مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

34-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانىڭ جامائىتىدە ئورنىڭىز بار!‏

يە‌ھۋانىڭ جامائىتىدە ئورنىڭىز بار!‏

‏«تە‌ن بىرلا بولغىنى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئە‌زالىرى كۆپتۇ‌ر.‏ گە‌رچە ئە‌زالار كۆپ بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بىرلا تە‌ننى تە‌شكىل قىلىدۇ.‏ مە‌سىھنىڭ تېنى ھە‌م شۇ‌نداقتۇ‌ر».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 12:‏12‏.‏

53-‏ناخشا ئىناق بىللە خىزمە‌ت قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىز قانداق شان-‏شە‌رە‌پكە ئىگە؟‏

 بىز ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ جامائىتىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولۇ‌ش نېمە دېگە‌ن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ھە!‏ جامائە‌تتە قېرىنداشلار بىلە‌ن خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ تىنچلىق ۋە شاد-‏خۇ‌راملىقتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىمىز.‏ جامائە‌تتە ھە‌ربىرىمىزگە ئورۇ‌ن بار.‏ قانداق؟‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ بە‌زى خە‌تلىرىدە قانداق مىساللارنى ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

2 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يازغان بە‌زى خە‌تلە‌ردىن بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلە‌لە‌يمىز.‏ پاۋلۇ‌س ھە‌ر بىر خېتىدە جامائە‌تنى ئىنسان تېنى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ يە‌نە ئۇ جامائە‌تتىكى ھە‌ر بىر ئېتىقادچىنى شۇ تە‌ننىڭ ئە‌زالىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏—‏رىملىقلار 12:‏4—‏8؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 12:‏12—‏27؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏16‏.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ قانداق ئۈچ مۇ‌ھىم ساۋاقنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن بىز قانداق ئۈچ مۇ‌ھىم ساۋاقنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىرىنچىدىن،‏ ھە‌ربىرىمىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ جامائىتىدە ئۆز ئورنىمىز بارلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏ ئىككىنچىدىن،‏ جامائە‌تتە ئۆز ئورنىڭىز تېپىش قىيىن بولسا،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ ھە‌ربىرىمىز نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ جامائىتىدە ئۆز رولىمىزنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن ئالدىراش خىزمە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋانىڭ جامائىتىدە ھە‌ركىمنىڭ ئۆز ئورنى بار

4.‏ رىملىقلار 12:‏4،‏ 5-‏ئايە‌تلە‌ر بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏

4 پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن ئۆگە‌نگە‌ن بىرىنچى ساۋاق —‏ ھە‌ربىرىمىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىدە مۇ‌ھىم ئورنىمىز بار.‏ پاۋلۇ‌س بۇ مىسالنى مۇ‌نداق باشلىغان.‏ «بىر تە‌ننىڭ كۆپلىگە‌ن ئە‌زالىرى بار ۋە ھە‌ممە ئە‌زالار ئوخشاش بىر ئىشنى قىلمايدۇ 5 شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ گە‌رچە بىز بولساقمۇ،‏ مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلىكتە بىر تە‌ننى تە‌شكىل قىلدۇ‌ق ۋە ھە‌ربىرىمىز ئۆزئارا بىر-‏بىرىمىزگە مە‌نسۇ‌پ ئە‌زالارمىز» (‏رىملىقلار 12:‏4،‏ 5‏)‏.‏ بۇ ئايە‌تتە،‏ پاۋلۇ‌س نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ ھە‌ربىرىمىزنىڭ جامائە‌تتىكى رولى ئوخشاش ئە‌مە‌س بولسىمۇ،‏ لېكىن ھە‌ممىمىز ئوخشاشلا قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك.‏

جامائە‌تتە ھە‌ربىرىمىزنىڭ ھە‌رخىل ئورنى بولسىمۇ،‏ ھە‌ممىمىز ئوخشاش قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك (‏5—‏12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

