مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

30-‏تە‌تقىق ماقالىسى

داۋاملىق ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىڭ!‏

داۋاملىق ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىڭ!‏

‏«بالىلىرىمنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىۋاتقىنىنى ئاڭلاشتىنمۇ ئارتۇ‌قراق خۇ‌شال بولۇ‌شقا سە‌ۋە‌بىم يوقتۇ‌ر».‏—‏3-‏يۇ‌ھاننا 4‏.‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە بىزنى خۇ‌شال قىلالايدۇ؟‏ (‏3-‏يۇ‌ھاننا 3،‏ 4‏)‏

 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋاغا داۋاملىق ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،‏ قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌لار نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئۆزىنىڭ بالىلىرى كە‌بى كۆرگە‌ن قېرىنداشلارنىڭ ئىشە‌نچىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن تە‌ر تۆككە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بالىلىرىمىزنىڭ ياكى بىز ھە‌قىقە‌تنى بىلىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ ھە‌قىقە‌تتە تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولىمىز.‏—‏3-‏يۇ‌ھاننا 3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ يۇ‌ھاننا يازغان ئۈچ خە‌تنىڭ مە‌قسىتى نېمە؟‏

2 مىلادى 98-‏يىلى ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئە‌فە‌س شە‌ھىرى ياكى يېقىن شۇ‌نىڭغا يېقىن ئە‌تراپتا بىر جايدا ياشىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ پاتموس ئارىلىدىكى سۈرگۈندىن ئازاد بولغاندىن كېيىن،‏ شۇ يە‌رگە كۆچۈپ كە‌لگە‌ن.‏ تە‌خمىنە‌ن شۇ ۋاقىتتا،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئۇ‌نى ئۈچ خە‌تنى يېزىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ بۇ خە‌تلە‌رنىڭ مە‌قسىتى —‏ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئە‌يساغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتىش ۋە ھە‌قىقە‌تتە داۋاملىق مېڭىشىغا ياردە‌م بېرىش.‏

3.‏ قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

3 يۇ‌ھاننا ئە‌ڭ ئاخىرقى ھايات قالغان ئە‌لچى بولۇ‌پ،‏ ساختا تە‌لىم بە‌رگۈچىلە‌رنىڭ جامائە‌تكە قىلىدىغان تە‌سىرىدىن ئە‌نسىرىگە‌ن b (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏18،‏ 19،‏ 26‏)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌ر خۇ‌دانى تونۇ‌يمىز،‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نمىغان.‏ ھازىر بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يۇ‌ھاننانىڭ بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۈچ سوئالغا جاۋاب تاپايلى:‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ يولدا مېڭىشقا نېمە توسالغۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ بىر-‏بىرىمىزگە ھە‌قىقە‌تتە قېلىشقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

4.‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏3—‏6 ۋە 2-‏يۇ‌ھاننا 4؛‏ 6‏)‏

4 ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن بىز خۇ‌دانىڭ سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىشىمىز لازىم.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز چوقۇ‌م «ئۇ‌نىڭ [يە‌ھۋانىڭ] ئە‌مىرلىرىگە داۋاملىق ئە‌مە‌ل» قىلىشىمىز،‏ يە‌نى ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏3—‏6؛‏ 2-‏يۇ‌ھاننا 4،‏ 6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىشنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىم بىر يولى —‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىزىدىن ئە‌گىشىپ مېڭىش.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏29؛‏ 1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏.‏

5.‏ بىز نېمىگە كۆز يە‌تكۈزۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

5 ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن بىز يە‌ھۋانىڭ دائىم ھە‌قىقە‌تنى ئېيتىدىغانلىقى ھە‌م ئۇ ئۆز سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق ئېيتقانلىرىنىڭ ھە‌ممىسى راست ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ئە‌يسانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىگە چوقۇ‌م ئىشە‌نچ قىلىشىمىز زۆرۈر.‏ بۈگۈنكى كۈنلە‌ردە،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ تە‌يىنلە‌نگە‌ن پادىشاھى بولغىنىغا گۇ‌مان قىلىدۇ.‏ يۇ‌ھاننا «نۇ‌رغۇ‌ن ئالدامچىلار» يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تلە‌رگە ئىشە‌نچى كۈچلۈك بولمىغان ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌شقا ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏2-‏يۇ‌ھاننا 7—‏11‏)‏.‏ يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «كىم يالغانچى؟‏ ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى ئە‌مە‌سمۇ؟‏» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏22‏)‏.‏ ئالدىنىپ قالماسلىقىمىزنىڭ بىرلا يولى —‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئۆگىنىشتۇ‌ر.‏ بۇ‌نى قىلغاندىلا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر تونۇ‌شقا ئىگە بولۇ‌پ،‏ ھە‌قىقە‌تكە ئېرىشكە‌نلىكىمىزگە كۆز يە‌تكۈزىمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏.‏

ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىشىمىزغا نېمە توسالغۇ بولىدۇ؟‏

6.‏ ياش مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى چۈشۈپ قالىدىغان بىر تۇ‌زاق قانداق؟‏

6 بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىنسان پە‌لسە‌پە‌لىرىدىن ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىشى كېرە‌ك (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏26‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ ياش ئېتىقادداشلىرىمىز مۇ‌شۇ تۇ‌زاقتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شى لازىم.‏ فرانسىيىدە ياشايدىغان 25 ياشلىق ئالېكسىيا c ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌كتە‌پتە ئۆگە‌نگە‌ن تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسى ۋە ئىنسانىيە‌تنىڭ باشقا تە‌لىملىرى مېنى گاڭگىرىتىپ،‏ ھە‌قىقە‌تتىن گۇ‌مانلىنىشقا سە‌ۋە‌ب بولدى.‏ شۇ ۋاقىتتا بۇ تە‌لىملە‌ر مېنى قىزىقتۇ‌راتتى.‏ ئە‌مما،‏ مە‌ن مۇ‌ئە‌للىملە‌رنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھە‌ممىسىگە ئىشىنىپلا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا سۆزلە‌ش پۇ‌رسىتىنى بە‌رمىگە‌نلىكىم ناتوغرا دە‌پ ئويلىغان ئىدىم».‏ ئالېكسىيا «ھايات قانداق پە‌يدا بولغان؟‏ تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات ياكى يارىتىلىش يولى بىلە‌نمۇ؟‏»‏ d ناملىق كىتابنى تە‌تقىق قىلغان.‏ بىرنە‌چچە ھە‌پتىدىن كېيىن ئۇ‌نىڭ بىرمۇ گۇ‌مانى قالمىغانىدى.‏ ئالېكسىيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقە‌ت بارلىقىنى ئىسپاتلىدىم.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈش ماڭا خۇ‌شاللىق ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم».‏

7.‏ بىز نېمىدىن نېرى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 ياش ياكى قېرى بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىككى يۈزلۈك ھايات كە‌چۈرۈشتىن نېرى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ يۇ‌ھاننا ئېيتقاندە‌ك،‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىپ،‏ ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈرۈش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىشنى خالىساق،‏ ئۇ‌نىڭ بارلىق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى كۆرىدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن قىلغان ئىشلىرىمىزنى كۆرمىسىمۇ،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا قىلغانلىرىمىز بە‌ش قولدە‌ك ئاياندۇ‌ر.‏—‏ئىبرانىي.‏ 4:‏13‏.‏

8.‏ بىز چوقۇ‌م نېمىنى رە‌ت قىلىشىمىز لازىم؟‏

8 بىز دۇ‌نيانىڭ گۇ‌ناھقا نىسبە‌تە‌ن كۆز قارىشىنى رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھىمىز يوق دېسە‌ك،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە بىزدە ھە‌قىقە‌ت يوقتۇ‌ر» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8‏)‏.‏ يۇ‌ھاننانىڭ كۈنلىرىدىكى ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌ن كىشى قە‌ستە‌ن خۇ‌داغا قارشى گۇ‌ناھ يولىدا ماڭسىمۇ،‏ يە‌نىلا خۇ‌دانىڭ دوستى بولۇ‌پ قالىمە‌ن،‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ دە‌ل شۇ‌نداق كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمىز.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر خۇ‌داغا ئىشىنىمىز دە‌يدۇ،‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھقا،‏ بولۇ‌پمۇ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا بولغان كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلمايدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ كۆزىدە گۇ‌ناھ دە‌پ سانالغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تنى،‏ ئادە‌ملە‌ر بۇ مېنىڭ شە‌خسىي قارارىم ياكى ھايات تە‌رزىم دە‌پ ئويلايدۇ.‏

