرلە‌رنى يېزىۋېلىشقا بولىدۇ.‏ كېيىن،‏ خىزمە‌تكە چىققاندا،‏ ئۇ‌لارنى قوللانساق بولىدۇ.‏ ۋە‌ز قىلىش توپىنىڭ نازارە‌تچىسىدىن مە‌سلىھە‌ت سورىيالايمىز،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن خىزمە‌تكە چىقساقمۇ بولىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېتقۇ‌چى،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېتقۇ‌چى ياكى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار بىلە‌ن ۋە‌ز قىلالايمىز.‏ تە‌لىم بېرىش قوراللىرىنى ياخشىراق قوللىنىشنى ئۆگىنىۋالساق،‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىشتىن كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تاپىمىز.‏

17.‏ خىزمىڭىمىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلسىڭىز،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

17 «خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى» بولۇ‌ش نېمە دېگە‌ن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏9‏)‏.‏ «نېمە بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى پە‌رقلە‌ندۈرۈپ»،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىمىز (‏فىلىپى.‏ 1:‏10؛‏ زە‌بۇ‌ر 100:‏2‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى بولغانلىقتىن،‏ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ خىزمىتىڭىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزگە كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلماڭ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏1،‏ 7؛‏ 6:‏4‏)‏.‏ قانچە ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىشىڭىزغا قارىماي،‏ پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىڭىز بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلسىڭىز،‏ سىزمۇ ‹ئۆز ئىشىڭىزدىن سۆيۈنىسىز› (‏گالاتىيا.‏ 6:‏4‏)‏.‏ ۋە‌ز خىزمىتىڭىزنى تولۇ‌ق ئادا قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ۋە ئادە‌ملە‌رگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى ۋە سىزنى تىڭشىغانلارنى قۇ‌تقۇ‌زالايسىز.‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏.‏

141-‏ناخشا تىنچلىق دوستلىرىنى ئىزدە‌يمىز

a ئە‌يسا بىزنى پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاشقا ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشقا بۇ‌يرىغان.‏ بۇ ماقالىدە،‏ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ خىزمىتىمىزنى قانداق تولۇ‌ق ئادا قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ۋە‌ز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ،‏ كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ بىزنىڭ خىزمىتىمىز ھە‌رخىل شە‌كىلدىكى ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئىش-‏پائالىيە‌تلىرى،‏ ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرى ۋە ئۇ‌لارنى رېمونت قىلىش،‏ ئاسراپ ياخشى ھالە‌تتە تۇ‌تۇ‌ش ھە‌م سۈپۈرۈپ تازىلاش يە‌نە تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌رگە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 5:‏18،‏ 19؛‏ 8:‏4‏.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2016-‏يىل،‏ ئىيۇ‌ل سانىنىڭ 10-‏بېتىدىكى «‏ئاددىي-‏ساددا ھايات كە‌چۈرۈش‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ «ۋە‌ز خىزمە‌ت ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشىدا،‏ قېرىندىشىمىز بىرىنچى قايتا يولۇ‌قۇ‌ش تاپشۇ‌رۇ‌قىنى ئورۇ‌نلاۋاتىدۇ.‏ كېيىن،‏ يىغىلىشنىڭ رىياسە‌تچىسى بە‌رگە‌ن مە‌سلىھە‌تنى «‏تە‌لىم بېرىش‏» كىتابچىسىغا يېزىۋاتىدۇ.‏ يىغىلىشتا ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ۋە‌ز خىزمىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ.‏