17-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن رەزىل روھلارغا قارشى تۇرۇڭ
«كۆكتىكى رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز».—ئەفەس. 6:12.
33-ناخشا ئۇلاردىن قورقماڭلار!
بۇ ماقالىدە a
1. ئەفەسلىكلەر 6:10—13-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا بىزگە قانداق كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
يەھۋانىڭ دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى — ئۇنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتىنىڭ بىرى. بىزنىڭ ئاساسىي دۈشمەنلىرىمىز — شەيتان بىلەن جىنلار. يەھۋا بىزنى ئۇلار توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ (ئەفەسلىكلەر 6:10—13-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تايانساق، ئىبلىسقا قارشى تۇرالايمىز. شۇنداق قىلساق، ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش: «خۇدا بىز تەرەپتە تۇرسا، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟» دەپ ئىشەنچىلىك ئېيتالايمىز.—رىملىقلار 8:31.
2. بۇ ماقالىدە نېمە توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلىمىز؟
2 خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى بولغانلىقتىن، بىز شەيتان بىلەن جىنلارغا قىزىقمايمىز. ئەكسىچە، بار دىققىتىمىزنى يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشقا ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا قارىتىمىز (زەبۇر 25:5). شۇنداق بولسىمۇ، بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ شۇ چاغدا، ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالمايمىز (2-كورىنت. 2:11). بۇ ماقالىدە، شەيتان ۋە جىنلار ئادەملەرنى ئالداش ئۈچۈن ئاساسلىقى قانداق تۇزاقلارنى قورىدىغانلىقى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.
رەزىل روھلار ئادەملەرنىڭ قانداق ئالدايدۇ؟
3، 4. (1) جىنكەشلىك دېگىنىمىز نېمە؟ (2) جىنكەشلىك قانچىلىك كەڭ تارقالغان؟
3 شەيتان ۋە جىنلارنىڭ ئادەملەرنى ئالداش ئۈچۈن ئاساسلىق قوللىنىدىغان ئۇسۇلى — جىنكەشلىك. ئاشۇ جىنكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاددىي ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى قىلالايمىز، سىرلارنى ئاشكارا قىلالايمىز، دەيدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر پال ئېچىپ ياكى يۇلتۇزلارغا قاراپ كېلەچەكنى ئېيتىپ بېرەلەيمىز، دېيىشىدۇ. بەزىلەر ئەرۋاھلار بىلەن سۆزلىشەلەيمىز، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر سېھىرگەرلىك ياكى جادۇگەرلىك ياكى باخشىلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، باشقىلارغا قارغىشلارنى ئوقۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ b.
4 جىنكەشلىك قانچىلىك كەڭ تارقالغان؟ لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب ئاراللىرىغا جايلاشقان 18 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسىسى بويىچە، ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى جادۇگەرلىك ۋە سېھىرگەرلىككە ئىشىنىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرۋاھلار بىلەن ئالاقە قىلىش مۇمكىن دەپ ھېسابلايدۇ. ئافرىقىدىكى 18 دۆلەتتىمۇ شۇنىڭدەك پىكىر ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئوتتۇرا ھېسابتا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى سېھىرگەرلىككە ئىشىنىدىكەن. ئەلۋەتتە، قەيەردە ياشىمايلى، جىنكەشلىكنىڭ تۇزىغىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن، پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، شەيتان «پۈتۈن دۇنيانى» ئازدۇرىۋاتىدۇ.—ۋەھىي. 12:9.
5. يەھۋا خۇدا جىنكەشلىككە قانداق قارايدۇ؟
5 يەھۋا «ھەقىقەتنىڭ خۇداسى» (زەبۇر 31:5). شۇ سەۋەبتىن، ئۇ جىنكەشلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ! يەھۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردا ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغانلار، پال سالىدىغانلار، سېھىرگەرلەر، رەم سالىدىغانلار، جادۇگەرلەر، ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلار، ئەرۋاھلارنى چاقىرىدىغانلار ياكى داخانلار، ئۆلۈكلەردىن مەسلىھەت سورايدىغانلار بولمىسۇن. چۈنكى، يەھۋا بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلاردىن يىرگىنىدۇ. خۇدايىڭ يەھۋا بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار سەۋەبلىك، ئۇ مىللەتلەرنى سېنىڭ ئالدىڭدا يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ» (تەكرار. قا 18:10—12). بۈگۈنكى كۈندە، بىز يەھۋا خۇدا ئىسرائىللىقلارغا بەرگەن قانۇن بويىچە ياشىمايمىز. لېكىن، يەھۋا جىنكەشلىكنى شۇ چاغدا قانداق ئۆچ كۆرگەن بولسا، ھازىرمۇ دەل شۇنداق ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.—مالاك. 3:6.
