مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئۇ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلالايتتى

ئۇ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلالايتتى

بىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ،‏ بە‌رىكىتىگە ئېرىشىشنى خالايمىز.‏ بىراق ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى قانداق خۇ‌رسە‌ن قىلالايمىز؟‏ قە‌دىمدە بە‌زى كىشىلە‌ر ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان بولسىمۇ،‏ قايتىدىن خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالىغان.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رگە ئىگە بولسىمۇ،‏ كېيىنچە خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزدە «يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏» دېگە‌ن سوئال پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن،‏ كېلىڭلار،‏ يە‌ھۇ‌دانىڭ پادىشاھى بولغان رېھوبوئامنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

يامان باشلىنىش

رېھوبوئامنىڭ ئاتىسى سۇ‌لايمان ئىسرائىلدا 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى (‏1-‏پادىشاھلار 11:‏42‏)‏.‏ سۇ‌لايمان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،‏ رېھوبوئام پادىشاھ بولۇ‌ش ئۈچۈن يېرۇ‌سالىمدىن شە‌كە‌مگە سە‌پە‌ر قىلغان (‏2-‏تارىخنامە 10:‏1‏)‏.‏ ئۇ ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن قورققانمۇ؟‏ سۇ‌لايمان ئە‌قىل-‏پاراسىتى بىلە‌ن ھە‌ممىگە تونۇ‌لغان ئىدى.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ رېھوبوئامنىڭ دانالىقىنى سىنايدىغان قىيىن بىر مە‌سىلە پە‌يدا بولغان.‏

ئىسرائىل خە‌لقى ئۆزلىرىنى ئېزىلگە‌ندە‌ك ھېس قىلغاچقا،‏ رېھوبوئامغا ۋە‌كىللە‌رنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌نداق ئۆتۈندى:‏ «ئاتىلىرى بىزگە قىيىن ئىش بىلە‌ن سالغان ئېغىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قنى يېنىكرە‌ك قىلسىلا،‏ بىز سىلىنىڭ خىزمە‌تلىرىدە بولىمىز».‏—‏2-‏تارىخنامە 10:‏3،‏ 4‏.‏

رېھوبوئامنىڭ مۇ‌ھىم بىر قارار چىقىرىشى كېرە‌ك بولغان.‏ ئە‌گە‌ر خە‌لقنىڭ ئۆتۈنۈشى بويىچە قىلسا،‏ ئۆزى،‏ ئائىلىسى ۋە قول ئاستىدىكى كىشىلە‌ر بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك ھە‌شە‌مە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لمە‌يتتى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ خە‌لق سورىغاندە‌ك قىلمىسا،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا قارشى ئىسىيان كۆتۈرۈشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ رېھوبوئام قانداق قىلغان؟‏ ئۇ ئاۋۋال ئاتىسىنىڭ مە‌سلىھە‌تچىلىرى بولغان ئاقساقاللاردىن ئە‌قىل سورىغان.‏ ئۇ‌لار خە‌لق ئۆتۈنگە‌ندە‌ك قىلىشنى ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ رېھوبوئام كېيىن ئۆزىنىڭ تە‌ڭداشلىرى بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلىشىپ،‏ خە‌لققە قاتتىق قول بولۇ‌شنى قارار قىلىپ،‏ خە‌لققە شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاتام سىلە‌رنى قامچا بىلە‌ن ساۋىغان بولسا،‏ ئە‌مدى مە‌ن سىلە‌رنى تىكە‌نلىك قامچا بىلە‌ن ساۋايمە‌ن».‏—‏2-‏تارىخنامە 10:‏6—‏14‏.‏

بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئارىمىزدا يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن يىللار خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان ياشتا چوڭ قېرىنداشلار كۆپ.‏ ئۇ‌لار بىزگە دانا قارارلار چىقىرىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌سلىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سالايلى!‏ —‏ئايۇ‌پ 12:‏12‏.‏

ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالدى

رېھوبوئام كېيىنچە ئۆز قوشۇ‌نلىرىنى يىغىپ،‏ ئۆزىگە قارشى چىققان قە‌بىلىلە‌ر بىلە‌ن جە‌ڭ قىلماقچى بولغانىدى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز پە‌يغە‌مبىرى شە‌مايا ئارقىلىق مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلە‌ن جە‌ڭ قىلىشقا چىقماسلىقىڭلار كېرە‌ك.‏ ھە‌ممىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلە‌رگە قايتىپ كېتىڭلار،‏ چۈنكى بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە مە‌ن يول قويدۇ‌م».‏—‏1-‏پادىشاھلار 12:‏21—‏24 a‏.‏—‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

