34-تەتقىق ماقالىسى
ياخشى كۆرگەن خىزمەتنى توختىتىشقا توغرا كەلگەندە
«خۇدا ئادالەتسىز ئەمەس، … ئۇنىڭ ئىسىمى ئۈچۈن كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلارنى ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ».—ئىبرانىي. 6:10.
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
بۇ ماقالىدە a
1—3. بەزى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەر نېمە سەۋەبتىن يېڭى خىزمەتكە تەيىنلىنىشى مۇمكىن؟
روبېرت ۋە مارىي شۇنداق دەيدۇ: «بىز 21 يىل يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇپ خىزمەت قىلدۇق. ئاشۇ ئاجايىپ يىللار بولغانىدى. لېكىن، ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىمىزغا غەمخورلۇق قىلىشىمىزغا توغرا كەلدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە خۇشال بولساقمۇ، ياخشى كۆرۈپ قالغان جايدىن كېتىشكە كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولدى».
2 «سالامەتلىكىمىز تۈپەيلى خىزمىتىمىزنى توختىتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلگەندە، كۆز يېشىمىزنى تۇتالمىدۇق. سەۋەبى، بىز چەت ئەلدە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھەردائىم ئارزۇ قىلاتتۇق، ئەمما ئەمدى بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى»،— دەپ بۆلۈشكەن ۋىليام ۋە تېررى دېگەن ئەر-ئايال.
3 ئالېكسېي مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت بەيتەلنى ياپماقچى بولغانلىقىنى بىز بىلگەن ئىدۇق. بىراق، بىز بەيتەلدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغاندا، بەرىبىر كۆڭلىمىز بەكمۇ يېرىم بولدى».
4. بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 شۇنداق ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا مىڭلىغان بەيتەل خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا قېرىنداشلار بار. بۇ سادىق قېرىنداشلار ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ قالغان خىزمىتىنى توختىتىش ئاسان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن b. ئۇلارغا ئۆزگىرىشلەرگە كۆنۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ سىز ئۇلارنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ھەممىمىزگە ھاياتىمىزدا ئۆزگۈرۈشلەر بولغاندا ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئۆزگىرىشلەرگە كۆنۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
5. خىزمىتىمىز ئۆزگەرگەندە، ئۆزىمىزنى قانداق ھېس قىلىمىز؟
5 بەيتەلدە ياكى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنىڭ باشقا تۈرىدە بولايلى، ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز ياكى شۇ جايغا ئۆگىنىپ كېتىمىز. شۇڭا، كېتىشكە توغرا كەلسە، خۇددى قەلبىمىزگە پىچاق سانچىلغاندەك بولىدۇ. كۆڭلىمىز باغلىنىپ قالغان قېرىنداشلاردىن ئايرىلىش ناھايىتى ئېغىر ۋە بىز ئۇلارنى بەك سېغىنىمىز. بولۇپمۇ قارشىلىققا دۇچ كېلىپ، كېتىپ قالغان بولساق، شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلاردىن بەكمۇ ئەنسىرەيمىز (مەتتا 10:23؛ 2-كورىنت. 11:28، 29). شۇنىڭ بىلەن، يېڭى مەدەنىيەتكە ئۆگىنىش ياكى ھەتتا ئۆز يۇرتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىگە قايتىدىن ئۆگىنىش قىيىن بولىدۇ. روبېرت بىلەن مارىي: «ئۆز مەدەنىيىتىمىز بىز ئۈچۈن يات بولۇپ قالغان. ئانا تىلىمىزدا ۋەز قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمىز. ئۆز يۇرتىمىزدا ئۆزىمىزنى چەت ئەللىكتەك ھېس قىلدۇق»،— دېگەن. بەزى قېرىنداشلار يېڭى جايغا كۆچكەندە، تۇيۇقسىز پۇل تەرەپتىن قىسىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئەتە نېمە بولارىنى بىلمەي، ئۈمىدسىزلىنىپ، كۆڭلى يېرىم بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6. يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى قانداق ساقلالايمىز؟
6 يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاڭ (ياقۇپ 4:8). بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ يەھۋاغا تايىنىشىمىز لازىم، چۈنكى ئۇ دۇئالىرىمىزنى ئاڭلايدۇ (زەبۇر 65:2). زەبۇر 62:8-ئايەتتە: «كۆڭلۈڭلارنى ئۇنىڭغا [يەھۋاغا] تۆكۈڭلار»،— دەپ يېزىلغان. ئۇ بىز تىلىگەندىن، ھەتتا ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ (ئەفەس. 3:20). يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىپلا قويماي، ئۇخلىساق چۈشىمىزگە كىرىپ چىقمايدىغان يول بىلەن قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلالايدۇ.
