27-تەتقىق ماقالىسى
زىيانكەشلىككە ھازىر تەييارلىق قىلىڭ
«مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىپ، خۇداغا سادىق ھايات كەچۈرۈشنى ئىرادە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ».—2-تىموت. 3:12.
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. بىز نېمە ئۈچۈن زىيانكەشلىككە تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
ھەزرىتى ئەيسا مەسىھ ئۆز شاگىرتلىرىنى ئادەملەرنىڭ ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆلۈمى ئالدىدىكى ئاخىرقى كۈنى شۇ توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان (يۇھاننا 17:14). يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىلەر تا بۈگۈنكى كۈنگىچە خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ (2-تىموت. 3:12). بۇ دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.—مەتتا 24:9.
2، 3. (1) قورقۇنچنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ (2) بۇ ماقالە نېمە ھەققىدە؟
2 ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قانداق تەييارلىق قىلساق بولىدۇ؟ قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، سەلبىي يەنى يامان ئوي-خىياللارنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. سەۋەبى، «قورققانغا قوش كۆرۈنەر» دېيىلگەندەك، ئەگەر قىيىنچىلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلساق، بىزنى قورقۇنچ چىرمىۋېلىشى ھەمدە تېخى بېشىمىزغا سىناق كەلمەي تۇرۇپ، بەل قۇيۋېتىپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىمىز مۇمكىن (پەند. نە 12:25؛ 17:22). قورقۇنچ — دۈشمىنىمىز ئىبلىسنىڭ كۈچلۈك قورالى (1-پېتر. 5:8، 9). زىيانكەشلىككە تەييار بولۇش ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلالايمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، يەھۋا خۇدا بىلەن دوستلىقىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋە ھازىرىرىنىڭ ئۆزىدە شۇنداق قىلىش كېرەكلىكىگە دىققەت ئاغدۇرىمىز. شۇنداقلا بىز تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇنداقلا باشقىلار بىزنى ئۆچ كۆرگەندە، قانداق ھەرىكەت قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.
يەھۋا خۇدا بىلەن دوستلىقىمىز كۈچەيسۇن
4. ئىبرانىيلار 13:5، 6-ئايەتكە ئاساسەن، نېمىگە ئىشەنچ قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
4 يەھۋا خۇدا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ (ئىبرانىيلار 13:5، 6-نى ئوقۇڭ). كۆپ يىللار بۇرۇن «كۈزىتىش مۇنارى» ژورنلىدا: «خۇدانى ياخشى بىلگەن ئادەم سىناق ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تايىنىدۇ»،— دەپ يېزىلغان. بۇ سۆزلەرنىڭ جېنى بار! دۈشمەنلەرنىڭ قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەھۋانى سۆيىشىمىز، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تايىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن گۇمان قىلماسلىقىمىز كېرەك.—مەتتا 22:36—38؛ ياقۇپ 5:11.
5. يەھۋا خۇدا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
5 يەھۋاغا يېقىنراق بولۇش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇڭ (ياقۇپ 4:8). ئوقۇغان چاغدا يەھۋا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببەت، رەھىم-شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقتەك خىسلەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇڭ. يەھۋا خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ (چىق. 34:6). بەزى ئادەملەر ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىن، چۈنكى ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرمەي چوڭ بولغان. سىزمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغىدا بولسىڭىز، ھەر كۈنى يەھۋا سىزگە مېھرىبانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەنلىكىنى يېزىپ خاتىرلەڭ (زەبۇر 78:38، 39؛ رىملىقلار 8:32). خۇدا سۆزىدىن ئوقۇغانلىرىڭىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاندا ۋە ئۆز تەجرىبە ساۋاقلىرىڭىز توغرۇلۇق ئويلىغاندا، يەھۋانىڭ سىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغانلىقىنى چۈشىنىسىز. ئۇنىڭ سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى قانچە قەدىرلىگەنسېرى، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىز شۇنچە مەھكەم بولىدۇ.—زەبۇر 116:1، 2.
