15-تەتقىق ماقالىسى
ئەيسانىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
«بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!»—مەتتا 17:5.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگۈسى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئەيسا ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئېيتىشتىن بۇرۇن، نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
مىلادى 33-يىلى، نىسان ئېيىنىڭ 14-كۈنى كۈندۈزى ئەيساغا قارا چاپلىنىپ، ئۆزى قىلمىغان ئىش ئۈچۈن گۇناھكار، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچراپ، رەھىمسىزلارچە قىينالغان، ئاخىرىدا ئازاب تۈۋرۈكىگە مىخلانغان. ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىغا ئۆتكۈر مىخلار قېقىلغان. ئۇ ھەربىر نەپەس ئالغاندا ۋە سۆزلىگەندە قاتتىق ئاغرىقنى ھېس قىلغان. بىراق، ئۇ چوقۇم سۆزلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتىدىغان مۇھىم سۆزلىرى بولغان.
2 ئەيسا ئازاب تۈۋرۈكىدە بولغاندا، ئۆلۈم ئالدىدا بىرقانچە ئېغىز سۆزلەرنى قىلغان. ھازىر ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلايلى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى.—مەتتا 17:5.
«ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن»
3. «ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن» دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندا، ئەيسا كىمنى كۆزدە تۇتقان؟
3 ئەيسا نېمە دېگەن؟ ئەيسا تۈۋرۈككە مىخلانغان ھالەتتە مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئەي ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن». كىمنى كەچۈرۈش كېرەك؟ كېيىنكى سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كىمنى كۆزىدە تۇتقانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز: «ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ» (لۇقا 23:33، 34). بەلكىم، ئەيسا ئۇنى تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىغان رىم ئەسكەرلىرىنى كۆزىدە تۇتقان. ئۇلار ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەن. ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق كېيىن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئادەملەرنىمۇ كۆزىدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن (ئەلچى. 2:36—38). ئەيسا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر سەۋەبلىك ئاچچىقلانمىغان ۋە ئاداۋەت ساقلىمىغان (1-پېتر. 2:23). ئەكسىنچە، ئۇ ئاتىسىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرگەنلەرنى كەچۈرۈشنى سورىغان.
4. ئەيسانىڭ ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى كەچۈرۈۋېتىشكە تەييار بولغىنىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
4 ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەيساغا ئوخشاش چىن قەلبىمىزدىن باشقىلارنى كەچۈرۈشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك (كولوسى. 3:13). بەزىلەر، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزگە قارشى چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار ئىمان-ئېتىقادىمىز ۋە ھايات كەچۈرۈش تەرزىمىزنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار بىز ھەققىدە باشقىلارغا يالغان ئېيتىشى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىزنى ھاقارەتلىشى، ماتېرىياللىرىمىزنى يىرتىۋېتىشى ۋە ھەتتا بىزگە جىسمانىي زىيان يەتكۈزىمىز، دەپ تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. شۇلارغا قەلبىمىزدە ئاداۋەت ساقلاشنىڭ ئورنىغا، يەھۋادىن بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىشى توغرۇلۇق دۇئا قىلالايمىز (مەتتا 5:44، 45). بەزىدە، بولۇپمۇ بىز چىدىغۇسىز ئادالەتسىز مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەندە، باشقىلارنى كەچۈرۈۋېتىش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن. بىراق بىز غەزەپ-نەپرەت ۋە ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ قەلبىمىزدە يىلتىز تارتىشىغا يول قويساق، ئۆز-ئۆزۈمىزگە زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز. بىر قېرىندىشىمىز: «مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، كەچۈرۈمچان بولۇش دېگەنلىك، باشقىلارنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس ياكى ئۇلارنىڭ مېنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىشىگە يول قويدۇم، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى، مەن ئۇلارغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماسلىقنى تاللىدىم دېگەننى بىلدۈرىدۇ»،— دەيدۇ (زەبۇر 37:8). بىز كەچۈرۈشنى قارار قىلغاندا، سەلبىي ئوي-خىياللارنىڭ غەزەپ-نەپرىتىمىزنى قوزغىشىغا يول بەرمەسلىكنى تاللايمىز.—ئەفەس. 4:31، 32.
