24-تەتقىق ماقالىسى
«ئىسىمىڭدىن ئەيمىنىشىم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن»
«ئىسىمىڭدىن ئەيمىنىشىم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن. ئەي تەڭرىم يەھۋا، پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا مەدھىيە ئېيتىمەن».—زەبۇر 86:11، 12.
23-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ كۈچىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. خۇدادىن ئەيمىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەيمىنىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ. بەزىلەرگە بۇ قارمۇ-قارشىلىقتەك بىلىنىدۇ. ئەمما، بىز ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان قورقۇنچ ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە بىر قورقۇش ياكى ئەيمىنىش ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنداقتا، خۇدادىن ئەيمىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ خۇدادىن قورقىدىغان ياكى ئەيمىنىدىغان ئادەملەر ئۇنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلار ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقىدۇ، سەۋەبى ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشىنى خالىمايدۇ.—زەبۇر 111:10؛ پەند. نە 8:13.
2. زەبۇر 86:11-ئايەتتىكى داۋۇت پادىشاھنىڭ سۆزلىرى ئاساسىدا، قانداق ئىككى نەرسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 زەبۇر 86:11-نى ئوقۇڭ. مۇشۇ ئايەت توغرۇلۇق ئويلىغاندا، ساداقەتمەن داۋۇت پادىشاھ خۇدادىن ئەيمىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتقان. ھازىر داۋۇت دۇئاسىدا ئېيتقانلىرىنى ئۆزىمىزگە قانداق تەدبىقلىيالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىرىنچى، نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىسىمىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەشنىڭ بىرنەچچە سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئىككىنچى، خۇدانىڭ ئىسىمىدىن ئەيمىنىدىغانلىقىمىزنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىسىمىدىن ئەيمىنىشىمىز كېرەك؟
3. مۇسانىڭ خۇدانىڭ ئىسىمىدىن ئەيمىنىشىگە قانداق ۋەقە ياردەم بەرگەن؟
3 ھورىب تېغىدىكى قورام تاش ئارىسىدىكى غاردا، مۇسا پەيغەمبەر تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، يەھۋانىڭ ئۇلۇغلىقى ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەندە، نېمە ھېس قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئېھتىمال، بۇ ئەيسانىڭ كېلىشىدىن ئاۋۋال يۈز بەرگەن كۆرۈنۈشلەر ئارىسىدىكى ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈش بولغان. پەرىشتە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەرنى مۇسا ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن: «يەھۋا، يەھۋا، مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان، سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەقىقىتى مول خۇدادۇر. مىڭلىغان ئىنسانلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، خاتالىقنى، سەۋەنلىكنى ۋە گۇناھنى كەچۈرىدۇ» (چىق. 33:17—23؛ 34:5—7). شۇڭا، مۇسا ھەر قېتىم خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلەتكەندە، ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقە ھەققىدە ئويلىغان. كېيىن، ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى خۇدانىڭ «ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك ئىسىمىدىن» ئەيمىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس.—تەكرار. قا 28:58.
4. بىزنىڭ خۇداغا تېخىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسىتىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
4 بىز يەھۋانىڭ ئىسمى ھەققىدە ئويلىغاندا، ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ئويلىنىپ تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. يەنە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، دانالىقى، ئادىللىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى كەبى ئېسىل-پەزىلەتلىرى ھەققىدە ھەم ئويلىشىمىز مۇھىم. ئۇنىڭ بارچە پەزىلەتلىرى توغرىسىدا ئويلىنىش بىزنى ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.—زەبۇر 77:11—15.
5، 6. (1) خۇدا ئىسىمىنىڭ مەنىسى قانداق؟ (2) چىقىش 3:13، 14 ۋە يەشايا 64:8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا خۇدا ئۆز مەقسىتىنى قانداق بولغۇزالايدۇ؟
5 بىز خۇدا ئىسىمىنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق نېمە بىلىمىز؟ كۆپلىگەن ئالىملار خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى، «ئۇ بولغۇزىدۇ» دېگەننى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قوشۇلىدۇ. بۇ چۈشەنچە، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا ھېچنەرسە توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ ۋە ھەرقانداق ۋەزىيەتلەردە، ئۇ خالىغىنىنى قىلالايدۇ، دېگەنلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئۇ مەقسىتىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟
6 يەھۋا ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىم بولۇشقا توغرا كەلسە، شۇ بولالايدۇ (چىقىش 3:13، 14-نى ئوقۇڭ). ماتېرىياللىرىمىز خۇدانىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. يەھۋا نامۇكەممەل ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كىم بولۇشىغا توغرا كەلسە، ئۇلارنى شۇ بولغۇزالايدۇ (يەشايا 64:8-نى ئوقۇڭ). شۇنداق ئۇسۇللار بىلەن، يەھۋا ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھېچنېمە توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ.—يەشايا 46:10، 11.