5.‏ يە‌ھۋا جامائە‌تكە قانداق «ھە‌دىيە‌لە‌رنى» بە‌رگە‌ن؟‏

5 جامائە‌تتە ئورنى بار كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ كاللىڭىزغا دە‌رھاللا يېتە‌كچىلىك قىلىشنى زىممىسىگە ئالغانلار كېلىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏5:‏12؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏17‏)‏.‏ يە‌ھۋا دە‌رۋە‌قە مە‌سىھ ئارقىلىق ئۆز جامائىتىگە «ھە‌دىيە‌لە‌ر» سۈپىتىدە ئىنسانلارنى بە‌رگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏8‏)‏.‏ بۇ ھە‌دىيە‌لە‌ر قاتارىغا يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌زالىرى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردە‌مچىلىرى،‏ بە‌يتە‌ل كېڭە‌ش ئە‌زالىرى،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌كتە‌پلىرىدە تە‌لىم بە‌رگۈچىلە‌ر،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار ۋە خىزمە‌ت ياردە‌مچىلىرى كىرىدۇ.‏ بۇ قېرىنداشلار يە‌ھۋانىڭ قىممە‌ت-‏باھالىق قويلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ جامائە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏2،‏ 3‏.‏

6.‏ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏6—‏8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن تە‌يىنلە‌نگە‌ن قېرىنداشلار نېمە قىلىش ئۈچۈن بار كۈچنى سالىدۇ؟‏

6 قېرىنداشلار ھە‌رتۈرلۈك ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن تە‌يىنلىنىدۇ.‏ خۇ‌ددى تە‌ننىڭ ھە‌رتۈرلۈك ئە‌زالىرى،‏ يە‌نى پۇ‌تلار ۋە قوللار بىر پۈتۈن تە‌ن ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلغانغا ئوخشاش ئاشۇ تە‌يىنلە‌نگە‌ن قېرىنداشلار پۈتكۈل جامائە‌تنىڭ پايدىسى ئۈچۈن تە‌ر تۆكمە‌كتە.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ئۈچۈن باشقىلاردىن شان-‏شە‌رە‌پ كۈتمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن بار كۈچىنى سالىدۇ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏6—‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز ئاشۇ جان كۆيدۈرە‌ر روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن بۇ‌رادە‌ر ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارمىز.‏

7.‏ كۆپلىگە‌ن تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ؟‏

7 جامائە‌تتە بە‌زىلە‌ر ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى [مىسسىئونېر]،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى،‏ مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە تە‌يىنلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا قېرىنداشلار ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئۈچۈن پۈتۈن ۋاقتىنى بېغىشلىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ گە‌رچە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق ۋە‌ز قىلىدىغانلارنىڭ پۇ‌لى كۆپ بولمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلە‌رگە تولغان ھايات بىلە‌ن مۇ‌كاپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ (‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30‏)‏.‏ بىز ئاشۇ قە‌دىرلىك قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇ‌لارنىڭ جامائە‌تنىڭ ئە‌زالىرى بولغانلىقىغا بە‌كمۇ مىننە‌تدارمىز!‏

8.‏ نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋا ئۈچۈن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك؟‏

8 پە‌قە‌ت تە‌يىنلە‌نگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر ۋە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلارنىڭلا جامائە‌تتە ئورنى بارمۇ؟‏ ياق،‏ ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ ھە‌ر بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى خۇ‌دا ۋە جامائە‌ت ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم (‏رىملىقلار 10:‏15؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 3:‏6—‏9‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە جامائە‌تنىڭ بىر مۇ‌ھىم مە‌قسىتى —‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنى تە‌ييارلاش (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ 1-‏تىموت.‏ 2:‏4‏)‏.‏ ۋە‌ز قىلغانلارنىڭ ھە‌ممىسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌نلە‌ر ياكى ئۆتمىگە‌نلە‌ر بولسۇ‌ن،‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنى ھاياتىدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم،‏ دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن بىز جامائە‌تتىكى ئايال كىشىلە‌رنى قە‌دىرلە‌يمىز؟‏

