17-تەتقىق ماقالىسى
«سىلەرنى دوستلىرىم دەيمەن»
«سىلەرنى دوستلار دەپ چاقىردىم. چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئاشكارا قىلدىم».—يۇھاننا 15:15.
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. بىرسى بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
ئادەتتە، بىرسى بىلەن دوست بولۇشنى خالىسىڭىز، ئاۋۋال شۇ ئادەم بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك. بىر-بىرىڭلارغا ئوي-خىيال ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىڭلارنى ئېيتقاندا، يېقىن بولۇپ كېتىسىلەر. لېكىن، ئەيسا بىلەن دوست بولۇشقا توسالغۇلۇق قىلىدىغان بەزى قىيىنچىلىقلار بار. قانداق قىيىنچىلىقلار؟
2. بىز دۇچ كېلىدىغان بىرىنچى قىيىنچىلىق قانداق؟
2 بىرىنچى قىيىنچىلىق — بىز ئەيسانى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرمىگەن. بىرىنچى ئەسىردىكى نۇرغۇن مەسىھ شاگىرتلىرىمۇ ئەيسانى ھېچقاچان كۆرمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەلچى پېترۇس مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئۇنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيىسىلەر. ھازىر ئۇنى كۆرمىسەڭلارمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىسىلەر» (1-پېتر. 1:8). شۇڭا، ئەيسانى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرمىسەكمۇ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست بولۇش مۇمكىن.
3. دۇچ كېلىدىغان ئىككىنچى قىيىنچىلىق قانداق؟
3 ئىككىنچى قىيىنچىلىق — بىز ئەيسا بىلەن سۆزلىشەلمەيمىز. بىز دۇئا قىلغان چاغدا، يەھۋا خۇدا بىلەن سۆزلىشىمىز. گەرچە بىز دۇئانى ئەيسانىڭ ئىسمى بىلەن قىلساقمۇ، بىراق بىۋاستە ئۇدۇل ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەيمىز. ئەيسانىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، دۇئانىڭ ئۆزى ئىبادەتنىڭ بىر قىسمى ۋە ئىبادەت قىلىشقا پەقەت يەھۋالا لايىقتۇر (مەتتا 4:10). گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئەيساغا ئۆز سۆيگۈ-مۇھەببىتمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز.
4. ئۈچىنچى قىيىنچىلىق قانداق ۋە بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 ئۈچىنچى قىيىنچىلىق — ئەيسا ئاسماندا ياشىغاچقا، بىز ئۇدۇل مەنىدە ئۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەيمىز. ئەمما، ئەيسانىڭ يېنىدا بولمىساقمۇ، ئۇ ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلەلەيمىز. ئەيسا بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغان تۆت نەرسىنى كۆرۈپ چىقايلى. لېكىن، ئاۋۋال ئەيسا بىلەن يېقىن دوست بولۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىگە دىققەت ئاغدۇرايلى.
نېمە ئۈچۈن ئەيسا بىلەن دوست بولۇش مۇھىم؟
5. نېمە ئۈچۈن ئەيسا بىلەن دوست بولۇشىمىز كېرەك؟ (« ئەيسا بىلەن دوست بولۇش ئارقىلىق يەھۋا بىلەن دوست بولالايمىز» ۋە « ئەيساغا بولغان تەڭپۇڭ كۆز قاراش» دېگەن رامكىلارغا قاراڭ)
5 يەھۋا بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن ئەيسا بىلەن دوست بولۇشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ ئىككى سەۋەبىنىلا كۆرەيلى. بىرىنچىدىن، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئاتام سىلەرنى سۆيىدۇ، چۈنكى سىلەر مېنى سۆيدۈڭلار» (يۇھاننا 16:27). ئۇ يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقان: «مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىغا كېلەلمەيدۇ» (يۇھاننا 14:6). ئەيسا بىلەن دوست بولماي تۇرۇپ، يەھۋا بىلەن دوست بولۇشقا ئىنتىلىشنى بىر بىنا ئىچىگە ئىشىك ئارقىلىق ئەمەس، باشقا يول بىلەن كىرىشكە ھەرىكەت قىلىش بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەيسا بۇنىڭغا ئوخشاش مىسالنى كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى «قويلار ئۈچۈن ئىشىك» دېگەن (يۇھاننا 10:7). ئىككىنچىدىن، ئەيسا ئاتىسىغا خاس بولغان خىسلەتلەرنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «مېنى كۆرگەن كىشى، ئاتامنى ھەم كۆرگەن بولىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 14:9). دېمەك، يەھۋا ھەققىدە تۇنۇشقا ئىگە بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — ئەيسانىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىش. ئەيسا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلگەنسېرى، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز. ئەيسا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز كۈچەيگەنسېرى، ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ئاشىدۇ.
