35-تەتقىق ماقالىسى
باشقىلارنىڭ جامائەتتىكى ئورنىنى ھۆرمەتلەڭ
«كۆز قولغا: ‹ساڭا ئېھتىياجىم يوق›،— دېيەلمەيدۇ، ياكى باش پۇتلارغا: ‹سىلەرگە ئېھتىياجىم يوق›،— دېيەلمەيدۇ».—1-كورىنت. 12:21
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا ھەر بىر ساداقەتمەن خىزمەتچىسىگە نېمىنى بەرگەن؟
مېھىر-شەپقەتلىك ياراتقۇچى يەھۋا ھەر بىر ساداقەتمەن خىزمەتچىسىگە ئۆز جامائىتىدە ئورۇن بەرگەن. گەرچە ھەر بىرىمىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەرخىل بولسىمۇ، بىز ھەممىمىز قەدىر-قىممەتلىك ۋە بىر-بىرىمىزگە مۇھتاج. ئەلچى پاۋلۇس بۇ مۇھىم ساۋاقنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
2. ئەفەسلىكلەر 4:16-ئايەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن بىز بىر-بىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز ۋە بىر-بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك؟
2 مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي تېما ئايىتىدە پاۋلۇس ئېيتقاندەك، ھېچقايسىمىز يەھۋانىڭ خىزمەتچىسىگە: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق»،— دەپ ئېيتالمايمىز (1-كورىنت. 12:21). ئەگەر بىز جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاشنى خالىساق، بىز چوقۇم بىر-بىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز ۋە بىر-بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەر 4:16-نى ئوقۇڭ). ئەگەر بىرلىكتە ئىناق-ئىتتىپاق خىزمەت قىلساق، ھەممە قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە جامائىتىمىز گۈللىنىپ مۇستەھكەم بولىدۇ.
3. بۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 جامائەتتە ئېتىقادداشلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى قايسى ئۇسۇلدا كۆرسىتەلەيمىز؟ بۇ ماقالىدە، ئاقساقاللارنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز تېخى تۇرمۇش قۇرمىغانلارنى ۋە تىلىمىزدا راۋان سۆزلىيەلمەيدىغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئاقساقاللارنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت كۆرسىتىشى
4. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ رىملىقلار 12:10-ئايىتىدە، ئاقساقاللار قۇلاق سېلىش كېرەك بولغان قانداق نەسىھەت سۆزلىرى يېزىلغان؟؟
4 جامائەتتە ھەر بىر ئاقساقال يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى بىلەن تەيىنلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قابىلىيەتلىرى ھەرخىل (1-كورىنت. 12:17، 18). بەزىلەر تېخى يېقىندىلا ئاقساقاللار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىسى ئۇنچە كۆپ ئەمەس. باشقىلار بولسا، سالامەتلىكى ناچار ياكى ياشىنىپ قالغاچ، سەۋەبىدىن كۆپ ئىشلارنى قىلالمايدۇ. ئەمما، ھېچبىر ئاقساقال ھەرگىزمۇ باشقا ئاقساقاللارغا قاراپ، كۆڭلىدە: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق»،— دەپ ئويلىماسلىقى لازىم. ئەكسىنچە، ھەر بىر ئاقساقال ئەلچى پاۋلۇسنىڭ رىملىقلار 12:10-ئايىتىدە (ئوقۇڭ) يازغان نەسىھەت سۆزىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك.
ئاقساقاللار باشقا ئاقساقاللارنى زەن قويۇپ تىڭشىغاندا، ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ (5، 6-ئابزاسلارغا قاراڭ)
5. ئاقساقاللار ئۆز-ئارا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
5 ئاقساقاللار باشقا ئاقساقاللارنى زەن قويۇپ تىڭشاش ئارقىلىق ئۆز ھۆرمىتىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئاقساقاللار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، بىر-بىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشى بەكمۇ مۇھىم. نېمە ئۈچۈن؟ «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 1988-يىل، 1-مارت، 16-بەت، 8-ئابزاستا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئاقساقاللار شۇنى ياخشى چۈشىنىدۇكى، ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئېسىگە چۈشۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، قانداقتۇ بىر چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ياكى مۇھىم قارارنى چىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ» (ئەلچى. 15:6—15). مۇقەددەس روھ پەقەت بىر ئاقساقال ئەمەس، بارچە ئاقساقاللارغا ياردەم بېرىدۇ.
