14-تەتقىق ماقالىسى
ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىڭلار!
«مەسىھ ھەم سىلەر ئۈچۈن ئازاب چېكىپ، ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئۈلگە قالدۇردى».—1-پېتر. 2:21.
5-ناخشا مەسىھ — بىزنىڭ ئۈلگىمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئەيسانىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ قايسى مىسال بۇنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؟
ئۆزىڭىزنى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن خەتەرلىك قېلىن قارلار قاپلىغان دالادا كېتىۋاتىسىز، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ. سىلەرنى تەجرىبىلىك بىر يولباشچى يېتەكلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇ ئالدىڭلاردا كېتىۋاتقىنىدا يۇمشاق قارلار ئۈستىدە ئاياق ئىزلىرىنى قالدۇرماقتا. بىر ۋاقىتقا كەلگەندە، سىلەر يول باشلىغۇچىنى كۆرەلمەي قالدىڭلار. بىراق، سىلەر ھودۇقۇپ كەتمىدىڭلار. ئەكسىنچە سىز ۋە بىرلىكتە سەپەر قىلغۇچىلار ئىلاجىنىڭ بارىچە، يولباشچى قالدۇرغان ئاياق ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشىسىلەر.
2 بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان بۇ رەزىل دۇنيا خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان خەتەرلىك دالاغا ئوخشايدۇ. ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى بولسا، سەپەر قىلىۋاتقان ئاشۇ بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە ئوخشاش. بەختىمىزگە يارىشا، يەھۋا مۇكەممەل يول باشلىغۇچى، يەنى ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بەرگەن. بىز ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭالايمىز (1-پېتر. 2:21). مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئىزاھاتقا ئاساسلانغاندا، پېترۇس بۇ يەردە ئەيسانى بىر يولباشچى بىلەن سېلىشتۇرغان. خۇددى دالادا ئىزلىرىنى قالدۇرغان يول باشلىغۇچىغا ئوخشاش، ئەيسامۇ بىزنىڭ ئەگىشىشىمىز ئۈچۈن ئىزلىرىنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالنى كۆرۈپ چىقايلى: نېمە؟ نېمە ئۈچۈن؟ ۋە قانداق؟
ئەيسانىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
3. بىرسىنىڭ ئاياق ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش دېگىنىمىز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
3 بىرسىنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا «يۈرۈش» ياكى «قەدەم» دېگەن سۆزلەر، بەزىدە كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈش تەرزىنى كۆرسىتىدۇ (يارىت. 6:9؛ پەند. نە 4:26). مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ ھايات كەچۈرۈش تەرزىنى، كىشى ماڭغاندا قالدۇرغان ئاياق ئىزى ياكى قەدەملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. دېمەك، بىرسىنىڭ ئاياق ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش دېگىنىمىز، ئۇ كىشىنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرىگە ئەگىشىشنى كۆرسىتىدۇ.
4. ئەيسانىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
4 ئۇنداقتا، ئەيسانىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ قىسقىچە ئېيتساق، بۇ ئەيسانى ئۈلگە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. ماقالىدىكى ئاساسىي ئايەتتە ئەلچى پېترۇس ئەيسانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشتە قالدۇرغان ئۈلگىلىرى ھەققىدە ئېنىق سۆزلىگەن (1-پېتر. 2:18—25). ھەقىقەتەن ئەيسانىڭ پۈتكۈل ھايات تەرزى، يەنى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ئەگىشىپ مېڭىشىمىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈلگە.
5. نامۇكەممەل ئىنسانلار ھەقىقەتەن ئەيسانىڭ قالدۇرغان مۇكەممەل ئۈلگىسىگە ئەگىشەلەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
5 بىراق، بىز نامۇكەممەل ئىنسانلار ھەقىقەتەن ئەيسانىڭ ئىزىدىن ماڭالايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە ماڭالايمىز. پېترۇس بىزنى ئەيسانىڭ ئىزىدىن مۇكەممەل مېڭىشقا ئەمەس، بەلكى تىرىشچانلىق بىلەن بىزنى ئۇنىڭ ئىزىدىن ئىلاجىمىزنىڭ بارىچە ئەگىشىپ مېڭىشقا دەۋەت قىلغان. ئەگەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭساق، بىز نامۇكەممەل بولساقمۇ، مۇمكىنقەدەر ئەڭ ياخشىسىنى قىلالايمىز. ئەلچى يۇھاننا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىك ئىچىدە ياشايمەن دېسە، ئۇنىڭغا ماڭغان يولىدا مېڭىشى شەرتتۇر».—1-يۇھاننا 2:6.
نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك؟
6، 7. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش بىزنى يەھۋاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، دەيمىز؟
6 يەھۋا خۇدانىڭ يېقىن دوستى بولالايمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ؟ بىرىنچى، خۇدانى خۇش قىلىدىغان ئۇسۇلدا ھايات كەچۈرۈپ، ئەيسا بىزگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان (يۇھاننا 8:29). شۇڭا، ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، يەھۋا خۇدانى خۇشال قىلالايمىز. بىزمۇ شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەرگە يېقىنلىشىدۇ.—ياقۇپ 4:8.
7 ئىككىنچى، ئەيسا ئۆز ئاتىسىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلغان. شۇڭا ئۇ مۇنداق دەپ ئېيتالىغان: «مېنى كۆرگەن كىشى، ئاتامنى ھەم كۆرگەن بولىدۇ» (يۇھاننا 14:9). ئەيسانىڭ پەزىلەتلىرى ۋە باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىلىرىنى ئۈلگە قىلالايمىز. مەسىلەن، ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغان بىر ئادەمگە ئىچ ئاغرىتقان، ئېغىر ئاغرىققا گىرىپتار بولغان ئايالغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلغانلارغا كۆڭۈل بۆلگەن. بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلساق، يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز (ماركۇس 1:40، 41؛ 5:25—34؛ يۇھاننا 11:33—35). بىز خۇدانىڭ پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرگەنسېرى، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.
8. نېمە ئۈچۈن ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىش مۇشۇ دۇنيانى يېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.
8 يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىزغا بۇ دۇنيانىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول بەرمەيمىز. ئەيسا يەر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى: «مەن دۇنيا ئۈستىدىن غەلبە قىلدىم»،— دېگەن (يۇھاننا 16:33). ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟ ئۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئوي-پىكىرلىرى ۋە مەقسەتلىرىنىڭ ئۆزىگە تەسىر قىلىشىغا يول بەرمىگەن. ئەيسا ئۆزىنىڭ يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. شۇڭا، ئۇ ھاياتىدا مۇشۇ خىزمەتكە پۈتۈن دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنىڭ توسالغۇلۇق قىلىشىغا يول بەرمىگەن. ئۇنداقتا بىزچۇ؟ بۇ دۇنيادا بىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئەگەر بىزمۇ ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا پۈتۈن دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرسەك، بۇ دۇنيانى يەڭگەن بولىمىز.—1-يۇھاننا 5:5.
9. مەڭگۈلۈك ھاياتلىق يولىدا داۋاملىق مېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
9 مەڭگۈ ھاياتلىققا يېتەكلەيدۇ. بىر باي كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك دەپ سورىغاندا، ئەيسا ئۇنىڭغا: «كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن»،— دېگەن (مەتتا 19:16—21). ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان بەزى يەھۇدىيلارغا، ئۇ: «مېنىڭ قويلىرىم . . . ماڭا ئەگىشىدۇ. مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات بېرىمەن»،— دېگەن (يۇھاننا 10:24—29). ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە قىزىققان ئالىي كېڭەشنىڭ بىر ئەزاسى، يەنى نىكودىمۇسقا، ئەيسا كىشىلەر «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە» بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان (يۇھاننا 3:16). ئەيسا سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۆگەتكەنلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ياشاش ئارقىلىق بىز ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. ئەگەر بىز شۇنداق قىلساق، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق يولىدا داۋاملىق ماڭالايمىز.—مەتتا 7:14.
