ئەيسا ھەقىقەتەن مەن ئۈچۈن ئۆلگەنمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىزگە ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلاردا بولغانلىقى يېزىلغان (ياقۇپ 5:17). مەسىلەن، بىز رىملىقلار 7:21—24-ئايەتلەردە يېزىلغان ئەلچى پاۋلۇسنىڭ: «توغرا ئىش قىلماقچى بولغىنىمدا، يېنىمدا يامانلىق ماڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ… . مەن نېمانچە بىچارە ئادەممەن!»— دېگەن سۆزلىرىنى ياخشى چۈشىنىمىز. پاۋلۇسنىڭ شۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى ئۆز نامۇكەممەللىكىمىز بىلەن كۈرەش قىلغاندا بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
ئەلچى پاۋلۇس باشقا ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدىمۇ يازغان. ئۇ گالاتىيالىقلار 2:20-ئايەتتە، مەسىھ ئەيسا توغرىسىدا: «مېنى سۆيگەن ۋە ئۆزىنى مەن ئۈچۈن پىدا قىلغان»،— دەپ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان. سىزمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا ۋە ئىشەنچتە بولامسىز؟ بەلكىم، بەزىدە بۇ قىيىن بولىدىغاندۇ.
ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلار تۈپەيلى، ئۆزىڭىزنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغاندەك ھېس قىلسىڭىز، يەھۋا خۇدانىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا، كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئەيسا ھاياتىنى شەخسەن سىز ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىقىغا ئىشىنىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئەيسا ھاياتىنى شەخسەن مەن ئۈچۈن قۇربان قىلدى، دەپ ئويلىشىڭىزنى خالامدۇ؟ ئەگەر خالىسا، شۇنداق كۆز قاراشتا بولۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ كېلىڭ، بۇ ئىككى سوئالغا جاۋاب تاپايلى.
ئەيسانىڭ كۆز قارىشى
ئەيسا تۆلەم قۇربانلىقىنى شەخسەن ھەربىرىمىزگە بېرىلگەن ھەدىيە، دەپ قارىشىمىزنى خالايدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟ لۇقا 23:39—43- ئايەتلەردە يېزىلغان ۋەقەنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئەيسانىڭ قېشىدا تۈۋرۈككە مىخلانغان جىنايەتچى ئۆتمۈشتە قىلغان قىلمىشلىرى ئۈچۈن توۋا قىلغان. ئۇ بەك ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن، چۈنكى ئادەتتە پەقەت قىلمىشى ئېغىر جىنايەتچىلەرلا شۇنداق جازاغا تارتىلاتتى. بۇ كىشى شۇ ئەھۋالدا قاتتىق ئازابلىنىپ: «پادىشاھ بولغىنىڭدا مېنى ئەسلىگەيسەن»،— دەپ ئەيساغا يالۋۇرغانىدى.
ئەيسا نېمە قىلغان؟ ئەيسا ئۈچۈن بېشىنى بۇراپ، جىنايەتچىگە قاراشنىڭ ئۆزى قانچىلىك قاتتىق ئاغرىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. جېنىنىڭ قاتتىق قىينالغىنىغا قارىماستىن، ئۇ كۈلۈمسىرەپ، يېنىدىكى كىشىگە تەسەللىي بەرگەن. ئەيسا ئۇنىڭغا: «بەرھەق، مەن بۈگۈن ساڭا ئېيتىمەنكى، سەن مېنىڭ بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن»،— دېگەن. ئەيسا شۇ كىشىگە «ئىنسان ئوغلى … جېنىنى نۇرغۇنلار ئۈچۈن تۆلەم سۈپىتىدە بېرىشكە كەلدى»،— دەپ ئېيتسىمۇ بولاتتى (مەتتا 20:28). لېكىن، بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ ھاياتىنى شەخسەن شۇ ئادەم ئۈچۈن پىدا قىلغانلىقىنى مېھرىبانلىق بىلەن تەكىتلىگەن. ئەيسا «سەن مېنىڭ بىلەن» ۋە «بولىسەن» دېگەن يېقىملىق سۆزلەر بىلەن شۇ كىشىنىڭ يەردىكى جەننەتتە ياشاش ئۈمىدى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئەيسا شۇ جىنايەتچىگە ئۇ ھاياتىنى شەخسەن ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پىدا قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەگەر ئەيسا ھەتتا خۇداغا خىزمەت قىلىشقا مۇمكىنچىلىكى بولمىغان جىنايەتچىگە شۇنداق كۆز قاراشتا بولسا، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىنى تېخىمۇ ئارتۇقراق قەدىرلىمەمدۇ؟ ئۇنداقتا، ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىمىزغا قارىماستىن، ئەيسانىڭ شەخسەن بىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
پاۋلۇسقا نېمە ياردەم بەرگەن؟
