مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

31-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان شە‌ھە‌رنى كۈتۈۋاتامسىز؟‏

ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان شە‌ھە‌رنى كۈتۈۋاتامسىز؟‏

‏«ئۇ ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان،‏ لايىھىلىگۈچىسى ۋە بىنا قىلغۇ‌چىسى خۇ‌دا ئۆزى بولغان شە‌ھە‌رنى كۈتكە‌ن ئىدى»‏‏.‏—‏ئىبرانىي.‏ 11:‏10‏.‏

136-‏ناخشا پادىشاھلىق ئورنىتىلدى.‏ ئۇ كە‌لگە‌ي!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرى قانداق قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌ردى ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ.‏ كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ئائىلە قۇ‌رماي ياشاشنى تاللىدى.‏ بە‌زى ئە‌ر-‏ئاياللار مۇ‌شۇ كۈنلە‌ردە بالىلىق بولماسلىقنى قارار قىلدى.‏ بە‌زى ئائىلىلە‌ر بولسا،‏ ئاددىي-‏ساددا ياشاشقا بە‌ل باغلىدى.‏ مۇ‌نداق مۇ‌ھىم بىر قارارلارنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە،‏ خۇ‌داغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش.‏ ئۇ‌لار بارىغا شۈكرى قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرىگە كېرە‌كلىك ھە‌ممە نە‌رسىنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۈمىدسىزلىنىپ قالامدۇ؟‏ ياق.‏ بىز ئۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئۆتمۈشتە يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئېتىقادى بارلارنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏—‏رىملىقلار 4:‏11‏.‏

2.‏ (‏1)‏ ئىبرانىيلار 11:‏8—‏10،‏ 16-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئۇ‌ر شە‌ھىرىنى تاشلاپ كېتىشكە تە‌ييار بولغان؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 ئىبراھىم قولايلىق ئۇ‌ر شە‌ھىرىنى تاشلاپ كە‌تتى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ «ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان» شە‌ھە‌رنى كۈتكە‌ن ئىدى ‏(‏ئىبرانىيلار 11:‏8—‏10،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ قانداق شە‌ھە‌ر؟‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ شە‌ھە‌رنىڭ بىنا قىلىنىشىنى كۈتكە‌ندە،‏ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ بىز ئىبراھىمدىن ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۇ‌نى ئۈلگە قىلغانلاردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ ماقالە،‏ بىزنىڭ مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

‏«ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان» شە‌ھە‌ر دېگە‌ن نېمە؟‏

3.‏ ئىبراھىم قايسى شە‌ھە‌رنى كۈتكە‌ن؟‏

3 ئىبراھىم كۈتكە‌ن شە‌ھە‌ر —‏ بۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقى.‏ بۇ شە‌ھە‌رنىڭ پادىشاھى ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە 144000 مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ شە‌ھە‌رنى ‹تىرىك خۇ‌دانىڭ شە‌ھىرى،‏ يە‌نى ئە‌رشتىكى يېرۇ‌سالىم›،‏—‏دە‌پ ئاتىغان (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏22؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 5:‏8—‏10؛‏ 14:‏1‏)‏.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاسماندا ئورۇ‌نلانغاندە‌ك،‏ يە‌ردىمۇ ئورۇ‌نلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھلىق كە‌لسۇ‌ن،‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏—‏مە‌تتا 6:‏10‏.‏

4.‏ يارىتىلىش 17:‏1،‏ 2،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئىبراھىم خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان پادىشاھلىق ياكى شە‌ھە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلگە‌ن؟‏

