31-تەتقىق ماقالىسى
بەل قويۋەتمەيمىز!
«شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز».—2-كورىنت. 4:16.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
بۇ ماقالىدە a
1. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغىچە يۈگۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى ھايات ئۈچۈن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى يېقىندا باشلىغان بولايلى ياكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولايلى، ھەممىمىز مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغىچە يۈگۈرۈشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ فىلىپىلىكلەرگە بەرگەن نەسىھىتى ئاخىرغىچە يۈگۈرۈشنى توختاتماسلىقىمىزغا كۈچ بېرىدۇ. فىلىپى شەھىرىدىكى بەزى ئېتىقادداشلار يەھۋاغا كۆپ يىللار خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ئۇلار يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، پاۋلۇس سەۋر-تاقەتلىك بىلەن داۋاملىق خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويغان. پاۋلۇس قېرىنداشلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، شۇ مەقسەتكە ئىنتىلىشىنى خالىغان.—فىلىپى. 3:14.
2. پاۋلۇسنىڭ نەسىھىتى نېمە ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا ئېيتىلغان ئىدى؟
2 ئەلچى پاۋلۇسنىڭ فىلىپىلىكلەرگە بەرگەن نەسىھىتى دەل ۋاقتىدا ئېيتىلغان. فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلار جامائەت تەشكىل قىلىنغاندىن تارتىپ قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. تەخمىنەن مىلادى 50-يىلى پاۋلۇس بىلەن سىلاس خۇدانىڭ يول-يورۇقى بويىچە «ماكېدونىيىگە كېلىپ»، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بارچە قارشىلىقلار باشلانغان ئىدى (ئەلچى. 16:9). ئۇلار ماكېدونىيىدە لىدىيا ئىسىملىك ئايالغا خۇش خەۋەرنى ئېيتقان. شۇ ئايال خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە يەھۋا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاچقان (ئەلچى. 16:14). كۆپ ئۆتمەي، لىدىيا ئۆيدىكىلىرى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. لېكىن، شەيتان دەرھال ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ شەھەردىكى ئەر كىشىلەر پاۋلۇس ھەم سىلاسنى تۇتۇۋېلىپ، بازار مەيدانىدىكى باشلىقلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ كېلىشتى ۋە ئۇلارنى شەھەرنىڭ تىنىچلىقىنى بۇزۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. نەتىجىدە، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى زىندانغا تاشلاپ، كېيىن ئۇلارنى قويۇپ بىرىپ، شەھەردىن كېتىشىنى سورىدى (ئەلچى. 16:16—40). ئۇلار جاسارىتىنى يوقاتتىمۇ؟ ياق! يېڭىدىن تەشكىللەنگەن جامائەتتىكى قېرىنداشلارچۇ؟ بەختكە يارىشا، ئۇلارمۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن. ئۇلارغا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئۈلگىسى قاتتىق تەسىر قىلغانلىقى سۆزسىز.
3. پاۋلۇس نېمىنى چۈشەنگەن ۋە بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 پاۋلۇس قارشىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە بەل باغلىغان (2-كورىنت. 4:16). ئەمما، ئۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغىچە يۈگۈرۈش ئۈچۈن مۇكاپاتقا كۆز تىكىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۈگۈنكى كۈندىكى سادىق ئېتىقادداشلارنىڭ ئۈلگىسى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش مۇمكىن ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىز جاسارىتىمىزنى يوقاتماسلىققا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ بۇ ماقالىدە مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
4. قىيىن ۋەزىيەتتە بولغانلىقىغا قارىماستىن، پاۋلۇس قانداق قىلىپ قىزغىن ۋەز قىلغان؟
4 پاۋلۇس فىلىپىلىكلەرگە خەت يازغاندا قانداق ۋەزىيەتتە بولغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. شۇ چاغدا، پاۋلۇس رىمدا ئۆيدە نازارەت ئاستىدا بولغان. پاۋلۇسنىڭ ئەركىنلىكى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆيىگە كەلگەنلەرگە ۋەز ئېيتقان ۋە جامائەتلەرگە خەت يازغان. پاۋلۇس ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئىشنى ئورۇنلاپ بولغانلىقىغا كۆز يەتكۈزمىگىچە كۆپ كۈچ چىقارغان. بۈگۈنكى كۈندە سالامەتلىكى ناچار ياكى ياشىنىپ قالغان نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۆيدىن چىقالمىسىمۇ، ئۇلارغا كەلگەن كىشىلەرگە ۋەز قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن چىقارمايدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ھەردائىم ئۆيىدە بولمايدىغان كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان خەتلەرنى يېزىپ ۋەز قىلىدۇ.