ئەيسا ئەلچى پاۋلۇسقا ۋەز قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. بۇنىڭدىن پاۋلۇس ئەيسا ئۆز جېنىنى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇربان قىلغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. ئۇ مۇنداق، دەپ يازغان: «ماڭا 1-تىموت. 1:12—14). ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىدىن پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ئىشەنگەنلىكىنى چۈشەنگەن. ئەيسا بىزگىمۇ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان (مەتتا 28:19، 20). بۇ ۋەزىپە، ئەيسا بىز ئۈچۈنمۇ ئۆلگەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟
كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەن ھەزرىتىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ، ۋەز خىزمەتكە تەيىنلىدى. گەرچە مەن بۇرۇن كۇپۇرلۇق قىلغۇچى، زىيانكەشلىك قىلغۇچى ۋە ھاقارەت قىلغۇچى ئادەم بولغان بولساممۇ، ئۇ ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتتى» (جامائەتتىن چىقىرىلغىنىغا 34 يىل بولغان ۋە يېقىندا تەشكىلاتقا قايتىپ كەلگەن ئالبېرت ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھىم ھەردائىم كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. بىراق، مەن ۋەز خىزمىتىگە چىققاندا، ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، ماڭا بۇ تاپشۇرۇقنى ئەيسا بەرگەنلىكىنى چۈشىنىمەن. بۇ روھۇمنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈمگە، ھاياتىمغا ۋە كېلەچىكىمگە ئىجابىي كۆز قاراشتا بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ».—زەبۇر 51:3.
ھەرخىل ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندە، ئەيسانىڭ ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت ۋە مېھر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغانلىقىغا، ئۇلارنى ئىشەندۈرۈڭ
ھەقىقەتنى بىلمىگەندە، زوراۋان جىنايەتچى بولغان ئالان مۇنداق دەيدۇ: «ئادەملەرگە قانچە ئازاب كەلتۈرگەنلىكىمنى ئۇنتالمايمەن. بەزىدە شۇنى ئويلاپ، چۈشكۈنلۈككە چۈشىمەن. بىراق، يەھۋا خۇدانىڭ مېنىڭدەك گۇناھكار ئادەمگە خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن بەك مىننەتدارمەن. ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى كۆرگەندە، يەھۋا خۇدانىڭ قانچىلىك مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئالىمەن. يەھۋا مېنى ئۆزۈمگە ئوخشاش يامان ئىشلارنى قىلغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن».
بىز ۋەز قىلغاندا، ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىمىز ۋە ياخشى نەرسىلەر ھەققىدە ئويلايمىز. ئەيسانىڭ بىزگە ۋەز قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانلىقىدىن، ئۇنىڭ بىزگە بولغان رەھىم-شەپقىتى، سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە ئىشەنچىسىنى كۆرەلەيمىز.
يەھۋا بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىن ئۇلۇغدۇر
شەيتاننىڭ دۇنياسى يوق قىلىنمىغىچە، ۋىجدانىمىز بىزنى ئۆتمۈشتە قىلغان گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن قايتا-قايتا ئەيىبلىشى مۇمكىن. شۇنداق يامان ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
جېين ئىسىملىك قېرىنداش ياش چېغىدا ئۆيدە ۋە جامائەتتە ياخشى بولۇپ كۆرۈنگەن، ئەمما باشقا يەردە يامان ئىشلارنى قىلىپ، ئىككى يۈزلۈك ھايات كەچۈرگىنى ئۈچۈن ئۆزىنى تېخىغىچە ئەيىبلەيدۇ. ئۇ: «خۇدا بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئۇلۇغ› ئىكەنلىكىنى بىلىش مەن ئۈچۈن چوڭ تەسەللىي»،— دەيدۇ (1-يۇھاننا 3:19، 20). جېينغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا بىزنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىپ، كۆڭلىمىز تەسەللىي تاپىدۇ. ئۇلار تۆلەم قۇربانلىقىنى مۇكەممەل ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، توۋا قىلىدىغان گۇناھكارلار ئۈچۈن بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.—1-تىموت. 1:15.
ئەيسانىڭ نامۇكەممەل ئىنسانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلىغاندا ۋە بىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى بار كۈچىمىز بىلەن ئورۇندىغاندا، بىز تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ شەخسەن بىز ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىمىز. شۇندىلا، بىزمۇ پاۋلۇسقا ئوخشاش مۇنداق ئېيتالايمىز: ئەيسا مەسىھ «مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان».