25-تەتقىق ماقالىسى
«مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەيمەن»
«مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن».—ھەزەكىيال 34:11.
3-ناخشا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆزىنى ئانىغا ئوخشاتقان؟
«ئانا ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟» يەھۋا خۇدا بۇ سوئالنى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا سورىغان. ئۇ ئۆز خەلقىگە: «ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇسىمۇ، مەن سېنى ئەسلا ئۇنتۇماسمەن»،— دېگەن (يەشايا 49:15). ئادەتتە، خۇدا ئۆزىنى ئانا بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ ۋەزىيەتتە ئۇ ئۆزىنى ئانىغا ئوخشاتقان. يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە شۇنچە بەك يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئانىنىڭ بوۋاق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرغان. كۆپلىگەن ئانىلار خاسمىن b ئىسىملىك قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش ھېس-تۇيغىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بالا ئېمىتىۋاتقان چاغلاردا، ئانا بىلەن بالىنىڭ ئارىسىدا ئۆمۈر بويى ئۈزۈلمەس رىشتە پەيدا بولىدۇ».
2. يەھۋا ھەتتا بىر بالىسى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ نېمىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ؟
2 ئۇ ھەتتا بىر بالىسىنىڭ ۋەز خىزمىتى ۋە يىغىلىشلارغا بېرىشىنى توختاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ھەر يىلى كۆپلىگەن خىزمەتچىلەرنىڭ پائالىيەتسىز c بولۇپ قېلىشى، خۇدانىڭ قەلبىنى قانچىلىك ئاغرىتىدۇ-ھە!
3. يەھۋا خۇدا نېمىنى خالايدۇ؟
3 پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان كۆپلىگەن قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمىز جامائەتكە قايتىدۇ ۋە بىز ئۇلارنى ئىللىق قارشى ئالىمىز. يەھۋا خالىغاندەك، بىزمۇ پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالايمىز (1-پېتر. 2:25). بىز ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ مۇشۇ سوئالغا جاۋاب ئېلىشتىن ئاۋۋال، بەزىلەر نېمە ئۈچۈن جامائەت يىغىلىشىغا ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىشنى توختاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.
نېمە ئۈچۈن بەزىلەر خۇداغا خىزمەت قىلىشنى توختىدۇ؟
4. بەزىلەرگە ئىش قانداق تەسىر قىلغان؟
4 بەزىلەر ئىشقا بەكمۇ بېرىلىپ كېتىدۇ. ئاسىيادا ياشاۋاتقان خۇڭ بۇرادەر: «مەن ئىشىمغا باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. مەن كۆپ پۇل تاپسام، خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلالايمەن، دەپ ئەخمەق بوپتىمەن. شۇڭا، مەن سائەت-سائەتلاپ كۆپ ئىشلەپ، بارا-بارا يىغىلىشلاردىن قېلىشقا باشلىدىم. ئاندىن تامامەن بارمايدىغان بولۇپ قالدىم. قارىماققا، بۇ دۇنيا دەل بىرەر ئادەمنى خۇدادىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان».
5. بېشىغا قىيىنچىلىق چۈشكەن بىر قېرىندىشىمىز نېمە قىلغان؟
5 بەزى قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى چېچىدىن تولا. برىتانىيىدە ياشاۋاتقان بەش بالىنىڭ ئانىسى ئاننا مۇنداق دېگەن: «كەنجى ئوغلۇم سالامەتلىكى بەكمۇ ناچار تۇغۇلغانىدى. كېيىنرەك، بىر قىزىم جامائەتتىن چىقىرىلغان، يەنە بىر ئوغلۇم پىسخىكىلىق كېسەلگە دۇچار بولغانىدى. مەن چۈشكۈنلىشىپ كەتتىمكى، ھەتتا جامائەتكە ھەم ۋەز خىزمەتكە بېرىشنى توختاتتىم. شۇنداق قىلىپ، پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ قالدىم». بىزنىڭ ئاننا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن قېرىنداشلارغا ئىچىمىز بەكمۇ ئاغرىيدۇ!
6. كولوسىلىقلار 3:13-ئايەتتىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلمايدىغانلار، نېمە ئۈچۈن خۇدا خەلقىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؟
6 كولوسىلىقلار 3:13-نى ئوقۇڭ. خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىدىن كۆڭلى قالغان. ئەلچى پاۋلۇس بەزىدە قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە «شىكايىتى بار» بولۇشى مۇمكىن دېگەن. بەلكىم، كىمدۇ بىرى بىزگە ئادالەتسىزلىك قىلغاندۇ. ئەگەر پەخەس بولمىساق، ئاداۋەت ساقلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئادەمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇ ھەتتا ئاستا-ئاستا يەھۋانىڭ خەلقىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. جەنۇبىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان پابلو ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. بىرى ئۇنىڭغا قىلمىغان ئىشىنى قىلدى دەپ قارا چاپلاپ، ئۇ جامائەتتىكى شان-شەرەپلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ «مەن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاستا-ئاستا جامائەتتىن يىراقلاپ كېتىپ قالدىم»،— دەيدۇ پابلو.
7. ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقان ئادەم قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن؟
7 باشقا بىرلىرى ئۆتمۈشتە ئېغىر گۇناھ قىلغانلىقتىن، ۋىجدان ئازابىنى تارتىشى مۇمكىن. ئۇلار خۇدا مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. شۇنداق ئادەم ھەتتا چىن يۈرىكىدىن توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدا بولۇشقا لايىق ئەمەس، دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن. فرانسىسكو ئىسىملىك بىر قېرىنداش بۇنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ: «مەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغىنىم ئۈچۈن ئەيىبلەندىم. بېشىدا جامائەتكە بېرىپ يۈرسەممۇ، ئۆزۈمنى لايىق ئەمەس دېگەن ئوي-خىيالدىن قۇتۇلالمىدىم. خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدا بولالمايمەن ۋە ۋىجدانىم يەنىلا مېنى ئازابلاپ، يەھۋا مېنى كەچۈرمىدى، دەپ ئويلىدىم. ۋاقىت ئۆتۈپ، جامائەت يىغىلىشلىرى، ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشنى پۈتۈنلەي توختاتتىم». شۇنداق ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارغا قانداق قارايسىز؟ ئۇلارغا ئىچىڭىز ئاغرامدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا ئۇلارغا قانداق قارايدۇ؟
يەھۋا ئۆز قويلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ
ئىسرائىل پادىچى ئادىشىپ قالغان قويغا غەمخورلۇق قىلىدۇ (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ) e
8. بۇرۇن خىزمەت قىلغان خىزمەتچىسىنى خۇدا ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
8 بۇرۇن خۇداغا خىزمەت قىلىپ، كېيىنچە ئۇنىڭ خەلقىدىن ۋاقىتلىق يىراقلىشىپ قالغان خىزمەتچىلىرىنى ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايدۇ. شۇنداقلا، ئۇ ئۇلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنى ئەستىن چىقارمايدۇ (ئىبرانىي. 6:10). يەشايا پەيغەمبەر يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى چىرايلىق تەسۋىرلىگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «پادىچى كەبى قويلىرىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۆز قولى بىلەن قوزىلىرىنى توپلايدۇ، ئۇلارنىڭ قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ» (يەشايا 40:11). قويلارنىڭ بىرى پادىدىن يىراقلىشىپ كەتسە، ئۇلۇغ پادىچى يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ بۇنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئېيتقان سۆزلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ: «ئويلاپ كۆرۈڭلارچۇ؟ بىر ئادەمنىڭ يۈز قويى بولسا ۋە ئۇلاردىن بىرى ئادىشىپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغقا تاشلاپ قويۇپ، ئاشۇ ئادىشىپ قالغان بىرىنى ئىزدەپ كەتمەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، ئىشىنىڭلاركى، ئاداشمىغان توقسان توققۇز قويغا قارىغاندا شۇ بىرى ئۈچۈن كۆپرەك خۇرسەن بولىدۇ».—مەتتا 18:12، 13.
9. ياخشى پادىچى قويلىرىغا قانداق قارىغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
9 نېمە ئۈچۈن خۇدانى پادىچى بىلەن سېلىشتۇرساق بولىدۇ؟ چۈنكى، ياخشى پادىچى ئۆز قويلىرىنى ئىنتايىن ياخشى باقىدۇ. مەسىلەن، داۋۇت قويلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، شىر ۋە ئېيىق بىلەن سوقۇشقان (1-سام. 17:34، 35). ياخشى پادىچى قويى پادىدىن ئادىشىپ قالغىنىنى بايقايدۇ (يۇھاننا 10:3، 14). شۇنداق ياخشى پادىچى 99 قويىنى قوتاندا قالدۇرۇپ ياكى باشقا پادىچىلارغا تاپشۇرۇپ، ئادىشىپ قالغان بىر قوينى ئىزدەشكە كېتىدۇ. ئەيسا بىزگە مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مۇشۇ مىسالنى قوللانغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاسماندىكى ئاتاممۇ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ».—مەتتا 18:14.