ياشلار،‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ياخشى ۋە بە‌زىلىرىنى يامان دە‌پ قارايدىغانلىقىنى تە‌تقىق قىلىڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن ناتوغرا ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىڭلارنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌يدىغان بولىسىلە‌ر (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ g

9.‏ ياشلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان كۆز قاراشقا قە‌تئىي ئە‌مە‌ل قىلىشتىن،‏ قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىدۇ؟‏

9 بولۇ‌پمۇ،‏ ياش ئېتىقادداشلارغا سىنىپداشلىرى ياكى خىزمە‌تداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا بولغان كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا بېسىم قىلىۋاتىدۇ.‏ ئالېكساندىر شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌كتە‌پتىكى بە‌زى قىزلار مېنى جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شقا قايىل قىلماقچى بولدى.‏ قىز دوستۇ‌م بولمىغاچقا،‏ ئۇ‌لار:‏ «سىز ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلە‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌تلە‌شكۈچىمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىغان».‏ ئە‌گە‌ر ئوخشاش سىناققا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان كۆز قارىشىڭىزغا قە‌تئىي ئە‌مە‌ل قىلغاندا،‏ نام-‏ئابرويىڭىز،‏ سالامە‌تلىكىڭىز،‏ روھىي ساغلاملىقىڭىزنى ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى قوغدىيالايسىز.‏ ھە‌ر قېتىم ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رسىڭىز،‏ بارا-‏بارا توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئوڭايراق بولىدۇ.‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا نىسبە‌تە‌ن بۇ‌رمىلانغان كۆز قاراش شە‌يتاندىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دېگىنىنى رە‌ت قىلىپ،‏ شە‌يتاننى يېڭە‌لە‌يسىز.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏14‏.‏

10.‏ يە‌ھۋاغا پاك ۋىجدان بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏9‏)‏

10 بىز خۇ‌دانىڭ نېمىنىڭ گۇ‌ناھ ئىكە‌نلىكىنى بە‌لگىلە‌ش ھوقۇ‌قى بار ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز.‏ گۇ‌ناھ قىلىشتىن نېرى تۇ‌رۇ‌شىمىز ئۈچۈن بىز بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىز خاتالىق ئۆتكۈزسە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئادا خاتالىقىمىزنى ئىقرار قىلالايمىز ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن تە‌يىنلىگە‌ن ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىيالايمىز (‏ياقۇ‌پ 5:‏14—‏16‏)‏.‏ بىراق،‏ بىز بۇ‌رۇ‌نقى ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن كېچە-‏كۈندۈز ئويلىنىپ غە‌م-‏ئە‌ندىشىدە چۈشكۈنلىشىپ كە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نداق قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈنكى،‏ بىزنىڭ مېھرىبان ئاتىمىز بىزنىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا چىن يۈرە‌كتىن توۋا قىلغانلارنى كە‌چۈرىمە‌ن دېسە،‏ ئۇ چوقۇ‌م كە‌چۈرىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ھۋا پاك ۋىجدان بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئىمكانىيە‌ت يارىتىدۇ.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏1،‏ 2،‏ 12؛‏ 3:‏19،‏ 20‏.‏

11.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزغا زىيان يە‌تكۈزىدىغان تە‌لىملە‌ردىن ئە‌قلىمىزنى قانداق قوغداپ قالالايمىز؟‏

11 بىز ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ تە‌لىملىرىنى رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائىتىدىن باشلاپ،‏ شە‌يتان خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ يۈرىكىدە گۇ‌مانلار پە‌يدا قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگە‌ن ئالدامچىلاردىن پايدىلىنىپ كە‌لمە‌كتە.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن يالغانچىلىق ئارىسىدىكى پە‌رقنى قانداق ئېنىقلاشنى بىلىشىمىز كېرە‌ك e‏.‏ بىزنىڭ دۈشمە‌نلىرىمىز توردىن ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ۋە قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شقا تىرىشماقتا.‏ پە‌ردە ئارقىسىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ بۇ يالغان تە‌شۋىقاتنى قىلىۋاتقان شە‌يتان ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ ۋە ئۇ‌نى رە‌ت قىلىڭ.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏1،‏ 6؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 12:‏9‏.‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

