17-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا سىزنى قەدىرلەيدۇ!
«يەھۋا ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر».—زەبۇر 149:4.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدە a
ئاسماندىكى ئاتىمىز ھەربىرىمىزدىن سۆيىنىدۇ (1-ئابزاسقا قاراڭ)
1. يەھۋا بىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىمىزگە نەزەر سالىدۇ؟
يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىدىن سۆيىنىدۇ (زەبۇر 149:4). بۇنى بىلىش كىشىنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ. يەھۋا بىزنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىمىزگە نەزەر سالىدۇ. ئۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ دوستى بولۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا سادىقلىقنى ساقلىساق، ئۇ مەڭگۈ بىز بىلەن بولىدۇ.—يۇھاننا 6:44.
2. نېمە ئۈچۈن بەزىلەرگە يەھۋانىڭ ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىن؟
2 بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە بىر توپ سۈپىتىدە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىراق مەن شەخسەن يەھۋانىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا قانداق ئىشەنچ قىلالايمەن؟». نېمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنداق سوئال سورىشىدۇ؟ بالىلىق چاغلاردا كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئوكسانا b مۇنداق دەيدۇ: «مەن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى خىزمىتىنى باشلىغاندا، بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدىم. بىراق، 15 يىلدىن كېيىن بالىلىق چاغلىرىمدا، باشتىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلىرىم ئېسىمگە كېلىپ، قايتا مېنى قىيناشقا باشلىدى. مەن ھازىر يەھۋانىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولدۇم ۋە ئۇ مېنى سۆيۈشكە لايىق ئەمەسمەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم». بالىلىق چاغلىرىدا خۇشاللىق تاپالمىغان يۇئا ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى: «مەن ھاياتىمنى يەھۋاغا بېغىشلىدىم. چۈنكى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى خالىغان ئىدىم. بىراق، مەن يەھۋا مېنى ھېچقاچان سۆيمەيدۇ، دەپ ئىشەنگەن»،— دەيدۇ.
3. بۇ ماقالىدە، نېمە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا ئوخشاش، سىزمۇ يەھۋانى بەك ياخشى كۆرىسىز. ئەمما، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا گۇمان قىلىشىڭىز مۇمكىن. يەھۋانىڭ ھەقىقەتەن سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلىشىڭىز كېرەك. يەھۋا مېنى سۆيمەيدۇ، دېگەن سەلبىي ئوي-پىكىرگە كەلگىنىڭىزدە، سىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇشۇ سوئاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلايلى.
يەھۋانىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىش خەتەرلىك
4. يەھۋانىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىش نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك؟
4 مېھىر-مۇھەببەت — كۈچلۈك بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئەگەر بىز يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئىشەنسەك، ھاياتىمىزدا قىيىنچىلىقلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا ھەرىكەت قىلىمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، ئەگەر خۇدانىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا گۇمان قىلسىڭىز، جاسارىتىڭىزنى يوقۇتۇپ ئاجىز بولىسىز (پەند. نە 24:10). بىز ئۈمىدسىزلەنگەندە ۋە خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتقاندا، شەيتاننىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرالمايمىز.—ئەفەس. 6:16.
5. خۇدانىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلانغان بەزى قېرىنداشلارغا نېمە بولغان؟
5 بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى يەھۋانىڭ مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلاپ، روھىي جەھەتتىن ئاجىزلىغان. جېيمس ئىسىملىك بىر ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «ھەتتا مەن بەيتەلدە ۋە چەتئەل تىلى جامائىتىدە خىزمەت قىلىپ، شۇنچە خۇشاللىق تاپقان بولساممۇ، مەن بەرگەن قۇربانلىقلارنى يەھۋانىڭ ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغانلىقىغا گۇمان قىلدىم. ئاخىرىدا مەن ھەتتا يەھۋانىڭ دۇئالىرىمغا قۇلاق سالىدىغانلىقىغا شۈبھىلەندىم». يەنە بىر تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىۋاتقان يېۋا: «يەھۋانىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. چۈنكى، شۇنداق قىلىش كىشىنى ئاستىغا تارتىپ كېتىدىغان قاينامغا ئوخشاش. بۇ سىزنىڭ روھىي ئوزۇقلۇقلارغا بولغان ئىشتىھايىڭىزغا تەسىر قىلىپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن تاپىدىغان خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ». پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان مايكىل ئىسىملىك ئاقساقال: «ئەگەر خۇدانىڭ سىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلمىسىڭىز، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كېتىسىز»،— دەيدۇ.
