15-تەتقىق ماقالىسى
تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادەملەرگە قانداق قارايسىز؟
«بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ، ئېتىزلارغا قاراڭلار! ئاللىقاچان زىرائەتلەر ئورما ئۈچۈن سارغىيىپ پىشتى».—يۇھاننا 4:35.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىش
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئەيسا يۇھاننا 4:35، 36-ئايەتلەردىكى سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن؟
ئەيسا جەلىلىيەگە كېتىۋاتقاندا، ئۇ ئەمدىلا ئۆسۈۋاتقان بۇغداي ئېتىزى ئارىسىدا ماڭغان (يۇھاننا 4:3—6). ئۇلار تەخمىنەن تۆت ئايدىن كېيىن پىشىپ، ئورما ئۈچۈن تەييار بولاتتى. شۇڭا، ئەيسانىڭ: «بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ، ئېتىزلارغا قاراڭلار! ئاللىقاچان زىرائەتلەر ئورما ئۈچۈن سارغىيىپ پىشتى»،— دەپ ئېيتقان سۆزلىرى بىر قىسمەن ئاڭلانغانىدى (يۇھاننا 4:35، 36-نى ئوقۇڭ). ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟
2 بەلكىم، ئەيسا بۇغداي يىغىش توغرۇلۇق ئەمەس، ئادەملەرنى يىغىش توغرۇلۇق ئېيتقان. ئاۋۋال ھازىرلا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئادەتتە، يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ئارىلاشمىسىمۇ، ئەيسا سامارىيەلىك ئايالغا ۋەز قىلغان ۋە ئۇ ئەيسانىڭ سۆزلىرىنى تىڭشىغان. ئەيسا «ئۇلار ئورما ئۈچۈن سارغىيىپ پىشتى» دەپ ئېيتىۋاتقاندا، بىر توپ سامارىيەلىكلەر ئۇنىڭدىن كۆپرەك تەلىم ئېلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇلار ئەيسا توغرۇلۇق شۇ ئايالدىن ئاڭلىغانىدى (يۇھاننا 4:9، 39—42). بىر ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، «ئادەملەرنىڭ ئەيسانىڭ تەلىمىنى تىڭشاشقا تەشنا بولۇپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشى، ئۇلارنىڭ پىشىپ ئورمىغا تەييار بولغىنىغا ئوخشىتىلغان».
3. ئەگەر ئادەملەرگە ئەيسادەك قارىسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى ۋەز قىلالىشىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلىسىز؟
3 ۋەز قىلىدىغان تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادەملەرگە قانداق قارايسىز؟ ئۇلارنى پىشىپ، يىغىشقا تەييار بولغان بۇغداي دەپ ئويلامسىز؟ ئەگەر شۇنداق ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىنى قىلىسىز. بىرىنچىدىن، سىز ۋەز ئىشى مۇھىم دەپ قارايسىز. ئورما يىغىش ۋاقتى چەكلىك، شۇڭا ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى تىڭشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولىسىز. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، ئادەملەر «مول ھوسۇل يىغقاندا شادلىققا تولغان» (يەشايا 9:3). ئۈچىنچىدىن، ھەربىر ئادەمنى كېلەچەكتىكى شاگىرت دەپ قارايسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قىزىقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت باشلىيالايسىز.