7. ئاسماندىكى ئاتىمىزغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق ئاشۇرالايمىز؟
7 ئاسماندىكى ئاتىمىز بىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى ۋە بىزگە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا ياردەم بەرگەنلىكى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلساق، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئاشۇرالايمىز. مەسىلەن، ئۇ ياراتقان ئاجايىپ نەرسىلەر توغرىسىدا ئويلىساق، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشلىرى قەلبىمىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ (زەبۇر 8:3، 4). يەھۋانىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىشىمىزغا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلىساق، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. يەھۋانىڭ ئىسىمى ھەقىقەتەن بەكمۇ ھەيۋەتلىك. بۇ ئىسىم ئاسماندىكى ئاتىمىز كىم؟ ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.—زەبۇر 89:7، 8.
«مەن يەھۋانىڭ ئىسىمىنى جاكارلايمەن»
8. تەكرار قانۇن 32:2، 3-ئايەتلەر، يەھۋانىڭ ئۆز ئىسىمىغا قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؟
8 ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش ئالدىدا، يەھۋا ئۆزى مۇساغا ناخشا سۆزلىرىنى ئۆگەتكەن (تەكرار. قا 31:19). مۇسا بولسا، بۇ ناخشا سۆزلىرىنى ئادەملەرگە ئۆگەتكەن (تەكرار قانۇن 32:2، 3-نى ئوقۇڭ). بۇ شېئىرىي سۆزلەر ھەققىدە ئويلانساق، يەھۋانىڭ ئىسمى شۇنچە بەك مۇقەددەس بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ئىسىمىنى يوشۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. تەڭرى يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى بارچە ئىنسان ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بىلىشىنى خالايدۇ. مۇسانىڭ بۇ ناخشىدا خۇدانىڭ ئىسمى ھەققىدە ئۆگەتكەنلىرىنى ئاڭلاش ئىسرائىللار ئۈچۈن نېمە دېگەن چوڭ شان-شەرەپ،— ھە! مۇسانىڭ تەلىملىرى خۇددى سىم-سىم يامغۇر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بەرگەندەك، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان. بىزمۇ مۇساغا ئوخشاش تەلىم بېرىۋاتىمىزمۇ؟
9. يەھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇقەددەس قىلىنىشىغا ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟
9 ئۆيمۇ-ئۆي ياكى ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ۋەز قىلغاندا، مۇقەددەس كىتابتىن خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئادەملەرگە كۆرسىتەلەيمىز. ئۇلارغا يەھۋا خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ئاجايىپ ماتېرىياللارنى، فىلىملەرنى ۋە تور بېكىتىمىزدىكى مەلۇماتلارنى كۆرسىتەلەيمىز. ئىشتا، مەكتەپتە، ساياھەت قىلغاندا، پۇرسەت تېپىپ كىشىلەرگە كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋا ۋە ئۇ قانداق خۇدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېيتالايمىز. ئادەملەرگە ياراتقۇچىمىزنىڭ كېلەچەكتە ئىنسانىيەت ۋە يەر يۈزى ئۈچۈن قىلىدىغان ئاجايىپ ئىشلىرى توغرىسىدا ئېيتالايمىز. يەھۋانىڭ بىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئۈچۈن يېڭىلىق بولۇشى مۇمكىن. باشقىلارغا كۆيۈمچان ئاتىمىز توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئېيتساق، ئۇنىڭ ئىسىمىنىڭ مۇقەددەس قىلىنىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز. بىز ئادەملەرنىڭ خۇدا توغرىسىدا ئىلگىرى ئۆگىنىپ كەلگەن تەلىملەرنىڭ ساختىلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ياردەم بېرىپ، يەھۋاغا قىلىنغان تۆھمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز. بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قانائەت تاپقۇزىدىغان ۋە تەسەللى بېرىدىغان تەلىملەرنى بېرىۋاتىمىز.—يەشايا 65:13، 14.
