مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌رجىمىھال

مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشىمنى قىلدىم

مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشىمنى قىلدىم

دونالد رىدلى 30 يىلدىن كۆپرە‌ك يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قانۇ‌نىي ھوقۇ‌قىنى قوغدايدىغان ئادۋوكات بولغان.‏ ئۇ بېمارلارنىڭ قان قۇ‌يۇ‌شنى رە‌ت قىلىش ھوقۇ‌قىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت سىڭدۈرگە‌ن.‏ ئۇ قوشما شتاتلاردىكى ئالىي سوتلاردا نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم غە‌لبە قازىنىشتا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشقان.‏ دوستلىرى ئۇ‌نى دون،‏ دە‌پ چاقىرىشاتتى.‏ ئۇ تىرىشچان،‏ كە‌متە‌ر ۋە جان پىدا قىلىدىغان كىشى ئىدى .‏

2019-‏يىلى دونغا كە‌مدىن-‏كە‌م ئۇ‌چرايدىغان ۋە داۋاسى يوق نېرۋا كېسىلى دە‌پ دىئاگنوز قويۇ‌لغانىدى.‏ بۇ كېسە‌ل ناھايىتى تېز يامانلىشىپ كە‌تكە‌چ،‏ ئۇ 2019-‏يىلى 16-‏ئاۋغۇ‌ست كۈنى جان ئۈزدى.‏ تۆۋە‌ندىكى ئۇ‌نىڭ تە‌رجىمىھالى.‏

مە‌ن 1954-‏يىلى سېنت-‏پول شە‌ھىرىدە (‏مىننېسوتا شتاتى،‏ ئامېرىكا)‏ بايمۇ،‏ گادايمۇ ئە‌مە‌س،‏ رىم كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدىغان ئائىلىسىدە دۇ‌نياغا كە‌لدىم.‏ مە‌ن بە‌ش بالىنىڭ ئىككىنچىسى ئىدىم.‏ مە‌ن كاتولىك باشلانغۇ‌چ مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌دۇ‌م ۋە چېركاۋنىڭ مۇ‌راسىملىرىدا روھانىيلارغا ياردە‌م بېرە‌تتىم.‏ بىراق،‏ مېنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىملىرىم كە‌م ئىدى.‏ گە‌رچە ھە‌ممىنى ياراتقان بىر خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىغا ئىشە‌نسە‌ممۇ،‏ ئە‌مما چېركاۋنىڭ مېنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشىمغا ياردە‌م بېرە‌لىشىگە ئىشە‌نمىدىم.‏

ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىش

ۋىليام مىتچېل ئىنستىتۇ‌تىنىڭ قانۇ‌ن كە‌سپىدە ئوقۇ‌ۋاتقان بىرىنچى يىلى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مېنىڭ ئۆيۈمگە كە‌لدى.‏ مە‌ن كىر يۇ‌يۇ‌ش بىلە‌ن بە‌نت بولغاچقا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن كېيىن كېلىمىز،‏ دە‌پ كېتىپ قالدى.‏ ئۇ‌لار قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا ئىككى سوئال قويدۇ‌م:‏ «نېمىشقا يامان ئادە‌ملە‌ر ياخشى ئادە‌ملە‌ردىن ياخشىراق ياشايدۇ؟‏ بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏» مە‌ن ئۇ‌لاردىن «مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌ت»،‏ دېگە‌ن كىتابنى ۋە يېشىل تاشلىق كۆزگە چىرايلىق «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب.‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنى» ئالدىم.‏ ھە‌مدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىم.‏ ھە‌قىقە‌ت مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچتى.‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى كە‌لگۈسىدە پۈتۈن دۇ‌نيانى باشقۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ مە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلە‌ي مە‌غلۇ‌پ بولۇ‌پ كېلىۋاتقانلىقى،‏ پۈتكۈل دۇ‌نيانى زار-‏زار يىغلىتىپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ۋە ئادالە‌تسىزلىكنى كۆپە‌يتكىنىنى كۆرۈپ يېتە‌لىدىم.‏