«سەن مەن بىلەن جەننەتتە بولىسەن»
5. ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تۈۋرۈككە مىخلانغان جىنايەتچىنىڭ بىرىگە ئەيسا قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق ۋەدە بەرگەن؟
5 ئەيسا نېمە دېگەن؟ ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ئىككى جىنايەتچىلەرمۇ تۈۋرۈككە مىخلانغان. دەسلەپتە ئۇلارمۇ ئەيسانى زاڭلىق قىلغان (مەتتا 27:44). بىراق، كېيىنرەك ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ قەلبى ئۆزگەرگەن. ئۇ ئەيسانىڭ ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن (لۇقا 23:40، 41). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈپ، بىر كۈنى پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. يەنە ئۇ ئەيساغا مۇنداق دېگەن: «ئەيسا، پادىشاھ بولغىنىڭدا مېنى ئەسلىگەيسەن» (لۇقا 23:42). ئۇ ئادەم كۈچلۈك ئېتىقادىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭغا جاۋابەن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «بەرھەق، مەن بۈگۈن ساڭا ئېيتىمەنكى، سەن مېنىڭ بىلەن بىللە [پادىشاھلىقتا ئەمەس، بەلكى] جەننەتتە بولىسەن» (لۇقا 23:43). دىققەت قىلسىڭىز، ئۇ شۇ كىشىگە شەخسەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن «مەن»، «سەن» ۋە «مېنىڭ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچ، شۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان جىنايەتچىگە ئۈمىد بەرگەن.—زەبۇر 103:8.
6. ئەيسانىڭ جىنايەتچىگە قىلغان سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6 ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەيسا ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن (ئىبرانىي. 1:3). ئەگەر سىز ئۆتمۈشتە قىلغان يامان ئىشلىرىڭىز توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ، ھەقىقىي پۇشايمان قىلسىڭىز ۋە گۇناھلىرىڭىزنى ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىق قېنى كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانلىقىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز، يەھۋا كەچۈرۈشكە تەييار ۋە سىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ (1-يۇھاننا 1:7). بەلكىم، بەزىلەر ئۈچۈن ئۆتمۈشتە قىلغان گۇناھلىرىنى يەھۋانىڭ كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن. سىزمۇ بەزىدە شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولسىڭىز، بۇنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ. ئەيسا ئۆلۈشتىن سەل ئاۋۋال يېنىدىكى جىنايەتچىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن. ئەگەر ئەمدىلا ئىشەنچ قىلىشقا باشلىغان جىنايەتچىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن بولسا، بىزمۇ شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، يەھۋا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان سادىق خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.—زەبۇر 51:1؛ 1-يۇھاننا 2:1، 2.
«بۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ!» . . . «بۇ سېنىڭ ئاناڭ!»
7. يۇھاننا 19:26، 27-ئايەتتە، ئەيسا ئانىسى مەريەم بىلەن ئەلچى يۇھانناغا نېمە دېگەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 ئەيسا نېمە دېگەن؟ (يۇھاننا 19:26، 27-نى ئوقۇڭ). ئەيسا بەلكى تۇل قالغان ئۆز ئانىسىنىڭ غېمىنى يېگەن. ئۇنىڭ بىر قورساق قېرىنداشلىرى ئانىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايتتى. ئەمما، ئۇنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىغا كىم غەمخورلۇق قىلالايدۇ؟ شۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغانلىقى توغرۇلۇق ھېچبىر مەلۇمات يوق. ئەمما، يۇھاننا ئەيسانىڭ سادىق ئەلچىسى ۋە يېقىن دوستلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەيسا ئۆزى بىلەن يەھۋاغا ئىبادەت قىلغانلارنى روھىي ئائىلەم، دەپ قارىغان (مەتتا 12:46—50). ئەيسا ئانىسى مەريەمنى ياخشى كۆرگەچ ۋە ئۇنىڭ غەمخورلۇققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يۇھاننانىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا تاپشۇرغان. چۈنكى، ئۇ مەريەمنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىغا يۇھاننانىڭ غەمخورلۇق قىلالايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ئانىسىغا، «ئۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز»، يۇھانناغا بولسا، «بۇ سېنىڭ ئاناڭ»،— دېگەن. يۇھاننا شۇ كۈندىن باشلاپ، مەريەمگە ئوغلىدەك بولغان ۋە ئۇ مەريەمگە ئۆز ئانىسىدەك مۇئامىلە قىلغان. ئەيسا ئۇنى تۇغۇپ ئۆستۈرۈپ ۋە ئۆلگەندە يېنىدا تۇرغان ئاشۇ مېھرىبان ئايالغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.
8. ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەمگە ۋە ئەلچىسى يۇھانناغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
8 ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان رىشتىمىزنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن كۈچلۈكرەك بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزگە قارشى چىقىپ، ھەتتا تاشلاپ كېتىدۇ. بىراق، يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا يېقىن بولساق، ئەيسا ۋەدە قىلغاندەك، بىز ئۆزۈمىز يۈتتۈرگەندىنمۇ يۈز ھەسسە كۆپ ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىل، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلارغا ئېرىشەلەيمىز (ماركۇس 10:29، 30). ئىمان-ئېتىقاد، يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق رىشتى بىلەن باغلانغان روھىي ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولغىنىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟—كولوسى. 3:14؛ 1-پېتر 2:17.
«ئىلاھىم، نېمىشقا مېنى تاشلىۋەتتىڭ؟»
9. مەتتا 27:46-ئايەتتىكى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 ئەيسا نېمە دېگەن؟ ئەيسا ئۆلۈشتىن سەل ئاۋۋال: «ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مېنى تاشلاپ قويدۇڭ؟»— دەپ توۋلىغان (مەتتا 27:46). نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ شۇنداق توۋلىغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا چۈشەندۈرۈلمىگەن؟ ئۇنداقتا، بىز شۇ سۆزلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بىز ئەيسا شۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق زەبۇر 22:1-دىكى b بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئۆگىنەلەيمىز. يەنە ئاشۇ سۆزلەر شۇنى ئېنىق كۆرسەتكەنكى، يەھۋا ئۆز ئوغلىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەتراپىغا توساق قويمىغان (ئايۇپ 1:10). ئەيسا ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى ئۆلگىچە تولۇق سىنىشىغا ئاتىسىنىڭ رۇخسەت بەرگەنلىكىنى چۈشەنگەن. ھېچبىر ئىنسان ئەيساغا ئوخشاش سىناققا دۇچ كەلمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاشۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە لايىق ھېچبىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.
10. ئەيسانىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10 ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بىز ئۆگىنەلەيدىغان بىر نەرسە، ئىمان-ئېتىقادىمىز سىنالغاندا، يەھۋا خۇدا قىيىنچىلىقلاردىن بىزنى قوغدايدۇ، دەپ كۈتمەسلىكىمىز كېرەك. ئىمان-ئېتىقادى ئۆلگىچە تولۇق سىنالغان ئەيساغا ئوخشاش، زۆرۈر تېپىلسا بىزمۇ چوقۇم ئۆلگىچە سادىق قېلىشقا تەييار بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك (مەتتا 16:24، 25). بىراق، بىز شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، خۇدا بىزنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان سىناقلارغا دۇچار قىلمايدۇ (1-كورىنت. 10:13). ئۆگىنەلەيدىغان يەنە بىر نەرسە، ئەيساغا ئوخشاش ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز مۇمكىن (1-پېتر. 2:19، 20). قارشى چىققۇچىلارنىڭ بىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشىنىڭ سەۋەبى، بىز بىرەر ئىشنى خاتا قىلمىدۇق، بەلكى بىز بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس ۋە ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىمىز (يۇھاننا 17:14؛ 1-پېتر. 4:15، 16). ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىگە يول قويغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ساداقەتمەن خىزمەتچىلەر سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، بەزىدە نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ بەزى ئىشلارغا يول قويغانلىقى ھەققىدە ئەجەپلىنىپ سورايدۇ (ھاباق. 1:3). سەۋرچان ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدايىمىز شۇ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىز، دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار تەسەللىگە مۇھتاج ۋە پەقەت خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرەلەيدۇ.—2-كورىنت. 1:3، 4.
