16-تەتقىق ماقالىسى
قېرىنداشلارغا مۇئامىلە قىلىشتا يەھۋا خۇدادىن ئۈلگە ئېلىڭ
«تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار، ئەمما ئادىل ھۆكۈم قىلىڭلار».—يۇھاننا 7:24.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا توغرۇلۇق قانداق تەسەللى بېرىدىغان ھەقىقەت يېزىلغان؟
باشقىلارنىڭ تېنىـڭىزنىڭ رەڭـگى، بـەدەن قىياپىتىـڭىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ياكى يۈز-كۆزىڭىزنىڭ شەكلىگە قاراپ، سىزگە ھۆكۈم قىلىشىنى خالامسىز؟ ئەلۋەتتە، خالىمايسىز. يەھۋانىڭ پەقەت كۆزگە كۆرۈنىدىغان نەرسىلەرگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقارمايدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تەسەللى بېرىدۇ! مەسىلەن، سامۇئىل پەيغەمبەر يىشاينىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرگەندە، يەھۋا كۆرگەن نەرسىلەرنى كۆرمىگەن. ئۇ سامۇئىلغا يىشاينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى قايسىسى؟ سامۇئىل يىشاينىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىيابنى كۆرگەندە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «شەك-شۇبھىسىزكى، يەھۋانىڭ ئالدىدا تۇرغان مانا بۇ كىشى، ئۇنىڭ تاللىغىنىدۇر». ئۇنىڭغا ئېلىياب پادىشاھ بولۇشقا لايىقتەك كۆرۈنگەن ئىدى. لېكىن، يەھۋا سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىگە ۋە ئېگىز بوي بەستىگە قارىمىغىن. مېنىڭ تاللىغىنىم ئۇ ئەمەس»،— دېگەن. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ يەھۋا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ. ئىنسان تاشقى كۆرۈنۈشكە قارىمايدۇ، يەھۋا قەلبكە قارايدۇ».—1-سام. 16:1، 6، 7.
2. يۇھاننا 7:24-ئايەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا قاراپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
2 نامۇكەممەل بولغاچقا، ھەممىمىز باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشقا مايىل (يۇھاننا 7:24-نى ئوقۇڭ). لېكىن، ئادەملەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا قاراپ كۆپ نەرسە بىلەلمەيمىز. مەسىلەن، ھەتتا بەك بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك دوختۇر بىمارغا قاراپلا، كۆپ نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇ بىمارنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، بۇرۇن قانداق كېسەل بىلەن ئاغرىغان، ھازىر ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ۋە كېسەللىكنىڭ يەنە قانداق ئالامەتلىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. دوختۇر بىمارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ھەتتا رېنتگېن نۇرى ئارقىلىق سۈرەتكە چۈشۈرۈشكە ئەۋەتىشى مۇمكىن. ئۇنداق قىلمىغاندا، دوختۇر بىمارغا ناتوغرا داۋالىنىش ئۇسۇلىنى يېزىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا قاراپ، ئۇلارنى تولۇق چۈشىنەلمەيمىز. بىز ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بىز ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى نىيەتلىرىنى بىلەلمەيمىز، شۇڭا ئۇلارنى يەھۋا چۈشەنگەندەك چۈشىنەلمەيمىز. بىراق، بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ، يەھۋانى ئۈلگە قىلالايمىز. قانداقلارچە؟
3. بۇ ماقالىدىكى مۇقەددەس كىتاب مىساللىرى يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
3 يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئۇ ئۇلارنى تىڭشايدۇ. ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ شارائىتلىرىنى ۋە ئۇلارغا تەسىر قىلغان ھەممە نەرسىلەرنى چۈشىنىدۇ. ھەمدە ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. يەھۋانىڭ يۇنۇس، ئىلياس، ھەجەر ۋە لۇتقا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاچ، ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا مۇئامىلە قىلغاندا يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ
4. نېمە ئۈچۈن يۇنۇس توغرۇلۇق ناتوغرا ئوي-پىكىردە بولۇشىمىز مۇمكىن؟
4 يۇنۇسنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق چۈشەنمىگەچ، بىز ئۇنى ئىشەنچىسىز ۋە ھەتتا ساداقەتسىز دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. يەھۋا يۇنۇس پەيغەمبەرگە نىنەۋى شەھىرىگە ھۆكۈم خەۋىرىنى ئېيتىشنى بۇيرىغان. بىراق، بۇ بۇيرۇققا قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، يۇنۇس «يەھۋادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن» كېمىگە ئولتۇرۇپ، قارىما-قارشى تەرەپكە قاراپ ماڭغانىدى (يۇنۇس 1:1—3). سىز يۇنۇسقا ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت بېرەتتىڭىزمۇ؟ بەلكىم، بەرمەيتىڭىز. لېكىن، يەھۋا يۇنۇسنى يەنە بىر مۇمكىنچىلىك بېرىشكە لايىق دەپ ھېسابلىغان.—يۇنۇس 3:1، 2.
