مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

بۈگۈنكى كۈندە كاناي ئاۋازىغا دىققە‌ت قىلايلى!‏

بۈگۈنكى كۈندە كاناي ئاۋازىغا دىققە‌ت قىلايلى!‏

ھە‌ممىمىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مۇ‌شۇ «ئاخىرقى كۈنلە‌ردە»،‏ ئۆز خە‌لقىگە روھىي جە‌ھە‌تتىن غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ھە‌ربىرىمىز يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىزنىڭ ئە‌ھۋالىمىز چۆل-‏باياۋاندا بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئە‌ھۋالىغا ئوخشاش.‏ ئۇ‌لار كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا،‏ ھە‌رىكە‌ت قىلىشى لازىم ئىدى.‏

يە‌ھۋا مۇ‌ساغا «جامائە‌تنى يىغىش» ۋە «قارارگاھلارنى كۆچۈرۈش» ئۈچۈن ئىككى كۆمۈش كاناي ياساشقا بۇ‌يرىغان (‏سانلار 10:‏2‏)‏.‏ خە‌لققە نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن روھانىيلار كانايلارنى ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌لدا چېلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏سانلار 10:‏3—‏8‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ھە‌ر تۈرلۈك ئۇ‌سۇ‌للاردا كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئالىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز بۇ‌نىڭ ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە ئۇ‌لارنى قە‌دىمكى ئىسرائىلدىكى كاناينىڭ ئاۋازى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىمىز.‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خە‌لقى چوڭ يىغىلىشلارغا چاقىرىلىدۇ،‏ تە‌يىنلە‌نگە‌ن مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك ئاقساقاللار تە‌لىم ئالىدۇ ۋە ھە‌ممە جامائە‌تكە بېرىلىدىغان كۆرسە‌تمىلە‌ر يېڭىلىنىپ ياكى ئۆزگە‌رتىلىپ تۇ‌رىدۇ.‏

چوڭ يىغىلىشلارغا چاقىرىش

خۇ‌دا «پۈتۈن جامائە‌ت»نى ئىبادە‌ت چېدىرىنىڭ شە‌رقىي تە‌رىپىدىكى ئىشىك ئالدىدىغا يىغماقچى بولغاندا،‏ روھانىيلار ھە‌ر ئىككىلا كاناينى چالغان (‏سانلار 10:‏3‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىرنىڭ ئۆپ-‏چۆرىسىدە تۆتكە بۆلۈنۈپ جايلاشقان ھە‌ممە قە‌بىلە چېلىنغان كاناي ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىرغا يېقىن جايلاشقانلار ئىبادە‌ت چېدىرىغا بىر مىنۇ‌تتا يېتىپ كە‌لسە،‏ يىراقراق جايلاشقانلار بىراز ۋاقىت كېيىن،‏ ئارتۇ‌قراق كۈچ سە‌رپ قىلىپ كە‌لگە‌نىدى.‏ خە‌لق يىراق ياكى يېقىن تۇ‌رسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى يىغىلىپ،‏ بېرىلگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئاڭلىشىنى خالىغان.‏

