مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

32-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋاغا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىڭ!‏

يە‌ھۋاغا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىڭ!‏

‏«كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خۇ‌دايىڭنىڭ يولىدا يۈرۈشنى كۈتىدۇ!‏»‏‏—‏مىكاھ 6:‏8‏.‏

26-‏ناخشا خۇ‌دا بىلە‌ن يۈر!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ كە‌متە‌رلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دېگە‌ن؟‏

 بىز يە‌ھۋانى كە‌متە‌ر خۇ‌دا دە‌پ ئېيتالايمىزمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ ئېيتالايمىز.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «سە‌ن نىجاتلىق قالقىنىڭنى ماڭا بە‌ردىڭ،‏ كە‌متە‌رلىكىڭ بىلە‌ن مېنى ئۇ‌لۇ‌غ قىلدىڭ» (‏2-‏سام.‏ 22:‏36؛‏ زە‌بۇ‌ر 18:‏35‏)‏.‏ داۋۇ‌ت بۇ سۆزلە‌رنى قىلغاندا،‏ بە‌لكىم ئۇ سامۇ‌ئىل پە‌يغە‌مبە‌ر ئىسرائىلنىڭ كېيىنكى پادىشاھىنى مە‌سىھ قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە كە‌لگە‌ن ۋاقىتنى ئە‌سكە ئالغان.‏ داۋۇ‌ت ئائىلىدە سە‌ككىز ئوغۇ‌ل ئارىسىدا كە‌نجىسى بولغان.‏ يە‌ھۋا سائۇ‌لنىڭ ئورنىغا،‏ داۋۇ‌تنى پادىشاھ سۈپىتىدە تاللىغاندا كە‌متە‌رلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏1-‏سام.‏ 16:‏1،‏ 10—‏13‏.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 داۋۇ‌ت جە‌زمە‌ن يە‌نە بىر زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ يازغان ئوي-‏پىكىرلىرىنى ماقۇ‌ل كۆرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئۇ [خۇ‌دا] ئېگىلىپ ئاسمان بىلە‌ن يە‌رگە نە‌زە‌ر سالار،‏ بىچارىنى توپا-‏چاڭدىن يۆلە‌پ تۇ‌رغۇ‌زار.‏ نامراتنى كۈل دۆۋىسىدىن تارتىپ قوپۇ‌رار.‏ .‏ .‏ .‏ ئېسىلزادىلە‌رنىڭ يېنىدا ئولتۇ‌رغۇ‌زار» (‏زە‌بۇ‌ر 113:‏6—‏8‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىرىنچىدىن يە‌ھۋا قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە كە‌متە‌رلىك كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى ۋە بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ كېيىن،‏ بىز سائۇ‌ل پادىشاھ،‏ دانىيال ۋە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن كە‌متە‌رلىك ئۈلگىسى ھە‌ققىدە بىلىۋالىمىز.‏

خۇ‌دانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

3.‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ ۋە بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

3 يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌رلىكىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ پە‌قە‌ت ئىبادىتىمىزنى قوبۇ‌ل قىلىپلا قالماي،‏ يە‌نە بىزگە ئۆزىنىڭ دوستىدە‌ك قارايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ دوستى بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ بىرىنچى قە‌دە‌منى قىلىپ،‏ گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوغلىنى قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بىزگە قانچىلىك مېھىر-‏شە‌پقە‌ت ۋە ھېسداشلىق كۆرسە‌تكە‌ن-‏ھە!‏

4.‏ يە‌ھۋا بىزگە نېمە بە‌رگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

4 يە‌ھۋانىڭ كە‌متە‌رلىك كۆرسىتىش يولىدىن يە‌نە بىرىنى كۆرە‌يلى.‏ يە‌ھۋا ياراتقۇ‌چى بىزگە تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى بە‌رمە‌ي يارىتىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ بىزنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ يارىتىپ،‏ بىزگە تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى بە‌رگە‌ن.‏ پە‌رۋە‌ردىگار كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭغا چىن يۈرە‌كتىن خىزمە‌ت قىلىشىنى خالايدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ پايدىسىنى چۈشىنىدۇ (‏تە‌كرار.‏ قا 10:‏12؛‏ يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تكە‌ن كە‌متە‌رلىكى ئۈچۈن قانچىلىك مىننە‌تدارمىز-‏ھە!‏