6. زەبۇر 94:17—19-ئايەتلەرگە ئاساسەن، چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىش سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6 دائىم دۇئا قىلىڭ. دادىسىنىڭ قۇچىغىدا ئولتۇرغان بالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. بېشىدىن ئۆتكەن ياخشى-يامان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دادىسىغا ئەركىن ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. سىزمۇ يەھۋا خۇدا بىلەن شۇنداق مۇناسىۋەتتە بولالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەر كۈنى چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىڭ (زەبۇر 94:17—19-نى ئوقۇڭ). كۆيۈمچان ئاتىڭىزغا ئىچ باغرىڭىزنى تۆكۈپ، غەم-ئەندىشىلىرىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىڭ (يەرەم. يىغ 2:19). شۇ چاغدا، مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خۇدانىڭ تىنچلىقى»غا ئىگە بولىسىز (فىلىپى. 4:6، 7). يەھۋاغا قانچە كۆپ دۇئا قىلسىڭىز، ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىن بولىسىز.—رىملىقلار 8:38، 39.
7. نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك؟
7 خۇدانىڭ پادىشاھلىقى بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ (سانلار 23:19). ئەگەر ئىشەنچىڭىز ئاجىز بولسا، شەيتان ۋە ئۇنى ياقلىغۇچىلار سىزنى ئاسان قورقۇتالايدۇ (پەند. نە 24:10؛ ئىبرانىي. 2:15). خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟ پادىشاھلىق ھەققىدىكى ۋەدىلەر ۋە ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى توغرۇلۇق تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ. بۇ قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ ئېتىقادى ئۈچۈن يەتتە يىل قاماقتا ئولتۇرغان ستانلىي جونس بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قېلىشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خۇدا پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئالغانسېرى ئېتىقادىم مۇستەھكەملەندى، شۇڭا ھېچ گۇمانىم بولمىغانىدى. ھېچكىم مېنى يەھۋانى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرلىيالمىغان». خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە قەتئىي ئىشەنسىڭىز، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىن بولىسىز ۋە قورقۇنچقا چۈشمەيسىز.—پەند. نە 3:25، 26.
8. يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا قانداق قارايدىغانلىقىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
8 يىغىلىشلارنى تاشلىماڭ. يىغىلىشلار ئارقىلىق يەھۋاغا يېقىن بولالايسىز. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز، كەلگۈىسىدە زىيانكەشلىككە قانچىلىك تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ (ئىبرانىي. 10:24، 25). چۈنكى، ئەگەر بىز بۈگۈن كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك يىغىلىشلارغا بارمىساق، كېلەچەكتە ئېتىقادداشلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ھاياتىمىزنى تەۋەككۈل قىلىشقا توغرا كەلسە نېمە قىلىمىز؟ ئەكسىنچە، يىغىلىشلارنى تاشلىمىساق دۈشمەنلىرىمىز جەم بولۇپ ئىبادەت قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلسا، بىزنى ھېچ نېمە توختىتالمايدۇ. يىغىلىشلارغا قاتنىشىشنى ياخشى كۆرۈشنى ھازىر ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يىغىلىشلارنى ياخشى كۆرسەك، ھېچقانداق قارشىلىقلار، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلىشىمۇ ئادەمگە ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىزغا توسالغۇ بولمايدۇ.—ئەلچى. 5:29.
9. ئايەتلەرنى يادقا بىلىش سىناقلارغا تەييار بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
9 ئۆزىڭىزگە ياقىدىغان ئايەتلەرنى يادلاۋېلىڭ (مەتتا 13:52). بەلكىم، سىز ئايەتلەرنى ئەستە ساقلىيالمايمەن دەيدىغانسىز. لېكىن، يەھۋا خۇدا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق شۇ ئايەتلەرنى ئېسىڭىزگە ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ (يۇھاننا 14:26). شەرقىي گېرمانىيىدە بىر كىشىلىك تۈرمىدە ئولتۇرغان بۇرادەر مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ 200دىن ئوشۇق ئايەتلەرنى يادقا بىلگىنىم بەكمۇ ياخشى بولدى. يالغۇز بولساممۇ، ئويۇم ھەرقاچان روھىي ماۋزۇلار بىلەن تولغان ئىدى». شۇ ئايەتلەر بۇرادىرىمىزگە يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ۋە سادىق بولۇپ قېلىشقا ياردەم بەرگەن.