9 يە‌ھۋا جامائىتىدىكى ئايال كىشىلە‌رگە ئالاھىدە ئورۇ‌ن بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىگە ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئاياللارنى،‏ ئانىلارنى،‏ تۇ‌ل ئاياللارنى ۋە تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىغان قىزلارنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلغان نۇ‌رغۇ‌ن ئاياللارنىڭ مىساللىرى تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌لار دانالىقى،‏ ئىشە‌نچىسى،‏ قىزغىنلىقى،‏ باتۇ‌رلۇ‌قى،‏ مە‌رتلىكى ۋە ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختاشقا ئېرىشكە‌ن (‏لۇ‌قا 8:‏2،‏ 3؛‏ ئە‌لچى.‏ 16:‏14،‏ 15؛‏ رىملىقلار 16:‏3،‏ 6؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏3؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏11،‏ 31،‏ 35‏)‏.‏ بىزنىڭ جامائىتىمىزدە ئە‌نە شۇ‌نداق ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بار قېرىنداشلار ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بە‌ك مىننە‌تدارمىز!‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن ياشانغانلار بىز ئۈچۈن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك؟‏

10 جامائە‌تتە ياشانغانلارنىڭ بولۇ‌شى ھە‌م بىز ئۈچۈن چوڭ بە‌رىكە‌ت.‏ بە‌زى جامائە‌تلە‌ردە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئۆمۈر بويى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ياشانغانلار بار.‏ بە‌زى ياشانغانلار ھە‌قىقە‌تنى يېقىندا تونۇ‌غان.‏ كۆپۈنچە ياشانغانلار قېرىلىقتا بولىدىغان تۈرلۈك ئاغرىق-‏سىلاقلار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ قىيىنچىلىقلار سە‌ۋە‌بىدىن،‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تتە بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلالمايدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز خىزمە‌تتە ۋە باشقىلارغا ئىلھام ۋە تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگىنىچە بار كۈچىنى چىقىرىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌جرىبىلىرىنىڭ جامائە‌ت ئۈچۈن پايدىسى زور!‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا ئۈچۈن ۋە بىز ئۈچۈنمۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك.‏—‏پە‌ند.‏ نە 16:‏31‏.‏

11،‏ 12.‏ جامائىتىڭىزدىكى ياشلار سىزگە قانداق ئىلھام بە‌رگە‌ن؟‏

11 ئە‌مدى بىز ياشلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايلى.‏ ئۇ‌لار شە‌يتان ئىبلىس ۋە ئۇ‌نىڭ رە‌زىل پە‌لسە‌پە‌لىرى تە‌رىپىدىن باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقان دۇ‌نيادا ياشاۋاتقاچقا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ ياشلىرىمىز يىغىلىشتا جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ ۋە‌ز ئېيتىشقا چىققاندا ۋە باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىنى قوغدىغاندا،‏ بىز ئۇ‌لاردىن پە‌خىرلىنىپ،‏ ئىلھام ئالىمىز!‏ ياشلار،‏ سىلە‌رنىڭمۇ يە‌ھۋانىڭ جامائىتىدە مۇ‌ھىم ئورنۇ‌ڭلار بار!‏—‏زە‌بۇ‌ر 8:‏2‏.‏

12 ئە‌مما،‏ بە‌زى قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ جامائە‌تتە مۇ‌ھىم ئورنى بارلىقىغا ئىشىنىش قىيىن.‏ جامائە‌تتە ھە‌ربىرىمىزنىڭ شە‌خسە‌ن بىر كىشىلىك ئورنى بار ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بۇ‌نى ھازىر كۆرۈپ باقايلى.‏

جامائە‌تتە ئۆز ئورنىڭىزنى كۆرۈڭ

13،‏ 14.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى قېرىنداشلار ئۆزىنى جامائە‌تتە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

13 ئە‌مدى پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن بىز ئۆگىنە‌لە‌يدىغان ئىككىنچى ساۋاقنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئادە‌ملە‌ر دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا دىققىتىنى ئاغدۇ‌رغان.‏ كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ جامائە‌تتە مۇ‌ھىم ئورنى بار ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىش قىيىن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئە‌گە‌ر پۇ‌ت:‏ «مە‌ن قول بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تە‌نگە مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌سمە‌ن»،‏ دېسە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ تە‌ننىڭ بىر قىسىمى ئە‌مە‌سلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر قۇ‌لاق:‏ «مە‌ن كۆز بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تە‌نگە مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌سمە‌ن»،‏ دېسە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ تە‌ننىڭ بىر قىسىمى ئە‌مە‌سلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 12:‏15،‏ 16‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س بىزنى نېمىگە ئۆگە‌تمە‌كچى؟‏