1982-‏يىلى ئۆزۈمنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ شۇ يىلى سېنت-‏پول شە‌ھىرىدىكى بىر ساراي مە‌ركىزىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن «پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت» ناملىق چوڭ يىغىلىشتا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتۈم.‏ كېيىنكى ھە‌پتىدە،‏ مە‌ن دە‌ل شۇ شە‌ھە‌ردىكى ساراي بىناسىغا كېلىپ،‏ ئادۋوكاتلىق گۇ‌ۋاھنامىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېمتىھان تاپشۇ‌ردۇ‌م.‏ ئۆكتە‌بىر ئېيىنىڭ بېشىدا،‏ ئېمتىھاندىن ئۆتكە‌نلىكىمنى بىلدىم ۋە ئادۋوكات بولۇ‌پ ئىشلە‌شكە لاياقىتىگە ئىگە بولدۇ‌م.‏

‏«پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت»،‏ ناملىق چوڭ يىغىلىشتا برۇ‌كلىن بە‌يتە‌لدە ئىشلە‌ۋاتقان مايك رىچاردسون بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌م.‏ ئۇ ماڭا مە‌ركىزى باش باشقارمىسىدا قانۇ‌ن بۆلۈمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏ ئە‌لچىلە‌ر 8:‏36-‏دىكى ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنىڭ سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىپ،‏ مە‌ن ئۆزۈمدىن:‏ «قانۇ‌ن بۆلۈمىدە خىزمە‌ت قىلىشىمغا نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورۇ‌دۇ‌م.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس خېتىنى يازدىم.‏

ئاتا-‏ئانام مېنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغىنىمدىن خۇ‌رسە‌ن بولمىدى.‏ دادام مېنىڭدىن بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنىڭ قانۇ‌ن كە‌سىپىڭ ئۈچۈن قانداق پايدىسى بولىدۇ،‏ دە‌پ سورىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا پىدائىي خىزمە‌ت قىلىمە‌ن ۋە بە‌يتە‌للىكلە‌رگە ھە‌ر ئايدا تە‌مىنات ئۈچۈن بېرىلىدىغان 75 دوللارنى ئالىمە‌ن،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردىم.‏

مە‌ن سوتتا ئىشلە‌ش ئۈچۈن توختاملىشىپ قويغان ۋاقىت ئاخىرلىشىشىغا،‏ 1984-‏يىلى برۇ‌كلىندىكى (‏نيۇ‌يورك)‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىيالىدىم.‏ قانۇ‌ن بۆلۈمىگە تە‌يىنلە‌ندىم.‏ سوتتا توپلىغان تە‌جرىبە‌م،‏ مېنى ئالدىمدا كۈتۈۋاتقان ئىشلارغا تە‌ييارلىدى.‏

سىتانلى تىياتىرىنىڭ رېمونت قىلىنىشى

سىتانلى تىياتىرى سېتىۋېلىنغاندا مۇ‌شۇ‌نداق ئىدى

1983-‏يىلى نويابىر ئېيىدا،‏ نيۇ-‏جېرسى شتاتىنىڭ جېرسى شە‌ھىرىدىكى سىتانلى تىياتىرى سېتىۋېلىندى.‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر شە‌ھە‌ردىكى ئە‌مە‌لدارلارغا بۇ بىنانىڭ ئېلېكتىر ۋە تۇ‌رۇ‌با يوللىرىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن رۇ‌خسە‌ت بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ سىتانلى تىياتىرىنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ چوڭ يىغىلىش سارىيى سۈپىتىدە ئىشلە‌تمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردى.‏ بۇ قىيىنچىلىق پە‌يدا قىلدى.‏ جېرسى شە‌ھىرىنىڭ قانۇ‌نى بويىچە،‏ ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىنالار پە‌قە‌ت تۇ‌رالغۇ رايونلىرىغا جايلىشىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ سىتانلى تىياتىرى بولسا،‏ شە‌ھە‌ر مە‌ركىزىدىكى سودا-‏سېتىق رايونىغا جايلاشقاچقا،‏ شە‌ھە‌ر ئە‌مە‌لدارلىرى رۇ‌خسە‌ت ئىلىتىماسىنى رە‌ت قىلدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر نارازىلىق ئە‌رزى سۇ‌ندى،‏ ئە‌مما بۇ ئە‌رز رە‌ت قىلىندى.‏