بۈگۈنكى كۈندىمۇ،‏ بىز ئىبادە‌ت چېدىرنىڭ ئالدىدا يىغىلمىساقمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بىلە‌ن بىللە يىغىلىشلاردا جە‌م بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شقا چاقىرىلىمىز.‏ مۇ‌شۇ‌نداق يىغىلىشلارغا بىز مۇ‌ھىم مە‌لۇ‌ماتلارنى ۋە يېتە‌كچىلىكنى ئالىدىغان رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشلار بىلە‌ن باشقا ئالاھىدە يىغىلىشلار كىرىدۇ.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا ياشايدىغان خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئوخشاش تە‌لىملە‌رنى ئالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ يىغىلىشلارغا كېلىش تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلغانلار شاد-‏خۇ‌رام خە‌لقنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى بە‌ختلىك ھېس قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى يېقىن يە‌ردىن كە‌لگە‌ن بولسا،‏ باشقىلىرى يىراقتىن كېلىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى بۇ يىغىلىش چاقىرىقىغا قۇ‌لاق سېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا ئە‌رزىيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ ھېچقانداق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشالمايدىغان يىراقتىكى كىچىك توپلار بۇ يىغىلىشلاردىن پايدا ئالالامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ زامانىۋىي تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ ھە‌تتا يىراقتا ياشايدىغان ئېتىقادداشلار شۇ‌نداق يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ،‏ ئۆزىنى شۇ چوڭ يىغىلىشتا ئولتۇ‌رغاندە‌ك ھېس قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باش باشقارمىنىڭ ۋە‌كىلى كە‌لگە‌ندە،‏ بېنىن دۆلىتىدىكى بە‌يتە‌ل سە‌ھرايى كە‌بىر چۆلىدىكى كانچىلىق شە‌ھىرى ئارلىتقا (‏نىگېرىيە)‏ فىلىم ئۇ‌لىنىشىنى تارقاتقان.‏ ئۇ‌نى كۆرۈشكە قېرىنداشلار ۋە قىزىققۇ‌چىلار بولۇ‌پ 21 ئادە‌م يىغىلغانىدى.‏ ئۇ‌لار يىراقتا بولسىمۇ،‏ ئۆزلىرىنى 44131 قېرىنداشنىڭ ئارىسىدا ئولتۇ‌رغاندە‌ك ھېس قىلغان.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «پروگراممىنى بىزگە ئۇ‌لاپ تارقىتىش ئۇ‌سۇ‌لى ئارقىلىق كۆرسە‌تكىنىڭلار ئۈچۈن چىن قە‌لبىمىزدىن كۆپ رە‌ھمە‌ت!‏ سىلە‌رنىڭ بىزنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارغا تېخىمۇ كۆزۈمىز يە‌تتى».‏

تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئاقساقاللارنى چاقىرىش

ئىسرائىلدىكى روھانىيلار كاناينىڭ بىرىنى چالغاندا،‏ يىغىلىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پە‌قە‌ت «يولباشچىلار،‏ ئىسرائىللارنىڭ مىڭباشلىرى يىغىلسۇ‌ن»،‏ دە‌پ كۆرسىتىلگە‌ن (‏سانلار 10:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌لار شۇ يە‌ردە مۇ‌سادىن كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئالاتتى.‏ بۇ ئۇ‌لارغا ئۆز قە‌بىلىلىرى ئىچىدە مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشقا ياردە‌م بېرە‌تتى.‏ سىز ئاشۇ مىڭباشلىرى ئارىسىدىكى بىرى بولغىنىڭىزدا،‏ شۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلاتتىڭىزمۇ؟‏

بۈگۈنكى كۈندىمۇ جامائە‌تتە ئاقساقاللار «ھۆكۈمرانلار» ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پادىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏1—‏3‏)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار پادىنى بېقىش ئۈچۈن ھە‌ممىنى قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار قوشۇ‌مچە تە‌لىم ئېلىشقا،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پادىشاھلىق ۋە‌ز خىزمە‌ت مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌شقا دائىم تە‌ييار.‏ بۇ مە‌كتە‌پلە‌ردە،‏ ئاقساقاللار پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دى بىلە‌ن جامائە‌تنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئاقساقاللار ۋە جامائە‌تىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يە‌ھۋا بىلە‌ن تېخىمۇ يېقىنراق بولۇ‌شقا باشلايدۇ.‏ شۇ‌نداق مە‌كتە‌پلە‌رگە قاتناشمىغان بولسىڭىزمۇ،‏ شۇ يە‌ردىن ئوقۇ‌پ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلارنىڭ ئالغان تە‌لىملىرىنىڭ پادىسىنى كۆرۈۋاتىسىز.‏

