مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

نۇ‌رۇ‌ڭلار چاقناپ،‏ يە‌ھۋانى ئۇ‌لۇ‌غلىسۇ‌ن

نۇ‌رۇ‌ڭلار چاقناپ،‏ يە‌ھۋانى ئۇ‌لۇ‌غلىسۇ‌ن

‏«سىلە‌رنىڭ نۇ‌رۇ‌ڭلار ئىنسانلار ئالدىدا چاقنىسۇ‌نكى،‏ ئۇ‌لار… ئاسماندىكى ئاتاڭلارنى ئۇ‌لۇ‌غلىسۇ‌ن» ‏—‏مە‌تتا 5:‏16‏.‏

ناخشىلار:‏ 143،‏ 9

1.‏ خۇ‌شال بولۇ‌شىمىزغا قانداق ئالاھىدە سە‌ۋە‌ب بار؟‏

 خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ئۆز نۇ‌رىنى چاقنىتىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدىكى خە‌ۋە‌رلە‌رنى ئاڭلاش بىزنى نە‌قە‌دە‌ر ھاياجانلاندۇ‌رىدۇ-‏ھە!‏ ئۆتكە‌ن يىلى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى 10000000دىن كۆپرە‌ك ئادە‌م بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مىليونلىغان قىزىققۇ‌چىلار مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا كېلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن بە‌رگە‌ن سوۋغىسى،‏ يە‌نى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ھە‌ققىدە بىلىۋالغان.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9‏.‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ نېمىلە‌ر بىزنى «دۇ‌نيادا نۇ‌ردە‌ك» چاقناشتىن توسۇ‌پ قالالمايدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌رخىل تىللاردا سۆزلە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ بىزنى يە‌ھۋانى بىرلىكتە مە‌دھىيىلە‌شتىن توسۇ‌پ قويمايدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9‏)‏.‏ قايسى تىلدا سۆزلىشىمىزدىن ۋە قە‌يە‌ردە ياشىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ «دۇ‌نيادا نۇ‌ردە‌ك» چاقناپ تۇ‌رالايمىز.‏—‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏15‏.‏

3 ۋە‌ز خىزمىتىمىز،‏ ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى بىرلىكىمىز ۋە ھوشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ.‏ بۇ ئۈچ ساھە‌دە نۇ‌رىمىزنى چاقنىتىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ —‏مە‌تتا 5:‏14—‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

باشقىلارنىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىڭ

4،‏ 5.‏ (‏1)‏ ۋە‌ز قىلىشتىن باشقا،‏ يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا نۇ‌رىمىزنى چاقنىتالايمىز؟‏ (‏2)‏ مېھرىبانلىق قانداق ياخشى نە‌تىجە ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

4 بىز ۋە‌ز قىلىپ،‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلىغاندا،‏ نۇ‌رىمىز چاقنايدۇ (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى،‏ 1925-‏يىل،‏ 1-‏ئىيۇ‌ن سانىدىكى (‏ئىنگل.‏)‏ «زۇ‌لمە‌تتىكى پارلاق نۇ‌ر»،‏ دېگە‌ن ماقالىدە ئاخىرقى كۈنلە‌ردە نۇ‌رىمىزنىڭ چاقنىشىغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلساق،‏ پە‌رۋە‌ردىگارغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلىيالمايدىغانلىقىمىز ئېيتىلغان.‏ بۇ ماقالىدە يە‌نە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «نۇ‌رىمىزنى چاقنىتىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاپ،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشىشىمىز كېرە‌ك».‏ ۋە‌ز قىلىشتىن باشقا،‏ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز.‏ بىز ۋە‌ز قىلغاندا،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر بىزگە دىققە‌ت قىلىدۇ.‏ ئىللىق چىراي بىلە‌ن سالاملىشىپ كۈلۈمسىرىسە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌رگە بىز ۋە بىز ئىبادە‌ت قىلىدىغان خۇ‌دا ھە‌ققىدە ياخشى گۇ‌ۋاھلىق بېرىمىز.‏

