29-تەتقىق ماقالىسى
«مەن قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن»
«مەن مەسىھنى دەپ ئاجىزلاشقان، ھاقارەتلەنگەن، مۇھتاجلىقتا قالغان، زىيانكەشلىكلەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چاغلاردا، شاد-خۇرام بولىمەن».—2-كورىنت. 12:10.
23-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ كۈچىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. ئەلچى پاۋلۇس نېمىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان؟
ئەلچى پاۋلۇس بەزىدە ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىش كېرەكلىكىنى ۋە يەھۋانىڭ دۇئالىرىغا ھېمىشەم ئۇ خالىغاندەك جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان (2-كورىنت. 4:16؛ 12:7—9؛ رىملىقلار 7:21—23). پاۋلۇس يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇنى ئاجىز دەپ قارىغانلىقىنى بىلگەن b. بىراق، باشقىلارنىڭ سەلبىي كۆز قارىشى ۋە ئۆز ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئۆزىنى ئەرزىمەس ھېس قىلدۇرۇشىغا پاۋلۇس يول قويمىغانىدى.—2-كورىنت. 10:10—12، 17، 18.
2. ئەلچى پاۋلۇس قانداق مۇھىم ساۋاق ئالغان؟—2-كورىنت. 12:9، 10.
2 ئەلچى پاۋلۇس بىر مۇھىم ساۋاق ئالغان — ئادەم ئاجىز ھېس قىلغان چاغدا، كۈچلۈك بولالايدۇ (2-كورىنتلىقلار 12:9، 10-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ئۇ ئەلچى پاۋلۇسقا: «مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنسان ئاجىز بولغىنىدا مۇكەممەل نامايان بولىدۇ»،— دېگەن. بۇ سۆزلەر، خۇدانىڭ ئەلچى پاۋلۇسقا مۇھتاج بولغان كۈچنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر بىزگە قارشى چىققانلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە نېمە ئۈچۈن ئېرەن قىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
«ھاقارەتلەنگەن، . . . چاغلاردا شاد-خۇرام بولىمەن»
3. نېمە ئۈچۈن «ھاقارەتلەنگەن، . . . چاغلاردا شاد-خۇرام» بولالايمىز؟
3 ھېچقايسىمىز ھاقارەتكە ئۇچراشنى خالىمايمىز. ئەمما، دۈشمەنلەر بىزنى ھاقارەتلىگەندە، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە زىيادە كۆپ كۆڭۈل بۆلسەك، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن (پەند. نە ). شۇڭا، دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟ ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، «ھاقارەتلەنگەن، . . . چاغلاردا شاد-خۇرام» بولالايمىز ( 24:102-كورىنت. 12:10). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ھاقارەتلەر ۋە قارشىلىقلار بىزنىڭ ئەيسانىڭ ھەقىقىي شاگىرتى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ (1-پېتر. 4:14). ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (يۇھاننا 15:18—20). بۇنداق زىيانكەشلىكلەر بىرىنچى ئەسىردە يۈز بەرگەن. شۇ زامانلاردا، گرېك مەدەنىيىتى تەسىرىدە بولغانلار، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەقىلسىز ھەم ئاجىز دەپ قارىغان. يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا، ئەلچى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا ئوخشاش مەسىھىيلەر «ئوقۇمىغان، ئاددىي ئادەملەر» دەپ ھېسابلانغان (ئەلچى. 4:13). قارىماققا، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئاجىز كۆرۈنگەن. سەۋەبى، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەسىرى ۋە ھەربىي كۈچى يوق بولغان ۋە ئادەملەر جەمئىيەتتە ئۇلارنى رەت قىلغان.