5. فىلىپىلىكلەر 3:12—14-ئايەتتىكى سۆزلەرگە ئاساسەن، پاۋلۇسقا خىزمەتتىن دىققىتىنى بۇرۇماسلىققا نېمە ياردەم بەرگەن؟
5 پاۋلۇس ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى ياكى ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ خىزمەتتىن دىققىتىنى بۇرۇشىغا يول بەرمىگەن. ئۇ ‹كېلەچەككە ئىنتىلىش›، يەنى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ‹ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش› كېرەكلىكىنى يازغان (فىلىپىلىكلەر 3:12—14-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسنىڭ مەقسىتىگە كۆز تىكىشىگە نېمە توسالغۇلۇق قىلالىغان؟ بىرىنچىدىن، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن ئاۋۋال يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ئېرىشكەن چوڭ ئۇتۇقلار. لېكىن، ئۇ بۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارىغان (فىلىپى. 3:3—8). ئىككىنچىدىن، بۇرۇن مەسىھىيلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبكار ھېس قىلغان. ئەمما، پاۋلۇس يامان ئويلارغا بېرىلمىدى. ئۈچىنچىدىن، ئۇ يەھۋاغا كۆپ خىزمەت قىلدىم، دەپ ئويلىسا بولاتتى. بىراق، ئۇ خىزمەتتە بار كۈچىنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغان. پاۋلۇسنى كالتەكلەپ، چالما-كېسەك قىلسىمۇ، ئۇ كېمە ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن كىيىم-كېچەككە موھتاج بولسىمۇ، خىزمەتتە ئۇتۇقلۇق بولغان (2-كورىنت. 11:23—27). پاۋلۇس باشتىن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكۈزگىنىگە ۋە خىزمەتتە كۆپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكىنىگە قارىماستىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمىغان. بىز پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك.
6. ئۇنتۇشىمىز كېرەك «ئۆتمۈشتىكى» نەرسىلەرگە نېمە كىرىدۇ؟
6 پاۋلۇسقا ئوخشاش ‹ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش› ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بەلكىم، ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېس قىلىدىغاندىمىز. ئەگەر سىزدە شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار بولسا، ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى توغرۇلۇق كۆپرەك ئۆگىنىپ، مۇلاھىزە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئىلھام بېرىدىغان ماۋزۇلار توغرۇلۇق ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلانساق ۋە دۇئا قىلساق، ئۆزىمىزنى ياخشىراق ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. ھەتتا يەھۋانىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئەيىبلەشنى توختىتىشىمىز مۇمكىن. پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىدىن يەنە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بەلكىم، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مائاشى يۇقىرى ئىشنى رەت قىلغاندىمىز. ئۇنداقتا، ماددىي نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلماي، «ئۆتمۈشنى» ئۇنتىيالايمىزمۇ؟ (سانلار 11:4—6؛ ۋەز 7:10). ‹ئۆتمۈشتە› بولغان ئىشلارغا يەھۋاغا قىلغان خىزمىتىمىز ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلىرىمىزمۇ كىرىدۇ. ئەلۋەتتە، يەھۋانىڭ بىزنى بەرىكەتلىگەنلىكى ۋە يار-يۆلەك بولغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالساق، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولىمىز. بىراق، يەھۋاغا يېتەرلىك خىزمەت قىلدىم، دەپ ئويلاشنى خالىمايمىز.—1-كورىنت. 15:58.