ئە‌يسا ئاسماندا.‏ ئە‌يسانىڭ ئارقىسىدا تۇ‌رۇ‌ۋاتقانلار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇ‌چىلار.‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە كۆپلىگە‌ن پە‌رىشتىلە‌رگە قاراۋاتىدۇ.‏ بە‌زى پە‌رىشتىلە‌ر ئۆزىنىڭ ۋە‌زىپىلىرىنى ۋە‌زىپىلىرىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن يە‌رگە چۈشۈۋاتىدۇ.‏ بۇ رە‌سىمدە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز ھوقۇ‌قىنى ھە‌ممىسى بىلە‌ن بۆلۈشۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگە‌ن (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ يە‌ھۋا بىزگە كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىتىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

5 يە‌ھۋا بىزگە قىلغان مۇ‌ئامىلىسى ئارقىلىق،‏ بىزنى كە‌متە‌رلىككە ئۆگىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئاتىمىز كائىناتتىكى ئە‌ڭ دانا شە‌خس.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ باشقىلارنىڭ تە‌كلىپ پىكىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئۆز ئوغلىغا ئالە‌منى يارىتىشتا ياردە‌م بېرىشكە رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن (‏پە‌ند.‏ نە 8:‏27—‏30؛‏ كولوسى.‏ 1:‏15،‏ 16‏)‏.‏ گە‌رچە يە‌ھۋا ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا بولسىمۇ،‏ ئۇ باشقىلار بىلە‌ن بە‌زى ھوقۇ‌قىنى ئورتاقلىشىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئە‌يسانى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ 144000 ئادە‌ملە‌رگە ئە‌يسا بىلە‌ن بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇ‌ق بېرىدۇ (‏لۇ‌قا 12:‏32‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ئۇ ئە‌يسانى پادىشاھ ۋە باش روھانىي بولۇ‌شقا تە‌ييارلىغان (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏8،‏ 9‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە ئە‌يسا بىلە‌ن بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنىمۇ ۋە‌زىپىلىرىنى قانداق ئورۇ‌نلاشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ ئورۇ‌ندىغان ۋە‌زىپىلىرىنىڭ ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك تە‌پسىلاتلىرىغا قاراپ ئولتۇ‌رمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ئۆز ئىرادىسىنى ئۇ‌لارنىڭ ئورۇ‌نلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 5:‏10‏.‏

بىز باشقىلارنى ئۆگىتىپ،‏ ۋە‌زىپىلىرىمىز بىلە‌ن بۆلۈشسە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئۈلگە ئالىمىز (‏6،‏ 7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

6،‏ 7.‏ ئائىلە باشلىقلىرى،‏ ئاقساقاللار ۋە ئاتا-‏ئانىلار يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

6 بىزنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىز ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ئۆز ھوقۇ‌قىنى ئورتاقلاشسا،‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك،‏ ئە‌مە‌سمۇ!‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىزنى ئائىلە بېشى ياكى جامائە‌تتە ئاقساقال دە‌يلى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىڭ.‏ ۋە‌زىپىلە‌رنى باشقىلارغا تاپشۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌لار بۇ ۋە‌زىپىلە‌رنى قانداق ئورۇ‌ندىغانلىقىغا ئارىلاشماڭ.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلغاندا،‏ پە‌قە‌ت ۋە‌زىپىلە‌ر ئورۇ‌ندىلىپ قالماي،‏ باشقىلارمۇ قانداق قىلىشنى ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتىسىز (‏يە‌شايا 41:‏10‏)‏.‏ ھوقۇ‌قى بارلار يە‌ھۋادىن يە‌نە قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟‏

7 يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى روھىي ئوغۇ‌للىرىنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىگە قىزىقىدۇ (‏1-‏پادىشاھ.‏ 22:‏19—‏22‏)‏.‏ ئاتا-‏ئانىلار سىلە‌ر يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىلە‌ر؟‏ قولايلىق بولسا،‏ بالىلىرىڭىزغا قانداقتۇ بىر تاپشۇ‌رۇ‌ق بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لاردىن بۇ تاپشۇ‌رۇ‌قنى قانداق قىلسا ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى سوراپ كۆرۈڭ.‏ ئاندىن ئۇ‌لار قانداق دېگە‌ن بولسا،‏ ئۆزلىرى بۇ تاپشۇ‌رۇ‌قنى شۇ‌نداق قىلىپ كۆرسۇ‌ن.‏

8.‏ يە‌ھۋا ئىبراھىم بىلە‌ن سارە‌گە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغان؟‏

8 يە‌ھۋانىڭ كە‌متە‌رلىكىنى يە‌نە ئۇ‌نىڭ سە‌ۋرچانلىقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ قارارىغا خىزمە‌تچىلىرى ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سوئال قويسا،‏ ئۇ سە‌ۋرچانلىقنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ سودوم بىلە‌ن گومورانى ۋە‌يران قىلىشىنى ئىبراھىم توغرا قارار ئە‌مە‌س دە‌پ ئېيتقاندا،‏ ئۇ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ئاڭلىغان (‏يارىت.‏ 18:‏22—‏33‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سارە‌گە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسا كېرە‌ك.‏ سارە قېرىغاندا ھامىلدار بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۈلگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خاپا بولمىغان (‏يارىت.‏ 18:‏10—‏14‏)‏.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ سارە‌گە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏

9.‏ ئاتا-‏ئانىلار ۋە ئاقساقاللار سىلە‌ر يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟‏

9 ئاتا-‏ئانىلار ۋە ئاقساقاللار سىلە‌ر يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىلە‌ر؟‏ بالىڭىز ياكى جامائە‌تتىكى بىرسى سىزنىڭ قارارىڭىز توغرا ئە‌مە‌س دېسە،‏ سىز نېمە قىلاتتىڭىز؟‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆز قارىشى توغرا ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ دە‌رھال سۆزىنى بۆلۈۋېتە‌مسىز؟‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىشكە تىرىشامسىز؟‏ ھوقۇ‌قى بارلار يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلسا،‏ ئائىلىلە‌ر ۋە جامائە‌تلە‌ر بۇ‌نىڭ زور پايدىسىنى كۆرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ كە‌مگىچە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئۈلگىسىدىن كە‌متە‌رلىك ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌لاھىزە قىلدۇ‌ق.‏ ئە‌مدى بىز خۇ‌دانىڭ سۆزىدە كە‌لتۈرۈلگە‌ن مىساللاردىن كە‌متە‌رلىك توغرىسىدا نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

باشقىلارنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

10.‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۆگىتىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مىساللىرىنى قانداق قوللىنىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋا ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستاز سۈپىتىدە،‏ بىزنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆز سۆزىدە مىساللارنى كە‌لتۈرگە‌ن (‏يە‌شايا 30:‏20،‏ 21‏)‏.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللار ھە‌ققىدە ئويلىساق،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى،‏ شۇ جۈملىدىن كە‌متە‌رلىكنى كۆرسە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە بىلە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز شۇ‌نداق پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرسە‌تمىگە‌ن كىشىلە‌رگە نېمە بولغانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏37؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 10:‏11‏.‏

11.‏ سائۇ‌لنىڭ يامان ئۈلگىسىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

