ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئۆلۈشتىن بۇرۇن داۋۇتنىڭ زەبۇر 22:1-ئايەتتە يازغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن؟
ئەيسا ئۆلۈمى ئالدىدا قىلغان ئاخىرقى سۆزلىرىدىن بىر جۈملىنى مەتتا 27:46-ئايىتىدىن ئوقۇيالايمىز: «ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مېنى تاشلاپ قويدۇڭ؟» مۇشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئەيسا داۋۇتنىڭ زەبۇر 22:1-ئايىتىدە يازغان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان (ماركۇس 15:34). ئەيسانىڭ ئاشۇ سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈشى، ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ياكى ۋاقتىنچە ئېتىقادى ئاجىز بولغان، دەپ خۇلاسە قىلىش خاتا بولىدۇ. ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈش كېرەكلىكىنى ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەنگەن (مەتتا 16:21؛ 20:28). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا ئۆلىدىغان ۋاقتىدا، ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان قورشاۋنى يەھۋانىڭ ئېلىپ تاشلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلگەن ئىدى (ئايۇپ 1:10). يەھۋا شۇنداق قىلىپ ئەيسانى ھىمايە قىلىشنى توختاتقان. شۇندىلا ئەيسا، مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولسۇن، ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايتتى.—ماركۇس 14:35، 36.
ئۇنداقتا، ئەيسا زەبۇردىكى سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن نەقىل كەلتۈرگەن؟ ئەلۋەتتە، بىز بۇ ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە ئېيتالمايمىز، ئەمما تۆۋەندە بىرقانچە مۇمكىن بولىدىغان سەۋەبلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلايلى a.
ئەيسا مۇشۇ سۆزلەر ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنمۇ؟ ئەيسا يەھۋانىڭ ياردىمىسىز تۆلەمنى تۆلىشى زۆرۈر ئىدى. ئۇ بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئۆلۈشى زۆرۈر بولغان. شۇ ئارقىلىق ئۇ ھەممىسى ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغان.—ئىبرانىي. 2:9.
زەبۇر 22:7، 8، 15، 16، 18، 24). يەنە ئاشۇ بابتىكى ئاخىرقى ئايەتلەر يەھۋانى مەدھىيىلەپ ۋە پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە پادىشاھلىق يۈرگۈزىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.—زەبۇر 22:27—31.
زەبۇرنىڭ شۇ بابىدىكى بىر جۈملە سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى شۇ بابنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىغا جەلپ قىلغانمۇ؟ شۇ زاماندىكى يەھۇدىيلار زەبۇردىكى نۇرغۇن ئايەتلەرنى يادقا ئېلىۋالغان. زەبۇرنىڭ بىر بابىدىن بىر جۈملە سۆزنى ئېسىگە سالغاندا، ئۇلار شۇ بابنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى دەرھال ئېسىگە ئالالايتى. ئەگەر ئەيسا شۇنداق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئىش-ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن زەبۇردىكى بېشارەتلەرنى يەھۇدىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئېسىگە ئېلىشىغا ياردەم بېرەلەيتتى (داۋۇتنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەندە، ئەيسا ئۆزىنىڭ ئەيىبسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغانمۇ؟ ئەيسا ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشى بىر قانۇنسىز سوت ئېچىپ، ئۇنى كۇپۇرلۇق گۇناھى ئۆتكۈزدى، دەپ ھۆكۈم قىلغان (مەتتا 26:65، 66). ئۇلار يېرىم كېچىدە كېڭەش ئەزالىرىنى يىغىپ، ئۆز قانۇنلىرىغا زىت بولغان شەكىلدە بىر سوت ئۆتكۈزدى (مەتتا 26:59؛ ماركۇس 14:56—59). ئەيسا «ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مېنى تاشلاپ قويدۇڭ؟»— دەپ سورىغاندا، ئۆزىنىڭ شۇنداق جازاغا لايىق ھېچبىر ئىش قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەيسا ھەتتا زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇتنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلغانلىقىنى باشقىلارغا ئەسلەتكەن ئىدى، بۇ يەھۋانىڭ داۋۇتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنمۇ؟ داۋۇتنىڭ سوئالى ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. داۋۇت شۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۆزىنى يەھۋانىڭ قۇتقۇزۇشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ۋە يەھۋا داۋاملىق ئۇنى بەرىكەتلىگەن (زەبۇر 22:23، 24، 27). شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەتتا ئەيسا ئۆزى داۋۇتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئازاب تۈۋرۈكىدە ئازاب-ئوقۇبەتلەر چەكسىمۇ، بۇ يەھۋا ئەمدى ئەيسانى قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەننى بىلدۈرمىگەن.—مەتتا 21:9.
ئەيسانىڭ ساداقەتمەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىشى ئۈچۈن يەھۋا ئۇنى قوغداشنى توختاتقانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنىڭ قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانمۇ؟ ئەسلىدە يەھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ ئۆلۈشىنى مەقسەت قىلمىغان. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئىسىيان كۆتەرگەندىن كېيىن شۇنداق قىلىش زۆرۈر بولغان. ئەيسا ھېچقانداق گۇناھ قىلمىغان. بىراق، شەيتاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ۋە ئادەم ئاتىنىڭ يوقاتقانلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش زۆرۈر بولغاچ، ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ئۆلۈشىگە توغرا كەلگەن (ماركۇس 8:31؛ 1-پېتر. 2:21—24). بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يەھۋا ۋاقتىنچە ئەيسانىڭ ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم ئۇنى ھىمايىسىز قويۇشى كېرەك ئىدى.
ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ دىققىتىنى، يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويغانلىقىغا قارىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنغانمۇ؟ b ئەيسا ئۆزىنىڭ جىنايەتچى قاتارىدا ئازاب تۈۋرۈكىدە ئۆلتۈرۈلۈشى نۇرغۇنلار ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگەن (1-كورىنت. 1:23). ئەگەر شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىگە دىققىتىنى قاراتسا، ئۇلار ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلەيتتى (گالاتىيا. 3:13، 14). شۇندىلا ئۇلار ئۇنى جىنايەتچى ئەمەس، بەلكى بىر قۇتقازغۇچى سۈپىتىدە كۆرەتتى.
ئەيسانىڭ شۇ سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈشىنىڭ سەۋەبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئازاب تۈۋرۈكىدە ئۆلۈشى ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن. زەبۇردىكى سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەيسا تامام بولدى، دېگەن (يۇھاننا 19:30؛ لۇقا 22:37). راست، يەھۋا خۇدا ئازغىنە بىر ۋاقىت ھەزرىتى ئەيسانى ھىمايە قىلىشنى توختاتقان. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا يەر يۈزىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى پۈتۈنلەي تاماملىغان. ئۇ يەنە مۇساغا بېرىلگەن تەۋرات، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ئۆزى ھەققىدىكى بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان.—لۇقا 24:44.
a ژۇرنالنىڭ مۇشۇ سان «ئەيسانىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟» ناملىق ماقالىدىن 9، 10-ئابزاسلارغا قاراڭ.
b ۋەز خىزمىتى جەريانىدا، بەزىدە ھەزرىتى ئەيسا بەزى سۆزلەرنى ئېيتقان ۋە سوئاللارنى سورىغان. بۇلار ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىمىگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق شاگىرتلىرىنى ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە دەۋەت قىلغان.—ماركۇس 7:24—27؛ يۇھاننا 6:1—5؛ «كۈزىتىش مۇنارى»، 2010-يىل، 15-ئۆكتەبىر سانى 4، 5-بەتلەرگە قاراڭ.