مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

23-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئېھتىيات قىلىڭلاركى،‏ ھېچكىم سىلە‌رنى ئە‌سىرلىككە ئېلىۋالمىسۇ‌ن!‏

ئېھتىيات قىلىڭلاركى،‏ ھېچكىم سىلە‌رنى ئە‌سىرلىككە ئېلىۋالمىسۇ‌ن!‏

‏«ئېھتىيات قىلىڭلاركى،‏ ھېچكىم سىلە‌رنى بىمە‌نە پە‌لسە‌پە ۋە بىھۇ‌دە قۇ‌رۇ‌ق گە‌پ-‏سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئە‌سىرلىككە ئېلىۋالمىسۇ‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى».‏‏—‏كولوسى.‏ 2:‏8‏.‏

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

بۇ ماقالىدە a

1.‏ كولوسىلىقلار 2:‏4،‏ 8-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ شە‌يتان قانداق قىلىپ ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزىگە بېقىندۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ؟‏

 شە‌يتان بىزنىڭ يە‌ھۋاغا قارشى ئىش قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ مە‌قسىتىگە قول يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ بىزنىڭ ئوي-‏پىكىرىمىزگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۆزىگە بېقىندۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ شە‌يتان بىزنىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى پايدىلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىشىمىز ئۈچۈن بىزنى ئالداشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ‏.‏—‏كولوسىلىقلار 2:‏4،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ كولوسىلىقلار 2:‏8-‏ئايە‌تتە يېزىلغان ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا نېمە ئۈچۈن قولاق سېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 بىزمۇ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زىقىغا چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىنمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مۇ‌مكىن!‏ كولوسىلىقلار 2:‏8-‏ئايە‌تتە پاۋلۇ‌س خۇ‌داغا ئىشە‌نمە‌يدىغان كىشىلە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مايلانغان مە‌سىھىيلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏كولوسى.‏ 1:‏2،‏ 5‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌ر خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئاستىدا بولغان،‏ بىز ئۇ‌لاردىنمۇ زور خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئاستىدا (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏12‏)‏.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ چۈنكى،‏ شە‌يتان ئاسماندىن يە‌رگە تاشلىنىپ،‏ خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بار كۈچى بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏9،‏ 12،‏ 17‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىز «رە‌زىل ئادە‌ملە‌ر ۋە ئالدامچىلار … بارغانسېرى تېخىمۇ يامانلىشىپ» كېتىۋاتقان ۋاقىتتا ياشاۋاتىمىز.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 13‏.‏

3 كېلىڭلار،‏ ئوي-‏پىكىرىمىزگە تە‌سىر قىلىش ئۈچۈن،‏ شە‌يتاننىڭ «بىھۇ‌دە قۇ‌رۇ‌پ گە‌پ-‏سۆزلە‌ر» قانداق قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچ ھىيلە-‏مىكىرىنى بىلىۋالايلى (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏11‏)‏.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ بىزنىڭ ئوي-‏پىكىرىمىزگە يامان تە‌سىر قىلىدىغان نە‌رسىلە‌رگە قانداق قارشى تۇ‌رالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاۋۋال شە‌يتان ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ن ئىسرائىللارنى ئازدۇ‌رغانلىقىدىن قانداق ساۋاق ئالىدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌يلى.‏

شە‌يتان بۇ‌تلارغا سە‌جدە قىلىشقا ئازدۇ‌رغان

4—‏6.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 11:‏10—‏15-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئىسرائىللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ندە،‏ دېھقانچىلىقنىڭ قانداق يېڭى ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