4 ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقى قانداق تە‌شكىل قىلىنغانلىقى ھە‌ققىدە تە‌پسىلاتلارنى بىلگە‌نمۇ؟‏ ياق،‏ بىلمىگە‌ن.‏ كۆپ ئە‌سىرلە‌ر داۋامىدا،‏ بۇ تە‌پسىلاتلار مۇ‌قە‌ددە‌س سىر بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن ئىدى (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏8—‏10؛‏ كولوسى.‏ 1:‏26،‏ 27‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئىبراھىم ئۇ‌نىڭ بە‌زى ئە‌ۋلاتلىرىنىڭ پادىشاھلار بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئالاھىدە بىر ۋە‌دىنى بە‌رگە‌ن ‏(‏يارىتىلىش 17:‏1،‏ 2،‏ 6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئېتىقادى شۇ‌نچىلىك مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولغانكى،‏ ھە‌تتا ئۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولىدىغان مە‌سىھنى كۆرگە‌ندە‌ك بولغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌پتىن،‏ ئە‌يسا ئۆز ۋاقتىدا يە‌ھۇ‌دىيلارغا مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقان:‏ «ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولغان؛‏ ئۇ ئۇ‌نى كۆردى ۋە خۇ‌رسە‌ن بولدى» (‏يۇ‌ھاننا 8:‏56‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋانىڭ قۇ‌للاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى بىلە‌ن ئۆز ئە‌ۋلاتلىرىنىڭ بۇ پادىشاھلىقنى تىكلە‌يدىغانلىقىنى ئىبراھىم بىلگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ شۇ ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شىنى كۈتۈشنى خالىغان.‏

ئىبراھىم بىلە‌ن سارە خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىگە قانداق ئىشە‌نچ كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ ئىبراھىمنىڭ خۇ‌دا لايىھىلىگە‌ن «شە‌ھە‌رنى» كۈتۈۋاتقانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

5 خۇ‌دا لايىھىلىگە‌ن «شە‌ھە‌رنى» كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىبراھىم قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ بىرىنچى،‏ ئىبراھىم يە‌ر يۈزىدىكى ھېچبىر پادىشاھلىقنىڭ پۇ‌قراسى بولمىغان.‏ ئۇ كۆچمە‌ن چارۋىچى بولۇ‌پ ياشاپ،‏ ھېچبىر يە‌ردە مۇ‌قىم تۇ‌رۇ‌پ قالمىغان،‏ ھېچقانداق پادىشاھلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىمىگە‌ن.‏ ئىككىنچى،‏ ئۇ ئۆز پادىشاھلىقىنى تىكلە‌شكە تىرىشمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ خۇ‌داغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىسى ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان ۋاقىتنى كۈتكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋاغا بولغان بە‌كمۇ كۈچلۈك ئېتىقادىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ كېلىڭلار،‏ ئۇ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بىرنە‌چچە قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌يلى.‏

ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر قانداق قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن؟‏

6.‏ ئۇ‌ر قانداق شە‌ھە‌ر بولغان ئىدى؟‏

6 ئىبراھىم بىخە‌تە‌ر،‏ قۇ‌لايلىق ۋە گۈللە‌نگە‌ن باياشات شە‌ھە‌رنى تاشلاپ كە‌تكە‌نىدى.‏ بۇ شە‌ھە‌رنى ئېگىز سېپىل تاملار ۋە ئۈچ تە‌رە‌پتىن چوڭقۇ‌ر قانال ئۆستە‌ڭلە‌ر قورشاپ تۇ‌راتتى.‏ شە‌ھە‌ردىكى ئادە‌ملە‌ر يېزىش ۋە ماتېماتىكا جە‌ھە‌تتىن ماھىر ئۇ‌ستىلار ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ شە‌ھە‌ر سودا-‏سېتىق مە‌ركىزى بولۇ‌پ،‏ ئارخېئولوگلار بۇ شە‌ھە‌ردىن نۇ‌رغۇ‌ن سودا ھۆججە‌تلىرىنى تاپقان.‏ يە‌رلىك ئۆيلە‌ر خىش بىلە‌ن سېلىنغان بولۇ‌پ،‏ قۇ‌م بىلە‌ن سۇ‌ۋالغان ۋە ئاقارتىلغان ئىدى.‏ بە‌زى ئۆيلە‌رنىڭ 13 ياكى 14 ئېغىز بۆلۈم بىلە‌ن قورشالغان تاش بېسىلغان ھويلىسى بار ئىدى.‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئۇ‌نى ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنى يە‌ھۋانىڭ ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن؟‏

7 ئىبراھىم ئۇ‌نى ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنى يە‌ھۋانىڭ ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئېسىمىزگە ئالايلى،‏ ئىبراھىم بىلە‌ن ساراھ ئۇ‌ر شە‌ھىرىدىكى قولايلىق ۋە بىخە‌تە‌ر ئۆيىنى تاشلاپ كېتىپ،‏ قاناننىڭ ئوچۇ‌ق دالالىرىدا چېدىر تىكىپ ياشايدىغان بولغانىدى.‏ ئە‌مدى،‏ ئۇ‌لارنى بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك قوغدايدىغان مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېپىل تاملار ياكى چوڭقۇ‌ر ئۆستە‌ڭلە‌ر بولمىغان.‏ دۈشمە‌نلە‌ر ئاسانلا ئۇ‌لارغا ھۇ‌جۇ‌م قىلالايتتى.‏