12 شە‌يتاننىڭ ھۇ‌جۇ‌مىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز ئە‌يساغا ۋە خۇ‌دانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن ئە‌يسانى قانداق قوللىنىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز لازىم.‏ يە‌نە خۇ‌دا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز يوليورۇ‌قىنى بېرىدىغان بىرلا قانالغا،‏ يە‌نى تە‌شكىلاتىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 24:‏45—‏47‏)‏.‏ بىز ئىشە‌نچىمىزنى خۇ‌دانىڭ سۆزىنى دائىم ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئىشە‌نچىمىز چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقان دە‌رە‌خكە ئوخشاش بولىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س كولوسىلىقلار جامائىتىگە خە‌ت يازغاندا شۇ‌نى ئېيتماقچى بولغان.‏ ئۇ:‏ «ھە‌زرىتىمىز ئە‌يسا مە‌سىھنى قوبۇ‌ل قىلغان ئىكە‌نسىلە‌ر،‏ داۋاملىق ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە يۈرۈڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ ئۇ‌نىڭدا يىلتىز تارتىڭلار ۋە ئۆزلىرىڭلارنى بىنا قىلىڭلار،‏ ئىشە‌نچىڭلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏كولوسى.‏ 2:‏6،‏ 7‏)‏.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌سىر ئاستىدا بولغانلار ئىشە‌نچىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسىنى تە‌ۋرىتە‌لمە‌يدۇ.‏—‏2-‏يۇ‌ھاننا 8،‏ 9.‏

13.‏ بىز نېمىنى كۈتۈشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

13 دۇ‌نيا بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏13‏)‏.‏ يۇ‌ھاننا بىزگە،‏ «پۈتكۈل دۇ‌نيا شە‌يتاننىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا» بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئە‌سلىتىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى،‏ شە‌يتان تېخىمۇ غە‌زە‌پلىنىۋاتىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏12‏)‏.‏ شە‌يتان كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان،‏ يە‌نى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا ئازدۇ‌رۇ‌ش ياكى ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ يالغانچىلىقلىرى ئارقىلىق ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ قالماي،‏ بىۋاستە ئوچۇ‌ق رە‌ھىمسىز ھۇ‌جۇ‌ملارنى قىلىدۇ.‏ شە‌يتان ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگە‌چكە،‏ بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ ۋە‌ز ئىشىنى توختىتىشقا ۋە ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىرنە‌چچە دۆلە‌تلە‌ردە بە‌زى پائالىيە‌تلىرىمىز چە‌كلە‌نگە‌نلىكى ياكى پۈتۈنلە‌ي مە‌نئىي قىلىنغانلىقى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ شۇ دۆلە‌تتىكى قېرىنداشلار سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە شە‌يتان قانداق يامانلىق قىلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.‏

باشقىلارنىڭ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىڭ

14.‏ قايسى بىر ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

14 قېرىنداشلارنىڭ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارغا ھېسداشلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏10،‏ 11،‏ 16—‏18‏)‏.‏ بىر-‏بىرىمىزنى پە‌قە‌ت ھە‌ممە ئىشلار ئۆز يولىدا ياخشى كېتىۋاتقاندىلا ئە‌مە‌س،‏ قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندىمۇ،‏ ياخشى كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يېقىنىدىن ئايرىلىپ،‏ تە‌سە‌للىگە ۋە ئە‌مە‌لىي ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌ۋاتقان بىرسىنى بىلە‌مسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ ئېتىقادداشلارنىڭ تە‌بىئىي ئاپە‌تتە زىيانغا ئۇ‌چرىغانلىقىنى ۋە ئىبادە‌ت زاللىرىنىڭ ياكى ئۆز ئۆيىنى قايتا ياساشقا مۇ‌ھتاج بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟‏ بىز قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ھېسداشلىقىمىزنى پە‌قە‌ت سۆزلىرىمىز بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىلە‌نمۇ كۆرسىتىمىز.‏

