يەھۋا بىلەن ئەيسا بىر بولغاندەك، بىزمۇ بىر بولايلى!
«مەن … دۇئا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن، خۇددى ئەي ئاتا سەن مەن بىلەن بىر بولغاندەك».—يۇھاننا 17:20، 21.
ناخشىلار: 16، 31
1، 2. (1) ئەيسا يەھۋادىن نېمە ھەققىدە سورىغان؟ (2) ئەيسا نېمە ئۈچۈن شاگىرتلىرىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئەنسىرىگەن؟
ئەيسا ئۆز ئەلچىلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر داستىخاندا بولغاندا، ئۇلارنىڭ بىرلىكى ھەققىدە ئەنسىرىگەن ئىدى. ئۇلار بىلەن دۇئا قىلغاندا، ئەيسا ئاتىسى بىلەن بىر بولغاندەك، شاگىرتلىرىنىڭمۇ بىر بولۇشىنى تىلىگەن (يۇھاننا 17:20، 21-نى ئوقۇڭ). شاگىرتلىرىنىڭ ئارىسىدا بىرلىك بولسا، بۇ يەھۋانىڭ ئەيسانى ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى. سۆيگۈ-مۇھەببەت ئەيسانىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىنى پەرقلىق قىلىدىغان بەلگە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيتتى.—يۇھاننا 13:34، 35.
2 شۇ كەچتە ئەيسانىڭ نېمە ئۈچۈن بىر بولۇش ھەققىدە كۆپ سۆزلىگەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇ ئەلچىلىرى ئارىسىدا بىرلىكنىڭ كەم بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغانىدى. مەسىلەن، ئۇلار شۇ ئاخشىمى ئارىسىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلغان (لۇقا 22:24—27؛ ماركۇس 9:33، 34). يەنە بىر كۈنى، ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ھەزرىتى ئەيسادىن ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئورۇنلارنى، يەنى ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىشنى سورىغان.—ماركۇس 10:35—40.
3. شاگىرتلارنىڭ بىرلىكىنى نېمە بۇزغان؟ بىز قانداق سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 شاگىرتلارنىڭ بىرلىكىنى، كۆپرەك نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئارزۇسىدىن باشقا يەنە قانداق ئىشلار بۇزغان؟ ئەيسانىڭ زامانىدا ياشىغان كىشىلەر ئۆچمەنلىك ۋە بىر-بىرىنى كەمسىتىش تۈپەيلىدىن بۆلۈنگەنىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مۇنداق سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنى يېڭىشى كېرەك ئىدى. بۇ ماقالىدە، بىز تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز: ئەيسا كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەندە، نېمە قىلغان؟ ئۇ شاگىرتلىرىغا بىر-بىرىنى كەمسىتمەي، بىرلىكنى ساقلاشنى قانداق ئۆگەتكەن؟ ئەيسانىڭ ئۈلگىسى ۋە ئۇنىڭ تەلىملىرى بىرلىكنى ساقلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەن
4. ئەيسا قانداق كەمسىتىشكە ئۇچرىغان؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
4 ئەيسامۇ كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەنىدى. فىلىپ ناتانيەلگە مەسىھنى تاپقانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ: «ناسىرەدىن مۇنداق بىر ياخشى ئىش چىقارمۇ؟»،— دېگەن (يۇھاننا 1:46) ناتانيەل بەلكىم، مىكاھ 5:2دىكى بېشارەتتە ئېيتىلغاندەك، مەسىھنىڭ بەيتلەھەمدە تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇڭا، ئۇ ناسىرە شەھىرىنى مەسىھنىڭ يۇرتى بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ، دەپ ئويلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۇدىيەدىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئەيسانى جەلىلىيىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن كەمسىتكەن (يۇھاننا 7:52). نۇرغۇنلىغان يەھۇدىيىلىكلەر جەلىلىيىلىكلەرنى تۆۋەن كۆرگەن. باشقا يەھۇدىيلار ئەيسانى ھاقارەتلىمەكچى بولۇپ، ئۇنى «سامارىيىلىك»، دەپ ئاتىغان (يۇھاننا 8:48). سامارىيىلىكلەر باشقا بىر مىللەت كىشىلىرى بولۇپ، يەھۇدىيلار بىلەن ئوخشىمايدىغان دىندا بولغان. يەھۇدىيىلىكلەرمۇ، جەلىلىيىلىكلەرمۇ سامارىيىلىكلەرنى كۆزگە ئىلمايتتى ۋە ئۇلار بىلەن ئارىلاشمايتتى.—يۇھاننا 4:9.
5. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قانداق كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەن؟
5 يەھۇدىي دىنىي ئۇستازلار ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان. پەرىسىيلەر ئۇلارنى «لەنەتكە ئۇچرىغان» ئادەملەر دەپ ئاتىغان (يۇھاننا 7:47—49). شۇنداقلا پەرىسىيلەر يەھۇدىي دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇمىغانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تۇتمىغانلارنى ھېچنېمىگە يارىماس ۋە ئاددىي ئادەملەر دەپ ھېسابلىغان (ئەلچىلەر 4:13). ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كەمسىتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى — شۇ زاماندىكى ئادەملەر ئۆز دىنى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتى بىلەن بەك پەخىرلەنگەنىدى. بۇ كۆز قاراش شاگىرتلارنىڭمۇ باشقا ئادەملەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىغا تەسىر قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، بىرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى.
6. كەمسىتىش بىزگە قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
6 بۈگۈنكى كۈندە بىر-بىرسىنى كەمسىتىش كەڭ تارقالغان. مەسىلەن، ئادەملەر بىزنى كەمسىتىشى ياكى بەزىدە بىزمۇ باشقىلارنى كەمسىتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئاۋسترالىيىدىكى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىدىغان بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋسترالىيىدىكى يەرلىك مىللەت (ئابورىگېنلار) بۇرۇن دۇچ كەلگەن ۋە ھازىرمۇ دۇچ كېلىۋاتقان ئادالەتسىزلىك ھەققىدە ئويلىغىنىمدا، ئاق تەنلىك كىشىلەرنى بارغانسېرى قاتتىق ئۆچ كۆردۈم». ئۇ ئۆزى بەزى ئاق تەنلىكلەرنىڭ يامان مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا، ئۇلارغا بولغان نەپرىتى تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى. كانادالىق بىر بۇرادىرىمىز بولسا بۇرۇنقى ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەسۋىرلەپ: «فرانسۇز تىلىدا سۆزلەيدىغان ئادەملەرنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ ئويلايتتىم»،— دەيدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغانلارنى ئانچە ياقتۇرمىغانىدى.
7. ئەيسا كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەندە نېمە قىلغان؟
7 خۇددى ئەيسانىڭ زامانىدىكىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەرنىڭ باشقىلارنى كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇسى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا، ئۇنى ئۆزگەرتىش بەكمۇ قىيىن. ئەيسا كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەندە نېمە قىلغان؟ بىرىنچىدىن، ئۇ ھېچقاچان باشقىلارنى كەمسىتمىگەن. ھەردائىم ھەممىسىگە تەڭ قارىغان. ئۇ بايلارغىمۇ، گادايلارغىمۇ، پەرىسىيلەرگىمۇ، سامارىيىلىكلەرگىمۇ، ھەتتا سېلىق يىققۇچىلارغىمۇ ۋەز قىلغان. ئىككىنچىدىن، ئەيسا ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق شاگىرتلىرىنى باشقىلارغا گۇمانىي كۆز قاراشتا بولماسلىق ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك ھەققىدە تەلىم بەرگەن.
كەمسىتىشنى مېھىر-مۇھەببەت ۋە كەمتەرلىك بىلەن يېڭىش
8. قانداق مۇھىم پرىنسىپ بىرلىكىمىزنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
8 ئەيسا بىرلىكنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم بىر پرىنسىپنى ئۆگەتكەن. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «سىلەر ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا قېرىنداش»،— دېگەن (مەتتا 23:8، 9-نى ئوقۇڭ). بىز ھەممىمىز ئادەم-ئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، بىر-بىرىمىزگە قېرىنداش بولىمىز (ئەلچىلەر 17:26). شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى يەھۋانى ئاسماندىكى ئاتىمىز دەپ تونۇغاچ، ئەيسا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قېرىنداش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 12:50). شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەلچىلەر جامائەتلەرگە يازغان خەتلىرىدە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى قېرىنداشلار دەپ ئاتىغان a.—رىملىقلار 1:13؛ 1-پېترۇس 2:17؛ 1-يۇھاننا 3:13. (ئىزاھاتقا قاراڭ).
9، 10. (1) نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىشىگە ھېچقانداق سەۋەبى بولمىغان؟ (2) باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەيسا قانداق كۆرسەتكەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
9 ئەيسا شاگىرتلارنىڭ بىر-بىرىگە قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، كەمتەر بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى (مەتتا 23:11، 12-نى ئوقۇڭ). يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، بەزىدە تەكەببۇرلۇق ئەلچىلەرنىڭ ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك تۇغدۇرغان. ئەيسانىڭ زامانىدا ئادەملەر ئۆز مىللىتىدىن ماختانغان. كۆپ يەھۇدىيلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ ھېسابلىغانىدى. بىراق، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئۇلارغا: «خۇدا بۇ تاشلاردىن ئىبراھىمغا بالىلارنى يارىتىپ بېرىشكە قادىردۇر»،— دەپ ئېيتقان.—لۇقا 3:8.