5. يۇنۇس 2:1، 2، 9-ئايەتلەردە يېزىلغان سۆزلەردىن، يۇنۇس توغرۇلۇق نېمە بىلىشكە بولىدۇ؟
5 يۇنۇسنىڭ قانداق ئادەم بولغانلىقى ئۇنىڭ دۇئاسىدىن كۆرۈنگەن (يۇنۇس 2:1، 2، 9-نى ئوقۇڭ). شەك-شۈبھىسىزكى، يۇنۇس يەھۋاغا كۆپ قېتىم دۇئا قىلغان. بېلىقنىڭ قوسىقىدا قىلغان دۇئاسى يۇنۇسنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىغان قاچقۇن ئەمەس، ياخشى ئادەم بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ دۇئاسىدىن ئۇ كەمتەر، مىننەتدار ۋە يەھۋاغا بويسۇنۇش قارارى قەتئىي ئادەم ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋا دىققىتىنى يۇنۇسنىڭ خاتالىقلىرىغا قاراتماي، ئۇنىڭ دۇئاسىنى تىڭشاپ، داۋاملىق ئۇنى پەيغەمبەر سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.
ۋەزىيەتنى تولۇق بىلىش رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (6-ئابزاسقا قاراڭ) b
6. باشقىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاش ئۈچۈن قانداق مۇھىم سەۋەبلەر بار؟
6 باشقىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاش ئۈچۈن كەمتەر ۋە سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىشنىڭ كەم دېگەندە ئۈچ پايدىلىق سەۋەبى بار. بىرىنچىدىن، بىز باشقىلار توغرۇلۇق ناتوغرا ئوي-پىكىردىن نېرى بولىمىز. ئىككىنچىدىن، ئېتىقادداشنىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىمىز ۋە بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنىڭ ئۆز قەلبىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى يوشۇرماي ئېيتىشىغا پۇرسەت بەرسەك، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى چۈشىنىشى مۇمكىن. بەزىدە ئادەم ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى تاشقىرىغا ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىمىچە، ئۆزىنى ئاخىرىغىچە چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن (پەند. نە 20:5). ئاسىيادىكى بىر ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «بىر قېتىم مەن ھەممە سەۋەبلەرنى بىلمەي تۇرۇپ، بىر قېرىنداشقا سۆز قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا ئىزاھاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. كېيىنرەك، مەن شۇ قېرىنداش ئۈچۈن ئوقۇش بەك قىيىن ئىكەنلىكىنى ۋە يىغىلىشتا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدىم». ئەڭ مۇھىمى، نەسىھەت بېرىشتىن ئاۋۋال، ھەر بىر ئاقساقال ئۈچۈن سۆزنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش زۆرۈر!—پەند. نە 18:13.
7. يەھۋانىڭ ئىلياسقا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟
7 بەزى قېرىنداشلىرىمىز كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى ياكى مىجەز-خۇلقى تۈپەيلىدىن ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدە سۆزلەشتىن تارتىنىدۇ. شۇنداق قېرىنداشلارغا ئىچ-سىرىنى تۆكۈشكە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ يەھۋانىڭ ئىزابېلدىن قاچقان ئىلياس پەيغەمبەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى. ئىلياس ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتىپ بەرگىچە بىراز ۋاقىت ئۆتكەن. يەھۋا خۇدا ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ دىققەت بىلەن تىڭشىغان. كېيىن، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، بەك مۇھىم بىر ئىشنى تاپشۇرغان (1-پادىشاھ. 19:1—18). ئېتىقادداشلار ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىپ، بىز بىلەن سۆزلىشىشى ئۈچۈن بىراز ۋاقىت كېرەك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەركىن ھېس قىلغاندىلا، قەلبىدە نېمە بارلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. يەھۋا خۇدادىن ئۈلگە ئېلىپ، سەۋرچان بولساق، قېرىنداشلار بىزگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ. ئۇلار بىزگە ئىچ-باغرىنى تۆكۈشكە تەييار بولغاندا، بىز دىققەت بىلەن تىڭشىشىمىز زۆرۈر.