6. كۆڭلىمىزدە خۇدانىڭ مۇھەببىتىگە قارىتا گۇمان پەيدا بولسا، چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
6 يۇقىرىدىكى بىر قانچە مىسال سەلبىي ئوي-پىكىرلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن قانچىلىك زىيان كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ مۇھەببىتىگە قارىتا كۆڭلىمىزدە گۇمان پەيدا بولۇشقا باشلىسا، نېمە ئىش قىلساق بولىدۇ؟ دەرھال شۇنداق ئوي-پىكىرنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق غەم-تەشۋىشكە سالىدىغان ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئورنىغا، تەڭرىنىڭ تىنچلىقى يۈرىكىڭىزنى ۋە ئەقلىڭىزنى قوغدىشى ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سوراڭ (زەبۇر 139:23؛ فىلىپى. 4:6، 7). ئېسىڭىزدە بولسۇن، يالغۇز سىزلا ئەمەس، باشقا ئېتىقادچىلارمۇ سەلبىي ئوي-خىياللارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا، يەھۋانىڭ قەدىمقى زاماندىكى خىزمەتچىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ھازىر ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
7. پاۋلۇس قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
7 بەزىدە ئۈستىڭىزگە ئالغان ۋەزىپىلەر كۆپ بولغاچقا، ھەممىسىنى ئورۇنلىيالمايمەن، دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز ئەلچى پاۋلۇسنى ياخشى چۈشىنەلەيسىز. ئۇ پەقەت بىرلا جامائەت ئەمەس، بەلكى بارلىق جامائەتنىڭ غېمىنى يېگەن (2-كورىنت. 11:23—28). سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلىڭىز ھەردائىم سىزنى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلامدۇ؟ پاۋلۇسنىڭ تېنىگە سانجىلغان تىكەن داۋاملىق ئۇنى بىئارام قىلىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلغان. ئۇ شۇ تىكەننىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان (2-كورىنت. 12:7—10). نامۇكەممەللىك تۈپەيلى بەزىدە ئۈمىدسىزلىنەمسىز؟ پاۋلۇسمۇ بەزىدە شۇنداق ئۈمىدسىزلەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ نامۇكەممەللىكى بىلەن توختىماي كۈرەش قىلغاچ، ئۆزىنى «بىچارە ئادەممەن!» دېگەن.—رىملىقلار 7:21—24.
8. پاۋلۇسنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
8 گەرچە پاۋلۇس شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، ئۇ خۇداغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ نامۇكەممەللىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، ئۇنىڭ تۆلەمگە بولغان ئىشەنچىسى تەۋرەنمىگەن. پاۋلۇس ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغان ھەر بىر كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ياخشى بىلگەن (يۇھاننا 3:16؛ رىملىقلار 6:23). پاۋلۇس جەزمەن ئاشۇ تۆلەمگە ئىشەنچ قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا بولغان. ئۇ ھەتتا ئېغىر گۇناھ قىلىپ، توۋا قىلغانلارنى يەھۋانىڭ كەچۈرۈشىگە تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن.—زەبۇر 86:5.
9. گالاتىيالىقلار 2:20-ئايەتتىكى پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 پاۋلۇس ئۆزىنى خۇدانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىشەنگەن. سەۋەبى، خۇدا ئەيسانى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلگەن (گالاتىيالىقلار 2:20-نى ئوقۇڭ). شۇ ئايەتتىكى كىشىگە تەسەللى بېرىدىغان سۆزلەرگە دىققەت قىلىڭ. پاۋلۇس خۇدانىڭ ئوغلى «مېنى سۆيگەن ۋە ئۆزىنى مەن ئۈچۈن پىدا قىلغان» دېگەنىدى. ئۇ: «يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمنى سۆيىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن. بىراق، ئۇنىڭ مېنى سۆيۈشى مۇمكىن ئەمەس»،— دەيدىغان ئوي-خىيال بىلەن خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە چەك قويمىغان. ئۇ رىمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ: «تېخى بىز گۇناھكار چېغىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى»،— دېگەن ئىدى (رىملىقلار 5:8). خۇدانىڭ مۇھەببىتى چەكسىزدۇر!