6. ئەيسا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ يەنە قانداق مۇھىم سەۋەبى بار؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
6 دۇئالىرىمىزغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئەيسا بىلەن دوست بولۇشىمىز لازىم. بۇ دۇئالىرىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇنداقلا «ئەيسا ئىسىمى ئارقىلىق» دېيىشتىنمۇ كۆپ نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتە ئەيسانىڭ قانداق رولى بار ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئەيسا ئەلچىلىرىگە مۇنداق دەپ ئېيتقان: «مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇنى قىلىمەن» (يۇھاننا 14:13). پەقەت يەھۋا دۇئالىرىمىزنى تىڭشاپ، ئۇلارغا جاۋاب بەرسىمۇ، ئۇ چىقارغان قارارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئەيساغا تاپشۇرغان (مەتتا 28:18). يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال، ئەيسانىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالغان ياكى سالمىغانلىقىمىزغا دىققەت ئاغدۇرىدۇ. مەسىلەن، ئەيسا: «ئەگەر سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئاسماندىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. بىراق، سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 6:14، 15). يەھۋا ۋە ئەيسا بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلسا، بىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز بەكمۇ مۇھىم!
7. ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كىم كۆرەلەيدۇ؟
7 پەقەت ئەيسانىڭ يېقىن دوستلىرى تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ. بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ ئەيسا «ئۆز جېنىنى دوستلىرى ئۈچۈن پىدا» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 15:13). ئۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ياشىغان سادىق خىزمەتچىلەرمۇ ئۇنى بىلىشى ۋە ياخشى كۆرۈشى كېرەك. يەھۋانىڭ ئىبراھىم، سارە، مۇسا ۋە راھابقا ئوخشاش سادىق خىزمەتچىلىرىمۇ تىرىلگەندىن كېيىن مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەيسانىڭ دوستلىرى بولۇشى لازىم.—يۇھاننا 17:3؛ ئەلچى. 24:15؛ ئىبرانىي. 11:8—12، 24—26، 31.
8، 9. يۇھاننا 15:4، 5-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئەيسا بىلەن دوست بولۇش نېمىگە يول ئاچىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
8 پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى خۇشاللىق بىلەن ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئارقىلىق بىز ئەيسا بىلەن ھەمكارلىشىمىز. ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندا ئۇستاز بولغان. ئەرىشكە قايتقاندىن تا ھازىرغىچە ئۇ جامائەتنىڭ بېشى سۈپىتىدە ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە باشقىلارغا ئۇ توغرۇلۇق ۋە ئاتىسى توغرۇلۇق ئېيتىشقا كۈچ سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەيسا كۆرىدۇ ۋە بۇنى قەدىرلەيدۇ. بىزگە تاپشۇرۇلغان بۇ ئىشنى پەقەت يەھۋانىڭ ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئورۇنلىيالايمىز.—يۇھاننا 15:4، 5-نى ئوقۇڭ.