قېرىنداشلار بىلەن ياخشىراق تونۇشۇۋېلىڭ
8. يارىتىلىش 16:7—13-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا ھەجەرگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
8 ساراھنىڭ دېدىكى ھەجەر ئابرامغا خوتۇنلۇققا بېرىلگەندىن كېيىن ئەخمەقلىق بىلەن ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، پەرزەنت كۆرمىگەن ساراھقا سەل قاراشقا باشلىغان. شۇ چاغدا ساراھ ئۇنى بوزەك قىلىشقا باشلاپ، ھەجەر بۇنىڭغا چىدىماي، قېچىپ كەتكەن (يارىت. 16:4—6). نامۇكەممەل بولغاچقا، بىز ھەجەرنى ھاكاۋۇر دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، يەھۋا خۇدا شۇنداق ئويلىمىغان. ئۇ ھەجەرگە ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەن. پەرىشتە ئۇنى تېپىپ، كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەرگەن ۋە خۇدانىڭ ئۇنىڭغا مول بەرىكەت تۆكىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ چاغدا، ھەجەر يەھۋانىڭ ئۇنى كۆرۈپ، ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇ بەك تەسىرلىنىپ، يەھۋانى «ھەممىنى كۆرىدىغان خۇداسەن» دەپ ئاتىغان.—يارىتىلىش 16:7—13-نى ئوقۇڭ.
9. يەھۋا خۇدا ھەجەرگە مۇئامىلە قىلغاندا نېمىنى نەزەردە تۇتقان؟
9 يەھۋا ھەجەرنىڭ قەلبىدىكى نېمىنى كۆرگەن؟ ئۇ ھەجەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ۋە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلگەن (پەند. نە 15:3). ھەجەر ئىبرانىي ئائىلىدە ياشىغان مىسىرلىق قىز ئىدى. بەلكىم، بەزىدە ئۇ ئۆزىنى يات كىشىدەك ھېس قىلغان ۋە يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە ئانا يۇرتىنى سېغىنغاندۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئابرامنىڭ يالغۇز ئايالى ئەمەس ئىدى. شۇ زامانلاردا خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى بىرنەچچە ئايال ئالغان ئىدى. ئەمما، بۇ يەھۋانىڭ ئەسلى نىيىتى بولمىغان (مەتتا 19:4—6). شۇڭا، شۇنداق ئائىلىلەردە قىزغىنىش ۋە تالاش-تارتىشلارنىڭ بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. يەھۋا ھەجەرنىڭ ساراھقا ھۆرمەت كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلگەن، ئەمما، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان.
قېرىنداشلارنى ياخشىراق بىلىۋېلىڭ (10—12-ئابزاسلارغا قاراڭ) c
10. قېرىنداشلارنى ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10 بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشساق، يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلىمىز. قېرىنداشلارنى ياخشىراق تونۇشقا تىرىشىڭ. ئۇلار بىلەن جامائەت يىغىلىشلىرىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن پاراڭلىشىڭ، ئۇلار بىلەن بىللە ۋەز قىلىڭ ۋە مۇمكىن بولسا، مېھمانغا چاقىرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بەلكىم سوغۇق مۇئامىلە قىلغاندەك كۆرۈنگەن قېرىنداشنىڭ ئەسلى ئۇيالچاق، پۇلپەرەس بولۇپ كۆرۈنگەن بۇرادەرنىڭ ئەسلى مېھماندوست ئىكەنلىكىنى، ياكى يىغىلىشلارغا پات-پات كېچىكىپ كېلىدىغان ئائىلىنىڭ قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز (ئايۇپ 6:29). ئەلۋەتتە، بىز «باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلار» بولماسلىقىمىز كېرەك (1-تىموت. 5:13). بىراق، قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە ئۇلار نېمىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلىش ئۇلارنى ياخشىراق تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
11. ئاقساقاللارنىڭ جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى ياخشى بىلىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
11 بولۇپمۇ ئاقساقاللار جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى ياخشى بىلىشى كېرەك. رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئارتۇر ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. يەنە بىر ئاقساقال بىلەن ئىككىسى تارتىنچاق بىر قېرىنداشنى يوقلاپ بارغان. ئارتۇر مۇنداق دەيدۇ: «توي قىلىپ بىرنەچچە يىلدىن كېيىن يولدىشى ۋاپات بولۇپتۇ. قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ئۇ ئىككى قىزىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەتكەن، ئۇلار خۇداغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ، يەنە ئۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئېتىقادى كۈچلۈك. بىز شۇ قېرىنداشتىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۇق» (فىلىپى. 2:3). رايونغا مەسئۇل ئاقساقال يەھۋا خۇدادىن ئۈلگە ئالغان. يەھۋا ئۆز قويلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ دەردىنى بىلىدۇ (چىق. 3:7). ئاقساقاللار جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى ياخشى بىلسە، ئۇلارغا كېرەكلىك ياردەمنى بېرەلەيدۇ.