«ئۇسساپ كەتتىم»
11. ئەيسا نېمە ئۈچۈن يۇھاننا 19:28-ئايەتتىكى سۆزلەرنى قىلغان؟
11 ئـەيـسـا نـېـمـە دېـگـەن؟ (يۇھاننا 19:28-نى ئوقۇڭ). نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئۇسساپ كەتتىم دېگەن؟ ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن شۇنداق دېگەن. بۇ بېشارەتنى زەبۇر 22:15-تىن تاپالايمىز: «كۈچۈم خۇددى ساپال پارچىسىغا ئوخشاش قۇرۇپ كەتتى، تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ قالدى». قۇرىدى كۈچ-ماغدۇرۇم ئوخشاپ ساپال پارچىسىغا، چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا». شۇنچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، يەنى ئازاب تۈۋرۈكىگە مىخلىنىپ، قاتتىق ئاغرىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ چوقۇم بەكمۇ ئۇسساپ كەتكەن. ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ياردەمگە مۇھتاج بولغان.
12. ئەيسانىڭ «ئۇسساپ كەتتىم» دېگەن سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
12 ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەيسا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنى ئاجىزلىقنىڭ بىر بەلگۈسى، دەپ قارىمىغان. ئۇنداقتا، بىزمۇ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئېيتىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەملەر ئۆزىنىڭ نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ئېيتىشنى خالىمايدۇ. ئۆز-ئۆزۈمىزگە ياردەم بېرەلمەيدىغان شۇنداق بىر ۋاقىت كەلگەندە، بىز ئىككىلەنمەي باشقىلاردىن ياردەم سورىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئەگەر تېنىمىز ئاجىز ياكى ياشىنىپ قالغان بولساق، بەلكىم دوستلىرىمىزنىڭ بىرىدىن دۇكانغا ياكى دوختۇرغا ئاپىرىپ كېلىشنى سورىساق بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېرىم بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ مۇڭدىشىشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى ئاقساقاللارنىڭ بىرىگە ياكى ئېتىقادتا يېتىلگەن دوستىڭىزغا ئېيتسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار سۆزلىرىڭىزنى زەن قويۇپ ئاڭلايدۇ ۋە كۆڭلىڭىزنى كۆتىرىدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ (پەند. نە 12:25). ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە بېشىمىزغا ئېغىر كۈن كەلگەندە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى خالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ (پەند. نە 17:17). ئەگەر ئۇلارغا ھېچنېمە دېمىسەك، ئۇلار بىزنىڭ ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا ئۆز ئوي-پىكىرىمىزنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئىككىلەنمەي ئېيتىپ بېرىشىمىز كېرەك.
«تامام بولدى!»
13. ئەيسا ئۆلگىچە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش ئارقىلىق نېمىنى تاماملىغان؟
13 ئەيسا نېمە دېگەن؟ چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ئەيسا: «تامام بولدى!»— دەپ توۋلىغان (يۇھاننا 19:30). ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن شۇنى ئۆگىنەلەيمىزكى، ئۇ ئۆلۈشتىن سەل ئاۋۋال ئاتىسىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەنلىرىنى پۈتۈنلەي تاماملىغانلىقىنى بىلگەن. ئەيسا ئۆلگىچە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش ئارقىلىق، بىرقانچە ئىشلارنى تاماملىغان. بىرىنچى، ئۇ شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شەيتان مەيلى نېمىلەرنى قىلسۇن، ئەيسا مۇكەممەل ئادەمنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى پۈتۈنلەي ساقلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىككىنچى، ئەيسا ئۆز ھاياتىنى تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە بەرگەن. ئۇ ھاياتىنى قۇربانلىققا بېرىش نەتىجىسىدە نامۇكەممەل ئىنسانلارنى خۇدا بىلەن يارىشىش پۇرسىتىگە ۋە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە قىلغان. ئۈچىنچى، ئۇ خۇدانىڭ ئىسىمىنى ھاقارەتتىن پاكىزلاپ، يەھۋانىڭ ھەققانىي ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
14. ھەر بىر يېڭى كۈننى باشلىغاندا، نېمە قىلىشنى قارار قىلىشىمىز كېرەك؟ چۈشەندۈرۈڭ.