8.‏ ئىبراھىم قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە بۇ ۋە‌قە‌دىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

8 ئىبراھىم خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىغان بولسىمۇ،‏ بىر ۋاقىتقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئائىلىسىنى ئاشلىق بىلە‌ن تە‌مىنلە‌شتە قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ چۈنكى خۇ‌دا ئۇ‌نى ئە‌ۋە‌تكە‌ن يە‌ردە قاتتىق ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئاچارچىلىق شۇ‌نچە ئېغىرلىشىپ كە‌تكە‌نكى،‏ ئىبراھىم ئائىلىسى بىلە‌ن مىسىرغا كۆچۈشكە توغرا كە‌لگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ مىسىردا بولغاندا،‏ فىرئە‌ۋن ئۇ‌نىڭ ئايالىنى ئېلىۋالغانىدى.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ قول تىقىپ،‏ فىرئە‌ۋن ئىبراھىمغا ئايالى سارە‌نى قايتۇ‌رۇ‌پ بە‌رگىچە،‏ ئىبراھىم قانچىلىك ئە‌ندىشە ئىچىدە قالغاندۇ-‏ھە!‏—‏يارىت.‏ 12:‏10–‏19‏.‏

9.‏ ئىبراھىمنىڭ ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىدا قانداق قىيىنچىلىقلار بولغان؟‏

9 ئىبراھىمنىڭ ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شى قىيىن بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى بالا يۈزى كۆرە‌لمىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌ن نە‌چچە يىللاپ ئېغىر ئارچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئاخىرىدا ئۇ‌لار بالا يۈزى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ سارە ھە‌جە‌رنى ئىبراھىمغا بە‌رگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ھە‌جە‌ر قوساق كۆتۈرگە‌ندە،‏ سارە‌نى كۆزگە ئىلماسلىققا باشلىغان.‏ بۇ ئە‌ھۋال كە‌سكىنلىشىپ كە‌تكە‌چكە،‏ سارە ھە‌جە‌رنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان.‏—‏يارىت.‏ 16:‏1—‏6‏.‏

10.‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ئىبراھىمنىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى سىنىغان؟‏

10 ئاخىرى سارە ھامىلدار بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا بىر ئوغۇ‌ل ئىسھاقنى تۇ‌غۇ‌پ بە‌رگە‌ن.‏ ئىبراھىم ئىككى ئوغلى،‏ ئىسھاق بىلە‌ن ئىسمائىلنى ياخشى كۆرە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ ئىسمائىل ئىسھاقنى بوزە‌ك قىلغاچقا،‏ ئىبراھىم ھە‌جە‌رنى ئوغلى ئىسمائىل بىلە‌ن يولغا سېلىپ قويۇ‌شقا مە‌جبۇ‌ر بولغان (‏يارىت.‏ 21:‏9—‏14‏)‏.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمدىن ئوغلى ئىسھاقنى قۇ‌ربانلىق قىلىشنى سورىغان (‏يارىت.‏ 22:‏1،‏ 2؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏17—‏19‏)‏.‏ بۇ ئىككى ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ئىبراھىم خۇ‌دانىڭ ئىككى ئوغلى ھە‌ققىدە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئىبراھىمنىڭ يە‌ھۋانى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشىگە توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى؟‏