7. (1) يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (2) ئىبرانىيلار 6:10—12-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
7 يەھۋا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش ئۈچۈن يازمىلارنى كۈندە ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك. يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇپ خىزمەت قىلغان بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرىكى خىزمىتىڭىزدىكىگە ئوخشاشلا، ھەر ھەپتە يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلىپ، ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزۈڭ. بۇ ئادىتىڭىزنى تاشلىماڭ». شۇنداقلا يېڭى جامائەت بىلەن دائىم ۋەز قىلىپ تۇرۇڭ. بۇرۇنقىدەك كۆپ خىزمەت قىلالمىسىڭىزمۇ، ساداقەتمەنلىك بىلەن قىلغان خىزمىتىڭىزنى يەھۋا ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.—ئىبرانىيلار 6:10—12-نى ئوقۇڭ.
8. 1-يۇھاننا 2:15—17-ئايەتلەردىكى سۆزلەر، ئاددىي ھايات كەچۈرۈشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
8 ئاددىي ھايات كەچۈرۈڭ. شەيتاننىڭ دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ماددىي نەرسىلەرنى ئويلاپ، غەم-ئەندىشىگە بېرىلىدۇ. لېكىن، سىز غەم-ئەندىشىلەرنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولۇشىغا يول بەرمەڭ (مەتتا 13:22). يەھۋاغا ئىشەنمەيدىغان دوست-بۇرادەر ياكى قېرىنداشلىرىڭىز ياردەم بەرمەكچى بولۇپ، سىزنى كۆپ پۇل تېپىشقا ئۈندىسە، بۇنى رەت قىلىڭ (1-يۇھاننا 2:15—17-نى ئوقۇڭ). روھىي جەھەتتىن، ھېس-تۇيغۇ ۋە ماددىي جەھەتتىن كېرەكلىك ھەممىسىنى «دەل ياردەمگە موھتاج بولغان چاغدا»، تەمىنلەپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان يەھۋا خۇداغا تايىنىڭ. ئۇ ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملەپ، كۆڭلۈڭىزنى ئورنىغا چۈشۈرۈپ، سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، شۇنى بېرىدۇ.—ئىبرانىي. 4:16؛ 13:5، 6.
9. پەندى-نەسىھەت 22:3، 7-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، قەرزدار بولۇپ قالماسلىق نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ دانا قارار چىقىرىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
9 قەرزگە پېتىپ قالماسلىققا تىرىشىڭ (پەندى-نەسىھەت 22:3، 7-نى ئوقۇڭ). كۆچۈش ئۈچۈن كۆپ پۇل كېرەك بولغاچ، قەرزگە پېتىپ كېتىش ئاسان. شۇڭا، ھاجىتى يوق نەرسىنى قەرزگە سېتىۋالماڭ. قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، مەسىلەن يېقىنلىرىڭىزنىڭ بىرى ئاغرىپ قالغاندا، قەرزگە قانچە پۇل ئېلىشنى بىلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق ۋاقىتلاردا «دۇئا ۋە يالۋۇرۇش» قىلىش دانا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا دۇئايىڭىزغا جاۋاب بېرىپ، قەلبىڭىز بىلەن ئەقلىڭىزنى تىنچلاندۇرىدۇ. شۇ چاغدا ھەممىنى تارازىغا سېلىپ، توغرا قارار چىقىرىش ئاسان بولىدۇ.—فىلىپى. 4:6، 7؛ 1-پېتر. 5:7.