14 ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ھەر كۈنى ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىشىمىز كېرەك. گىلىئاد مەكتىپىدە يېتەكچىلىك قىلغان ماكسىۋېل فىرېندنىڭ ئېيتقانلىرىغا دىققەت قىلىپ باقايلى. بۇرادەر فىرېند بىر خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشتا ساداقەتمەنلىك ھەققىدە نۇتۇق ئېيتقان. ئۇ: «بۈگۈن قىلالايدىغان ئىشىڭىزنى ياكى سۆزۈڭىزنى ئەتىگە قويماڭ. ھېچكىم ئەتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. يېڭى بىر كۈننى باشلىغىنىڭىزدا، شۇ كۈننى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشكە لايىق ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى، دەپ قاراڭ»،— دېگەن ئىدى. سىز ھەر بىر كۈننى ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى، دەپ ياشاۋاتامسىز؟ ئۇنداق بولغىنىدا، ھەتتا ئۆلۈمگە دۇچ كەلسەكمۇ، بىزمۇ: «يەھۋا مەن ساڭا ساداقەتمەنلىكىمنى ساقلاش، شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ھەم سېنىڭ ئىسىمىڭنى ۋە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقۇڭنى ياقلاش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلدىم»،— دەپ ئېيتالايمىز.
«روھۇمنى سېنىڭ قوللىرىڭغا تاپشۇردۇم»
15. لۇقا 23:46-ئايەتتە ئەيسا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىنى قانداق ئىپادىلىگەن؟
15 ئەيسا نېمە دېگەن؟ (لۇقا 23:46-نى ئوقۇڭ). ئەيسا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن: «ئاتا، روھۇمنى سېنىڭ قوللىرىڭغا تاپشۇردۇم»،— دېگەن. ئۇ ئۆز كېلەچىكىنىڭ يەھۋاغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
16. ئون بەش ياشلىق بىر گۇۋاھچى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىشلاردىن ئۆزۈمىزگە قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
16 ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ھەتتا ھاياتىڭىز خەتەر ئاستىدا بولسىمۇ، يەھۋا خۇداغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشقا تەييار تۇرۇڭ. «پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن ئىشەن يەھۋاغا» دېگەن خۇدا سۆزىگە ئەمەل قىلىڭ (پەند. نە 3:5). ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئون بەش ياشلىق يەشۇئا ئىسىملىك بىر گۇۋاھچىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى رەت قىلغان. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئانىسىغا مۇنۇ سۆزلەرنى قىلغان: «ئاپا، مەن يەھۋانىڭ قولىدا. مەن شۇنى قەتئىي ئېيتتالايمەنكى، ئاپا، يەھۋانىڭ مېنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇ مېنىڭ ئوي-پىكىرىم ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمنى بىلىدۇ. مەن چىن قەلبىدىن ئۇنى سۆيىمەن». ھەربىرىمىز ئۆزۈمىزدىن شۇنداق سورىيالايمىز: «ئەگەر خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ، ئىمان-ئېتىقادىم سىنالسا، ھاياتىمنى خۇدانىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئەسكە ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنمۇ؟»
17، 18. بىز نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ (« ئەيسانىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟»، دېگەن رامكىغا قاراڭ)
17 ئەيسانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە ئېغىز سۆزلىرىدىن بىز مۇھىم نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. ئۆگەنگەنلىرىمىز باشقىلارنى كەچۈرۈش ۋە يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالدى. بىز قىيىن ۋاقىتلاردا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان روھىي ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇش شان-شەرىپىگە ئىگە. بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىن ئىككىلەنمەسلىكىمىز كېرەك. بىزنىڭ قىيىن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە يەھۋانىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ھەر بىر يېڭى كۈننى باشلىغاندا، بىز شۇ كۈننى مۇھىم، يەنى شۇ كۈننى ساداقەتمەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى دەپ قارايمىز ۋە ھەتتا ئۆلۈپ كەتسەكمۇ، خۇدا بىزنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
18 ھەقىقەتەن ئەيسانىڭ تۈۋرۈك ياغاچتا ئۆلۈش ئالدىدا ئېيتقان سۆزلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىش ئارقىلىق يەھۋا خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى ھەققىدە: «ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار»،— دېگەن بۇيرىقىغا ئەمەل قىلالايمىز.—مەتتا 17:5.
43-ناخشا ھوشىيار، مەھكەم ۋە قەيسەر بول!
a مەتتا 17:5-ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، يەھۋا ئوغلىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ ماقالىدە، ئەيسا تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلۈش ئالدىدا، ئېيتقان سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
b ئەيسانىڭ نېمە ئۈچۈن زەبۇر 22:1-ئايەتنى نەقىل كەلتۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىنى مۇشۇ ژۇرنالنىڭ «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىدىن كۆرۈڭ.