6. (1) شەيتان ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن جىنكەشلىكتىن قانداق پايدىلىنىدۇ؟ (2) ۋەز 9:5-ئايەتكە ئاساسەن، ئادەم ئۆلگەندە ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟
6 يەھۋا خۇدا بىزنى جىنكەشلىكنىڭ خەۋپ-خەتىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى، جىنكەشلىكنىڭ ياردىمى بىلەن شەيتان ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. شەيتان جىنكەشلىكنى قوللىنىپ، ھەرقانداق يالغان تەلىماتلارنى تارقىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ بىزنى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى داۋاملىق ياشايدۇ، دېگەنگە ئىشەندۈرمەكچى (ۋەز 9:5-نى ئوقۇڭ). شۇنداقلا، ئۇ جىنكەشلىكتىن پايدىلىنىپ، ئادەملەرنى قورقۇتماقچى ۋە ئۇلارنى يەھۋادىن يىراقلاشتۇرماقچى. شەيتاننىڭ مەقسىتى جىنكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەملەرنى يەھۋاغا ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، رەزىل روھلارغا ئىشەندۈرۈش.
رەزىل روھلارغا قانداق قارشى تۇرالايمىز؟
7. يەھۋا بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
7 يۇقىرىدا ئېيتىلىپ كەتكەندەك، يەھۋا بىزگە شەيتان بىلەن جىنلارغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بىرنەچچە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
8. (1) رەزىل روھلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى نېمە؟ (2) زەبۇر 146:4-ئايەتتىكى سۆزلەر، شەيتاننىڭ ئۆلگەنلەر ھەققىدىكى يالغانچىلىقلىرىنى قانداق ئاشكارىلايدۇ؟
8 خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىڭىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىڭ. بۇ — رەزىل روھلار تارقىتىۋاتقان يالغانچىلىققا ئالدىنىپ قالماسلىقنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى. خۇدانىڭ سۆزى شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدىغان ئۆتكۈر قىلىچقا ئوخشايدۇ (ئەفەس. 6:17). مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا ئەرۋاھلار بىلەن سۆزلىشىش مۇمكىن ئەمەسلىكى ئېيتىلغان (زەبۇر 146:4-نى ئوقۇڭ). شۇنداقلا ئۇنىڭدا پەقەت يەھۋا خۇدا كېلەچەك ھەققىدە ئىشەنچىلىك بېشارەتنى ئالدىن ئالا ئېيتالايدىغانلىقى يېزىلغان (يەشايا 45:21؛ 46:10). خۇدانىڭ سۆزىنى دائىم ئوقۇپ، بىلگەنلىرىمىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىساق، رەزىل روھلار ئىشەندۈرمەكچى بولغان يالغان تەلىملەرنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىنىمىز.
9. نېمە ئۈچۈن جىنكەشلىككە كىرىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن قېچىشىمىز كېرەك؟
9 جىنكەشلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشلاردىن قېچىڭ. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە بىز ھېچقانداق جىنكەشلىككە كىرىدىغان ئىشلارنى قىلمايمىز. مەسىلەن، باخشىلار ياكى داخانلارغا بارمايمىز ۋە ئۆلگەنلەر بىلەن سۆزلىشىشنىڭ باشقا يوللىرىنى ئىزدىمەيمىز. ئاۋۋالقى ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، ئۆلگەنلەر ئەرۋاھلارغا ئايلىنىدۇ، دېگەن ئىشەنچكە ئاساسلانغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتناشمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز يۇلتۇزلارغا قاراپ كېلەچەكنى بىلىشكە تىرىشمايمىز ياكى پال ئاچمايمىز (يەشايا 8:19). سەۋەبى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خەتەرلىك، ھەتتا شەيتان ۋە جىنلار بىلەن ئۇدۇل ئالاقە قىلىشقا يېتەكلىشى مۇمكىن.
