مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش لازىم

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش لازىم

‏«نە‌ۋرە ئاكام بىلە‌ن ئۇ‌رۇ‌شۇ‌پ قالغاندا،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ گېلىنى بوغۇ‌شقا باشلىدىم.‏ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈۋە‌تمە‌كچى بولدۇ‌م».‏—‏پائۇ‌ل.‏

‏«ئۆيدە مە‌ن سە‌ۋە‌بسىز ئاسانلا ئاچچىقلىناتتىم.‏ مە‌ن ئۆي-‏جاھازلىرى،‏ ئويۇ‌نچۇ‌قلار،‏ يە‌نى قولۇ‌مغا چىققاننىڭ ھە‌ممىسىنى چېقىپ سۇ‌ندۇ‌راتتىم».‏—‏ماركو.‏

بە‌لكىم،‏ ھە‌ممىمىز مۇ‌شۇ ئىككىسىگە ئوخشاش شۇ‌نچىلىك زوراۋان ئە‌مە‌ستۇ‌رمىز.‏ راستىنى ئېيتقاندا،‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا ھە‌ممىمىز ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش قىيىن بولىدۇ.‏ چۈنكى،‏ بىز ئادە‌م-‏ئاتىدىن گۇ‌ناھ قىلىش خاھىشىنى مىراس ئالدۇ‌ق (‏رىملىقلار 5:‏12‏)‏.‏ پائۇ‌ل بىلە‌ن ماركوغا ئوخشاش بە‌زىلە‌ر ئۆز-‏ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ ئاچچىقىنى باسالمايدۇ.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى تىزگىنلىيە‌لمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى قورقىدىغان ياكى ئە‌ندىشە قىلىدىغان نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلاۋېرىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن جىنسىي ئە‌خلاقسىز،‏ ھاراقكە‌شلىك ۋە زە‌ھە‌ر چېكىش خاھىشلىرىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش قىيىن.‏

ئۆز ئوي-‏خىياللىرىنى،‏ ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى تىزگىنلىيە‌لمە‌يدىغان ئادە‌م ئۆز ھاياتىنى نابۇ‌ت قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز بۇ‌نىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئۆز-‏ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق.‏ بۇ‌نى قىلىشقا تۆۋە‌ندىكى ئۈچ سوئال بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ:‏ (‏1)‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏2)‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏(‏3)‏  «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» قاتارىغا كىرىدىغان بۇ پە‌زىلە‌تنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22،‏ 23‏)‏ بە‌زىدە ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمايدىغان ۋاقىتلاردا،‏ نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش دېگە‌ن نېمە؟‏

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالايدىغان ئادە‌م ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە چېچىلىپ ئاچچىقلانمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئۇ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلمايدۇ.‏

ئە‌يسا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن

ئە‌يسا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ھاقارە‌تكە ئۇ‌چرىغاندا،‏ ھاقارە‌ت بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رمىغان.‏ ئازاب چە‌ككە‌ندە ھېچكىمگە تە‌ھدىت سالمىغان،‏ ئە‌كسىچە ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلغۇ‌چىنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغان»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏23‏)‏.‏ ئە‌يسا تۈۋرۈككە مىخلاقلىق تۇ‌رغاندا،‏ دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌نى مە‌سخىرە قىلغان،‏ شۇ پە‌يتتە ھە‌م ئۇ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالغانىدى (‏مە‌تتا 27:‏39—‏44‏)‏.‏ دىن ئۇ‌ستازلىرى ئۇ‌نى سۆزىدىن تۇ‌تۇ‌ۋالماقچى بولغاندا،‏ ئۇ ھە‌يران قالارلىق سە‌ۋرچانلىقنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 22:‏15—‏22‏)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار تاشلارنى ئېلىپ،‏ ئە‌يساغا ئاتماقچى بولغاندا،‏ ئۇ ئاجايىپ ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ ئە‌يسا ئۆچ ئېلىشنىڭ ئورنىغا،‏ «ئۆزىنى يوشۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىبادە‌تخانىدىن چىقىپ كە‌تتى».‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏57—‏59‏.‏

ئە‌يسانى ئۈلگە قىلالايمىزمۇ؟‏ بىز مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئالالايمىز.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س:‏ «مە‌سىھ ھە‌م سىلە‌ر ئۈچۈن ئازاب چېكىپ،‏ ئىزىدىن ئە‌گىشىپ مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئۈلگە قالدۇ‌ردى»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ گە‌رچە بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىپ ياشاش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىنى قىلىمىز.‏ بۇ‌نى قىلىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىم؟‏

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشىمىز لازىم.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا خۇ‌داغا نۇ‌رغۇ‌ن يىل سادىق خىزمە‌ت قىلساقمۇ،‏ ئە‌گە‌ر گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى تىزگىنلىمىسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

ئېسىڭىزدىمۇ،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر «يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌لايىم كىشى ئىدى» (‏سانلار 12:‏3‏)‏.‏ مۇ‌سا نۇ‌رغۇ‌ن يىل ئىسرائىللارنىڭ شىكايىتىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ كە‌لگە‌ن.‏ لېكىن،‏ بىر كۈنى ئىسرائىللار سۇ يېتىشمە‌سلىك تۈپە‌يلى نارازىلىق بىلدۈرگە‌ندە،‏ مۇ‌سا ئۆز-‏ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماي قالغان.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگە قوپاللىق بىلە‌ن:‏ «ئاڭلاڭلار،‏ ئە‌ي ئىسىيانچىلار،‏ مانا بۇ قورام تاشتىن سىلە‌رگە سۇ چىقىرىپ بېرە‌يلىمۇ؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏—‏سانلار 20:‏2—‏11‏.‏