5 ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «بىر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا،‏ شۇ ئۆيدىكى كىشىلە‌رگە سالام بېرىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 10:‏12‏)‏.‏ ئە‌يسا ۋە‌ز قىلغان رايوندا،‏ ناتونۇ‌ش كىشىلە‌رنى ئۆيىگە تە‌كلىپ قىلىش ئادىتى كە‌ڭ تارقالغان ئىدى.‏ ھازىر ئادە‌ملە‌ردە مۇ‌نداق ئۆرپ-‏ئادە‌ت يوق.‏ ئادە‌ملە‌ر ئىشىكى ئالدىدا ناتونۇ‌ش كىشىنى كۆرسە،‏ جىددىيلىشىپ كېتىشى ياكى خاپا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌گە‌ر بىز دوستانە ۋە مېھرىبان مۇ‌ئامىلىدە بولساق،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۆزىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىدۇ.‏ سىز ئاممىۋىي ئورۇ‌نلاردا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادە‌ملە‌رگە كۈلۈمسىرە‌پ،‏ ئوچۇ‌ق چىراي بىلە‌ن سالام قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌لار ئە‌ركىن-‏ئازادە ماتېرىياللىرىمىزنى ئالىدىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟‏ بۇ‌نداق قىلساق،‏ ئادە‌ملە‌ر بىز بىلە‌ن ئە‌ركىن سۆھبە‌تلىشىدۇ.‏

6.‏ ياشانغان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ۋە‌ز خىزمە‌تنى قىزغىنلىق بىلە‌ن قىلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

6 ئە‌نگلىيىدە ياشايدىغان يېشى چوڭ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال سالامە‌تلىكى ناچار بولغانلىقتىن،‏ بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك ئۆيمۇ ئۆي ۋە‌ز قىلالمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئۆيىگە يېقىن جايدىكى مە‌كتە‌پكە بالىلىرىنى ئە‌كېلىپ-‏ئە‌كېتىشكە كېلىدىغان ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن پايدىلىق مە‌سلىھە‌ت بېرىدىغان ماتېرىياللارنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستە‌لگە تىزىپ قويغان ئىدى.‏ بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار ماتېرىياللارنى،‏ يە‌نى «ياشلارنىڭ سوئاللىرى —‏ ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر» كىتابىنىڭ 1 ۋە 2-‏قىسىمىنى ئالغان.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى پات-‏پات خىزمە‌تكە چىقاتتى.‏ ئادە‌ملە‌ر بۇ قېرىنداشنىڭ ئوچۇ‌ق چىرايىنى ۋە ياشانغان ئە‌ر-‏ئايالنىڭ باشقىلارغا ھە‌قىقە‌تە‌ن ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلغانىدى.‏ ھە‌تتا،‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ بىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.‏

7.‏ ئۆز يۇ‌رتىدىن قېچىپ كە‌لگە‌ن مۇ‌ساپىرلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

7 يېقىنقى يىللاردا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۆز يۇ‌رتىدىن قېچىپ،‏ باشقا دۆلە‌تلە‌ردە ياشاشقا مە‌جبۇ‌ر بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏ سىز تۇ‌رۇ‌ۋاتقان جايدا مۇ‌ساپىرلار بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏ ئاۋۋال ئۇ‌لارنىڭ تىلىدا سالاملىشىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.‏ ئاندىن كېيىن،‏ «‏JW Language‏» پروگراممىسىدىن بىرنە‌چچە جۈملىنى يادلاۋېلىڭ.‏ ئۇ‌لارنى ئۇ‌چراتقاندا سالاملىشىپ،‏ گە‌پ قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌لار توختاپ،‏ سىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا jw.org تور بېكىتىدىن ئۇ‌لارنىڭ ئانا تىلىدىكى قىسقا فىلىملە‌رنى ۋە كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى كۆرسە‌تسىڭىز بولىدۇ.‏—‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏19‏.‏

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ «ۋە‌ز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشى بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆزى تە‌ييار قىلغان جاۋابىنى چىن يۈرە‌كتىن ئېيتىپ بېرىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

