27-تەتقىق ماقالىسى
ئۆزۈڭىز ھەققىدە زىيادە كۆپ ئويلانماڭ
«ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار ھەققىدە زىيادە ئارتۇقچە ئويلىماڭلار، . . . ساغلام ئوي-پىكىردە بولۇشنى ئويلاڭلار».—رىملىقلار 12:3.
35-ناخشا رەھمەت، خۇدا، سەۋرچانلىقىڭغا
بۇ ماقالىدە a
1. فىلىپىلىكلەر 2:3-ئايەتكە ئاساسەن، كەمتەرلىكىمىز باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
خۇدا بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىزدىن ياخشىراق بىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەچكە، ئۇنىڭغا كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنىمىز (ئەفەس. 4:22—24). كەمتەرلىك يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ۋە باشقىلارنى ئۆزۈمىزدىن مۇھىمراق كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئاتىمىز يەھۋا ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولالايمىز.—فىلىپىلىكلەر 2:3-نى ئوقۇڭ.
2. ئەلچى پاۋلۇس نېمىنى چۈشەنگەن ۋە بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 پەخەس بولمىساق، مۇشۇ شەيتاننىڭ دۇنياسىدىكى تەكەببۇر ۋە شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشىمىز مۇمكىن b. ناھايىتى ئېنىقكى، بىرىنچى ئەسىردە بۇ خەتەرلىك يولغا چۈشكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دەپ يازغان: «ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار ھەققىدە زىيادە ئارتۇقچە ئويلىماڭلار، . . . ساغلام ئوي-پىكىردە بولۇشنى ئويلاڭلار» (رىملىقلار 12:3). ئەلۋەتتە، پاۋلۇس ئۆز-ئۆزۈمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. لېكىن، كەمتەرلىك ئۆز-ئۆزىمىزگە تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ماقالىدە، كەمتەرلىك قانداق ئۈچ ساھەدە ئۆزۈمىز ھەققىدە زىيادە ئارتۇقچە ئويلاشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇلار: (1) نىكاھ، (2) يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ۋە (3) ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى ئىشلىتىش.
نىكاھلىق تۇرمۇشتا كەمتەر بولۇڭ
3. نېمە ئۈچۈن ئەر-ئايال ئارىسىدا چۈشەنمەسلىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن ۋە ئۇلارنى قانداق ھەل قىلىشى كېرەك؟
3 ياراتقۇچىمىز يەھۋا، ئەر-ئايالنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا بەختلىك بولۇشىنى خالايدۇ. بىراق، ئۇلار نامۇكەممەل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چۈشەنمەسلىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئەلچى پاۋلۇس دېگەندەك، ئەر-ئايال نىكاھىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ (1-كورىنت. 7:28). بەزى ئەر-ئاياللار دائىم تاكالىشىدۇ ۋە ئۇلار بىر-بىرىگە لايىق ئەمەس، دېگەن خۇلاسىگە كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار مۇشۇ دۇنيانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلسا، دەرھال ئاجرىشىپ كېتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر مەن ئاجرىشىپ كەتسەم، بەختلىك بولىمەن دېگەنلەر پەقەت ئۆز-ئۆزىنىلا ئويلايدۇ.
4. قانداق كۆز قاراشتىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك؟
4 «نىكاھىمىز بولدى بۇ يەرگىچە داۋام قىلىدېكەندە»، دېگەن كۆز قاراشتىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ئاجرىشىشنىڭ بىرلا سەۋەبى — جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز (مەتتا 5:32). شۇڭا، پاۋلۇس ئېيتقاندەك، نىكاھتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، تەكەببۇرلۇق قىلىپ: «بۇ نىكاھ ئېھتىياجىمنى قاندۇرۇۋاتامدۇ؟ مەن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئېرىشىۋاتىمەنمۇ؟ ئەگەر باشقا ئادەم بىلەن بولغان بولسام، بەختلىكرەك بولاتتىمۇ؟»— دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق ئويلىساق، ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىزنى ئەمەس، ئۆزىمىزنىلا ئويلايمىز. مۇشۇ دۇنيانىڭ دانالىقى، ھەتتا نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئاز قالغاندىمۇ، «ئۆز يۈرىكىڭنى تىڭشا، ئۆز بەختىڭ ئۈچۈن خالىغىنىڭنى قىل»،— دەپ ئۆگىتىدۇ. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا: «پەقەت ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار»،— دەپ يېزىلغان (فىلىپى. 2:4). يەھۋا ئاجرىشىشنى ئەمەس، نىكاھنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ (مەتتا 19:6). يەھۋا بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆزىڭىزنى ئەمەس، ئۇنى ئويلىشىڭىزنى خالايدۇ.