4 شە‌يتان ئىسرائىللارنى بۇ‌تلارغا سە‌جدە قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌شنىڭ ئامالىنى تاپقان.‏ قانداق قىلىپ؟‏ ئۇ خە‌لقنىڭ يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ككە موھتاج ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭدىن پايدىلىنىپ،‏ شە‌يتان ئىسرائىللارنى ئۆز دېگىنىنى قىلدۇ‌رماقچى بولغان.‏ ئىسرائىل خە‌لقى ۋە‌دە قىلغان زېمىنغا كىرگە‌ندە،‏ دېھقانچىلىق قىلىپ،‏ ھوسۇ‌ل ئېلىشنىڭ يېڭى ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ مىسىردا ئىسرائىللىقلار ئېتىزلارنى نىل دە‌رىياسىنىڭ سۈيى بىلە‌ن سۇ‌غارغان.‏ بىراق،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىندا چوڭ دە‌ريالار بولمىغانلىقتىن،‏ خە‌لقنىڭ يامغۇ‌ر سۈيى ۋە شە‌بنە‌م چۈشكە‌ن ۋاقىتتىن پايدىلىنىشىغا توغرا كە‌لگە‌ن ‏(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 11:‏10—‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ يە‌شايا 18:‏4،‏ 5‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئىسرائىللار دېھقانچىلىق قىلىشنىڭ يېڭى ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ ئاسان بولمىغان،‏ چۈنكى دېھقانچىلىق بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغانلارنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى چۆل-‏باياۋاندا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏

شە‌يتان قانداق قىلىپ ئىسرائىللارنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتە‌لىگە‌ن؟‏ (‏4—‏6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

5 يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىيىتىنىڭ ئۆزگە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ ئىسرائىللارنى:‏ «قە‌لبىڭلارنىڭ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كە‌تمىسۇ‌ن،‏ ھە‌ق يولدىن چە‌تنە‌پ،‏ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا سە‌جدە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغانىدى.‏ قارىماققا،‏ بۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بىلە‌ن دېھقانچىلىقنىڭ ھېچ مۇ‌ناسىۋىتى يوقتە‌ك كۆرۈنگە‌ن (‏تە‌كرار.‏ قا 11:‏16،‏ 17‏)‏.‏ يە‌ھۋا دېھقانچىلىقنىڭ يېڭى ئۇ‌سۇ‌للىرىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن يالغان ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلىش ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان؟‏

6 يە‌ھۋا ئىسرائىللارنىڭ يە‌ر تېرىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى بۇ‌تلارغا سە‌جدە قىلغان خە‌لقلە‌ردىن ئۆگىنىشكە ئازدۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ شۇ خە‌لقلە‌ر دېھقانچىلىققا ماھىر بولغان ۋە ئىسرائىللار ئۇ‌لاردىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يتتى.‏ لېكىن،‏ بۇ خە‌تە‌رلىك بولغان،‏ چۈنكى قانانلىقلار بائالغا سە‌جدە قىلغان ۋە بۇ ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرىگە تە‌سىر قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئويىچە،‏ بائال ئاسماننىڭ ئېگىسى بولغان ۋە يامغۇ‌ر ياغدۇ‌رالىغان.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارنىڭ شۇ‌نداق يالغانلارغا ئالدىنىپ قېلىشىنى خالىمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئىسرائىل خە‌لقى قايتا-‏قايتا بائالغا سە‌جدە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان (‏سانلار 25:‏3،‏ 5؛‏ ھاكىم.‏ 2:‏13؛‏ 1-‏پادىشاھ.‏ 18:‏18‏)‏.‏ ئە‌مدى شە‌يتاننىڭ ئىسرائىللارنى ئۆز تۇ‌زىقىغا قانداق چۈشە‌رگە‌نلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏

شە‌يتاننىڭ ئۈچ تۇ‌زىقى

7.‏ ئىسرائىللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى قانداق سىنالغانىدى؟‏

