«مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەس»
«ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلدىم».—يۇھاننا 18:37.
ناخشىلار: 5، 28
1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ھەرخىل سىياسىي گۇرۇھلارغا بۆلۈنىۋاتىدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
جەنۇبىي ياۋروپادىكى بىر قېرىنداش ئۆزى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «كىچىكىمدىن پەقەت ئادالەتسىزلىكنى كۆردۈم. شۇڭا، مەن دۆلىتىمدىكى سىياسىي تۈزۈمگە قارشى چىقىپ، ئەسەبىي، يەنى چەكتىن ئاشقان سىياسىي كۆز قاراشلارنى قوللىغۇچى بولدۇم. ھەتتا ئۇزۇن يىل بىر تېررورىست يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈردۈم». جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر بۇرادەر ئىلگىرى ئۆزىنىڭ زوراۋان كىشى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز قەبىلەمنى باشقا قەبىلىلەردىن يۇقىرى سانايتتىم، شۇڭا نەتىجىدە بىر سىياسىي پارتىيىگە قوشۇلدۇم. بىزگە قارشى چىققۇچىلارنى نەيزە بىلەن ئۆلتۈرۈشنى ئۆگەتكەن. ئۆز قەبىلىمىزدىن بولغان، بىراق باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنى قوللىغانلارنى ئۆلتۈرەتتۇق». ئوتتورا ياۋروپادىكى قېرىندىشىمىز: «مەن مىللەتچى بولۇپ، باشقا مىللەت ياكى دىندىن بولغان ئادەملەرنى ئۆچ كۆرەتتىم»،— دەيدۇ.
2 بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر بۇ ئۈچ قېرىنداشقا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولماقتا. كۆپلىگەن سىياسىي گۇرۇھلار مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلىدۇ. ئادەملەر سىياسىي ئىشلار سەۋەبىدىن دائىم جېدەللىشىدۇ ۋە كۆپ دۆلەتلەردە چەت ئەللىكلەرنى كەمسىتىش بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن-ئالا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى جاھىل بولىدۇ (2-تىموتىي 3:1، 3). بۆلگۈنچىلىك كەڭ تارقالغان بۇ دۇنيادا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئىناقلىقنى قانداق ساقلىيالايدۇ؟ بىز ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنەلەيمىز. ئۇ ياشىغان زاماندىمۇ كىشىلەر سىياسىي كۆز قاراشلار بويىچە گۇرۇھلارغا بۆلۈنگەن. بۇ ماقالىدە، بىز مۇنۇ ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابىنى مۇھاكىمە قىلىمىز: ئەيسا نېمە سەۋەبتىن ھېچقانداق سىياسىي گۇرۇھلارغا قاتناشمىغان؟ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەيسا قانداق كۆرسەتكەن؟ ئەيسا زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى قانداق ئۆگەتكەن؟
ئەيسا مۇستەقىللىققە ئىنتىلگەنلەرنى قوللىغانمۇ؟
3، 4. (1) ئەيسانىڭ زامانىدا كۆپلىگەن يەھۇدىيلار نېمىنى خالىغان؟ (2) خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق تەسىر قىلغان؟
3 ئەيسانىڭ كۈنلىرىدە كۆپلىگەن يەھۇدىيلار رىم ھۆكۈمىتىدىن ئازاد بولۇشنى خالىغان ئىدى. زېلوتلار، دەپ ئاتالغان ئەسەبىي يەھۇدىي سىياسىي گۇرۇھ، خەلقنىڭ بۇ ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشقان. بۇ گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى ئەيسانىڭ زامانىدا ياشىغان جەلىلىيىلىك يەھۇداغا ئەگەشكەن. ئۇ ئادەملەرنى ئالداپ، ئۆزىنى مەسىھ دەپ ئاتىغان. يۇسۇفۇس ئىسىملىك يەھۇدىي تارىخچىنىڭ ئېيتىشىچە، يەھۇدا خەلقنى رىمغا قارشى چىقىشقا ئۈندىگەن ۋە رىملىقلارغا سېلىق تۆلىگەن ئادەملەرنى «توخۇ يۈرەك» دەپ ئاتىغان. نەتىجىدە، رىم ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان (ئەلچىلەر 5:37). بەزى زېلوتلار، ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەتتا زوراۋانلىق قىلىشقان.
