مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

16-‏تە‌تقىق ماقالىسى

داۋاملىق تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا مىننە‌تدارلىق كۆرسىتىڭ

داۋاملىق تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا مىننە‌تدارلىق كۆرسىتىڭ

‏«ئىنسان ئوغلىمۇ .‏ .‏ .‏ نۇ‌رغۇ‌نلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ،‏ تۆلە‌م بېرىشكە كە‌لدى»‏‏.‏‏—‏ماركۇ‌س 10:‏45‏.‏

149-‏ناخشا تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارمىز

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ تۆلە‌م دېگە‌ن نېمە ۋە بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا مۇ‌ھتاج؟‏

 مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ سادىر قىلىپ،‏ پە‌قە‌ت ئۆزىنىلا ئە‌مە‌س كە‌لگۈسىدە تۇ‌غۇ‌لىدىغان بالىلىرىنىمۇ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتتىن مە‌ھرۇ‌م قالدۇ‌رغانىدى.‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ قىلغانلىرىغا ھېچقانداق باھانە-‏سە‌ۋە‌ب يوق.‏ چۈنكى،‏ ئۇ قە‌ستە‌ن گۇ‌ناھ قىلغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌نىڭ بالىلىرىچۇ؟‏ ئۇ‌لار ھېچقانداق گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمىگە‌ن ياكى ئادە‌م-‏ئاتىنى گۇ‌ناھ قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلمىغان (‏رىملىقلار 5:‏12،‏ 14‏)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا قىلغان گۇ‌ناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ پە‌رزە‌نتلىرىنى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلىپ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ مىليونلىغان كە‌لگۈسى ئە‌ۋلاتلىرىنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمدىن قانداق قۇ‌تقۇ‌زىدىغانلىقىنى ئاستا-‏ئاستا ئاشكارە قىلغان (‏يارىت.‏ 3:‏15‏)‏.‏ ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆز ئوغلىنى نۇ‌رغۇ‌نلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ،‏ تۆلە‌م بېرىشكە ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى.‏—‏ماركۇ‌س 10:‏45؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏51‏.‏

2 تۆلە‌م دېگە‌ن نېمە؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ بۇ ئە‌يسا ئادە‌م-‏ئاتا يوقىتىپ قويغاننى قايتۇ‌رۇ‌ۋېلىش ئۈچۈن تۆلىگە‌ن ھە‌ق (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏22‏)‏.‏ بىز نېمە ئۈچۈن تۆلە‌مگە مۇ‌ھتاج؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئادالە‌تلىك ئۆلچە‌م-‏قانۇ‌نلىرىدا جانغا جان تۆلە‌ش تە‌لە‌پ قىلىنغان (‏چىق.‏ 21:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى يوقاتقان.‏ خۇ‌دانىڭ ئادالە‌تلىك تە‌لىپىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن ئە‌يسا ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى قۇ‌ربان قىلغان (‏رىملىقلار 5:‏17‏)‏.‏ شۇ ئارقىلىق،‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نچ باغلىغانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە مە‌ڭگۈلۈك ئاتا بولدى.‏—‏يە‌شايا 9:‏6؛‏ رىملىقلار 3:‏23،‏ 24‏.‏

3.‏ يۇ‌ھاننا 14:‏31 ۋە 15:‏13-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئۆز مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بېرىشكە تە‌ييار بولغان؟‏

3 ئە‌يسانىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىغا ۋە بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بە‌كمۇ كۈچلۈك بولغاچ،‏ ئۆز ھاياتىنى قۇ‌ربان قىلىشقا تە‌ييار بولغان ‏(‏يۇ‌ھاننا 14:‏31؛‏ 15:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاشۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۇ‌نى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئاخىرغىچە سادىق قېلىشنى قارار قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزى ۋە ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئە‌سلى مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايتتى.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئۆلۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن شۇ‌نچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنى باشتىن كە‌چۈرۈشىگە يول قويغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌نە تۆلە‌منى قە‌دىرلىگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر يازغۇ‌چىسىنىڭ مىسالىنى قىسقىچە كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاخىرىدا ئۆزۈمىزنىڭ تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز ۋە تۆلە‌م ئۈچۈن ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا شۇ‌نچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ن؟‏

ئە‌يسانىڭ بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلىكى ۋە بىز ئۈچۈن تۆلە‌م تۆلىگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلاڭ (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

4.‏ ئە‌يسانىڭ قانداق ئۆلگە‌نلىكىنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىڭ.‏

