33-تەتقىق ماقالىسى
سىزنى تىڭشىغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ
«ئۆزۈڭگە ھەمدە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىلغىن. بۇنداق قىلىشنى ئىچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنى ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنى قۇتقۇزىسەن».—1-تىموت. 4:16.
47-ناخشا خۇش خەۋەرنى جاكارلا!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ نېمە قىلىشىنى خالايمىز؟ (2) بۇ ماقالىدىن قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
«ھەقىقەتنى تونۇغاندا، ئائىلەمنىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە جەننەتتە مەڭگۈ ياشىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلدىم، بولۇپمۇ يولدىشىم بىلال بىلەن ئوغلىمىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم»،— دەيدۇ پاتىگۈل b ئىسىملىك قېرىندىشىمىز. سىزنىڭمۇ يەھۋا خۇدانى تېخى تونۇمايدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز بارمۇ؟ شۇنداق بولسا، سىزمۇ پاتىگۈلگە ئوخشاش ھېس قىلىدىغانسىز.
2 بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايمىز. لېكىن، ئۇلارنى مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، قەلبىنى ھەقىقەتكە مايىل قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز (2-تىموت. 3:14، 15). نېمە ئۈچۈن بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ۋەز قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم؟ ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش يەھۋانى ياخشى كۆرۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ جامائەتتىكى قېرىنداشلار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇشۇ سوئاللارغا جاۋابنى بۇ ماقالىدىن تاپىمىز.
ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا نېمە ئۈچۈن ۋەز قىلىشىمىز كېرەك؟
3. 2-پېترۇس 3:9-ئايەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ۋەز قىلىشىمىز كېرەك؟
3 پات-ئارىدا يەھۋا خۇدا بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلىدۇ. شۇ چاغدا پەقەت مەڭگۈ ھاياتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل كىشىلەر ئامان قالىدۇ (ئەلچى. 13:48). ناتونۇش ئادەملەرگە ۋەز قىلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىت چىقىرىمىز. شۇنداق ئىكەن، يېقىنلىرىمىزنىڭمۇ بىز بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىنى تېخىمۇ خالايمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋا «ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە ھەممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ».—2-پېترۇس 3:9-نى ئوقۇڭ.
4، 5. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ۋەز قىلغاندا نېمىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟
4 خۇش خەۋەرنى ئېيتىشنىڭ ھەم توغرا، ھەم ناتوغرا ئۇسۇلى بار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى. ناتونۇش كىشىلەرگە ۋەز قىلغاندا ھۆرمەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىشىدىغاندىمىز، ئەمما ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن ئۇدۇللا سەل باشقىچە سۆزلىشىشىمىز مۇمكىن.
5 كۆپىنچىمىز ئائىلە ئەزالىرىمىزغا بىرىنچى قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن چاغنى ئەسلىگەندە، «خەپ، باشقىچە ۋەز قىلسام بوپتىكەن»، دەپ پۇشايمان قىلىدىغاندىمىز. ئەلچى پاۋلۇس شۇنداق نەسىھەت بەرگەن: «گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، تۈز بىلەن تەڭشەلگەن بولسۇن، شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەكلىكىنى بىلىسىلەر» (كولوسى. 4:5، 6). ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن سۆزلەشكەندە، بۇ سۆزلەرنى ئەستە تۇتايلى. ئەگەر شۇنداق قىلمىساق، ئۇلارنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، رەنجىتىپ قويىشىمىز مۇمكىن.
ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قانداق ياردەم بەرسەك بولىدۇ؟
6، 7. گۇۋاھچى ئەمەس ھەمراھىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدىغان مىسالنى كەلتۈرۈڭ.
6 ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. پاتىگۈل مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋۋال مەن يولدىشىم بىلەن خۇدا ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىلا سۆزلىشەتتىم. بۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق سۆزلەشمەيتتۇق». لېكىن، پاتىگۈلنىڭ يولدىشى بىلال مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق كۆپ نەرسە بىلمىگەن، شۇڭا، ئۇ پاتىگۈلنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەي، ئايالى دائىم ئۆزىنىڭ دىنى توغرىلىقلا ئويلاپ يۈرىدۇ، دەپ ئويلىغان. ئۇ ئايالىنى خەتەرلىك بىر دىنىي مەزھەپنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالدى، دەپ ئەنسىرىگەن.