5. ئەفەسلىكلەر 5:33-ئايەتكە ئاساسەن، ئەر-ئايال بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
5 ئەر-ئايال بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ھۆرمەتلىشى كېرەك (ئەفەسلىكلەر 5:33-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتاب ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بەختلىكرەك، دەپ ئۆگىتىدۇ (ئەلچى. 20:35). ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشىگە ۋە ھۆرمەتلىشىگە قانداق پەزىلەت ياردەم بېرىدۇ؟ كەمتەرلىك. كەمتەر ئەر-ئايال ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىلا كۆزلەيدۇ.—1-كورىنت. 10:24.
كەمتەر ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە بىر-بىرى بىلەن سۆز تالاشمايدۇ (6-ئابزاسقا قاراڭ)
6. ستىۋېن بىلەن ستېفانىنىڭ سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىسىز؟
6 كەمتەرلىك ئەر-ئايالنىڭ بەختلىك بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، ستىۋېن ئىسىملىك ئەر مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئەر-ئايال بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندا، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان بولسا، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. «مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى نېمە؟»— دېگەن سوئالنىڭ ئورنىغا، «بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى نېمە؟»— دېگەننى ئويلاش ئەۋزەلرەك». ئۇنىڭ ئايالى ستېفانىمۇ ئوخشاش ئوي-پىكىردە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دائىم تاكالىشىدىغان ئادەم بىلەن ھېچكىم ياشاشنى خالىمايدۇ. كېلىشمەسلىك پەيدا بولغاندا، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. كېيىن، بىز دۇئا قىلىمىز، ماتېرىياللىرىمىزنى تەتقىق قىلىمىز ۋە بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلايمىز. شۇنداق قىلىپ، بىز بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇرۇش جىدەل قىلماي، بۇ قىيىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىمىز». ئەگەر ئەر ياكى ئايال ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلىمىسە، ئۇلار خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
يەھۋا خۇداغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭ
7. ئەگەر بۇرادەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنسە، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك؟
7 خۇداغا قولىمىزدىن كەلگىنىچە خىزمەت قىلىش بىز ئۈچۈن شان-شەرەپ (زەبۇر 27:4؛ 84:10). ئەگەر بۇرادەر ئۇنىڭ تەشكىلاتىدا كۆپرەك ۋەزىپىنى بوينىغا ئېلىشنى خالىسا، بۇ ماختاشقا سازاۋەر. مۇقەددەس كىتابتا: «كىمكى يېتەكچى بولۇش ئۈچۈن لاياقەتلىك بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ئىشنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» (1-تىموت. 3:1). لېكىن، ئۇ ۋەزىپىنى قۇلىغا ئالغاندا، ئۆزىنى باشقىلاردىن مۇھىمراق دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك (لۇقا 17:7—10). ئۇنىڭ مەقسىتى — باشقىلارغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىشتۇر.—2-كورىنت. 12:15.