4 كۆپلىگەن يەھۇدىيلار مەسىھنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن ئىدى. ئۇلار مەسىھ كەلگەندە خەلقنى رىم ھۆكۈمىتىدىن ئازاد قىلىدۇ ۋە ئىسرائىلنى قايتىدىن ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان (لۇقا 2:38؛ 3:15). كۆپلىگەن يەھۇدىيلار مەسىھ يەر يۈزىدە ئىسرائىل پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەيدۇ دەپ ئىشەنگەن. شۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى جاي-جايلاردىن ئىسرائىلغا قايتىدۇ، دەپ كۈتكەن. ھەتتا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئەيسادىن مۇنداق سورىغان: «كېلىدىغان كىشى سىزمۇ ياكى باشقا بىرىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» (مەتتا 11:2، 3) بەلكىم، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشقا بىرى كېلەرمۇ؟ دەپ ئويلىغان. كېيىن، ئىككى شاگىرت ئېمايۇس دېگەن يەرگە ماڭغاندا، تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگەن. ئۇلار ئەيسانىڭ ئىسرائىلنى ئازاد قىلغۇچى بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئېيتقان (لۇقا 24:21-نى ئوقۇڭ). بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەلچىلەر ئەيسادىن: «ھەزرىتىم، شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلدا پادىشاھلىقنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسىز؟»— دەپ سورىغان.—ئەلچىلەر 1:6.
5. (1) جەلىلىيىلىكلەر نېمە ئۈچۈن ئەيسانى پادىشاھ قىلماقچى بولغان؟ (2) ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى قانداق تۈزەتكەن؟
5 يەھۇدىيلار مەسىھ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدۇ، دەپ ئارزۇ قىلغانلىقتىن، جەلىلىيىلىكلەر ئەيسانىڭ پادىشاھ بولۇشىنى خالىغان ئىدى. ئۇلار ئەيسا ئەڭ ياخشى پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ ياخشى ناتىق بولغان، ئاغرىقلارنى ساقايتقان ۋە ئاچ قالغانلارنى تويدۇرغان. ئۇ 5000 كىشىنى تويدۇرغاندا، ئۇلار ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغان ئىدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ نىيىتىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا: «ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پادىشاھ قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، يەنە ئۆزى يالغۇز تاغقا چىقىپ كەتتى»،— دەپ يېزىلغان (يۇھاننا 6:10—15). ئەتىسى خەلق ئازراق تىنچلانغاندا، ئەيسا ئادەملەرگە ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە تەلىم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ۋاقتىنچە بولىدىغان تاماق ئۈچۈن ئەمەس، ئىنسانئوغلى بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان تاماق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەڭلار».—يۇھاننا 6:25—27.
6. ئەيسا سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى قانداق ئېنىق كۆرسەتكەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
6 ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئاز قالغاندا، ئەيسا بەزى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۆزىنى يېرۇسالىمدا پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئويلىغانلىقىنى چۈشەنگەن. مۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەيسا كۈمۈچ تەڭگە ھەققىدە مىسال كەلتۈرگەن. بۇ مىسالدا، ئەيسا ئۆزىنى يىراق سەپەرگە كەتمەكچى بولغان باي ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغان (لۇقا 19:11—13، 15). ئەيسا يەنە پىلاتۇسقا سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟»— دەپ سورىغان (يۇھاننا 18:33). ئۇ ئەيسانىڭ خەلقنى رىملىقلارغا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن قورققان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەيسا: «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەس»،— دەپ جاۋاب بەرگەنىدى (يۇھاننا 18:36). ئەيسانىڭ پادىشاھلىقى ئاسماندا بولغاچ، ئۇ سىياسەتكە ئارىلاشمىغان. ئۇ يەرگە كېلىشىنىڭ مەقسىتى «ھەقىقەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.—يۇھاننا 18:37-نى ئوقۇڭ.