10. رىملىقلار 8:38، 39-ئايەتلەردىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10 رىملىقلار 8:38، 39-نى ئوقۇڭ. پاۋلۇس بىزنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچنەرسە ئايرىۋېتەلمەيدۇ، دەپ يازغان. ئۇ يەھۋانىڭ ئىسرائىل خەلقىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە قانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنىمۇ بىلگەن. پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىدىن شۇنداق خۇلاسە قىلالايمىز، يەھۋا ئۆز ئوغلىنى مەن ئۈچۈن ئۆلۈشكە ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمان قىلىشىمغا يەنە سەۋەبىم بارمۇ؟—رىملىقلار 8:32.
خۇدا بىزنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزغا ئەمەس، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە نېمە قىلىشىمىزغا دىققەت قىلىدۇ (11-ئابزاسقا قاراڭ) c
11. گەرچە 1-تىموتىي 1:12—15-ئايەتلەردە، پاۋلۇسنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇ خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن؟
11 1-تىموتىي 1:12—15-نى ئوقۇڭ. پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى شاگىرتلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىرى ھەققىدە ئويلىغىنىدا، بەلكىم بەكمۇ ئازابلانغان. دېمەك، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇچىغا چىققان گۇناھكار، دەپ ئاتىغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇ بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىپ، ئېتىقادچىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان. بەزىلەرنى تۈرمىگە تاشلىغان، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن (ئەلچى. 26:10، 11). پاۋلۇس ئۆزى سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسى ئۆلتۈرۈلگەن ياش ئېتىقادچىنى كۆرگىنىدە، كۆڭلىنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ، ئۆتمۈشىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ مەسىھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەرگەن تۆلىمىگە ئىشەنگەچ، مۇنداق يازغان: «خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن، مەن بۈگۈنكى مەن بولدۇم» (1-كورىنت. 15:3، 10). بىز ئۈچۈن قانداق ساۋاق؟ سىز چوقۇم شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كېرەككى، ئەيسا سىز ئۈچۈن ئۆلگەن ۋە سىزنىڭ خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىزغا يول ئاچقان (ئەلچى. 3:19). يەھۋا ئۈچۈن ئۆتمۈشتە يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان ياكى بولمىغان چاغدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئەمەس، ھازىر ۋە كېلەچەكتە قىلىدىغان ئىشلىرىمىز مۇھىم.—يەشايا 1:18.
12. ئەگەر بىز ئۆزۈمىزنى قەدىرسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە لايىق ئەمەستەك ھېس قىلساق، 1-يۇھاننا 3:19، 20-ئايەتلەردىكى سۆزلەر بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 ئەيسا سىزنىڭ گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلانغىنىڭىزدا، ئۆز-ئۆزىڭىزگە: «مەن ئۆزۈمنى بۇنىڭغا لايىق ئەمەستەك ھېس قىلىۋاتىمەن»،— دېيىشىڭىز مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن سىز شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولىسىز؟ نامۇكەممەل يۈرىكىمىز بىزنى قەدىرسىز ياكى مېھىر-مۇھەببەتكە لايىق ئەمەستەك ھېس قىلدۇرىدۇ (1-يۇھاننا 3:19، 20-نى ئوقۇڭ). بىزدە شۇنداق ئوي-خىيال پەيدا بولغاندا، شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك: خۇدا بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىن ئۇلۇغدۇر. دېمەك، يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئۇنىڭ كەچۈرۈمچانلىقى يۈرىكىمىزگە مۆكۈنگەن ھەرقانداق سەلبىي ھېس-تۇيغۇلاردىن كۈچلۈكرەك. ئۇنىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۇنى قىلىش ئۈچۈن بىز چوقۇم ھەردائىم خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمىز، ئۇنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش، دۇئا قىلىش ۋە سادىق دوستلارنىڭ ياردىمى
13. خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىش بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (« خۇدا سۆزى ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەن» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
13 ھەر كۈنى خۇدا سۆزىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سىز يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى تېخىمۇ ئېنىقراق كۆرەلەيسىز ۋە ئۇنىڭ سىزگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايسىز. ھەر كۈنى خۇدا سۆزىنى مۇلاھىزە قىلىش سىزگە چوڭقۇرراق ئويلىنىشىڭىزغا ۋە ئوي-پىكرىڭىزنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. (2-تىموت. 3:16). ئۆزىنى قەدىرسىز ھېس قىلغان كېۋىن ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «زەبۇر 103-بابنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلدىم. بۇ يەھۋانىڭ مەن توغرۇلۇق زادى نېمە ئويلايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمگە ۋە ئوي-پىكىرىمنى تۈزىتىشىمگە ياردەم بەردى». يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يېۋا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋاقىت چىقىرىپ، يەھۋانىڭ كۆز قاراشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش بىلەن بىر كۈنۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. بۇ ئارقىلىق قەلبىم تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ، ئىمان-ئېتىقادىم كۈچىيىدۇ».
