مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ۋىجدانىڭىزنى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا ماس تە‌ربىيىلە‌ڭ

ۋىجدانىڭىزنى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا ماس تە‌ربىيىلە‌ڭ

‏«ئە‌سكە‌رتىشلىرىڭ توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىمە‌ن».‏ ‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏99‏.‏

ناخشىلار:‏ 29،‏ 11

1.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن بىز ھايۋاناتلاردىن يۇ‌قىرى تۇ‌رىمىز؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رگە ئالاھىدە بىر سوۋغات بە‌رگە‌ن.‏ بۇ —‏ بىزنىڭ ۋىجدانىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ ئالاھىدە قابىلىيە‌ت تۈپە‌يلى،‏ بىز ھايۋاناتلاردىن يۇ‌قىرى تۇ‌رىمىز.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ ۋىجدانى بولغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۆزلىرىنى يوشۇ‌رغان،‏ سە‌ۋە‌بى ۋىجدانى ئۇ‌لارنى ئازابلىغان ئىدى.‏

2.‏ ۋىجدانىمىزنى قايسى مە‌نىدە كومپاسقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

2 ۋىجدان —‏ توغرا بىلە‌ن ناتوغرىنى پە‌رقلە‌ندۈرۈش قابىلىيىتى.‏ ۋىجدانى ياخشى تە‌ربىيىلە‌نمىگە‌ن كىشىنى كومپىسى بۇ‌زۇ‌لغان كېمىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.‏ شامال ۋە ئوكيان ئېقىملىرى مۇ‌نداق كېمىنى ناتوغرا يۆنىلىشكە ئېلىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ توغرا ئىشلە‌يدىغان كومپاس دېڭىزچىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە سە‌پە‌ر قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ۋىجدانىمىزنى ياخشى تە‌ربىيىلىسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى توغرا يولغا يېتە‌كلە‌يدۇ.‏

3.‏ ۋىجدانىمىزنى توغرا تە‌ربىيىلىمىسە‌ك،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

3 ئە‌گە‌ر ۋىجدانىمىزنى توغرا تە‌ربىيىلىمىسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى ناتوغرا ئىشنى قىلىشقا قارشى ئاگاھلاندۇ‌رمايدۇ (‏1-‏تىموتىي 4:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ۋىجدانىمىز بىزگە «ياماننى ياخشى» دە‌پ،‏ بىزنى ئىشە‌ندۈرۈشى مۇ‌مكىن (‏يە‌شايا 5:‏20‏)‏.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «شۇ‌نداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ‌كى،‏ سىلە‌رنى ئۆلتۈرۈۋاتقان ھە‌ربىر كىشى خۇ‌داغا مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌ت قىلىۋاتىمە‌ن دە‌پ ئويلايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 16:‏2‏)‏.‏ ئىستىپان دېگە‌ن شاگىرتنى ئۆلتۈرگە‌ن كىشىلە‌رمۇ شۇ‌نداق ئويلىغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 6:‏8،‏ 12؛‏ 7:‏54—‏60‏)‏.‏ تارىخقا نە‌زە‌ر تاشلىساق،‏ كۆپلىگە‌ن دىندار ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دا ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز،‏ دە‌پ ئادە‌م ئۆلتۈرۈشتە‌ك ئېغىر جىنايە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشلىرى ئە‌مە‌لىيە‌تتە خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا زىت بولغانىدى (‏چىقىش 20:‏13‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋىجدانى ئۇ‌لارنى توغرا يولغا يېتە‌كلىمىگە‌ن!‏

4.‏ ۋىجدانىمىز توغرا يولغا يېتە‌كلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

4 ۋىجدانىمىز توغرا يولغا يېتە‌كلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قانۇ‌نلار ۋە پرىنسىپلار «تە‌لىم بېرىش،‏ تە‌نبىھ بېرىش،‏ تۈزىتىش،‏ ھە‌ققانىيلىق يولىدا تە‌ربىيىلە‌ش ئۈچۈن پايدىلىقتۇ‌ر» (‏2-‏تىموتىي 3:‏16‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شىمىز،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز ۋە ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىشقا ئادە‌تلىنە‌لە‌يمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ ۋىجدانىمىز بىزگە توغرا يول كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل بولىدۇ.‏ كېلىڭلار،‏ ۋىجدانىمىزنى تە‌ربىيىلە‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى ۋە پرىنسىپلىرىنى قانداق قوللانساق بولىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