8 يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە بىز مۇ‌ھتاج بولىدىغان،‏ يە‌نى خىزمىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدىغان ھە‌ممە نە‌رسىنى بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز «ۋە‌ز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشىدا ئالغان بىلىم،‏ ئادە‌ملە‌رنى قايتا يوقلاپ بارغاندا ياكى ئۇ‌لارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنى ئە‌ركىن تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

9 بىرىنچى قېتىم ئىبادە‌ت يىغىلىشىمىزغا كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە بالىلىرىمىزنىڭ بە‌رگە‌ن جاۋابلىرى قاتتىق تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىز بالىڭىزغا جاۋابنى ئۆز سۆزىگە ئايلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئېيتىپ بېرىشنى ئۆگىتىڭ.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بالىلارنىڭ چىن يۈرە‌كتىن ئاددىي سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئۆز ئېتىقادى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بە‌رگىنىنى ئاڭلاپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 14:‏25‏.‏

بىرلىككە ھە‌سسىڭىزنى قوشۇ‌ڭ

10.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئائىلىنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

10 ئائىلىمىزنى ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ۋە خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاشقا ئۆگىتىشكە تىرىشساق،‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ پە‌رزە‌نتلىرىڭىز بىلە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌تنىڭ ھە‌ر ھە‌پتە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ كۆپ ئائىلىلە‌ر JW ئىنتېرنېت-‏تېلېۋىزىيىسىنى كۆرۈپ،‏ كېيىن بىلگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىدۇ.‏ كىچىك بالىلار بىلە‌ن ئۆسمۈرلە‌رنى تە‌ربىيىلە‌شتە زۆرۈر بولىدىغان تە‌لىم-‏تە‌ربىيىنىڭ پە‌رقى بارلىقىنى يادىڭىزدا ساقلاڭ.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ ھە‌ممىسى پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى سېلىڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 148:‏12،‏ 13‏.‏

ياشانغان قېرىنداشلار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش بىز ئۈچۈن پايدىلىق(‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11—‏13.‏ جامائە‌تنىڭ بىرلىكىگە قانداق ھە‌سسە قوشالايمىز؟‏

11 ھە‌تتا،‏ ياشلارمۇ ھە‌ممە قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تتە ئۆزىنىڭ مۇ‌ھىم ئورنى بارلىقىنى ھېس قىلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ يېشى چوڭ قېرىنداشلار بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش.‏ ئۇ‌لاردىن شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن يىل يە‌ھۋاغا داۋاملىق سادىق خىزمە‌ت قىلىشقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى سوراپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌لار بىزگە توپلىغان قىممە‌تلىك تە‌جرىبە-‏ساۋاقلىرىنى ئۆگىتىدۇ.‏ چوڭلار بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ھە‌م بىزگە،‏ ھە‌م ئۇ‌لارغا ئىلھام بېرىدۇ!‏ مە‌يلى چوڭ ياكى كىچىك بولايلى،‏ ئىبادە‌ت ئۆيىگە كە‌لگە‌ن مېھمانلارنى قۇ‌چاق يېيىپ قارشى ئالالايمىز.‏ سىز كۈلۈمسىرە‌پ سالاملىشىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئورۇ‌ن تېپىشقا ياردە‌م بە‌رسىڭىز ۋە ئۇ‌لارنى باشقىلار بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشى ئۈچۈن ياردە‌م بېرىڭ.‏

