32-تەتقىق ماقالىسى
سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلار ئاشسۇن
«سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن».—فىلىپى. 1:9.
3-ناخشا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
بۇ ماقالىدە a
1، 2. فىلىپى شەھىرىدىكى جامائەتنى تەشكىل قىلىشقا كىم ياردەم بەرگەن ۋە شۇ جامائەت قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
ئەلچى پاۋلۇس، سىلاس، لۇقا ۋە تىموتىي فىلىپى شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇلار پادىشاھلىق توغرىسىدا خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشنى خالايدىغان كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن. بۇ تۆت قىزغىن قېرىنداش جامائەتنى تەشكىل قىلىشقا ياردەم بەرگەن. شۇڭا، يېڭى قېرىنداشلار باش قوشۇپ، بەلكىم لىدىيا ئىسىملىك مېھماندوست قېرىنداشنىڭ ئۆيىدە جەم بولغان.—ئەلچى. 16:40.
2 يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان جامائەت كۆپ ئۆتمەي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. شەيتان ھەقىقەتنى ئۆچ كۆرگەن ئادەملەرنى پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە قارشى تۇرغۇزغان. پاۋلۇس بىلەن سىلاس قولغا ئېلىنىپ، قامچىلىنىپ، كېيىن زىندانغا تاشلانغان ئىدى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلار يېڭى شاگىرتلارغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان. ئاندىن كېيىن پاۋلۇس، سىلاس ۋە تىموتىي شەھەردىن كېتىپ قالغانىدى. لۇقا بولسا، شۇ يەردە قالغان. يېڭى قېرىنداشلار نېمە قىلغان؟ يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلار قىزغىن ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان (فىلىپى. 2:12). پاۋلۇس ئۇلاردىن قانچىلىك پەخىرلەنگەندۇ-ھە!
3. فىلىپىلىكلەر 1:9—11-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، پاۋلۇس نېمە توغرۇلۇق دۇئا قىلغان؟
3 تەخمىنەن ئون يىلدىن كېيىن، پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىدىكى جامائەتكە خەت يازغان. بۇ خەتتىن كۆرگىنىمىزدەك، پاۋلۇس ئېتىقادداشلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن. ئۇ: «مېنىڭ مەسىھ ئەيسادەك نازۇك ھېس-تۇيغۇلار بىلەن ھەممىڭلارنى سېغىنغىنىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر»،— دەپ يازغان (فىلىپى. 1:8). شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقى توغرىلىقمۇ يازغان ئىدى. ئۇ قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت رېشتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، مۇھىمىراق نەرسىلەرگە كۆز يەتكۈزۈشى، ئەيىبسىز بولۇشى، باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالماسلىقى ۋە داۋاملىق ھەققانىيلىق مېۋىسىنى بېرىشى توغرىسىدا دۇئا قىلغان. پاۋلۇسنىڭ چىن يۈرەكتىن يازغان سۆزلىرىدىن بىزمۇ كۆپ پايدا ئالىدىغانلىقىمىز سۆزسىز (فىلىپىلىكلەر 1:9—11-نى ئوقۇڭ). كېلىڭلار، پاۋلۇسنىڭ يازغانلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى مەسلىھەتلەرنى قانداق قوللىنىشنى مۇھاكىمە قىلايلى.
مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ئاشسۇن
4. (1) 1-يۇھاننا 4:9، 10-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا بىزگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (2) بىز خۇدانى قانداق ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك؟
4 يەھۋا خۇدا ئوغلىنى گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن يەرگە ئەۋەتىپ، بىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (1-يۇھاننا 4:9، 10-نى ئوقۇڭ). خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى، بىزنى ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ (رىملىقلار 5:8). بىز خۇدانى قانداق ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئەيسانىڭ بىر پەرىسىيگە بەرگەن جاۋابىدىن تاپىمىز: «خۇدايىڭ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» (مەتتا 22:36، 37). شۇنداق، بىز يەھۋانى پۈتۈن يۈرىكىمىز بىلەن سۆيۈشنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشىنى خالايمىز. پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا «سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن» دەپ يازغان. سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
5. قانداق قىلساق، مېھىر-مۇھەببىتىمىز كۈچىيىدۇ؟
5 خۇدانى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن، بىز ئۇنى تونۇشىمىز لازىم. مۇقەددەس كىتابتا: «كىمكى سۆيمىسە، ئۇ خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۆزى مۇھەببەتتۇر»،— دەپ يېزىلغان (1-يۇھاننا 4:8). ئەلچى پاۋلۇس ئېيتقاندەك، ھەقىقەت توغرۇلۇق بىلىمىمىز كۆپەيگەنسېرى ۋە خۇدانىڭ كۆز قارىشىنى ياخشىراق چۈشەنگەنسېرى، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ئاشىدۇ (فىلىپى. 1:9). بىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق ھەممىنى بىلمىگەن بولساقمۇ، ئۇنى ياخشى كۆرۈشنى باشلىدۇق. كېيىن، يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىم ئالغانسېرى، بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىز كۈچەيدى. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابنى دائىم تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز بەك مۇھىم.—فىلىپى. 2:16.
6. 1-يۇھاننا 4:11، 20، 21-ئايەتلەردە مېھىر-مۇھەببەتنى ئاشۇرۇش توغرۇلۇق نېمە يېزىلغان؟
6 خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتى بىزنى قېرىنداشلارنى سۆيۈشكە دەۋەت قىلىدۇ (1-يۇھاننا 4:11، 20، 21-نى ئوقۇڭ). بەلكىم، قېرىنداشلارنى سۆيۈش ئاسان دەپ ئويلايمىز. چۈنكى، بىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىمىز. لېكىن، بەزىدە بىر-بىرىمىزنى سۆيۈش بەكمۇ قىيىن. فىلىپى شەھىرىدىكى جامائەتتە بولغان بىر ۋەقەنى كۆرۈپ چىقايلى.
7. پاۋلۇسنىڭ ئېۋودىيا بىلەن سىنتىخاغا بەرگەن نەسىھىتىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
7 ئېۋودىيا ۋە سىنتىخا ئىسىملىك ئايال قېرىنداشلار خىزمەتتە قىزغىن بولۇپ، ئەلچى پاۋلۇس بىلەن خىزمەتداش ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېلىشمەسلىك پەيدا بولغان. ئېۋودىيا ۋە سىنتىخا خىزمەت قىلغان جامائەتكە خەت يازغاندا، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ، «ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار» دەپ نەسىھەت بەرگەن (فىلىپى. 4:3،2). كېيىن ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە نەسىھەت بېرىپ: «قانداقلا ئىش قىلساڭلار، ئاغرىنماڭلار ۋە تالاش-تارتىش قىلماڭلار»،— دەپ يازغان (فىلىپى. 2:14). شۈبھىسىزكى، بۇ نەسىھەت پەقەت ئېۋودىيا بىلەن سىنتىخاغىلا ئەمەس، فىلىپى شەھىرىدىكى ھەممە قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بەرگەن.
بىز نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە دىققەت بۆلۈشىمىز كېرەك؟ (8-ئابزاسقا قاراڭ) b
8. نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرۈش قىيىن؟ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
8 بەزىدە بىزگىمۇ قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بىز ئېۋودىيا بىلەن سىنتىخاغا ئوخشاش، ئېتىقادداشلارنىڭ كەمچىلىكلىرىگە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرىمىز. ھەممىمىز ھەر كۈنى كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزىمىز. ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلسەك، مېھىر-مۇھەببىتىمىز سوۋۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىر قېرىنداش ئىبادەت ئۆيىنى سۈپۈرۈپ-تازىلاشقا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، چىشىمىزغا تەگىدى دەيلى. شۇ قېرىنداشنىڭ ھەممە خاتالىقلىرىنى ئېسىمىزگە ئالساق، تېخىمۇ قېنىمىز قايناپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈش تەسكە توختايدۇ. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىڭىز، مۇنۇ ھەققىدە ئويلانغانلىقىڭىز ياخشى: يەھۋا سىزنىڭمۇ، شۇ قېرىنداشنىڭمۇ خاتالىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماستىن، يەھۋا سىزنىمۇ، سىزنى خاپا قىلغان قېرىندىشىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئۈلگە قىلىپ، قېرىنداشلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز مۇھىم. قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق، جامائىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ.—فىلىپى. 2:1، 2.