4. بۇ ماقالىدە، ئەلچى پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
4 ئەيسانىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى سامارىيەلىكلەر ھېچقاچان ئەيسانىڭ شاگىرتى بولالمايدۇ، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئەيسا ئۇنداق ئويلىماي، ئەكسىنچە، ئۇلارغا كېلەچەكتىكى شاگىرتلىرى سۈپىتىدە قارىغانىدى. شۇنىڭدەك، بىزمۇ ۋەز قىلىۋاتقان جايلاردىكى ئادەملەرگە مەسىھنىڭ كېلەچەكتىكى شاگىرتى دەپ قارىشىمىز لازىم. مۇشۇ تەرەپتىن ئەلچى پاۋلۇس ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۇ ماقالىدە، پاۋلۇس ئۆزى ۋەز قىلغان ئادەملەرنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى قانداق ئېنىقلىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنى ئەيسانىڭ كېلەچەكتىكى شاگىرتى دەپ قارىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئۇلار نېمىگە ئىشىنىدۇ؟
5. نېمە ئۈچۈن پاۋلۇس يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىدىكى تىڭشىغۇچىلارنى ياخشى چۈشەنگەن؟
5 ئەلچى پاۋلۇس پات-پات يەھۇدىي ئىبادەتخانىدا ۋەز قىلغان. مەسىلەن، سالونىكىدىكى ئىبادەتخانىدا پاۋلۇس «ئۇدا ئۈچ دەم ئېلىش كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىشتى» (ئەلچى. 17:1، 2). بەلكىم، ئەلچى پاۋلۇس ئىبادەتخانىدا ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلغان. سەۋەبى، ئۇ يەھۇدىي ئائىلىسىدە چوڭ بولغان (ئەلچى. 26:4، 5). پاۋلۇس يەھۇدىيلارنى ياخشى چۈشەنگەنلىكتىن، ئۇلارغا ئىشەنچىلىك ۋەز قىلالىغان.—فىلىپى. 3:4، 5.
6. ئافىنادىكى بازار مەيدانى ئالدىدىكى ئادەملەر، پاۋلۇس ۋەز قىلغان ئىبادەتخانىدىكى ئادەملەردىن قانداق پەرقلىق ئىدى؟
6 دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبلىك، پاۋلۇسقا ئاۋۋال سالونىكىدىن ۋە كېيىن بېرىيادىن كېتىشكە توغرا كەلگەچ، ئۇ ئافىناغا كەلگەنىدى. شۇ يەردە، «ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەھۇدىيلار ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەر ئادەملەر مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى» (ئەلچى. 17:17). ئەمما، بازار مەيداندا ۋەز قىلغاندا، پاۋلۇسنىڭ تىڭشىغۇچىلىرى باشقىچە بىر توپ كىشىلەر بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەلسەپىچىلەر ۋە پاۋلۇسنىڭ خەۋىرىنى «يېڭى تەلىم» دەپ قوبۇل قىلغان يات خەلق كىشىلىرى ئىدى. ئۇلار پاۋلۇسقا: «سەن ئۆمرىمىزدە ئاڭلاپ باقمىغان غەلىتە نەرسىلەرنى ئېيتىۋاتىسەن»،— دەپ ئېيتقان.—ئەلچى. 17:18—20.
7. ئەلچىلەر 17:22، 23-ئايەتلەرگە ئاساسەن، پاۋلۇس خۇش خەۋەر ئېيتىش ئۇسۇلىنى قانداق ماسلاشتۇرغان؟
7 ئەلچىلەر 17:22، 23-نى ئوقۇڭ. پاۋلۇس ئافىنادىكى يات خەلق ئادەملىرى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يەھۇدىيلارغا ۋەز قىلغاندا، ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللانمىغان. بەلكىم، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن: «ئافىنادىكى بۇ كىشىلەر نېمىگە ئىشىنىدىغاندۇ؟»— دەپ سورىغان. ئۇ ئۆپ-چۆرىسىدىكى ۋەزىيەتنى بايقاپ، ئادەملەرنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە نەزەر سالغان. كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىبادىتى بىلەن يازمىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەر ئورتاق نەرسىنى ئىزدىگەن. بىر ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، «پاۋلۇس يەھۇدىي خەلقىدىن چىققان مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغاچقا، يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغان گرېكلارنىڭ، يەھۇدىيلار ۋە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدەك ھەقىقىي خۇداغا ئىبادەت قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئەمما، ئۇ ئۆزى ئېيتىپ يۈرگەن خۇدانىڭ ئەسلى ئۇلار ئۈچۈن ناتونۇش ئەمەسلىكىنى ئېيتقان». شۇڭا، پاۋلۇس خۇش خەۋەر ئېيتىش ئۇسۇلىنى ماسلاشتۇرۇشقا تەييار بولغان. پاۋلۇس ئافىنالىقلارغا، ئۇ ئېيتىپ يۈرگەن خەۋەر ئۆزلىرى ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقان «نامەلۇم خۇدادىن» كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغان كىشىلەر يازمىلارنى بىلمىسىمۇ، پاۋلۇس ئۇلارنى ھېچقاچان مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولمايدۇ دەپ ئويلىمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ ئۇلارنى ئورما ئۈچۈن پىشىپ تەييار بولغان زىرائەتتەك كۆرۈپ، خۇش خەۋەر ئېيتىش ئۇسۇلىنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرغان.