ئەيسانىڭ ئىزىدىن چىقماي مېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10. ئەيسانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (يۇھاننا 17:3)
10 ئەيسانىڭ ئىزىدىن چىقماي ماڭالىشىمىزدىن بۇرۇن، ئۇ ھەققىدە چوقۇم بىلىم ئېلىشىمىز كېرەك (يۇھاننا 17:3-نى ئوقۇڭ). «ئەيسا مەسىھنى تونۇش»، يەنى بىلىم ئېلىش بۇ توختىماي داۋاملىشىدىغان بىر جەريان. ئەيسانىڭ پەزىلەتلىرى، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ئەخلاق-ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق بىز ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالايمىز. ھەقىقەت يولىدا ماڭغىلى قانچە ئۇزۇن بولۇشىغا قارىماي، بىز چوقۇم خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
11. خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىن ئەيسا ھەققىدە نېمىلەرنى تاپالايمىز؟
11 مېھىر-شەپقەتلىك خۇدايىمىز يەھۋا ئۆز ئوغلى ھەققىدە بىلىم ئېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردىكى تۆت خۇش خەۋەر كىتابىنى بىزگە بەرگەن. ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ۋەز خىزمىتى ھەققىدىكى ئىش-ۋەقەلەر ئاشۇ خۇش خەۋەر كىتابلىرىدا يېزىلغان. ئاشۇ ئىش-ۋەقەلەر ئەيسانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى، نېمە قىلغانلىقىنى ۋە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. ئاشۇ تۆت خۇش خەۋەر كىتابى ئەيسانىڭ ئۈلگىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (ئىبرانىي. 12:3). دېمەك، ئەيسانىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى مۇشۇ تۆت كىتابتىن تاپالايمىز. شۇڭا، شۇ خۇش خەۋەر كىتابلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەيسانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالايمىز. نەتىجىدە، ئەيسانىڭ ئىزىدىن چىقماي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭالايمىز.
12. خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىن كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
12 خۇش خەۋەر كىتابىدىن كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇنى ئوقۇپلا قويماي، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىشىمىز ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك (يەشۇئا 1:8-نى سېلىشتۇرۇڭ). خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىن ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئۇنى ھاياتىمىزدا قوللىنىشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ تۆۋەندە ئىككى ئۇسۇلنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
13. خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىكى ئىش-ۋەقەلەرنى قانداق جانلاندۇرالايسىز؟
13 بىرىنچى، خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىكى ئىش-ۋەقەلەرنى جانلاندۇرۇش. نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىش، ئاڭلاش، كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ. بۇنداق قىلىشىمىزغا يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتى نەشىر قىلغان ماتېرىياللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىش ياردەم بېرىدۇ. يۈز بەرگەن ئىش-ۋەقەلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈڭ. تەسۋىرلەنگەن كىشىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تىلغا ئېلىنغان جايلار توغرىسىدا مەلۇماتلارنى ئىزدەڭ. سىز تەتقىق قىلغان مەزمۇننى، يەنى بىر خۇش خەۋەر كىتابىدىكى ئوخشاش مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. چۈنكى، خۇش خەۋەر كىتابلىرىنىڭ بىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنمىغان ۋەقەلەر يەنە بىرىدە بايان قىلىنغان.
14، 15. ئەيسا ھەققىدىكى ئىش-ۋەقەلەردىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئىشلىتەلەيمىز؟
14 ئىككىنچى، خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىكى ئىش-ۋەقەلەرنى ھاياتىڭىزغا تەتبىقلاڭ (يۇھاننا 13:17). خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىكى بىر ئىش-ۋەقەنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ: شۇ ئۆگەنگەن ئىش-ۋەقەدە ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا قوللىنىشقا بولىدىغان قانداق ساۋاق بار؟ بۇنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ مەلۇم بىر كىشى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ ۋە مۇۋاپىق ۋاقىتنى تېپىپ، مېھىر-مۇھەببەت، پەم-پاراسەت بىلەن ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن بۆلۈشۈڭ.
15 بۇ ئىككى ئۇسۇلنى قانداق قوللىنىشقا ياردەم بېرىدىغان بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا ئىبادەتخانىدا كەمبەغەل تۇل ئايالنى كۈزىتىپ تۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئىش-ۋەقەلەرنى كۆرىمىز.