نېمە بەكرەك مۇھىملىقىنى پەرقلەندۇرۇڭ
9. فىلىپىلىكلەرگە يازغان خېتىدە، پاۋلۇس «نېمە بەكرەك مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان؟
9 مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەلچى پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارنى ۋە باشقا ھەممە ئېتىقادداشلارنى «نېمە بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۇرۇپ» كۆرۈشكە ئۈندىگەن (فىلىپى. 1:10). بۇ مۇھىم نەرسىلەرگە يەھۋا خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە جامائەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە تىنچلىقى كىرىدۇ (مەتتا 6:9، 10؛ يۇھاننا 13:35). ھاياتىمىزدا بۇ نەرسىلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندا، بىز يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز.
10. يەھۋانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
10 شۇنىڭ بىلەن، ئەلچى پاۋلۇس بىز «ئەيىبسىز» بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ مۇكەممەل بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىز ھېچقاچان يەھۋا خۇداغا ئوخشاش پاك بولالمايمىز. لېكىن، ئەگەر بىز مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئاشۇرۇش ۋە نېمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقارساق، يەھۋا بىزنى ئەيىبسىز دەپ قارايدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قىلىشتىن نېرى تۇرۇش.
11. نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلار ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن قېچىشىمىز كېرەك؟
11 «باشقىلار ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ» بولماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەك مۇھىم. بىز باشقىلار ئۈچۈن قانداق قىلىپ پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىمىز؟ بىز قانداق ئويۇن-تاماشا تۈرىنى، كىيىم-كېچەكلەرنى ۋە ھەتتا قانداق ئىشنى تاللىغانلىقىمىز باشقىلارنىڭ ۋىجدانىغا يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن. بەلكىم، بۇ ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ھېچ يامىنى يوق. لېكىن، ئەگەر بىزنىڭ تاللىشىمىز كىمدۇ-بىرسىنىڭ ۋىجدانىنى ئازابلىسا ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولسا، بۇ بىزنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك. ئەيسا شۇنداق دېگەن، بىرسىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇشمىزدىن كۆرە، بوينىمىزغا تۈگمەن تېشى ئېسىلىپ، دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋېتىلگىنىمىز ئەۋزەلرەك بولىدۇ.—مەتتا 18:6.
12. بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئەر-ئايالنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
12 ئەيسانىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالغان بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئەر-ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلارنىڭ جامائىتىدە كىچىك چېغىدىن ئاتا-ئانىسى بەك چىڭ تۇتقان يېڭىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بىر جۈپ بار ئىدى. بۇ جۈپ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى، ھەتتا كىنو ياخشى بولسىمۇ، كىنوخانىغا بارسا بولمايدۇ، دەپ ئويلىغان. ئۇلار پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئەر-ئايالنىڭ كىنوغا بارغانلىقىنى بىلگەندە خاپا بولغان. بۇنىڭدىن كېيىن، شۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئەر-ئايال ھەقىقەتكە يېڭىدىن كەلگەن بىر جۈپ ۋىجدانىنى تەربىيىلەپ، توغرا بىلەن ناتوغرىنى ئاجرىتىشنى ئۆگەنگىچە، كىنوخانىغا تامامەن بارماسلىقنى قارار قىلغان (ئىبرانىي. 5:14). شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەر-ئايال يېڭىدىن چۆمۈلدۈرۈلگەن قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببىتىنى پەقەت قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، ئىش-ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن.—رىملىقلار 14:19—21؛ 1-يۇھاننا 3:18.
13. قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن؟
13 باشقىلار ئۈچۈن يەنە قانداق پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىمىز؟ بىز ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان ئادەم بۇرۇن ھاراقكەشلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا بۇ يامان ئادىتىنى تاشلىدى دەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تامامەن ھاراق ئىچمەسلىكنى قارار قىلغان. كېيىن، ئۇ روھىي جەھەتتىن بەك تېز ئۆسۈپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. بىر كۈنى جامائەتتىكى بىر قېرىنداش ئۇنى مېھمانغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى سۇنۇپ: «سەن ئەمدى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدۇڭ. خۇدا ساڭا مۇقەددەس روھىنى بەرگەچكە، سەن ئۆزۈڭنى تۇتالايسەن. ئۆزۈڭنى تۇتۇۋېلىپ، كۆپ ئىچىپ قويمايسەن»،— دېگەن. ھەقىقەتكە يېڭىدىن كەلگەن قېرىنداش بۇ ناتوغرا مەسلىھەتكە قۇلاق سالسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانچىلىك ئېچىنارلىق بولار-ھە!
14. ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىش فىلىپىلىكلەر 1:10-ئايەتتىكى نەسىھەتنى قوللىنىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش فىلىپىلىكلەر 1:10-ئايەتتە يېزىلغان نەسىھەتنى قوللىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىرىنچى، يىغىلىشلاردا يەھۋا نېمىلەرنى مۇھىم دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئىككىنچى، بىز «ئەيىبسىز» بولۇش ئۈچۈن ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى ئۆگىنىمىز. ئۈچىنچى، بىز بىر-بىرىمىزنى «مېھىر-مۇھەببەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن» تىرىشىمىز (ئىبرانىي. 10:24، 25). قېرىنداشلار بىزنى ئىلھاملاندۇرغاندا، بىز يەھۋانى ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز. بىز خۇدانى ۋە ئېتىقادداشلارنى چىن يۈرەكتىن سۆيسەك، ئۇلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن نېرى تۇرىمىز.
«ھەققانىيلىق مېۋىسىگە» تولۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار
15. «ھەققانىيلىق مېۋىسىگە» تولۇش دېگەن سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
15 ئەلچى پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىدىكى ئېتىقادداشلارنىڭ «ھەققانىيلىق مېۋىسىگە» تولۇش ھەققىدە دۇئا قىلغان (فىلىپى. 1:11). بۇ ھەققانىيلىق مېۋىسى يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىلىپىلىكلەر 2:15-ئايەتتە، «بۇ دۇنيادا نۇرلاردەك چاقناپ تۇرىسىلەر» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: «سىلەر دۇنيادا نۇرغا ئوخشاش»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (مەتتا 5:14—16). ئۇنىڭدىن باشقا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە «شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار»،— دەپ بۇيرىغان ۋە سىلەر «يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىلىرىغىچە مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر»،— دېگەنىدى (مەتتا 28:18—20؛ ئەلچى. 1:8). بۇ مۇھىم ئىشقا بار كۈچىمىز بىلەن قاتناشقاندا، بىزمۇ «ھەققانىيلىق مېۋىسىگە» تولىمىز.