ئىسرائىل پادىچى ئادىشىپ قالغان قويغا غەمخورلۇق قىلىدۇر (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
يەھۋا خۇدا ئۆز قويلىرىنى ئىزدەيدۇ
10. ھەزەكىيال 34:11—16-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا خۇدا ئادىشىپ قالغان خىزمەتچىسى ئۈچۈن نېمە قىلىشنى ۋەدە قىلغان؟
10 يەھۋا خۇدا ھەممىمىزنى، ھەتتا پادىدىن ئادىشىپ قالغان ‹كىچىكلەرنى› ياخشى كۆرىدۇ. ھەزەكىيال پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدا ئادىشىپ قالغان قويلارنى ئۆزى ئىزدەپ تېپىۋېلىشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى قايتا تىكلەشكە ۋەدە بېرىۋاتىدۇ. يەنە ئۇلارنى قانداق قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئادىشىپ قالغان قوينى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەدىمقى زاماندىكى ئىسرائىل پادىچىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلغان ئىدى (ھەزەكىيال 34:11—16-نى ئوقۇڭ). بىرىنچىدىن، پادىچى قوينى ئىزدەش ئۈچۈن بار كۈچىنى ۋە ۋاقتىنى ئايىمايدۇ. ئاندىن قويىنى تاپقاندا، ئۇنى قوتانغا قايتۇرىدۇ. يەنە ئەگەر قوي يارىلانغان ياكى ئاچ قالغان بولسا، كۆيۈمچان پادىچى ئۇنى قولىغا ئېلىپ، يارىلىرىنى تېڭىپ ساقايتىپ، قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، «خۇدانىڭ پادىسىنى» باقىدىغان ئاقساقاللارمۇ جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرگە شۇنىڭدەك ياردەم بېرىشى كېرەك (1-پېتر. 5:2، 3). ئاقساقاللار ئۇلارنى ئىزدەپ، جامائەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە خۇدا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مېھرىبانلىق بىلەن تېگىشلىك ياردەمنى بېرىدۇ d.
11. ياخشى پادىچى نېمىنى چۈشىنىدۇ؟
11 ياخشى پادىچى قويلارنىڭ پادىدىن ئادىشىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەنگەن. ئەگەر قوي پادىدىن كېتىپ قالسا، پادىچى ئۇنى ئۇرۇپ-سوقمايدۇ. ھازىر قەدىمدە يەھۋا ئۆزىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن خىزمەتچىلىرىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.
12. خۇدا ئۆز خىزمەتچىسى يۇنۇسقا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
12 يۇنۇس پەيغەمبەر خۇداغا بويسۇنماي نىنەۋەھ شەھىرىگە بارمىغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، خۇدا ئۇنىڭدىن بىردىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن. مېھرىبان پادىچىدەك، يەھۋا خۇدا ئۇنى قۇتۇلدۇرغان ۋە ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاشقا كۈچ بەرگەن (يۇنۇس 2:7؛ 3:1، 2). كېيىنرەك، خۇدا يۇنۇسقا ئۆستۈرگەن قاپاق ئارقىلىق ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى قانچىلىك قىممەتباھا ئىكەنىنى چۈشەندۈرگەن (يۇنۇس 4:10، 11). بۇ بىز ئۈچۈن قانداق ساۋاق؟ ئاقساقاللار پائالىيەتسىز بولغانلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىكى كېرەك. ئەكسىنچە، ئاقساقاللار خىزمەتچىنىڭ نېمە ئۈچۈن جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. خىزمەتچى يەھۋاغا قايتىپ كەلگەندە، ئاقساقاللار داۋاملىق ئۇ كىشىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ.
13. زەبۇرنىڭ 73-بابىنى يازغۇچىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا يەھۋا خۇدانىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
13 زەبۇرنىڭ 73-بابىنى يازغۇچى رەزىل ئادەملەرنىڭ گۈللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولغان. ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنىڭ پايدىسى بارلىقىدىن گۇمانلانغان (زەبۇر 73:12، 13، 16). يەھۋا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ بۇ خىزمەتچىسىنى ئەيىبلىمىگەن. بەلكى، زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ شۇ سۆزلىرىنى مۇقەددەس كىتابتا يازدۇرغانىدى. ئاخىرىدا، زەبۇر يازغۇچىسى يەھۋا خۇدا بىلەن دوست بولۇشنىڭ ھاياتتىكى ھەرقانداق نەرسىلەردىن قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن (زەبۇر 73:23، 24، 26، 28). بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالساق بولىدۇ؟ ئاقساقاللار خۇداغا قىلغان خىزمەتنىڭ پايدىسى توغرۇلۇق گۇمانلىنىشقا باشلىغان قېرىنداشلار ئۈستىدىن ئالدىراپلا ھۆكۈم چىقارماسلىقى كېرەك. ئەكسىنچە، ئاقساقاللار قېرىنداشلارنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق سۆزلەرنى ئېيتقان ياكى ھەرىكەت قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتابتىن ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ماس ئايەتلەرنى كۆرسىتىپ، تەسەللى ۋە ئىلھام بېرەلەيدۇ.
14. ئىلياس پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغان ۋە ئۇ ئۇنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن؟
14 ئىلياس پەيغەمبەر خانىش ئىزابېلدىن قېچىپ يۈرگەن (1-پادىشاھ. 19:1—3). ئۇ ئەمدى باشقا ھېچكىم خۇداغا خىزمەت قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ خىزمەتنىڭ پايدىسى يوق دەپ ئويلىغان. شۇڭا، ئۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، ھەتتا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلغان (1-پادىشاھ. 19:1—3). يەھۋا خۇدا ئىلياسنى ئەيىبلىمىگەن، ئەكسىنچە ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكى ۋە خۇدانىڭ كۈچىگە تايىنىپ، كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئۇنى ئىشەندۈرگەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ غەم-تەشۋىشلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭغا يېڭى تاپشۇرۇقنى بەرگەن (1-پادىشاھ. 19:11—16، 18). بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ بىز ھەممىمىز، بولۇپمۇ ئاقساقاللار يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر بىرسى ئاچچىقلىنىپ گەپ قىلسا ياكى يەھۋا ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئاقساقاللار ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشىشى كېرەك. كېيىن، ئۇلار شۇنداق ئادىشىپ قالغان قېرىنداشلارنى يەھۋانىڭ بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
يەھۋانىڭ پادىسىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟
15. يۇھاننا 6:39-ئايەتكە ئاساسەن، ئەيسا ئاتىسىنىڭ قويلىرىغا قانداق كۆز قاراشتا بولغان؟
15 يەھۋا پادىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىزنى خالايدۇ؟ ئەيسا بىزگە ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ھەممە خىزمەتچىلىرىنىڭ قەدىر-قىممەتلىكلىكىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، ئەيسا «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئادىشىپ قالغان» قويلىرىنىڭ ئاتىسى يەھۋاغا قايتىشىغا ياردەم بەرگەن (مەتتا 15:24؛ لۇقا 19:9، 10). ئەيسا كۆيۈمچان بىر پادىچى بولۇپ، يەھۋانىڭ بىرمۇ قوينى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىچە ھەممىنى قىلغان.—يۇھاننا 6:39-نى ئوقۇڭ.
16، 17. جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەرگە ئاقساقاللار قانداق ياردەم بېرىشى لازىم؟ (« پادىدىن ئادىشىپ قالغان قوي قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
16 ئەلچى پاۋلۇس ئەفەستىكى ئاقساقاللارنى ئەيسانى ئۈلگە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ: «چوقۇم ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشىڭلار ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئەستە ساقلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ھەر جەھەتتىن سىلەرگە كۆرسەتتىم»،— دېگەنىدى (ئەلچى. 20:17، 35). بۇ ئايەت، ئاقساقاللار ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسپانىيىدە ياشايدىغان سالۋادور ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دېگەن: «يەھۋا خۇدانىڭ ئادىشىپ قالغان قويلىرىغا قانداق غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمدا، بۇ مېنى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مەن يەھۋانىڭ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشىمنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمەن».
17 بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا قايتىپ كەلگەن. ھازىرقى پەيتتە، جامائەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلار خۇداغا قايتىپ كېلىشنى خالايدۇ. كېلەركى ماقالىدە، يەھۋاغا قايتىپ كېلىشنى خالايدىغانلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە كۆپرەك مۇھاكىمە قىلىمىز.
55 ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى
a يەھۋا خۇداغا نۇرغۇن يىللار سادىق خىزمەت قىلغانلارنىڭ بەزىلىرى نېمە سەۋەبتىن جامائەتتىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ؟ خۇدا ئۇلارغا قانداق ھېس-تۇيغىدا؟ بۇ ماقالىدە، مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز. شۇنداقلا خۇدانىڭ قەدىمدە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كەتكەن خىزمەتچىلىرىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c سۆز-ئىبارە مەنىسى: پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچى — ئالتە ئاي ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت ۋەز خىزمىتى توغرىسىدا ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات تاپشۇرمايدىغان ۋەز ئېيتقۇچى. بىراق، ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىمىز.
d كېيىنكى ماقالە بۇ ئۈچ قەدەم-باسقۇچلارنى ئاقساقاللار قانداق قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
e سۈرەتتە: قەدىمقى ئىسرائىللىق پادىچى ئادىشىپ قالغان قويى ئۈچۈن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئىزدەپ، پادىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەم كۆيۈمچان ئاقساقاللار پادىچى كەبى شۇنداق قىلماقتا.
f سۈرەتتە: پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچى ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ، ئىككى گۇۋاھچىنىڭ ئاممىۋىي ئورۇندا خۇشاللىق بىلەن ۋەز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.