4. دۈشمەنلەر دەسلەپكى مەسىھىيلەرنى ھاقارەتلىگەندە، ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
4 شۇ دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى دۈشمەنلىرىنىڭ سەلبىي كۆز قارىشىنىڭ ۋەز ئىشنى توختىتىشىغا يول قويغانمۇ؟ ياق، قويمىغان. مەسىلەن، ئەلچى پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئەيساغا ئەگىشىشنى ۋە ئۇنىڭ تەلىملىرىنى تارقىتىشنى چوڭ شان-شەرەپ، دەپ قارىغان (ئەلچى. 4:18—21؛ 5:27—29، 40—42). شاگىرتلارنىڭ نومۇس قىلىشىغا ھېچ سەۋەبلىرى بولمىغان. ۋاقىت كۆرسىتىدۇكى، دەسلەپكى كەمتەر مەسىھىيلەر دۈشمەنلىرىگە قارىغاندا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ، كۆپرەك پايدا ئەكەلگەن. مەسىلەن، خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يازغان كىتابلار مىليونلىغان ئادەملەرگە مۇشۇ كەمگىچە ياردەم ۋە ئۈمىد بېرىدۇ. ئۇلار ۋەز قىلىۋاتقان پادىشاھلىق ھازىر ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ۋە پات يېقىندا ھەممە ئادەمزات ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (مەتتا 24:14). بىراق، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان قەدىمقى كۈچلۈك رىم ئىمپېرىيىسى يوقۇلۇپ پەقەت تارىخقا ئايلىنىپ قالدى. ئەكسىچە، ئەيسانىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى ئاسماندا پادىشاھلار بولۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولسا، ئۆلۈپ تۇپراققا ئايلاندى، ھەتتا كەلگۈسىدە تىرىلگەن تەغدىردىمۇ، ئۆچ كۆرگەن مەسىھىيلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.—ۋەھىي. 5:10.
5. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر يەھۋانىڭ گۇۋاھچىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ؟ (يۇھاننا 15:19)
5 بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئادەملەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەقىلسىز ۋە ئاجىز، دەپ بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلمايمىز. بىز مۇلايىم، كەمتەر ۋە ئىتائەتچان بولۇشقا بەل باغلىدۇق. مۇشۇ دۇنيادىكى ئادەملەر بولسا، تەكەببۇر ۋە ئىسيانكار ئادەملەردىن زوقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز ۋە ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىغا قوشۇلمايمىز. بىز مۇشۇ دۇنيادىكى ئادەملەردىن پەرقلىنىمىز. شۇڭا، ئۇلار بىزنى تۆۋەن كۆرىدۇ.—يۇھاننا 15:19-نى ئوقۇڭ؛ رىملىقلار 12:2.
6. يەھۋا ئۆز خەلقىگە قانداق بىر چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ؟
6 دۇنيانىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشىغا قارىماستىن، يەھۋا خۇدا بىز ئارقىلىق چوڭ بىر ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا ھېچقاچان بولمىغان كەڭ كۆلەملىك ۋەز قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ. خۇدا خىزمەتچىلىرى پۈتۈن يەر يۈزىدە كۆپ تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان ۋە كەڭ تارقالغان ژۇرناللارنى نەشىر قىلىدۇ. يەنە ئۇلار مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى قوللىنىدۇ. بۇ ھەيران قالارلىق ئىشلار ئۈچۈن يەھۋا شان-شەرەپكە سازاۋەر. ئۇ ئاجىز بولۇپ كۆرۈنگەن ئادەملەرنى قوللىنىپ، چوڭ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. ھەرقايسىمىز ھەققىدە نېمە ئېيتىشقا بولىدۇ؟ يەھۋا خۇدا بىزگە كۈچ بېرەلەمدۇ؟ شۇنداق بولسا، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ھازىر ئەلچى پاۋلۇس كۆرسەتكەن مىسالىدىن ئالاھىدە ئۈچ نەرسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئۆز كۈچىڭىزگە تايانماڭ
7. پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
7 پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىدىن ئالىدىغان بىر ساۋاق: يەھۋاغا خىزمەت قىلغاندا ئۆز كۈچىڭىز بىلەن قابىلىيىتىڭىزگە تايانماڭ. كۆپلىگەن ئادەملەر پاۋلۇسنىڭ شارائىتىدىن ۋە قابىلىيەتلىرىدىن زوقلانغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئىپتىخارلانسا ۋە ئۆزىگە تايانسا ئاسان بولاتتى. ئۇ رىم ئىمپېرىيىسىدىكى تارسۇس شەھىرىدە چوڭ بولغان. تارسۇس گۈللەنگەن شەھەر بولۇپ، ئۇ يەردە داڭلىق بىلىم يۇرتى بار ئىدى. پاۋلۇس ئالىي بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭغا شۇ زاماندىكى داڭلىق يەھۇدىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان غامالىيىل ئىسىملىك كىشى بىلىم بەرگەن (ئەلچى. 5:34؛ 22:3). بىر ۋاقىتلاردا، پاۋلۇس يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا بىر مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەلقىم ئارىسىدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمغا قارىغاندا، مەن يەھۇدىي دىنى يولدا خېلىلا ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭغان ئىدىم» (گالاتىيا. 1:13، 14؛ ئەلچى. 26:4). ئەمما، پاۋلۇس ئۆزىگە تايانمىغان.