7. سىياسىي گۇرۇھلارنى، ھەتتا قەلبىمىزدە ياكى ئوي-پىكىرىمىزدە قوللاشتىن ئۆزىمىزنى يىراق تۇتۇش نېمە ئۈچۈن ئاسان ئەمەس؟
7 ئەيسا ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى چۈشەنگەن. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىمىزنى چۈشەنگەندىلا، ھېچقانداق سىياسىي گۇرۇھنى، ھەتتا قەلبىمىزدە ياكى ئوي-پىكىرىمىزدە قوللىمايمىز. ئەمما، بۇ ھەردائىم ئاسان بولمايدۇ. جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان بىر قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ رايونىدىكى ئادەملەر بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتقان. ئۇلار ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىپ، ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن بىرسى ھۆكۈمرانلىق قىلسا، تۇرمۇشىمىز ياخشىراق بولىدۇ، دەپ ئىشىنىشىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بەختكە يارىشا، قېرىنداشلار دىققىتىنى پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا قارىتىش ئارقىلىق ئىناقلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار خۇدانىڭ ئادالەتسىزلىكنى يوق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان ۋاقىت-سائىتىنى كۈتمەكتە».
ئەيسا سىياسىي مەسىلىلەردە بىتەرەپلىكنى قانداق ساقلىغان؟
8. ئەيسانىڭ كۈنلىرىدىكى يەھۇدىيلار قانداق ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان؟
8 ئادەملەر كۆپ ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەندە، ئادەتتە سىياسەتكە ئارىلىشىشنى باشلايدۇ. ئەيسانىڭ كۈنلىرىدە سېلىق تۆلەش چوڭ بىر سىياسىي مەسىلە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغان. ئەسلىدە، جەلىلىيىلىك يەھۇدانىڭ رىمغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى — رىملىقلار ھەممە خەلقنىڭ سېلىق تۆلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى نوپۇس تىزىملىتىشقا بۇيرىغان ئىدى. مەسىلەن، ئۇلار مال-مۈلۈك، يەر ۋە ئۆي دېگەنگە ئوخشاش ئۆزىگە تەۋە نەرسىلەر ئۈچۈن كۆپ سېلىقلارنى تۆلىگەن. سېلىق يىققۇچىلار پارا ئېلىپ، ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەنسەپكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىپ، ھوقۇقىنى پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئىدى. ئېرىخا شەھىرىدىكى سېلىقچىلارنىڭ باشلىقى زاكايمۇ خەلقنى كۆپ سېلىق تۆلەشكە مەجبۇرلاپ باي بولغان.—لۇقا 19:2، 8.
9، 10. (1) ئەيسانىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنى قانداق قىلىپ سىياسەتكە ئارىلاشتۇرماقچى بولغان؟ (2) ئەيسانىڭ جاۋابىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
9 دۈشمەنلىرى ئەيسانى سېلىق تۆلەش مەسىلىسىگە ئارىلاشتۇرماقچى بولغانىدى. ئۇلار ئەيسادىن ھەربىر يەھۇدىي ئادەم بېشىغا تۆلەش شەرت بولغان باج توغرىسىدا سورىغان (مەتتا 22:16—18-نى ئوقۇڭ). يەھۇدىيلار بۇ سېلىق تۈرىنى ئۆچ كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ رىم ھۆكۈمىتىنىڭ قول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. «ھىرودنىڭ تەرەپدارلىرى»، يەنى ھىرودنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى قوللىغانلار، ئەيسا سېلىق تۆلىمەسلىك كېرەك دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان. لېكىن، ئەيسا ئۇلارغا سېلىق تۆلەش كېرەك دەپ ئېيتسا، ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى توختىتاتتى. ئەيسا مۇشۇ ئەھۋالدا نېمە قىلغان؟
10 ئەيسا بۇ مەسىلىدە بىتەرەپلىكنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئەستە تۇتقان. شۇڭا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا بېرىڭلار» (مەتتا 22:21). ئەيسا سېلىق يىققۇچىلارنىڭ پارا ئالىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، دىققىتىنى ئۇنىڭغا قاراتمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ دىققىتىنى ئادەمزاتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالايدىغان خۇدا پادىشاھلىقىغا ئاغدۇرغان. ئەيسا بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ھەتتا، سىياسىي ئىشلاردا بىر تەرەپ توغرا ۋە ئىككىنچىسى ناتوغرا كۆرۈنسىمۇ، بىز سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز. خۇدا خىزمەتچىلىرى دىققىتىنى خۇدا پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىغا قاراتقاچ، ئادالەتسىزلىككە قارىتا كۈچلۈك ئوي-پىكىردە بولۇشتىن ياكى قارشى سۆزلەشتىن نېرى تۇرىدۇ.—مەتتا 6:33.