10، 11. (1) بىرىنچى ئەسىردىكى بەزى ئادەملەر ھەقىقەتنى بىلگەندە، نېمە قىلغانىدى؟ (2) 1-كورىنتلىقلار 10:21-ئايەتلەرگە ماس، بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەرنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
10 جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق نەرسىلەردىن ئايرىلىڭ. بىرىنچى ئەسىردە ئەفەستە ياشىغان بەزى ئادەملەر جىنكەشلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ھەقىقەتنى بىلگەندە، ھاياتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قەتئىي ھەرىكەت قىلغان. «سېھىرگەرلىك قىلغان بىرمۇنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى بىر يەرگە ئېلىپ كەلدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوت يېقىپ كۆيدۈردى» (ئەلچى. 19:19). ئۇلار رەزىل روھلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقارغانىدى. ئۇلارنىڭ كىتابلىرى بەك قىممەت بولغان. ئەمما، ئۇلار كىتابلىرىنى سېتىشنىڭ ياكى باشقىلارغا بېرىۋېتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى كۆزىدىن يوق قىلغانىدى. شۇ كىشىلەر ئۈچۈن كىتابلارنىڭ قانچە پۇلغا يارىشى ئەمەس، بەلكى يەھۋانى خۇشال قىلىش مۇھىمىراق بولغان.
11 بىز بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەرنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق نەرسىدىن ئايرىلىش بەك مۇھىم. مەسىلەن، تۇمار، كۆز مونچاق ۋە رەزىل روھلاردىن ياكى كۆز تېگىشتىن ساقلايدىغان باشقا نەرسىلەرنى يوق قىلىشىمىز زۆرۈر.—1-كورىنتلىقلار 10:21-نى ئوقۇڭ.
12. ئويۇن-تاماشىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق سوئاللارنى ئۆزىمىزگە قويۇشىمىز كېرەك؟
12 ئويۇن-تاماشىلارنى تاللىغاندا پەخەس بولۇڭ. ئۆزىڭىزدىن مۇنداق دەپ سوراڭ: مەن جىنكەشلىك توغرۇلۇق كىتاب-ژۇرناللار ياكى توردىن ئوقۇيمەنمۇ؟ مەن تىڭشايدىغان مۇزىكا، كۆرىدىغان فىلىملەر ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، ئوينايدىغان ئېلىكترونلۇق ئويۇنلار ھەم جىنكەشلىكنى مەزمۇن قىلغانمۇ؟ مەن تاللىغان ئويۇن-تاماشىدا قان شورۇغۇچىلار، گۆردىن چىققان ئۆلۈكلەر، روھلاردىن كۈچ ئالغان ئادەملەرگە ئوخشاش جىنكەشلىككە باغلىنىشلىق بىر نەرسىلەر يوقمۇ؟ سېھىر-جادۇگەرلىكنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، قىزىقارلىق نەرسىدەك كۆرسىتىلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئويدۇرما، ئەپسانە-رىۋايەت ياكى ھېكايە-چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسىنى جىنكەشلىك دەپ ئېيتالمايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى تاللىغاندا، يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىلەردىن نېرى تۇرۇشقا بەل باغلاڭ. چۈنكى، ھەممىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشنى خالايمىز c.—ئەلچى. 24:16.
13. بىز نېمىلەرنى ئېيتىپ بەرمەيمىز؟
13 باشقىلارغا جىنلار توغرۇلۇق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرمەڭ. بىز بۇ جەھەتتىن ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشنى خالايمىز (1-پېتر. 2:21). يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئەيسا ئاسماندا ياشىغانلىقتىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان جىنلار توغرۇلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەن. لېكىن، ئۇ شۇ رەزىل روھلارنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ھېكايىلەرنى ئېيتمىغان. سەۋەبى، ئۇ شەيتاننىڭ ۋەكىلى ئەمەس، يەھۋانىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشنى خالىغان. بىز ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، جىنلار توغرۇلۇق ھېكايىلەرنى تارقاتمايمىز. بۇنىڭ ئورنىغا قەلبىمىزگە يېقىملىق بىر نەرسە، يەنى ھەقىقەت تەسىر قىلىۋاتقانلىقى سۆزلىرىمىزدىن كۆرۈنسۇن.—زەبۇر 45:1.