8. دىئوترېپ، ئۇززىيا ۋە ئابشالومنىڭ مىساللىرىدىن نېمىنى ئۆگەنسەك بولىدۇ؟
8 مۇقەددەس كىتابتا ئۆزىنى كۆپرەك ئويلايدىغان كىشىلەرنىڭ مىساللىرى يېزىلغان. دىئوترېپ كىچىك پېئىل بولماي، جامائەتتە بىرىنچى بولۇشنى خالىغان (3-يۇھاننا 9). ئۇززىيا پادىشاھ تەكەببۇر بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرمىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا ئۇرۇنغان (2-تارىخ. 26:16—21). ئابشالوم قۇۋلۇق بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىپ، پادىشاھ بولماقچى بولغانىدى (2-سام. 15:2—6). بۇ مىساللار ئۆزىگە شان-شەرەپ ئىزدىگەن ئادەملەردىن خۇدا خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (پەند. نە 25:27). كۆرگىنىمىزدەك، تەكەببۇرلۇق ۋە شۆھرەتپەرەسلىك بارا-بارا ھالاكەتكە ئېلىپ كېلىدۇ.—پەند. نە 16:18.
9. ئەيسا قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
9 ئەيسا مۇشۇ تەكەببۇر ئادەملەرگە ئوخشىمىغان. مۇقەددەس كىتابتا: «گەرچە ئۇنىڭدا ئىلاھىي خۇسۇسىيەتلەر بولسىمۇ، ئۇ خۇدا بىلەن تەڭ بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى، يەنى ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن» (فىلىپى. 2:6). يەھۋا خۇدادىن كېيىن قالسا، ئىككىنچى شەخس ئەيسا بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى توغرۇلۇق كۆپرەك ئويلىمىغان. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «ئاراڭلاردا كىم ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتۇپ يۈرسە، شۇ كىشى ئۇلۇغدۇر»،— دېگەن (لۇقا 9:48). ئەيسانىڭ كەمتەرلىكىدىن ئۈلگە ئېلىپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار، ياردەمچى خىزمەتچىلەر، ئاقساقاللار ۋە رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش نېمە دېگەن بەرىكەت-ھە! ئەگەر بىز كەمتەر بولساق، باشقىلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز. ئەيسا دېگەندەك، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.—يۇھاننا 13:35.
10. ئەگەر جامائەتتىكى ئاقساقاللار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلمايۋاتقاندەك كۆرۈنسە، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
10 ئەگەر جامائەتتىكى ئاقساقاللار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلمايۋاتقاندەك كۆرۈنسە، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ شىكايەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يېتەكچىلىكنى ئۆز قولىغا ئالغانلارنى قوللاپ كەمتەرلىكنى كۆرسىتەلەيسىز (ئىبرانىي. 13:17). ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: «بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدىمۇ؟ مېنىڭ شۇنداق مەسئۇلىيىتىم بارمۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا، مەن كۆپرەك جامائەتنىڭ ئىناقلىقى توغرۇلۇق ئويلاۋاتىمەنمۇ ياكى ئۆزۈمنىمۇ؟
شان-شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدىغان كىشى قابىلىيەتلىك ئادەملا ئەمەس، بەلكى كەمتەر ئادەممۇ دەپ تونۇلۇشى كېرەك (11-ئابزاسقا قاراڭ) c
11. ئەفەسلىكلەر 4:2، 3-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا خۇداغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلغاندا، قانداق نەتىجىگە ئېرىشىسىز؟
11 يەھۋا قابىلىيەتكە قارىغاندا كەمتەرلىكنى، نەتىجىگە قارىغاندا، ئىناقلىقنى بەكرەك قەدىرلەيدۇ. شۇڭا، ئاتىمىز يەھۋاغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشىسىز (ئەفەسلىكلەر 4:2، 3-نى ئوقۇڭ). ۋەز قىلىش ئىشىدا قىزغىن بولۇڭ. باشقىلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭ. جامائەتنىڭ ھەممىسىگە، ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولمىغانلارغىمۇ مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىڭ (مەتتا 6:1—4؛ لۇقا 14:12—14). سىز كەمتەر بولۇپ، قېرىنداشلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا، باشقىلار پەقەت قابىلىيەتلىرىڭىزنى ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى كەمتەرلىكىڭىزنى بايقايدۇ.
ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى ئىشلەتكەندە كەمتەر بولۇڭ
12. مۇقەددەس كىتاب بىزنى دوستلارنى تېپىشقا دەۋەت قىلامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
12 خۇدا بىزنىڭ دوستلىرىمىز ۋە ئائىلىمىز بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، شاد-خۇرام بولۇشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 133:1). ئەيسانىڭ دوستلىرى بولغان (يۇھاننا 15:15). مۇقەددەس كىتاب چىن دوستلارغا ئىگە بولۇشنىڭ بەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ (پەند. نە 17:17؛ 18:24). يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئۆزۈمىزنى كۆپچىلىكتىن يىراق يالغۇز تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، باشقىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىمىز مۇھىم (پەند. نە 18:1). بەزى ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرىچە، ئىجتىمائىي تورلار كۆپ دوستلارنى تېپىشقا ۋە ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلماسلىققا ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. بىراق، ئىجتىمائىي تورلارنى ئىشلەتكەندە، ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.
13. كۆپ ۋاقتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئۆتكۈزىدىغان ئادەملەر نېمە ئۈچۈن چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ ئۆزىنى يالغۇز سېزىدۇ؟
13 تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ ۋاقتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى ئارىلاپ ئۆتكۈزىۋاتقان ئادەملەر، راستىنى ئېيتقاندا چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ ئۆزىنى يالغۇز سېزىدۇ. ئۇنىڭ بىر سەۋەبى — ئادەملەر ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى ئۆتكۈزگەن پەيتلەرنى كۆرسىتىدىغان ئۆزلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ ۋە بارغان جايلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تاللاپ، ئىجتىمائىي تورلارغا چىقىرىدۇ. بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى سېلىشتۇرۇپ: «مېنىڭ ھاياتىم زېرىكىشلىك»،— دەپ ئويلىشى مۇمكىن. «ئۆيدە زېرىكىپ ئولتۇرغىنىمدا، باشقىلار دەم ئېلىش كۈنىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ھەسەت قىلىپ ئۆزۈمنى بەختسىزدەك ھېس قىلدىم»،— دەيدۇ 19 ياشلىق قېرىندىشىمىز.
14. 1-پېترۇس 3:8-ئايەت، ئىجتىمائىي تورلارنى دانالىق بىلەن قوللىنىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 ئەلۋەتتە، ئائىلە ئەزالىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تورلارنى ئىشلىتەلەيمىز. ئەمما، بايقىغان بولسىڭىز، ئادەملەر ئىزاھاتلارنى، سۈرەتلەرنى ۋە فىلىملەرنى بەزى ئىجتىمائىي تورلارغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشىدۇ. قارىماققا، ئۇلار «ماڭا قاراڭلار» دېمەكچى. ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ چىقارغان سۈرەتلىرىنىڭ ئاستىغا قوپال ۋە ئۇياتسىز ئىزاھات سۆزلىرىنى يازىدۇ. خۇدا خىزمەتچىلىرى كەمتەر ۋە ھېسداشلىق كۆرسىتىدىغان كىشى بولۇشى كېرەك، شۇڭا ئۇلار دانا بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى شۇنداق نالايىق يوللار بىلەن ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.—1-پېترۇس 3:8-نى ئوقۇڭ.
ئەگەر قانداقتۇ بىر مەلۇماتنى تورلارغا چىقارسىڭىز، سىزنىڭ ماختانچاق ياكى كەمتەر ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتەمدۇ؟ (15-ئابزاسقا قاراڭ)
15. مۇقەددەس كىتاب بىزگە ئۆزۈمىزنى بەك مۇھىم، دەپ قاراشتىن نېرى بولۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
15 ئىجتىمائىي تورلارنى ئىشلەتسىڭىز ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ: «مەن تورلارغا چىقىرىۋاتقان ئىزاھاتلار، رەسىملەر ۋە فىلىملەر ماختانچاق ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ باشقىلار ئۇنى كۆرگەندە ھەسەتخورلۇق قىلامدۇ؟» مۇقەددەس كىتابتا: «بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر، يەنى تەننىڭ نەپىسى، كۆزلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى ۋە مال-مۈلكىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ماختىنىش بۇ دۇنياغا خاس ئىشلار، ھەرگىزمۇ ئاسماندىكى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس»،— دەپ يېزىلغان (1-يۇھاننا 2:16). خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۆزىنى مۇھىم دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشىنى كۈتمەيدۇ. ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالىدۇ: «شەخسىيەتچىلىك قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنى رىقابەتچىلىككە ئۈندىمەيلى ۋە بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى» (گالاتىيا. 5:26). ئەگەر كەمتەر بولساق، مۇشۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئوخشاپ كەتمەيمىز ۋە باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمىزنى بەك مۇھىم، دەپ ئويلاشنى خالىمايمىز.