10. نېمە ئۈچۈن ناخشىلارنى يادلىۋېلىشىمىز كېرەك؟
10 يەھۋانى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلارنى يادلىۋېلىپ، ئېيتىپ يۈرۈڭ. فىلىپى شەھىرىدە قاماقتا بولغاندا پاۋلۇس بىلەن سىلاس يادقا بىلگەن ناخشىلارنى ئېيتىپ، يەھۋانى مەدھىيىلىگەن (ئەلچى. 16:25). سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا سېبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان قېرىنداشلار بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولغان. مارىيا فېدۇن قېرىنداش ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ناخشا كىتابىدىن ئۆگىنىۋالغان ھەممە ناخشىلارنى ئېيتتۇق». شۇ ناخشىلار ئۇلارغا ئىلھام بېرىپ، يەھۋاغا يېقىن بولۇشقا ياردەم بەرگەن. سىز ناخشا كىتابى ۋە تور بېكىتىدىكى ياخشى كۆرگەن ناخشىڭىزنى ئېيتقاندا، غەيرەتكە تولىدىغانلىقىڭىزنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا ناخشىلارنى يادلىۋېلىڭ. « بىزگە جاسارەت بەرگىن!» دېگەن رامكىغا قاراڭ.
تېخىمۇ باتۇر بولۇڭ
11، 12. (1) 1-سامۇئىل 17:37، 45—47-ئايەتلەرگە ئاساسەن، داۋۇت نېمىشقا باتۇر بولغان؟ (2) داۋۇتنىڭ مىسالىدىن قانداق مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز؟
11 قارشىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق كېرەك. ئەگەر سىزدە باتۇرلۇق يېتىشمىسە نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ ھەقىقىي باتۇرلۇق چوڭ-كىچىكلىكىڭىزگە، كۈچىڭىزگە ۋە قابىلىيىتىڭىزگە باغلىق ئەمەس. غولىياتقا قارشى تۇرغان داۋۇتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. بوي-بەستى بەكمۇ يوغان غولىياتقا قارىغاندا داۋۇت كىچىكىنە، ئاجىز بولۇپ، ئۇ جەڭچىلەردەك قوراللانمىغان ئىدى. داۋۇتنىڭ ھەتتا قىلىچىمۇ بولمىغان. ئەمما، ئۇ غەيرەت-جاسارەتكە تولغان بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ھاكاۋۇر غولىياتقا قارشى جەڭگە چىققان.
12 داۋۇتنى نېمە شۇنچىلىك باتۇر قىلغان؟ يەھۋا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلغان (1-سامۇئىل 17:37، 45—47-نى ئوقۇڭ). داۋۇت غولىياتنىڭ ئۆزىدىن قانچىلىك ھەيۋەتلىك بولغانلىقىغا ئەمەس، غولىيات يەھۋاغا قارىغاندا قۇرتتەك كىچىك بولغانلىقىغا كۆپرەك دىققەت قىلغان. بىز بۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ئەگەر يەھۋانىڭ بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەك ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئالەم ئېگىسىگە قارىغاندا قانچىلىك كىچىك ئىكەنلىكىنى يادىمىزدا تۇتساق، جاسارەتلىك بولىمىز (2-تارىخ. 20:15؛ زەبۇر 16:8). ھازىرنىڭ ئۆزىدە، سىناقلار باشلانماي تۇرغاندا، جاسارەتكە قانداق ئىگە بولالايمىز؟
13. تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
13 بىز پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلساق، تېخىمۇ جاسارەتلىك بولالايمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئېيتالايمىز؟ چۈنكى، ۋەز قىلغاندا، يەھۋاغا تايىنىشنى ۋە ئادەملەردىن قورقماسلىقنى ئۆگىنىمىز (پەند. نە 29:25). مەشىق قىلىپ بەدىنىمىزنى چىنىقتۇرىدىغاندەك، ئۆيمۇ-ئۆي، ئاممىۋى سورۇنلاردا، سودا-سېتىق قىلدىغان جايلاردا رەسىمى ياكى نارەسمىي ۋەز قىلىش بىزنى تېخىمۇ جاسارەتلىك قىلىدۇ. ۋەز قىلىپ، جەسۇرلۇقنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە راۋاجلاندۇرساق، پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاندىمۇ، ۋەز قىلىشقا تەييار بولىمىز.—1-سالونىكا. 2:1، 2.