14، 15. (1) نېمە ئۈچۈن رەزىل روھلاردىن قورقۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق؟ (2) يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنىڭ قانداق دەلىلى بار؟
14 رەزىل روھلاردىن قورقماڭ. بۈگۈنكى دۇنيادا بىز تۈرلۈك يامان ئىشلارغا يولۇقىشىمىز مۇمكىن. بىز كۈتۈلمىگەن قاتناش ھادىسىلىرى، كېسەللىك، ھەتتا ئۆلۈمگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى رەزىل روھلارنىڭ تەسىرىدىن بولدى، دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا، ھەربىرىمىزنىڭ «كۈتۈلمىگەن پەيت ۋە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرگە» دۇچ كېلىدىغانلىقىمىز يېزىلغان (ۋەز 9:11). يەھۋا جىنلاردىن نەقەدەر قۇدرەتلىك. مەسىلەن، خۇدا شەيتاننىڭ ئايۇپنى ئۆلتۈرۈشىگە رۇخسەت بەرمىگەنىدى (ئايۇب 2:6). مۇسا پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە، يەھۋا خۇدا ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللانغان مىسىر كاھىنلىرىدىن كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان (چىق. 8:18؛ 9:11). يەھۋا خۇدا كېيىنرەك ئەيساغا ھوقۇق بەرگەندە، ئۇ شەيتان بىلەن جىنلارنى ئاسماندىن يەرگە قوغلىۋەتكەن. پات-ئارىدا ئۇلار ھاڭغا تاشلىنىدۇ، شۇ يەردە ئۇلار ھېچكىمگە زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ.—ۋەھىي. 12:9؛ 20:2، 3.
15 بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ھىمايە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ كۆپ دەلىلى بار. بۇ توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈڭ: بىز ھەقىقەتنى يەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە جاكارلاپ، باشقىلارنىڭ ئۇنى تونۇپ-بىلىشكە ياردەم بېرىمىز (مەتتا 28:19، 20). نەتىجىدە، بىز شەيتاننىڭ رەزىل ئىشلىرىنى ئاشكارىلايمىز. چامىسى يەتكەن بولسا، شەيتان ھەممە پائالىيەتلىرىمىزنى توختىتىپ قويغان بولاتتى، لېكىن بۇ ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، رەزىل روھلاردىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز بىلگىنىمىزدەك، «يەھۋا ئۆزىگە پۈتۈن قەلبى بىلەن سادىق قېلىشقا ئىنتىلگەنلەرگە يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل يەر يۈزىگە نەزەر سالىدۇ» (2-تارىخ. 16:9). ئەگەر يەھۋاغا سادىق بولساق، جىنلار بىزگە مەڭگۈگە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ.
يەھۋاغا تايانغانلار بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ
16، 17. رەزىل روھلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يۈرەكلىك بولۇشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغان مىسال كەلتۈرۈڭ.
16 بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن دوست-بۇرادەر ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزگە قارشى تۇرۇپ، بېسىم قىلغاندا، رەزىل روھلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يۈرەكلىك بولۇشىمىز كېرەك. يەھۋا خۇدا يۈرەكلىك بىلەن مەھكەم تۇرغان خىزمەتچىلىرىنى چوقۇم بەرىكەتلەيدۇ. گانادا ياشايدىغان ئېرىكا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ 21 يېشىدا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ دادىسى جادۇگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىنىي خىزمەتچى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېرىكادىن جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىپ، ئۇ ئاتىسى سەجدە قىلىدىغان ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربان قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېيىشى كېرەك ئىدى. ئېرىكا بۇنىڭدىن باش تارتقاندا، تۇغقانلىرى بۇنى ئىلاھلارغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىك، دەپ قارىغان. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېرىكا سەۋەبلىك، ئىلاھلار ئۇلارنىڭ ئائىلىسنى روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللىكلەر بىلەن جازالايدۇ، دەپ ئىشەنگەن.