ئىبادەتخانىدىكى كەمبەغەل ئايال
16. ماركۇس 12:41-ئايەتتە يېزىلغان ئىش-ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ؟
16 ئىش-ۋەقەلەرنى جانلاندۇرۇش (ماركۇس 12:41-نى ئوقۇڭ). نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. مىلادى 33-يىلى، نىساننىڭ 11-كۈنى. ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئەيسا ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىش بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. دىنىي يېتەكچىلەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەيسانىڭ بۇ ئىشلارنىڭ قىلىشىغا كىمنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىكىنى سورىغان. يەنە باشقىلىرى جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان سوئاللارنى ئۇنىڭدىن سورىغان (ماركۇس 11:27—33؛ 12:13—34). ھازىر ئەيسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقا تەرىپىگە كېتىپ قالدى. ئۇ يەردە، يەنى ئاياللار يىغىلىدىغان ھويلا دەپ ئاتالغان جايدا، ئۇ ھويلا تېمىغا يېقىن جايدىكى غەزنە ساندۇقىنى كۆرەلەيتتى. ئەيسا ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ غەزنە ساندۇقىغا ئۆزىنىڭ ئىئانىلىرىنى تاشلىغان كىشىلەرنى دىققەت بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدى. كۆپلىگەن باي كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن تەڭگىلەرنى تاشلىغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئىئانە ساندۇقىغا تاراقلاپ چۈشكەن تەڭگىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىغۇدەك يېقىن جايدا ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
17. ماركۇس 12:42-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كەمبەغەل تۇل ئايال نېمە قىلغان؟
17 ماركۇس 12:42-نى ئوقۇڭ. بىراز ۋاقىت ئۆتكەندە بىر ئايال ئەيسانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ بىر كەمبەغەل، تۇل ئايال ئىدى (لۇقا 21:2). ئۇ ئايالنىڭ تۇرمۇشى بەكمۇ قىيىن ئىدى. بەلكىم، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇدەك پۇلىمۇ يوق. ئەمما، ئۇ ئايال ئىئانە ساندۇقلىرىنىڭ بىرىگە كېلىپ ئاستىغىنە ئىككى تەڭگىسىنى تاشلىدى. بەلكىم، غەزنىگە چۈشكەن تەڭگىلەر ئاۋازىنى چىقارمىغان. ئەيسا شۇ ئايالنىڭ ئىككى كىچىك تەڭگىنى تاشلىغانلىقىنى بىلگەن. شۇ تەڭگىلەر ئاشۇ زاماندىكى ئەڭ كىچىك تەڭگىلەر ئىدى. شۇ پۇللار يېمەكلىك ئۈچۈن سېتىلغان قۇشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزان قۇشقاچتىن بىرىنى سېتىۋېلىشقا يەتمەيتتى.
18. ماركۇس 12:43، 44-ئايەتتە، ئەيسا تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى توغرۇلۇق نېمە دېگەن؟
18 ماركۇس 12:43، 44-نى ئوقۇڭ. ئەيسا بۇ تۇل ئايالنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەن. شۇڭا، ئەيسا شاگىرتلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇ ئايالغا قارىتىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ كەمبەغەل تۇل ئايال خەزىنە ساندۇقىغا ھەممىسىدىن كۆپرەك پۇل سالدى». ئاندىن، ئۇ: «باشقىلار ئۆزلىرىدە ئارتۇق بولغان قىسىمىنى سالدى. ئەمما، ئۇ ئايال ئۆزى مۇھتاجلىقتا ياشاپ تۇرۇپ، تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ھەممە نەرسىسىنى سالدى»،— دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. بۇ ساداقەتمەن تۇل ئايال شۇ كۈنىدىكى پۇلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسىمىنى بەرگىنىدە، خۇدانىڭ غەمخورلۇق قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان.—زەبۇر 26:3.