7 شە‌يتاننىڭ بىرىنچى تۇ‌زىقى —‏ ئىسرائىللارنىڭ تە‌بىئىي ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىنى قوللىنىش ئىدى.‏ ئۇ‌لار يە‌رنى سۇ‌غىرىش ئۈچۈن يامغۇ‌رنىڭ يېغىشىنى خالىغان.‏ بىراق،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىندا ئاپرېلدىن سېنتە‌بىرگىچە يامغۇ‌ر بە‌ك ئاز ياغاتتى.‏ ھوسۇ‌لنىڭ مول بولۇ‌شى ئادە‌تتە ئۆكتە‌بىر ئېيىدا يېغىشقا باشلىغان يامغۇ‌رغا باغلىق بولغان.‏ شە‌يتان ئىسرائىللارنى ئالداپ،‏ گۈللە‌پ راۋاجلىنىش ئۈچۈن ئۇ‌لار يالغان ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلغان قوشنا خە‌لقلە‌رنىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌كلىكىگە ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ شۇ خە‌لقلە‌ر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يە‌رگە يامغۇ‌ر ياغدۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن بە‌لگۈلۈك دىنىي مۇ‌راسىملارنى ئۆتكۈزۈشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئىشە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى ئاجىز ئىسرائىللارمۇ شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌زان ۋاقىتقا سوزۇ‌لغان قۇ‌رغاقچىلىقتىن قورققان،‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار بائالغا ئاتاپ دىنىي مۇ‌راسىملارنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏

8.‏ شە‌يتاننى ئىككىنچى تۇ‌زىقى قانداق؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

8 شە‌يتاننىڭ ئىككىنچى تۇ‌زىقى —‏ ئىسرائىللارنى ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌رگە بېرىلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىش.‏ قوشنا خە‌لقلە‌ر ئىلاھلىرىغا ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ يىرگىنىچلىك جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌رلە‌ر بىلە‌ن ئاياللار ئىبادە‌تخانىلاردا بۇ‌زۇ‌قچىلىق قىلغان.‏ بۇ خە‌لقلە‌ر ئوخشاش جىنىسلىق ئادە‌ملە‌رنىڭ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىغا ۋە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنىڭ باشقا تۈرلىرىگە كۆز يۇ‌مۇ‌پلا قالماي،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى ئادە‌تتىكى نە‌رسە دە‌پ قارىغان (‏تە‌كرار.‏ قا 23:‏17،‏ 18؛‏ 1-‏پادىشاھ.‏ 14:‏24‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئىشلارنى قىلسا،‏ ئىلاھلار ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ يە‌ر مول ھوسۇ‌ل بېرىدۇ،‏ دە‌پ ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئىسرائىللار قوشنا خە‌لقلە‌رنىڭ ئە‌خلاقسىز ئىشلىرىغا ئېزىقىپ،‏ يالغان ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلىشقا باشلىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ئە‌مە‌لىيە‌تتە شە‌يتاننىڭ تۇ‌زىقىغا چۈشۈپ قالغان.‏

9.‏ ھوشىيا 2:‏16،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ شە‌يتان ئىسرائىللارغا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلغان؟‏

9 شە‌يتاننىڭ ئۈچىنچى تۇ‌زىقى قانداق بولغان؟‏ ئۇ ئىسرائىللارغا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌شقا تىرىشقان.‏ يە‌ھۋا يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا ئېيتقاندە‌ك،‏ ساختا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ئىسرائىللارنى «بائال سە‌ۋە‌بلىك» يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رغان (‏يە‌رە‌م.‏ 23:‏27‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى قوللىنىشتىن قېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا «ئىگە‌م» ياكى «خوجايىن» دېگە‌ننى بىلدۈرىدىغان بائالنىڭ نامىنى قوللانغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئىسرائىللار يە‌ھۋا بىلە‌ن بائالنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رقنى ئېنىق كۆرمىگە‌ن ۋە ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت بىلە‌ن يالغان ئىبادە‌تنى ئاسانلا ئارىلاشتۇ‌رالىغان‏.‏—‏ھوشىيا 2:‏16،‏ 17-‏نى ۋە ئىزاھاتنى ئوقۇ‌ڭ.‏

شە‌يتان بۈگۈنكى كۈندە قانداق تۇ‌زاقلارنى قۇ‌رىدۇ؟‏

10.‏ بۈگۈنكى كۈندە شە‌يتان قانداق تۇ‌زاقلارنى قۇ‌رىدۇ؟‏

10 شە‌يتان بۈگۈنمۇ ئوخشاش تۇ‌زاقلارنى قۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى ئالداپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌بىئىي ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىدىن پايدىلىنىدۇ،‏ ئە‌خلاقسىز ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە بېرىلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏ ئاۋۋال بۇ ئاخىرقى تۇ‌زىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