10. نېمە ئۈچۈن ئادەملەرگە پەقەت خۇدانىڭ تەلەپلىرى ۋە ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپلا قويماسلىقىمىز كېرەك؟
10 ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ ئىسىمىنى بىلىشىگە ۋە ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرەلەيمىز. يەنە ئۇلارغا خۇدانىڭ ئىسىمىنى تولۇق چۈشىنىشكە ياردەم بېرىشنى خالايمىز. ئەگەر بىز پەقەت كۆرسەتمىلەر، ئەخلاق-ئۆلچەملەر ۋە قائىدە-تۈزۈملەرنى كۆرسىتىپ قويساقلا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيمىزمۇ؟ ياخشى ئوقۇغۇچى خۇدا قانۇنلىرى ھەققىدە ئۆگىنىپ، ھەتتا ئۇلارغا قايىل بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۇ يەھۋانى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھاۋا-ئانا خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلگەن، ئەمما قانۇننى چىقارغان ئاتىنى ياخشى كۆرمىگەن. ئادەم-ئاتىمۇ شۇنداق قىلغان (يارىت. 3:1—6). شۇڭا، بىز ئادەملەرگە خۇدانىڭ ھەققانىي تەلەپلىرى ۋە ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپلا قويماي، تېخىمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.
11. ئۆگەنگۈچىلەرگە قانۇن چىقارغۇچىنى ياخشى كۆرۈشنى قانداق ئۆگەتسەك بولىدۇ؟
11 يەھۋا خۇدانىڭ تەلەپلىرى ۋە ئۆلچەم-قائىدىلىرى ھەردائىم بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر (زەبۇر 119:97، 111، 112). ئۆگەنگۈچىلەر يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرگەچكە، شۇ قانۇنلارنى بەرگەنلىكىنى چۈشەنمىسە، قانۇنلارنىڭ پايدىسىنى كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلاردىن مۇنداق سوئال سورىساق بولىدۇ: «نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن بۇنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ياكى ئۇنى قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟» ئەگەر بىز ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ يەھۋا توغرىسىدا ئويلىنىشىغا ھەم ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىسىمىنى ياخشى كۆرۈشىگە ياردەم بەرسەك، ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلار پەقەت قانۇن-قائىدىلەرنىلا ئەمەس، بەلكىم شۇ قانۇننى چىقارغۇچىنىمۇ ياخشى كۆرەلەيدۇ (زەبۇر 119:68). شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى كۈچىيىدۇ ۋە دۇچ كېلىدىغان سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرەلەيمىز.—1-كورىنت. 3:12—15.
«بىز بولساق ئەبەدىل-ئەبەد خۇدايىمىز يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن ماڭىمىز»
12. قانداق ئەھۋالدا، داۋۇت ئۆز قەلبىنى پۈتۈن ساقلىيالمىغان ۋە نەتىجىدە نېمە بولغان؟
12 داۋۇت پادىشاھنىڭ زەبۇر 86:11-دىكى «قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن»، دېگەن سۆزلىرى بەك مۇھىم. كۆڭۈلنىڭ بەك ئاسان بۆلۈنىدىغانلىقىنى داۋۇت ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بىر كۈنى، ئۇ ئۆگىزىدە تۇرۇپ، باشقا بىرىنىڭ ئايالى يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. دەل شۇ چاغدا، داۋۇتنىڭ كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەنمۇ؟ ئۇ يەھۋانىڭ «باشقىلارنىڭ خوتۇنىغا، . . . كۆزۈڭنى قىزارتمىغىن»، دېگەن ئەمرنى بىلگەن (چىق. 20:17). داۋۇت شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇ ئايالدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراۋەرگەن. ئۇنىڭ قەلبى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر تەرەپتە ئاشۇ ئايال بەتشەبانى خالىسا، باشقا تەرەپتە يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىشنى خالىغان. گەرچە ئۇ خۇدانى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ھەۋىسىنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن. شۇ ئەھۋالدا، ئۇ يامان يولغا كىرىپ كەتكەن. بۇ يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرگەن. يەنە ئۇ بىگۇناھ ئادەملەرگە، ھەتتا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر زىيان-زەخمەتلەرنى كەلتۈرگەنىدى.—2-سام. 11:1—5، 14—17؛ 12:7—12.