مېنىڭ بە‌يتە‌لدىكى خىزمىتىمنىڭ بىرىنچى ھە‌پتىسىدە،‏ تە‌شكىلاتىمىز مۇ‌شۇ مە‌سىلە توغرۇ‌لۇ‌ق فېدېراتسىيە رايونلۇ‌ق سوتىغا ئە‌رز سۇ‌ندى.‏ مىنېسوتا شىتاتى سېنت-‏پولدىكى فېدېراتسىيە رايونلۇ‌ق سوتىدا كاتىپ سۈپىتىدە ئىككى يىللىق خىزمىتىمنى ئە‌مدىلا تاماملىغانلىقىم ئۈچۈن ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌لغان مە‌سىلىنى ياخشى بىلە‌تتىم.‏ بىزنىڭ ئادۋوكاتلىرىمىزنىڭ بىرى سىتانلى تىياتىرى ھە‌ر تۈرلۈك تۈمە‌ن ئاممىۋىي پائالىيە‌تلە‌ر،‏ شۇ جۈملىدىن كىنولاردىن تارتىپ روك مۇ‌زىكا كونسېرتلىرىغىچە پائالىيە‌تلە‌ردە قوللىنىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌ردى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن دىنىي مۇ‌راسىملارنى ئۆتكۈزۈش قانۇ‌نسىزلىق بولىدۇ؟‏ رايونلۇ‌ق سوت بۇ مە‌سىلىنى كۆرۈپ چىقىپ،‏ جېرسى شە‌ھىرى دىنىي ئە‌ركىنلىكىمىزنى ھۆرمە‌تلىمىگە‌ن،‏ دە‌پ ھۆكۈم چىقاردى.‏ رايونلۇ‌ق سوت شە‌ھە‌ردىن كېرە‌كلىك رۇ‌خسە‌تنامىنى بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلدى.‏ مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز ئىشىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن قانۇ‌ن ھوقۇ‌قلاردىن پايدىلانغان تە‌شكىلاتىنى بە‌رىكە‌تلە‌ۋاتقانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ بۇ ئىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏

بۇ‌رادە‌رلە‌ر بۇ كە‌ڭ كۆلە‌ملىك ئە‌كسىگە كە‌لتۈرۈش ئىشىنى باشلاپ كە‌تتى.‏ كە‌م دېگە‌ندە بىر يىل ئۆتكە‌چ،‏ 1985-‏يىلى 8-‏سېنتە‌بىردە جېرسى شە‌ھىرىدىكى چوڭ يىغىلىش سارىيىدا گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ 79-‏قارارلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇ‌ش پۈتتۈرۈش مۇ‌راسىمى ئۆتكۈزۈلدى.‏ مە‌ن خۇ‌دانىڭ مۇ‌شۇ ئىشىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىمغا بە‌ك خۇ‌رسە‌ن بولدۇ‌م.‏ بە‌يتە‌لگە كېلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئادۋوكات بولۇ‌پ ئىشلىگىنىمگە قارىغاندا،‏ پادىشاھلىق خىزمىتى ئۈچۈن ھە‌سسە‌منى قوشۇ‌ش مېنى بە‌كرە‌ك شۈكۈر-‏قانائە‌تكە ئىگە قىلدى.‏ شۇ ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى تېخىمۇ كۆپرە‌ك سوت ئىشلىرىدا قوللىنىدىغانىلىقىنى خىيالىمغا كە‌لتۈرمىگە‌ن ئىدىم.‏

قانسىز داۋالاش ھوقۇ‌قلىرىنى ھىمايە قىلىش

1980-‏يىللاردا،‏ دوختۇ‌رلار ۋە دوختۇ‌رخانىلار گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ قانسىز داۋالاش ئۆتۈنۈشلىرىنى ھۆرمە‌ت قىلمىغان.‏ سوتچىلار ئاياللارنىڭ قانسىز داۋالاش قانۇ‌نلۇ‌ق ھوقۇ‌قى،‏ يوق دە‌پ ئويلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھامىلدار ئاياللار كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغان.‏ سوتچىلار،‏ ئە‌گە‌ر ئانىسىغا قان قۇ‌يۇ‌لمىسا،‏ بالىسى يىتىم قېلىشى مۇ‌مكىن،‏ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن.‏

1988-‏يىلى 29-‏دېكابىر كۈنى،‏ دېنىس نىكېلو قېرىندىشىمىز بوشانغاندا،‏ كۆپ قان چىقىپ كېتىپ ئازاب چە‌ككە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ھېموگىلوبىنى 5تىن تۆۋە‌ن چۈشۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ دوختۇ‌ر قېرىندىشىمىزنىڭ قان سالدۇ‌رۇ‌شنى قوبۇ‌ل قىلىشىنى خالىغان.‏ دېنىس قېرىندىشىمىز ئۇ‌نى رە‌ت قىلدى.‏ ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌نلىكى دوختۇ‌رخانا سوتقا ئە‌رز سۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا قان قۇ‌يۇ‌ش تە‌دبىرىنى قوللىنىشنى قوبۇ‌ل قىلىش ھۆكۈمى چىقىرىشنى سورىغان.‏ سوتچى بۇ مە‌سىلىنى كۆرۈپ چىقماي،‏ قېرىندىشىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ يولدىشىغا خە‌ۋە‌ر قىلماي،‏ دوختۇ‌رخانىنىڭ ئۇ‌نىڭغا قان قۇ‌يۇ‌شىغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏

30-‏دېكابىر،‏ جۈمە كۈنى دوختۇ‌رلار ھە‌مراھىنىڭ ۋە باشقا تۇ‌غقانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي،‏ قېرىندىشىمىزغا قان قۇ‌يغان.‏ شۇ كە‌چتىلا دېنىس قېرىندىشىمىزنىڭ تۇ‌غقانلىرى ۋە بە‌زى ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ كاراۋىتىنىڭ ئۆپ-‏چۆرىسىدە تۇ‌رۇ‌ۋېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قان قۇ‌يۇ‌شقا قارشى تۇ‌رغىنى ئۈچۈن تۇ‌تۇ‌لغان.‏ 31-‏دېكابىر،‏ شە‌نبە كۈنى ئە‌تىگە‌نلىكى نيۇ‌يورك شە‌ھىرى ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌تراپىدىكى شە‌ھە‌رلە‌ردە گېزىتلار،‏ تېلېۋىزور ۋە رادىئولاردا بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خە‌ۋە‌ر قىلىنغان.‏

فىلىپ براملىي ئىككىمىز ياش چېغىمىزدا

دۈشە‌نبە ئە‌تىگە‌نلىكى،‏ مە‌ن رىياسە‌تچىلىك قىلىدىغان ئالىي سوتچى مىلتون مالېن بىلە‌ن سۆزلە‌شتىم.‏ مە‌ن بۇ مە‌سىلىگە تېگىشلىك ھە‌ممە دە‌لىللە‌رنى كۆرسىتىپ،‏ سوتچىنىڭ بۇ ئىشنى كۆرۈپ چىقمايلا،‏ قان قۇ‌يۇ‌شقا بۇ‌يرۇ‌ق چىقارغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردۈم.‏ سوتچى مالېن مېنى ئۆز ئىشخانىسىغا چۈشتىن كېيىن كېلىپ،‏ شۇ دە‌لىللە‌رنى ۋە بۇ ئىشقا تېگىشلىك قانۇ‌نلارنى كۆرۈپ چىقىشىنى سورىدى.‏ شۇ كە‌چتە خىزمىتىمگە يېتە‌كچى قېرىنداش فىلىپ براملىي مە‌ن بىلە‌ن بىرگە سوتچى مالېن سوتچىنىڭ ئىشخانىسىغا باردى.‏ سوتچى دوختۇ‌رخانىنىڭ ئادۋوكاتىنىمۇ چاقىردى.‏ بىزنىڭ مۇ‌نازىرىمىز قىزغىن ئۆتتى.‏ بىر پە‌يتتە،‏ فىلىپ بۇ‌رادە‌ر دە‌پتىرىگە «ئۆزىڭىزنى تۇ‌تۇ‌ڭ»،‏ دە‌پ يېزىپ ماڭا كۆرسە‌تتى.‏ بۇ مە‌ن ئۈچۈن ياخشى مە‌سلىھە‌ت ئىدى،‏ سە‌ۋە‌بى مە‌ن دوختۇ‌رخانىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ دە‌لىللىرىنى يوققا چىقىرىمە‌ن،‏ دە‌پ قېنىم بە‌كمۇ قىزىپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏

سولدىن ئوڭغا:‏ رىچارد موك،‏ گرىگورىي ئولدز،‏ پول پولىدورو،‏ فىلىپ براملىي،‏ مە‌ن ۋە مارىئو مورېنو.‏ قوشما شتاتلارنىڭ ئالىي سوتىدا،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى جە‌مئىيىتى بىلە‌ن سىتراتتون يېزىسى» ئارىسىدىكى ئە‌رز-‏شىكايە‌ت سوتىدا ئېغىزچە دە‌لىللە‌رنى كە‌لتۈرگە‌ن كۈنىمىز.‏—‏(‏‏«ئويغىنىش!‏» (‏باشقا تىل)‏ ژۇ‌رنىلى 2003-‏يىلى،‏ 8-‏يانۋار سانىغا قاراڭ)‏.‏