ۋىجدانىمىزنى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى تە‌ربىيىلىسۇ‌ن

5،‏ 6.‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

5 خۇ‌دا قانۇ‌نلىرىنىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىشىنى خالىساق،‏ ئۇ‌لارنى پە‌قە‌ت ئوقۇ‌پ ياكى بىلىپلا قويماي،‏ شۇ قانۇ‌نلارنى سۆيۈشىمىز ۋە ھۆرمە‌تلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈڭلار،‏ ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ئاموس 5:‏15‏)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشاش كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بىر مىسال كە‌لتۈرە‌يلى.‏ سىز ئۇ‌يقۇ‌سىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولدىڭىز دە‌يلى.‏ دوختۇ‌ر سىزگە پايدىلىق تائاملارنى يېيىش،‏ كۆپرە‌ك بە‌دە‌ن چېنىقتۇ‌رۇ‌ش ۋە تۇ‌رمۇ‌ش ئادىتىڭىزنى ئۆزگە‌رتىش ھە‌ققىدە كۆرسە‌تمە بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە قىلىپ،‏ پايدىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ دوختۇ‌رنىڭ بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلىرى ھە‌ققىدە نېمە ئويلايسىز؟‏

6 شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىزنى گۇ‌ناھنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن قوغداپ،‏ تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن قانۇ‌نلارنى بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا سۆزىدىن بىز يالغانچىلىق،‏ ئالدامچىلىق،‏ ئوغرىلىق،‏ زىنا،‏ زوراۋانلىق قىلماسلىقىمىز ۋە جىنلار بىلە‌ن ئالاقىدە بولماسلىقىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنىمىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16—‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏8‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌شنىڭ قانداق ياخشى نە‌تىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋە ئۇ‌نىڭ قانۇ‌نلىرىغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ئاشىدۇ.‏

7.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان مىساللار بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 نېمە توغرا،‏ نېمە ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلىش ئۈچۈن خۇ‌دا قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌پ،‏ ئازاب چېكىشىمىز شە‌رت ئە‌مە‌س.‏ بىز ئۆتمۈشتە باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالالايمىز.‏ بۇ مىساللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏5 -‏تە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دانا كىشى تە‌لىمگە قولاق سالار ۋە بىلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رار».‏ بۇ بىلىم يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن بولۇ‌پ،‏ بۇ‌نىڭدىن ياخشىراق بىلىم يوق!‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىپ،‏ بە‌تشە‌با بىلە‌ن جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلغاندا،‏ بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان (‏2-‏سامۇ‌ئىل 12:‏7—‏14‏)‏.‏ بۇ ۋە‌قە‌نى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوئال سوراپ كۆرۈڭ:‏ ‏«داۋۇ‌ت ئۆزىنى بۇ ئېغىر ئاقىۋە‌تلە‌ردىن قانداق ساقلىيالايتتى؟‏ مە‌ن شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تتە بولسام،‏ نېمە قىلاتتىم؟‏ ئە‌خلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌لسام،‏ داۋۇ‌تتە‌ك ھە‌رىكە‌ت قىلىمە‌نمۇ ياكى يۈسۈپتە‌كمۇ؟‏» (‏يارىتىلىش 39:‏11—‏15‏)‏ گۇ‌ناھنىڭ ئاقىۋىتى قانچىلىك ئېغىر بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ يامانلىققا تېخىمۇ نە‌پرە‌تلىنىدىغان بولىمىز.‏

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ ۋىجدانىمىز بىزگە نېمە قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ پرىنسىپلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش ۋىجدانىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