4 ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى ئە‌ڭ ئاخىرقى كۈنىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ.‏ گە‌رچە ئە‌يسانىڭ تۈمە‌ن مىڭلىغان پە‌رىشتىلە‌رنى ئۆزىنى قوغداشقا چاقىرىش مۇ‌مكىنچىلىكى بولسىمۇ،‏ رىم ئە‌سكە‌رلىرىنىڭ ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌شىغا يول قويدى (‏مە‌تتا 26:‏52—‏54؛‏ يۇ‌ھاننا 18:‏3؛‏ 19:‏1‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ بە‌دىنىنى تىلىپ يارىلاندۇ‌رىدىغان قامچىنى ئىشلە‌تتى.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ قان ئېقىۋاتقان تېنىگە تۈۋرۈك ياغاچنى ئارتىپ قويدى.‏ ئۇ جازا مە‌يدانىغا شۇ تۈۋرۈكنى سۆرە‌پ ماڭدى.‏ ئە‌مما،‏ بىراز ۋاقىتتىن كېيىن،‏ رىم ئە‌سكە‌رلىرى بىر كىشىنى ئە‌يساغا ياردە‌م بېرىشكە بۇ‌يرىدى (‏مە‌تتا 27:‏32‏)‏.‏ ئە‌يسا جازا مە‌يدانىغا يېتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر ئۇ‌نىڭ پۇ‌ت-‏قوللىرىنى تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىدى.‏ تۈۋرۈك يۇ‌قىرىغا كۆتۈرۈلگە‌ندە،‏ ئە‌يسانىڭ بە‌دە‌ن ئېغىرلىقى مىخلانغان يە‌رنى قاتتىق ئاغرىتىۋە‌تتى.‏ ئۇ‌نىڭ دوستلىرى قايغۇ‌رىۋاتاتتى،‏ ئانىسى بولسا كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۇ‌دىي يېتە‌كچىلە‌ر ئۇ‌نى زاڭلىق قىلدى (‏لۇ‌قا 23:‏32—‏38؛‏ يۇ‌ھاننا 19:‏25‏)‏.‏ ئە‌يسا بىرقانچە سائە‌ت ئازابلاندى.‏ ئۇ‌نىڭ يۈرىكى ۋە ئۆپكىسى ئاغرىغاچقا،‏ نە‌پە‌س ئېلىش بارغانسېرى قىيىن بولدى.‏ ئۇ ئە‌ڭ ئاخىرقى نە‌پىسىدە يە‌ھۋاغا ئاخىرقى ئىلتىجاسىنى قىلدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ بېشى چۈشۈپ،‏ جان ئۈزدى (‏ماركۇ‌س 15:‏37؛‏ لۇ‌قا 23:‏46؛‏ يۇ‌ھاننا 10:‏17،‏ 18؛‏ 19:‏30‏)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌كمۇ ئاستا،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك،‏ كىشىنى خورلايدىغان ئۆلۈم بولدى!‏

5.‏ ئە‌يسا ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىنمۇ بە‌كرە‌ك نېمە ئېغىر كە‌لگە‌ن؟‏

5 ئە‌يسانىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ڭ ئېغىر سىناق بولمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ڭ ئېغىر كە‌لگىنى،‏ ئۇ‌نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ سە‌ۋە‌بى بولغان.‏ ئۇ‌نى كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلغان،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلدى دە‌پ ئە‌يىبلىگە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏64—‏66‏)‏.‏ كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلدى،‏ دە‌پ ئە‌يىبلە‌ش ئۇ‌نى بە‌كمۇ ئازابلىغان.‏ ئۇ،‏ ئاتام مېنى شۇ‌نداق خورلىنىشتىن ساقلاپ قالىدۇ،‏ دە‌پ ئۈمىد قىلغان (‏مە‌تتا 26:‏38،‏ 39،‏ 42‏)‏.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ شۇ‌نداق ئازابلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىگە يول قويغان؟‏ تۆۋە‌ندە ئۈچ سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

6.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن ئازاب تۈۋرۈكىگە ئېسىلىشى كېرە‌ك بولغان؟‏