11 مۇ‌شۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ ئىبراھىمنىڭ يە‌ھۋانى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشنى ئۆگىنىشىگە توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ئائىلىسى بىلە‌ن ئۇ‌ر شە‌ھە‌ردىن چىققاندا،‏ 70تىن ئاشقان (‏يارىت.‏ 11:‏31—‏12:‏4‏)‏.‏ ئۇ تە‌خمىنە‌ن يۈز يىلچە قانان زېمىندا چېدىرلاردا ياشىغان.‏ ئىبراھىم 175 ياشقا كىرگە‌ندە ۋاپات بولغانىدى (‏يارىت.‏ 25:‏7‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئىبراھىم خۇ‌دانىڭ بۇ زېمىننى ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلاتلىرىغا بېرىمە‌ن،‏ دېگە‌ن ۋە‌دىسىنىڭ ئورۇ‌نلىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرمىگە‌ن.‏ «شە‌ھە‌رنى»،‏ يە‌نى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ تىكلە‌نگە‌نلىكىنى كۆرمىگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئىبراھىم «ياشىنىپ ھە‌م ھاياتقا قانائە‌تلىنىپ»،‏ ئاتا-‏بوۋىلىرىغا قوشۇ‌لغان (‏يارىت.‏ 25:‏8‏)‏.‏ ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن قىيىنچىلىقلار كۆپ بولسىمۇ،‏ كۈچلۈك ئىشە‌نچىسىنى كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏ ئۇ قانداقمۇ شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتە‌لىگە‌ن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا ئۆزى ياردە‌م بە‌رگە‌ن،‏ يە‌نى ئىبراھىمنى ئۆمۈر بويى قوغداپ،‏ ئۇ‌نىڭغا دوستىدە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏—‏يارىت.‏ 15:‏1؛‏ يە‌شايا 41:‏8؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏22،‏ 23‏.‏

ئىبراھىم بىلە‌ن سارە‌گە ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئىشە‌نچ بىلە‌ن سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

12.‏ بىز نېمىنى كۈتۈۋاتىمىز ۋە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

12 ئىبراھىمغا ئوخشاش بىزمۇ «ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان» شە‌ھە‌رنى كۈتۈۋاتىمىز.‏ لېكىن،‏ بىز ئۇ‌نىڭ بىنا قىلىنىشىنى كۈتمە‌يۋاتىمىز.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى تىكلە‌نگە‌ن ۋە ئاللىقاچان ئۇ ئاسماندا پۈتۈنلە‌ي ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏7—‏10‏)‏.‏ ئە‌مدى بىز خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ يە‌ر يۈزىدە پۈتۈنلە‌ي ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.‏ بىز بۇ‌نى كۈتۈۋاتقاندا،‏ ئىبراھىمغا ئوخشاش ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىبراھىمنى ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىدا يېزىلغان تە‌رجىمىھاللار بۇ‌نى ئىسپاتلايدۇ.‏ ئىبراھىمغا ئوخشاش،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ئىشە‌نچىسىنى كۆرسە‌تمە‌كتە.‏ كېلىڭلار،‏ بىز ھازىر بۇ قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ۋە ئۇ‌لاردىن نېمىگە ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئىبراھىمنى ئۈلگە قىلغانلار

بىل ۋولدېن قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە ۋە يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىنى ئېلىشقا تە‌ييار بولدى

13.‏ بۇ‌رادە‌ر بىلنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

13 قۇ‌ربانلىق بېرىشكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دانىڭ ‹شە‌ھىرىنى›،‏ يە‌نى پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ ئىبراھىمغا ئوخشاش بولىمىز.‏ ئۇ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە تە‌ييار بولغان (‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ ماركۇ‌س 10:‏28—‏30‏)‏.‏ ھازىر بىل ۋولدېن b ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ 1942-‏يىلى بىل ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر ئۇ‌نىۋېرسىتېتىنىڭ بىناكارلىق كە‌سپىنى تاماملىغان.‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېت پروفېسسورى بىل ئۈچۈن ياخشى بىر خىزمە‌تنى تېپىپ قويغان.‏ لېكىن،‏ بىل ئۇ‌نى رە‌ت قىلغان.‏ ئۇ يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشتىن ۋاز كېچىپ،‏ خۇ‌داغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ كېيىن،‏ كۆپ ئۆتمە‌ي بىل ئە‌سكە‌رلىككە بېرىشقا چاقىرىلغان.‏ گە‌رچە ئۇ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن بۇ‌نى رە‌ت قىلسىمۇ،‏ ھۆكۈمە‌ت ئۇ‌نىڭغا 10000 دوللار جە‌رىمانە قويغان ۋە ئۇ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.‏ 3 يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن ئازاد بولغان.‏ كېيىنرە‌ك.‏ ئۇ گىلىئاد مە‌كتىپىگە تە‌كلىپ قىلىنىپ،‏ ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتىشقا [مىسسىئونېر] ئافرىقىغا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ ئاندىن ئېۋا ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلە‌نگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئىككىلىسى ئافرىقىدا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ كۆپ قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌رگە‌ن.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ‌لار بىلنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قايتىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ بىل ئۆز ھاياتى توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌لاسە قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا مېنى 70 يىلدىن كۆپرە‌ك ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە قىلغىنى ھە‌ققىدە ئويلىغىنىمدا،‏ كۆزلىرىم ياشقا تولىدۇ.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى مېنىڭ كە‌سپىم قىلغىنى ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدارمە‌ن!‏» سىزمۇ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى كە‌سپىڭىز قىلالامسىز؟‏