19. ئەيسانىڭ كەمبەغەل تۇل ئايال ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن قانداق مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز؟
19 ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھاياتىڭىزدا ئەمەلىي قوللىنىش. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: ئەيسانىڭ كەمبەغەل تۇل ئايال ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمەن؟ ئاشۇ تۇل ئايال ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ يەھۋا خۇداغا كۆپرەك بېرىشنى خالىغان. شۇڭا، قولىدىن كەلگىنىچە ئۆزىدە بارىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بەرگەن. ھەزرىتى ئەيسا شۇ ئايالنىڭ بەرگەن ئىئانىسى ئۆز ئاتىسىنىڭ كۆزىدە ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش بىزمۇ ئەڭ ياخشىسىنى بېرىپ، يەنى پۈتۈن قەلبىمىز ۋە جېنىمىز بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساق، يەھۋانىڭ قەلبى خۇرسەن بولىدۇ (مەتتا 22:37؛ كولوسى. 3:23). يەھۋا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلغانلىقىمىزنى كۆرگىنىدە خۇشال بولىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش، يەنى ۋەز خىزمەتكە ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت ۋە كۈچىمىزنى سەرپ قىلىشقا مۇشۇ پرىنسىپنى قوللىنالايمىز.
20. تۇل ئايال ھەققىدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئىشلىتەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
20 تۇل ئايال ھەققىدىكى ئۆگەنگەنلىرىمىزنى تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئىشلىتەلەيمىز؟ كىملەرنى ئىلھاملاندۇرالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى ئۈچۈن يەھۋانىڭ خۇشال ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئېسىگە سېلىڭ. ھازىر سالامەتلىكى ناچار ياكى تېنى ئاجىز بولغاچ، ئۆزىنى يارىماس ھېس قىلىۋاتقان يېشى چوڭىيىپ قالغان بىرەر قېرىنداشنى بىلەمسىز؟ بەلكىم، ئۇ ئىلگىرىكىدەك ۋەز خىزمەتكە قاتنىشالمايدۇ. ھەردائىم كونا كېسىلى قوزغىلىپ ئاغرىغاچقا، يىغىلىشلارغا كېلەلمەي، كۆڭلى چۈشكەن بىرەر قېرىنداشنى ئەسكە ئالالامسىز؟ ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن شۇنداق قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىڭ (ئەفەس. 4:29). تۇل ئايال ھەققىدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئۇلار بىلەن بۆلۈشۈپ، ئىلھام بېرەلەيمىز. ئىلھام بېرىدىغان سۆزلىرىڭىز، ئۇلار قولىدىن كېلىشىچە يەھۋاغا بەرسە، ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ (پەند. نە 15:23؛ 1-سالونىكا. 5:11). قارىماققا مەيلى قانچىلىك كىچىك كۆرۈنسىمۇ، يەھۋاغا ئۆزىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى بەرگىنى ئۈچۈن باشقىلارنى ماختاش ئارقىلىق ئەيسانىڭ ئىزىدىن چىقماي ماڭالايسىز.
21. سىز نېمە قىلىشنى قارار قىلدىڭىز؟
21 تۆت خۇش خەۋەر كىتابىدا، ئەيسانىڭ ھاياتى ھەققىدە شۇنچە كۆپ مەلۇماتلارنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن مىننەتدارمىز. ئاشۇ مەلۇماتلار ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىزىدىن چىقماي مېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ خۇش خەۋەر كىتابلىرىدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي ئۆگىنىش ياكى ئائىلىۋى ئىبادەتتە تەتقىق قىلىڭ. شۇنداق تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ تولۇق پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بىز ئىش-ۋەقەلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆز ھاياتىمىزدا ئەمەلىي ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى. بىز ئەيسانىڭ قىلغانلىرىنى ئۈلگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. كېلەركى ماقالىدە، ئەيسانىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن قىلغان سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
a ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە، بىز ئەيسانىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشىمىز ئۈچۈن ئۇ بىزگە قانداق ئىزلارنى قالدۇرغان؟ بۇ ماقالىدە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك، ئۇنى قانداق قىلالايمىز، دېگەنلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۈرەتتە: بىر قېرىنداش ئەيسانىڭ كەمبەغەل تۇل ئايال ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، يېشى چوڭ يەنە بىر قېرىنداشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ماختاۋاتىدۇ.