10 ئەيسا ئادەملەرنىڭ ئۆز مىللىتى بىلەن ماختىنىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭدىن «مېنىڭ قوشنام كىم؟»— دەپ سورىغاندا، ئەيسا بۇ سوئالغا بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. قاراقچىلار بىر يەھۇدىينى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ يولدا تاشلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىن بىرنەچچە يەھۇدىي ئۆتسىمۇ، ھېچقايسىسى ياردەم بەرمەپتۇ. لېكىن بىر سامارىيىلىك كىشى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ياردەم قىلىپتۇ. بۇ تەمسىلنىڭ ئاخىرىدا، ئەيسا تەۋرات ئۇستازىغا شۇ سامارىيىلىك ئادەمگە ئوخشاش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان (لۇقا 10:25—37). شۇنداق قىلىپ، ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشنى سامارىيىلىك كىشىدىن ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
11. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ھېچكىمنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك ئىدى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ بۇنى چۈشىنىشىگە قانداق ياردەم بەردى؟
11 ئەيسا ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن ئاۋۋال شاگىرتلىرىغا «پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىلىرىغىچە» ۋەز قىلىشنى تاپشۇرغان (ئەلچىلەر 1:8). بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن شاگىرتلار تەكەببۇرلۇقتىن ۋە كەمسىتىشتىن نېرى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەيسا باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى دائىم تىلغا ئالغان. شۇڭا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھەممە مىللەت كىشىلىرىگە ۋەز قىلىشقا تەييار بولغان. مەسىلەن، ئەيسا رىملىق يۈز بېشىنى كۈچلۈك ئېتىقادى ئۈچۈن ماختىغان (مەتتا 8:5—10). ناسىرە شەھىرىدە بولغاندا، ئەيسا يات مىللەت كىشىلىرىگە، مەسىلەن سەرەپەت كەنتىدىكى تۇل ئايالغا ياكى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سۇرىيىلىك نائامانغا، يەھۋانىڭ قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن (لۇقا 4:25—27). ئەيسا سامارىيىلىك ئايالغا خۇش خەۋەر ئېيتقان ۋە ھەتتا سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇرغان، چۈنكى ئۇلار ئۇنى قىزىقىپ تىڭشىغان ئىدى.—يۇھاننا 4:21—24، 40.
دەسلەپكى مەسىھىيلەر كەمسىتىشنى قانداق يەڭگەن
12، 13. (1) ئەيسا سامارىيىلىك ئايالغا تەلىم بەرگەندە، ئەلچىلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ). (2) ياقۇپ بىلەن يۇھاننانىڭ ئەيسانىڭ ئۆگەتمەكچى بولغانلىرىنى پۈتۈنلەي چۈشەنمىگەنلىكىنى قەيەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؟
12 ئەلچىلەرنىڭ كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلىشى ئاسانغا توختىمىغان. ئۇلار ئەيسانىڭ سامارىيىلىك ئايالغا تەلىم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغان ئىدى (يۇھاننا 4:9، 27). يەھۇدىي دىنىي يېتەكچىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاياللار بىلەن، بولۇپمۇ يامان نامى تارقالغان سامارىيىلىك ئايال بىلەن سۆزلەشمەيتتى، شۇڭا ئەيسانىڭ شۇنداق قىلغانلىقى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئەلچىلەر ئەيساغا تاماق يەۋېلىشنى ئېيتقاندا، ئۇ سامارىيىلىك ئايال بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشكەچكە، ھەتتا تاماق يېيىشنى رەت قىلغان. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ ۋەز قىلىشىنى خالىغان، شۇڭا ئەيسا ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ھەتتا سامارىيىلىك ئايالغا ۋەز قىلىشنى تاماق يېيىشتەك مۇھىم كۆرگەن.—يۇھاننا 4:31—34.