9 مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەيساغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەكلىكى ئېنىق ئېيتىلغان. ئەيسانىڭ دوستى بولۇش ئۈچۈن قايسى تۆت قەدەمنى باسالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئەيسا بىلەن قانداق قىلىپ دوست بولالايمىز؟
10. ئەيسا بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن باسالايدىغان بىرىنچى قەدەم نېمە؟
10 (1) ئەيسا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىۋېلىڭ. بىز بۇنى مەتتا، مارك، لۇقا ۋە يوھاننا كىتابلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق قىلالايمىز. مۇقەددەس كىتابتىن ئەيسانىڭ ھاياتى توغرۇلۇق ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلساق، ئۇنىڭ ئادەملەرگە كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان بولىمىز. مەسىلەن، ئەيسا شاگىرتلىرى ئۈچۈن خوجايىن بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇل دەپ قارىمىغان. ئەكسىنچە، ئۇلارغا كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتقان (يۇھاننا 15:15). ئەيسا ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان ۋە ئۇلار يىغلىغاندا بىللە تەڭ يىغلىغان (يۇھاننا 11:32—36). ئەيسانىڭ ئۆزى ئېيتىپ يۈرگەن خەۋەرگە قۇلاق سالغانلار بىلەن دوست بولغانلىقىنى ھەتتا دۈشمەنلىرىمۇ بايقىغان (مەتتا 11:19). ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئالساق، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۆزۈمىزنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز ۋە مەسىھكە بولغان مىننەتدارلىقىمىز ئاشىدۇ.
11. ئەيسا بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن باسالايدىغان ئىككىنچى قەدەم نېمە ۋە بۇ قەدەمنى بېسىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
11 (2) ئەيسادەك ئويلىنىڭ ۋە ھەرىكەت قىلىڭ. ئەيسانىڭ پىكىر قىلىش تەرزىنى ياخشىراق بىلىپ، ئۇنى ئۈلگە قىلساق، ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز يېقىنراق بولىدۇ (1-كورىنت. 2:16). بىز ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا ئۆزى توغرۇلۇق ئەمەس، باشقىلارغا ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ئويلىغان (مەتتا 20:28؛ رىملىقلار 15:1—3). شۇڭا، ئۇ ھەرقاچان پىداكارلىق ۋە كەچۈرۈمچانلىق روھىنى كۆرسەتكەن. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆڭلىگە ئالمىغان (يۇھاننا 1:46، 47). شۇنداقلا ئادەمنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئەيسانىڭ شۇ ئادەمگە بولغان كۆزقارىشىغا تەسىر قىلىشىغا يول قويمىغان (1-تىموت. 1:12—14). ئەيسا: «ئەگەر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت بولسا، بۇنىڭدىن ھەممىسى سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 13:35). شۇڭا، ئۆز-ئۆزۈمىزدىن: «ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئېتىقادداشلار بىلەن تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقىرىۋاتىمەنمۇ؟»— دەپ سورىساق ياخشى بولىدۇ.
12. ئەيسا بىلەن دوست بولۇشنىڭ ئۈچىنچى ئۇسۇلى قانداق ۋە بۇ قەدەمنى بېسىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
12 (3) ئەيسانىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ. ئەيسا ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمىزنى شەخسەن ئۆزىگە قىلىنغاندەك قوبۇل قىلىدۇ (مەتتا 25:34—40). مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ ئاساسىي يولى — ئەيسا شاگىرتلىرىغا بەرگەن بۇيرۇقنى ئورۇنلاپ، پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشىغا بار كۈچىمىزنى چىقىرىش (مەتتا 28:19، 20؛ ئەلچى. 10:42). ئەيسانىڭ مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرى پۈتكۈل دۇنيا يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەز پائالىيىتىنى پەقەت ‹باشقا قويلارنىڭ› ياردىمى بىلەنلا ئورۇندىيالايدۇ (يۇھاننا 10:16). ئەگەر سىزمۇ باشقا قويلارنىڭ بىرى بولسىڭىز، ۋەز ئىشىغا قاتناشقانسېرى، پەقەت مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئەمەس، ئەيسانىڭ ئۆزىگىمۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىسىز.
13. ئەيسانىڭ لۇقا 16:9-ئايەتلەردىكى نەسىھىتىگە قانداق ئەمەل قىلالايمىز؟
13 يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ بىلەن دوست بولۇشنىڭ يەنە بىر يولى — ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان ئىشنى ئىقتىسادى ياردەم بىلەن قوللاش (لۇقا 16:9-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، دۇنياۋىي پائالىيىتىمىز ئۈچۈن ئىئانە بەرسەك بولىدۇ. بۇ ئىقتىسادى ياردەم يىراق يەرلەردىكى ۋەز ئىشى، پاك ئىبادەتكە بېغىشلانغان قۇرۇلۇشلارنى سېلىش ۋە ئاسراپ ساقلاش، تەبىئىي ئاپەتلەر ياكى باشقا ئىش-ۋەقەلەر سەۋەبلىك قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلارغا يار-يۆلەك بولۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆز جامائىتىمىزنىڭ خىراجەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئىئانە پۇل چىقىرالايمىز ۋە ئۆزۈمىز بىلىدىغان ياردەمگە مۇھتاج ئادەملەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز (پەند. نە 19:17). شۇنداق يوللار بىلەن، مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيمىز.