تە‌خمىنە‌ن بىر سائە‌تتىن كېيىن،‏ سوتچى مالېن بۇ ئىشنى ئە‌تە ئە‌تىگە‌ندە بىرىنچى بولۇ‌پ بىرتە‌رە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئىشخانىسىدىن چىققاندا،‏ ئۇ ئە‌تە دوختۇ‌رخانىنىڭ ئادۋوكاتى ئۈچۈن بە‌ك ئېغىر كۈن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ بۇ دوختۇ‌رخانىنىڭ دېنىس قېرىندىشىمىزغا مە‌جبۇ‌رلاپ قاننى قۇ‌يۇ‌ش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى ئادۋوكاتقا دە‌لىللە‌ش قىيىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا بۇ ئىشتا غە‌لبە قازىنىدىغانلىقىمىزنىڭ پۇ‌رسىتى بار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرمە‌كچى ئىدى.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بىزنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئويلىغاندا،‏ بىز بە‌ك ھاياجانلىنىپ كە‌تتۇ‌ق.‏

ئە‌تىسىگە تە‌ييار بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز كېچىچە ھە‌ممە دە‌لىللە‌رنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ سوت بىناسى برۇ‌كلىن بە‌يتە‌لدىن يىراق بولمىغاچقا،‏ قانۇ‌ن بۆلۈمىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ يە‌رگە باردى.‏ تۆت سوتچىلار ھە‌ممە دە‌لىللە‌رنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن،‏ قان قۇ‌يۇ‌ش ھە‌ققىدىكى بۇ‌يرۇ‌قنى يوققا چىقاردى.‏ ئالىي سوت دېنىس قېرىندىشىمىزغا پايدىلىق قارار چىقاردى.‏ سوت ئادە‌منىڭ كۆزقارىشىنى نە‌زە‌رگە ئالماي،‏ ئۇ‌نىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇ‌قىغا قارشى قارارىنى چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏

نە‌تىجىدە نيۇ‌يوركتىكى ئالىي سوت دېنىس قېرىندىشىمىزنىڭ قانسىز داۋالاش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.‏ بۇ قارار ئالىي سوت چىقارغان تۆت قارارنىڭ بىرىنچىسى بولغان.‏ بۇ ئىشقا قاتنىشىش مە‌ن ئۈچۈن شان-‏شە‌رە‌پ بولغان ئىدى (‏«‏ قوشما شتاتلارنىڭ ئالىي سوتلىرىدا ئېرىشكە‌ن غە‌لبىرىمىز‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مە‌ن بە‌يتە‌لنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلە‌ن بالىنى بېقىۋېلىش ۋە ئاجرىشىش،‏ يە‌ر-‏زېمىنلارنى ۋە بىنالارنى ئىشلىتىشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئە‌رز-‏شىكايە‌ت ئىشلىرىدا ھە‌مكارلاشتىم.‏

مېنىڭ ئائىلىۋى ھاياتىم

ئايالىم دون بىلە‌ن

مە‌ن ئايالىم دوننى بىرىنچى قېتىم ئۇ‌چراتقاندا،‏ ئۇ ئاجراشقان ۋە ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى ئىدى.‏ ئۇ ئۆز جېنىنى ئۆزى بېقىپ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان.‏ ئۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ جاسارە‌ت بىلە‌ن خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش قارارى ماڭا بە‌ك تە‌سىر قىلغان.‏ 1992-‏يىلى نيۇ‌يورك شە‌ھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن «نۇ‌ر تارقاتقۇ‌چىلار» ناملىق چوڭ يىغىلىشتا مە‌ن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدىم.‏ بىر يىلدىن كېيىن،‏ بىز توي قىلدۇ‌ق.‏ بۇ‌نداق روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن ۋە خۇ‌شخۇ‌ي ئايالغا ئېرىشىش بۇ خۇ‌دانىڭ بە‌رىكىتى.‏ ئىككىمىزنىڭ ھاياتىدا،‏ ئايالىم دون مېنى ھە‌قىقە‌تە‌ن مۇ‌كاپاتقا ئېرىشتۇ‌ردى.‏—‏پە‌ند.‏ نە 31:‏12‏.‏