6 يە‌ھۇ‌دىيلارنى لە‌نە‌تتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئە‌يسا تۈۋرۈككە ئېسىلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏گالاتىيا.‏ 3:‏10،‏ 13‏)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نىمىز،‏ دە‌پ ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ۋە‌دىسىدە تۇ‌رمىغاچقا لە‌نە‌تكە ئۇ‌چرىغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئە‌ۋلادلىرى بولغاچ ئۆلۈمگە لايىق ئىدى (‏رىملىقلار 5:‏12‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىسرائىللارغا چۈشە‌رگە‌ن قانۇ‌نىدا بىر كىشى گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە،‏ ئۆلۈمگە لايىق بولۇ‌پ،‏ ئۆلتۈرۈلىشى كېرە‌ك بولغان.‏ بە‌زىدە شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆلۈكى تۈۋرۈك ياغاچقا ئېسىلغان b (‏تە‌كرار قا.‏ 21:‏22،‏ 23؛‏ 27:‏26‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ تۈۋرۈك ياغاچقا ئېسىلغان ئە‌يسا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنى لە‌نە‌تتىن ئازاد قىلغان ۋە ئۆزىنى رە‌ت قىلغانلارنى تۆلە‌مدىن پايدىلىنىش پۇ‌رسىتىگە ئىگە قىلغان.‏

7.‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ ئىككىنچى سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

7 خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ ئىككىنچى سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئە‌يسانى باش روھانىي سۈپىتىدە كە‌لگۈسىدە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييارلىماقچى بولغان.‏ ئە‌يسا شۇ‌نداق ئېغىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكە‌نلىكىنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ شۇ‌نچە كۆپ بېسىم ھېس قىلغاچ،‏ نالە-‏پە‌رياد ۋە كۆز ياشلىرى بىلە‌ن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلغان.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئە‌يسا شۇ‌نداق ئازابلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌چ،‏ ئۇ بىزنىڭ ئېھتىياجلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ ۋە بىز سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏ يە‌ھۋا بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك باش روھانىينى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ بىز بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بە‌كمۇ مىننە‌تدارمىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 2:‏17،‏ 18؛‏ 4:‏14—‏16؛‏ 5:‏7—‏10‏.‏

8.‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ شۇ‌نچە ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

8 ئۈچىنچى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ شۇ‌نچە قاتتىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە يول قويۇ‌ش ئارقىلىق مۇ‌ھىم بىر سوئالغا جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ كىشىلە‌ر ئېغىر بىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟‏ شە‌يتان:‏ «ياق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ يە‌نى،‏ ئىنسانلار خۇ‌داغا ئۆز شە‌خسىي مە‌نپە‌ئە‌تلىرى ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىدۇ،‏ دە‌پ جاكارلىغان.‏ ئۇ ئىنسانلار خۇ‌ددى ئۆز ئە‌جدادى ئادە‌م-‏ئاتىغا ئوخشاش يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلىيالمايدۇ،‏ دە‌پ قارىغان (‏ئايۇ‌پ 1:‏9—‏11؛‏ 2:‏4،‏ 5‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىگە قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئىنسانلار بە‌رداشلىق بېرە‌لىگۈدە‌ك دە‌رىجىدە سىنىلىشىغا يول قويغان.‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ،‏ شە‌يتاننىڭ بىر يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان.‏

تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرگە‌ن شاگىرت

9.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا بىز ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

9 تۆلە‌م ھە‌ققىدىكى تە‌لىملە‌ر ئە‌يسانىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان شاگىرتلىرىنىڭ ئېتىقادىنى كۈچە‌يتكە‌ن.‏ ئۇ‌لار قارشىلىقلارغا قارىماستىن ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ تە‌خمىنە‌ن 60 يىلدىن كۆپرە‌ك ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە تۆلە‌م ھە‌ققىدىكى ھە‌قىقە‌تنى جاكارلىغان.‏ ئۇ 100 ياشقا يېقىنلاشقاندا،‏ رىم ھۆكۈمىتى ئۇ‌نى ناھايىتى خە‌تە‌رلىك كىشى،‏ دە‌پ قارىغان ۋە پاتموس ئارىلىغا سۈرگۈن قىلغان.‏ ئۇ قانداق جىنايە‌ت ئۆتكۈزگە‌ن؟‏ خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقىنى ۋە ئە‌يسا ھە‌ققىدە گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگىنى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنغان (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏9‏)‏.‏ بىز ئۈچۈن نېمە دېگە‌ن كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقاد ۋە چىدامچانلىقنىڭ ياخشى ئۈلگىسى!‏

10.‏ يۇ‌ھاننا ئۆزى قە‌لە‌مگە ئالغان يازمىلاردا تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