10. يېڭى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن قانداق قىلساق بولىدۇ؟
10 ئائىلىڭىز ۋە دوستلىرىڭىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاڭ. يېقىن دوستلىرىڭىزغا، بولۇپمۇ ئوخشاش سىناقنى باشتىن كەچۈرگەنلەرگە، دەردىڭىزنى تۆكۈپ، قانداق ھېس-تۇيغۇدا ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، يېنىكلەپ قالىسىز (ۋەز 4:9، 10). بۇرۇنقى دوستلىرىڭىز بىلەن دوست بولۇپ قالسىڭىزمۇ، ھازىر يېڭى دوستلارنى تېپىشىڭىز كېرەك. دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىز دوست بولۇشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۇنتۇماڭ. يېڭى دوستلارنى قانداق تېپىشقا بولىدۇ؟ باشقىلارغا خىزمىتىڭىزدە بولغان قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىڭ. شۇ چاغدا، ئۇلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن خۇشاللىق تاپىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ. جامائەتتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى ياخشى كۆرۈشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. باشقىلىرى بولسا، شۇ خىزمەت ھەققىدە بىلگىسى كېلىپ، سىز بىلەن دوستلىشىشنى خالايدىغاندۇ. لېكىن، ئۆزىڭىز خىزمەتتىكى ئۇتۇقلىرىڭىز ۋە سەلبىي ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز توغرىلىقلا سۆزلىمەسلىكىڭىز مۇھىم.
11. ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى قانداق ساقلىيالايسىز؟
11 ئەگەر ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى توختاتقان بولسىڭىز، ئۇنى ئەيىبلىمەڭ. ياكى بولمىسا، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ناچارلاپ كەتسە، ئۆمۈرلۈك ھەمرايىمنىڭ روھىنى چۈشەردىم، دەپ ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ، ھەرگىز ئۇنداق دەپ ئويلىماڭ. چۈنكى سىلەر «بىر تەن» بولۇپ، يەھۋانىڭ ئالدىدا ۋەزىيەت مەيلى قانداق بولسۇن، بىر-بىرىڭلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا ۋەدە قىلغان (مەتتا 19:5، 6). ئەگەر بالىلىق بولۇپ قالغانلىقتىن خىزمىتىڭلارنى توختىتىشقا توغرا كەلسە، بالىڭىز سىز ئۈچۈن ئۇ ھەرقانداق ۋەزىپىدىن مۇھىمىراق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. بالىڭىزغا ئۇ سىلەر ئۈچۈن خۇدادىن كەلگەن سوۋغات ئىكەنلىكىنى پات-پات ئېيتىپ تۇرۇڭ (زەبۇر 127:3—5). ئۇنىڭدىن باشقا، بالىڭىزغا خىزمىتىڭلاردا بولغان ئاجايىپ ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىڭلار. بۇ ئۇنى سىلەرگە ئوخشاش، يەھۋاغا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن.
باشقىلار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12. (1) تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتتە بولغانلارغا داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ (2) ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشلەرگە كۆنۈشى ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟
12 كۆپلىگەن جامائەتلەر ۋە قېرىنداشلار تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتتە بولغانلارغا داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. مەسىلەن، خىزمىتىنى توختاتماسلىققا ئۈندەيدۇ، ماددىي ياكى باشقا تەرەپتىن ياردەم بېرىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا غەمخورلۇق قىلىدۇ (گالاتىيا. 6:2). تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەر جامائىتىڭىزگە تەيىنلەنسە، ئۇلار ياخشى خىزمەت قىلماپتۇ ياكى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ، دەپ ئويلىماڭ c. ئەكسىنچە، ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆنىشىگە ياردەم بېرىڭ. ئۇلارنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىڭ. ھازىر سالامەتلىكى تۈپەيلىدىن بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلالمىسىمۇ، ئۇلارنى قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن ماختاڭ. ئۇلار بىلەن يېقىنراق تونۇشۇڭ. ئۇلارنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىسى مول بار، شۇڭا ئۇلار كۆپنى كۆرگەن، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭ.