8 بىز خۇ‌دا ئۆچ كۆرىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن نېرى تۇ‌رىمىز.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ۋە‌زىيىتىمىزگە ماس كېلىدىغان ئېنىق بىر قانۇ‌ن يوق بولسىچۇ؟‏ خۇ‌دا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە‌گە‌ر ۋىجدانىمىزنى خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ماس تە‌ربىيىلىسە‌ك،‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە دانا قارار چىقىرىمىز.‏

9 يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ ۋىجدانىمىزنى تە‌ربىيىلە‌ش ئۈچۈن پرىنسىپلارنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋا،‏ سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن.‏ ساڭا پايدىلىق بولغاننى ئۆگە‌تكۈچىمە‌ن.‏ سېنى مېڭىشىڭ كېرە‌ك بولغان يولدا يېتە‌كلىگۈچىمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌لبىمىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول بە‌رسە‌ك،‏ ۋىجدانىمىزنى تە‌ربىيىلە‌پ تۈزىتىمىز ۋە تېگىشلىك ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىمىز.‏ بۇ بىزگە دانا قارارلارنى چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ پرىنسىپلىرى سىزگە يول-‏يورۇ‌ق كۆرسە‌تسۇ‌ن

10.‏ پرىنسىپ دېگىنىمىز نېمە؟‏ ئە‌يسا تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ پرىنسىپلارنى قانداق ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

10 پرىنسىپ —‏ ئوي-‏پىكرىمىزگە تە‌سىر قىلىدىغان ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ئاساسىي ھە‌قىقە‌ت.‏ يە‌ھۋانىڭ پرىنسىپلىرىنى بىلسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى ۋە نېمە ئۈچۈن بە‌زى قانۇ‌نلارنى بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا پرىنسىپلارنى ئىشلىتىپ،‏ شاگىرتلىرىنىڭ ھە‌رقانداق ئىشقا تۇ‌تقان مۇ‌ئامىلىسى ۋە قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنىڭ بىر ئاقىۋە‌تنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا غە‌زە‌پنىڭ زوراۋانلىققا ۋە ئە‌خلاقسىز ئوي-‏پىكىرلە‌رنىڭ زىناغا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (‏مە‌تتا 5:‏21،‏ 22،‏ 27،‏ 28‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ پرىنسىپلىرىنىڭ بىزنى يېتە‌كلىشىگە يول بە‌رسە‌ك،‏ بىز ۋىجدانىمىزنى ياخشى تە‌ربىيىلە‌پ،‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدىغان قارارلارنى چىقىرىمىز.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏31‏.‏

يېتىلگە‌ن مە‌سىھىي باشقىلارنىڭ ۋىجدانىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىدۇ (‏11،‏ 12-‏ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ بىر ئادە‌منىڭ ۋىجدانى باشقا بىرسىنىڭ ۋىجدانىدىن قانداق پە‌رقلىنىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 مە‌سىھىيلە‌ر ۋىجدانىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس تە‌ربىيىلىسىمۇ،‏ بە‌زى مە‌سىلىلە‌ردە ھە‌ر تۈرلۈك قارار چىقىرىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش مە‌سىلىسىنى ئالايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش مە‌نئىي قىلىنمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭدا ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ ئىچمە‌سلىكىمىز ياكى مە‌س بولماسلىقىمىز كېرە‌كلىكى يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏1؛‏ 1-‏تىموتىي 3:‏8‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش ياكى ئىچمە‌سلىكنى قارار قىلغاندا،‏ «كۆپ ئىچمىسە‌ملا بولدى،‏ باشقىسى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س»،‏ دە‌پ ئويلىسا توغرىمۇ؟‏ ياق.‏ گە‌رچە ئۇ‌نىڭ ۋىجدانى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى ئىچىشكە يول قويسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى باشقىلارنىڭمۇ ۋىجدانىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك.‏

12.‏ رىملىقلار 14:‏21-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى ھۆرمە‌تلىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى ھۆرمە‌تلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىپ:‏ «قېرىندىشىڭغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولماسلىق ئۈچۈن،‏ گۆش يېمە‌سلىك،‏ شارابمۇ ئىچمە‌سلىك ياكى باشقا ئىشلارنى قىلماسلىق ئە‌ڭ ياخشىدۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏رىملىقلار 14:‏21‏)‏.‏ گە‌رچە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنى ئىچىشكە ھوقۇ‌قلۇ‌ق بولساقمۇ،‏ شۇ‌نداق قىلىش قېرىندىشىمىزنىڭ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈشىگە سە‌ۋە‌بچى بولسا،‏ بۇ ھوقۇ‌قىمىزدىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ بىر قېرىندىشىمىز ھە‌قىقە‌تنى بىلمىگە‌ندە ھاراق ئىچىشكە خۇ‌مار بولۇ‌پ،‏ ھازىر تامامە‌ن ئىچمە‌سلىكنى قارار قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىز ئۇ‌نىڭ بۇ‌رۇ‌نقى ناچار ئادىتىنى قايتىلىشىغا سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌شنى خالىمايمىز (‏1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ شۇ قېرىندىشىمىز ئۆيۈمىزگە مېھمان بولۇ‌پ كە‌لگە‌ندە،‏ ھاراق-‏شاراب ئىچىشنى رە‌ت قىلسا،‏ ئۇ‌نى مە‌جبۇ‌رلايمىزمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏

13.‏ باشقىلارنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ تىموتىي ئۇ‌لارنىڭ ۋىجدانىنى قانداق ھۆرمە‌تلىگە‌ن؟‏

13 تىموتىي يىگىرمە ياشلارغا كىرگە‌ندە،‏ خە‌تنە قىلىش قاتتىق ئاغرىتىدىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ شۇ‌نىڭغا ماقۇ‌ل بولغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ ئۆزى ۋە‌ز قىلماقچى بولغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۈچۈن خە‌تنە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىم بىر ئىش ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن ئىدى.‏ تىموتىيمۇ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏3؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 9:‏19—‏23‏)‏.‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ سىزمۇ قۇ‌ربانلىق بېرىشكە تە‌ييارمۇ؟‏

روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلىش

14،‏ 15.‏ (‏1)‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ يېتىلگە‌ن مە‌سىھىيلە‌ر باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ؟‏

14 ھە‌ممىمىز «مە‌سىھ توغرىسىدىكى باشلانغۇ‌چ تە‌لىملە‌ر بىلە‌ن توختاپ قالماي،‏ پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ» ئىنتىلىشىمىز كېرە‌ك (‏ئىبرانىيلار 6:‏1‏)‏.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگىنىمىزگە ئۇ‌زۇ‌ن يىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا،‏ بىز يېتىلگە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌پ قالمايمىز.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز بىلىمىمىزنى ۋە چۈشە‌نچىمىزنى داۋاملىق ئاشۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌شىمىز لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1—‏3‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كۈندە ئوقۇ‌غانسېرى،‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى بىلە‌ن پرىنسىپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىمىز.‏

15 مە‌سىھىيلە‌ر ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم قانۇ‌ن —‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى «پادىشاھلىق قانۇ‌نى» ۋە «تە‌ۋرات قانۇ‌نىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىشىدۇ‌ر» دېگە‌ن (‏ياقۇ‌پ 2:‏8؛‏ رىملىقلار 13:‏10‏)‏.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ناھايىتى مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ،‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏)‏.‏ خۇ‌دا ئۈچۈن مۇ‌ھە‌ببە‌ت پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ ئە‌مە‌س.‏ ئۇ ئۆز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق يازغان:‏ «خۇ‌دا بىزگە بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىنى شۇ‌نداق ئاشكارا قىلدىكى،‏ بىزنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىردىن-‏بىر يالغۇ‌ز ئوغلىنى بۇ دۇ‌نياغا ئە‌ۋە‌تتى» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋاغا،‏ ئە‌يساغا،‏ قېرىنداشلارغا ۋە باشقا ئادە‌ملە‌رگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنىڭ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز.‏—‏مە‌تتا 22:‏37—‏39‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ ۋىجدانىمىز بارا-‏بارا ئىشە‌نچىلىك كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ (‏16-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

16.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌نسېرى،‏ نېمە ئۈچۈن پرىنسىپلارنىڭ ھاياتىمىزدا مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىپ يېتە‌لە‌يمىز؟‏