12 ئە‌گە‌ر ۋە‌ز خىزمە‌ت يىغىلىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلىش ۋە‌زىپىسىنى ئالسىڭىز،‏ ياشانغان قېرىنداشلارنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىپ،‏ نۇ‌رىنى چاقنىتىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌ز خىزمە‌ت قولايلىق رايوننى ئۇ‌لارغا بۆلۈپ بېرىڭ.‏ ئۇ‌لارنى ياشلار بىلە‌ن خىزمە‌تكە ئە‌ۋە‌تىڭ.‏ ياشانغان ياكى سالامە‌تلىكى ناچار قېرىنداشلار بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك كۆپ ۋە‌ز قىلالمىغاچقا كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ غېمىنى يە‌پ،‏ ئە‌ھۋالىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسە‌تسىڭىز،‏ بۇ ئۇ‌لارغا ئىلھام بولىدۇ.‏ مە‌يلى ئۇ‌لار نە‌چچە ياشتا بولسۇ‌ن ياكى ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌غىنىغا قانچە ئۇ‌زۇ‌ن بولسۇ‌ن،‏ سىزنىڭ مېھرىبانلىقىڭىز ئۇ‌لارنى ۋە‌ز خىزمە‌تنى قىزغىنلىق بىلە‌ن داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏—‏لاۋىيلار 19:‏32‏.‏

13 ئىسرائىللىقلار جە‌م بولۇ‌پ،‏ بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشتىن خۇ‌شاللىق تاپقان.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى:‏ «نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل،‏ نە‌قە‌دە‌ر ياخشى،‏ قېرىنداشلار ئۆتسە ئۆزئارا ئىناق-‏ئىتتىپاق!‏»—‏ دە‌پ ئېيتقان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ ئۇ بۇ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلە‌نگە‌نلە‌رنى مە‌سىھ قىلش ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌ن ماي بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ بۇ ماي تېرىنى راھە‌تلە‌ندۈرىدىغان خۇ‌ش پۇ‌راقلىق ماي ئىدى.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز ئوچۇ‌ق چىراي ۋە مېھرىبان بولۇ‌ش ئارقىلىق قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رالايمىز.‏ شۇ‌ندىلا،‏ بىز جامائە‌تنىڭ بىرلىكىگە ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلالامسىز؟‏ —‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏11—‏13‏.‏

14.‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە ياشىشىڭىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ نۇ‌رىڭىزنى قانداق چاقنىتالايسىز؟‏

14 قە‌يە‌ردە ياشىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ نۇ‌رىمىزنى چاقنىتالايمىز.‏ قوشنىلىرىڭىز مېھرىبانلىقىڭىزنى كۆرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىشنى خالىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «قوشنىلىرىم مە‌ن توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئويلايدۇ؟‏ ھويلا-‏ئاراملىرىم پاكىز ھە‌م رە‌تلىك،‏ مە‌ھە‌للىنىڭ مۇ‌ھىتىنى گۈزە‌للە‌شتۈرە‌مدۇ؟‏ قوشنىلىرىمغا ياردە‌م بېرىمە‌نمۇ؟‏» باشقا قېرىنداشلاردىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ياخشى ئۈلگىلىرى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌ققان،‏ قولۇ‌م-‏قوشنا،‏ خىزمە‌تداشلىرى ياكى ساۋاقداشلىرىغا قانداق تە‌سىر قىلغانلىقىنى سوراپ كۆرۈڭ.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏9‏.‏

ھوشيار بولۇ‌ڭ

15.‏ نېمە ئۈچۈن ھوشيار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

15 نۇ‌رىمىزنى داۋاملىق چاقنىتىشنى خالىساق،‏ قايسى زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا بىرنە‌چچە قېتىم:‏ «ھوشيار تۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏42؛‏ 25:‏13؛‏ 26:‏41‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ‏«دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» پات-‏ئارىدا كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىساق،‏ ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز (‏مە‌تتا 24:‏21‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ نۇ‌رىمىز چاقناشنىڭ ئورنىغا،‏ بارا-‏بارا ئاجىزلىشىپ،‏ ئۆچۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏

16،‏ 17.‏ ھوشيار بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

16 دۇ‌نـيانىـڭ ۋە‌زىـيىتـى بـارغـانسېـرى ناچارلىشىۋاتقاچقا،‏ تېخىمۇ ھوشيار تۇ‌رىشىمىز لازىم.‏ بىراق،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى دە‌ل يە‌ھۋا بە‌لگىلىگە‌ن ۋاقىت-‏سائە‌تتە كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏مە‌تتا 24:‏42—‏44‏)‏.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگۈچە،‏ بىز سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ھە‌ممە ئوي-‏پىكرىمىزنى كېلە‌چە‌ككە قارىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ڭ ۋە يە‌ھۋاغا داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىڭ (‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىۋاتقان قېرىنداشلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھاياتتا باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌پ كۆرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «يە‌تمىش يىل بىر يە‌ھۇ‌دىينىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇ‌تۇ‌پ يۈرۈۋاتىمە‌ن» ناملىق تە‌رجىمىھالنى ئوقۇ‌سىڭىز بولىدۇ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏،‏ 2012-‏يىل،‏ 15-‏ئاپرېل،‏ 18—‏21-‏بە‌تلە‌ر)‏.‏

17 يە‌ھۋاغا قىزغىن خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن ئالدىراش بولۇ‌ڭ.‏ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ ۋە قېرىنداشلار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىسىز ۋە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كە‌تكە‌نلىكىنى بايقىمايسىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏16‏)‏.‏ ئۆتكە‌ن يۈز يىلدا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلارنى قىلغانىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز ھە‌رقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بە‌ك ئالدىراش بولۇ‌ۋاتىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمىتىنى شۇ‌نچىلىك كە‌ڭ دائىرىدە قىلىۋاتىمىزكى،‏ نۇ‌رىمىز بىز تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالمىغۇ‌دە‌ك دە‌رىجىدە چاقنىماقتا!‏

ئاقساقاللار بىزنى يوقلاپ كە‌لگە‌ندە،‏ بىز خۇ‌دا سۆزىدىكى دانالىقنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز (‏18،‏ 19-‏ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

18،‏ 19.‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋاغا قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

18 گە‌رچە كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزسە‌كمۇ،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا پۇ‌رسە‌ت بېرىۋاتىدۇ.‏ بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاقساقاللارنى بە‌رگە‌ن ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏8،‏ 11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللار سىزنى يوقلاپ كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ پۇ‌رسە‌تنى چىڭ تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ دانالىقىنى ئۆگىنىپ،‏ مە‌سلىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سېلىڭ.‏

19 مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌نگىلىيىدە ياشايدىغان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال نىكاھىدا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ‌لار ئىككى ئاقساقالدىن ياردە‌م سورىغان.‏ ئايالىنىڭ دېيىشىچە،‏ ئېرى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا يېتە‌كچىلىكنى ئۆز قولىغا ئالمىغان.‏ ئە‌ر قېرىنداش بولسا،‏ تە‌لىم بېرىش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلاپ،‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ھە‌ر ھە‌پتىدە ئۆتكۈزمىگە‌نلىكىنى ئىقرار قىلغان.‏ ئاقساقاللار بۇ ئە‌ر-‏ئايالغا ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە ئويلىنىشنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار ئە‌ر قېرىنداشنى ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندىگە‌ن.‏ ئايال قېرىنداشنى ئېرىگە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئاقساقاللار يە‌نە ئۇ‌لارغا ئىككى بالىسى بىلە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھە‌ققىدە ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌ر بە‌رگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏21—‏29‏)‏.‏ ئە‌ر ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى.‏ ئاقساقاللار ئۇ‌نى بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي،‏ يە‌ھۋانىڭ روھىغا تايىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئاقساقاللارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە مېھرىبانلىقى بۇ ئائىلىگە بە‌ك كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏

20.‏ نۇ‌رىمىزنى چاقناتساق،‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

20 «يە‌ھۋادىن قورققان،‏ ئۇ‌نىڭ يولىدا يۈرگە‌ن كىشى بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 128:‏1‏)‏.‏ نۇ‌رىڭىزنى چاقناتسىڭىز،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە باشقىلارغا تە‌لىم بېرىڭ،‏ جامائىتىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىغا ھە‌سسە قوشۇ‌ڭ ۋە ھوشيار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ باشقىلار ياخشى ئۈلگىڭىزنى كۆرۈپ،‏ ئاتىمىز يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈشنى خالايدۇ.‏—‏مە‌تتا 5:‏16‏.‏