«ئۆزۈڭلار ھەققىدە زىيادە ئارتۇقچە ئويلىماڭلار»
16. نېمە ئۈچۈن تەكەببۇر ئادەم بولۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
16 تەكەببۇر ئادەملەر «ساغلام ئوي-پىكىردە» بولالمايدۇ (رىملىقلار 12:3). ئۇلار ئادەتتە شەخسىيەتچى بولىدۇ ۋە تالاش-تارتىش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى پات-پات ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدۇ. ئەگەر ئۇلار كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمىسە، شەيتان ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى بۇلغاپ، قەلب كۆزلىرىنى كۆرمەس قىلىدۇ (2-كورىنت. 4:4؛ 11:3). كەمتەر ئادەم بولسا، ساغلام ئوي-پىكىردە بولىدۇ. ئۇ ئۆزىگە تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ (فىلىپى. 2:3). مۇقەددەس كىتابتا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، ئەكسىنچە كەمتەرلەرگە رەھىم شەپقەت كۆرسىتەر»،— دەپ يېزىلغان (1-پېتر. 5:5). دېمەك، بىز يەھۋا خۇداغا دۈشمەن بولماي، كەمتەر بولۇشنى خالايمىز.
17. كەمتەرلىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
17 كەمتەرلىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ «كونا تەبىئىتىڭلارنى ئىشلىرى بىلەن قوشۇپ سېلىپ تاشلاڭلار، . . . يېڭى تەبىئەتنى كىيىڭلار» دېگەن نەسىھىتىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش مۇھىم. بىز ئەيسانىڭ ئۈلگىسىنى تەتقىق قىلىپ، مۇمكىنقەدەر ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىز زۆرۈر (كولوسى. 3:9، 10؛ 1-پېتر. 2:21). شۇنداق قىلىپ، زور بەرىكەتكە ئېرىشىمىز. كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرسەك، ئائىلىمىز بەختلىكرەك بولىدۇ، جامائەتتە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلايمىز ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ يامان تەسىرىدىن نېرى بولالايمىز. ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا خۇدانىڭ بەرىكىتىگە ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىمىز.
19-ناخشا خۇدا ۋەدە قىلغان جەننەت
a بۈگۈنكى كۈندە، بىز تەكەببۇر ۋە شەخسىيەتچى ئادەملەرگە تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، قانداق ئۈچ ساھەدە ئۆزۈمىز ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلىماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: تەكەببۇر ئادەم باشقىلارغا قارىغاندا ئۆزىنى كۆپ ئويلايدۇ. دېمەك، تەكەببۇر كىشى شەخسىيەتچى كېلىدۇ. ئەمما، كەمتەرلىك ئادەمگە شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئادەم كەمتەر بولسا، تەكەببۇر بولمايدۇ ۋە ئۆزىگە ئەڭ مۇھىم ئادەم، دەپ قارىمايدۇ.
c سۈرەتتە: چوڭ يىغىلىشتا نۇتۇق ئېيتىش ۋە باشقا قېرىنداشلارغا كۆرسەتمىلەرنى بېرىش قابىلىيىتى بار ئاقساقال ۋەز خىزمەت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئىبادەت ئۆيىنى تازىلاشقا ئوخشاش ئىشلارنىمۇ خۇشاللىق بىلەن قىلىدۇ.