مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئە‌يسا قاچان باش روھانىي بولغان؟‏ يېڭى ئە‌ھدىنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولۇ‌شى بىلە‌ن قاچان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى ئارىسىدا قانداق پە‌رق بار؟‏

ئە‌يسا مىلادى 29-‏يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئۇ باش روھانىي بولغان.‏ بۇ‌نىڭغا قانداق ئىسپاتلار بار؟‏ ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئۆزىنى تە‌غدىم قىلغان.‏ ئۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏گالاتىيا.‏ 1:‏4؛‏ ئىبرانىي.‏ 10:‏5—‏10‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى قۇ‌ربانگاھ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆز جېنىنى بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ خۇ‌ددى سىمۋوللۇ‌ق قۇ‌ربانگاھتا قۇ‌ربانلىق قىلغاندە‌ك بولدى.‏ بۇ سىمۋوللۇ‌ق قۇ‌ربانگاھ ئە‌يسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىدىن تارتىپ مە‌ۋجۇ‌ت بولغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا قە‌دىمقى ئىسرائىللار ئۈچۈن پاك ئىبادە‌تنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندە‌ك،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىمۇ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىققا ئاساسلانغان روھىي پاك ئىبادە‌تنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ شۇ‌نداقلا قۇ‌ربانگاھ قە‌دىمدە ئىبادە‌تخانىدا مۇ‌ھىم ئورۇ‌ن ئالغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىمۇ ئۇ‌لۇ‌غ روھىي ئىبادە‌تخانىدا مۇ‌ھىم ئورۇ‌ن ئالىدۇ.‏—‏مە‌تتا 3:‏16،‏ 17؛‏ ئىبرانىي.‏ 5:‏4—‏6‏.‏

ئۇ‌لۇ‌غ روھىي ئىبادە‌تخانا پە‌يدا بولغاچقا،‏ باش روھانىيمۇ كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ھە‌م قۇ‌درىتى» بىلە‌ن ئە‌يسا باش روھانىي سۈپىتىدە مە‌سىھ قىلىنغان (‏ئە‌لچى.‏ 10:‏37،‏ 38؛‏ ماركۇ‌س 1:‏9—‏11‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىدىن ئىلگىرى،‏ باش روھانىي بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌نلىكىگە قانداق ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن،‏ ھارۇ‌ن ۋە ئۇ‌نىڭدىن كېيىن بولغان باش روھانىيلارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

مۇ‌سا قانۇ‌نىنىڭ تە‌لىپى بويىچە،‏ پە‌قە‌ت باش روھانىيلار ئىبادە‌ت چېدىرىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا كىرە‌لىگە‌ن.‏ ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س جاي پە‌ردە ئارقىلىق بۆلۈنگە‌ن.‏ باش روھانىي شۇ ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا پە‌قە‌ت گۇ‌ناھلارنىڭ كە‌چۈرۈلۈش كۈنى پە‌ردىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتە‌لە‌يتتى (‏ئىبرانىي.‏ 9:‏1—‏3،‏ 6،‏ 7‏)‏.‏ ھارۇ‌ن ۋە ئۇ‌نىڭدىن كېيىنكى باش دىنىي خىزمە‌تچىلە‌ر ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا،‏ يە‌نى پە‌ردىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ‌لار باش روھانىي سۈپىتىدە تە‌يىنلىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسا ئە‌رشتىكى ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا پە‌ردىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ روھىي ئىبادە‌تخانىدا باش روھانىي سۈپىتىدە ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىنلا،‏ ئۇ ئاسماندىكى ھاياتىغا «پە‌ردە،‏ يە‌نى ئۆز تېنى» ئارقىلىق ئۆتتى (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏20‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌يسانى «باش روھانىي» سۈپىتىدە كە‌لگە‌نلىكىنى ۋە «ئاسماننىڭ ئۆزىگە» كىرگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏—‏ئىبرانىي.‏ 9:‏11،‏ 24‏.‏

يېڭى ئە‌ھدىنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولۇ‌شى بىلە‌ن قاچان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى ئارىسىدا ھېچ بىر پە‌رق يوق.‏ بۇ‌نى بىز نە‌دىن بىلىمىز؟‏ چۈنكى يېڭى ئە‌ھدە ياكى كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇ‌ش ياكى بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئۈچ شە‌رت قىلىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئالدىغا كېلىشى كېرە‌ك ئىدى،‏ (‏2)‏ ئە‌يسا قۇ‌ربانلىقىنىڭ ھە‌ققىنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا سۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى ۋە (‏3)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ تۆلىگە‌ن قۇ‌ربانلىق ھە‌ققىنى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

ئە‌يسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋە قۇ‌ربانلىقىنىڭ ھە‌ققىنى سۇ‌نۇ‌پ،‏ بىرىنچى ئىككى قە‌دە‌منى قىلغان.‏ لېكىن،‏ يېڭى ئە‌ھدە تۈزۈلىشى ھە‌م كۈچكە ئىگە بولۇ‌شى ئۈچۈن ئۈچىنچى قە‌دە‌م قىلىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ مە‌سىھنىڭ قۇ‌ربانلىقىنى يە‌ھۋا خۇ‌دا قاچان قوبۇ‌ل قىلغانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان.‏ بۇ‌نىڭغا ئاساسە‌ن يېڭى ئە‌ھدىنىڭ قاچان تۈزۈلگە‌نلىكى ۋە كۈچكە ئىگە قىلىغانلىقىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بىلمە‌يمىز.‏ لېكىن،‏ بىز ئە‌يسانىڭ ئە‌للىكىنچى كۈن،‏ يە‌نى ھوسۇ‌ل يىغىش بايرىمىدىن ئون كۈن ئاۋۋال ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌نلىكىنى بىلىمىز (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏3‏)‏.‏ شۇ كۈنلە‌رنىڭ ئارىلىقىدا قانداقتۇ بىر پە‌يتتە،‏ ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ ھە‌ققىنى يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلغان (‏ئىبرانىي.‏ 9:‏12‏)‏.‏ بۇ مۇ‌ھىم ۋە‌قە ئە‌للىكىنچى كۈن،‏ يە‌نى ھوسۇ‌ل يىغىش بايرىمىدا ئېنىق ئىسپاتلانغان (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏1—‏4،‏ 32،‏ 33‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ،‏ يېڭى ئە‌ھدە تۈزۈلگە‌ن ۋە كۈچكە ئىگە قىلىنىشقا باشلىغان.‏

خۇ‌لاسە قىلغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ ھە‌ققىنى يە‌ھۋا خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلغاندىن كېيىن،‏ يېڭى ئە‌ھدە تۈزۈلگە‌ن ۋە كۈچكە ئىگە قىلىنغان ھە‌مدە باش روھانىي ئە‌يسا مە‌سىھ شۇ‌ندىن ئېتىبارە‌ن بۇ ئە‌ھدىنىڭ ۋاستىچىسى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏—‏ئىبرانىي.‏ 7:‏25؛‏ 8:‏1_3،‏ 6؛‏ 9:‏13_15‏.‏