6. ئاقساقاللارنىڭ ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشىغا نېمە ياردەم بېرىدۇ ۋە بۇ جامائەت ئۈچۈن قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟
6 باشقا ئاقساقاللارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئاقساقال، ئۇلارنىڭ كېڭەش يىغىلىشىدا باشقىلارنىڭ سۆز قىلىشىنى كۈتۈپ، ئاۋۋال سۆز قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ. باشقىلاغا سۆز بەرمەي، ئۆزىلا سۆزلەشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقىشقا ۋە «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» بەرگەن مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىشقا تەييار (مەتتا 24:45—47). ئاقساقاللار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت كۆرسەتسە، مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، جامائەتنى مۇستەھكەملەيدىغان قارارلارنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ.—ياقۇپ 3:17، 18.
تۇرمۇش قۇرمىغان ئېتىقادداشلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىڭ
7. ئەيسا توي قىلمىغانلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولغان؟
7 بۈگۈنكى كۈندە، جامائەتتە بالىلىق ۋە بالىسىز ئەر-ئاياللار بار. يەنە جامائەتتە تۇرمۇش قۇرمىغانلارمۇ بار. بىز توي قىلمىغانلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز لازىم؟ ئەيسانىڭ ئۇلارغا قارىتا قانداق كۆز قاراشتا بولغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا يەر يۈزىدە ۋەز خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە، ئۆيلەنمىگەن ئىدى. ئۇ بويتاق بولۇپ، پۈتۈن دىققىتىنى ۋە ۋاقتىنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا چىقارغان. ئۇ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم تۇرمۇش قۇرۇشى ياكى يالغۇز بويتاق ئۆتۈشى كېرەك، دەپ ئويلىمىغان. لېكىن، ئەيسا بەزىلەرنىڭ توي قىلماي يالغۇز ئۆتۈشنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (مەتتا 19:11، 12، 12). ئەيسا توي قىلمىغانلارنى ھۆرمەتلىگەن. ئۇ توي قىلمىغانلارنى توي قىلغانلاردىن تۆۋەنرەك ياكى مەلۇم بىر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغان، دەپ قارىمىغانىدى.
8. 1-كورىنتلىقلار 7:7—9-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى نېمە ھەققىدە ئويلاشقا دەۋەت قىلغان؟
8 ئەلچى پاۋلۇس ئەيساغا ئوخشاش بويتاق ياشاپ، ۋەز خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇ ھەرگىزمۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ توي قىلىشىنى خاتا، دەپ تەلىم بەرمىگەن. توي قىلىش-قىلماسلىق ھەربىر كىشىنىڭ شەخسىي قارارى، دەپ قارىغان. بىراق، ئۇ باشقىلارنى توي قىلماي ياشاپ، خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلالايمەنمۇ، دەپ ئويلىنىشقا دەۋەت قىلغان (1-كورىنتلىقلار 7:7—9-نى ئوقۇڭ). ئېنىقكى، ئەلچى پاۋلۇس توي قىلمىغان ئېتىقادچىلارغا باشقىچە نەزەر بىلەن قارىمىغان. لېكىن، ئۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشنى ياش بويتاق يىگىت تىموتىينىڭ قولىغا تاپشۇرغان b (فىلىپى. 2:19—22). شۇڭا، ناھايىتى ئېنىقكى بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيلەنگەن-ئۆيلەنمىگەنلىكىگە ئاساسەن، بىر بۇرادەرنى يەنە بىرىگە قارىغاندا بەكرەك لاياقەتلىك ياكى ئەمەس دەپ ئويلاش خاتا.—1-كورىنت. 7:32—35، 38.