مۇ‌سا ئۆز-‏ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماي قالغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لق ئۈچۈن قىلغان مۆجىزىسىگە،‏ ئۇ مىننە‌تدارلىق ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تمىگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 106:‏32،‏ 33‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ھۋا مۇ‌سانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلمىغان (‏سانلار 20:‏12‏)‏.‏ ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 3:‏23—‏27‏.‏

بىز ئۈچۈن قانداق ساۋاق؟‏ ھە‌قىقە‌تتە مە‌يلى قانچە يىل بولساقمۇ،‏ بىزنى تېرىكتۈرىدىغان ياكى تۈزىتىشكە مۇ‌ھتاج بولغانلارغا ھە‌رگىزمۇ قوپاللىق بىلە‌ن سۆزلىمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏32؛‏ كولوسى.‏ 3:‏12‏)‏.‏ راستىنى ئېيتقاندا،‏ ياشتا چوڭ بولغانسېرى ۋە سالامە‌تلىكىمىز ناچارلاشقانسېرى ئۆز-‏ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌سانىڭ مىسالىنى ئە‌ستىن چىقارمايلى.‏ بىر قېتىم ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماي قىلىپ،‏ شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن يىل يە‌ھۋا بىلە‌ن ئورناتقان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى ۋە‌يران قىلىشنى ھە‌رگىزمۇ خالىمايمىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ بۇ مۇ‌ھىم پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟‏

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىغانلارغا بېرىدۇ (‏لۇ‌قا 11:‏13‏)‏.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۆز روھى ئارقىلىق بىزگە كېرە‌كلىك كۈچ بېرىدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏13‏)‏.‏ يە‌ھۋا يە‌نە بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقىمۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرسە‌ك،‏ ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ئاسانراق بولىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏5‏.‏

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن نېرى بولۇ‌ڭ

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن نېرى بولۇ‌ڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يامان ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان توربە‌تلە‌ردىن ۋە ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن نېرى بولۇ‌ڭ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئە‌سلىدە،‏ بىزنى يامان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېزىقتۇ‌رىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ردىن قېچىشىمىز لازىم (‏پە‌ند.‏ نە 22:‏3؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 6:‏12‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن نېرى بولۇ‌شنى خالايدىغان ئادە‌م،‏ رومانتىكىلىق كىتاب ۋە كىنولاردىن چوقۇ‌م ئۆزىنى تارتىشى زۆرۈر.‏

بۇ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بىز تىرىشساق،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشقا كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 1:‏5—‏8‏)‏.‏ ئۇ بىزگە ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى،‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىمىزنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى تىزگىنلە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان پائۇ‌ل بىلە‌ن ماركو ئۆزلىرىنىڭ يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى تىزگىنلە‌شنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ ماشىنا ھە‌يدىگە‌ندە تېرىكىپ،‏ ھە‌تتا باشقىلار بىلە‌ن تاكالىشاتتى.‏ ئۇ ئۆزگىرىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ر كۈنى مە‌ن يالۋۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلاتتىم.‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ھە‌ققىدىكى ماقالىلە‌رنى تە‌تقىق قىلاتتىم ۋە ياردە‌م بېرىدىغان ئايە‌تلە‌رنى يادلىۋالاتتىم.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىل تىرىشقان بولساممۇ،‏ ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌نلىكى سە‌ۋرچان بولۇ‌شۇ‌م كېرە‌كلىكىنى ئېسىمگە سېلىپ تۇ‌رىمە‌ن.‏ يە‌نە بارىدىغان جايغا ئالدىراپ ماڭماسلىقىم ئۈچۈن،‏ يولغا سە‌ل بالدۇ‌رراق چىقىمە‌ن».‏

ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمىساقچۇ؟‏

بىز ھە‌ممىمىز بە‌زىدە ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماسلىقىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشتىن خىجىل بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ دە‌ل شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە چۈشسە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يالۋۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭغا دە‌رھال دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن كە‌چۈرۈم ۋە ياردە‌منى سوراڭ ھە‌م بۇ خاتالىقنى قايتىلىماسلىققا بە‌ل باغلاڭ (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏9—‏11‏)‏.‏ سىزنىڭ سە‌مىمىي دۇ‌ئايىڭىزنى ياراتقۇ‌چى تىڭشىمايدۇ،‏ دە‌پ ئويلىماڭ (‏زە‌بۇ‌ر 102:‏17‏)‏.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا،‏ خۇ‌دا ئوغلىنىڭ قېنى «بارلىق گۇ‌ناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ»،‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏7؛‏ 2:‏1؛‏ زە‌بۇ‌ر 86:‏5‏)‏.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە بىر-‏بىرىنى قايتا-‏قايتا كە‌چۈرۈش كېرە‌كلىكىنى ئېيتىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ بىزمۇ ئۇ بىزنى قايتا-‏قايتا كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏—‏مە‌تتا 18:‏21،‏ 22؛‏ كولوسى.‏ 3:‏13‏.‏

مۇ‌سا چۆلدە بىرلا قېتىم ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماي قالغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتكە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌سا ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌نلىكى يېزىلغان (‏تە‌كرار.‏ قا 34:‏10؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏24—‏28‏)‏.‏ خۇ‌دا مۇ‌سانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلمىغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما كە‌لگۈسى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ بىزمۇ شۇ‌نداق مۇ‌كاپاتقا ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشىمىز مۇ‌ھىم.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏25‏.‏