14. ئەفەسلىكلەر 4:15، 16-ئايەتلەردىن كۆرگىنىمىزدەك، ئەيسا بىلەن دوست بولۇشنىڭ تۆتىنچى ئۇسۇلى قانداق؟
14 (4) يەھـۋانىـڭ تەشـكىـلاتىـدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاڭ. بىزگە غەمخورلۇق قىلىشقا تەيىنلەنگەن بۇرادەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىز جامائەتنىڭ بېشى ئەيسا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى مۇستەھكەملەيمىز (ئەفەسلىكلەر 4:15، 16-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، بىز ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى جامائەتلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، جامائەتلەرنىڭ ۋەز قىلىش رايونى ياكى تېررىتورىيىسى ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭ ئارقىلىق تەشكىلاتىمىز ئىختىيارىي ئىئانىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تېجەپ قالالايدۇ. لېكىن، بۇ ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن بەزى قېرىنداشلارغا يېڭى ۋەزىيەتكە كۆنۈشكە توغرا كەلدى. بۇ سادىق ئېتىقادداشلار نۇرغۇن يىللار بىر جامائەتتە خىزمەت قىلىپ، بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ. ئەمدى ئۇلار باشقا جامائەتكە يۆتكىلىشى كېرەك. ئەيسا مەسىھ سادىق شاگىرتلىرىنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللىغانلىقىنى كۆرگەندە، بەك خۇشال بولىدۇ!
ئەيسا بىلەن بولغان دوستلىقىمىز مەڭگۈ
15. كېلەچەكتە ئەيسا بىلەن بولغان دوستلىقىمىز قانداق مۇستەھكەملىنىدۇ؟
15 مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ئاسماندا ئەيسا بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولۇش ئۈمىدى بار. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئەيسا بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدۇ ۋە بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ (يۇھاننا 14:2، 3). يەردە ياشاش ئۈمىدى بارلارمۇ ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مول بەرىكەتلىرىگە ئېرىشىدۇ. گەرچە ئۇلار ئەيسانى كۆرمىسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەرگەن ھاياتلىقتىن ھۇزۇرلىنىدۇ —يەشايا 9:6، 7.
16. ئەيسا بىلەن دوست بولساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
16 ئەيسانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولساق، نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز. مەسىلەن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئىگە بولىمىز. بىزدە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. ئەڭ مۇھىمى، ئەيسا بىلەن دوست بولۇش دۇنيادىكى ئەڭ ئاجايىپ دوستلۇققا يول ئاچىدۇ: بىز ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالايمىز. ئەيسانىڭ دوستى دەپ ئاتىلىش بىز ئۈچۈن نېمە دېگەن چوڭ شان-شەرەپ، ھە!
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگۈسى
a ئەلچىلەر بىرنەچچە يىل ئەيسا بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەك قىلغان ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۇلار دوست بولۇپ كەتكەن. ئەيسا بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ دوستلىرى بولۇشىمىزنى خالايدۇ، ئەمما بىز ئەلچىلەر دۇچ كەلمىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. بۇ ماقالىدە شۇ قىيىنچىلىقلار توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلىنىدۇ ۋە ئەيسا بىلەن يېقىن دوست بولۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەر بېرىلىدۇ.
b سۈرەتلەردە: (1) ئائىلىۋى ئىبادەتتە ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتى توغرۇلۇق ئۈگەنسەك بولىدۇ. (2) جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى سېلىشىمىز كېرەك. (3) ۋەز خىزمىتىگە بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ قاتنىشىش ئارقىلىق مايلانغان قېرىنداشلارنى قوللايمىز. (4) جامائەتلەر بىرلەشتۈرۈلگەندە، بىز ئاقساقاللارنىڭ قارارىنى قوللايمىز.