7 پاتىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يىغىلىشلار، ۋەز خىزمىتى ۋە ئېتىقادداشلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كەچكى ۋاقتىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە بىلال ئۆيگە كەلگەندە، ئۆيدە ھېچكىم يوق بولاتتى ۋە ئۇ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلاتتى». ئەلۋەتتە، ئۇ ئايالى بىلەن ئوغلىنى سېغىنغان ۋە ئۇلارنىڭ قانداق ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن. شۇڭا، بىلالغا ئۇلارنىڭ يېڭى دوستلىرى ئۇنىڭدىن مۇھىمىراق بولغاندەك كۆرۈنگەن. ئاخىرى ئۇ ئاجرىشىمەن، دەپ پوپوزا قىلغان. سىزنىڭچە پاتىگۈل ھەمراھىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايتتى؟
8. 1-پېترۇس 3:1، 2-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا نېمە كۆپرەك تەسىر قىلىدۇ؟
8 ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىڭ. ئادەتتە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا سۆزلىرىمىز ئەمەس، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز كۆپرەك تەسىر قىلىدۇ (1-پېترۇس 3:1، 2-نى ئوقۇڭ). پاتىگۈل ۋاقىت ئۆتۈپ بۇنى چۈشەنگەنىدى. ئۇ: «مەن بىلالنىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئاجرىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مەن يەھۋانىڭ نەسىھەتلىرىنى نىكاھىمدا قوللىنىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. يولدىشىمغا ھەقىقەت توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنىغا، ئىش-ھەرىكەتلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىشىم كېرەك ئىدى». پاتىگۈل يولدىشى بىلەن مۇقەددەس كىتاب توغرىلىقلا سۆزلىمەي، باشقا نەرسىلەر توغرىلىقمۇ سۆزلەشنى باشلىدى. بىلال ئايالىنىڭ مېھرىبان، بالىسىنىڭ سۆزگە كىرىدىغان ۋە ئەدەپلىك بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان (پەند. نە 31:18، 27، 28). ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەر ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياخشى تەسىر قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، يۈرىكى خۇدا سۆزىدىكى خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولغان.—1-كورىنت. 7:12—14، 16.
9. نېمە ئۈچۈن بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنى توختاتماسلىقىمىز كېرەك؟
9 ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزغا ياردەم بېرىشنى توختاتماڭ. يەھۋا خۇدا بىز ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگە. يەھۋا ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشىگە قايتا-قايتا پۇرسەت بېرىۋاتىدۇ (يەرەم. 44:4). ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى شۇنداق قىلسا، تىموتىي ئۆزىنىمۇ ۋە ئۇنىڭغا قولاق سالغانلارنىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ قالالايتتى (1-تىموت. 4:16). بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتنى بىلىشىنى خالايمىز. ۋاقىت ئۆتۈپ، پاتىگۈلنىڭ سۆزلىرى ۋە ئىشلىرى ئائىلىسىگە ياخشى تەسىر قىلغانىدى. ھازىر ئۇ يولدىشى بىلەن يەھۋاغا خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئىككىلىسى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋە بىلال ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
10. بىز نېمە ئۈچۈن سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك؟
10 سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭ. بىز خۇدانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشنى قارار قىلغاندا، ھاياتىمىزنى ۋە كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتۇق. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە كۆنۈشى قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئۇلار بىزنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشماي، دىنىي بايراملارغا قاتناشمايدىغانلىقىمىزنى دەرھال بايقايدۇ. بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزگە ئاچچىقلىنىشى مۇمكىن (مەتتا 10:35، 36). بىراق، ئۈمىدىمىزنى ھېچ يوقاتمايلى. چۈنكى، ئەگەر كۆز قارىشىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىشنى توختاتساق، ئۇلار مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشكە نالايىق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولىمىز. يەھۋا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى بىزنىڭ ئەمەس، ئەيسانىڭ قولىغا تاپشۇرغان (يۇھاننا 5:22). بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتسەك، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۇلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ قالار.—« تور بېكىتىمىزدىن پايدىلىنىپ ۋەز قىلىڭ» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
11—13. ئالىسنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟
11 قەتئىي، لېكىن پەم-پاراسەتلىك بولۇڭ (پەند. نە 15:2). ئالىس ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ يەھۋا توغرۇلۇق بىلگەندە، ئاتا-ئانىسىدىن يىراق جايدا ياشىغان. ئاتا-ئانىسى خۇداغا ئىشەنمىگەن ۋە سىياسەتكە پائال قاتناشقان ئىدى. ئالىس مۇمكىنچىلىك ئىزدەپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى تېزراق ئېيتىشنى خالىغان. «ئەگەر ئېتىقادىڭىز ۋە كۆز قارىشىڭىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى دەرھال ئېيتمىسىڭىز، يېقىنلىرىڭىز بۇنى ئاڭلىغاندا، تېخىمۇ قاتتىق رەنجىيدۇ»،— دەيدۇ ئالىس. ئۇ ئاتا-ئانىسىغا قىزىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان ماۋزۇلار توغرۇلۇق خەت يازغان. مەسىلەن، مېھىر-مۇھەببەت توغرىسىدا يېزىپ، مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى كەلتۈرگەن ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوي-پىكىرىنى سورىغان (1-كورىنت. 13:1—13). ئالىس ئاتا-ئانىسىغا ئۇنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقىنى ۋە غەمخورلۇق قىلغىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلارغا سوۋغاتلارنى ئەۋەتكەن. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، قولىدىن كەلگىنىچە ئاپىسىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەم بەرگەن. بېشىدا ئاتا-ئانىسى ئالىسنىڭ يېڭى دىنى توغرۇلۇق ئاڭلىغاندا، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولمىغان.
12 ئالىس ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولغاندا، دائىم مۇقەددەس كىتاب ئوقۇغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاپام بۇنى كۆرۈپ، مۇقەددەس كىتاب مېنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندى». دادىسى بولسا قىزىنىڭ كۆز قارىشى نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ خاتا يېرىنى تېپىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆگەنمەكچى بولغان. ئالىس: «مەن دادامغا مۇقەددەس كىتابنى بېرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز يېزىپ قويدۇم»،— دەيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ دادىسى ھېچ خاتالىق تاپالماي، ئەكسىنچە، مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغانلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىغانىدى.
13 بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، قەتئىي لېكىن پەم-پاراسەتلىك بولۇشىمىز كېرەك (1-كورىنت. 4:12). مەسىلەن، ئالىسنىڭ ئاپىسى قارشىلىق كۆرسەتكەندە، ئۇ سەۋرچان بولغان. ئالىس مۇنداق دەيدۇ: «مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئاپام ماڭا: ‹مېنىڭ سىزدەك قىزىم يوق›،— دېگەن». شۇ چاغدا ئالىس نېمە قىلغان؟ «يېڭى ئېتىقادىم توغرۇلۇق سۆزلىشىشتىن تارتىنمىدىم، لېكىن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى قارار قىلغىنىمنى ۋە بۇ يولۇمدىن قايتمايدىغانلىقىمنى ھۆرمەت بىلەن چۈشەندۈردىم. مەن ئاپامنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا ئۇنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. ئىككىمىز ئولتۇرۇپ يىغلىۋالدۇق، كېيىن مەن تازا بىر ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بەردىم. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئاپام مۇقەددەس كىتاب ياخشى تەرەپكە ئۆزگىرىشىمگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى».
14. نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا خىزمەت قىلىش قارارىمىزدىن قايتماسلىقىمىز كېرەك؟
14 ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشى بىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە بىراز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئالىس ئاتا-ئانىسى خالىغاندەك، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا چۈشمەي، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغاندا، ئاپىسى يەنە يىغلىغان. لېكىن، ئالىس قارارىدا مەھكەم تۇرغانىدى. ئۇ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «ئەگەر بىر قېتىم بېسىمغا باش ئەگسىڭىز، ئۆيدىكىلىرىڭىز باشقا مەسىلىلەردىمۇ بېسىم قىلىشى مۇمكىن. بىراق، مېھرىبانلىق بىلەن يولىڭىزدىن قايتمىسىڭىز، بەلكىم بەزىلىرى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىدۇ». ئالىسنىڭ ۋەزىيىتىدە دەل شۇنداق بولغانىدى. ھازىر ئاپىسى بىلەن دادىسى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، دادىسى يەنە ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
جامائەتتىكى قېرىنداشلار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15. مەتتا 5:14—16 ۋە 1-پېترۇس 2:12-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، باشقىلارنىڭ «ياخشى ئىشلىرى» بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
15 يەھۋا ئادەملەرنى خىزمەتچىلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىرى› ئارقىلىق ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ (مەتتا 5:14—16؛ 1-پېترۇس 2:12-نى ئوقۇڭ). ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىز يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىسا، ئۇ جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاتىگۈل يولدىشىنى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆيىگە چاقىرغان. يولدىشى بىلال گۇۋاھچىلار توغرۇلۇق ناتوغرا ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «بىر بۇرادەر مەن بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئىشتىن بىر كۈن رۇخسەت ئالغانىكەن. شۇ چاغدا، مەن: «ھوي، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش نورمال ئادەم ئىكەنغۇ، دەپ ئويلىدىم».
16. نېمە ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلىشىمىز كېرەك؟
16 ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنىڭ يەنە بىر ياخشى يولى — ئۇلارنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلىش (1-كورىنت. 14:24، 25). بىلال قاتناشقان بىرىنچى يىغىلىش مەسىھنى خاتىرلەش مۇراسىمى بولغان. سەۋەبى، ئۇنىڭغا ئىشتىن كېيىن بېرىش قولايلىق ۋە پروگرامما ئۇزاق بولمىغانىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نۇتۇقنى چۈشەنمىسەممۇ، ماڭا ئادەملەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇلار قېشىمغا كېلىپ، مېنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىشىپ، قول بېرىپ سالاملاشقان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ سەمىمىي ۋە ياخشى ئادەملەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم». جامائەتتىكى راشىد بىلەن روزا ئىسىملىك ئەر-ئايال يىغىلىشلاردا ھەم ۋەز خىزمىتىدە پاتىگۈلنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلىغا قاراپ بېرىشكە ياردەملىشەتتى. شۇڭا، بىلال پاتىگۈلنىڭ يېڭى ئېتىقادى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلمەكچى بولغان ۋە راشىدنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى سورىغان.
17. يېقىنلىرىمىز نېمە قىلمىسا ئۆزىمىزنى ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنى توختاتماسلىقىمىز لازىم؟
17 ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانچە كۈچ چىقارساقمۇ، ئۇلار ھەقىقەتكە كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنداق بولسا، بىز ئۆزىمىزنى ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى بىز ئۇلارنى يېڭى ئېتىقادىمىزنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز سىزنىڭ يەھۋا خۇداغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەندە، بۇ ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن سۆزلەڭ. ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى توختاتماڭ (ئەلچى. 20:20). يەھۋا سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزنى چوقۇم بەرىكەتلەيدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز سۆزلىرىڭىزگە قۇلاق سالسا، ئۇلار ئامان قالىدۇ!
142-ناخشا ھەرخىل ئىنسانلارغا ۋەز قىلىمىز
a بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ يەھۋا خۇدانى تونۇپ-بىلىشىنى خالايمىز. لېكىن، ئۇلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقنى ئۆزلىرى قارار قىلىشى كېرەك. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c سۈرەتتە: ياش بۇرادەر يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس دادىسىغا ماشىنىسىنى ياساشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. دادىسىغا قۇلاي ۋاقىتتا ®jw.org تور بېكىتىمىزدىكى فىلىمنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: قېرىنداش گۇۋاھچى ئەمەس يولدىشىنىڭ كۈنى قانداق ئۆتكەنلىكىنى زەن قويۇپ تىڭشاۋاتىدۇ. كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتىدۇ.
e سۈرەتتە: قېرىنداش ئېتىقادداشلارنى مېھمانغا چاقىردى. ئۇلار قېرىندىشىمىزنىڭ يولدىشىغا چىن يۈرەكتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېقىنراق تونۇشىۋاتىدۇ. كېيىن يولدىشى ئايالى بىلەن مەسىھنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كەلدى.