13. باشقا يەرگە تەيىنلەنگەن قېرىنداشلار قانداق ياردەمگە موھتاج؟
13 بېشىدا باشقا يەرگە تەيىنلەنگەن قېرىنداشلار ياردەمگە موھتاج بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارغا ئۆي، قاتناش، ئىش ياكى كېرەك بولغان باشقا نەرسىلەرنى تېپىشقا ياردەم بېرىش لازىم. شۇنداقلا ئۇلارغا باج تۆلەش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش ياكى نوپۇس تىزىملىتىش توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىش لازىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئىچ ئاغرىتىشىمىزغا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىمىزگە موھتاج. بەلكىم، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياكى تۇغقانلىرىنىڭ سالامەتلىكى تۈپەيلى قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولۇشى، ياكى بولمىسا ئۇلار يېقىنىدىن ئايرىلىپ قالغان d. بۇرۇن خىزمەت قىلغان يېرىدە قالغان دوستلىرىنى سېغىنىپ، يالغۇز بولغاندا ئىچىدە ھەسرەت چېكىپ يۈرگەندۇ. شۇنداق دەرد ۋە ھەر تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك.
14. يەرلىك جامائەت بىر قېرىنداشنىڭ ئۆزگىرىشلەرگە كۆنۈشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
14 ئۇلار بىلەن بىللە ۋەز قىلسىڭىز ۋە ياخشى ئۈلگە كۆرسەتسىڭىز، ئۆزگىرىشلەرگە كۆنۈشىگە ياردەم بېرەلەيسىز. نۇرغۇن يىللار چەت ئەلدە خىزمەت قىلغان قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇنقى خىزمىتىمدە مەن ئادەملەر بىلەن ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنەتتىم. يېڭى تېررىتورىيىدە بولسا، مۇقەددەس كىتابتىن ئايەتنى ئوقۇپ بېرىش ياكى فىلىمنى كۆرسىتىشنىڭ ئۆزى قىيىن بولغان. لېكىن، يەرلىك جامائەتتىكى قېرىنداشلار مېنى قايتا يولۇقۇشلىرىغا ياكى ئۆگىنىشلىرىگە چاقىرغان. شۇ سادىق ۋە تىرىشچان قېرىنداشلارنىڭ ئادەملەرگە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشكە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن بۇ تېررىتورىيىگە بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم. مەن سۆھبەت باشلاشنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇڭا، قايتىدىن خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا باشلىدىم».
ئالغا ئىنتىلىشنى توختاتماڭ!
15. خىزمىتىڭىز ئۆزگەرسىمۇ، ئۇتۇققا قانداق ئېرىشەلەيسىز؟
15 خىزمىتىڭىز ئۆزگەرسىمۇ، سىز ئۇتۇقلۇق بولالايسىز. مەن ياخشى خىزمەت قىلالمىدىم ياكى ئەمدى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيمەن، دەپ ئويلىماڭ. ھاياتىڭىزدا يەھۋانىڭ قولىنى كۆرۈشكە تىرىشىپ، ۋەز قىلىشنى توختاتماڭ. بىرىنچى ئەسىردىكى ساداقەتمەن ئېتىقادداشلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ. ئۇلار «بارغان جايلىرىدا خۇدانىڭ سۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى» (ئەلچى. 8:1، 4). قىلغان ئەمگىكىڭىز زايە كەتمەيدۇ. مەسىلەن، بىر دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار قوشنا دۆلەتكە كۆچكەن. شۇ دۆلەتتىمۇ، ئۇلار ئۆگەنگەن تىلدا ۋەز قىلشقا ئېھتىياج بار ئىدى. بىرنەچچە ئاينىڭ ئىچىدە شۇ تىلدىكى توپقا نۇرغۇن كىشىلەر قوشۇلغان.