14. دۇئا بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىش (1-سالونىكا. 5:17). بىر كىشى بىلەن يېقىن دوست بولۇش ئۈچۈن پات-پات ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. يەھۋا بىلەن دوست بولۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۆزۈمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى، ئوي-پىكىرلىرى، غەم-ئەندىشىلىرىنى دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەندە، يەھۋاغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز (زەبۇر 94:17—19؛ يۇھاننا 1-خ. 5:14، 15). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېۋا مۇنداق دەيدۇ: «دۇئا قىلغىنىمدا مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ شۇ كۈنى نېمە ئىشقا يولۇققانلىقىمنى ئېيتىپلا قالماي، ھېس-تۇيغۇلىرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىچ باغرىمنى يەھۋاغا تۆكۈپ بېرىمەن. مەن ئاستا-ئاستا يەھۋانى خۇددى بىر شىركەتنىڭ باش خوجايىنىدەك ئەمەس، بەلكى ئۆز پەرزەنتلىرىنى سۆيىدىغان ھەقىقىي بىر ئاتىدەك تونۇپ يەتتىم».—« سىز ئوقۇپ باققانمۇ؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ.
15. يەھۋا شەخسەن ھەربىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
15 سادىق دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىڭ. دوستلار يەھۋادىن كەلگەن ھەدىيە (ياقۇپ 1:17). ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزگە ھەردائىم مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان جامائەتتىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى سوۋغات قىلغان (پەند. نە 17:17). كولوسىلىقلار يازغان خېتىدە پاۋلۇس بەزى ئېتىقادچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى تەسەللىنىڭ مەنبەسى، دەپ ئاتىغان (كولوسى. 4:10، 11). ھەتتا، ئەيسا مەسىھ دوستلىرىنىڭ يار-يۆلەك بولۇشىغا مۇھتاج بولغان ۋە پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى دوستلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.—لۇقا 22:28، 43.
16. سادىق دوستلىرىمىز يەھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
16 يەھۋا سوۋغات قىلغان سادىق دوستلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشنى خالامسىز؟ غەم-تەشۋىشلىرىمىزنى ئېتىقادتا يېتىلگەن دوستىمىزغا ئېيتىش، بۇ بىزنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىنچە، بىزنى ھىمايە قىلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جېيمس مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان-ئېتىقادتا يېتىلگەن ئېتىقادچىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى. سەلبىي ئوي-پىكىرلەر مېنى قىينىغاندا، ئاشۇ قەدىرلىك دوستلىرىم سەۋرچانلىق بىلەن سۆزلىرىمگە قۇلاق سالدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇلار ئارقىلىق مەن يەھۋانىڭ شەخسەن ماڭا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدىم». ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يېقىن دوستلۇقنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ساقلاش ھەقىقەتەن بەك مۇھىم!
خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە ئۆزىڭىزنى ساقلاڭ
17، 18. بىز چوقۇم كىمگە ئىشىنىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
17 بىز داۋاملىق توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بىراق، شەيتان بىزنىڭ توغرا ئىش قىلىشتىن ۋاز كېچىشىمىزنى ۋە يەھۋا بىزنى سۆيمەيدۇ، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇشىغا بىز لايىق ئەمەس، دېگەنلەرگە ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، بۇ قىپقىزىل بىر يالغانچىلىق.
18 خۇدا سىزنى سۆيىدۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا سىز بىباھا بىر غەزنىگە ئوخشاش. ئەگەر ئۇنىڭغا بويسۇنسىڭىز، خۇددى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆزىڭىزنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە ساقلايسىز (يۇھاننا 15:10). شەيتانغا ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئالدامچى يۈرىكىڭىزگە ئىشەنمەڭ. ئەكسىنچە، بىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمىزنى كۆرىدىغان يەھۋا خۇداغا ئىشىنىڭ. ئۇ سىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقىنى سۆيىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىڭ!
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a بەزى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە ئىشىنىش قىيىن. بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ ھەربىرىمىزنى سۆيىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا گۇمان پەيدا بولسا، نېمە قىلساق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c سۈرەتتە: ئۆتمۈشتە پاۋلۇس نۇرغۇن ئېتىقادچىلارنى زىندانغا تاشلاتقان. ئۇ ئەيسانىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزگەرگەن ۋە ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەسەللى بەرگەن.