11 پادىشاھ سائۇ‌لغا نېمە بولغانلىقىنى ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ دە‌سلە‌پتە ئۇ ئاددىي-‏ساددا،‏ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلىدىغان،‏ ھە‌تتا كۆپرە‌ك مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشتىن ئىككىلىنىپ قالغان كە‌متە‌ر يىگىت ئىدى (‏1-‏سام.‏ 9:‏21؛‏ 10:‏20—‏22‏)‏.‏ ئۇ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ھاكاۋۇ‌ر بولۇ‌پ،‏ ئۆزىنىڭ ھوقۇ‌قى يوق ئىشلارغا قول سالغان.‏ بىر قېتىم ئۇ سامۇ‌ئىل پە‌يغە‌مبە‌رنى كۈتكە‌ن چاغدا،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تسىزلىك قىلغان.‏ خە‌لققە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۆزىدە قۇ‌ربانلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بولمىسىمۇ،‏ ئۇ ئۆزى باش بولۇ‌پ قۇ‌ربانلىقنى سۇ‌نغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئاخىرىدا پادىشاھلىقتىن ئايرىلغان (‏1-‏سام.‏ 13:‏8—‏14‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز بۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش مىسالىدىن ساۋاق ئالساق ۋە ھوقۇ‌قىمىز يوق ئىشلارغا قول تىقماي،‏ دانا ئادە‌م بولىمىز.‏

12.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر قانداق قىلىپ كە‌متە‌رلىكنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 سائۇ‌ل يامان ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ھازىر بولسا،‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى قاراپ باقايلى.‏ دانىيال ئۆمۈر بويى خۇ‌دانىڭ كە‌متە‌ر خىزمە‌تچىسى بولۇ‌پ،‏ دائىم ئۇ‌نىڭ يول-‏يورۇ‌قىنى ئىزدىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق نېبۇ‌قادنىسارنىڭ چۈشىنى ئۆرۈپ بە‌رگە‌ن.‏ بىراق،‏ دانىيال بۇ چۈشنى مە‌ن ئۆرۈيە‌لە‌يمە‌ن،‏ دە‌پ مە‌يدىسىگە ئۇ‌رمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ھە‌ممە شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بە‌رگە‌ن (‏دانىيال 2:‏26—‏28‏)‏.‏ بىز ئۈچۈن قانداق ساۋاق؟‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلار ئېيتقان نۇ‌تۇ‌قلىرىڭىزنى ياقتۇ‌رسا ھە‌م ۋە‌ز خىزمە‌تتە تە‌جرىبىلىك بولسىڭىز،‏ ھە‌ممە شان-‏شە‌رە‌پنى خۇ‌داغا كە‌لتۈرۈشنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ياردىمىسىز،‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏فىلىپى.‏ 4:‏13‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئە‌يسانىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنە‌ك قىلغان بولىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا قانداق ئۆرنە‌ك قىلىمىز؟‏

13.‏ بىز يۇ‌ھاننا 5:‏19،‏ 30-‏ئايە‌تلە‌ردىكى‏،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىدىن كە‌متە‌رلىك ھە‌ققىدە قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

13 گە‌رچە ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئوغلى بولسىمۇ،‏ ئۇ خۇ‌داغا تايانغان ‏(‏يۇ‌ھاننا 5:‏19،‏ 30-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ھېچقاچان ئاسماندىكى ئاتىسى يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىشقا ئىنتىلمىگە‌ن.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏6-‏ئايە‌تتە‏،‏ ئە‌يسا ياراتقۇ‌چى خۇ‌داغا تە‌ڭ بولۇ‌شنى خىيالىغىمۇ كە‌لتۈرمىگە‌ن،‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ ئۇ ئاتىسىغا بويسۇ‌نىدىغان ئوغۇ‌ل سۈپىتىدە،‏ ئۆزىنىڭ چە‌كلىمىسىنى چۈشە‌نگە‌ن ۋە ئاتىسىنىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن.‏

ئە‌يسا ئۆز ھوقۇ‌قىنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ بىرلىرى ئە‌يسادىن ئۆزىنىڭ ھوقۇ‌قى يوق نە‌رسىنى سورىغاندا،‏ ئۇ قانداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏

14 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ئاپىسى بىلە‌ن بىرگە ئۇ‌نىڭ قېشىغا كېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ھوقۇ‌قى يوق نە‌رسىنى سورىغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ قانداق جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌يسا ئىككىلە‌نمە‌ي دە‌رھال جاۋاب بېرىپ،‏ پادىشاھلىقتا ئۇ‌نىڭ ئوڭ ياكى سول قول تە‌رىپىدە كىم ئولتۇ‌رىدىغانلىقىنى پە‌قە‌ت ئاسماندىكى ئاتىسىلا قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 20:‏20—‏23‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ چە‌كلىمىسى بار ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ كە‌متە‌رلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا ھوقۇ‌ق بە‌رمىگە‌ن ئىشنى ئە‌يسا ھېچقاچان قىلمىغانىدى (‏يۇ‌ھاننا 12:‏49‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى ئۆزىمىزگە قانداق ئۆرنە‌ك قىلالايمىز؟‏

ئە‌يسانىڭ كە‌متە‌رلىك كۆرسە‌تكە‌نلىكىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏ (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

15،‏ 16.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌تنى قانداق قوللانساق بولىدۇ؟‏

15 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌تنى ھاياتىمىزدا قوللىنىپ،‏ بىز ئە‌يسانىڭ كە‌متە‌رلىكىنى ئۈلگە قىلىمىز.‏ بۇ ئايە‌تتە:‏ «يېزىلغانلارنىڭ سىرتىغا چىقماڭلار»،‏—‏ دېيىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا بىرسى بىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغاندا،‏ ھېچقاچان ئۆزۈمىزنىڭ ئۆي-‏پىكرىمىزنى ياكى ئويلانمايلا ئېغىزىمىزغا كە‌لگە‌ننى ئېيتىشنى خالىمايمىز.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللىرىمىزدىن مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئىزدىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ قابىلىتىمىزنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز.‏ بىز كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن،‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھىتىنىڭ ھە‌رقاچان بىزنىڭكىدىن ياخشى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ،‏ شان-‏شە‌رە‌پنى ئۇ‌نىڭغا بېرىمىز.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 15:‏3،‏ 4‏.‏

16 يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش بىلە‌ن بىرگە،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شنىڭ يە‌نە باشقىمۇ ياخشى سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏ ھازىر كە‌متە‌رلىك ۋە كىچىك پېئىل بولۇ‌شنىڭ بىزگە قانداق خۇ‌شاللىق ئە‌كېلىدىغانلىقىنى ۋە باشقىلار بىلە‌ن چىقىشىپ ئۆتۈشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏

نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌ش پايدىلىق؟‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل ئادە‌ملە‌ر خۇ‌شال؟‏

17 بىز كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل بولغاندا،‏ بە‌كرە‌ك خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۆزۈمىزنىڭ چە‌كلىمىسىنى بىلگە‌ندە،‏ باشقىلارنىڭ قىلغان ھە‌رقانداق ياردىمى ئۈچۈن مىننە‌تدار بولىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادە‌منى ساقايتقان ۋە‌قە‌نى ئېسىمىزگە ئالايلى.‏ پە‌قە‌ت ئون كىشىدىن بىرىلا ئە‌يساغا رە‌ھمىتىنى ئېيتىش ئۈچۈن قايتىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ كىشى ھە‌رگىزمۇ ئۆز-‏ئۆزىنى بۇ يىرگىنىچلىك كېسىلىدىن ساقايتالمايتتى.‏ بۇ كە‌متە‌ر ئادە‌م ئېرىشكە‌ن ياردىمى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈپ،‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلىگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 17:‏11—‏19‏.‏

18.‏ كە‌متە‌رلىك باشقىلار بىلە‌ن تىل تېپىشىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 12:‏10‏)‏