يېڭىلىنىپ ياكى ئۆزگە‌رتىلىپ تۇ‌رۇ‌لۇ‌شى

ئىسرائىللار ئارىسىدىكى روھانىيلار بە‌زىدە كاناينى ئۈزۈپ-‏ئۈزۈپ چالايتتى.‏ بۇ پۈتكۈل قارارگاھنىڭ كۆچۈشى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرە‌تتى (‏سانلار 10:‏5،‏ 6‏)‏.‏ قارارگاھنىڭ كۆچۈشى بە‌كمۇ ھە‌يران قالارلىق تە‌شكىللە‌نگە‌ن،‏ لېكىن بۇ ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ كۈچ چىقىرىشىنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر كاناي پات-‏پات ياكى تۇ‌يۇ‌قسىز چېلىنىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ «بە‌زىدە بۇ‌لۇ‌ت پە‌قە‌ت كە‌چتىن ئە‌تىسىگىچە تۇ‌راتتى».‏ بە‌زى ۋاقىتتا «ئىككى كۈن ياكى بىر ئاي،‏ ياكى نە‌چچە كۈن» تۇ‌راتتى (‏سانلار 9:‏21،‏ 22‏)‏.‏ شۇ چاغدا قارارگاھ قانچە قېتىم كۆچكە‌ن؟‏ سانلار 33-‏بابتا ئىسرائىللار 40قا يېقىن جايغا قارارگاھىنى تىكە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان.‏

بە‌زى ۋاقىتلاردا ئىسرائىللار سايە چۈشكە‌ن يە‌رگە جايلىشاتتى.‏ بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن «بىپايان ۋە دە‌ھشە‌تلىك چۆلدە»،‏ بۇ‌نداق يە‌ر قولايلىق بولغان (‏تە‌كرار.‏ قا 1:‏19‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىرلىرى شۇ‌نداق ئويلىغان:‏ «مۇ‌شۇ ياخشى يە‌ردىن كۆچسە‌ك،‏ قانداقتۇ بىر خە‌تە‌رگە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن».‏

قارارگاھ كۆچۈش باشلىغاندا،‏ بە‌زى قە‌بىلىلە‌ر ئۆز نۆۋىتى كە‌لگىچە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىسىمۇ،‏ ھە‌ممىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىرلىكتە ماڭالمايتتى.‏ كاناينىڭ ئۈزۈك-‏ئۈزۈك چىققان ئاۋازى شە‌رق تە‌رە‌پكە جايلاشقان ھە‌ممە قە‌بىلىلە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ ئىچىدە يە‌ھۇ‌دا،‏ ئىسساكار ۋە زە‌بۇ‌لۇ‌ن قە‌بىلىرى كۆچۈپ مېڭىشى كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏سانلار 2:‏3—‏7؛‏ 10:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئۇ‌لار كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ روھانىيلار كاناينى يە‌نە ئىككىنچى قېتىم چېلىپ،‏ جە‌نۇ‌بتىكى ئۈچ قە‌بىلىنىڭ مېڭىشىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ روھانىيلار ھە‌ممە قارارگاھ كۆچۈپ كە‌تمىگىچە شۇ كاناينى چېلىپ تۇ‌راتتى.‏

بە‌لكىم،‏ سىزگە تە‌شكىلاتتا قانداقتۇ بىر ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولغاندۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئۆزگۈرۈشلە‌ر ئىنتايىن كۆپ بولۇ‌پ كە‌تتى،‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ ياكى بولمىسا،‏ قانداقتۇ بىر نە‌رسىلە‌رنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى خالىمايدىغانسىز.‏ قانداقلا سە‌ۋە‌ب بولمىسۇ‌ن،‏ سىزگە سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىش قىيىن بولۇ‌پ،‏ كۆنۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ مۇ‌شۇ ئۆزگۈرۈشلە‌رنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرى بار ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز.‏

مۇ‌سانىڭ زامانىدا،‏ يە‌ھۋا مىليونلىغان ئە‌ر ۋە ئاياللارنى ھە‌م بالىلارنى چۆلدىن ئېلىپ چىققان.‏ ئۇ‌نىڭ غە‌مخورلۇ‌قى ۋە كۆرسە‌تمىلىرى ئۇ‌لارنىڭ ئامان قېلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۈگۈن بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئامان قالىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز سادىق ئىسرائىللارغا ئوخشاش قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە،‏ ئىتائە‌تچان بولۇ‌شنى خالايمىز.‏