8. (1) تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى قانداق بىلىشكە بولىدۇ؟ (2) ئەگەر بىرى ئۆز دىنىم بار دېسە، نېمە دېسىڭىز بولىدۇ؟
8 پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىپ، دىققەتچان بولۇڭ. تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نەرسىلەرگە زەن قويۇڭ. ئۆي ئېگىسى ئۆيىنى قانداق بېزىگەنلىكىگە ۋە ماشىنىسىغا ئېسىۋالغان نەرسىلەرگە نېمە ئۈچۈن دىققەت قىلىشىمىز مۇھىم؟ ئۇنىڭ ئىسىمىغا، كىيگەن كىيىمىگە، تاشقى كۆرۈنىشىگە ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ، ئۇ قانداق دىندا ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولامدۇ؟ ئېھتىمال، قانداق دىندا ئىكەنلىكىنى ئادەمنىڭ ئۆزى ئېيتىپ قالار. فلۇتۇرا ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مەن سىزنى ئۆزۈم ئىشىنىدىغان نەرسىلەرگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كەلمىدىم، لېكىن مۇنۇ ماۋزۇ توغرۇلۇق سۆزلىشىپ باقاي دېگەن ئىدىم».
9. ئۆز دىنى بار ئادەم بىلەن قانداق ماۋزۇدا سۆزلىشەلەيمىز؟
9 ئۆز دىنى بار ئادەم بىلەن قانداق ماۋزۇدا سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ؟ ئورتاق ماۋزۇ تېپىشقا تىرىشىڭ. بەلكىم، ئۇ بىر خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغاندۇ، ياكى بولمىسا ئەيسانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ياكى ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىدىغاندۇ. شۇنداق ئورتاق ماۋزۇنى تاللاپ، مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەرنى ئۇنىڭغا قىزىقارلىق قىلىپ ئېيتىپ بېرىڭ.
10. بىز نېمە قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
10 ئادەم ئۆز دىنى ئۆگەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. شۇڭا، ئادەمنىڭ قانداق دىندا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسەن نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭ. ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى دېيۋىد مۇنداق دەيدۇ: «كۆپلىرى دىنىي كۆز قارىشىنى پەلسەپە بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن». ئالبانىيىدىكى دونالتا ئىسىملىك قېرىنداش: «بىز ئۇچرىتىدىغان بەزى ئادەملەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، كېيىنرەك خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ»،— دەپ ئېيتقان. ئارگېنتىنادا [مىسسىئونېر] يات ئەل خەلقى ئارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر بۇرادەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ بىرلىككە ئىشىنىمىز دېگەن ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە، ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھ بىر خۇدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئادەملەر شەخسەن ئۆزى نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشىڭ. شۇ چاغدا، سىزمۇ پاۋلۇسقا ئوخشاش، «ھەر خىل ئىنسانلارغا، ھەر خىل ئادەم» بولالايسىز.—1-كورىنت. 9:19—23.
ئۇلار نېمىگە قىزىقىدۇ؟
11. ئەلچىلەر 14:14—17-ئايەتلەرگە ئاساسەن، پاۋلۇس لىسترادا ياشايدىغانلارغا خۇش خەۋەرنى قانداق قىزىقارلىق قىلىپ يەتكۈزگەن؟
11 ئەلچىلەر 14:14—17-نى ئوقۇڭ. پاۋلۇس تىڭشىغۇچىلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، سۆزلىرىنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرغان. مەسىلەن، پاۋلۇسنى تىڭشىغان لىسترادىكى ئادەملەر مۇقەددەس يازمىلار توغرۇلۇق بەك ئاز بىلەتتى ياكى تامامەن بىلمەيتتى. شۇڭا، پاۋلۇس ئۇلار چۈشىنىدىغان ئۇسۇلدا سۆزلىگەن. ئۇ ئۈنۈملۈك ھوسۇل ۋە ھاياتتا قانائەت تېپىش توغرۇلۇق گەپ قىلغان. پاۋلۇس تىڭشىغۇچىلىرىغا چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن مىساللارنى ئېيتقان.
12. ئادەملەرنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيسىز ۋە سۆھبەت باشلاش ئۇسۇلىڭىزنى قانداق ئۆزگەرتەلەيسىز؟
12 سىز ۋەز قىلىدىغان ئادەملەر نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن زېرەك بولۇڭ ۋە سۆھبەت باشلاش ئۇسۇلىڭىزنى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىڭ. ئادەمنىڭ ئۆزىگە ياكى ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى قانداق بىلىشكە بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن دىققەتچان بولۇڭ. بەلكىم، ئادەم گۈللۈكى ياكى بېغىدا ئىشلەۋاتىدۇ، كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ، ماشىنىسىنى ياساۋاتىدۇ ياكى قانداقتۇ بىر باشقا ئىشنى قىلىۋاتقاندۇ. شۇ ئادەم قىلىۋاتقان ئىش توغرۇلۇق گەپ قىلىپ، سۆھبەت باشلىساق بولىدۇ (يۇھاننا 4:7). ئادەمنىڭ كىيىم-كېچىدىن ئۇنىڭ مىللىتىنى، ئىشىنى ياكى ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە كوماندىسىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. گۇستاۋو مۇنداق دەيدۇ: «مەن 19 ياشلىق بىر يىگىت بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ كىيىمىدە مەشھۇر بىر ناخشىچىنىڭ سۈرىتى بولغان. مەن ئۇنىڭدىن شۇ توغرۇلۇق سورىغاندا، ئۇ ماڭا شۇ ناخشىچىنى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ سۆھبەتتىن كېيىن، شۇ يىگىت مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدى ۋە ھازىر ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى».
13. قانداق قىلىپ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى قىزىقارلىق كۆرسىتەلەيسىز؟
13 بىرسىنى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە دەۋەت قىلسىڭىز، ئۇنى شۇنىڭغا جەلپ قىلىڭ. ئۆگىنىشنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىڭ (يۇھاننا 4:13—15). مەسىلەن، پوپپى ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بىر ئايالغا ۋەز قىلغاندا، ئۇ ئايال قىزىقىش كۆرسىتىپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلغانىدى. پوپپى شۇ ئايالنىڭ تەلىم-تەربىيە بېرىش ساھەسىدە تەتقىق ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان گۇۋاھنامىنى كۆرگەن. شۇ چاغدا، ئۇ شۇ ئايالغا، بىزنىڭمۇ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش پروگراممىسى ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىمىز ئارقىلىق ئادەملەرگە بىلىم بېرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان. شۇ ئايال مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاپ، ئەتىسى يىغىلىشقا ۋە كېيىنرەك رايونلۇق چوڭ يىغىلىشقا كەلگەن. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «مەن قايتا يولۇقۇش ئۈچۈن بارىدىغان ئادەملەر نېمىگە قىزىقىدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى قىزىقارلىق قىلىپ كۆرسىتەلەيمەنمۇ؟»
14. ھەر بىر تەتقىق دەرسىگە قانداق تەييارلىق قىلسىڭىز بولىدۇ؟
14 مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش دەرسىنى باشلىغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم دەرسكە ياخشى تەييارلىق قىلىڭ. ئۆگەنگۈچىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق پۇختا ئويلىنىڭ. تەييارلىق قىلغاندا، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قايسى ئايەتنى ئوقۇش، قايسى فىلىملەرنى كۆرسىتىش ۋە قانداق مىسالنى كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «ئۆگەنگۈچىنىڭ قەلبىگە، بولۇپمۇ نېمە بەكرەك تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟»— دەپ سوراڭ (پەند. نە 16:23). ئالبانىيىدىكى فىلورا ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان بىر ئايال: «ماڭا تىرىلىش توغرۇلۇق تەلىمگە ئىشىنىش ئىنتايىن قىيىن بولغان»،— دەپ ئېيتقان. لېكىن، فىلورا ئۇنى بۇ تەلىمنى دەرھال قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىمىغان. فىلورا مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋۋال ئۇ تىرىلدۈرۈشنى ۋەدە قىلغان خۇدانى يېقىنراق تونۇشى زۆرۈر دەپ ئويلىدىم». شۇڭا، فىلورا ھەر بىر دەرستە، يەھۋا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، دانالىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى كۆپرەك تەكىتلىگەن. كېيىنرەك، شۇ ئايال تىرىلىشكە ئىشىنىدىغان بولغانىدى. ھازىر ئۇ ئايال قىزغىنلىق بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇلارغا كېلەچەكتىكى شاگىرتلار سۈپىتىدە قاراڭ
15. ئەلچىلەر 17:16—18-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئافىنادىكى قانداق ئەھۋال پاۋلۇسنى بىئارام قىلغان. لېكىن، ئۇ ئافىنالىقلارغا نېمە ئۈچۈن ۋەز قىلىشنى توختاتمىغان؟
15 ئەلچىلەر 17:16—18-نى ئوقۇڭ. ئافىنا شەھىرى بۇتپەرەسلىك، ئەخلاقسىزلىق ۋە پەلسەپە بىلەن تولغان بولسىمۇ، پاۋلۇس ئافىنالىقلاردىن ئۈمىد ئۈزمىگەن. ئۇلار پاۋلۇسنى ھاقارەتلىسىمۇ، ئۇ ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىشنى توختاتمىغانىدى. ھەتتا، پاۋلۇس ئۆتمۈشتە «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى، زىيانكەشلىك قىلغۇچى ۋە ھاقارەت قىلغۇچى» بولسىمۇ، ئۇ كېيىنرەك ئۆزگىرىپ، ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغان (1-تىموت. 1:13). ئەيسا مەسىھ پاۋلۇسنىڭ ئۆز شاگىرتى بولالايدىغىنىغا ئىشەنگىنىدەك، پاۋلۇسمۇ ئافىنالىقلارنىڭ كېلەچەكتە ئەيسانىڭ شاگىرتى بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشەنچى يەردە قالمىغان.—ئەلچى. 9:13—15؛ 17:34.
16، 17. كېلىپ چىقىشى ھەر خىل ئادەملەر ئەيسانىڭ شاگىرتى بولالامدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
16 بىرىنچى ئەسىردە كېلىپ چىقىشى ھەر تۈرلۈك ئادەملەر ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغان. گرېتسىيىنىڭ كورىنت شەھىرىدە تۇرىدىغان مەسىھىيلەرگە يازغان خېتىدە پاۋلۇس جامائەتتىكى بەزىلەرنىڭ بۇرۇن جىنايەتچى بولغانلىقىنى ۋە ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. كېيىن، ئۇ: «بەزىلىرىڭلار ئىلگىرى شۇنداق ئىدىڭلار، لېكىن يۇيۇلۇپ پاكىزلاندىڭلار»،— دەپ قوشۇپ قويغان (1-كورىنت. 6:9—11). سىز شۇنداق ئادەملەرنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
17 بۈگۈن ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن ئۆزگىرىشلەرنى قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئاۋسترالىيىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان يۇكىنا مۇقەددەس كىتابتىكى خۇش خەۋەرنى ھەر تۈرلۈك ئادەملەر قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بايقىغان. بىر قېتىم ئۇ يەر-مۈلۈك ئىدارىسىدا بەدىنىگە سۈرەت چېكىلگەن ۋە ئۆزىدىن يوغان، بەكمۇ كەڭ كىيىم كىيىۋالغان بىر ياش قىزنى كۆرگەن. يۇكىنا مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋۋال مەن نېمە قىلىشنى بىلمەي قالدىم. لېكىن، كېيىن سۆز باشلىدىم. شۇ قىز مۇقەددەس كىتابقا شۇنداق قىزىقتىكى، تېنىگە زەبۇردىن ئېلىنغان بەزى ئايەتلەر چېكىلگەن ئىكەن». شۇ قىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشكە ماقۇل بولۇپ، يىغىلىشلارغا كېلىشكە باشلىدى b.