11. باشقىلارغا ھەقىقىي ئادالەتنى تېپىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
11 كۆپلىگەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىياسەتكە بولغان كۈچلۈك كۆز قاراشلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغان. مەسىلەن، بۈيۈك برىتانىيىدىكى بىر قېرىندىشىمىزنى ئالايلى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭدا كۈچلۈك سىياسىي كۆز قاراشلار پەيدا بولغانىدى. قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن قارا تەنلىك ئادەملەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى خالايتتىم. چۈنكى، بىز كۆپ ئادالەتسىزلىككە دۇچ كېلەتتۇق. مەن تالاش-تارتىشلاردا ئاسانلا يەڭسەممۇ، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولمايتتى. شۇ چاغدا، مەن مىللەتچىلىكنىڭ ئادەملەرنىڭ يۈرىكىدىن تۈپ يىلتىزى بىلەن قومۇرۇلۇپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمىگەن. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئۆز يۈرىكىمدىن باشلىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم». بىر ئاق تەنلىك قېرىنداش ئۇنىڭ ئۆز يۈرىكىدىكى يامان ھېس-تۇيغۇلىرىنى يوق قىلىشقا ياردەم بەرگەن ئىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قوشتى: «ھازىر مەن ئىما-ئىشارەت تىلى جامائىتىدە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىمەن ۋە ھەر تۈرلۈك ئادەملەرگە ۋەز قىلىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن».
«قىلىچىڭنى ئورنىغا قايتۇرغىن»
12. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى قانداق ‹خېمىرتۇرۇچتىن› نېرى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان؟
12 ئەيسانىڭ زامانىدا روھانىيلار پات-پات سىياسىي گۇرۇھلارنى قوللىغان. مەسىلەن، بىر كىتابتا يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي پارتىيەلەرگە ئوخشاش دىنىي مەزھەپلەرگە بۆلۈنگەنلىكى يېزىلغان («Daily Life in Palestina at the Time of Christ»). شۇڭا، ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ خېمىرتۇرۇچىدىن ۋە ھىرودنىڭ خېمىرتۇرۇچىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار»،— دېگەن ئىدى (ماركۇس 8:15). ئەيسا ھىرودنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەققىدە سۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن. پەرىسىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىدىن مۇستەقىل بولۇشىنى خالىغان. مەتتا كىتابىدا يېزىلغاندەك، ئەيسا شاگىرتلىرىنى سادۇقىيلاردىنمۇ ئاگاھلاندۇرغان. سادۇقىيلار رىم ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىغان، چۈنكى شۇنداق بولسا ئۇلار يۇقىرى مەنسەپكە ئىگە بولالايتتى. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى بۇ ئۈچ گۇرۇھنىڭ «خېمىرتۇرۇچىدىن»، يەنى ئۇلارنىڭ تەلىملىرىدىن نېرى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغانىدى (مەتتا 16:6، 12). ئادەملەر ئەيسانى پادىشاھ قىلماقچى بولغاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن.
13، 14. (1) سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەر قانداقلارچە ئادالەتسىزلىك ۋە زوراۋانلىقنى پەيدا قىلغان؟ (2) ھەتتا ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلسەكمۇ، نېمە ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
13 دىنلار سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشقاندا، ھەمىشە زوراۋانلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەيسا شاگىرتلىرىنى بىتەرەپلىكنى ساقلاشقا ئۆگەتكەن ئىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەرنىڭ ئەيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مانا شۇ. ئۇلار خەلق ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۆزلىرىگە ئەگەشمەي قېلىشىدىن قورققان ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولسا، پەرىسىيلەر دىنىي ۋە سىياسىي ھوقۇق، مەنسەپلىرىدىن ئايرىلاتتى. ئۇلار ئۆزئارا: «ئۇنى بۇنداق قويۇپ بەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار كېلىپ، بىزنىڭ جايىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ»،— دېيىشكەن (يۇھاننا 11:48). شۇڭا، ئالىي روھانىي قاياپا ئەيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى.—يۇھاننا 11:49—53؛ 18:14.