رىمدا ئۆيىدە قاماقتا بولغاندا، ئەلچى پاۋلۇس فىلىپپىدىكى جامائەتكە خەت يازغان. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا ئۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، كەلگەن ئادەملەرنى ھەممىسىگە ۋە ئۇنى نازارەت قىلغان ئەسكەرلەرگە ۋەز قىلغان (16-ئابزاسىغا قاراڭ)
16. قىيىن ۋەزىيەتتىمۇ نۇردەك چاقناشقا بولىدىغانلىقىنى فىلىپىلىكلەر 1:12—14-ئايەتتىكى سۆزلەر قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
16 ۋەزىيىتىمىز مەيلى قانداق بولسۇن، بىز نۇردەك چاقنايمىز. بەزىدە ۋەز قىلىشقا توسالغۇلۇق قىلىدىغاندەك كۆرۈنگەن ۋەزىيەتلەر ئەكسىنچە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ. مەسىلەن، پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا خەت يازغاندا، رىمدا ئۆيىدە قاماقتا بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، كىشەنگەنلىكىگە قارىماستىن، پاۋلۇس ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ئەسكەرلەرگە ۋە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋەز قىلغان. بۇنى ئاڭلاپ، باشقا قېرىنداشلارمۇ «تېخىمۇ جاسارەتكە تولۇپ، قورقماي خۇدا سۆزىنى» يەتكۈزىدىغان بولغانىدى.—فىلىپىلىكلەر 1:12—14-نى ئوقۇڭ؛ 4:22.
ۋەز قىلىش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ (17-ئابزاسقا قاراڭ) c
17. بەزى قېرىنداشلار قىيىن ۋەزىيەتتە بولسىمۇ، قانداق ۋەز قىلىدۇ؟
17 بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز باتۇرلۇقنى كۆرسىتىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە ئوچۇق ۋەز ئېيتىش ياكى ئۆيمۇ-ئۆي گۇۋاھلىق بېرىش رۇخسەت قىلىنمىغانلىقتىن، قېرىنداشلار خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنىڭ باشقا يوللىرىنى تاپقان (مەتتا 10:16—20). شۇنداق دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ھەربىر قېرىنداش ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، خولۇم-قوشنىلىرى، سىنىپداشلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە تونۇش-بىلىشلىرىگە ۋەز قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن. ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە شۇ رايوندىكى قېرىنداشلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بەلكىم، سىز ياشايدىغان دۆلەتتە ئەركىن ۋەز قىلالايدىغانسىز. لېكىن شۇ پەم-پاراسەتلىك قېرىنداشلاردىن ھەممىمىز مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز. ئەگەر ۋەز قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، ھەتتا قىيىن ۋەزىيەتتە ھەم يەھۋا خۇدا ۋەز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—فىلىپى. 2:13.
18. سىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
18 بىز ئالاھىدە زاماندا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، بولۇپمۇ ھازىر پاۋلۇس فىلىپىلىكلەرگە يازغان خەتتىكى مەسلىھەتلەرنى ئەمەلىي قوللىنىشىمىز مۇھىم. كېلىڭلار، نېمىنىڭ مۇھىمىراق ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشكە، ئەيىبسىز بولۇشقا، باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىققا ۋە ھەققانىيلىق مېۋىسىنى بېرىشكە بەل باغلايلى. شۇنداق قىلساق، مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئاشىدۇ ۋە بىز كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
a بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىش بەك مۇھىم. فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەتتىن قىيىن ۋەزىيەتتە مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلىۋالىمىز.
b سۈرەتتە: ئىبادەت زالىنى تازىلاۋاتقاندا، جوۋ ئىشىنى توختىتىپ، بىر بۇرادەر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ. بۇ مايكنى تېرىكتۈرۈپ، ئۇ: «جوۋ گەپ سېتىپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئىشلىسە بولاتتى»،— دەپ ئويلايدۇ. كېيىنرەك مايك جوۋنىڭ ياشانغان قېرىنداشقا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ۋە بىز قېرىنداشلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەكلىكى ئېسىگە چۈشتى.
c سۈرەتتە: گۇۋاھچىلار ئوچۇق ۋەز قىلالمايدىغان بىر دۆلەتتە بۇرادىرىمىز ئاپتوبۇستا تونۇشىنى ئۇچرىتىدۇ. باشقا يولۇۋچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماي، ئۇنىڭغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىدۇ. كېيىن ئىش ئورنىدا دەم ئالغان چاغدا، بۇرادەر خىزمەتدىشىغا ۋەز قىلىدۇ.