ئېلېنى ۋە ئارىستوتېلىس ئاپوستولىدىس يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرگە‌ن

14،‏ 15.‏ ئاپوستولىدىس ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ۋە‌قە‌سىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 قىيىنچىلىقلار بولمايدۇ،‏ دە‌پ ئۈمىد قىلماڭ.‏ ئىبراھىمنىڭ مىسالىدىن شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ خۇ‌داغا ھاياتىنى بېغىشلاپ ئۆمۈر بويى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغانلارمۇ ھە‌رتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چار بولىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏2؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏9‏)‏.‏ بىز بۇ‌نى ئارىستوتېلىس ئاپوستولىدىس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىدىن كۆرۈمىز c‏.‏ ئۇ 1946-‏يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ قىزغىن گۇ‌ۋاھچى بولغان.‏ 1952-‏يىلى ئۆزىگە ئوخشاش مە‌قسە‌تلە‌رنى كۆزلىگە‌ن ئېلېنى ئىسىملىك قېرىنداش بىلە‌ن توي قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ ئېلېنى مېڭە ئۆسمە كېسىلى بولغان ۋە ئۆسمە كېسىپ ئېلىۋېتىلگە‌نىدى.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار توي قىلىپ بىرنە‌چچە يىلدىن كېيىن،‏ ئۆسمە قايتىدىن ئۆسكە‌ن.‏ دوختۇ‌رلار قايتا داۋالىغان بولسىمۇ،‏ ئېلېنى يېرىم پالە‌چ بولۇ‌پ قېلىپ،‏ نورمال سۆزلىشىشى قىيىن بولۇ‌پ قالغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىگە ۋە ھۆكۈمە‌ت تە‌رە‌پتىن كە‌لگە‌ن قارشىلىقلارغا قارىماستىن،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏

15 ئارىستوتېلىس 30 يىلچە ئايالىنىڭ ھالىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ كە‌لگە‌ن.‏ شۇ ۋاقىتلاردا،‏ ئۇ ئاقساقال بولۇ‌پ،‏ چوڭ يىغىلىشنى تە‌شكىللە‌ش كېڭىشىدە خىزمە‌ت قىلغان ۋە چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنىڭ قۇ‌رۇ‌ش ئىشلىرىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ كېيىن،‏ 1987-‏يىلى ئايالى ئېلېنى ۋە‌ز قىلىۋاتقاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئېغىر تۆمۈر ئىشىك تېگىپ كېتىپ،‏ قاتتىق يارىلانغان.‏ ئاندىن ئۇ 3 يىل ھۇ‌شسىز يېتىپ قالغاندىن كېيىن،‏ ۋاپات بولغان.‏ ئارىستوتېلىس ئۆزىنىڭ تە‌رجىمىھالىنى خۇ‌لاسىلە‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شۇ‌نچە يىللاردىن بۇ‌يان،‏ ھاياتىمدا كۈتۈلمىگە‌ن ۋە تۇ‌يۇ‌قسىز ۋە‌زىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن ھە‌ددىدىن زىيادە قە‌يسە‌رلىك كېرە‌ك ئىدى.‏ قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ماڭا ئىزچىل كېرە‌كلىك كۈچ ئاتا قىلىپ كە‌لدى» (‏زە‌بۇ‌ر 94:‏18،‏ 19‏)‏.‏ سىناقلارغا قارىماستىن،‏ قولىدىن كە‌لگىنىچە ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلغانلارنى يە‌ھۋا ياخشى كۆرىدۇ.‏

ئودرىي خايد كېلە‌چە‌كتە كۈتۈپ تۇ‌رغان بە‌رىكە‌تلە‌رگە كۆز تىكىپ،‏ ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلىغان

16.‏ نور بۇ‌رادە‌ر ئۆز ئايالىغا قانداق ياخشى نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