14 قاياپا قاراڭغۇ چۈشىشىنى كۈتۈپ، ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى ئەۋەتتى. لېكىن، ئەيسا قاياپانىڭ پىلانىنى بىلگەن. شۇڭا، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىم تاماق يېگەندە، ئۇلارغا قىلىچ ئېلىشنى بۇيرىغان. ئۇلارغا مۇھىم بىر ساۋاقنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىككى قىلىچ يېتەرلىك بولغان (لۇقا 22:36—38). شۇ كەچتە ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن بىر توپ ئادەم كەلدى. ئادالەتسىزلىككە چىدىماي، پېترۇس قىلىچىنى ئېلىپ، بىر كىشىنىڭ قۇلىقىنى چېپىۋەتكەن (يۇھاننا 18:10). لېكىن، ئەيسا پېترۇسقا: «قىلىچىڭنى غىلاپىغا سالغىن، چۈنكى قىلىچ كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ بىلەن ھالاك بولىدۇ»،— دېدى (مەتتا 26:52، 53). ئەيسا شاگىرتلىرىغا قانداق مۇھىم ساۋاقنى ئۆگەتكەن ئىدى؟ ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەيسا شۇ ھەققىدە دۇئا قىلغان (يۇھاننا 17:16-نى ئوقۇڭ). ئادالەتسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا پەقەت خۇدانىڭ ھوقۇقى بار.
15، 16. (1) خۇدا سۆزى قانداق قىلىپ مەسىھىيلەرگە سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشماسلىققا ياردەم بەرگەن؟ (2) يەھۋا بۇ دۇنيا كىشىلىرى بىلەن ئۆز خەلقى ئارىسىدا قانداق پەرقنى كۆرىدۇ؟
15 ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان جەنۇبىي ياۋروپادىكى قېرىندىشىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ساۋاق ئالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن زوراۋانلىق قىلىش ئارقىلىق ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم. زوراۋانلىق قىلىدىغانلار ئادەتتە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. يەنە نۇرغۇنلىرى ئاچچىقلىنىپ، تاش يۈرەك بولۇپ كېتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىن پەقەت خۇدا يەر يۈزىدە ھەقىقىي ئادالەتنى ئورنىتالايدىغانلىقىنى بىلىپ، بەكمۇ خۇشال بولدۇم. 25 يىلدىن بېرى مەن ئادەملەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىمەن». جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇرادىرىمىز نەيزىسىنى تاشلاپ، قولىغا «روھنىڭ قىلىچى»، يەنى مۇقەددەس كىتابنى ئالغان (ئەفەسلىكلەر 6:17). ھازىر ئۇ تىنچلىق خەۋىرىنى ئادەملەرنىڭ قايسى قەبىلىدىن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسىگە ۋەز قىلماقتا. ئوتتورا ياۋروپادىكى قېرىندىشىمىز بولسا، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاندىن كېيىن، بۇرۇن ئۆزى ئۆچ كۆرگەن مىللەتتىن بولغان ئىماندىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. بۇ ئۈچ قېرىنداش مەسىھنى ئۈلگە قىلىشنى خالىغانلىقتىن ئۆزلىرىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى قىلالىغان.
16 ئۆزگىرىشلەرنى قىلىش ناھايىتى مۇھىم! مۇقەددەس كىتابتا ئىنسانىيەت خۇددى دەھشەتلىك دولقۇنلاۋاتقان دېڭىزدەك ئىكەنلىكى ۋە ھېچقاچان تىنچلانمايدىغانلىقى يېزىلغان (يەشايا 17:12؛ 57:20، 21؛ ۋەھىيلەر 13:1). سىياسىي مەسىلىلەر ئادەملەرنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئۆزئارا بۆلگۈنچىلىك تۇغدۇرۇپ، زوراۋانلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما، خۇدانىڭ خەلقى ئارىسىدا تىنچلىق ۋە بىرلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. يەھۋا بۇ دۇنيانىڭ كىشىلىرى ئارىسىدىكى بۆلگۈنچىلىكنى كۆرگەندە، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئىناق-ئىتتىپاقلىقتىن چەكسىز سۆيۈنىدۇ.—سەفانىيا 3:17-نى ئوقۇڭ.
17. (1) ئىناقلىقىمىزنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان قانداق ئۈچ يول بار؟ (2) كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 بۇ ماقالىدە ئۆگەنگىنىمىزدەك، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنىڭ ئۈچ يولى بار: (1) بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئادالەتسىزلىكنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، (2) سىياسىي مەسىلىلەرگە ھېچقاچان ئارىلاشمايمىز ۋە (3) زوراۋانلىق قىلىشتىن نېرى تۇرىمىز. ئەمما، بىر نەرسە بىرلىكىمىزنى بۇزۇشى مۇمكىن، بۇ — بىر-بىرىمىزنى كەمسىتىش. كېيىنكى ماقالىدە، دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، كەمسىتىشنى قانداق يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.