18 ئادە‌تتە كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرى بىلە‌ن چىقىشىپ كېتە‌لە‌يدۇ.‏ كە‌متە‌ر ئادە‌منىڭ دوستلىرى نۇ‌رغۇ‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ باشقىلارنىڭ ئاجايىپ پە‌زىلە‌تلىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئىشىنىدۇ.‏ باشقىلار ئۆز ئىشىدا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازانغاندا،‏ كە‌متە‌ر كىشى خۇ‌شال بولىدۇ ۋە دە‌رھال ئۇ‌لارنى ماختايدۇ ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏—‏رىملىقلار 12:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌قتىن يىراق بولۇ‌ش كېرە‌ك؟‏ بۇ‌نىڭ قانداق سە‌ۋە‌بلىرى بار؟‏

19 ئە‌كسىنچە،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر ئادە‌ملە‌رگە باشقىلارنى ماختاش قىيىن كېلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىلا ماختاشقا سازاۋە‌ر دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا مايىل ھە‌م باشقىلاردىن ياخشىراق بولۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ باشقىلارنى ئۆگىتىش ۋە ئۇ‌لارغا ھوقۇ‌ق بېرىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر نە‌رسىنى توغرا قىلىشنى خالىساڭ،‏ ئۆزۈڭ قىل!‏» چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌زىرىدە باشقىلار ئۇ‌نى توغرا قىلالمايدۇ.‏ ئادە‌تتە ھاكاۋۇ‌ر ئادە‌م باشقىلاردىن ئۆزىنى مۇ‌ھىمراق كۆرسىتىشنى خالايدۇ،‏ باشقىلار بىر ئىشنى ئۇ‌نىڭدىن ياخشىراق قىلسا،‏ كۆرە‌لمە‌سلىك قىلىدۇ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏26‏)‏.‏ بۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنىڭ يېقىن دوستلىرى بولمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۆز قە‌لبىمىزدە شۇ‌نداق تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌قنى بايقىساق،‏ بۇ يامان ئىللە‌تنىڭ چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتماسلىقى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋاغا سە‌مىمىي دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئوي-‏پىكىرىمىزنى يېڭىلىشى ئۈچۈن يالۋۇ‌رۇ‌پ ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

20.‏ نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

20 بىز يە‌ھۋانىڭ ئۈلگىسى ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدار!‏ ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌رلىكىنى ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغىنىدىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ بىز يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشنى خالايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى يە‌ھۋاغا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغانلارنىڭ مىساللىرىدىن ئۆزىمىزگە ئۈلگە ئېلىشنى خالايمىز.‏ بىز يە‌ھۋانى ھە‌ردائىم ئۇ‌لۇ‌غلايمىز.‏ ئۇ ھۆرمە‌ت ۋە شان-‏شە‌رە‌پكە لايىق (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرىدىغان ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلە‌ن بىرگە يۈرە‌لە‌يمىز.‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

a كە‌متە‌ر ئادە‌م باشقىلارغا كۆيۈمچان ۋە مېھرىبان بولىدۇ.‏ يە‌ھۋانى ھە‌قىقە‌تە‌ن كە‌متە‌ر خۇ‌دا دە‌پ ئېيتالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌متە‌رلىگىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌نە بىز سائۇ‌ل پادىشاھ،‏ دانىيال ۋە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ كە‌متە‌رلىگىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى ھە‌م ئۆگىنىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئاقساقال ۋاقتىنى چىقىرىپ،‏ ياش بۇ‌رادە‌رگە جامائە‌تنىڭ تېررىتورىيىسىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارنى قانداق قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.‏ كېيىن ئاقساقال ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ ھە‌ربىر ئىشىنى تە‌كشۈرمە‌ي،‏ ئۇ‌نىڭغا بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىشىغا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىۋاتىدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ قېرىنداش ئاقساقالدىن چېركاۋدا بولىدىغان تويغا بېرىش-‏بارماسلىق ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت سوراۋاتىدۇ.‏ ئاقساقال ئۇ‌نىڭغا ئۆز ئوي-‏پىكرىنى ئېيتماي،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