14 ئە‌گە‌ر سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا باشلىسىڭىز،‏ جامائە‌تتە ئۆزىڭىزنىڭ ھېچ بىر پايدىسى يوقتە‌ك ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ جامائە‌تتە ھە‌ر كىشىنىڭ ئۆزىگە يارىشا قابىلىيە‌تلىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىلە‌ر ياخشى تە‌لىم بە‌رگۈچىلە‌ر،‏ باشقىلىرى ياخشى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغۇ‌چىلار،‏ يە‌نە بىرلىرى تە‌جرىبىلىك پادىچىلار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ سىز مە‌ندە ئۇ‌لارغا ئوخشاش قابىلىيە‌ت يوق،‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ بۇ سىزنىڭ كىچىك پېئىل ۋە كە‌متە‌ر ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ (‏فىلىپى.‏ 2:‏3‏)‏.‏ بىراق،‏ ئېھتىياتچان بولۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى دائىم قابىلىيە‌تلىك قېرىنداشلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رسىڭىز كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇ‌پ كېتىدۇ.‏ ھە‌تتا پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك جامائە‌تتە ئۆزىڭىزنى كېرە‌كسىزدە‌ك ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى يېڭىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 12:‏4—‏11-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىز ھە‌رخىل ھە‌دىيە‌لە‌ر ھە‌ققىدە نېمە بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 بىرىنچى ئە‌سىردە بولغان ۋە‌زىيە‌تنى مۇ‌لاھىزە قىلايلى.‏ يە‌ھۋا بە‌زى ئېتىقادچىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق ئاجايىپ ھە‌دىيە‌لە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىلا بۇ ھە‌دىيە‌لە‌رگە ئىگە بولمىغان ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 12:‏4—‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە ھە‌رخىل ھە‌دىيە‌لە‌ر ۋە قابىلىيە‌تلە‌رنى بە‌رسىمۇ،‏ لېكىن ھە‌ر بىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىنى قە‌دىرلىگە‌نىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق ئاجايىپ ھە‌دىيە‌لە‌رنى ئالمايمىز.‏ بىراق،‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردىكى پرىنسىپ ھازىرمۇ بىز ئۈچۈن پايدىلىق.‏ بە‌لكىم،‏ ھە‌ممىمىز ئوخشاش قابىلىيە‌تلە‌رگە ئىگە ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌نداقتىمۇ يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏

16.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ قانداق مە‌سلىھىتىنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا تە‌دبىقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىڭ.‏ ‏«ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆزدىن كە‌چۈرسۇ‌ن،‏ شۇ چاغدا ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماي،‏ پە‌قە‌ت ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىدۇ».‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏4‏.‏

17.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالساق،‏ قانداق پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز؟‏

17 ئە‌گە‌ر بىز ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالساق ۋە ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى تە‌كشۈرسە‌ك،‏ بىزدە باشقىلاردا يوق ئالاھىدە ھە‌دىيە‌لە‌ر ۋە قابىلىيە‌تلە‌ر بارلىقىنى بايقاشقا باشلايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاقساقال سە‌ھنىدە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشقا ماھىر بولمىسىمۇ،‏ لېكىن شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدا ئۇ‌ستا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ باشقا ئاقساقاللارغا قارىغاندا،‏ ئۇ‌نچىلىك ياخشى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغۇ‌چى بولمىسىمۇ،‏ بىراق قېرىنداشلار كېلىپ ئۇ‌نىڭدىن ئە‌ركىن-‏ئازادە مە‌سلىھە‌ت سورىيالايدىغان كۆيۈمچان پادىچىدە‌ك تونۇ‌لغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ‌نى ھە‌ممىسى مېھماندوست،‏ دە‌پ تونۇ‌يدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏2،‏ 16‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۆزۈمىزنىڭ كۈچى،‏ ھە‌دىيە‌لىرى ۋە قابىلىيە‌تلىرىنى ئېنىق كۆرسە‌ك،‏ شۇ‌ندىلا جامائە‌تكە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌لايدىغانلىقىمىزدىن خۇ‌شال بولۇ‌شقا سە‌ۋە‌بىمىز بولىدۇ.‏ بىزنىڭكىدىن پە‌رقلىق قابىلىيە‌تلىرى بار قېرىنداشلارغا ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق قىلمايمىز.‏