9. بىز نىكاھلىق تۇرمۇش ۋە بويتاق ياشاش توغرىسىدا نېمە دېسەك بولىدۇ؟
9 ئەيسا ياكى پاۋلۇس مەسىھىيلەر توي قىلىشى ياكى قىلماسلىقى كېرەك، دەپ تەلىم بەرمىگەن. ئۇنداقتا، نىكاھلىق تۇرمۇش ۋە بويتاق ياشاش توغرىسىدا نېمە دېسەك بولىدۇ؟ «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2012-يىل، 1-ئۆكتەبىر سانىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ھەقىقەتەن، نىكاھلىق تۇرمۇش ھەم بويتاق ياشاش ھەر ئىككىلىسى يەھۋانىڭ سوۋغىتىدۇر. ئۇ توي قىلمىغانلارنى نومۇس قىلىشى ياكى ھەسرەت چېكىشكە لايىق، دەپ قارىمايدۇ». بۇنى ئەستىن چىقارماي، بىز توي قىلمىغانلارنىڭ جامائەتتىكى ئورنىنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك.
يالغۇز ئۆتۈپ توي قىلمىغانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن نېمە قىلماسلىقىمىز كېرەك؟ (10-ئابزاسقا قاراڭ)
10. توي قىلمىغانلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
10 بىز توي قىلمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ۋەزىيەتلىرىگە ھۆرمىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ بەزى ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ توي قىلماي ئۆتۈشنى ئۆزى شەخسەن قارار قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. باشقىلار توي قىلىشنى خالىسىمۇ، ئۆزىگە لايىق ئادەمنى تېخى تاپالمىدى. يەنە بەزىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، جامائەتتىكىلەر شۇنداق قېرىنداشلاردىن: «ئۆيلەنمەمسىز ياكى تۇرمۇشقا چىقمامسىز؟ ياكى بولمىسا، جۈپتىڭىزنى تېپىشقا ياردەم بېرەيلىمۇ؟»— دەپ سوراش كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، بەزى توي قىلمىغانلار بۇنداق ياردەم سورىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلار ئەگەر بۇنداق ياردەمگە مۇھتاج بولمىسىچۇ؟ ئاشۇنداق سورالغان سوئاللار ئۇلارنى قانداق ھېس قىلدۇرىدۇ؟ (1-سالونىكا. 4:11؛ 1-تىموت. 5:13). ھازىر توي قىلمىغان بەزى قېرىنداشلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
11، 12. توي قىلمىغان قېرىنداشلارنى قانداق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن؟
11 ئۆز ۋەزىپىسىنى بەك ياخشى ئورۇنلايدىغان بىر بويتاق رايونغا مەسئۇل ئاقساقال توي قىلماي ياشاشنىڭ نۇرغۇن پايدىسى بارلىقىنى ھېس قىلغان. بىراق، ئۇ نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلارنىڭ: «نېمىشقا توي قىلمايسىز؟»— دەپ سورىغان سوئالى ئۆزىنى بەكمۇ خىجالەتتە قالدۇرغانلىقىنى ئېيتقان. بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان بويتاق بىر بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلار بەزىدە مېنى توي قىلمىغانلار بەك بىچارە كىشىلەردەك ھېس-تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. بۇ توي قىلماي ياشاشنى سوۋغات ئەمەس، ئەكسىچە ئېغىر يۈكتەك كۆرسىتىدۇ».
12 بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرمۇشقا چىقمىغان ئايال قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بەزى قېرىنداشلار، توي قىلمىغانلار ھەققىدە مۇنداق دەپ ئويلايدۇ: توي قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى جۈپتىنى ئىزدەۋاتىدۇ ياكى بارغانلا يېرىنى ئۆزىگە جۈپ تېپىشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. بىر قېتىم مەن بىر بەيتەل خىزمىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ باشقا بىر رايونىغا بارغىنىمدا، كەچقۇرۇن جامائەت يىغىلىشىغا ئۈلگۈردۈم. مېنى ئۆيىدە مېھمان قىلغان قېرىنداش جامائىتىدە يېشى مەن بىلەن تەڭ دېگۈدەك ئىككى بويتاق بۇرادەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مەن ئۈچۈن بىرىنى تاپمايدىغانلىغا مېنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى. بىراق، مەن ئىبادەت زالىغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ مېنى ئىككى بۇرادەر بىلەن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن سۆرەپ ئاپاردى. بۇ ۋەزىيەتتە ئۈچىمىزلا خىجالەت بولۇپ قالدۇق».