16. يېڭى خىزمىتىڭىزدە خۇشال بولۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
16 «يەھۋا بەرگەن شاد-خۇراملىق سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر» (نەھەم. 8:10). بىز خىزمىتىمىزنى بەك ياخشى كۆرسەكمۇ، خۇشاللىقىمىز ۋەزىپىمىزگە ئەمەس، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە باغلىق بولۇشى كېرەك. شۇڭا، خۇشال بولۇشنى خالىساق، يەھۋاغا بەكرەك يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن دانالىق، يول-يورۇق ۋە ياردەم ئىزدىشىمىز زۆرۈر. بەلكىم، سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئادەملەرگە ياردەم بەرگەنلىكتىن، ئىلگىرىكى خىزمىتىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانسىز. ئۇنداقتا، ھازىرقى خىزمىتىڭىزگىمۇ بار كۈچىڭىزنى سېلىڭ. شۇ چاغدا يەھۋا مۇشۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.—ۋەز 7:10.
17. بىز نېمىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟
17 خىزمىتىمىز ئۆزگەرسىمۇ، يەھۋاغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماڭ. يېڭى دۇنيادا ھەممىمىزنىڭ خىزمىتى ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالېكسېي خىزمىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ئۇنى كېلەچەكتىكى ئۆزگىرىشلەرگە تەييارلاۋاتىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەرقاچان يەھۋا خۇداغا ۋە يېڭى دۇنيانىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدىم، لېكىن ھازىر يەھۋا كۆز ئالدىمدا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن ھازىر يېڭى دۇنيانىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىمغا ئىشەنچىم كامىل» (ئەلچى. 2:25). مەيلى قانداق ۋەزىپىمىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، داۋاملىق يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلايلى. ئۇ بىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدۇ ۋە بىز مەيلى قەيەردە خىزمەت قىلايلى، خۇشال بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—يەشايا 41:13.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
a تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان بەزى ئېتىقادداشلىرىمىزغا خىزمىتىنى توختىتىشقا توغرا كەلگەن ياكى ئۇلار باشقا يەرگە تەيىنلەنگەن. بۇ ماقالىدە ئۇلار دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ۋە ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. شۇنداقلا بىز شۇ قېرىنداشلارنى قوللاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ۋە ھەممىمىزگە ئۆزگىرىشلەرگە كۆنۈشكە ياردەم بېرىدىغان پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b كۆپلىگەن مەسئۇلىيەتلىك قېرىنداشلارمۇ مەلۇم بىر ياشقا كەلگەندە، ۋەزىپىلىرىنى ياش بۇرادەرلەرگە تاپشۇرىدۇ. «كۈزىتىش مۇنارى» 2018-يىل، ئۆكتەبىر سانىدىكى «ۋەزىيىتىڭىز ئۆزگەرسىمۇ، جان ئاراملىقىنى ساقلاڭ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
c ئۇلارنىڭ جامائىتىدىكى ئاقساقاللار تېزراق تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ، يېڭى جامائىتىگە ئەۋەتىشى كېرەك. شۇ چاغدا ئۇلار پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، ئاقساقال ياكى خىزمەت ياردەمچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.
d «ئويغىنىش!» ژۇرنىلى، 2018-يىل، (3-سانى) (باشقا تىلدا) ساندىكى «قايغۇرغانلارنىڭ دەردىگە دەرمان» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەرگە قاراڭ.
e سۈرەتتە: چەت ئەلدە خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيقۇچىلارغا [مىسسىئونېرلارغا] خىزمىتىنى توختىتىشقا توغرا كەلگەن؛ ئۇلار كۆز ياش قىلىپ جامائەتتىكىلەر بىلەن خوشلىشىۋاتىدۇ.
f سۈرەتتە: ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئۇلار قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ياردەم سوراۋاتىدۇ.
g سۈرەتتە: يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن شۇ ئەر-ئايال قايتىدىن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلايدۇ. ئۇلار ئۆگەنگەن تىلىدىن پايدىلىنىپ، كۆچۈپ كەلگەن مۇساپىرلارغا ۋەز قىلىۋاتىدۇ.