رېھوبوئامنىڭ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شى ئاسانغا چۈشكە‌نمۇ؟‏ ئۇ تىكە‌نلىك قامچا بىلە‌ن ساۋايمە‌ن دېگە‌ن ئىدى،‏ ئە‌مدى توپىلاڭنى كۆتە‌رگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە قارشى ھېچقانداق چارە قوللانمىسا،‏ خە‌لق يېڭى پادىشاھ ھە‌ققىدە نېمە ئويلايدۇ؟‏ (‏2-‏تارىخنامە 13:‏7-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏ رېھوبوئام خە‌لقنىڭ نېمە دە‌پ ئويلىشىغا پىسە‌نت قىلماي،‏ ئە‌سكە‌رلىرى بىلە‌ن بىرگە «يە‌ھۋانىڭ سۆزىگە بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئېيتقىنىدە‌ك،‏ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى».‏

بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ باشقىلار بىزنى زاڭلىق قىلسىمۇ،‏ ھە‌ردائىم يە‌ھۋانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىش دانالىقتۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر ئىتائە‌تچان بولساق،‏ خۇ‌دا ھە‌ردائىم بىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏—‏تە‌كرار قانۇ‌ن 28:‏2‏.‏

رېھوبوئام خۇ‌داغا بويسۇ‌نغانلىقى ئۈچۈن بە‌رىكە‌تكە ئېرىشكە‌نمۇ؟‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دا بىلە‌ن بىنيامىن قە‌بىلىلىرىگە داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە شۇ رايوندا يېڭى شە‌ھە‌رلە‌رنى قۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلغان.‏ يە‌نە ئۇ بە‌زى شە‌ھە‌رلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نىدى (‏2-‏تارىخنامە 11:‏5—‏12‏)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ رېھوبوئام بىر مە‌زگىل يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نغان.‏ ئون قە‌بىلە پادىشاھلىقىدا خە‌لق بۇ‌تلارغا چوقۇ‌نغاچقا،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر پادىشاھ رېھوبوئامنى ۋە ھە‌ق ئىبادە‌تنى قوللاش ئۈچۈن يېرۇ‌سالىمغا كە‌لگە‌ن (‏2-‏تارىخنامە 11:‏16،‏ 17‏)‏.‏ رېھوبوئام يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نغانلىقى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌نگە‌نىدى.‏

رېھوبوئامنىڭ گۇ‌ناھى ۋە توۋا قىلىشى

پادىشاھلىقى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ رېھوبوئام غە‌لىتە بىر ئىشنى قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نماي،‏ يالغان ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلىشنى باشلىغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ‌نىڭ ئاممونلۇ‌ق ئاپىسى ئۇ‌نىڭغا يامان تە‌سىر قىلغانمۇ؟‏ (‏1-‏پادىشاھلار 14:‏21‏)‏ بىز بۇ‌نى ئېنىق بىلمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ خە‌لق ئۇ‌نىڭ يامان يولىغا ئە‌گە‌شكە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مىسىر پادىشاھى شىشاقنىڭ يە‌ھۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ كۆپلىگە‌ن شە‌ھە‌رلىرىنى بېسىۋېلىشىغا يول قويغان.‏ رېھوبوئامنىڭ بۇ شە‌ھە‌رلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگىنى بىكار بولغان.‏—‏1-‏پادىشاھلار 14:‏22—‏24؛‏ 2-‏تارىخنامە 12:‏1—‏4‏.‏

شىشاق قوشۇ‌نلىرى بىلە‌ن يېرۇ‌سالىمغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشقا كە‌لگە‌ندە،‏ ۋە‌زىيە‌ت تېخىمۇ ناچارلىشىپ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ شە‌مايا پە‌يغە‌مبە‌ر رېھوبوئامغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌مە‌لدارلىرىغا خۇ‌دانىڭ مۇ‌نۇ سۆزلىرىنى يە‌تكۈزگە‌ن:‏ «سىلە‌ر مېنى تاشىغاچقا،‏ مە‌ن ھە‌م سىلە‌رنى تاشلاپ،‏ شىشاقنىڭ قولىغا تاپشۇ‌ردۇ‌م».‏ رېھوبوئام بۇ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغانمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ قوبۇ‌ل قىلغان!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئىسرائىلنىڭ ئە‌مە‌لدارلىرى ۋە پادىشاھ ئۆزلىرىنى خۇ‌دانىڭ ئالدىدا تۆۋە‌ن تۇ‌تۇ‌پ:‏ ‹يە‌ھۋا ئادالە‌تلىكتۇ‌ر›،‏ —‏ دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن».‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا رېھوبوئامنى قۇ‌تقۇ‌زغان ۋە يېرۇ‌سالىم ۋە‌يران قىلىنمىغان.‏—‏2-‏تارىخنامە 12:‏5—‏7،‏ 12‏.‏

شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ رېھوبوئام يە‌ھۇ‌دا پادىشاھلىقىدا داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان.‏ ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ ئوغۇ‌للىرىغا كۆپ سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىدىن كېيىن پادىشاھ بولىدىغان ئوغلى ئابىياغا قېرىنداشلىرى قارشى ئىسىيان كۆتە‌رمە‌سلىكى ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏2-‏تارىخنامە 11:‏21—‏23‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق رېھوبوئام ياش ۋاقتىغا قارىغاندا،‏ دانا ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏

رېھوبوئام ياخشى بولغانمۇ ياكى يامانمۇ؟‏

رېھوبوئام بە‌زى ياخشى ئىشلارنى قىلسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ھە‌ققىدە:‏ «رېھوبوئام … يامان ئىشلارنى قىلاتتى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ «چىن قە‌لبىدىن يە‌ھۋانى ئىزدە‌شكە ئىنتىلمىگە‌چ»،‏ شۇ‌نداق ئىشلارنى قىلغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلمىغان.‏—‏2-‏تارىخنامە 12:‏14‏.‏

رېھوبوئام داۋۇ‌تقا ئوخشاش يە‌ھۋا بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولمىغان

بىز رېھوبوئامدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ بە‌زىدە،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نغان.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۈچۈن بە‌زى ياخشى ئىشلارنى قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولمىغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنىمۇ خالىمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ رېھوبوئام توغرا ئىش قىلىشنى توختىتىپ،‏ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌شقا باشلىغانىدى.‏ بە‌لكىم،‏ سىز:‏ «يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلغانلىق سە‌ۋە‌بىدىن،‏ رېھوبوئام ئۆز خاتالىقلىرىغا چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالىغانمۇ؟‏ ياكى بولمىسا باشقىلار نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقانلىقى سە‌ۋە‌بىدىن شۇ‌نداق قىلغانمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورايدىغانسىز (‏2-‏تارىخنامە 11:‏3،‏ 4؛‏ 12:‏6‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌نە يامان ئىشلارنى قىلغان.‏ ئۇ بوۋىسى داۋۇ‌تقا تامامە‌ن ئوخشىمايدىغان يولنى تۇ‌تقان!‏ داۋۇ‌تنىڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌نلىكى راست.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئېغىر گۇ‌ناھىغا سە‌مىمىي توۋا قىلغان.‏ داۋۇ‌ت ئۆمۈر بويى يە‌ھۋا ۋە ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏—‏1-‏پادىشاھلار 14:‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 51:‏1،‏ 17؛‏ 63:‏1‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بۇ مىسالدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆز ئۆيىدىكىلە‌رنىڭ موھتاجلىقىنى قامدىغانلىقىنى ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقىنى ماختاشقا ئە‌رزىيدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بىز چىن كۆڭلىمىزدىن يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ئوتۇ‌ن سېلىپ تۇ‌رۇ‌شىمىز زۆرۈر.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز يالقۇ‌نلاپ تۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن،‏ خۇ‌دا سۆزىنى دائىم ئوقۇ‌پ،‏ شۇ ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز ۋە ھە‌رقاچان دۇ‌ئا قىلىشىمىز لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2؛‏ رىملىقلار 12:‏12‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بىزنى ھە‌رقانداق ئىشنى قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا،‏ چىن كۆڭلىمىزدىن توۋا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن كە‌چۈرۈم سوراشقا ئىنتىلىمىز.‏ شۇ‌ندىلا،‏ بىز رېھوبوئامغا ئوخشىماي،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ھە‌ق ئىبادە‌تنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌لە‌يمىز.‏—‏يە‌ھۇ‌دا 20،‏ 21.‏

a سۇ‌لايمان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىمىغاچ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىنى ئىككىگە بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏1-‏پادىشاھلار 11:‏31‏.‏