8. پاۋلۇس ئۆزى رەت قىلغان نەرسىگە قانداق قارىغان ۋە نېمە ئۈچۈن «ئاجىزلاشقان، . . . چاغلاردا شاد-خۇرام» بولغان؟ (فىلىپىلىكلەر 3:8)
8 پاۋلۇس بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە بولغاندا، مۇھىم سانالغان ھەممە نەرسىنى خۇشاللىق بىلەن رەت قىلغان. ھەقىقەتەن، ئۇ ئىلگىرىكى ئۇتۇقلىرىنى «ئەخلەت» سانىغان. (فىلىپىلىكلەر 3:8-نى ئوقۇڭ). ئەلچى پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، بېشىدىن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكۈزگەن. مەسىلەن، ئۇنى ئۆز خەلقى ئۆچ كۆرگەن (ئەلچى. 23:12—14). شۇنداقلا رىم پۇقرالىرىمۇ ئۇنى ئۇرۇپ-سوقۇپ، تۈرمىگە تاشلىغان (ئەلچى. 23:12—14). بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ نامۇكەممەل ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئىشلارنى قىلىش قىيىن بولغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن (رىملىقلار 7:21—25). بىراق، ئەلچى پاۋلۇس دۈشمەنلىرىنىڭ قارشىلىقى ياكى ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئەيسا مەسىھنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشنى توختاتمىغان. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ «ئاجىزلاشقان، . . . چاغلاردا شاد-خۇرام بولىمەن»،— دېگەنىدى. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئۇ ئاجىز بولغاندا، يەھۋا ئۆز كۈچىنى ياردەمگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئۆز ھاياتىدا كۆرگەن.—2-كورىنت. 4:7؛ 12:10.
9. بىزنى قارىماققا ئاجىز كۆرسىتىدىغان نەرسىلەرگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز لازىم؟
9 خۇدانىڭ كۈچىگە ئېرىشىشنى خالىساق، بىلىمىمىز، مەدەنىيىتىمىز، كېلىپ چىقىشىمىز ۋە مال-دۇنيالىرىمىز بىزنى قەدىر-قىممەتكە ئېرىشتۈرىدۇ دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ھەممە نەرسىلەر يەھۋاغا بولغان خىزمىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولمايدۇ. ئەسلىدە، خۇدا خەلقى ئارىسىدا ئىنسان تەرىپىدىن دانىشمەنلەر، كۈچ-ھوقۇقلۇقلار ۋە ئاقسۆڭەكلەر دەپ قارالغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەكسىنچە، بۇ دۇنيا ئاجىز دەپ سانىغانلارنى خۇدا تاللىۋالغان (1-كورىنت. 1:26، 27). بۇ ئابزاسنىڭ بېشىدا كەلتۈرۈلگەن ھەممە نەرسىلەرگە ئىگە بولمىسىڭىزمۇ، يەنىلا يەھۋاغا خىزمەت قىلالايسىز. ئەكسىنچە، بۇنداق ۋەزىيەتلەرگە ئىجابىي كۆز قاراشتا بولۇڭ. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇشۇ دۇنيادا مۇھىم دەپ سانالغان نەرسىلەرگە ئىگە بولمىسىڭىزمۇ، يەھۋانىڭ بېرىدىغان كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرەلەيسىز. مەسىلەن، ئىشەنچىڭىزنى ئەيىبلەيدىغان كىشىدىن قورقسىڭىز، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن جاسارەتلىك بولۇشقا يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىڭ (ئەفەس. 6:19، 20). قانداقتۇ بىر ئېغىر كېسەل تۈپەيلى قىيىنچىلىقلارغا قارىشى تىركىشىۋاتقان بولسىڭىز، ۋەز قىلىش ئىشى بىلەن بەنت بولۇش ئۈچۈن يەھۋا خۇدادىن كېرەكلىك كۈچنى سوراڭ. ھەر قېتىم خۇدانىڭ ياردىمىنى كۆرگەندە، ئىشەنچىڭىز كۈچىيىدۇ ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللاردىن ئۆگىنىڭ
10. نېمە ئۈچۈن، ئىبرانىيلار 11:32—34-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان سادىق خىزمەتچىلەرنىڭ مىساللىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟
10 ئەلچى پاۋلۇس تىرىشچانلىق بىلەن يازمىلارنى تەتقىق قىلغان. ئەلچى پاۋلۇس خۇدا سۆزنى ئۆگىنىپلا قويماي، ئۇنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ مىساللىرىنى پۇختا تەتقىق قىلغان. پاۋلۇس ئىبرانىيلار يازغان خېتىدە، ئۇلاردىن خۇدانىڭ قەدىمقى سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشنى سورىغان (ئىبرانىيلار 11:32—34-نى ئوقۇڭ). داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ پەقەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئەمەس، ھەتتا بۇرۇن دوستى بولغان بەزىلەرنىڭ قارشىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن. پاۋلۇس داۋۇتنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىگە كۈچ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز ۋە بىز پاۋلۇسنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەلەيمىز.