12. يىپ يې ئىسىملىك قېرىنداش جامائەتتىكى بىر قېرىنداشنى ياخشىراق تونۇشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگەن؟
12 چىشىڭىزغا تېگىدىغان قېرىنداش بىلەن يېقىنراق تونۇشسىڭىز، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز. بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. ئاسىيادا ياشايدىغان يىپ يې ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتتىكى بىر قېرىنداش دائىم جاراڭلىق ئاۋازدا سۆزلەيتتى. مەن بۇ بەك ئەدەبسىزلىك دەپ ئويلىغان. بىراق، ئۇنىڭ بىلەن ۋەز قىلغاندا، بۇرۇن ئاتا-ئانىسىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بازاردا بېلىق ساتقانلىقىنى بىلدىم. ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قاتتىق ئاۋازدا سۆزلەشكە توغرا كەلگەن ئىكەن. شۇ چاغدىلا مەن قېرىنداشلارنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋېلىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم». ئېتىقادداشلارنى يېقىنراق بىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. شۇنداق بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، باغرىڭىزنى كەڭ ئاچسىڭىز، «ھەممە ئىنسانلارنىڭ» ياخشى كۆرىدىغان يەھۋادىن ئۈلگە ئالىسىز.—1-تىموت. 2:3، 4؛ 2-كورىنت. 6:11—13.
مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىڭ
13. يارىتىلىش 19:15، 16-ئايەتلەرگە ئاساسەن، لۇت ئالدىرىمىغاندا، پەرىشتىلەر نېمە قىلغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
13 لۇت ھاياتىنىڭ بەك مۇھىم بىر پەيتىدە يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ئالدىرىمىغانىدى. ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ئېلىپ سودومدىن قېچىپ چىقىشقا بۇيرىغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يارىت. 19:12، 13). ئەتىسى ئەتىگەندە لۇت بىلەن ئۆيىدىكىلىرى تېخىغىچە ئۆيىدىن چىقمىغانىدى. شۇڭا، پەرىشتىلەر لۇتنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن، ئۇ يەنە «ئالدىرىماي» تۇرغان. بىز لۇت يەھۋانىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي، ئۇنىڭغا بويسۇنمىغان دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، خۇدا لۇتقا ياردەم بېرىشنى توختاتمىغان. «يەھۋا ئۇنىڭغا رەھىم» قىلغان، شۇڭا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قولىدىن تۇتۇپ يېتەكلەپ، شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن.—يارىتىلىش 19:15، 16-نى ئوقۇڭ.
14. يەھۋا نېمە ئۈچۈن لۇتقا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن؟
14 يەھۋا لۇتقا بىرنەچچە سەۋەب تۈپەيلى مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن. ئۇ بەلكىم شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئادەملەردىن قورققاچقا، ئۆيىدىن دەرھال چىقمىغان. باشقىمۇ خەۋپ-خەتەرلەرمۇ بار ئىدى. سودومنىڭ ئەتراپىدا قارا مايغا تولغان كۆلچەك ۋە ئويمانلىقلار بولغان. لۇت شۇ ئويمانلىقلارغا ئىككى پادىشاھنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندۇ (يارىت. 14:8—12). بەلكىم، ئائىلە باشلىقى سۈپىتىدە لۇت ئۆيىدىكىلىرى ئۈچۈن ئەنسىرىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ باي كىشى بولغان ۋە سودومدا ئۇنىڭ چىرايلىق ئۆيى بار ئىدى (يارىت. 13:5، 6). ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھېچبىرى لۇتنىڭ دەرھال خۇداغا قۇلاق سالمىغانلىقا ياخشى سەۋەب بولالمايدۇ. لېكىن، يەھۋا لۇتنىڭ خاتالىقىغا دىققەت قاراتماي، ئۇنى «ھەققانىي كىشى» دەپ ھېسابلىغان.—2-پېتر. 2:7، 8.