11.‏ شە‌يتان قانداق قىلىپ ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رغان؟‏

11 شە‌يتان ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏ ئە‌لچىلە‌رنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن،‏ ئۆزلىرىنى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ دە‌پ ئاتىۋالغان كىشىلە‌ر ساختا تە‌لىماتلارنى تارقىتىشقا باشلىغان (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏29،‏ 30؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 2:‏3‏)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌ر بىردىن-‏بىر ھە‌ق خۇ‌دانىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى يوشۇ‌رماقچى بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كۆچۈرۈپ يازغاندا،‏ خۇ‌دا ئىسىمىنىڭ ئورنىغا «رە‌ب» دېگە‌ندە‌ك نام-‏ئۇ‌نۋانلارنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى «رە‌ب» دېگە‌ن ناملار بىلە‌ن ئالماشتۇ‌رۇ‌لغانلىقتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غان ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ۋە يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان باشقا «ئىلاھلارنىڭ» ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈش قىيىن بولغان (‏1-‏كورىنت.‏ 8:‏5‏)‏.‏ «رە‌ب» دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋان يە‌ھۋاغىمۇ،‏ ئە‌يساغىمۇ قارىتا ئىشلىتىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌لار دە‌رىجىسى ئوخشىمايدىغان ئايرىم ئىككى شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشى بە‌ك قىيىن بولغان (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئۈچ بىرلىك توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىمات پە‌يدا بولغان.‏ لېكىن،‏ بۇ تە‌لىمات خۇ‌دانىڭ سۆزىگە زىت.‏ نە‌تىجىدە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دا سىرلىق بىر شە‌خس ۋە ئۇ‌نى تونۇ‌پ يېتىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق!‏—‏ئە‌لچى.‏ 17:‏27‏.‏

شە‌يتان ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌رگە بېرىلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىش ئۈچۈن يالغان دىندىن قانداق پايدىلانغان؟‏ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

12.‏ يالغان دىن نېمىنى كە‌ڭ تارقىتىدۇ؟‏ رىملىقلار 1:‏28—‏31-‏ئايە‌تلە‌ردە چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ندە‌ك،‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق؟‏

12 شە‌يتان ئە‌خلاقسىز ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە بېرىلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلدا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنى كە‌ڭ تارقىتىش ئۈچۈن شە‌يتان يالغان دىندىن پايدىلانغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇ خۇ‌ددى شۇ‌نداق ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ يالغان دىندىكىلە‌ر جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا كۆز يۇ‌مۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى ئادە‌تتىكى نە‌رسە دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىمە‌ن دە‌پ ئېيتىدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ ئېنىق ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى رە‌ت قىلغان.‏ بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىنى ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يازغان خېتىدە چۈشە‌ندۈرگە‌ن ‏(‏رىملىقلار 1:‏28—‏31-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نېمە «قىلماسلىقى كېرە‌ك ئىشلارنى» ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ ئۇ‌لار جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنىڭ ھە‌ممە تۈرلىرى،‏ مە‌سىلە‌ن ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏رىملىقلار 1:‏24—‏27،‏ 32؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 2:‏20‏)‏.‏ بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغاچ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئېنىق تە‌لىماتلىرىغا ماس ياشىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم!‏

13.‏ شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنى ئالداش ئۈچۈن يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌لنى قوللىنىدۇ؟‏