14، 15. نەنسى يۇئەن بىلەن ۋالېنتىنا گارنوۋسكايا قېرىنداشلارنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
14 ئاجايىپ جەسۇرلۇقنى كۆرسەتكەن ئىككى قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى. نەنسى يۇئەن قېرىندىشىمىزنىڭ بويى 5، 1 مېتىر بولسىمۇ، ئۇنى قورقۇتۇش ئاسان بولمىغان b. ئۇ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشنى توختاتمىغانلىقتىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇنى 20 يىلدىن ئوشۇق تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. ئۇنى سوراق قىلغانلار قېرىندىشىمىز نەنسى يۇئەننى شۇ دۆلەتتىكى «ئەڭ تەرسا ئادەم» دېگەن ئىدى.
15 شۇنىڭغا ئوخشاش سوۋېت ۋاقتىدا ۋالېنتىنا گارنوۋسكايا قېرىندىشىمىز ئۈچ قېتىم قاماققا ئېلىنىپ، جەمئىي 21 يىل تۈرمىدە ئولتۇرغان c. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ ۋەز قىلىشنى توختاتماسلىققا قەتئىي بەل باغلىغانلىقتىن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇنى «ئالاھىدە خەتەرلىك جىنايەتچى» دەپ ئاتىغان. بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە باتۇر بولغان؟ چۈنكى يەھۋا خۇدانىڭ ئۆزلىرى تەرەپتە ئىكەنلىكىگە ئۇلارنىڭ ئىشەنچى كامىل بولغان.
16. ھەقىقىي باتۇرلۇقنىڭ سىرى نېمە؟
16 يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، جاسارەتلىك بولۇش ئۈچۈن بىز كۈچىمىزگە ۋە قابىلىيىتىمىزگە تايانماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا يەھۋا بىز بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىغا ۋە بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم (تەكرار. قا 1:29، 30؛ زەكەرىيا 4:6). بۇ — باتۇرلۇقنىڭ سىرى.
«ئادەملەر سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ»
17، 18. يۇھاننا 15:18—21-ئايەتلەردە، ئەيسا بىزنى نېمە، دەپ ئاگاھلاندۇرغان؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
17 بىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇشنى خالايمىز، ئەمما قەدىر-قىممىتىمىز ئادەملەرنىڭ كۆز قارىشىغا باغلىق بولماسلىقى كېرەك. ئەيسا: «ئىنسان ئوغلى سەۋەبلىك، ئادەملەر سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، تۆھمەت قىلىپ ھاقارەتلىسە، يامان دەپ ئىسىمىڭلارنى ئارىلىرىدىن چىقارسا، نەقەدەر بەختلىكسىلەر»،— دېگەن (لۇقا 6:22). ئەيسا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق نېمە دېمەكچى بولغان؟
18 ئەيسا باشقىلار بىزنى ئۆچ كۆرسە، خۇشال بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان. ئەكسىچە، ئۇ بىزنى كېلەچەكتە بولىدىغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان. بىز بۇ دۇنيادىن ئەمەس. بىز ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە ماس ھايات كەچۈرىمىز ۋە خۇش خەۋەرنى ئېيتىمىز. شۇ سەۋەبتىن بۇ دۇنيا بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ (يۇھاننا 15:18—21-نى ئوقۇڭ). بىز يەھۋانى خۇشال قىلىشنى خالايمىز. يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرسە، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلمايمىز.
19. ئەلچىلەردىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
19 يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئادەملەر سىزنى گەپ-سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە سىزنى نۇمۇسقا قالدۇرۇشقا تىرىشىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنداق ھېس-تۇيغۇلارغا يول بەرمەڭ (مىكاھ 4:5). ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېرۇسالىمدىكى ئەلچىلەرنىڭ قانداق ئۈلگە قالدۇرغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش بىزگە ئىنسان ئالدىدىكى قورقۇنچنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەلچىلەر يەھۇدىي دىن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلارنى قانچىلىك ئۆچ كۆرگەنلىكىنى ياخشى بىلگەن (ئەلچى. 5:17، 18، 27، 28). بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلق ئالدىدا ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتقان (ئەلچى. 5:42). ئەلچىلەر قورقۇنچ ئۇلارنى چىرمىۋېلىشىغا يول قويمىغان. خىزمەتداشلىرىمىز، سىنىپداشلىرىمىز ياكى خولۇم-قوشنىلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئوچۇق ئېيتساق، بىزمۇ ئادەملەردىن قورقمايدىغان بولىمىز.—ئەلچى. 4:29؛ رىملىقلار 1:16.
20. ئادەملەر ئەلچىلەرنى ئۆچ كۆرسىمۇ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن خۇشال بولغان؟
20 ئەلچىلەر نېمە ئۈچۈن خۇشال بولغان؟ چۈنكى، ئەلچىلەر ئادەملەر ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئۆچ كۆرگەنلىكىنى بىلگەن ۋە يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىغانلىقى ئۈچۈن ئازاب چېكىشنى شان-شەرەپ، دەپ قارىغان (لۇقا 6:23؛ ئەلچى. 5:41). ئەلچى پېترۇس: «ھەتتا ھەققانىيلىق ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، سىلەر بەختلىكسىلەر»،— دەپ يازغان (1-پېتر. 2:19—21؛ 3:14). بىز توغرا ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن بىزدىن نەپرەتلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندە، بىزنى قورقۇتۇشقا ھېچقاچان يول بەرمەيمىز. ئادەملەرنىڭ ئۆچ كۆرگەنلىكىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىغا ھەرگىز يول بەرمەيمىز.
تەييار بولۇشنىڭ پايدىسى
21، 22. (1) سىناقلارغا تەييارلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟ (2) كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
21 بىز زىيانكەشلىككە قاچان ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى ياكى ھۆكۈمەت پائالىيىتىمىزنى قاچان مەنئىي قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، كېلەچەكتىكى سىناقلارغا قانداق تەييارلىق قىلالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ يەھۋا بىلەن دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، جەسۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرگەندە قانداق ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز مۇھىم. بۇ بىزگە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
22 لېكىن، پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنسىچۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە ھۆكۈمەت بىزگە قارشى چىققاندا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
a ھېچقايسىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى ئۆچ كۆرۈشىنى خالىمايمىز. لېكىن، قاچانلا بولمىسۇن، بىر كۈنى ھەممىمىز قارشىلىققا دۇچ كېلىمىز. بۇ ماقالە بىزگە جاسارەتلىك بولۇپ سىناقلارغا، زىيانكەشلىككە تەييار بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
b «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 1981-يىل، 1-يانۋار سانىنىڭ 4—7 بەتلىرىگە قاراڭ. شۇنداقلا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى «يەھۋا خۇدانىڭ ئىسىمى نامايان بولىدۇ» (باشقا تىلدا) ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ (سۆھبەتلەر ۋە ۋەقەلەر دېگەن توپلامغا قاراڭ).