باشقىلارنى زھن قويپ قويۇپ تىڭشىساق، ئۇلارغا ھېسداشلىقنى قانداق كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز (15، 16-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
15. بىرسىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئورنىغا نېمە قىلىشىمىز ئەۋزەل؟
15 بىرسىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ. ياۋرۇپادا ياشايدىغان ۋېرونىكامۇ دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر قېرىنداشنىڭ دائىم مىجەزى يامان بولغان. ئۇ ئۆزىنى چەتكە تارتىپ يۈرگەن. بەزىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشتىن قورقاتتىم. ئەمما، ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام، مەن دوستقا مۇھتاج بولاتتىم دەپ ئويلىدىم. شۇڭا، ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇشنى مەقسەت قويدۇم. شۇ چاغدا، ئۇ ماڭا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ھازىر مەن ئۇنى ياخشىراق چۈشىنىمەن».
16. نېمە ئۈچۈن بىز مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟
16 بىزنى پەقەت يەھۋا پۈتۈنلەي چۈشىنەلەيدۇ (پەند. نە 15:11). شۇ سەۋەبتىن، سىز باشقىلارغا يەھۋادەك كۆز قاراشتا بولۇشقا ۋە ئۇلارغا قانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىشىنى سوراپ دۇئا قىلىڭ. ئانجېلا ئىسىملىك قېرىنداشقا دۇئا قىلىش تېخىمۇ رەھىمدىل بولۇشقا ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭغا جامائەتتىكى بىر قېرىنداش بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش قىيىن بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ قېرىنداشنى ئويلىمايلا تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشمىغان ئىدىم. لېكىن، كېيىن مەن يەھۋادىن شۇ قېرىنداشقا رەھىم-شەپقەتلىك بولۇشۇمغا ياردەم بېرىشىنى سوراپ دۇئا قىلدىم». يەھۋا ئۇنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بەردىمۇ؟ «بىز بىللە ۋەز قىلىشقا چىقىپ، بىرنەچچە سائەت پاراڭلاشتۇق. مەن ئۇنى ھېسداشلىق بىلەن تىڭشىدىم. ھازىر ئۇنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈم كېلىدۇ»،— دەپ داۋاملاشتۇردى ئانجېلا.
17. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
17 بىز بىر قېرىنداش مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشىمگە لايىق، باشقىسى لايىق ئەمەس دەپ تاللىساق، توغرا بولمايدۇ. قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى يۇنۇس، ئىلياس، ھەجەر ۋە لۇت دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇلار كۆپ ۋەزىيەتلەردە ئۆز قىيىنچىلىقلىرىغا ئۆزلىرى ئەيىبلىك. راستىنى ئېيتقاندا، بەزىدە ھەممىمىز شۇنداق قىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋادىن بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشكە ياردەم سورىشىمىز كېرەك (1-پېتر. 3:8). بىز خۇداغا ئىتائەتچان بولساق، ئاجايىپ ۋە ھەرخىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان دۇنياۋىي چوڭ ئائىلىمىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز. ئۇنداقتا، بىر-بىرىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ دىققەت بىلەن تىڭشاشقا، ياخشىراق تونۇپ چۈشىنىشكە ۋە بىر-بىرىمىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە بەل باغلايلى.
20-ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بەرىكەت بەر
a بىز نامۇكەممەل بولغاچقا، ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرۇلۇق دائىم ئالدىن-ئالا پەرەز قىلىشقا مايىلمىز. يەھۋا بولسا، «قەلبكە قارايدۇ» (1-سام. 16:7). بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ يۇنۇس، ئىلياس، ھەجەر ۋە لۇتقا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ بىزگە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
b سۈرەتلەردە: ياش بۇرادەرنىڭ يىغىلىشقا كېچىكىپ كەلگىنى يېشى چوڭراق بۇرادەرنىڭ چىشىغا تەگدى، لېكىن كېيىنرەك ئۇ ياش بۇرادەرنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن.
c سۈرەتلەردە: ۋەز خىزمەت گۇرۇپپا نازارەتچىسى ئاۋۋال بىر قېرىنداش باشقىلارغا دوستانە ئەمەس دەپ ئويلىغان، ئەمما، كېيىن ئۇنىڭ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشتىن خىجىل بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى.
d سۈرەتلەردە: بىر قېرىنداش ئىبادەت زالىدا باشقا قېرىنداشنى كۆرۈپ، ئۇنى باشقىلار بىلەن كارى يوق ئادەم دەپ ئويلىغان، بىراق كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ناتوغرا ئوي-پىكىردە بولغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.