18. ئادەملەرگە نېمە ئۈچۈن ئالدىن-ئالا ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
18 ئەيسا ئۇنىڭ كەينىدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ماڭىدۇ دەپ ئويلىغاچقا، ئۇلارنى ئورما ئۈچۈن پىشىپ تەييار بولغان بۇغداي دەپ قارىغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. يازمىلاردا ئۇنىڭغا ئاز ساندىكى ئادەم ئىشىنىدىغانلىقى ئالدىن-ئالا ئېيتىلغان ئىدى (يۇھاننا 12:37، 38). ئەيسا ئادەملەرنىڭ يۈرىكىدە نېمە بارلىقىنى بىلگەن (مەتتا 9:4). شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ئاز ساندىكى ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلغان. بىز ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنى كۆرەلمىگەچكە، قانداقتۇ بىر رايوندا ياكى قانداقتۇ بىر ئادەم خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ئەكسىنچە، ئۇلارغا كېلەچەكتىكى ئەيسانىڭ شاگىرتى سۈپىتىدە قارىشىمىز لازىم. بۇركىنو-فاسو دېگەن دۆلەتتە يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان مارك مۇنداق دەيدۇ: «روھىي جەھەتتىن ئالغا باسمايدۇ دەپ ئويلىغان ئادەملەر، ئادەتتە روھىي جەھەتتىن تېز ئۆسىدۇ، ئەكسىنچە روھىي جەھەتتىن ئۆسىدۇ دەپ ئويلىغانلار بولسا، ئۆگىنىشنى توختىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋانىڭ روھىغا تايىنىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم».
19. ۋەز قىلىۋاتقان جايلاردىكى ئادەملەرگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟
19 ۋەز قىلۋاتقان جايلاردا پىشىپ تەييار بولغان زىرائەتكە ئوخشايدىغان ئادەملەر كۆپ ئەمەستەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەستە تۇتۇڭ. زىرائەت پىشتى ۋە ھوسۇل يىغىش ئۈچۈن تەييار. ئادەملەر ئۆزگىرىپ، ئەيسانىڭ شاگىرتى بولالايدۇ. يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بويىچە، شۇنداق ئادەملەر «قىممەتباھا مال-دۇنيا» كەبىدۇر (ھاگاي 2:7). ئادەملەرگە يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ قارىغاندەك قارىساق، ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە قىزىقىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. شۇنداق قىلساق، بىز ئۇلارنى كېلەچەكتىكى ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز دەپ قارايدىغان بولىمىز.
142-ناخشا ھەر خىل ئىنسانلارغا ۋەز قىلىمىز
a يۇرتلىرىمىزدا ياشايدىغان ئادەملەرگە بولغان كۆز قارىشىمىز ئۇلارغا قانداق ۋەز قىلىشىمىزغا ۋە تەلىم بېرىشىمىزگە تەسىر قىلامدۇ؟ ئەيسا ۋە ئەلچى پاۋلۇس تىڭشىغۇچىلىرىغا قانداق كۆز قاراشتا بولغانلىقىغا دىققەت قىلايلى. شۇنداقلا، ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، تىڭشىغۇچىلىرىمىزنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە قانداقلارچە ئۇلارنى كېلەچەكتىكى شاگىرت دەپ قارىيالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
b «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن بىر قاتار ماقالىلەردە كۆپرەك مىساللارنى تاپالايسىز. بۇ ماقالىلەر 2017-يىلغىچە «كۈزىتىش مۇنارى»دا (باشقا تىل) نەشىر قىلىنغان. ھازىر بولسا ®jw.org تور بېكىتىدە چىقىدۇ (بىز ھەققىدە > سۆھبەتلەر ۋە ۋەقەلەر دېگەن توپلامغا قاراڭ).
c سۈرەتتە: ئەر-ئايال ئۆيمۇ ئۆي ۋەز قىلىپ، (1) بەك پاكىزە-رەتلىك ۋە گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ئۆيگە، (2) كىچىك بالىلىرى بار ياش ئائىلىنىڭ ئۆيىگە، (3) ئىچى-تېشى پاسكىنا ئۆيگە ۋە (4) دىنغا ئىشىنىدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە سەپ سېلىۋاتىدۇ. ھەر بىر ئۆيگە كىرگەندە سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن ۋەزىيەتكە ماس قانداق سۆز باشلىيالايسىز؟