ھايات ئۈچۈن مۇسابىقىدە دىققىتىمىزنى ھېچنەرسىگە بۇرماي، مۇكاپاتقا كۆز تىكىشىمىز كېرەك (7-ئابزاسقا قاراڭ)
7. (1) پاۋلۇسنىڭ 1-كورىنتلىقلار 9:24—27-ئايەتلەردىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاياتى قايسى مەنىدە مۇسابىقىگە ئوخشاش؟ (2) نېمە ئۈچۈن دىققىتىمىزنى باشقا نەرسىلەرگە بۇرىماسلىقلىقىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 ئەلچى پاۋلۇس ئەيسانىڭ «پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن تىرىشىڭلار» دېگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشەنگەن (لۇقا 13:23، 24). پاۋلۇسمۇ ئەيساغا ئوخشاش، ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە بار كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاياتىنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇرغان (1-كورىنتلىقلار 9:24—27-نى ئوقۇڭ). مۇسابىقىگە قاتناشقان كىشى دىققىتىنى باشقا نەرسىلەرگە قاراتماي، ئاخىرىقى نىشانغا يۈگۈرۈپ يېتىش توغرىلىقلا ئويلايدۇ. مەسىلەن، ئۇلار دىققىتىنى بۇرايدىغان دۇكانلار بار كوچىلاردا يۈگۈرۈشى مۇمكىن. دۇكانغا قاراش ئۈچۈن توختاپ قالغان يۈگۈرگۈچىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئەلۋەتتە، ئەگەر ئۇ نەتىنجە قازىنىشنى خالىسا، ئۇنداق قىلمايدۇ. بىزمۇ دىققىتىمىزنى جەلپ قىلىدىغان كۆپ نەرسىلەرگە ئۇچرايمىز. پاۋلۇس ئېيتقاندەك، ئەگەر مەقسىتىمىزگە كۆز تىكىپ، بار كۈچىمىزنى چىقارساق، مۇكاپاتقا ئېرىشىمىز.
قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلايلى
8. قانداق ئۈچ ۋەزىيەتنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
8 روھىمىزنى چۈشۈرۈشى مۇمكىن ئۈچ ۋەزىيەتنى كۆرۈپ باقايلى. ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈپ كۈتۈش، سالامەتلىكنىڭ ناچارلىشى ۋە ئۇزۇن ۋاقىتقا سوزۇلغان سىناقلار. باشقىلارنىڭ شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قانداق بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە كۆپ پايدا ئەكېلىدۇ.—فىلىپى. 3:17.