15.‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 بىز بىر-‏بىرىمىزگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىپ،‏ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىمىز ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشنىڭ مۇ‌ھىم بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ بىر-‏بىرىمىزنى كە‌چۈرۈش‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرسى بىزنى رە‌نجىتىپ،‏ كېيىن كە‌چۈرۈم سورىدى،‏ دە‌يلى.‏ بىز ئۇ‌نى كە‌چۈرۈپ،‏ خاتالىقىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالساق،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏كولوسى.‏ 3:‏13‏)‏.‏ ئالدو ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ھۆرمە‌تلە‌پ كېلىۋاتقان بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆزى كېلىپ چىققان ئىرق ھە‌ققىدە يامان گە‌پ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،‏ كۆڭلى يېرىم بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بۇ بۇ‌رادە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق يامان نە‌رسىلە‌رنى ئويلىماسلىق ئۈچۈن پات-‏پات يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلاتتىم».‏ ئالدو يە‌نە بىر ئىشنى قىلغان.‏ ئۇ ئاشۇ بۇ‌رادە‌رنى ۋە‌ز خىزمە‌تكە چاقىرغان ۋە ئۇ‌لار ۋە‌ز خىزمە‌تتە بولغاندا،‏ ئالدو بۇ بۇ‌رادە‌رنىڭ سۆزلىرى ئۇ‌نىڭغا قانچىلىك ئېغىر كە‌لگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭ سۆزلىرى ماڭا قانچىلىك ئېغىر كە‌لگە‌نلىكىنى ئاڭلىغاندا،‏ كە‌چۈرۈم سورىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ ئاۋازىدىن ئۇ قانچىلىك ئە‌پسۇ‌سلانغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ بىز قايتا ياخشى دوست بولۇ‌پ كە‌تتۇ‌ق».‏

16،‏ 17.‏ بىز نېمىگە قە‌تئىي بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئېتىقادداشلارغا كۆيۈنۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادتا چىڭ تۇ‌رۇ‌شىنى خالىغان.‏ ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە غە‌مخورلۇ‌قى ئۈچ خېتىدە بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىدىن ئېنىق كۆرىنىدۇ.‏ كۆيۈمچان ئە‌لچى يۇ‌ھانناغا ئوخشاش ئە‌ر ۋە ئاياللارنىڭ مە‌سىھ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرگە بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش كىشىگە قانچىلىك چوڭ تە‌سە‌للى-‏ھە!‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏27‏.‏

17 بىز كۆرۈپ چىققان نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلايلى.‏ ھاياتىمىزنىڭ ھە‌ممە ساھە‌لىرىدە يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ داۋاملىق ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىشقا بە‌ل باغلايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلاڭ.‏ ئە‌يساغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ.‏ ئىنسان پە‌لسە‌پە‌لىرىنى ۋە ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ ساختا تە‌لىملىرىنى رە‌ت قىلىڭ.‏ ئىككى يۈزلۈك ھايات كە‌چۈرۈش ۋە گۇ‌ناھقا قىلىشقا ئۈندە‌يدىغانلارنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈڭ.‏ بىزنى رە‌نجىتكە‌ن قېرىنداشلارنى كە‌چۈرۈپ،‏ مۇ‌ھتاجلىقتا قالغانلارغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌يلى.‏ شۇ‌نداق قىلغاندىلا،‏ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن،‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلايلى

a بىز يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسى شە‌يتان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۇ‌نيادا ياشاۋاتىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن دائىم بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىرىنچى ئە‌سىرنىڭ ئاخىرىدا ياشاۋاتقان مە‌سىھىيلە‌رگىمۇ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش قىيىن بولغان.‏ ئۇ‌لارغا ۋە بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئە‌لچى يۇ‌ھاننانى ئۈچ خە‌تنى يېزىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ بۇ خە‌تلە‌ردە،‏ بىزگە ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىشقا نېمە توسالغۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكى ۋە ئۇ‌نىڭدىن نېرى بولۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقى يېزىلغان.‏

c بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d ‏«ھايات —‏ قانداق پە‌يدا بولغان؟‏ تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىي قىلغانمۇ ياكى يارىتىلغانمۇ؟‏» كىتابى باشقا تىللاردا نە‌شىر قىلىنغان.‏

e ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2018-‏يىل،‏ ئاۋغۇ‌ست سانى،‏ «‏سىزدە ئىشە‌نچىلىك دە‌لىل-‏ئىسپاتلار بارمۇ؟‏‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

g سۈرە‌تتە:‏ مە‌كتە‌پتە ياش قېرىنداش ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشىنى نورمالدە‌ك كۆرسىتىۋاتقان نە‌رسىلە‌رنى دائىم كۆرۈۋاتىدۇ ۋە ئاڭلاۋاتىدۇ (‏بە‌زى بىر مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە ھە‌سە‌ن-‏ھۈسە‌ننىڭ رە‌ڭلىرى ئوخشاش جىنىسلىق مۇ‌ھە‌ببە‌تلە‌شكۈچىلە‌رنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا توغرا دە‌پ ھېسابلايدىغان نە‌رسىلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا توغرا قارار قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