«كۆزىتىش مۇنارى» (تەتقىق قىلىش نەشىرى) ئىيۇن 2020
بۇ سان 2020-يىل 3—30-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا تەتقىق قىلىنىدىغان ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
«ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن»
23-تەتقىق ماقالىسى: 3—9-ئاپرېل، 2020. ئىنسانلار ھەم پەرىشتىلەر قانداق مۇھىم بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە شۇنچە بەك مۇھىم ۋە ئۇنىڭ بىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ مەسىلىلەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلىش يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدۇ.
«ئىسىمىڭدىن ئەيمىنىشىم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن»
24-تەتقىق ماقالىسى: 10—16-ئاۋغۇست، 2020. مۇشۇ ماقالىدە، زەبۇر 86:11، 12-ئايەتلەردە يېزىلغان داۋۇت پادىشاھنىڭ دۇئاسىدىكى بىرنەچچە جۈملە سۆزلەرگە دىققەت ئاغدۇرىمىز. يەھۋانىڭ ئىسىمىدىن ئەيمىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەھۋانىڭ ئىسىمىدىن ئەيمىنىش ئۈچۈن قانداق سەۋەبلەر بار؟ يەھۋادىن ئەيمىنىش ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
«مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەيمەن»
25-تەتقىق ماقالىسى: 17—23-ئاۋغۇست، 2020. نېمە ئۈچۈن بەزى قېرىنداشلار جامائەتتىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ؟ ئادىشىپ قالغان قويلارغا يەھۋا خۇدا قانداق ھېس-تۇيغۇدا؟ نېمە ئۈچۈن پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۈچۈن غەم قىلىشىمىز كېرەك؟
«مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كېلىڭلار»
26-تەتقىق ماقالىسى: 24—30-ئاۋغۇست، 2020. يەھۋا خۇدا جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلىشىنى خالايدۇ. بىز يەھۋانىڭ «مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كېلىڭلار» دېگەن تەكلىپنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن، كۆپ نەرسە قىلالايمىز. بۇ ماقالىدىن ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق بىلىمىز.