13. قانداق ئۈلگىلەر توي قىلمىغان بىر قېرىنداشنى ئىلھاملاندۇرغان؟
13 بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرمۇشقا چىقمىغان باشقا ئايال قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، خېلى ئۇزاق يىللار خىزمەت قىلىۋاتقان، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان، ئۆز ئالدىغا ياخشى مەقسەتلەرنى قويغان ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان، بەختلىك يېشى چوڭ قېرىنداشلارنى بىلىمەن. ئۇلار جامائەت ئۈچۈن بەرىكەت. ئۇلار تۇرمۇش قۇرماي، يالغۇز ئۆتۈشكە قارىتا توغرا كۆز قاراشنى ساقلىماقتا. ئۇلار توي قىلمىغاچقا، ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشىراق دەپ ئويلىمايدۇ ياكى جۈپتى يوق، بالىلىق بولمىغىنى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرمەيدۇ». ھەربىر ئادەمنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان جامائەتكە نېمە يەتسۇن!؟ سىزگە ئىچ ئاغرىتىپ، بىچارىدەك قارىمايدىغان، ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان، سەل قارىمايدىغان ۋە ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويمايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىڭىزنى ھېس قىلىسىز. ئۇلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىسىز.
14. توي قىلمىغان قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
14 قېرىنداشلارنىڭ توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنى قەدىرلىسەك، ئۇلار مىننەتدار بولىدۇ. ئۇلارغا بىچارىدەك قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى قەدىرلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، توي قىلمىغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىگە باشقىلار «ساڭا ئېھتىياجىم يوق» دەۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇغا كېلىپ قالمايدۇ (1-كورىنت. 12:21). بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە جامائەتتىكى ئورنىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىدۇ.
تىلىڭىزدا راۋان سۆزلىيەلمەيدىغانلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىڭ
15. بەزى قېرىنداشلار كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلغان؟
15 يېقىنقى يىللاردا، كۆپلىگەن قېرىنداشلار باشقا مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا ۋەز قىلىش ئۈچۈن باشقا تىل ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلغان. بۇ قېرىنداشلار ئۆز جامائىتىدىن ئايرىلىپ، ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز يەرگە كۆچۈپ، باشقا تىلدا سۆزلەيدىغان جامائەتتە خىزمەت قىلىدۇ (ئەلچى. 16:9). قېرىنداشلار يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى شەخسەن ئۆزى قارار قىلغان. گەرچە ئۇلارغا يېڭى تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كەتسىمۇ، ئۇلار جامائەتكە كۆپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرى ۋە تەجرىبىسى جامائەتنى مۇستەھكەملەيدۇ. بىز بۇنداق پىداكار قېرىنداشلارنى بەك قەدىرلەيمىز.
16. ئاقساقاللار بىر بۇرادەرنىڭ ئاقساقال ياكى خىزمەت ياردەمچىسى بولۇشقا لاياقەتلىك بولغانلىقىنى قانداق ئېنىقلايدۇ؟
16 ئاقساقاللار كېڭىشى بىر بۇرادەرنى يېڭى تىلنى تېخى راۋان سۆزلىيەلمىگىنى ئۈچۈن ئاقساقال ياكى خىزمەت ياردەمچىسى بولۇشقا تەۋسىيە قىلماسلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئاقساقاللار بىر بۇرادەرنىڭ ئاقساقال ياكى خىزمەت ياردەمچىسى بولۇشقا لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ يەرلىك جامائەتنىڭ تىلىنى قانچىلىك ياخشى بىلگىنىگە قاراپ ئەمەس، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن باھالاپ، تەۋسىيە قىلىشنى قارار قىلىدۇ.—1-تىموت. 3:1—10، 12، 13؛ تىتۇس 1:5—9.