16 روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌نسېرى،‏ بىز پرىنسىپلارنىڭ ھاياتىمىزدا بە‌كمۇ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ ئادە‌تتە قانۇ‌نلار بە‌لگۈلۈك بىر ۋە‌زىيە‌تتە ئىشلىتىلىدۇ،‏ ئە‌مما پرىنسىپلارنى ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تتە قوللىنىشقا بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىچىك بالا يامان كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنىڭ قانچىلىك خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نى قوغداش ئۈچۈن قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئورنىتىدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33‏)‏.‏ لېكىن بالا ئۆسۈپ-‏يېتىلگە‌نسېرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىشنى ئۆگىنىدۇ.‏ بۇ پرىنسىپلار ئۇ‌نىڭغا ياخشى دوستلارنى تاللاشقا ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏11؛‏ 14:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك مۇ‌لاھىزە قىلغانسېرى،‏ ۋىجدانىمىز بارا-‏بارا ئىشە‌نچىلىك كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ شۇ چاغدا ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تتە خۇ‌دا قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىمىز.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن بىزدە دانا قارار چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدىغان كېرە‌كلىك قوراللارنىڭ ھە‌ممىسى تولۇ‌ق دېيىشكە بولىدۇ؟‏

17 بىزدە يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدىغان كېرە‌كلىك قوراللارنىڭ ھە‌ممىسى بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قانۇ‌نلار بىلە‌ن پرىنسىپلار بىزگە «ھە‌ر تە‌رە‌پلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ھە‌رقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تە‌ييار» تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىدىن خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ بىراق،‏ پرىنسىپلارنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏17‏)‏.‏ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغان قوراللار:‏ «‏كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللار كۆرسە‌تكۈچى‏»،‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئىزدىنىش يول كۆرسە‌تكۈچى»،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى كۇ‌تۇ‌پخانىسى»،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى تور كۇ‌تۇ‌پخانىسى» ۋە «‏JW Library‏» پروگراممىسى.‏ بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ،‏ شە‌خسىي ئۆگىنىش ۋە ئائىلىۋى ئىبادە‌تتىن كۆپ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن ۋىجدان بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ

18.‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى بىلە‌ن پرىنسىپلىرىنى تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا قوللانساق،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

18 يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى بىلە‌ن پرىنسىپلىرىنى قوللانغاندا،‏ تۇ‌رمۇ‌شىمىز ياخشىلىنىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏97—‏100-‏ئايە‌تلە‌ردە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «مە‌ن قانۇ‌نىڭنى بە‌كمۇ سۆيىمە‌ن!‏ كۈن بويى ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە ئويلىنىمە‌ن.‏ سېنىڭ بۇ‌يرۇ‌قۇ‌ڭ مېنى دۈشمە‌نلىرىمدىن داناراق قىلار،‏ چۈنكى بويرۇ‌قۇ‌ڭ مە‌ڭگۈ مە‌ن بىلە‌ن.‏ مە‌ن بارلىق ئۈستازلىرىمدىن پە‌م-‏پاراسە‌تلىكرە‌كمە‌ن.‏ چۈنكى ئە‌سكە‌رتىشلىرىڭ توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىمە‌ن.‏ مە‌ن ياشانغان كىشىلە‌ردىن پە‌م-‏پاراسە‌تلىكرە‌ك ئىش قىلىمە‌ن.‏ چۈنكى بويرۇ‌قلىرىڭغا بويسۇ‌نىمە‌ن».‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى بىلە‌ن پرىنسىپلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشقا ۋاقىت چىقارساق،‏ ئە‌قىل ۋە دانالىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان بولىمىز.‏ بىز يە‌نە ۋىجدانىمىزنى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى ھە‌م پرىنسىپلىرىغا ماس تە‌ربىيىلىگە‌نسېرى،‏ «مە‌سىھنىڭ كامىل ئۆلچىمىگە يە‌تكە‌نگە قە‌دە‌ر پىشىپ» يېتىلىمىز.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏13‏.‏