10 يۇ‌ھاننا ئۆزى قە‌لە‌مگە ئالغان كىتابلاردا،‏ ئۇ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە مىننە‌تدارلىقىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ ئۇ تۆلە‌م ۋە تۆلە‌م ئارقىلىق ئىگە بولىدىغان پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ھە‌ققىدە 100 قېتىمدىن كۆپرە‌ك سۆزلىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا:‏ «ئە‌گە‌ر بىرى گۇ‌ناھ قىلغان بولسا،‏ ئاتىمىزنىڭ يېنىدا بىر ياردە‌مچى،‏ ئادىل ئە‌يسا مە‌سىھ بار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە ئە‌يسا ھە‌ققىدە گۇ‌ۋاھلىق بېرىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏10‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ يۇ‌ھاننا تۆلە‌مگە چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىق بىلدۈرگە‌ن.‏ بىزمۇ ئۆز مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

ئە‌گە‌ر بىز تۆلە‌مگە ھە‌قىقە‌تە‌ن مىننە‌تدار بولساق،‏ گۇ‌ناھقا باشلايدىغان ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رىمىز (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

11.‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش.‏ ئە‌گە‌ر بىز تۆلە‌م ئۈچۈن ھە‌قىقىي مىننە‌تدار بولساق،‏ مۇ‌نداق ئويلىمايمىز:‏ «گۇ‌ناھ قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇ‌نچە كۆپ كۈچ چىقىرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.‏ مە‌ن ئۆزۈم بىلگە‌ندە‌ك قىلىمە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھ قىلىپ قويسام،‏ ئۇ‌نداقتا كە‌چۈرۈم سورايمە‌ن».‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىز ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە گۇ‌ناھ قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ مۇ‌نداق دېسە‌ك بولىدۇ:‏ «ياق!‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ھە‌زرىتى ئە‌يسا مە‌ن ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ ئىشلارنى قىلغان تۇ‌رسا،‏ مە‌ن قانداقمۇ شۇ‌نداق گۇ‌ناھ قىلاي؟‏» شۇ‌نىڭغا ماس،‏ بىز يە‌ھۋادىن كۈچ سورىساق بولىدۇ ۋە مېنى ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شتىن ساقلاپ قالغايسە‌ن،‏ دە‌پ يېلىنساق بولىدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏13‏.‏

12.‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏16—‏18-‏ئايە‌تلە‌ردە بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تلە‌رنى قانداق ئە‌مە‌لىي قوللىنالايمىز؟‏

12 ئېتىقادداشلىرىڭىزغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىڭ.‏ بىز شۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنىمۇ ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسا ئۆز ھاياتىنى پە‌قە‌ت بىز ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ھاياتىنى ئۇ‌لار ئۈچۈن بېرىشكە تە‌ييار بولغان بولسا،‏ دېمە‌ك ئۇ‌نىڭ نە‌زە‌رىدە ئۇ‌لار بە‌كمۇ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏16—‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان مۇ‌ئامىلە ئارقىلىق ئۇ‌لارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏29،‏ 31—‏5:‏2‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئاغرىۋاتقاندا ياكى ئېغىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك تە‌بىئىي ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغاندا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ بىراق،‏ بىر قېرىندىشىمىز كۆڭلىمىزنى رە‌نجىتكە‌ندە نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13.‏ نېمە ئۈچۈن بىز كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

13 سىز قە‌لبىڭىزدە قېرىندىشىڭىزغا ئاداۋە‌ت ساقلىغانمۇ؟‏ (‏لاۋى.‏ 19:‏18‏)‏.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ مۇ‌نۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىڭ:‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى ئە‌پۇ قىلىڭلار.‏ ھە‌تتا بىرىنىڭ باشقا بىرىگە شىكايىتى بار بولسا،‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنى چىن قە‌لبىدىن كە‌چۈرگە‌ندە‌ك،‏ سىلە‌ر ھە‌م شۇ‌نداق كە‌چۈرۈڭلار» (‏كولوسى.‏ 3:‏13‏)‏.‏ ھە‌ر قېتىم قېرىنداشلىرىمىزنى كە‌چۈرسە‌ك،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ھە‌قىقە‌تە‌ن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌شۇ سوۋغىتىغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى داۋاملىق چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