13 ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ مۇھىم ساۋاقنى چۈشەنمىگەن ئىدى. بىر كۈنى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن سامارىيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، شۇ يېزىدا قونۇپ قېلىش ئۈچۈن بىر جاي ئىزدىگەن. ئەمما، سامارىيىلىكلەر ئۇلارنىڭ قونۇشىغا رۇخسەت بەرمىگەن. شۇ چاغدا، ياقۇپ بىلەن يۇھاننا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئەيسادىن ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇشنى ئۆتۈنۈشنى سورىغاندا، ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بەرگەن ئىدى (لۇقا 9:51—56). ئەگەر بۇ ۋەقە ئۆز يۇرتى جەلىلىيىدە يۈز بەرگەن بولسا، بەلكىم ياقۇپ بىلەن يۇھاننا شۇنچە قاتتىق ئاچچىقلانماس ئىدى. ئۇلار سامارىيىلىكلەرنى پەس كۆرگەچ، شۇنداق غەزەپلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. كېيىن، يۇھاننا سامارىيىلىكلەرگە ۋەز قىلغاندا، كۆپىنچىسى ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغان. شۇ چاغدا، ئۇ بۇرۇنقى كۆز قارىشى سەۋەبلىك خىجىل بولغان بولۇشى مۇمكىن.—ئەلچىلەر 8:14، 25.
14. كەمسىتىش مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنغان ئىدى؟
14 33-يىلنىڭ ئەللىكىنچى كۈن بايرىمى، يەنى ھوسۇل بايرىمىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جامائەتتىكى بەزى قېرىنداشلار ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. قېرىنداشلار مۇھتاجلىقتا بولغان تۇل ئاياللارغا ئوزۇقلۇق تەقسىم قىلغاندا، گرېكچە سۆزلەيدىغان تۇل ئاياللارغا سەل قارىغان (ئەلچىلەر 6:1). بۇ ئۇلار باشقا تىلدا سۆزلەيدىغان ئادەملەرنى تۆۋەن كۆرگەنلىكتىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەلچىلەر بۇ مەسىلىنى تېز ھەل قىلغانىدى. ئۇلار ئوزۇق-تۈلۈكنى تارقىتىش ئۈچۈن لاياقەتلىك يەتتە ئەر قېرىنداشنى تەيىنلىگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىمى، گرېكچە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، نارازى بولغان تۇل ئاياللارنىڭ كۆڭلى تەسەللىي تاپقان بولۇشى مۇمكىن.
15. پېترۇس ھەممە ئادەملەرگە تەڭ قاراش كېرەكلىكىنى قانداق ئۆگەنگەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
15 مىلادى 36-يىلى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ھەممە مىللەتلەرگە ۋەز قىلىشنى باشلىغان. بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئەلچى پېترۇس پەقەت يەھۇدىيلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن. كېيىن، خۇدا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممە ئادەملەرگە تەڭ كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەنىدى. شۇڭا، پېترۇس رىم ئەسكىرى كورنىلىيغا ۋەز ئېيتقان (ئەلچىلەر 10:28، 34، 35-نى ئوقۇڭ). شۇنىڭدىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئارىلىشىپ، بىللە تاماق يەپ يۈرگەن. بىراق، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇ ئانتاكيا شەھىرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن تاماقلىنىشنى توختاتقان (گالاتىيالىقلار 2:11—14). پاۋلۇس پېترۇسقا نەسىھەت بېرىپ تۈزەتكەندە، ئۇ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلغان. بۇنى بىز نەدىن بىلىمىز؟ پېترۇس كىچىك ئاسىيادىكى يەھۇدىي ۋە يەھۇدىي ئەمەس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە بىرىنچى خېتىنى يازغاندا، ھەممە قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى.—1-پېترۇس 1:1؛ 2:17.
16. دەسلەپكى مەسىھىيلەر باشقىلارغا قانداق تونۇلغان؟
16 ناھايىتى ئېنىقكى، ئەلچىلەر ئەيسادىن «ھەرخىل ئىنسانلارنى» سۆيۈشنى ئۆگەنگەن (يۇھاننا 12:32؛ 1-تىموتىي 4:10). بۇنىڭغا بىراز ۋاقىت كەتسىمۇ، ئۇلار ئادەملەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ئىدى. تەخمىنەن ب.م. 200-يىلى تېرتۇللىئان ئىسىملىك يازغۇچى ئادەملەرنىڭ مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن: «ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيىدۇ. ئۇلار ھەتتا بىر-بىرى ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييار». دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى «يېڭى تەبىئەتنى» ياكى مىجەز-خۇلۇقنى كىيگەچ، خۇدادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەنگەن ئىدى (كولوسىلىقلار 3:10، 11).
17. كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
17 بۈگۈنكى كۈندە، يۈرىكىمىزدە ساقلانغان كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن بىزگىمۇ ۋاقىت كېرەك بولۇشى مۇمكىن. فرانسىيىدىكى بىر قېرىندىشىمىز بۇنىڭ قانچىلىك قىيىن بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، مۇنداق دېگەن: «يەھۋا ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە ھەرخىل ئادەملەرنى سۆيۈشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى. لېكىن، مەن ھازىرغىچە باشقىلارنى كەمسىتمەسلىكنى ئۆگىنىۋاتىمەن. بۇنداق قىلىش ھەردائىم ئاسان ئەمەس. شۇڭا، بۇ ھەققىدە دائىم دۇئا قىلىمەن». ئىسپانىيىدە ياشايدىغان بىر قېرىنداش شۇنىڭغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلارغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «بەزىدە مەن مەلۇم بىر مىللەت كىشىلىرىگە بولغان سەلبىي ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلىشىم كېرەك. ئادەتتە بۇنداق قىلىش قولۇمدىن كېلىدۇ، لېكىن بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى ھەم چۈشىنىمەن. چوڭ بىر ئىناق-ئىتتىپاق ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىم ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارمەن». ھەممىمىز ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. بىزگىمۇ كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلىش كېرەكمۇ؟
مېھىر-مۇھەببەت بار يەردە، كەمسىتىشكە ئورۇن يوق
18، 19. (1) نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەملەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؟ (2) بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
18 بـۇرۇن ھەمـمىـمىـز خـۇدادىـن يىـراق ياشىغانلىقىمىزنى يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەر 2:12). ئەمما، يەھۋا خۇدا بىزنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئۆزىگە جەلپ قىلغان (ھوشىيا 11:4؛ يۇھاننا 6:44). مەسىھمۇ بىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، خۇدانىڭ ئائىلىسىگە كىرىشىمىزگە يول ئاچقان (رىملىقلار 15:7-نى ئوقۇڭ). نامۇكەممەل بولساقمۇ، ئەيسا بىزنى مېھرىبانلىق بىلەن قوبۇل قىلغان. شۇڭا، بىز ھېچبىر كىشىنى رەت قىلىپ چەتكە قېقىشنى خىيالىمىزغا ھەم كەلتۈرمەسلىكىمىز كېرەك!
بىز «يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق»قا ئىنتىلگەچ، ئارىمىزدا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىق بار (19-ئابزايسقا قاراڭ)
19 بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسىرى، ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك، بىر-بىرىنى كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ (گالاتىيالىقلار 5:19—21؛ 2-تىموتىي 3:13). لېكىن، بىز خۇدانىڭ خەلقى سۈپىتىدە، ھەممىگە تەڭ مۇئامىلە قىلىشقا ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان «يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق»قا ئېرىشىشكە ئىنتىلىمىز (ياقۇپ 3:17، 18). بىز خۇشاللىق بىلەن ھەرخىل مىللەت كىشىلىرى بىلەن دوست بولىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىمىز. شۇنداق قىلساق، دەريادەك تىنچلىقنىڭ ۋە دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئادالەتنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.—يەشايا 48:17، 18.
20. سۆيگۈ-مۇھەببەت ئوي-پىكرىمىز بىلەن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئۆزگەرتكەندە، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
20 ئاۋسترالىيىدىكى قېرىندىشىمىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندە، يۈرىكىدە يىلتىز تارتقان كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك ھېس-تۇيغۇلىرى ئاستا-ئاستا يوقاپ كەتكەن. مېھىر-مۇھەببەت ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۆزگەرتكەنىدى. كانادادىكى فرانسۇزچە سۆزلەيدىغان بۇرادەر بولسا ھازىر شۇنى چۈشەنگەن: «ئادەملەرنىڭ باشقىلارنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى — ئۇلارنى ياخشى تونۇمىغانلىقىدۇر». ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئادەملەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى چۈشەنگەن. ھەتتا، ئۇ ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان قېرىنداشقا ئۆيلەنگەن. بۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىسى سۆيگۈ-مۇھەببەت كەمسىتىشنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن مەھكەم باغلايدۇ.—كولوسىلىقلار 3:14.
a «قېرىنداشلارنىڭ» ئىچىگە ئەر ھەم ئايال ئېتىقادچىلار كىرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس رىمدىكى «قېرىنداشلارغا» خەت يازغاندا، ئايال ئېتىقادچىلارنىمۇ كۆزدە تۇتقان، چۈنكى بەزىلىرىنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ ئۆتكەن (رىملىقلار 16:3، 6، 12). نۇرغۇن يىللار «كۈزىتىش مۇنارى»دا، جامائەتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا «قېرىنداشلار» دېگەن سۆز ئىشلىتىلىپ كەلگەن.