18.‏ قابىلىيە‌تلىرىمىزنى قانداق ئاشۇ‌رالايمىز؟‏

18 جامائە‌تتىكى ئورنىمىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھە‌رقايسىمىز خىزمە‌تنىڭ سۈپىتىنى ۋە قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ئىنتىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا بۇ جە‌ھە‌تتىن بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئۆز تە‌شكىلاتى ئارقىلىق ئاجايىپ تە‌ربىيىلە‌شلە‌رنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌پتە ئارلىقىدىكى يىغىلىشلاردا ۋە‌ز خىزمە‌تتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇ‌ش ئۈچۈن كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئالىمىز.‏ جامائە‌تتە ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئىشلىتىۋاتامسىز؟‏

19.‏ پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرى مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش ئۈچۈن قويغان مە‌قسە‌تلىرىڭىزگە قانداق يېتە‌لە‌يسىز؟‏

19 يە‌نە بىر تە‌لىم بېرىش پروگراممىسى بۇ پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرى ئۈچۈن مە‌كتە‌پ.‏ بۇ مە‌كتە‌پتە 23 دىن 65 ياشقىچە بولغان تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار ئوقۇ‌يالايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز مە‌ن ھە‌رگىزمۇ بۇ مە‌كتە‌پكە ئوقۇ‌شقا بارالمايمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ بۇ مە‌كتە‌پكە نېمە ئۈچۈن بارالمايدىغانلىقىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق سە‌ۋە‌بلە‌ر ئۈستىدە ئە‌مە‌س،‏ نېمە ئۈچۈن بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ ئاندىن كېيىن،‏ مە‌كتە‌پكە بېرىشقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلارنى تىزىملاپ ئېنىق پىلان تۈزۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلە‌ن مۇ‌مكىن ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنگە‌ن نە‌رسە،‏ رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇ‌مكىن.‏

قابىلىيە‌تلىرىڭىزنى جامائە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىڭ

20.‏ رىملىقلار 12:‏6—‏8-‏ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

20 پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن ئۆگىنە‌لە‌يدىغان ئۈچىنچى ساۋاق رىملىقلار 12:‏6—‏8-‏ئايىتىدە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌رخىل ھە‌دىيە‌لە‌رگە ئىگە ئىكە‌نلىكىنى يە‌نە بىر قېتىم كۆرسە‌تكە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۇ بىزگە ئىگە بولغان ھە‌رقانداق ھە‌دىيە‌لە‌رنى جامائە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏

21،‏ 22.‏ روبېرت ياكى فېلىسنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟‏

21 روبېرت ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ چە‌تئە‌لدە بىراز ۋاقىت خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆز دۆلىتىدىكى بە‌يتە‌لگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ گە‌رچە بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۇ‌نىڭ ۋە‌زىپىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە،‏ ئۇ ھېچبىر ئىشنى خاتا قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا قىيىن بولغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۆز ۋە‌زىپە‌منى توغرا ئورۇ‌ندىيالمىدىم دە‌پ،‏ سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌پ،‏ بىرنە‌چچە ئايغىچە كۆڭلۈم يېرىم يۈردۈم.‏ بە‌يتە‌لدىكى خىزمە‌تنى توختىتىشنى خالىغان ۋاقىتلىرىم بولغانىدى».‏ ئۇ قايتىدىن خۇ‌شال بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏ بىر ئاقساقال ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ يە‌ھۋا ئىلگىرى تاپشۇ‌رغان خىزمە‌تلە‌ر ئارقىلىق بىزنى تە‌ربىيىلىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھازىرقى تاپشۇ‌رۇ‌لغان خىزمە‌تلە‌رنى ياخشى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن بىز ئۆز ھە‌سسىمىزنى تېخىمۇ كۆپرە‌ك قوشالايمىز.‏ روبېرت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى خىزمىتىگە ئە‌مە‌س،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلىۋاتقان خىزمىتىگە دىققىتىنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏

22 فېلىس ئېپىسكوپو ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ 1956-‏يىلى ئۇ ئايالى بىلە‌ن بىرگە گىلىئاد مە‌كتىپىنى تاماملاپ،‏ بولىۋىيىدە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان.‏ 1964-‏يىل،‏ ئۇ‌لار بالىلىق بولۇ‌پ قالغان.‏ فېلىس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۆزىمىز شۇ‌نچە ياخشى كۆرىدىغان خىزمە‌تتىن ئايرىلىش قىيىن بولدى.‏ مە‌ن ئۈمىدسىزلىككە تولۇ‌پ،‏ بىر يىل ۋاقتىمنى بىكار ئۆتكۈزۈۋە‌تتىم.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن مە‌ن كۆز قارىشىمنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ پۈتۈن دىققىتىمنى ئاتا-‏ئانا بولۇ‌ش يېڭى ۋە‌زىپىسىگە ئاغدۇ‌ردۇ‌م».‏ سىز روبېرت ياكى فېلىسقا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولدىڭىزمۇ؟‏ بۇ‌رۇ‌ن قىلغان خىزمىتىڭىزنى ھازىر قىلالمايۋاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇ‌پ يۈرۈۋاتامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ يە‌ھۋاغا ۋە قېرىنداشلىرىڭىزغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن دە‌ل ھازىر نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇ‌رسىڭىز،‏ خۇ‌شالراق بولىسىز.‏ ھە‌دىيە‌لىرىڭىز ۋە قابىلىيە‌تلىرىڭىزنى ھە‌ردائىم باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئىشلە‌تسىڭىز،‏ جامائە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق تاپالايسىز.‏

23.‏ بىز نېمە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرە‌ك ۋە كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

23 ھە‌ربىرىمىز يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا قىممە‌ت-‏باھالىق.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز ۋاقىت چىقىرىپ قېرىنداشلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئويلانساق ۋە قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ بىزدە جامائە‌تتە ئۆزىمىزنىڭ ئورنى يوقتە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ پە‌يدا بولمايدۇ.‏ سىزنىڭ جامائە‌تتىكىلە‌رگە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ بۇ مۇ‌ھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

16-‏ناخشا قېچىپ بار خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىغا!‏

a ھە‌رقايسىمىز يە‌ھۋا ئۈچۈن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىمىزنى ھېس قىلىشنى خالايمىز.‏ لېكىن،‏ بىز بە‌زىدە «مېنىڭ بىر پايدام بارمۇ؟‏» دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدىن،‏ جامائە‌تتە ھە‌ربىرىمىزنىڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بۇ ئۈچ سۈرە‌تتە جامائە‌ت يىغىلىشتىن ئىلگىرى،‏ يىغىلىش ۋاقتىدا ۋە ئۇ‌نىڭدىن كېيىن بولۇ‌ۋاتقان ۋە‌زىيە‌تلە‌ر كۆرسىتىلگە‌ن.‏ 1-‏سۈرە‌ت.‏ ئاقساقال يىغىلىشقا كە‌لگە‌ن كىشىنى ئىللىق قارشى ئېلىۋاتىدۇ.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر ئاۋاز كۈچە‌يتىش قۇ‌رۇ‌لمىلىرىنى ئورنىتىۋاتىدۇ.‏ بىر قېرىندىشىمىز ياشانغان قېرىندىشىمىز بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ 2-‏سۈرە‌ت.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ماقالىسى تە‌تقىق قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا،‏ ياش ۋە ياشانغان قېرىنداش جاۋاب بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.‏ 3-‏سۈرە‌ت.‏ بىر ئە‌ر-‏ئايال ئىبادە‌ت زالىنى تازىلاۋاتىدۇ.‏ ئاپىسى قىزىنىڭ ئىئانە ساندۇ‌قىغا پۇ‌ل سېلىشىغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر ماتېرىياللارنى رە‌تلە‌ۋاتىدۇ.‏ بۇ‌رادە‌ر ياشانغان قېرىنداشقا ئىلھام بېرىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىۋاتىدۇ.‏