14.‏ تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى قانداق؟‏

14 تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ.‏ ھىندىستاندىكى 83 ياشلىق قېرىندىشىمىز جوئاننا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭچە ھە‌ر كۈنى دۇ‌ئالىرىمدا تۆلە‌منى تىلغا ئېلىپ،‏ يە‌ھۋاغا تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بە‌كمۇ مۇ‌ھىم».‏ ھە‌ر كۈنى دۇ‌ئا قىلغىنىڭىزدا ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىڭىزنى يە‌ھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ ۋە ئۇ‌نىڭدىن كە‌چۈرۈم سوراڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە ئە‌گە‌ر سىز بىر ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان بولسىڭىز،‏ ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولىسىز.‏ ئاقساقاللار سۆزۈڭىزنى تىڭشايدۇ ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دا سۆزىدىن دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار سىز بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن سىز ئۈچۈن كە‌چۈرۈم سورايدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق سىز يە‌ھۋا بىلە‌ن قايتىدىن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتالايسىز.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏14—‏16‏.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ،‏ تۆلە‌م ھە‌ققىدە ئوقۇ‌پ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش كېرە‌ك؟‏

15 تۆلە‌م ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ 73 ياشلىق قېرىندىشىمىز راجامانى:‏ «ئە‌يسانىڭ ئازابى توغرىسىدا ئوقۇ‌غىنىمدا،‏ كۆزلىرىم ياشقا لىق تولىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ خۇ‌دا ئوغلىنىڭ شۇ‌نداق ئېغىر ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌نلىكىنى ئويلىغىنىڭىزدا،‏ سىزمۇ ئازابلىنىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغانسېرى،‏ سىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتىسىغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ تۆلە‌م ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئۈچۈن،‏ بۇ ماۋزۇ ئۈستىدە شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشىڭىزدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

ئە‌يسا ئاددىي يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كنى ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىنى قانداق ئە‌سلە‌پ تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى شاگىرتلىرىغا كۆرسە‌تكە‌ن (‏16-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

16.‏ باشقىلارغا تۆلە‌م ھە‌ققىدە ئۆگىتىش ئۆزۈمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

16 باشقىلارغا تۆلە‌م ھە‌ققىدە ئۆگىتىڭ.‏ ھە‌ر قېتىم باشقىلارغا تۆلە‌م ھە‌ققىدە ئېيتقىنىڭىزدا،‏ تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىز ئاشىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ نېمىشقا بىز ئۈچۈن ئۆلگە‌نلىكىنى باشقىلارغا چۈشە‌ندۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدىغان ياخشى كىتاب-‏ژۇ‌رنال ۋە فىلىملە‌ر بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر» كىتابچىسىنىڭ 4-‏دە‌رسىنى ئىشلىتە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ماۋزۇ‌سى «ئە‌يسا مە‌سىھ دېگە‌ن كىم؟‏» ياكى «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى»،‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 5-‏بابىنى قوللىنالايمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ماۋزۇ‌سى «تۆلە‌م —‏ خۇ‌دانىڭ بىباھا سوۋغىسى».‏ بىز ھە‌ر يىلى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ۋە باشقىلارنىمۇ شۇ‌نىڭغا قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمىزنىڭ مىننە‌تدارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە ئۆز ئوغلى ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىش ئىمتىيازىنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ئاجايىپ شان-‏شە‌رە‌پ!‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن تۆلە‌منى يە‌ھۋانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن بە‌رگە‌ن ئە‌ڭ قىممە‌تباھا سوۋغىتى دە‌يمىز؟‏

17 شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى داۋاملىق كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرىمىز بار.‏ تۆلە‌م سە‌ۋە‌بلىك،‏ گە‌رچە بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتالايمىز.‏ تۆلە‌م سە‌ۋە‌بلىك،‏ شە‌يتاننىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلە‌ي يوققا چىقىرىلىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏8‏)‏.‏ تۆلە‌م سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئە‌سلى مە‌قسىتى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ.‏ سىز ئۇ‌چراتقان ھە‌ر بىر كىشى يە‌ھۋانى سۆيىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌ر كۈنى خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن بە‌رگە‌ن بىباھا سوۋغىتى تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌ڭ.‏

148-‏ناخشا يېگانە ئوغلۇ‌ڭنى بە‌ردىڭ

a نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا شۇ‌نچە ۋە‌ھشىي ئۆلۈمنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن؟‏ بۇ ماقالە مۇ‌شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە داۋاملىق تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b رىملىقلاردا جىنايە‌تچىلە‌رنى تىرىك تۇ‌رغۇ‌زۇ‌پلا تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاش ئادىتى بولغان.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويغان.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ئېتىقادداشلارنىڭ ھە‌ر بىرى ئوخشىمايدىغان،‏ يە‌نى ئە‌خلاقسىز سۈرە‌تكە قاراش،‏ تاماكا چېكىش ۋە پارا ئېلىش قاتارلىق ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