11. نېمە ئۈچۈن داۋۇت ئاجىز بولۇپ كۆرۈنگەن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
11 كۈچلۈك جەڭچى غولىيات داۋۇتنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز دەپ قارىغان. غولىيات داۋۇتنى كۆزگە ئىلمىغان. سەۋەبى، غولىيات بويى ئېگىز ياخشى قوراللانغان ۋە جەڭدە تەجرىبىسى مول بىرى بولغان. قارىماققا، داۋۇت جەڭدە تەجرىبىسى يوق ئاددىي بالا ئىدى. لېكىن، داۋۇت ئاجىز بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كۈچلۈك بولغان. چۈنكى ئۇ يەھۋا خۇداغا تايانغان، شۇڭا خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئۇ غولىياتنى مەغلۇپ قىلغان.—1-سام. 17:41—45، 50.
12. داۋۇت يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان؟
12 داۋۇت ئۇنى ئاجىز ھېس قىلدۇرىدىغان يەنە بىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. داۋۇت يەھۋا ئۆزى ئىسرائىل خەلقىگە پادىشاھ قىلىپ تاللىغان سائۇلغا سادىق خىزمەت قىلغان ئىدى. بېشىدا پادىشاھ سائۇل داۋۇتنى ھۆرمەتلىگەن. كېيىن سائۇل مەغرۇرلۇققا بېرىلىپ، داۋۇتقا ئىچ تارلىق قىلىشقا باشلىغان. ئاندىن سائۇل داۋۇتقا يامان مۇئامىلە قىلىپ، ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان.—1-سام. 18:6—9، 29؛ 19:9—11.
13. داۋۇت ئۇ پادىشاھ سائۇلنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
13 سائۇلنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە قارىماستىن، داۋۇت يەھۋا تەيىنلىگەن پادىشاھقا داۋاملىق ھۆرمەت كۆرسەتكەن (1-سام. 24:6). داۋۇت سائۇلنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن يەھۋانى ئەيىبلىمىگەن. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ مۇشۇ قىيىن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە كېرەكلىك كۈچكە ئېرىشىش ئۈچۈن خۇداغا تايانغان ئىدى.—زەبۇر 18:1.
14. ئەلچى پاۋلۇس داۋۇت پادىشاھنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن؟
14 ئەلچى پاۋلۇس داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن. پاۋلۇسنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەك بولغان. كۆپلىگەن دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەر ئۇنى ئۆچ كۆرگەن. ئۇلار ئۇنى پات-پات ئۇرۇپ، تۈرمىگە تاشلىغان. داۋۇتقا ئوخشاش ئىلگىرى پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغانلار تەرىپىدىن، ئۇ يامان مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. جامائەتتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى، ھەتتا ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەن (2-كورىنت. 12:11؛ فىلىپى. 3:18). لېكىن، پاۋلۇس دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرالىغان. قانداقلارچە؟ ئۇ قارشىلىقلارغا قارىماستىن، ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ھەتتا ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرۈشنى توختاتمىغان. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇداغا سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغان (2-تىموت. 4:8). ئۇ ئۆز كۈچىگە ئەمەس، خۇداغا تايانغاچ، ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلىگەنىدى.
15. مەقسىتىمىز نېمە ۋە ئۇنىڭغا قانداق يېتەلەيمىز؟
15 سىنىپداشلىرىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز ياكى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ ھاقارىتىگە ياكى زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇۋاتامسىز؟ جامائەتتە بىرسى سىزگە يامان مۇئامىلە قىلغانمۇ؟ شۇنداق بولسىمۇ، داۋۇت بىلەن پاۋلۇسنىڭ مىساللىرىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. سىز «يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىشنى» داۋاملاشتۇرالايسىز (رىملىقلار 12:21). سىزنىڭ مەقسىتىڭىز، داۋۇتقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ پېشانىسىگە تاش ئېتىش ئەمەس، خۇدا سۆزىنى ئادەملەرنىڭ مېڭىسىگە ۋە يۈرەكلىرىگە سىڭدۈرۈش. سىز ئادەملەرنىڭ سوئاللىرىغا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ جاۋاب بەرسىڭىز ۋە سىزگە يامانلىق قىلغانلارغا، ھەتتا دۈشمەنلىرىڭىزگىمۇ ھۆرمەت كۆرسىتىپ ياخشىلىق قىلسىڭىز، مۇشۇ مەقسەتكە يېتەلەيسىز.—مەتتا 5:44؛ 1-پېتر. 3:15—17.
باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىڭ
16، 17. پاۋلۇس نېمىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىغان؟
16 ئەلچى پاۋلۇس مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن بۇرۇن ھاكاۋۇر بىر ياش كىشى بولۇپ، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان (ئەلچى. 7:58؛ 1-تىموت. 1:13). ئۇ سائۇل دېگەن ئىسمى بىلەنمۇ تونۇلغان ئىدى. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جامائەتلىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن پاۋلۇسنى ئەيسا ئۆزى توختاتقان. ئەيسا مەسىھ پاۋلۇسقا ئاسماندىن سۆزلەپ، ئۇنى قارغۇ قىلىپ قويغان. شۇڭا، قايتىدىن كۆزىنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن، پاۋلۇس ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان ئادەملەردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ھانانىيا ئىسىملىك شاگىرتنىڭ ياردىمىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلغان. ھانانىيا ئۇنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.—ئەلچى. 9:3—9، 17، 18.
17 پاۋلۇس كېيىنرەك جامائەتتە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بىر ئېتىقادى بولغان. بىراق، دەمەشققە بارىدىغان يولىدا ئەيسا ئۇنىڭغا بەرگەن ساۋاقنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىغان. پاۋلۇس كەمتەرلىكنى ساقلاپ قالغان ۋە قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. ئۇ قېرىنداشلىرىنى يار-يۆلىكىم، دەپ ئاتىغان.—كولوسى. 4:10، 11.
18. نېمە ئۈچۈن بەزىدە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
18 بىز پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگەنسەك بولىدۇ؟ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن ئارىلىشىشنى باشلىغاندا، بەلكىم روھىي بوۋاق ئىكەنلىكىمىزنى ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان (1-كورىنت. 3:1، 2). بىراق، ھازىرچۇ؟ ئەگەر بىز يەھۋاغا ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلىپ، مول تەجرىبىگە ئىگە بولساق، باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ بىزدىن كېيىن ھەقىقەتكە كەلگەنلەرنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا ئانچە تەييار بولماسلىقىمىز مۇمكىن. ئەمما، يەھۋا دائىم قېرىنداشلار ئارقىلىق بىزنى مۇستەھكەملەيدۇ (رىملىقلار 1:11، 12). ئەگەر يەھۋا بەرگەن كۈچكە ئېرىشىشنى خالىساق، بىز قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.
19. نېمە ئۈچۈن ئەلچى پاۋلۇس ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغان؟
19 ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغاندىن كېيىن، ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى جىسمانىي كۈچى، ئالغان بىلىمى، مال-دۇنياسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كەمتەرلىكى ۋە خۇداغا تايانغانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن. ھەممىمىز پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىپ، (1) ياراتقۇچى يەھۋاغا تايىنايلى، (2) مۇقەددەس كىتابنىڭ مىساللىرىنى ئۆگىنەيلى، (3) ئېتىقادداشلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلايلى. شۇ چاغدا، مەيلى قانچە ئاجىز بولساقمۇ، يەھۋا ئاتىمىز بىزنى كۈچلۈك قىلالايدۇ!
17-ناخشا ئالغا باس، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى!
a بۇ ماقالىدە، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە بىز كەمتەر بولساق، ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن ياراتقۇچى يەھۋا بىزگە كېرەكلىك كۈچ بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: بىز بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزۈمىزنى ئاجىز ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، نامۇكەممەل، كەمبەغەل، ئاغرىقچان ياكى بىلىمىمىز كەم بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزۈمىزنى شۇنداق ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، دۈشمەنلەر بىزنى ئاجىز ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يامان گەپ-سۆزلەر ياكى قول كۆتۈرۈپ ھۇجۇم قىلماقتا.
c سۈرەتتە: ئەلچى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ۋەز قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، پەرىسىي بولغان ۋاقتىدىكى بەزى نەرسىلەرنى، مەسىلەن مۇشۇ دۇنيادىكى ئورام يازمىلار ۋە ئىچىدە يازمىلار بار پېشانىسىگە چىگىۋالىدىغان ئايەت قۇتىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
d سۈرەتتە: خىزمەتداشلىرى بۇرادىرىمىزنى تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنى مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.