بىز توي قىلغاندا،‏ بالىلار 11،‏ 13 ۋە 16 ياشتا ئىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا ياخشى دادا بولۇ‌شنى خالايتتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئۆگە‌ي ئاتىلار توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ئىزدىنىش قىلىپ،‏ بىزنىڭ ماتېرىياللاردىن بىلىۋالغانلىرىمنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللاندىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يىللار داۋامىدا بىزدە قىيىنچىلىقلار بولدى،‏ بىراق بالىلارنىڭ مېنى ئىشە‌نچلىك دوستى ۋە كۆيۈمچان دادىسى دە‌پ قوبۇ‌ل قىلغانلىقىغا مە‌ن خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ بالىلىرىمىزنىڭ دوستلىرى ئۈچۈن ئىشىكىمىز دائىم ئوچۇ‌ق ئىدى،‏ بىزمۇ قېشىمىزدا دائىم ۋاراڭ-‏چۇ‌رۇ‌ڭ قىلىدىغان ياشلارنىڭ بولۇ‌شىنى ياخشى كۆرە‌تتۇ‌ق.‏

2013-‏يىلى،‏ دون بىز ئىككىمىز ياشانغان ئاتا-‏ئانىلىرىمىزغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ۋىسكونسىن شتاتىغا كۆچۈپ كە‌تتۇ‌ق.‏ مېنىڭ ھە‌يران قالغىنىم،‏ بە‌يتە‌ل خىزمىتىم توختاپ قالمىدى.‏ مە‌ن ۋاقىتلىق پىدائىي خىزمە‌تچى سۈپىتىدە تە‌شكىلاتىمىزغا ھە‌رخىل قانۇ‌نىي ئىشلاردا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن تە‌كلىپ قىلىندىم.‏

كۈتۈلمىگە‌ن ئۆزگۈرۈشلە‌ر

2018-‏يىلى سېنتە‌بىر ئېيىدا،‏ كېكىرتىگىم راھە‌تسىز بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.‏ دوختۇ‌ر مېنى تە‌كشۈردى،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئېنىقلىيالمىدى.‏ كېيىنرە‌ك،‏ باشقا دوختۇ‌ر ماڭا نېرۋا كېسە‌للىكلىرى دوختۇ‌رىغا كۆرۈنۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ 2019-‏يىلى يانۋاردا نېرۋا كېسە‌للىكلىرى دوختۇ‌رى تە‌خمىنە‌ن دىئاگنوزنى قويۇ‌پ،‏ كە‌مدىن-‏كە‌م ئۇ‌چرايدىغان ئاستا-‏ئاستا تە‌ن ئە‌زالىرىنى زە‌يىپلە‌شتۈرىدىغان كېسە‌ل بىلە‌ن ئاغرىغانلىقىمنى ئېيتتى.‏

مە‌ن ئۆمۈر بويى مۇ‌زدا كانكى تېيىلىپ كېلىۋاتىمە‌ن.‏ مە‌ن بۇ‌نىڭغا بە‌ك ئامراق.‏ ئۈچ كۈندىن كېيىن،‏ كانكى تېيىلىۋاتقاندا،‏ ئوڭ قولۇ‌منىڭ بېغىشىنى سۇ‌ندۇ‌رۋالغاندىن كېيىن،‏ مە‌ن مۇ‌سكۇ‌للىرىمنىڭ ھە‌رىكىتىنى تىزگىنلە‌ش ئىقىتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ نېرۋا كېسىلىمنىڭ ھە‌يران قالارلىق تېز سۈرە‌تتە يامانلىشىپ كېتىشى سۆزلە‌ش،‏ ھە‌رىكە‌تلىنىش ۋە بىر نە‌رسىنى يۇ‌تۇ‌ش ئىقتىدارىمغا قاتتىق تە‌سىر قىلدى.‏

ئادۋوكاتلىق تە‌جرىبە‌مدىن پايدىلىنىپ،‏ پادىشاھلىق ئىشىنىڭ ئالغا بېسىشىغا ئازىراق ھە‌سسە‌منى قوشقۇ‌نۇ‌م،‏ مېنىڭ ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ.‏ مە‌ن دوختۇ‌رلار،‏ ئادۋوكاتلار ۋە سوتچىلار ئۈچۈن ھە‌ر ساھە‌دىكى ژۇ‌رناللاردا نۇ‌رغۇ‌ن ماقالىلە‌رنى يېزىپ ئېلان قىلدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قانسىز ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە داۋالىنىش ھوقۇ‌قىنى قوغداش ئۈچۈن دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتقىنىمدىن بە‌ك خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ ئە‌مما،‏ لۇ‌قا 17:‏10-‏دىكى سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌ن ئە‌رزىمە‌س قۇ‌ل،‏ پە‌قە‌ت مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشىمنى قىلدىم.‏