9. ئۈمىدىمىز ئاقلانمىسا، بۇ بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
9 ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈپ كۈتۈش. بىز يەھۋا بەرگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتىمىز. ھاباققۇق پەيغەمبەرمۇ شۇنداق قىلغان. ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ يەھۇدا زېمىنىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىشىنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن، يەھۋا ئۇنىڭغا «كۈتكىن» دېگەن (ھاباق. 2:3). بىراق، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمىز ئۇزاق ۋاقىت ئورۇنلانمىغاندەك كۆرۈنسە، قىزغىنلىقىمىزنى يوقىتىشىمىز، ھەتتا روھىمىز چۈشىشى مۇمكىن (پەند. نە 13:12). 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا قېرىنداشلار دەل شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. شۇ ۋاقىتتا مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى 1914-يىلى ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ، ئۆز مۇكاپىتىمىزنى ئالىمىز، دەپ ئۈمىد قىلغان. بىراق، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ئورۇنلانمىغاندا، كۆپ قېرىنداشلارنىڭ روھى چۈشكەن. ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق يەڭگەن؟
رويال ۋە پيورل سىپاس قېرىنداشلارنىڭ ئۈمىدى 1914-يىلى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەھۋاغا داۋاملىق سادىق خىزمەت قىلغان (10-ئابزاسقا قاراڭ)
10. ئۈمۈت ئاقلانمىغاندا، بىر ئەر-ئايالغا داۋاملىق خىزمەن قىلىشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟
10 شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىككى سادىق قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. رويال سىپاس بۇرادىرىمىز 1980-يىلى 20 يېشىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. ئۇ ئاسماندىكى مۇكاپىتىنى پات-ئارىدا ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، 1911-يىلى ئۆيلىنىدىغان قىزى پيورلغا مۇنداق دېگەن: «1914-يىلى قانداق مۇھىم ۋەقە بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز. شۇڭا، تېزراق ئۆيلەنسەك ياخشى بولاتتى!» بىراق، 1914-يىلى كۈتكەن ۋەقە يۈز بەرمىگەندە، ئۇلار خىزمەت قىلىشنى توختاتتىمۇ؟ ياق، سەۋەبى، ئۇلار بىرىنچى نۆۋەتتە ئاسماندىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئەمەس، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىشنى ئويلىغان. ئۇلار مۇسابىقىدە يۈگۈرۈشنى توختاتماسلىققا بەل باغلىغان. رويال بىلەن پيورل قىزغىنلىق بىلەن نەچچە ئون يىل خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەردىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىشقانىدى. شەك-شۈبھسىزكى، سىزمۇ يەھۋانىڭ ئۆز ئىسىمىنى ئۇلۇغلاپ، ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالايسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋا بەلگۈلىگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئېشىدىغانلىقىغا گۇمان قىلماڭ. ئەمما، شۇ ۋاقىت كەلگىچە، خۇداغا داۋاملىق خىزمەت قىلايلى! تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدىلەرنى ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈپ كۈتكىنىمىزدە، روھىمىزنى چۈشىشىگە يول بەرمەيلى!
ئارتۇر سېكورد ياشانغاندىمۇ يەھۋاغا بار كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىشنى خالىغان. ئاناتولىي بىلەن لىدىيا مېلنىك كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ، سادىق بولۇپ قالغان (11-ئابزاسلارغا قاراڭ)
11، 12. سالامەتلىكىمىز بۇرۇنقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا داۋاملىق سادىق خىزمەت قىلالايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
11 سالامەتلىكنىڭ ناچارلىشى. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەنھەرىكەتچىگە كۆپ كۈچ كېرەك. بىراق، روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشىمىز سالامەتلىكىمىزگە باغلىق ئەمەس. نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشسىمۇ، ئۇلار روھىي جەھەتتىن مەھكەم بولۇپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا (2-كورىنت. 4:16). مەسىلەن، ئارتۇر سېكورد بۇرادەر 55 يىل بەيتەلدە خىزمەت قىلغان. ئۇ 88 ياشقا تولغاندا، ئاجىزلىشىپ، سالامەتلىكى ناچارلاشقان. بىر كۈنى ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغان بەيتەلدىكى قېرىنداش ئۇنى: «ئارتۇر بۇرادەر، سىز يەھۋا خۇداغا كۆپ خىزمەت قىلدىڭىز. بۇ ھاياتتا كۆرمىگىنىڭىز قالمىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ»،—، دەپ ماختىغان. بىراق، ئۇ ئۆتمۈشتە قىلغان خىزمىتى بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىغان ئىدى. ئارتۇر بۇرادەر ئۇنىڭغا قاراپ، كۈلىمسىرەپ، مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ھەئە، بۇ راست. لېكىن بىزنىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان خىزمىتىمىز ئەمەس، ھازىر سادىق بولۇپ قېلىشىمىز مۇھىمىراق».