13. داۋۇتنىڭ قەلبى قايتىدىن پۈتۈن بولغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
13 يەھۋا داۋۇتنى ئەدەپلەپ تەربىيە بەرگەن. كېيىن، داۋۇت بىلەن خۇدانىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەن (2-سام. 12:13؛ زەبۇر 51:2—4، 17). داۋۇت كۆڭلى بۆلۈنگەنلىكى سەۋەبلىك، قانداق ئازاب چەككەنلىكىنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەستىن چىقارمىغان. زەبۇر 86:11-دىكى داۋۇتنىڭ سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇيلى: «قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن». يەھۋا داۋۇتنىڭ قەلبىنى پۈتۈن قىلىشىغا ياردەم بەرگەنمۇ؟ ھەئە، ياردەم بەرگەن. كېيىنرەك، يەھۋا داۋۇتنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا مۇتلەق سادىق بولغانلىقىنى ئېيتقان.—1-پادىشاھ. 11:4؛ 15:3.
14. ئۆزۈمىزدىن قانداق سوئال سورىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
14 داۋۇتنىڭ مىسالى بىزگە تەسەللى بېرىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. داۋۇتنىڭ ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھى، خۇدانىڭ بۈگۈنكى خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش. بىز يېقىندا ياكى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىغان بولايلى، ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سوئال سورىشىمىز كېرەك: «مەن شەيتاننىڭ قەلبىمنى بۆلۈۋېتىشىگە قارشى تۇرالايمەنمۇ؟»
15. تەننىڭ ھەۋەسلىرىنى قوزغايدىغان رەسىملەرنى كۆرۈپ قالغاندا، خۇدادىن ئەيمىنىش بىزنى قانداق قوغدايدۇ؟
15 مەسىلەن، سىز تېلېۋىزور ياكى ئىنتېرنېتتا تەننىڭ ھەۋەسلىرىنى قوزغايدىغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ قالدىڭىز دەيلى. قانداق قىلىسىز؟ بەلكىم، شۇ سۈرەت ياكى فىلىم شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇندا ئەمەسقۇ؟ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، شەيتان بۇ ئارقىلىق قەلبىمىزنى ئىككىگە بۆلۈۋەتمەكچى بولغان بولسىچۇ؟ (2-كورىنت. 2:11) بۇ سۈرەت خۇددى چوڭ كۆتەكلەرنى يېرىشتا ئىشلىتىدىغان كىچىك تۆمۈر شىناغا ئوخشايدۇ. شىنانىڭ ئىنچىكە ۋە ئۆتكۈر ئۇچى كۆتەككە قېقىلىدۇ. كېيىن، شىنانى ئۇرۇپ، چوڭقۇر قاققانسېرى كۆتەك ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەننىڭ ھەۋەسلىرىنى قوزغايدىغان سۈرەتلەر ئاشۇ شىنانىڭ ئۆتكۈر ئۇچىغا ئوخشايدۇ. بېشىدا ئۇلارغا قاراشنىڭ ھېچ خەتىرى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئادەمنى خۇداغا قارشى گۇناھ قىلىشقا ئۈندىشى مۇمكىن. شۇڭا، نامۇۋاپىق ھەرقانداق نەرسىنىڭ قەلبىڭىزگە كىرىۋېلىشىغا يول بەرمەڭ! خۇدانىڭ ئىسىمىدىن ئەيمىنىش ئۈچۈن قەلبىڭىزنى پۈتۈن ساقلاڭ!
16. ئېزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۆزىڭىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇشىڭىز كېرەك؟
16 شەيتان بىزنى ئېزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەۋەسلەرنى قوزغايدىغان سۈرەتلەردىن تاشقىرى، باشقىمۇ نەرسىلەرنى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟ بۇ ئۇنچە بەك يامان ئەمەس، دەپ ئويلاش ئاسان. مەسىلەن، مۇنداق ئويلىشىمىز مۇمكىن: «مېنى مۇشۇ ئىشلارنى قىلغىنىم ئۈچۈن جامائەتتىن چىقارمايدۇ، شۇڭا بۇ ئانچە ئېغىر خاتالىق ئەمەسقۇ؟» بۇنداق ئويلاش بەكمۇ خاتا. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۆزۈمىزگە مۇنداق سوئاللارنى قويساق بولىدۇ: «شەيتان مۇشۇ ئېزىقتۇرۇش ئارقىلىق يۈرىكىمنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىشكە تىرىشىۋاتامدۇ؟ ناتوغرا ھەۋەسلەرگە بېرىلسەم، يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ تەگكۈزىمەنمۇ؟ بۇ ئىش-ھەرىكەتلەر مېنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرامدۇ ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرامدۇ؟» مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. ئۆزىڭىزنى ئالدىماي، سوئاللارغا چىن يۈرەكتىن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن دانالىق سوراپ دۇئا قىلىڭ (ياقۇپ 1:5). بۇنداق ئىش تۇتۇش سىزنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئېزىقتۇرۇشلارنى ئەيسادەك قەتئىي رەت قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا: «كۆزۈمدىن يوقال، شەيتان!»— دېگەن ئىدى.—مەتتا 4:10.
17. نېمە ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈنگەن قەلب بىر تىيىنغا يارىمايدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
17 ئىككىگە بۆلۈنگەن قەلب بىر تىيىنغا يارمايدۇ. بىـر تەنـتەربىيە كوماندىسىـنىڭ بىر-بـىرى بىـلەن چىقىشالمايدىغان ئەزالىرى بار دەيلى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭلا شان-شۆھرەتكە ئېرىشىشىنى خالايدۇ. باشقىلىرى بولسا، قائىدە بويىچە ئويناشنى خالىمايدۇ، يەنە بىرلىرى تېرىنېرنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. شۇنداق كوماندىنىڭ غەلىبە قازىنىشى قىيىن. ئەكسىنچە، ئىتتىپاقلاشقان كوماندىنىڭ غەلىبە قازىنىش ئېھتىمالى چوڭ. ئەگەر ئوي-خىياللىرىڭىز، خاھىشلىرىڭىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز بىر يەردىن چىقسا ۋە يەھۋا خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەلسە، قەلبىڭىز خۇددى ئاشۇ ئىتتىپاقلاشقان كوماندىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، شەيتان قەلبىڭىزنى بۆلۈۋەتمەكچى. ئۇ ئوي-پىكىرلىرىڭىز، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە قارشى بولۇشىنى خالايدۇ. لېكىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قەلبىڭىز پۈتۈن بولۇشى كېرەك (مەتتا 22:36—38). شەيتاننىڭ قەلبىڭىزنى بۆلۈۋېتىشىگە ھەرگىزمۇ يول بەرمەڭ!
18. مىكاھ 4:5-ئايەتتىكى سۆزلەرگە ئاساسەن، نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
18 خۇددى داۋۇتقا ئوخشاش يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ: «ئىسىمىڭدىن ئەيمىنىشىم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن». مۇشۇ دۇئانىڭ سۆزلىرىگە لايىق ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ. ھەر كۈنى كىچىك ياكى چوڭ قارارلارنى قىلغىنىڭىزدا، يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىدىن ئەيمىنىدىغانلىقىڭىز كۆرۈنسۇن. شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرۈشتىن ساقلىنالايسىز (پەند. نە27:11). شۇندىلا، ھەممىمىز مىكاھ پەيغەمبەرگە ئوخشاش مۇنداق ئېيتالايمىز: «بىز بولساق، ئەبەدىل-ئەبەد خۇدايىمىز يەھۋانىڭ ئىسىمى بىلەن ماڭىمىز».—مىكاھ 4:5.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
a زەبۇر 86:11، 12-ئايەتلەردىكى، داۋۇت پادىشاھنىڭ دۇئالىرىدىكى بىرقانچە جۈملە سۆزلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەھۋانىڭ ئىسىمىدىن ئەيمىنىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۇلۇغ ئىسىمىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك؟ خۇدادىن ئەيمىنىش بىزنى ئېزىقتۇرۇشلاردىن قانداق قوغدايدۇ؟