17 ئېرىكانىڭ ئائىلىسى ئۇنى ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان. ئۇ كۆنمىسە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىمىز دەپ ئېيتقان. لېكىن، ئېرىكا بېسىمغا باش ئەگمىگەن. بەزى ئېتىقادداشلار ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلغان. شۇنداق قىلىپ يەھۋا خۇدا ئۇنى يېڭى ئائىلە بىلەن بەرىكەتلىگەن. ئېتىقادداشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تۇققان قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتكەنىدى (ماركۇس 10:29، 30). ئېرىكانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، ھەممە نەرسىلىرىنى كۆيدۈرىۋەتسىمۇ، ئۇ يەھۋاغا سادىق قېلىپ، چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ۋە ھازىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئېرىكا رەزىل روھلاردىن قورقمىغان. ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر كۈنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەھۋانى تونۇپ-بىلىشىنى ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى سورايمەن. شۇنداق ئەركىنلىككە پەقەت مېھرىبان خۇدايىمىزغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ».
18. يەھۋاغا تايانساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئىگە بولىمىز؟
18 ئەلۋەتتە، ھەربىرىمىز بۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلارغا دۇچ كەلمەيمىز. ئەمما، ھەممىمىز رەزىل روھلارغا قارشى تۇرۇشىمىز ۋە يەھۋاغا تايىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، كۆپ بەرىكەتلەرگە ئىگە بولىمىز ۋە شەيتانغا ئالدىنىپ قالمايمىز. شۇنداقلا، رەزىل روھلاردىن قورقۇپ يۈرىكىمىز مۇجۇلۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمايمىز. ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەيسانىڭ شاگىرتى ياقۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «خۇداغا بويسۇنۇڭلار، ئەمما ئىبلىسقا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ. خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، شۇندىلا ئۇ ھەم سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ».—ياقۇپ 4:7، 8.
49-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
a يەھۋا خۇدا بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، رەزىل روھلار ۋە ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. رەزىل روھلار ئادەملەرنى قانداق ئالدايدۇ؟ ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بۇ ماقالىدە، ئۇلارغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: جىنكەشلىك جىن ياكى رەزىل روھلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچ-ئەقىدىلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن تېنىدىن چىقىپ كېتىدىغان روھ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەرۋاھلارنى چاقىرىدىغان باخشى ئارقىلىق سۆزلىشىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كىرىدۇ. جىنكەشلىككە پال ئېچىش بىلەن جادۇگەرلىكمۇ كىرىدۇ. بۇ ماقالىدىكى سېھىرگەرلىك سۆزى ئوككۇلتىزم بىلەن شۇغۇللىنىش، يەنى سىرلىق، غەيرى تەبىئىي كۈچلەر مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشنى بىلدۈرىدۇ. داخانلارغا رەم سالدۇرۇش، بىرسىگە قارغىش ئوقۇتۇش ياكى قارغىشنى قايتۇرۇپ ئوقۇتۇشنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەر كىرىدۇ. بۇنىڭغا باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن كۆزىنى بوياپ، قولى چاققانلىق بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەر كىرمەيدۇ.
c ئاقساقاللار ئويۇن-تاماشىلارغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى ئورناتمايدۇ. خۇدانىڭ ھەربىر خىزمەتچىسى نېمىنى ئوقۇش، نېمىنى كۆرۈش، قانداق ئويۇنلارنى ئويناشنى قارار قىلغاندا، مۇقەددەس كىتابقا ماس تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىغا تايىنىشى كېرەك. دانا ئائىلە باشلىقى ئۆيدىكىلىرىنىڭ تاللىغان ئويۇن-كۈلكە تۈرلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا قارشى ئەمەسلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشى لازىم (®jw.org تور بېكىتىدىكى بىز ھەققىدە > كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرىدىغان سوئاللار دېگەن يەرگە كىرىپ، «سىلەر مەلۇم فىلىملەر، كىتابلار ياكى ناخشىلارنى مەنئىي قىلامسىلەر؟» ناملىق ماقالىگە قاراڭ).
d سۈرەتتە: ئەيسا — پەرىشتىلەرنىڭ ئاسماندىكى قوشۇنىنىڭ قۇدرەتلىك پادىشاھى.