12 بەلكىم، سىز يەھۋا خۇداغا كۆپ يىللاردىن بۇيان خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتسىز. بىراق، ھازىر سالامەتلىكىڭىز ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى، بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلىشقا مۇمكىنچىلىكىڭىز يوق بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولسا، روھىڭىز چۈشمىسۇن. يەھۋا خۇدا ئۆتمۈشتە قىلغان خىزمىتىڭىزنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ (ئىبرانىي. 6:10). يەھۋانى قانچىلىك ياخشى كۆرگەنلىكىمىز، ئۇنىڭغا قانچە ئۇزۇن خىزمەت قىلىشىمىز بىلەن ئۆلچەنمەيدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇڭ. ئەكسىنچە، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاپ، قولىمىزدىن كەلگەن ھەممىنى قىلىشىمىز بىلەن كۆرسىتىمىز (كولوسى. 3:23). يەھۋا خۇدا ئىمكانىيىتىمىز چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە قولىمىزدىن كەلمىگەن نەرسىلەرنى بىزدىن تەلەپ قىلمايدۇ.—ماركۇس 12:43، 44.
ئاناتولىي بىلەن لىدىيا مېلنىك كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ، سادىق بولۇپ قالغان (13-ئابزاسلارغا قاراڭ)
13. كۆپ سىناقلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلالايدىغانلىقىمىز مېلنىك ئائىلىسىنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق كۆرۈنىدۇ؟
13 ئۇزاققا سوزۇلغان سىناقلار. بەزى ئېتىقادداشلىرىمىز كۆپ يىللاردىن بۇيان سىناقلار بىلەن زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن. مەسىلەن، ئاناتولىي مېلنىك b بۇرادىرىمىزنىڭ مىسالىنى ئالايلى. ئۇ تېخى 12 ياشتا بولغاندا، دادىسى قولغا ئېلىنىپ، مولداۋىيىدە ياشايدىغان ئائىلىسىدىن 7000 كىلومېتر يىراقلىقتىكى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. بىر يىلدىن كېيىن ئاناتولىي، ئاپىسى، بوۋىسى ۋە مومىسى بىلەن سىبىرىيىگە ئەۋەتىلگەن. كېيىن، ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىش ئۈچۈن، قاتتىق سوغۇق ھاۋا-رايىدا 30 كىلومېتر يىراقلىقتىكى باشقا بىر يېزىغا باراتتى. كېيىن، مېلنىك بۇرادەر ئۈچ يىل تۈرمىدە ئولتۇرغان. ئۇنىڭ ئايالى لىدىيا بىر ياشلىق قىزى بىلەن يالغۇز قالغان. شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ئاناتولىي بۇرادەر ئائىلىسى بىلەن خۇداغا سادىق خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ھازىر ئۇ 82 ياشتا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر بەيتەل كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدۇ. كېلىڭلار، بىزمۇ ئاناتولىي ۋە لىدىياغا ئوخشاش يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەيلى.—گالاتىيا. 6:9.
كېلەچەكتىكى ئۈمىدكە كۆز تىكەيلى
14. پاۋلۇس مەقسىتى يېتىش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىنى چۈشەنگەن؟
14 ئەلچى پاۋلۇس مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغىچە يۈگۈرۈپ، مەقسىتىگە قول يەتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان. ئۇ مەسىھ قىلىنغانلىقتىن ، ئاسماندا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن. بىراق، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ھايات مۇسابىقىسىدە يۈگۈرۈشنى توختاماسلىقى كېرەكلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن (فىلىپى. 3:14). شۇ سەۋەبتىن، فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىنى مەقسىتىگە قارىتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خېتىدە قىزىقارلىق مىسال كەلتۈرگەن.