17. بەزى ئائىلىلەر باشقا دۆلەتكە كۆچكەندە، قانداق سوئاللارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟
17 بەزى ئائىلىلەر باشقا دۆلەتلەرگە پاناھلىق ئىزدەش ياكى ئىش تېپىش ئۈچۈن بارىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى يېڭى دۆلەتتىكى مەكتەپلەردە يەرلىك تىلدا بىلىم ئالىدۇ. ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئىش تېپىش ئۈچۈن يېڭى تىلنى ئۆگىنىشى كېرەك. ئەگەر شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىكى جامائەت ياكى گۇرۇپپا بولسىچۇ؟ ئائىلىلەر قايسى جامائەتكە قاتنىشىشى كېرەك؟ ئۇلار شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدىكى جامائەتكە ياكى ئانا تىلىدىكى جامائەتكە بېرىپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟
18. گالاتىيالىقلار 6:5-ئايەتكە ئاساسەن، ئائىلە بېشىنىڭ چىقارغان قارارىغا ھۆرمىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
18 ئائىلە بېشى ئۇنىڭ ئائىلىسى قايسى جامائەتكە قاتنىشىش كېرەكلىكىنى قارار قىلىشى كېرەك. بۇ شەخسىي قارار، ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئۈچۈن نېمە ئەڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك (گالاتىيالىقلار 6:5-نى ئوقۇڭ). بىز ئائىلە بېشىنىڭ چىقارغان قارارىنى ھۆرمەتلىشىمىز لازىم. مەيلى ئۇ قانداق قارار قىلمىسۇن، ئۇنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلايلى ۋە جامائىتىمىزدە شۇ ئائىلىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.—رىملىقلار 15:7.
19. ئائىلە بېشى نېمە ھەققىدە دۇئا قىلىپ ياخشى ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك؟
19 بەزى ۋەزىيەتلەردە، بالىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلىدىكى جامائەتكە قاتنىشىشى مۇمكىن. بىراق، بالىلىرى شۇ تىلنى راۋان سۆزلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يەرلىك تىلدا ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلىدىكى جامائەتكە قاتناشسا، ئېھتىمال يىغىلىشنى چۈشىنىشى ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشى قىيىن بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلىدىكى ئەمەس، شۇ يەرنىڭ تىلىدىكى مەكتەپكە بارىدۇ. شۇنداق ۋەزىيەتلەردە، ئائىلە بېشى بالىلىرىنىڭ يەھۋاغا ھەم ئۇنىڭ خەلقىگە يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە دۇئا قىلىپ، ياخشىراق ئويلىنىشى لازىم. ياكى بولمىسا، ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشى ياكى بالىلىرى ياخشى چۈشىنىدىغان تىلدىكى جامائەتكە ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىشى توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈشى لازىم. ئائىلە بېشى قانداق قارار قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بېرىۋاتقان جامائەتتە ئۆزىمۇ، ھەم ئائىلىسىمۇ قەدىرلىنىدىغان ۋە ھۆرمەتلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك.
يېڭى تىلنى ئۆگىنىۋاتقانلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (20-ئابزاسقا قاراڭ)
20. يېڭى تىلنى ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشلارغا ھۆرمىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
20 بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ سەۋەبى: كۆپلىگەن جامائەتلەردە يېڭى تىلنى ئۆگىنىشتە قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلار بار. ئۇلارغا ئۆز ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز پەقەتلا ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى تىلنى قانداق سۆزلەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلىمىساق، ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئىستىكىنى كۆرەلەيمىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇلارنى قەدىرلەيمىز ۋە چوڭقۇر ھۆرمەتلەيمىز. ئۇلار بىزنىڭ تىلىمىزدا راۋان سۆزلىيەلمىگىنى ئۈچۈن، ئۇلارغا «ساڭا ئېھتىياجىم يوق» دەپ ئېيتمايمىز.
بىز يەھۋا ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك
21، 22. بىزدە قانداق شان-شەرەپ بار؟
21 يەھۋا بىزگە ئۆز جامائىتىدىن ئورۇن بېرىپ، بىزنى ئاجايىپ شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردى. ئەر ياكى ئايال، توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان، ياشانغان ياكى ياش بولۇڭ، باشقا تىلدا سۆزلەڭ ياكى سۆزلىيەلمەڭ، ھەممىمىز يەھۋاغا ۋە بىر-بىرىمىز ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك.—رىملىقلار 12:4، 5؛ كولوسى. 3:10، 11.
22 ئەلچى پاۋلۇسنىڭ تەن ئەزالىرى ھەققىدىكى مىسالىدىن كۆپلىگەن ساۋاقلارغا ئېرىشەلەيمىز، ئاشۇ ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا داۋاملىق قوللىنايلى. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ جامائىتىدە ئۆزۈمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئورنىنى قەدىرلەش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپرەك پۇرسەتلەرنى ئىزدەيمىز.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش