26-تەتقىق ماقالىسى
«مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كېلىڭلار»
«مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتىمەن».—مالاك. 3:7.
42-ناخشا ئاجىزلارغا ياردەم قىل
بۇ ماقالىدە a
1. ئادىشىپ قالغانلارنىڭ بىرى قايتىپ كەلگەندە خۇدا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
ئۆتكەن ماقالىدە كۆرۈپ چىققاندەك، يەھۋا ئۆزىنى ھەر بىر قويىغا غەمخورلۇق قىلىدىغان كۆيۈمچان پادىچىغا ئوخشاتقان. ئۇ ئادىشىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەيدۇ. يەھۋا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كەتكەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن يېنىڭلارغا قايتىمەن». بىز ئاتىمىز يەھۋانىڭ مۇشۇ كەمگىچە ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، چۈنكى ئۇ: «ھەرگىز ئۆزگەرمەسمەن»،— دەيدۇ (مالاك. 3:6، 7). ئەيسا ئادىشىپ قالغانلارنىڭ بىرسى بولسىمۇ قايتىپ كەلگەندە، يەھۋا بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.—لۇقا 15:10، 32.
2. بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 ئەيسانىڭ ئۈچ مىسالىدىن، يەھۋادىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۆگىتىدىغان مۇھىم ساۋاقلارنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلارنىڭ يەھۋاغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈچ پەزىلەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. شۇنداقلا ئەگەر، پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقارساق، بۇنىڭدىن زور خۇشاللىق تاپىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالىمىز.
يوقالغان كۈمۈش تەڭگىنى ئىزدەش
3، 4. لۇقا 15:8—10-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئايال نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىپ كۈمۈش تەڭگىسىنى ئىزدىگەن؟
3 يەھۋاغا قايتىشنى خالايدىغانلارنى ئىزدەش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك. لۇقا كىتابىدا، ئەيسا قىممەتلىك بىر كۈمۈش تەڭگىسىنى يوقىتىپ قويغان ئايال توغرىسىدا بىر تەمسىل كەلتۈرگەن. بۇ تەمسىلدە ئايالنىڭ كۈمۈش تەڭگىسىنى قانداق تىرىشىپ ئىزدىگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ.—لۇقا 15:8—10-نى ئوقۇڭ.
4 ئەيسا بۇ تەمسىل ئارقىلىق ئايالنىڭ كۈمۈش تەڭگىسىنى تاپقاندىن كېيىن نېمىنى ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەيسانىڭ زامانىدا بەزى يەھۇدىي ئانىلار قىزىنىڭ تويى بولغاندا، ئۇنىڭغا ئون كۈمۈش تەڭگە سوۋغات قىلاتتى. بەلكىم، بۇ ئايالنىڭ يوقىتىپ قويغان تەڭگىسى ئاشۇ ئون تەڭگىنىڭ بىرى بولغان. شۇ ئايال بىر كۈمۈش تەڭگىسى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، دەپ ئويلىغان ئىدى. چىراغنى ياندۇرۇپ، يەردىن ھېچنەرسە تاپالماي قالغان. بىر كۈمۈش تەڭگىسىنى تېپىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىدىكى چىراغنىڭ يورۇقى يەتمىگەن. ئاخىرىدا، ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆينى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ، ئاختۇرۇپ چىققان. بۇ ئايال چىراغنىڭ نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان كۈمۈش تەڭگىسىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئۇھ، كۆڭلى جايىغا چۈشتى! ئۇ بۇ خۇش خەۋەرنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دوستلىرىنى ۋە قوشنىلىرىنى چاقىرغان.
5. نېمە ئۈچۈن جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش قىيىن؟
5 ئەيسانىڭ تەمسىلىدىن، بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويساق، ئۇنى ئىزدەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىنىمىز. بۇنىڭغا ئوخشاش، جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ بىز بىلەن ئارىلاشماي يۈرگىنىگە خېلى يىللار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئېھتىمال، ئۇلار كۆچۈپ بارغان جايدا يەرلىك قېرىنداشلار ئۇلارنى تونۇمايدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ بەزى بىرلىرى يەھۋا خۇداغا قايتىپ كېلىشىنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلار بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلغۇسى كېلىدۇ. بىراق، ئۇلار ياردىمىمىزگە مۇھتاج.
6. جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنى ئىزدەش ئىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6 كىملەر پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنى ئىزدەش ئىشىغا قاتنىشالايدۇ؟ ھەممىمىز، ئاقساقاللار، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار، ئائىلە ئەزالىرى ھەم ۋەز ئېيتقۇچىلار بۇ ئىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. سىزنىڭ جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن دوست ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز بارمۇ؟ ئۆيمۇ-ئۆي ياكى ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ۋەز قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنى ئۇچراتسىڭىز، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئەگەر ئۇ ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىسا، بىز ئۇنىڭدىن ئادرېسىنى ياكى تېلېفون نۇمۇرىنى سوراپ، خۇشاللىق بىلەن بۇ مەلۇماتنى ئاقساقاللارغا بېرىدىغانلىقىمىزنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرىمىز.
7. توماس ئىسىملىك ئاقساقالنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنىسىز؟
7 ئاقساقاللارنىڭ يەھۋا خۇداغا قايتىشنى خالايدىغان پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنى ئىزدەش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار بۇ ۋەزىپىسىنى قانداق ئادا قىلالايدۇ؟ ئىسپانىيىدە ياشايدىغان توماس b ئىسىملىك ئاقساقالنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلايلى. ئۇ 40تىن ئوشۇق گۇۋاھچىنىڭ يەھۋاغا قايتىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىدىن، مەن قېرىنداشلاردىن پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ئادرېسىنى سۈرۈشتۈرىمەن. ياكى بولمىسا، ئۇلاردىن ئۇزاق ۋاقىت يىغىلىشلارغا كەلمەيۋاتقان قېرىنداشلار ئېسىڭلاردىمۇ، دەپ سورايمەن. قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىشقا خۇشاللىق بىلەن ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورايمەن. بەزى پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلار جامائەتكە ئۆز بالىلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولغان، شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ يەھۋاغا قايتىشىغا ياردەم بەرسەك بولىدۇ».
ئادىشىپ قالغان ئوغۇل-قىزلىرىنى يەھۋاغا قايتۇرايلى
8. لۇقا 15:17—24-ئايەتلەردە، دادا توۋا قىلغان بالىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
8 يەھۋاغا قايتىشنى خالايدىغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىز قانداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك؟ ئەيسانىڭ ئۆينى تاشلاپ كېتىپ قالغان ئوغلى ھەققىدىكى تەمسىلىدىن بىرنەچچە ساۋاقلارنى ئالالايمىز (لۇقا 15:17—24-نى ئوقۇڭ). ئەيسا بۇ ئوغۇلنىڭ يامان ئەھۋالغا قانداق چۈشكەنلىكىنى ۋە ئۆيگە قايتىشقا قارار قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. دادىسى ئوغلىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ، ئۇنى باغرىغا بېسىپ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئوغلى قىلغان ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئەيىبلەپ، ئەمدى دادىسىنىڭ ئوغلى بولۇشقا لايىق ئەمەس، دەپ ئويلىغان. كېيىن، ئۇ دادىسىغا ئىچ باغرىنى تۆككەندە، دادىسى ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئوغلىنى قۇلدەك ياكى ياللانغان ئىشچىدەك ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئۆيىگە قايتىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، دادىسى بىر زىياپەت ئۇيۇشتۇرغان ۋە توۋا قىلغان بالىسىغا ئېسىل توننى كىيدۈرگەنىدى.
9. پائالىيەتسىز قېرىنداشلارنىڭ خۇداغا قايتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولۇشىمىز لازىم؟ (« قايتىپ كەلگەنلەرگە ياردەم بېرىڭ» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
9 يەھۋانى بۇ تەمسىلىدىكى ئاتىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ پائالىيەتسىز قېرىنداشلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالايدۇ. يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، بىزمۇ ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز. بۇنى قىلىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق، ھېسداشلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشىمىز لازىم. نېمە ئۈچۈن بىز مۇشۇ ئالاھىدە پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك ۋە بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
10. يەھۋاغا قايتىشنى خالايدىغانلارغا نېمە ئۈچۈن سەۋرچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟
10 ئادەمنىڭ يەھۋا خۇداغا قايتىشى ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېرەك. شۇڭا بىز سەۋرچان بولۇشىمىز زۆرۈر. ئاقساقاللار ۋە جامائەتتىكى باشقا قېرىنداشلار، جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرگە بىرنەچچە قېتىم يولۇققاندىن كېيىن، ئۇلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قايتىدىن باشلىغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى نەنسى ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دېگەن: «جامائەتتىكى يېقىن دوستۇم ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى. ئۇ ماڭا ھەدەمدەك بولدى. بىز ئاجايىپ ياخشى كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى ئېسىمگە سالدى. مەن دەردىمنى تۆككەندە، ئۇ مېنى زەن قويۇپ تىڭشىدى. ئۇ تارتىنماي ماڭا مەسلىھەت بېرەتتى. باشقا كۈن چۈشكەندە، ئۇ يار-يۆلەك بولىدىغان دوست بولۇپ چىقتى».
11. نېمە ئۈچۈن كۆڭلى رەنجىگەنلەرگە ھېسداشلىق كۆرسىتىش كېرەك؟
11 ھېسداشلىق بۇ ئېزىلگەن جاننىڭ دەردىگە شىپا بولىدىغان مايغا ئوخشايدۇ. بەزى پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلار جامائەتتىكىلەرنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكىنىگە، نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، تېخىچە قورسىقى كۆپۈپ يۈرۈۋاتىدۇ. مۇنداق سېزىملەر خۇداغا قايتىشقا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. بەزىلەر ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. شۇنداق قېرىنداشلارغا ئۇلارنى تىڭشايدىغان ۋە ھېس-تۇيغۇلارنى چۈشىنىدىغان ئادەم كېرەك بولۇشى مۇمكىن (ياقۇپ 1:19). بىراز ۋاقىت جامائەتكە بارمىغان مارىيا: «مېنى تىڭشايدىغان، ئىلھام ۋە مەسلىھەت بېرىدىغان ئادەمگە مۇھتاج بولدۇم»،— دېگەن.
12. خۇدانىڭ مۇھەببىتى قانداق ئارغامچىغا ئوخشايدۇ؟
12 مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مۇھەببىتىنى بىر تارىغا، يەنى ئارغامچىغا ئوخشاش تەسۋىرلىگەن. قايسى جەھەتتىن خۇدانىڭ سۆيگۈسى ئارقانغا ئوخشاش؟ مۇنداق بىر مىسالنى كۆرەيلى. چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. باشقا بىرسىنىڭ ياردىمى بولمىسا، شۇ چوڭقۇر ئازگالدىن چىقالمايسىز. پەقەت بىرى سىزگە ئارقاننى تاشلىسىلا، شۇ خەتەرلىك يەردىن ئامان-ئېسەن چىقالايسىز. يەھۋا خۇدا ئادىشىپ قالغان ئىسرائىللار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مۇھەببەتنىڭ ئارغامچىلىرى بىلەن ئالدىمغا تارتتىم» (ھوشىيا 11:4). خۇدا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقانلارغىمۇ ۋە قىيىنچىلىقلار ۋە غەم-قايغۇلار تۈپەيلى ئىگىلىپ مۈكچەيگەنلەرگىمۇ ئوخشاش ھېس تۇيغىدا. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر ئازگالغا چۈشكەندەك ھېس قىلىشىدۇ. يەھۋا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىنى خالايدۇ. خۇدا سىز ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ.
13. قېرىنداشچىلىق مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى كۆرسەتكەن مىسالنى ئېيتىپ بېرىڭ؟
13 جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن قېرىنداشلارغا خۇدانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دائىم ئېيتىپ تۇرۇش بەك مۇھىم. بىزمۇ ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئۆتكەن ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان پابلو 30 يىلدىن كۆپرەك جامائەتتىن يىراقلىشىپ يۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئۆيدىن چىققىنىمدا، ياشتا چوڭراق بىر قېرىنداش مېنى كۆرۈپ، مېھرىبانلىق بىلەن ماڭا سۆز قىلدى. مەن كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتتىم. مەن ئۇنىڭغا، ماڭا ئۇنى يەھۋا خۇدا ئۆزى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتىم. شۇ پەيتتە يەھۋاغا قايتىشنى قارار قىلدىم».
ئاجىزلارنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قوللايلى
14. لۇقا 15:4، 5-ئايەتلەردىكى مىسالغا ئاساسلانغاندا، پادىچى ئادىشىپ قالغان قوينى تېپىۋالغاندا نېمە قىلغان؟
14 جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرنى داۋاملىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك. ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى ئادىشىپ قالغان ئوغۇلغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭمۇ ئۇزاققا سوزۇلغان قەلب يارىسىنىڭ ساقىيىشىغا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. بەلكىم، ئۇلار شەيتاننىڭ دۇنياسىدا يۈرگەنلىكتىن، روھىي جەھەتتىن ئاجىز بولۇپ قالغاندۇ. بىز ئۇلارغا يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىشىمىز لازىم. ئەيسا يوقاپ كەتكەن قوي توغرىسىدا تەمسىلىدە، پادىچى قوينى قۇچىقىغا ئېلىپ، پادىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ قويچى ئادىشىپ قالغان قوينى تېپىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىنى ۋە كۈچىنى چىقارغان. ئۇ ئادىشىپ قالغان قوينى تېپىپلا قالماي، قوينىڭ ئۆزى پادىغا بارالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەنىدى.—لۇقا 15:4، 5-نى ئوقۇڭ.
15. يەھۋا قايتىشنى خالايدىغانلارنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيمىز؟ (« بىباھا قورال» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
15 جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرگە ئاجىزلىق تەرەپلىرىنى يېڭىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىز ۋاقىت ۋە كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز لازىم. ئەمما، خۇدانىڭ روھى، ئۇنىڭ سۆزى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىدىن كېلىدىغان نەشىرلەر ئارقىلىق بىز ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن قايتىدىن كۈچلۈك بولۇشقا ياردەم بېرەلەيمىز (رىملىقلار 15:1). بۇنى قانداق قىلساق بولىدۇ؟ بىر تەجرىبىلىك ئاقساقال مۇنداق دېگەن: «پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇداغا ھەقىقەتەن قايتىشنى قارار قىلغاندا، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە مۇھتاج» c. ئۇنداقتا، سىزدىن جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن كىشى بىلەن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈشنى سورىسا، بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ. بۇ ئاقساقال يەنە شۇنداق دەيدۇ: «ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزىدىغان قېرىنداش پائالىيەتسىز بولغان ۋەز ئېيتقۇچى بىلەن يېقىن دوست بولۇشى مۇھىم، سەۋەبى ئۆگەنگۈچى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئىچ-سىرىنى تۆكۈپ ئوچۇق سۆزلىشەلىشى كېرەك».
ئەرىشتىكى ۋە يەردىكى خۇشاللىق
16. پەرىشتىلەرنىڭ بىزگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
16 نۇرغۇنلار ۋەقەلەردىن يەھۋاغا قايتىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنى تېپىشقا پەرىشتىلەرنىڭمۇ ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ (ۋەھىي. 14:6). مەسىلەن، ئېكۋادوردا ياشايدىغان سىلۋىئو خۇداغا يالۋۇرۇپ، جامائەتكە قايتىش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان بىرسىنى سورىغان. ئۇ تېخى دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئىشىكنى بىرسى قاقتى. قارىسا، ئىشىك ئالدىدا ئىككى ئاقساقال تۇرغان ئىكەن. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئاقساقاللار خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا كېرەكلىك ياردەمنى كۆرسەتكەن.
17. روھىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەنلەرگە ياردەم بەرگىنىمىز ئۈچۈن قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشىمىز؟
17 روھىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ قالغانلارنىڭ يەھۋاغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ خۇشاللىق تاپىمىز. پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان سالۋودور ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە خۇشاللىقتىن كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قەدىرلىك بىر قويىنى شەيتاننىڭ دۇنياسىدىن قۇتقۇزۇۋالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغانلىقىم ھەققىدە ئويلانغاندا قەلبىم ھاياجانغا تولىدۇ».—ئەلچى. 20:35.
18. پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچى بولسىڭىز، نېمىگە ئىشىنەلەيسىز؟
18 ئەگەر يەھۋانىڭ خەلقىدىن يىراقلىشىپ قالغانلارنىڭ بىرى بولسىڭىز، ئۇ سىزنى تېخىغىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ. ئۇ سىزنىڭ قايتىپ كېلىشىڭىزنى خالايدۇ. ئۇنىڭغا قايتىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى قىلىشىڭىز كېرەك. بىراق، ئەيسانىڭ مىسالىدىكى ئاتىغا ئوخشاش، يەھۋا خۇدامۇ سىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
22-ناخشا يەھۋا — مېنىڭ پادىچىمدۇر
a خۇدا جامائەت يىغىلىشىغا ھەم ۋەز خىزمەتكە ئۇزاق ۋاقىت بارمىغانلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالايدۇ. كۆيۈمچان ئاتا يەھۋانىڭ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار»، دېگەن تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەرنى قىلالايمىز. بۇ ماقالىدە، پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c بەزى پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلار «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» ناملىق كىتابتىكى بەزى مەزمۇنلارنى ئارقىلىق ياردەم ئالالايدۇ. يەنە باشقىلار ئۈچۈن، «يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ» ناملىق كىتابتىكى بەزى بابلارنى كۆرۈپ چىقىش پايدىلىق. جامائەتنىڭ ۋەز خىزمەت كېڭىشى بۇنداق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كىم لايىق ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
d سۈرەتتە: ئۈچ قېرىنداش جامائەتكە قايتىپ كېلىشكە ئىنتىلىۋاتقان قېرىنداشقا ياردەم بەرمەكتە. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن قۇلاق سېلىپ تىڭشايدۇ.