13 شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنىڭ تە‌بىئىي ئارزۇ-‏ ئىستە‌كلىرىدىن پايدىلىنىدۇ.‏ ئۆزىمىزنى ۋە ئائىلىمىزنى بېقىش ئۈچۈن ئە‌مگە‌ك قىلىش —‏ تە‌بىئىي ئىش (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئادە‌تتە جان بېقىش ئۈچۈن بىز مە‌كتە‌پتە تىرىشچانلىق بىلە‌ن ئوقۇ‌يمىز.‏ بىراق،‏ بىز پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە بىلىم بېرىش پروگراممىسىغا كە‌سىپنى ئىگىلە‌شتىن باشقا،‏ پە‌لسە‌پىنى ئۆگىنىشمۇ كىرىدۇ.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ۋە خۇ‌دانىڭ بار ئىكە‌نلىكىگە گۇ‌مانىي كۆز قاراش بىلە‌ن قاراشقا دە‌ۋە‌ت قىلىنىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌ئە‌للىملە‌ر تە‌درىجىي تە‌رە‌قىيات نە‌زە‌رىيىسىنى ئۆگىتىپ،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنى ھاياتلىق تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌تىجىسىدە پە‌يدا بولغان،‏ دە‌پ ئىشە‌ندۈرىدۇ (‏رىملىقلار 1:‏21—‏23‏)‏.‏ شۇ‌نداق تە‌لىماتلار «خۇ‌دانىڭ دانالىقى» بىلە‌ن زىتتۇ‌ر.‏—‏ «چۈنكى،‏ بۇ دۇ‌نيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇ‌دانى تونۇ‌مىدى.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دانىڭ دانالىقى بولسا ۋە‌ز قىلىنىۋاتقان ۋە ئە‌خمىقانىلىك دە‌پ قارالغان خە‌ۋە‌ر ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشە‌نگۈچىلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شتۇ‌ر.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى خۇ‌دانىڭ كۆزىدە نادانلىقتۇ‌ر،‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا شۇ‌نداق يېزىلغان:‏ »ئۇ دانىشمە‌نلە‌رنى ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرى بىلە‌ن تۇ‌زاققا چۈشۈرىدۇ«.‏ يە‌نە شۇ‌نداق دە‌پمۇ يېزىلغان:‏ «يە‌ھۋا دانالارنىڭ ئوي-‏پىكىرىنىڭ بىھۇ‌دە خىيال ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 1:‏19–‏21؛‏ 3:‏18–‏20‏.‏

14.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ پە‌لسە‌پە‌سى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

14 بۇ دۇ‌نيانىڭ پە‌لسە‌پە‌سى يە‌ھۋانىڭ ئادىل ئۆلچە‌ملىرىگە سە‌ل قاراشقا،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ يە‌نە ھاياتىدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ «تە‌ننىڭ ئىشلىرى»نى قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏19—‏23‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئادە‌ملە‌ر تە‌كە‌ببۇ‌ر،‏ مە‌نمە‌نچى ۋە پە‌قە‌ت «ئۆزىنىلا سۆيىدىغان» بولىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏2—‏4‏)‏.‏ بۇ يامان ئىللە‌تلە‌ر خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى كۆرسىتىشى كېرە‌ك بولغان كە‌متە‌رلىك ۋە مۇ‌لايىملىق كە‌بى خىسلە‌تلە‌رگە تامامە‌ن قارشىدۇ‌ر (‏2-‏سام.‏ 22:‏28‏)‏.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ ئالىي مە‌كتە‌پكە چۈشكە‌ن بە‌زى ئېتىقادداشلار ئۆز كۆز قارىشىنى خۇ‌دانىڭ ئە‌مە‌س،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ شە‌كىللە‌ندۈرۈشىگە يول قويغان.‏ بۇ‌نىڭ بىر مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

بۇ دۇ‌نيانىڭ پە‌لسە‌پە‌سى ئوي-‏پىكىرىمىزنى قانداق چىرمىۋېلىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏14—‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

15،‏ 16.‏ بىر ياش قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

15 15 يىلدىن ئوشۇ‌ق تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلغان بىر قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن گۇ‌ۋاھچى بولغانلىقتىن،‏ مە‌ن ئالىي بىلىمگە ئىنتىلىشنىڭ خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق پات-‏پات ئوقاتتىم ۋە ئاڭلاتتىم.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شلارنى ئىناۋە‌تكە ئالمايتتىم.‏ بۇ مە‌سلىھە‌تلە‌ر ماڭا ماس كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلايتىم».‏ بۇ ياش قېرىنداش قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لدى؟‏ ئۇ مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «ئوقۇ‌شۇ‌م بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌پ كېتىپ،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋاغا بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك ئىچ-‏باغرىمنى تۆكۈپ دۇ‌ئا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالاتتىم.‏ باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىشكە ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ياخشى تە‌ييارلىق قىلىشقىمۇ كۈچۈم بولمايتتى.‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ مە‌ن ئالىي بىلىم ئېلىش،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمگە يامان تە‌سىر قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئالىي مە‌كتە‌پنى تاشلاشنى قارار قىلدىم».‏

16 ئالىي بىلىم ئېلىش قېرىندىشىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرىگە قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ بۇ سوئالغا ئۆزى مۇ‌نداق جاۋاب بېرىدۇ:‏ «ئۇ‌يات بولسىمۇ،‏ ئىقرار قىلىشىم كېرە‌ككى،‏ مە‌ن باشقىلارنىڭ،‏ بولۇ‌پمۇ قېرىنداشلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىزدە‌شكە باشلىدىم.‏ ئېتىقادداشلاردىن قولىدىن كە‌لمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رنى كۈتتۈم ۋە ئۇ‌لاردىن يىراقلىشىپ كە‌تتىم.‏ ئوي-‏پىكىرىمنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن بىراز ۋاقىت كە‌تتى.‏ بۇ‌نىڭدىن شۇ‌نى ئۆگە‌ندىمكى،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بېرىدىغان ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شلارغا سە‌ل قاراشنىڭ ئاقىۋىتى بە‌ك ئېغىر بولىدىكە‌ن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنى ئۆزۈمدىنمۇ ياخشىراق بىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سالىمە‌ن!‏»‏

17.‏ (‏1)‏ سىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟‏

17 شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ «پە‌لسە‌پە ھە‌م يالغان گە‌پلىرىگە» ئالدىنىپ قالماسلىققا بە‌ل باغلاڭ!‏ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىغا چۈشۈپ قېلىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌ڭ (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏18؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 2:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ سىزگە يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌ڭ.‏ ھە‌رۋاقىت يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە سە‌ل قارىماڭ.‏ بىراق،‏ سىز مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىڭىزنى چۈشە‌نسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ كېيىنكى ماقالىدىن خۇ‌دانىڭ سۆزى بىزگە «مە‌زمۇ‌ت قورغانلارنى غۇ‌لىتىشقا» ياكى قېنىمىزغا سىڭىپ كە‌تكە‌ن ئوي-‏خىياللار ۋە ئادە‌تلە‌ردىن ئايرىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز —‏ «بىز تۈرلۈك بىمە‌نە سە‌پسە‌تىلە‌رنى ۋە خۇ‌دانى تونۇ‌شقا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان بارچە تە‌كە‌ببۇ‌ر كۆز قاراشلارنى ئاغدۇ‌رۇ‌پ تاشلاۋاتىمىز.‏ ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىرنى ئە‌سىرگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌نى مە‌سىھكە بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ۋاتىمىز».‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏4،‏ 5‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلايلى

a شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌شقا ماھىر.‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر نېمە قىلىمە‌ن دېسە‌م،‏ ئۆز ئىختىيارىم دە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌لار شە‌يتاننىڭ تۇ‌زىقىغا چۈشكە‌ن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز شە‌يتاننىڭ ئادە‌ملە‌رنى ئالداش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئىسرائىللار قانانلىقلار بىلە‌ن ئارىلىشىپ،‏ بائالغا سە‌جدە قىلىشقا ۋە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلىشقا ئېزىقتۇ‌رۇ‌لغان.‏

c سۈرە‌تتە:‏ چېركاۋ ئە‌زالىرى ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئېلان.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ياش قېرىنداش ئالىي مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتىدۇ.‏ پروفېسسور سىنىپقا ئىلىم-‏پە‌ن ۋە تېخنىكا ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممە قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلالايدۇ،‏ دە‌پ ئېيتىۋاتىدۇ.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نى قىزىقىپ تىڭشاۋاتىدۇ.‏ كېيىنرە‌ك،‏ قېرىندىشىمىز جامائە‌ت يىغىلىشىدا بېرىلىۋاتقان تە‌لىمگە قىزىقماي،‏ ھە‌تتا ئېتىقادداشلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىزدە‌يدۇ.‏