15. پاۋلۇس فىلىپىلىكلەرنى دىققىتىنى مەقسىتىگە قارىتىش ئۈچۈن پۇقرالىق توغرۇلۇق قانداق مىسالنى ئىشلەتكەن؟
15 پاۋلۇس فىلىپىلىكلەرگە ئۇلارنىڭ ئاسماندىكى پۇقرالىقى توغرۇلۇق ئەسلەتكەن (فىلىپى. 3:20). ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىقىنى نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇماسلىقى كېرەك ئىدى؟ شۇ زاماندا ئادەملەر رىم پۇقراسى بولۇشنى خالاتتى، چۈنكى بۇ ئۇلارنى كۆپ ئەۋزەللىككە ئېرىشتۈرەتتى c. بىراق مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالىرى بولغان. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋزەللىكى ھەممىدىن ئېشىپ چۈشكەن! شۇ سەۋەبتىن، پاۋلۇس فىلىپىلىكلەرنى ئۈندەپ مۇنداق دېگەن: «پەقەت مەسىھ توغرۇلۇق خۇش خەۋەرگە لايىق ھايات كەچۈرۈڭلار» (فىلىپى. 1:27). بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلار ئاسماندىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن توختىماي يۈگرەپ، ياخشى ئۈلگە كۆرسەتمەكتە.
16، 17. (1) مەيلى ئاسماندا ياكى يەردە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-ئايەتكە ئاساسەن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (2) كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
16 مەيلى ئاسماندا ياكى يەردە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، داۋاملىق مەقسەتكە ئىنتىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەيلى، بىز ئۆتمۈشتىكى نەرسىلەرنى ئويلىماي، ھېچنەرسىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىغا يول بەرمەسلىكىمىز كېرەك (فىلىپى. 3:16). ئۈمىدىمىز ئەمەلگە ئاشمىغاندەك كۆرۈنۈشى ياكى سالامەتلىكىمىز ناچارلىشىشى مۇمكىن. بىز سىناقلارغا ۋە زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. مەيلى قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلەيلى، «ھېچ نەرسىدىن غەم-ئەندىشە قىلماڭلار» دېگەن سۆزلەرنى ئەستە تۇتايلى. ھەممە نەرسىدە خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا قىلايلى، شۇ چاغدا ئۇ بىزگە ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنچلىقنى بېرىدۇ.—فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-نى ئوقۇڭ.
17 مۇسابىقىنى ئاخىرىغىچە يۈگۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، تەنھەرىكەتچى بار كۈچىنى چىقىرىپ يۈگۈرگىنىگە ئوخشاش، بىزمۇ ھايات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەقسىتىمىزگە كۆز تىكىشىمىز كېرەك. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە يېقىنلاشقانسېرى، بىز بار دىققىتىمىزنى كېلەچەكتىكى ئاجايىپ بەرىكەتلەرگە ئاغدۇرىمىز. توغرا يولدا يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ كېيىنكى ماقالىدىن ھاياتىمىزدا نېمىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىمىز.—فىلىپى. 1:9، 10.
139-ناخشا ئۇلارنى چىڭ تۇرۇشقا ئۆگەتكىن
a يەھۋا خۇداغا قانچە يىل خىزمەت قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس فىلىپىلىكلەرگە يازغان خېتىدە ئېتىقادداشلارنى شۇنداق قىلىشنى توختاتماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭ سۆزلىرى بىزگىمۇ ھايات مۇسابىقىسىنى ئاخىرىغىچە يۈگرەشكە ياردەم بېرىدۇ. ھازىر پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلىيەتتە قانداق قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
b ئاناتولىي بۇرادەرنىڭ تەرجىمىھالى «ئويغىنىش!» (باشقا تىلدا) ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل، 22-ئۆكتەبىر سانىدا نەشىر قىلىنغان.
c فىلىپىلىكلەر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىدە ياشىغانلىقتىن، رىم پۇقرالىرى ئىگە بولغان بەزى ھوقۇقلاردىن پايدىلانغان. شۇ سەۋەبتىن فىلىپىلىكلەر پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى ياخشى چۈشەنگەن.