16 كېلە‌چە‌ككە كۆز تىكىڭ.‏ ئىبراھىم كۆزنى كېلە‌چە‌كتىكى مۇ‌كاپاتقا تىككە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئودرىي خايد قېرىندىشىمىزنىڭ بىرىنچى يولدىشى ناتان نور راك كېسىلى بىلە‌ن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئىككىنچى يولدىشى بولسا،‏ ئۇ‌نتۇ‌غاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.‏ بۇ سىناقلارغا قارىماستىن،‏ ئۇ ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاپ قالغان d‏.‏ بىرىنچى يولدىشى نور ئۆلۈمىدىن بىرنە‌چچە ھە‌پتە ئاۋۋال ئودرىيغا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى ئېيتقان.‏ نېيتان ماڭا مۇ‌نداق دېگە‌نىدى:‏ «ئۆلۈم بىلە‌ن ھە‌ممە نېمە پۈتمە‌يدۇ،‏ چۈنكى بىزنىڭ ئۈمىدىمىز بار.‏ كېلە‌چە‌كتە ھېچقانداق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌كمە‌يمىز».‏ يە‌نە ئۇ مېنى ئۈندە‌پ:‏ «ئالدىڭىزدا كۈتۈپ تۇ‌رغان بە‌رىكە‌تلە‌رگە كۆز تىكىڭ .‏ .‏ .‏ ھە‌ردائىم ئالدىراش بولۇ‌پ،‏ ھاياتىڭىزنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن بېغىشلاڭ.‏ بۇ سىزنىڭ خۇ‌شاللىق تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ،‏—‏ دېگە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ،‏ ئودرىي.‏ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلە‌ن بە‌ند بولۇ‌ڭ ۋە «ئۈمىدىڭلار بولغىنى ئۈچۈن خۇ‌شال بولۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌ت ھە‌ممىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇ‌ر.‏—‏رىملىقلار 12:‏12‏.‏

17.‏ (‏1)‏ كېلە‌چە‌ككە كۆز تىكىش ئۈچۈن قانداق مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلە‌ر بار؟‏ (‏2)‏ مىكاھ 7:‏7-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىش كېلە‌چە‌كتىكى بە‌رىكە‌تلە‌ردىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 كېلە‌چە‌ككە كۆز تىكىش ئۈچۈن،‏ بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا كۆپ سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏ دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى بىزنىڭ ئاخىر زاماننىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ يېقىندا «ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان» شە‌ھە‌ر،‏ يە‌نى خۇ‌دا پادىشاھلىقى يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.‏ بىزدە كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌ر بولىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى:‏ تىرىلگە‌ن يېقىنلىرىمىز بىلە‌ن جە‌م بولۇ‌پ خۇ‌شال بولىمىز.‏ شۇ ۋاقتىدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىبراھىمنى ئىشە‌نچىسى ۋە سە‌ۋر-‏تاقىتى ئۈچۈن مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ شۇ‌نداقلا خۇ‌دا ئۇ‌نى ۋە ئائىلىسىنى يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە تىرىلدۈرىدۇ.‏ سىز ئۇ‌لارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن،‏ شۇ يە‌ردە بولامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر سىز خۇ‌ددى ئىبراھىم كە‌بى خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۈچۈن قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە تە‌ييار بولسىڭىز،‏ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ئىشە‌نچىڭىزنى ساقلىسىڭىز ۋە خۇ‌دانى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتسىڭىز،‏ جە‌ننە‌تتە بولالايسىز‏.‏—‏مىكاھ 7:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

28-‏ناخشا يېڭى ناخشا

a خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسىنىڭ ئورۇ‌نلىنىشىنى كۈتكە‌ندە،‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە ئىشە‌نچىمىز سىنىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دا ۋە‌دىسىنىڭ ئورۇ‌نلىنىشىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ بۈگۈنكى خۇ‌دانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

c ئارىستوتېلىس ئاپوستولىدىسنىڭ تە‌رجىمىھالى،‏ ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ 2002-‏يىل،‏ 1-‏فېۋرال سانى،‏ 24—‏28-‏بە‌تلە‌ردىن تاپالايسىز.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ياشانغان ئە‌ر-‏ئايال قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار كېلە‌چە‌كتىكى يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ،‏ ئىشە‌نچىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